Birzat يوللانغان ۋاقتى 2009-5-26 13:36:59

مەن كۈدىگە ئامراق بولۇپ قالدىم. ئوزۇقلۇقلارنىڭ خۇسۇسىي

كۈدە تەركىبىدە ۋىتامىنC ۋە كالتىسىي،فوسفور، تۆمۈر قاتارلىقلار بار. ھەر 100گرام يېڭى كۈدە تەركىبىدە 39مىللىگرام ۋىتامىنC، كالتىسي 84 مىللىگرام،43مىللىگرام فوسفور،8.9مىللىگرام تۆمۈر بولىدۇ، بولۇپمۇ ۋىتامىنCنىڭ مىقدارى پېدىگەننىڭكىنىڭ 4 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ.
كۈدىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ،بۆرەكنى ئىللىتىپ، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، تالغا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرىدۇ،خىلىتنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، قاننى تەڭشەيدۇ. كۈدىنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە جىگەرنى ئاسراپ، تال-ئاشقازاننىڭ قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىدۇ.
كۈدە قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىش ۋە قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش رولىغا ئىگە بولۇپ،يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسىلى ۋە يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالاشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ. كۈدە يەنە تېرە تۈك خالتىسىدىكى قارا پېگمىنىتنى ئۆزگەرتىدۇ ۋە تېرىدىكى ئاق داغنى يوقىتىدۇ، چاچنى قاپقارا ۋە پارقىراق قىلىدۇ.
كۈدىنى سوقۇپ شىرنىسىنى چىقىرىپ بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە، ئاپتاپ ئۆتۈپ كېتىپ ھوشسىزلىنىشقا شىپا بولىدۇ. كۈدىنى ئوتقا قاقلاپ قىزىتىپ، كېسەللەنگەن جايغا سۈركەپ بەرسە، يەلتاشما(ئىشەك يېمى)غا شىپا بولىدۇ.
كۈدە ئادەمنى ئورۇقلىتىدۇ.
كۈدە جىنسىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىدۇ، دورا قامۇسلىرىدا ئۇ<<زەكەرنى قۇزغاتقۇچى گىياھ>> دەپ ئاتالغان، بۇ جەھەتتە ئۇ بۇگۈنكى كۈندىكى جنىسىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىدىغان زامانىۋى دورىلاردىن قېلىشمايدۇ.
كۈدە ئاشقازان ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىپ، ئادەت خارەكتىرلىك قەۋزىيەت ۋە ئۈچەي راكىنىڭ ئۈنۈملۈك راكىنى ئالىدۇ. كۈدە يەنە ھەزىم قىلىش يولىدىكى چاچ ، قۇم ،شىغىل، مىتال پارچىلىرى ھەتتە يىڭنىنى ئوراپ چوڭ تەرەت بىلەن بىللە بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ<< ئۈچەي تازلىغۇچى چۆپ>> دىگەن نامى بار.
كۈدىنىڭ ئىچكى ئەزەلارنى ئىللىتىپ، يەلنى ماڭدۇرۇش، قاننى تارقىتىش، زەھەرنى قايتۇرۇش، بەدەننى ئىسسق ساقلاش، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگشلىك ئىشلار
كۈدىنى ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ، ئۇنى ھەم باشقا خام ماتىرياللار بىلەن ماسلاشتۇرۇپ قورۇما قۇرۇشقا ئىشلەتكىلى ھەم تەم تەڭشىگۈچى ماتىريال ئورنىدا ئىشلەتكىلى ۋە قىيمىلىق تاماققىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
كۈدە ئەتىياز پەسلىدە ئىستېمال قىلىنسا جىگەرگە پايدىلىق بولىدۇ. باش ئەتىيازدىكى كۈدىنىڭ سۈپىتى ھەممىدىن ياخشى، كەچكۈزدىكىسىنىڭ 2-ئورۇندا تۇرىدۇ، ياز پەسلىدىكىسىنىڭ ئەڭ ناچار بولىدۇ. شۇڭا<< كۈدىنى ئەتىيازدا يېسەڭ مەززىلىك تېتيدۇ، يازدا يېسەڭ سېسىق پۇرايدۇ>>دىگەن گەپ بار.
پىشۇرۇپ بىر كىچە تۇرۇپ قالغان كۈدىنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.كۈدە كۆپ ئىستېمال قىلىنسا ئادەمنىڭ ئىسسقىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ ھەم ئاسانلىقچە ھەزىم بولمايدۇ، شۇڭا مەنپىيىلىك زەئىپلىشىشتىن ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلەر، كۆز كېسىلى بارلار ۋە ئاشقازان-ئۈچىيى ئاجىزلاشقانلار كۈدىنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.
كۈدىنى ھەسەل، كالا گۆشى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

رېتسىپلار:

* پۇت تەمرەتكىسى داۋالاش قىيىن بولغان بىر خىل جاھىل خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكى بولۇپ ، بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغۇچىلار بىر باغلام كۈدىنى يۇمشاق سوقۇپ ، داسقا سېلىپ يېرىم داس قايناق سۇ قۇيۇپ ، ئۈستىنى ھىم يېپىپ قويۇش كېرەك . سۇ پۇت كۆيمىگىدەك بولغاندا ، پۇتنى كۈدە سۈيىگە چىلىسا ، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ ، ئەگەر بىر قېتىمدا ياخشىلانمىسا يەنە داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ . چىلىغاندا يېرىم سائەت چىلاش كېرەك .
* بوۋاسىر كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار  ھەر كۈنى كەچتە مەقئەتنى كۈدە سېلىپ قاينىتىلغان سۇدا يۇيۇپ بەرسە،بوۋاسىر ئاستا-ئاستا قورۇلۇپ ساقىيىدۇ.
* قۇلاققا كۇمۇتا كىرىۋالغاندا كۈدە بىلەن غولپىياز يىلتىزىنى يەنجىپ ،سۈيۈنى قۇلاقنىڭ ئىچىگە تېمىتىپ بەرسە ،كۈمۈتا ئۆزلىگىدىن چىقىپ كىتىدۇ.
* 500 گىرام يىلتىزلىق كۈدە بىلەن 30گىرام قارا شىكەرنى قايناق سۇغا چىلاپ يىسە ،قورساق ئاغرىغىنى داۋالىغىلى بۇلىدۇ.
* ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاش ئالدىدا مەقئەتنى كۈدە شورپىسى بىلەن يۇيۇپ بەرسە ،مەددە كىسەللىگىنى داۋالىغىلى بۇلىدۇ.
* مۇۋاپىق مىقداردىكى كۈدۈنى پاكىز يۇيۇپ ،قايناق سۇدا پۇشۇرۇپ كۈنجۈت يېغىغا مىلەپ ئىستىمال قىلسا ، بىلمەي يۇتۇپ تاشلىغان غەيرى نەرسىلەرنى چىقىرۋەتكىلى بۇلىدۇ.
* ئازراق يېڭى كۈدىنى توغراپ ياكى سىقىپ  سۈيىنى چىقىرىپ ، ھەر قىـتىمدا 200 مىللىلىتىر كۈدە سۈيىگە ئازراق قارا شىكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە ،بۇرۇن قاناش  كىسىلىگە شىپا بولىدۇ . بالىلار ئۈچۈن ئۇنىڭ يىرىمىنى ئىچىپ بەرسە بولىدۇ . بەدىنى ئاجىزلاپ قالغان ئىسسىقچان ئادەملەرگە ماس كەلمەيدۇ.
*  كۈدە مانتىسى بەدىنى ئىششىپ ، تەرىتى راۋان بولمىغان كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ . چۈنكى كۈدە مانتىسى ئۈچەينى قۇۋۋەتلەپ ، بەدەندىكى توكسىننى ھەيدەپ ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ .

مەنبە: 80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورى: http://www.80halta.com

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2009-5-26 13:38:26

1.چىلاننىڭ شىپالىق رولى

2.شاپتۇل مېغىزى ۋە ئۇنىڭ يېغىنىڭ شىپالىق رولى

3.ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﮔﯜﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ

4.تۆگە گۆشىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىشى

5.چۈمۈلىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىشى

6.بۆدۈنەنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە تېبابەتتە ئىشلىتىلىشى

7.قاپاقنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىشى

8.نورۇزدا بېدە (كۆك) نىڭ شىپالىق خۇسۇسىيتىنى بىلىپ قويۇڭ!

9.قارامور (قاراقېرىنقۇلاق ) بۆرەككە تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

10.كالا سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

11. قاشتېشصنصڭ سالامەتلصككە بولغان شصپالصق رولص

12.پىستە(开心果)نىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

13.كۆك چاي ۋە ئاياللار ساغلاملىقى

14.قوزاقدارچىننىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

15.بۇغداشنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

16.ئاق مور(白木耳)نىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

17.قارا مور(黑木耳)نىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

18.باش پىيازنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

19.سەۋزىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

20.تۇرۇپنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

21.كەرەپشە نىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

22.ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

23.توخۇ تۇخۇمىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

24.توشقان گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

25.ئاپېلسىن شۆپۈكىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

26.ئاچچىقسۇنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

27.سامساقنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىشى

28.سامساقنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

29.نەرقى ئەرزان مېھرىگىيا - سەۋزە

30.پالەكنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

31.ئات گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

32.جياڭيۇنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

33.ناۋاتنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

34.ئاق شېكەر نىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋەرولى

35.قارا شېكەرنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

36.كۈدە(جۈسەي)نىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

37.ھايۋان يېغىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

38.قىچا يېغىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

39.كەپتەر گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

40.كەپتەر تۇخۇمىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

41.كاۋاۋىچىننىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

42.تۇز نىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

43.قەھۋەنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

44.قوي گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

45. سامساق مايسىسىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

46.كاۋىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

47.گىلاسنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

48.كۆكمۇچنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

49.شوخلىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

50.قېتىقنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

51.قوغۇننىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

52.تاۋۇزنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

53.ياڭيۇنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

54.پىدىگەن (چەيزە ) نىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

55.بەسەينىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

56.10 چوڭ ھۆسىن تۈزەش يېمەكلىكىنىڭ بىرسى- بۆلجۈرگەن

57.مانگونىڭ ئوزۇقلۇق رولى ۋە شىپاسى

58.تاتلىقياڭيۇ

59.ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﭙﻪﺭﻩﺱ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ

60.ﺷﺎﮬﺘﻪﺭﺭﻩ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ

61.ﺳﻪﯞﺯﻩ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ

62.ﻳﯘﻣﻐﺎﻗﺴﯜﺕ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ

63.ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯚﺳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﻖ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﻗﺎﺭ ﺋﻮﺕ....

64.نەشپۈتنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

65.ئاپلېسىن (جۈيزە) نىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

66.ئانار-ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

67.ئۈرۈكنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە شىپالىق رولى

68.ئۈرۈك مېغىزىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

69.باناننىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

70.مامرانچىنىنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى

71.ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﺰﻩﺩﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ

72.ﺷﯘﻣﺒﯘﻳﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ

73.ﺷﺎﭘﺘﯘلنىڭ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ

74.بۇغداينىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

75.گۈرۈچنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

76.گازىرنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

77.كۆممىقوناقنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

78.رەيھاننىڭ شىپالىق رولىنى تونۇشتۇرۇش

79.قوغۇننىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى

80.مامرانچىنىنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى

81.ئالمىنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيتىنى تونۇشتۇرۇش

82.شاتۇتنىڭ شىپالىق رولى

83.زەيتۇن يېغىنىڭ شىپالىق رولى

84.ئۈزۈمنىڭ شىپالىق رولى

85.بادام مېغىزىنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى

86.ﺧﻮﺭﻣﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ

87.كاۋىنىڭ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ

88.ﭼﺎﻣﻐﯘﺭنىڭ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ

89.كۈدىنىڭ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ

90.ﺧﯧﻨﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ

91.ﭼﯜﭼﯜﻛﺒﯘﻳﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ

92.ﺯﻩﻧﺠﯩﯟىلنىڭ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ

93.ﺳﯘﻣﺒﯘﻝ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ

94.مامكاپنىڭ شىپالىق رولى

95.ئاشلىقلارنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى

96.ﺋﻪﻧﺠﯜﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ

97.ﺋﺎﻟﻘﺎﺕ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ

98.ﻗﻪﮬﯟﻩ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ

99.ﺋﻪﭘﻴﯘﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ

100.ﻻﭼﯩﻨﺪﺍنىنىڭ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ

101.زەپەنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى

102.جىغان مۇنچىقىنىڭ جىگەر، تال كېسەللىكلىرىگە بولغان شىپاسى

shatmurat يوللانغان ۋاقتى 2009-5-26 14:07:18

كۇدە دېگەن ئاش كۆكى دېگەن شۇمۇ يە؟ ھەكىم !

UDUN يوللانغان ۋاقتى 2009-5-26 14:10:03

بۇتېمىنى كۆرگەنلەرنىڭ كۈدە يېمەسلىككە ھېچقانداق باھانىسى قالمىدىدە

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2009-5-26 14:11:04

توۋا دەيلى ،،، ما بالا نېمە دەيدىغاندۇ ئەمدى.. كۈدىنى جۇ سەي دېسەم بىلەلىمۇ يا؟!!

يۇمغاقسۇت  ئاشكۆكى دېگەن شۇ...

چېڭسەي دېگەنلىرىنى كەرەپشە دەيدىكەنمىز كىتابى تىلدا....

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2009-5-26 14:27:25

مۇنۇ تېمىلا سارتېكىن كىتابلىرىنىڭ سېتىلىشىغا تەسىر يەتكۈزمىگىيدى....

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2009-5-26 15:14:06

كۈدە يىسە ئېغىزى پۇراپ قالىدۇ.
«سامساق يىگەنلەر ... يېقىنمۇ يولىماڭلار» دىگەن گەپ بار. كۈدىمۇ ئوخشاشمۇ يا؟

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2009-5-26 15:17:10

sarwan:
كۈدە يىسە ئېغىزى پۇراپ قالىدۇ.
«سامساق يىگەنلەر ... يېقىنمۇ يولىماڭلار» دىگەن گەپ بار. كۈدىمۇ ئوخشاشمۇ يا؟

خام سامساق، خام پىياز يېگۈچى مەسچىتكە كىرمىسۇن، دەپ بار. كۈدە ئو قاتاردا سانالمىغانىكەن، ئوخشاش ئەمەس. مۇھىمى غەلىتە پۇراق باشقىلارغا ئازار بەرمىگىنى تۈزۈك.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2009-5-26 16:33:35

بىر زات ھەكىم مەن كۈندە سىرتتا تاماق يەيمەن شۇنداقلا ھەپتە يەتتە كۈن دىگۈدەك لەغمەن يەيمەن شۇڭا مەلوم ئۇزۇقلۇق تەركىبلېرى كاممىكىن بىلمىدىن دائىم بۇرنۇم قانايدىغان بۇلۇپ قالغان . ئىككى ئۈچ كۈندە بىر ئويغانساملا قانايدۇ .يېقىننىڭ ياقى بۇرنۇم ئانچە قانىمايدۇ لېكىن چىش ملىكىم قانايدىغان بۇلۇپ قالدى بۇ ۋىتامىن س كاملىقنىڭ ئالامىتىمۇ؟ شۇ سەي كۆكتاتلارنى جىقراق يەپ بېرىشقا تىرىشىۋاتىمەن يەنە ياخشىراق تەۋسىيەلېرى بارمىدۇ؟

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2009-5-26 16:39:50

تەۋسىيەم: ئانار چېچىگى گۈلقەنتىدىن يەپ بەرسىلە!

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2009-5-26 16:41:34

كۆپتىن كۆپ رەھمەت. ھازىرلا ئاتلىناي ئەمىسە.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2009-5-26 16:47:45

يۇلغۇن چېچىگىدە چاي دەملەپ ئىچىپ بەرسىلىمۇ ياكى گۇلقەنت سىلىپ يېسىمۇ بولىدۇ. شىپاسى : بۇرۇن قاناش، چىش مىلىكى قاناش، بوشاپ كېتىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2009-5-26 17:47:11

كۈدە  يەل كىلىدىكەن  ،  ئەدەم باكا تۇرماي...

mihir1 يوللانغان ۋاقتى 2009-5-26 18:00:34

قارىغاندا   ژۇلغۇن چىچىكى بەلەن نەرسىكەندە  ،

كۈدىگە كەلسەك ، ئادەتتە ئۇ كۆكتاتنى ئانچە ياختۇرۇپ كەتمەيمىز . پەۋقۇلادە پايدىلىق تەرەپلىرى كۆپكەن ئەمەسمۇ ،كۈدىدە تاماق ئىتىش ناھايتى ئاسان

بىرنەچچە يىل بۇرۇن ئابدىكىرىم ئابلىزنىڭ كۈدىنى ماختاپ ئورۇنلىغان بىر ئىلانى بولىدىغان < روندو ماركىلىق جۇسەي مانتىسى ، جۇسەي مانتىسىنى يىسىڭىز چىشىڭىزنى كۆكەرتىپ يۈزىڭىزنى ئاقارتىدۇ >

koklam29 يوللانغان ۋاقتى 2009-5-26 18:08:03

بىر زات ھەكىم مەن كۈندە سىرتتا تاماق يەيمەن شۇنداقلا ھەپتە يەتتە كۈن دىگۈدەك لەغمەن يەيمەن شۇڭا مەلوم ئۇزۇقلۇق تەركىبلېرى كاممىكىن بىلمىدىن دائىم بۇرنۇم قانايدىغان بۇلۇپ قالغان . ئىككى ئۈچ كۈندە بىر ئويغانساملا قانايدۇ .يېقىننىڭ ياقى بۇرنۇم ئانچە قانىمايدۇ لېكىن چىش ملىكىم قانايدىغان بۇلۇپ قالدى بۇ ۋىتامىن س كاملىقنىڭ ئالامىتىمۇ؟ شۇ سەي كۆكتاتلارنى جىقراق يەپ بېرىشقا تىرىشىۋاتىمەن يەنە ياخشىراق تەۋسىيەلېرى بارمىدۇ؟

ئۆزىنى  ئۆزى داۋالىغىلى  بولمامدۇ نىمە ؟

shatmurat يوللانغان ۋاقتى 2009-5-26 18:19:59

جۇسەي دېگەن يەللىك ، ئۇسارتىدۇ ئەللىك دەپ ئاڭلىغان ...

ئاش كۆكى بىلەن يۇمغاقسۇت بىر ئەمەستۇ ، تەمىمۇ ئوخشىمايدىغۇ ؟   ئاش كۆكى دەپ قۇرۇتۇلغان بىر كۆكتاتنى چۆچۇرىگە سېلىپ يەيدىغاننى دەيتۇق ، راڭپىزىغا سالغاننى يۇمغاقسۇت دەپ ئاڭلىغان ، بىزنىڭ يۇرتتا شۇنداقتەك قىلغان .  ئۇنداقتا .........  مەن بىلەلمەي قالدىمغۇ ؟

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2009-5-26 18:20:36

كۆكلەم ئەپەندى نىمە دىمەكچى بولغانلىقىڭىزنى چۈشىنەلمىدىمغۇ؟

شۇ مەن بار يەردە ئۇيغۇر ئاشخانىلېرى ئانچە جىق ئەمەس . ئۆزەممۇ لەغمەنگە ئامراق كۈندە يەيمەن شۇ زېرىكمەيمەن . لېكىن شۇ بۇرنۇم قاناپ بولمايۋاتىدۇ .

tevekkulqi يوللانغان ۋاقتى 2009-5-26 18:38:08

shatmurat:

جۇسەي دېگەن يەللىك ، ئۇسارتىدۇ ئەللىك دەپ ئاڭلىغان ...

ئاش كۆكى بىلەن يۇمغاقسۇت بىر ئەمەستۇ ، تەمىمۇ ئوخشىمايدىغۇ ؟   ئاش كۆكى دەپ قۇرۇتۇلغان بىر كۆكتاتنى چۆچۇرىگە سېلىپ يەيدىغاننى دەيتۇق ، راڭپىزىغا سالغاننى يۇمغاقسۇت دەپ ئاڭلىغان ، بىزنىڭ يۇرتتا شۇنداقتەك قىلغان .  ئۇنداقتا .........  مەن بىلەلمەي قالدىمغۇ ؟

بىز ئادەتتە چۆچۈرىگە قۇرۇتۇپ ئۇششاق سوقۇلغان پىننە سېلىپ يەيمىز. سىلەر يۇمغاقسۇتنى قۇرۇتۇپ سېلىپ يەمسىلەر؟

koklam29 يوللانغان ۋاقتى 2009-5-26 18:45:26

ئۆزلىرىنى دوختۇر دەپ ئويلاپ

shatmurat يوللانغان ۋاقتى 2009-5-26 19:16:36

ئۇنداقتا ئاش كۆكى دېگەن پىننە كەن ،،، بىز يۇمغاقسۇتنى سېلىپ يېمەيمىز ،ئەپەندىم ،شۇ نىڭ ئىسمىنى تاپالمايۋاتقان ، قارىغاندا بىزنىڭ يۇرتتا ئاش كۆكى دېگەن پىننە ،باشقا يەردە  ئاش كۆكى دېگەن  يۇمغاقسۇت  ئوخشايدۇ !
بەت: [1] 2
: مەن كۈدىگە ئامراق بولۇپ قالدىم. ئوزۇقلۇقلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى بى