wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2009-5-22 23:16:15

بالاڭ ئۇيغۇر بولسۇن دېدىم


ئاغىنەمنىڭ ئايالى يەڭگىپ قىرىق سۈيىنى قۇيىدىغان ۋاقتىدا نەق ئۆيىگە كىرىپ قالسام بولىدۇ،قارىسام بىر مۇنچە كىچىك بالا چۇقىرىشىپ  باڭ باڭ تاڭ يەپ سۇنكۇڭ باجې بولۇپ قوغلاشماق ئويناۋاتقان ئىكەن .
داستىخان راسلاغلىق ئىكەن ،مەنمۇ كەلدىم ..
چاي پاي ئىچكەچ  ئاغىنەم بىلەن بىردەملىك پاراڭغا چۈشتۇق.
ھەي ،26ياشتىن ئېشىپتۇق،بىر چاغلاردا بىزمۇ ئەنە ئاۋۇ بالىلاردەك بالا ئىدۇق ،مانا ئەمدى ئالدىمىز بالىلىق بولۇپ ئارقىمىز قىزلارنى قوغلاپ دېگەندەك تويغا جابدۇنۇپ ئولتۇرۇپتۇق،بىر چاغلاردا مۇشۇ ئاغىنەم ۋە باشقا بالىلار بىلەن كۈندە  كۆرۈشمىسەكمۇ ئىككى كۈندە دېگۈدەك كۆرۈشۈپ ئاجايىپ يېقىن ئۆتەتتۇق،ھازىرغۇ مۇناسىۋىتىمىز  يىرىك ئەمەس ،شۇ بىر كەملەردە "ئۈچ دوسىت"دېگەن ئەسەرلەردىكى ئېسىل دىئالوگلارنى ئوقۇپ ئۆزىمىزنى كامىل،ھېكمەت ،مۇراتلارغا ئوخشىتىپ مەڭگۈ ئىناق ئۆتۈشكە ،تېخى بالىلىرىمىزنى  ئۆز ئارا چېتىشقا،كۈندە يوقلىشىپ كۆرۈشۈپ يۈرۈشكە  ۋەدىلەر قىلىپ ئويناپ كېتەتتۇق ، قاراپ باقسام مانا توي قىلغاندىن بۇيان بۇ بالىلار بىلەن ئايدا بىر يامان بولمىسا قۇربان ،روزى ھېيىتلاردا بىر  كۆرۈشمىسەك ،كۈندە كەچتە ھاراق ئىچىشىدىغان ۋاقىتلىرىمىز بىر يەرلەردە قاپتۇ ،شۇنىڭغا قاراپ ئويلاپ قالدىم ،كىشى بىر ئىش ئۈچۈن تولىمۇ ۋاي دات دەپ ئۆزىنى ئالدۇرۇپ قويمىسىمۇ بولغۇدەك ،ھەر نەرسىگە كۆنىدىكەنمىزغۇ ئاخىر ؟
بىر چاغلاردا ئانىلىرىمىز بىزلەرنىڭ قىرىق سۈيىمىزنى قۇيغان،مانا ئەمدى بالىلىرىمىزنىڭ قىرىق سۈيىنى قۇيماقچى بولىۋاتىمىز ،
ئاغىنەمنىڭ ئايالىمۇ  قۇيىدىغان سۇلارنى تەييار قىلىپ تىلەك تېلەش باشلاندى ..
چوڭلار بىر قۇر تىلەك تىلەپ ئالىم بولسۇن ،تەتقىقاتچى بولسۇن ،ئوقۇتقۇچى بولسۇن ...دەپ تېلەكلەر تېلەشتى ..
(توۋا ،ھېچكىم دېھقان بولسۇن دەپ تىلەك تىلەپ قويمايدىكەن ،ھەتتا شۇ دېھقان ئاكاممۇ بالىسىغا تىلەك تىلىگەندە داداڭنى دورىغىن دېمەس )
ئاڭغىچە ئاغىنەمنىڭ ئايالى قوشۇقنى بالىلارغا بەردى ،بۇ بالىلار ئاغىنەمنىڭ ئاكا ھەدىلىرىنىڭ ،يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ باللىرى ئىدى ..
بىرىنچىسى قوشۇقنى ئېلىپ بولۇپ   كۈلۈۋىتىپ :
بوشى بولسۇن دېدى .
بالىلار چۇرقىراشتى ..
يەنە بىرسى قوشۇنى ئالدى دە ئالىم بولسۇن دېدى .
يەنە بىرسى تەمتىرىگىنىچە جىياۋشۇ بولسۇن  دېدى ..
ئارقىسىدىن بىرسى لاۋشى بولسۇن ،لاۋشى دېگەن ...دېدى ..
يەنە بىر كىچىكىرەكى قوپۇپ ئوۋتىمەن بولسۇن دېگەن ھاياجاندىن تېلىقىپ قالدى ....
ئاداش ،ئۆيۈڭدە ئىجارە ئولتۇرىدىغان خەنسۇلارنىڭ بالىلىرىنىمۇ چاقىرىپسەندە دېدىم ئاغىنەمگە چاقچاق قىلىپ ،
ئۇ ئازىراق قىزاردى ۋە نەچارە دېگەندەك مۈرىسىنى كۆتۈرۈپ قويدى دە قوشوقنى ماڭا بەردى ..
تۈگىمەس ئوي پىكىرلار،جاۋاپسىز سوئاللارغا بېلىق كۆزى  لىق تولغان كاللامغا مۇنۇ ناجىنىس تىلغا كۆنۈۋاتقان  شاكىچىكلەرگە بىر نەچچە ئېغىز تەربىيە قىلاي دېدىميۇ "ئەمدى گەپ تىرىكلەر ئۈستىدە قالدى "دېگەن مىسرانى ئېسىمگە ئېلىپ ،چوڭ كىچىك ،ئەر-ئايال ،ئۇيغۇرۇ-مۇسۇلمان ھەننىۋاسىغا ئاڭلىتىپ:
بالاڭ ئۇيغۇر بولسۇن ،
بالاڭ ئۇيغۇر بولسۇن ،
بالاڭ ئۇيغۇر بولسۇن  . دەپ  قوشۇقنى ئۈچ قېتىم سۇغا تىقتىم ....
شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە يۈرىگم ئاغقاندەك بولۇپ كۆزۈمگە لىق ياش ئولاشتى .دە يەنە تۇرۇشنى ئەپسىز بىلىپ تېلىفونغا قارىغاندەك بولۇپ چىقىشقا تەرەددۇت قىلدىم ....

ئىبارە خۇدايا ،ھېلىمۇ قىرىق سۈيىمىز قۇيۇلغاندا پوپ بولسۇن يەنە بىر نېمە بولسۇن دەپ تىلەك تىلەنمەيدىكەن .....
ئاتا ئانا بولغۇچى ،بالاڭنى ئۇيغۇر قىلىپ تەربىيلىگىن ..قەبرەڭدە ۋاي دادام-ئانام  دەپ يىغلاشقا شۇلار كېرەك !

مۆرىمىكى لازىمغۇ ،
كالا بولسا كالىمىز .
ئۇيغۇر تۇغقىن ئانىلار ،
ئۇيغۇر بولسۇن بالىمىز ،

ھازىرنىڭ ئۆزىدە شەھرى بورتالادا يېزىلىپ بېقىلدى .

top يوللانغان ۋاقتى 2009-5-25 23:21:04

مەن بۇ تېمىنى كىچىكىپ كۆرۈپ قاپتەمەن...

ئىشەنچىلىك مەلۇمات:

بالا تۇغۇلۇپ قىرىق كۈن بولغاندا،بالا«قىرىق سۈيى»بىلەن يۇيۇندۇرۇلدۇ،بالىنى يۇيۇندۇرۇش ئۈچۈنمۇ تەجرىبىلىك،ئۇدۇملۇق ئايال تەكلىپ قىلىندۇ.«قىرىق سۈيى»توقىچى ۋە ھالۋا تەييارلىنىدۇ.«قىرىق سۈيى»گە تۇز سېلىنىدۇ ۋە سۇغا ئالتۇن تاشلاپ قويىلىدۇ.«قىرىق سۈيى»نى قۇيۇپ بېرىش ئۈچۈن كىچىك بالا چاقىرتىلىدۇ.«قىرىق سۈيى»قوشۇق ياكى نوگاي بىلەن قۇيۇلدۇ. سۇنى ئالدى بىلەن ياشانغان ئاياللار بۇۋاقنىڭ بىشىدىن قۇيۇپ بەدەننى يۇيىدۇ.ئۇلار«ياۋاش بولۇڭ»، «ئالىم بولۇڭ»،«دۆلەتمەن بولۇڭ»،دىگەندەك سۆزلەرنى قىلىدۇ.ئاندىن كىچىك بالىلار سۇ قويۇشقا باشلايدۇ.سۇ قۇيغان ھەر بىر بالىغا ئۈستىگە ھالۋا سىلىنغان توقاچ بېرىلدۇ. بۇۋاقنى «قىرىق سۈيى»گە ئالماستىن بۇرۇن قولى يەڭگىل ساتىراش تەكلىپ قىلىنىپ بالىنىڭ«قىرىق چىچى» ئالدۇرۇلدۇ.«قىرىق چىچى»تۈگۈچ قىلىپ ساقلىنىدۇ.

«ئۇيغۇر ئۆرۈپ ئادەتلىرى»ناملىق كىتاپتىن(p180)

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2009-5-23 00:11:41

wapadarim912:


بىر چاغلاردا ئانىلىرىمىز بىزلەرنىڭ قىرىق سۈيىمىزنى قۇيغان،مانا ئەمدى بالىلىرىمىزنىڭ قىرىق سۈيىنى قۇيماقچى بولىۋاتىمىز ،

===========

قانداق پائالىيەت ئاۋۇ؟

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2009-5-23 00:49:51

مۇشۇ ۋاپادىرىم بىر پارچە يالقۇنجاپ تۇرغان ئوت جۇمۇ ،ئاللاھدىن ھەممىمىزگە  مۇشۇنداق يۈرەك ئاتا قىلىشنى تىلەيمەن.

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2009-5-23 03:21:26

abdulehed:
wapadarim912:


بىر چاغلاردا ئانىلىرىمىز بىزلەرنىڭ قىرىق سۈيىمىزنى قۇيغان،مانا ئەمدى بالىلىرىمىزنىڭ قىرىق سۈيىنى قۇيماقچى بولىۋاتىمىز ،

===========

قانداق پائالىيەت ئاۋۇ؟

ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پائالىيىتى.

HiyalChi يوللانغان ۋاقتى 2009-5-23 09:21:53

مەنمۇ باشلانغۇچ 1-سىنىپتا ئۇقىۋاتقان ۋاقتىمدا مۇشۇنداق پائالىيەتكە تۇلا قاتنىشىدىغان. چوڭلار ھەربىر باللارغا كىچىك تۇقاچ، پىرەنىك دىگەندەك نەرسىلەرنى بىرىدىغان، شۇ چاغدا مىنىڭ دائىم دەيدىغان گىپىم ئەقىللىق بولۇڭ، ياۋاش بولۇڭ دىگەن گەپلەر ئىدى.

لىكىن ھازىر ئويلىسام مۇشۇ ياۋاش بولۇڭ دىگەن گەپنى مەنىسى ئۆزگۈرۈپ كەتكەندەكلا

UGHUZ يوللانغان ۋاقتى 2009-5-23 09:44:57

قىرىق سۈيىنى قۇيۇش بىزنىڭ ئەنئەنىمىز ، بىراق ھازىر \" قانداق پائالىيەت ئۇ؟ \" دەپ سوراپ يۈرىيمىز ...  ئەتە - ئۆگۆن تىخى نىمە كۈنلەرنى \" كۆرەرمىز؟\"...

mamtak يوللانغان ۋاقتى 2009-5-23 09:51:36

قىرىق سۈيىنى قۇيۇش جەنۇبتا بىر قەدەر ئۇمۇملاشقان پائالىيەت. پەرزەنت دۇنياغا كۆز ئېچىپ، قىرىق كۈن بولغاندا، ئاتا-ئانىسى ياكى بوۋا-مومىسى بالىنى يۇيۇش ئۈچۈن مەخسۇس سۇ تەييارلايدۇ. سۇغا قىممەت باھالىق نەرسىلەر، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس دېگەندەكلار چىلىنىدۇ. ئاندىن بالىنى يۇيۇش تەرتىۋى باشلىنىدۇ. بۇنىڭدا شۇ مەھەللىدىكى يېقىن يورۇقلار تەكلىپ قىلىنغاندىن سىرت، مەھەللىدىكى كىچىك بالىلار (ئادەتتە 2 ياشتىن 10 ياشقىچە ئارىلىقتا) چاقىرىلىدۇ. ئاۋۋال چوڭلار داستىكى سۇدىن بىر قوشۇقتىن ئېلىپ بالىنىڭ بېشىدىن قۇيىدۇ ۋە تىلەك تىلەيدۇ. ئارقىدىن كىچىك بالىلارمۇ شۇ تەرىقىدە سۇ قويۇپ تىلەك تىلەيدۇ. ئاندىن چوڭلارغا داستىخان سېلىنىدۇ، كىچىك بالىلارغا ھالۋا ئېلىنغان توقاچ بېرىلىدۇ.  بۆرتالادا جەنۇبتىن بارغان ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا بۇ ئادەت ھازىرغىچە ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما تۇرپاندا بۇنداق ئادەت يوقكەن. كېلەر ھەپتە قىزىمنىڭ قىرقى توشاتتى، قوشنىلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇ بولغاچقا، قىرىق سۈيى قۇيىدىغاندا نەدىنمۇ ئۇيغۇر بالىلارنى چىللاپ كېلەرمىز دېسەم، تەكتى تۇرپانلىق ئايالىم <<قىرىق سۈيى دېگەن نېمە>>دەپ ھەيران قالدى...

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2009-5-23 10:30:01

ئەگەر كىچىك ۋاقتىم بولغان بولسا مەنمۇ زورو بولسۇن ياكى خويەنجا بولسۇن دەيتىم
خۇددى ئۆتكەندە يېڭى خىزمەتكە چىققان چاغدىكى  جاپالىق كۈنلىرىمنى ئەسلەپ \" بەزىدە  ئامال يوق كۈندە تەييار چۆپ يەيتتىم \" دىسەم قىزىمنىڭ \" سىز نىمانداق بەختلىك ، كۈندە تەييار چۆپ يەپ\" دىگىنىدەك

lutun يوللانغان ۋاقتى 2009-5-23 10:32:14

مەن ۋاپادارىمنىڭ ئەسەرلىرىنى دەپلا ئىزدىنشقا ئەزا بولغان

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2009-5-23 11:11:30

ئائىلە -ئۇ مۇقەددەس قورغان ،بىردىن بىر پەرزەنىتلەر بىزنىڭ سۆيۈملۈك  بايرىقىمىز ،بىز بايراق خادىسى بولغۇچى ئاتا ئانا خادىنى تىك تۇتۇپ ماڭمىساق بايراقلار يەردە دەسسىلىپ چەيلىنىدۇ ...

ئۆيدە تېلىۋىزوردىن تايىنى يوق تېتىقسىز فىلىملەرنى  كۆرۈپ ۋاقىت ئىسراپ قىلغاننىڭ ئورنىغا بالىلارغا \"چىن تۆمۈر باتۇر\"،\"سادىر پالۋان \"،\"يالغانچى بالا\"قاتارلىق چۆچەكلىرىمىزنى ئوقۇپ بېرىلى .

\"كۆنگەن يامانتى ،بىلمىدۇق \" دەپ يىغلايمەنكى بالىلار بىزنىڭ خاسلىقىمىزدىن ئاستا-ئاستا يىراقلاشماقتا ،خۇددى ھېلىقى سوغاق سۇدا بىخرامان ئۈزۈپ ئاقىبەت چىقالماي قالغان پاقىدەك .

--------

ئۆلمىسەك پات يېقىندا ھوزۇرۇڭلاردا بولىدىغىنى \"ئەمدى كىم پادىشاھ بولىدۇ \"،ئۇيغۇر تاپسۇن بىر سوم بولسىمۇ \"،\"ۋاپادارىم ئۆلۈپتۇ \"دېگەن تاقا تۇقا چۈشلەر بولىدۇ ...

bardam يوللانغان ۋاقتى 2009-5-23 11:50:58

مەن كىچىك ۋاختىمدا ئاشۇ قىرىق سۈيى ئۈچۈن يۇرىتتىكى داڭلىق مەسچىتلەرگە بېرىپ بورا پارچىسىدىن ، تۈۋرىك ياغىچىدىن پىچاقتا ئازراق تىلىپ  ئەكەلگەنلىرىم يادىمغا كەلدى، ئەمما ھازىر كۆپ قىلمايدىغان بولدۇقمۇ ياكى مەن كۆرمىدىممۇ بىلمىدىم ؟ ئۇچراپ باقمىدى.

kawsar0202 يوللانغان ۋاقتى 2009-5-23 13:22:56

بىزنىڭ يۇرتتا قىرىق سۈيى 2خىل تەييارلىنىدۇ.بىر خىلى سامان بىلەن توپىنى ئارلاشتۇرۇپ ئېتىلگەن كاكىل لاينى سۇدا ئېرىتىپ تەييارلايمىز.يەنە بىر خىلى ئالتۇن- كۆمۈشتىن ياسالغان زىبۇ- زىننەتلىرمىزنى ناۋات سۇيىگە چىلاپ تەييارلايمىز.دەسلىپىدە، باللار- چوڭلار تىلەك تىلىگەچ كاكىل لاي سۇيىنى بالىنىڭ دولىسىغا، دومبىللىرگە قوشۇقلاپ قۇيىمىز،ئاندىن ئالتۇن سۇينى قۇيمىز، ئاخىردا پاكىز ئىلمان سۇ بىلەن بالىنى چايقاپ ،ئېلىپ يوگەككە ئالىمىز.

ۋاپادارمنىڭ تىلەكلىرنى ئوقۇپ، كۆزۈمگە ئىختىيارسىز ياش كەلدى.توغرا، باللىرمىز ئەڭ ئاۋۋال ئۇيغۇر بولسۇن،مۇسۇلمان بولسۇن.....

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2009-5-23 13:31:55

ۋاپادارىمنىڭ ئۆلۈمى دىگەن ماقالىڭىزنى تىزراق يوللاڭە ئەمىسە. نارۇتونىڭ ئۆلۈمى دىگەن كارتوندەك ياخشى چىقامدۇ تېخى.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2009-5-23 14:34:43

mamtak:
قىرىق سۈيىنى قۇيۇش جەنۇبتا بىر قەدەر ئۇمۇملاشقان پائالىيەت. پەرزەنت دۇنياغا كۆز ئېچىپ، قىرىق كۈن بولغاندا، ئاتا-ئانىسى ياكى بوۋا-مومىسى بالىنى يۇيۇش ئۈچۈن مەخسۇس سۇ تەييارلايدۇ. سۇغا قىممەت باھالىق نەرسىلەر، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس دېگەندەكلار چىلىنىدۇ. ئاندىن بالىنى يۇيۇش تەرتىۋى باشلىنىدۇ. بۇنىڭدا شۇ مەھەللىدىكى يېقىن يورۇقلار تەكلىپ قىلىنغاندىن سىرت، مەھەللىدىكى كىچىك بالىلار (ئادەتتە 2 ياشتىن 10 ياشقىچە ئارىلىقتا) چاقىرىلىدۇ. ئاۋۋال چوڭلار داستىكى سۇدىن بىر قوشۇقتىن ئېلىپ بالىنىڭ بېشىدىن قۇيىدۇ ۋە تىلەك تىلەيدۇ. ئارقىدىن كىچىك بالىلارمۇ شۇ تەرىقىدە سۇ قويۇپ تىلەك تىلەيدۇ. ئاندىن چوڭلارغا داستىخان سېلىنىدۇ، كىچىك بالىلارغا ھالۋا ئېلىنغان توقاچ بېرىلىدۇ.  بۆرتالادا جەنۇبتىن بارغان ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا بۇ ئادەت ھازىرغىچە ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما تۇرپاندا بۇنداق ئادەت يوقكەن. كېلەر ھەپتە قىزىمنىڭ قىرقى توشاتتى، قوشنىلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇ بولغاچقا، قىرىق سۈيى قۇيىدىغاندا نەدىنمۇ ئۇيغۇر بالىلارنى چىللاپ كېلەرمىز دېسەم، تەكتى تۇرپانلىق ئايالىم <<قىرىق سۈيى دېگەن نېمە>>دەپ ھەيران قالدى...

قولۇم قوشناڭلارنىڭ ھەممىسى يولداشلار بولسا، بىزگە ئوخشاش بۇرادىرىڭلار بار ئەمەسمىدى؟!

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2009-5-23 17:17:17

يا بولمىسا قىرىق سۈيىنى توردىلا قۇىىلى مەمىتەكئاخۇن ...

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2009-5-23 17:23:58

تارىم تورداش  ،

ناۋادا  ئىزدىنىشتىكى بۇرادەرلەر بىلەن  ئولتۇرۇش نىسىپ بولۇپ قالسا \"مەجبۇرمەن \"دەيدىغان بىر قوشاقلىرىم بولىدىغان سىزگە ئوقۇپ بېرەي .

xamxar يوللانغان ۋاقتى 2009-5-23 17:29:10

مۇشۇ ۋاپادارىمنىڭ باش سۆرىتىمۇ ماڭا ئۇزۇن بىر روماندەك بىلىنىدۇ.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

بەت: [1] 2 3
: بالاڭ ئۇيغۇر بولسۇن دېدىم