nurul يوللانغان ۋاقتى 2009-5-20 09:08:10

توي قىلمىغان قىزلار ھەرگىزمۇ ئۈمۈدسىزلەنمەڭ

Single Women, Never Lose Hope

By  Shiam El-Bassiouni

(توي قىلمىغان قىزلار ھەرگىزمۇ ئۈمۈدسىزلەنمەڭ)
(شىئام ئەل باسسىئونى)

پۈتۈن دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ۋە ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي جەمئىيەت ئارقا كۆرۈنىشىگە ئىگە بولغان ياش ئاياللار مەيلى ئۇلار كەسپى خادىملار ياكى ئىلىم-پەن خادىملىرى بولسۇن ھەممىسىلا ئورتاق بىر ئارزۇدىن مۇستەسنا ئەمەس.:ئۇ بولسىمۇ توي قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ بىر ئائىلىسىگە ئېرىشىش!

   مەيلى سىز كۆپ دۆلەت ھەمكارلىقىدىكى شىركەتتە بىر دېرىكتور بولۇڭ ياكى ئۆز جەمئىيىتىڭىزدىكى تونۇلغان شەخىس بولۇڭ،كىممۇ توي قىلىپ بىر ئايال ۋە ئانا بولۇشنى ئارزۇ قىلمىسۇن؟بەلكىم مۇشۇ پەيتلەردە ئوخشىمىغان توي قىلمىغان قىزلار ئۇلارنىڭ ھامان بىر كۈنى توي قىلالىشىغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىشقا باشلىشى مۈمكىن.

ۋەھىمىلىك تۇيغۇلار

توي قىلمىغان قىزلار نىڭ كۆڭلىدە ناھايىتىمۇ كۆپ سوئاللار ئويغىنىدۇ:مەن نېمىشقا تېخىچە توي قىلالمايمەن؟ھاياتىم مۇشۇنداق تەنھا پېتى ئۆتۈپ كېتىۋېرەرمۇ؟بۇ سوئاللار بەزىدە غەم-قايغۇ ۋە مەيۈسلۈك تۇيغۇلىرى ئىچىدە ئۇلارغا ھەمراھ بولىدۇ.يەنە بەلكىم،بەزى توي قىلمىغان قىزلار  بىر خىل ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇلىرىغا كەلگەن بولىشى مۈمكىن.

تۇغۇلغان كۈنلىرى بەزىدە ئاشۇ توي قىلمىغان قىزلار نىڭ توي قىلالماي يېشى يەنىمۇ چوڭلاپ كېتىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك بولىدۇ.نەتىجىدە تەسەۋۋۇرىدىكى خوشال بىر كۈن غەم-قايغۇغا ئالمىشىدۇ.

توي-تۆكۈن ياكى توي چېيى ئۈچۈرۈش يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىپ قالغان بىرەر توي قىلمىغان قىز كىمدۇر ئۇنىڭ تېخى توي قىلمىغانلىقىنى بىلگىنىدە ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ئۆزىگە نىسبەتەن ئىچ ئاغرىتىش سۆزلىرىنى ئوقۇشقا باشلايدۇ.ئەمەلىيەتتە ئۇ ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇ قاراشلىرىنىڭ ئۇ توي قىلمىغان قىزلارنىڭ روھىغا تەسىر قىلىپ،كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان ۋە تېرىكتۈرىدىغان دەرىجىدە ھېسسداشلىق ۋە ئەستايىدىللىققا تولغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ.

ئىمان سىنىقى

بىراق سىز نېمىشقا تېخىچە توي قىلمىغانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ئەمەلىيەتتە،ئۇ سىزنىڭ سەۋىر-تاقىتىڭىزگە نىسبەتەن ئۇلۇغ ئاللاھتىن كەلگەن سىناقتۇر.سىز ئاللاھقا مىننەددارلىق بىلدۈرمەمسىز؟سىزدە جاپالىق كۈنلەرگە بەرداشلىق بەرگۈدەك ئىقتىدار يوقمۇ؟ئەنە شۇ سىناقلار سىزنىڭ ئىمانىڭىزنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىنى ئۆلچەيدىغان سىناقلاردۇر.ئۇ بەلكى ئاللاھنىڭ ھېكمەتلىرىدىن بىر بولۇپ،سىزنىڭ ئىلگىرىكىدەكلا تەنھا يۈرۈيۋېرىشىڭىزدىكى سەۋەب ئېھتىمال سىز تېخى توي قىلىپ بىر خوتۇن ۋە بىر ئانا بولۇشتەك مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلالمايدىغانسىز.شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى،ھايات بىر تۈرلۈك ئېگىز-پەسلىكلەرگە تولغان.ئۇ خۇددى ئاددىيغىنە ھالدا قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلۈپ،پېتىشلىرىغا ئوخشايدۇ.ئەگەر بىز قاراڭغۇلۇقنى باشتىن كەچۈرمىسەك،قۇياش نۇرىنىڭ گۈزەللكىدىن ھوزۇرلىنالمايمىز.شۇنىڭغا ئوخشىغاندەك،ئەگەر بىز جاپالىق كۈنلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزمىسەك ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنىڭ قەدرىنى بىلىپ يېتەلمەيمىز.سىزنى مەيۈسلۈك قاپلاپ،قايغۇرغىنىڭىزدا بەلكىم ئازابلىنىپ كۆز يېشى قىلىپ كېتەرسىز.بىراق شۈبھىسىزكى قۇدرەتلىك ئاللاھ سىزنىڭ ئازابلىرىڭىزنى بىلىپ،كۆرۈپ تۇرىدۇ.شۈبھىسىزكى سىز چەكسىز رازىمەنلىك تۇيغۇسىدا شۈكرى-ئەلھەمدۇلىللاھ دېيىشتىن بۇرۇن ئۇلار سىزنىڭ ئىمانىڭىزغا ئىمان قوشىدۇ.ئېسىڭىزدە بولسۇن،ئۇ سىناقلارنى باشتىن كەچۈرىشىڭىزدىكى مەنالار شۇكى،ئۇ بولىسىمۇ ئاللاھ سىزنى سۆيىدۇ!شۇڭا ئۇنۇتماڭ،سىزنىڭ ھەربىر ئازاپلىق  تەنھالىق تۇيغۇلىرى ئىچىدە سەۋىر-تاقەت قىلىشىڭىز ئاخىرەتلىكىڭىز ئۈچۈن كۆپ ساۋابلار قوشىدۇ.

  ئېسىڭىزدە تۇتۇشىڭىز كېرەك بولغان بىر نۇقتا-ھەربىر كىشىنىڭ ئۇ مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن ئوخشاشلا بەخىتسىزلىكلىرى بولىدۇ.كىمكى ئۆزىنىڭ دۇچ كەلگەن ئىش ياكى مەسىلىلىرىدە مۇكەممەللىكنى ياكى مۇكەممەل ھاياتنى قوغلىشىدىكەن،ئۇ خاتالاشقان بولىدۇ.ئەگەر ئۇلار ئازابلانسا،بۇنى كۆرسىتىپ بېرىش يېتەرلىكتۇر-اللاھ شۇنداق دەيدۇ:

«ئى مۆئمىنلەر!سەۋىر ئارقىلىق ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار.اللە ھەقىقەتەن سەۋىر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.بىز سىلەرنى بىر ئاز قورقۇنۇچ بىلەن،بىر ئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە ماللىرىڭلارغا،جانلىرىڭلارغا،بالىلىرىڭلارغا،زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز(بېىشىغا كەلگەن مۇسىبەت،زىيان-زەخمەتلەرگە)سەۋىر قىلغۇچىلارغا(جەننەت بىلەن)خۇشخەۋەر بەرگىن.ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا،ئۇلار:بىز ئەلۋەتتە اللەنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز(يەنى اللەنىڭ بەندىلىرىمىز)،چوقۇم اللەنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز،دەيدۇ»___سۈرە بەقەرە152~156

  سەۋىر ۋە ئۈمۈد

توي قىلىشقا بولغان ئۈمۈدىڭىزنى ھەرگىز يوقاتماڭ.اللە سىز قايغۇرغان ۋە ئازابلىنىپ مەيۈسلەنگىنىڭىزدە سىز بىلەن بىللە.نىكاھ قۇدرەتلىك ئاللاھ خالىسلا بىزگە بېرىدىغان سوۋغات-نېمەت.سىز نېمىشقا بۇ سىناقلار ئارقىلىق كۈچلۈك روھ-ئىمانغا ئېرىشىشكە تىرىشمايسىز؟نېمىشقا جەننەتنىڭ ئاچقۇچى بولغان ھاياتىي دۇنيادىكى دۇئا-ئىبادەتلەر ۋە قۇرئان يادلاش ئارقىلىق تىرىشمايسىز؟سىز ھەربىر ھەرىپنى ئوقۇغىنىڭىزدا ئوخشىمىغان ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىسىز.ئەڭ ياقتۇرىدىغان تەنھەركەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇش ۋە قۇرئان كۇرسلىرىغا قاتنىشىش سىزنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.قىينچىلىق سىزنى چېنىقتۇرىدۇ ۋە باشقا ئەھمىيەتسى خياللاردىن قۇتۇلدۇرىدۇ.

يەنە بىرخىل سىزگە ياردەم بېرەلەيدىغان ئىش-خەير-ساخاۋەت  خىزمەتلىرىنى قىلىشتۇر.بۇلارغا كۈچ سەرىپ قىلىش-بولۇپمۇ ئالاھىدە موھتاجلارغا-مېيىپلارغا،يېتىملارغا ۋە قېرى-چۆرى ئاجىزلارغا ياردەم قىلىش سىزنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى تونۇپ يېتىشىڭىزگە ۋە شۈكۈر-ئەلھەمدۇلىللاھ،دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ يېتىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ.

  ھېچكىمدە كەلگۈسىدىن ئالدىن بىشارەت بېرىدىغان ئەينەك يوق.شۇڭا سىز ھەربىر ئىشنىڭ چوقۇم مۇۋاپىق ۋاقتى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ.ھازىرچۇ،يەنىلا بەخىتسىزلىك ۋە قايغۇ-ئۈمۈدسىزلىك ئىچىدىمۇ سىز؟مەن ئۇنداق بولمىسىكەن دەيمەن!
يازغۇچى
Shiam El-Bassiouniنىڭ(
Single Women, Never Lose Hope)ماقالىسىدىن تەرجىمە قىلىندى.

marbiya يوللانغان ۋاقتى 2009-5-20 10:37:52

بۇنى ماڭا يازغانمىدۇ ھە ؟

katil731 يوللانغان ۋاقتى 2009-5-20 12:11:46

دىمەككە بەك ئاسان، لېكىن ھەممە ئادەم بېشىغا كەلگەندە چۇشۇنۇپ قالىدۇ، يالغۇزلۇق غېرىپلىق باسقاندا دۇنيا ئۆز مەنىسىنى ۋە گۇزەللىكىنى يۇقۇتۇپلا قويدىكەن،

سەۋرىنىڭ تېگى ئالتۇن دەپ ئكزۇمنى بەزلەپ يۇرۇپ ئاخىرى مەقسەتكە يەتتىم، لېكىن شۇ ئازاپلىق ئۇتمۇشنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايمەن، شۇڭا ئاللاھقا ھەر ۋاقىت كۆپ شۇكرى ئېيتىمەن، ئەلھەمدۇلىلاھ!

yusran يوللانغان ۋاقتى 2009-5-20 21:43:52

ھەرقانداق ئىشنىڭ ۋاقتى سائىتى بولىدۇ. ھېچقانداق ئىش ئۆز قرەلىدىن بۇرۇن ۋە ياكى كېيىن يۈز بەرمەيدۇ

swan يوللانغان ۋاقتى 2009-5-21 19:45:13

ئاللا ئەجىر بەرسۇن !

yusran يوللانغان ۋاقتى 2011-9-6 17:48:31

يەنە بىر قېتىم دەي: ھەرقانداق ئىشنىڭ  ۋاقىت-سائىتى بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ھەرقانداق ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ھېكمەت بار

sansara يوللانغان ۋاقتى 2011-9-6 21:51:11

يۇسران،ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا ھىكمەت بارلىقىىنى ئەزەلدىن ھەممەيلەن بېلىپ ئىشىنىپ كەلدۇق،ئەمما ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ توي قىلىشى ھازىر راس بىر ئىجتىمائى مەسىلە بولدى .ئوغۇلبالىغا قارىغاندا ئون ھەسسە جىق بېسىمغا ئون ھەسسە ئېغىر چەكلىمە ئاستىدا تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇردە قىزلار،ھەيييييييييييييي

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2011-9-6 22:05:42

ئاتالمىش «ئاللىكىملەر ئۇنى دەيدۇ بۇنى دەيدۇ،ھە،يەنە پالانچىلارنىڭ ئالدىدا مانداق قىلمىسام سەت تۇرىدۇ.»دېگەندەك قۇرۇق نام شۆھرەت،ئاقمىغان پالەچ يۈز ئابروي دېگەندەك نىمىلەر بىلەن بىر-بىرىمىزگە كوتمەك بېسىمنى يۈكلىمىسەك مۇشۇ توي ئىشلىرى ئىشلار كۆپ ياخشى بوپ كېتەتتى.
تولۇق كۇرستا ئوقۇۋاتقان بىر جۈپنى ئاتا-ئانىلىرى ئۆز-مەسلىھەتلىشىپ ئاددىلا قىلىپ نىكاھ ۋە رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ بېشىنى قوشۇپ قويۇپتۇ،يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى كەمبەغەلچىلىكتە ئىكەن،قىز باياشاتراقكەن،يىگىتنىڭ ئۆيىدىكىلەر مەھرىگە ئازراقلا نەرسە تەييارلىغان ئوخشايدۇ.ئىككى ئۆيدىكىلەر ئۈرۈمچىدىن لايىقىدا ئۆي ئىجارە ئەپ بېرىپتۇ.ئوقۇشنىمۇ شۇنداق ياخشى ئەپ مېڭىۋېتىپتۇ.پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتىدا بولغان ئىشكەن.ياتاقدېشىمنىڭ دوسلىرى بولۇپ،ياتاقدېشىم سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.قاراڭلار،نىمە دېگەن ئوڭلۇق ئاتا-ئانىلار.ئەمىلىيەتتە مۇشۇنچىلىك ئاددى ئىشلار.
ھازىر بېسىم ئاز كېلىۋاتقاندەك قۇرۇق سۆلەتنىڭ بېسىمى ھەممىدىن ئېغىر.نوقۇل ساپاسىزلىقتىن كۆرىمەن بۇ ئىشلارنى.

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2011-9-6 22:14:40

مېنىڭچىمۇ تويلۇق بېسىمى ۋە شان شەرەپ تۇيغۇسى زور توسالغۇمىكىن دەيمەن بۇ ئىشلاردا، مەنمۇ 28 يىلىمنى يالغۇزچىلىقتا ئۆتكۈزۈپ بۇيىلنىڭ بېشىدا قاتتىق سوغۇققا پەرۋا قىلماستىن تويۇمنى قىلدىم. تويدىن بۇرۇن قىزغا ئەھۋالىمنى بىر قۇر دەپ قويغانتىم، بىرتال ئۈزۈكلا ئېلىپ بەردىم، چوڭلار ھە-ھۇ قىلىشىپ ئۆيگە  كىتەرلىك نەرسە- كېرەكلەرنى ھەم رىستۇراننىڭ پۇلىنى چىقاردى، 10مىڭ بىلەن توينىڭ غېمىنى تۈگەتتىم. ئۆي بولىمىسا ئالغىلى بولىدۇ، ياكى ئېجارە ئالغىلى بولىدۇ، ئەمما  ياشلىقنى ، پۇرسەتنى، بولۇپمۇ كۆپ پۇل تاپقاندا سەمىمي ياخشى قىزلارنى تاپماق تەس . مۇھەببىتىڭلار راس بولسا توي قىلىۋىلىڭلار، نېكاھ ئۇلۇغ، توي قىلغانلارنىڭ ئىشىدا بەرىكەت بار . بارى -بارچە، يوقنى ئاللاھ بىرىدۇ.
بەت: [1]
: توي قىلمىغان قىزلار ھەرگىزمۇ ئۈمۈدسىزلەنمەڭ