Patigul يوللانغان ۋاقتى 2009-5-18 00:19:14

گۈزەللىكنى ساقلاش ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇشتا دېققەت قىلىد

دائىم قاپىقىنى تۈرۈپ يۈرۈيدىغان ئاياللارنىڭ تىرىسىگە ئاسانلا ئۇزۇقلۇق يېتىشمەيدۇ. بۇنداق ناچار كەيپىيات تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىپ، قورۇق پەيدا قىلىدۇ.

   ئاياللار كەچلىك ئۇيقۇغا ئالاھىدە قارىشى كېرەك. سەۋەبى كەچلىك ئۇيقۇ يىتەرلىك بولمىسا، تېرىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا يەتتە، سەككىز سائەت ئوخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

   سۇ ئىچمەسلىك، ھەرىكەت قىلىشنى ياقتۇرماسلىق ئاياللار ئۈچۈن ناچار ئادەت ھىساپلىنىدۇ. سۇ ئىچمىگەندە تىرە ئاسانلا سۇسىزلىنىپ، قورۇق پەيدا بولۇپ، تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقى ئاجىزلىشىدۇ.

   ئاياللار يەنە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، يىنىك تۈردىكى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ چېنىقىپ بەرگەندە قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، بەدەننىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تېرىنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرالايدۇ ھەمدە تەر چىقىرىش ئارقىلىق بەدەندىكى كىرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىۋەتكىلى، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

   تېرىسىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان پەرداز بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش، پەردازلىرىنى پاكىز يۇيماسلىقمۇ ئاياللار ئۆزگەرتىمىسە بولمايدىغان ناچار ئادەت ھېساپلىنىدۇ. سەۋەبى، ئەگەر ئىشلەتكەن پەرداز بۇيۇملىرى تېرىگە مۇۋاپىق كەلمىسە، تېرىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۋىتىدۇ، ناۋادا بۇنداق پەرداز بۇيۇملىرى تېرىدە ئۇزاق تۇرۇپ قالسا، تېرىگە ئەكىس تەسىر كۆرسىتىپ، تېرىنڭ نورمال ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزۈپلا قالماستىن، ھەر خىل تىرە كېسەللىكلىرىنىمۇ پەيدا قىلىدۇ.

    ئاياللار غىدىقلىغۇچى يېمەكىلىكلەرنى ئاز يېيىشى، ۋىتامىن تولۇقلاشقا سەل قارىماسلىقى كېرەك. ئادەتتە تېرىنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى ئاجراتما سىستېمىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ بولىدۇ. مۇچ، ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، تېرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. ئەكسىچە، كۆكتات، مېۋە- چېۋە تەركىبىدە ھەر خىل ۋىتامىنلار كۆپ بولۇپ، تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، نەملىكىنى تەڭشەيدۇ.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2009-5-18 16:28:28

<< شەربىتى ساھىبجامال >> نى ئىچىپ بەرسۇن دېمەمدۇق؟

yvonne يوللانغان ۋاقتى 2009-5-18 17:21:46

بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلاركەن، بىرزات دوختۇرنىڭ قوشۇپ قويىدىغانلىرىمۇ باردۇ؟

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2009-5-18 17:27:46

yvonne:
بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلاركەن، بىرزات دوختۇرنىڭ قوشۇپ قويىدىغانلىرىمۇ باردۇ؟

  

80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورىدىكى ھۆسن گۈزەللىكىنى ئاسراش، تېرىگە زىيانلىق بولغان ئامىللار ۋە ئۇيغۇر تېبابىتىدە گۈزەللىكنى ئاسىراش چارىلىرى دېگەندەك خانىم - قىزلار كۆرسە يايرايدىغان تېما ئادرىسلىرى:

36.ئۇيغۇر تېبابىتى بويچە چاچنى ئاسراش تەدبىرلىرى


        37.چاچقا زىيانلىق ئامىللار

     38.نۇرمال ( قۇرغاق ۋە ھۆللۈك جەھەتتە مۆتىدىل بولغان ) تېرىنى ئاسراش

       39.قۇرغاق تېرىنى ئاسرش

       40.تېرىنى ئاسراش تەدبىرلىرى

   41.تېرىگە زىيانلىق ئامىللار

   42.ئۇخلاش ھالەتلىرى

     43.بىر تورداشنىڭ ئورۇقلاش خاتىرسى

   44.سېمىزلىكنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالاش

    57.ﺳﯜﺕ ﺑﯧﺰﻯ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﭽﻪﻙ ﺭﺍﻛﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﻗﻰ

2.ئاق كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تەدبىرلەر  

  17.تېرىڭىز ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

   12.تىرناق ۋە ئۇنى ئاسراش

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2009-5-18 18:09:49

ئىككىمىزنىڭ سۆھبەتلىرنى تىزىپ ئەكىپلا يېزىپسىز ھە ....بىرىمۇ كەم ئەمەس

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2009-5-18 18:12:26

ئاچنىڭ كۆزى ئاشتا،

تازنىڭ كۆزى چاشتا دەپتىكەن

pidayi يوللانغان ۋاقتى 2009-5-18 22:11:47

Patigul:


   ئاياللار كەچلىك ئۇيقۇغا ئالاھىدە قارىشى كېرەك. سەۋەبى كەچلىك ئۇيقۇ يىتەرلىك بولمىسا، تېرىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا يەتتە، سەككىز سائەت ئوخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
   

يەتتە سەككىز سائەت ؟ مەن ئۈچۈن مۇمكىن ئەمەس پاراڭلارغۇ ھە بۇ ...........يەنە ئىككى ئايدىن كىيىن خەقلەر ھەسەت قىلغۇدەك ھىچنىمەم قالمايدىكەندەك مىنىڭ  ......قېرىشتىن بەك قورقىدىكەنمەن ،ئەمدى ھىس قىلدىم  

yvonne يوللانغان ۋاقتى 2009-5-21 10:33:56

بىرزات ئەپەندى، مېنىڭ ئوڭ كۆزۈمدىن ئىككى كۈندىن بېرى سۇ ئاقىدىغان بولۇپ قالدى،كۆز دورىسىنى تېمىتىپ باقسام ئانچە ئۈنۈمى كۆرۈلگەندەك ئەمەس، دوختۇرغا بېرىشىم كېرەكمۇ ياكى ئاددى يەرلىك ئۇسۇللار بىلەن ئۆزەم ساقايتالامدىم؟ مەسلىھەت بەرسىڭىز....
بەت: [1]
: گۈزەللىكنى ساقلاش ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇشتا دېققەت قىلىدىغان ئىشلا