ياشاۋەر ،يايرىم .....
سۆيگەن يارغا بەخىت تىلەشمۇ بىر بەخىت ،قېنى تورداشلار ،يېقىن دوستۇم كىرىشتۈرگەن مۇنۇ ناخشىغا قۇلاق سېلىڭ .
بۇغداي ناخشىنىڭ باھانىسىدا قارمۇق شئېرلىرىممۇ كەلدى ...سۇ ئىچكىلى ...
ﻛﯜﺗﻜﯩﻦ ﺩﯦﺴﻪﯓ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺑﻮﻳﻰ ﻛﯜﺗﻪﺗﺘﯩﻢ ،
ﺑﻪﺧﺘﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﻳﯜﺗﻪﺗﺘﯩﻢ ،
ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﺳﻪﻧﺴﯩﺰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯚﺗﻪﺗﺘﯩﻢ ،
ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﺳﻪﻥ ﻗﻪﺩﺭﯨﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﯔ .
ﯞﻩﺩﻩ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﺯﻩﭖ ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭ ﺩﻩﭘﺘﯩﻤﻪﻥ ،
ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﻧﯩﮕﺎﺭ ﺩﻩﭘﺘﯩﻤﻪﻥ ،
ﻗﻪﻟﺒﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻪﺗﻤﻪﺱ ﺑﺎﮬﺎﺭ ﺩﻩﭘﺘﯩﻤﻪﻥ ،
ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﺳﻪﻥ ﻗﻪﺩﺭﯨﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﯔ .
ﻣﻪﻥ ﻛﯚﻳﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﻪﺭﻣﯩﺪﻯ ،
ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺩﯦﺪﻯ ،ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻗﯘﭼﺎﻕ ﻛﻪﺭﻣﯩﺪﻯ ،
ﻣﯩﮭﺮﯗ -ﯞﺍﭘﺎ ﺋﯘﺗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﻣﯩﺪﻯ ،
ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﺳﻪﻥ ﻗﻪﺩﺭﯨﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﯔ .
--------------------------------
ﭘﻪﯞﺭﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ﻛﯚﻳﯜﺷﻜﻪ ،
ﺭﺍﻳﯩﻢ ﻳﻮﻗﺘﻰ ﮬﻪﻡ ﺋﯚﺯﮔﯩﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﺷﻜﻪ .
ﺑﯘ ﻧﻪ ﺑﺎﻻ ﺩﻩﻳﺘﯩﻢ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯚﺯﯛﻣﺪﯨﻦ ،
ﺑﯘﻳﺮﯨﻐﺎﻧﻜﻪﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ ﺳﯧﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﺷﻜﻪ .........
----------------------------------
ﺋﯜﻣﯜﺕ ﻳﯩﭙﻰ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺪﻯ ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ،
.ﺋﺸﯩﻖ ﺋﻮﺗﻰ ﻳﺎﻧﺎﺭ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﻻﯞﯗﻟﺪﺍﭖ .
ﭼﯜﺷﯜﻣﺪﯨﻤﯘ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺷﯘ ﻗﯩﺰ ﺳﯩﻤﺎﺳﻰ ،
ﻗﺎﭼﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺗﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻻﺭ ﺑﯘ ﺋﺎﺯﺍﭖ .......
--------------------------------
خالىماس ھىجراننىڭ كۆڭلى باشقىنى
بەختىمنى ئىزلەيمەن ماڭغان يولۇڭدىن ،
باغرىمغا ياقساڭ ئوت يانار قولۇڭدىن
ئەي قەمەر كۆپ گۇمان قىلما قۇلۇڭدىن
خالىماس ھىجراننىڭ كۆڭلى باشقىنى .
دۇنيادا بارلىقىم پەقەت سەن ئۈچۈن ،
كۆڭلۈمنى بىلمەيسەن يەنە نە ئۈچۈن ،
بولمىسۇن قەلبىڭدە زەررىچە تۈگۈن ،
خالىماس ھىجراننىڭ كۆڭلى باشقىنى .
ئۇرۇلسۇن ئۆزگە گۈل ھىدى دىماققا ،
مەس بولماس يۈرۈگۈم خۇشبۇي پۇراققا ،
ئازماسمەن پەرىلەر قۇرغان توزاققا ،
خالىماس ھىجراننىڭ كۆڭلى باشقىنى .
بىر ئۆزۈڭ پادىشاھ قەلبىم تەختىگە ،
ئولتۇرما ئەي قەمەر ھىجران بەختىگە ،
بىر ئۆمۈر خىلاپلىق قىلماس ئەھدىگە ،
خالىماس ھىجراننىڭ كۆڭلى باشقىنى .
«ھىجران » مېنىڭ بۇرۇن ئىشلەتكە ن تەخەللۇسۇم ،تەخەللۇس دېيىشكە قىزىرىمەن ،تور نامى ،تەخەللۇسقا تۇشلۇق شئېر يوق !ھەي بەكباشلىق ،،،
--------------------------------------
ﻗﺎﭼﺎﻧﻜﯩﻦ ﻛﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﺑﺎﻗﺘﯩﯔ ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ ،
ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻰ ﺑﻪﯕﺒﺎﺵ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻢ ،
ﻛﯚﻳﯜﺵ ﻳﺎ ﻛﯚﻳﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻣﻪﻳﻠﯩﻢ .ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ ،
ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻢ ﺋﻮﺕ ﺳﺎﻟﺪﻯ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﺎﻣﺎﻟﯩﻢ .
---دوستۇمنىڭ يازمىسى
-------------------------------------
كۆڭەلنى ئەزمەڭلار ئادىشوي !