«ھەربىي ئەۋلىيا » ژۇكوۋ مەنسەپتىن تۇيۇقسىز قالدۇرۇل
<ھەربىي ئەۋلىيا> ژۇكوۋنىڭ مەنسەپتىن تۇيۇقسىز قالدۇرۇلىشىنىڭ سىرى
مارشال گېئورگىي كونستانتىنوۋىچ ژۇكوۋ سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ ئاتاقلىق ھەربىي ئالىمى بولۇپ ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتقان . بەزىلەر ئۇنى <ھەربىي ئەۋلىيا> دەپ ئاتايدۇ . ئەمما نۇرغۇن كىشى سوۋىت ئىتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇنى تۇيۇقسىز بارلىق ۋەزىپىلىرىدىن ئىلىپ تاشلانغانلىقىنىڭ سىرىنى بىلمەيدۇ .
1953 - يىلى مارتتا سىتالىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، مالېنكو ، مولوتوۋ ، خرۇششېۋ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھاكىمىيەت بىشىغا چىقىشنى ئويلىدى ، ئەمما سىتالىن ھايات چىغىدا شەخسىي نوپۇز تۈزۈمىنى ئورناتقانلىقتىن ، ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز ھوقۇق تارتىۋىلىشىغا يول قويۇلمايتى . شۇنىڭ بىلەن خرۇششېۋ ئالدى بىلەن بېرىيانى يوقىتىشنى قارار قىلدى . بۇ چاغدا ئۇ ژۇكوۋنى ئىسىگە ئالدى . ژۇكوۋ بىلەن بېرىيا سىتالىن ھايات چىغىدىلا زىدىيەتلىشىپ قالغانىدى . شۇنىڭ بىلەن خرۇششېۋ ژۇكوۋغا : <مەركىزىي كومىتېت ھەيئەت رىياسىتى بېرىيا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلماقچى ، ئۇنى قولغا ئىلىشىمۇ مۇمكىن ، سىز ۋاقتىدا ھەرىكەتلىنىشكە تەييارلىنىڭ> دەپ تېلېفون بەردى . 1953 - يىلى ئىيوننىڭ ئاخىرقى كۈنى بارلىق ئىشلار خرۇششېۋنىڭ لايىھەسى بويىچە ئوڭۇشلۇق بولدى ، ئۇ ژۇكوۋنىڭ ياردىمىدە بېرىيانى قولغا ئالدى . شۇنىڭ بىلەن ژۇكوۋ ئوڭۇشلۇق ھالدا يىڭى بىر كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى .
بېرىيا كۆزدىن يوقىتىلغاندىن كېيىن ، خرۇششېۋ ، مولوتۇۋ ، مالېنكو قاتارلىقلارنىڭ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ سىياسەت - فاڭجىنلارنى بەلگىلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى زىدىيىتى بارغانسىرى ئۆتكۈرلەشتى ، خرۇششېۋ چەتكە قىقىلدى . ئۇلار خرۇششېۋنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنچى شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىماقچى بولۇشتى .
1957 - يىلى ئىيوننىڭ باشلىرىدا مالېنكو ، مولوتوۋ قاتارلىقلار خرۇششېۋنىڭ فىنلاندىيىگە زىيارەتكە چىقىپ كەتكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ ، <تەختتىن چۈشۈرۈش پىلانى> نى تۈزدى . خرۇششېۋ زىيارەتتىن قايتىپ كىلىپلار ، لېنىنگراد شەھرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 250 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى . يېغىندا مالېنكو باشلامچىلىق بىلەن خرۇششېۋنىڭ ئىچكى - تاشقى سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلدى . كۆرەش ئەۋجىگە چىققاندا ، ژۇكوۋ يىغىن زالىغا كىردى . ئۇ : < يولداشلار ، يىغىن ئىچىلىشتىن بىر سائەت ئىلگىرى مالېنكو مەن بىلەن سۆزلىشىپ ، مېنى يىنىغا تارتتى . بىراق مەن خرۇششېۋ تەرەپتە تۇرىمەن!> دېدى .
شۇنىڭ بىلەن خرۇششېۋنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىلىپ تاشلاش پىلانى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى . ژۇكوۋ بولسا خرۇششېۋنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلدى . ئۇ ھەيئەت رىياسىتىنىڭ كاندىدات ئەزالىقىدىن رەسمىي ئەزالىقىغا ئۆستۈرۈلدى ، ئەمما ھوقۇقنىڭ ئۆسۈشى ئۇنىڭ ھالاكىتىدىن دېرەك بىرەتتى .
1957 - يىلى 4 - ئۆكتەبىر ژۇكوۋ يۈگۈسلاۋىيە ۋە ئالبانىيىگە زىيارەتكە مېڭىشى بىلەنلا خرۇششېۋ قىرىمدىكى دەم ئىلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، موسكۋاغا قايتىپ كەلدى ۋە ژوكۇۋنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا تەييارلىق قىلدى . ئۇ ھەربىي قىسىمنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن ، 19 - ئۆكتەبىر ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ، <سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇقلۇق ، دېڭىز ئارمىيىلىرىدە پارتىيىنىڭ سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر> نى ماقۇللىدى ، <قارار> ژۇكوۋ بىلەن تەبىئى ھالدا توقۇنۇشۇپ قالاتتى ، بۇ نوقتا خرۇششېۋغا ئايان ئىدى . 26 - ئۆكتەبىر ژۇكوۋ موسكۋاغا قايتىپ كېلىپ ، سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى يىغىنىغا قاتناشتى . ئۇ يىغىندا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى . خرۇششېۋ يىغىندا : < ژۇكوۋ مەسىلىسىگە مۇئامىلە قىلىشتا چوقۇم تەدبىر قوللىنىش كېرەك ، پارتىيىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلىمىغان ھەر قانداق ئادەمنى ئۇنىڭ قانچىلىك چوڭ تۆھپىسى بولسىمۇ كەچۈرۈشكە بولمايدۇ> دېدى ، ئاخىردا ژۇكوۋنىڭ بارلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى .
سوۋېت كومپارتىيىسى ئومومى يىغىنى ماقۇللىغان قاراردا ژۇكوۋنىڭ بىر قانچە جىنايىتى كۆرسىتىلگەن ، يەنى : بىرىنچى ، سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك پرىنسىپلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان ؛ ئىككىنچى ، ئارمىيە ئىچىدە شەخىسكە چوقۇنۇشنى يولغا قويغان ؛ ئۈچىنچى ، پارتىيىۋىلىكى ساپ ئەمەس ، پارتىيىنىڭ ئۇنىڭ تۆھپىسىگە بەرگەن باھاسىنى توغرا چۈشەنمىگەن ؛ تۆتىنچى ، سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ دېپلوماتىيە سىياسىتى ۋە دۆلەت مۇداپىئە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشنى چۈشۈنىشتە تەۋەككۇلچىلىك خاھىشى ئېغىر . ئۇنىڭدىن باشقا ، ژۇكوۋ : <مېنىڭ بۇيرۇقۇمسىز ئارمىيىدىكى بىرمۇ ئەسكەرنى مىدىرلىتىشقا بولمايدۇ> دېگەن . بۇ ئۇنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى پارتىيە رەھبەرلىكىدىن ئۈستۈن قويغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ، دىيىلگەن .
شۇنىڭدىن كېيىن ژۇكوۋ ئۆيىدە بىكار ئولتۇرغان . 1964 - يىلى برېژنىۋ خرۇششېۋنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىنمۇ ، ئۇنى ئىشلەتمىگەن . ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىنى ئىنتايىن غېرىپلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن . 1995 - يىلى مايغا كەلگەندە روسىيە فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇش غەلبىسىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىگەندە ، ژۇكوۋنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ، ئۇنىڭ مىس ھەيكىلى موسكۋا قىزىل مەيدانغا ئورنىتىلغان .
<كونا خەۋەرلەر گېزىتى> دىن ئىلمىرە ھۈسەنجان تەرجىمە قىلغان .
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ 2009 - يىللىق 15 -ماي سانىدىن ئىلىندى .
يوللىغۇچىدىن :
ژۇكوۋ 1896 - يىلى 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تۇغۇلۇپ 1974 - يىلى 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى 78 يىشىدا ۋاپات بولغان .
تىرىكىدە پۇتلاپ ئۆلگەندە ماختاپ قويۇش دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە مودا بولسا كېرەك؟ ئۆلگەن ئەدەمنىڭ كەينىدىن يامان گىپىنى قىلسا بولمايدۇ. شۇڭا ماختاپ قۇيۇش كېرەك ژۇكۇۋ ياخشى يولداش ئىدى...
« ھەربىي ئەۋلىيا » خەنزۇچىدىكى « 战争天才 » دېگەن گەپ شۇمۇ . ئۇيغۇرچىدا بۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ئاتالغۇ يوقكەن . بىرنى تاپساق بولاتتى . بۇ نام ئۇرۇش قىلىش جەھەتتە تۆھپىسى پەۋقۇللادە بولغانلارغا بېرىلىدىكەن .
بۇ رۇسلارنىڭ خاراكتېرى!!!!!!!!!!!!!!! سىياسى دىگەنشۇنداق نەرسىكەن بىركۇنى ھۇقۇ تۇسسا يەنە بىركۇندە تۇيۇقسىزلا ھۇقۇقىدىن قالىدىكەن پادىشاھ ئالماشقاندىن كىيىن ۋەزىرلەرمۇ بىر-بىرلەپ ئالمىشىدۇ. مىنىڭ غېنى باتۇرۇم باش سۈرتىمدە كۈرۈنمەيدا ئەجەپ{:87:}{:87:}{:87:} ئىشلىتىشكە بولىدۇ،ئىشىنىشكە بولمايدۇ دىگەن شۇكەندە.