مەۋھۇم ئوپتىك دىسكا دىتالى ئارقىلىق قوزغىتىش دىگەن 3
<div class=tpc_content id=read_tpc>مەن مەن يېقىندا ۋىستا نى چۇشۇرگەن ئىدىم. لىكىن چۇشەندۇرۇشىدە <<بۇنى چۈشۈرۈپ بولۇپ مەۋھۇم ئوپتىك دىسكا دىتالى ئارقىلىق قوزغىتىپ قاچىلىسىڭىزلا بولىدۇ.>> دەپتۇ. مەۋھۇم ئوپتىك دىسكا دىتالى ئارقىلىق قوزغىتىش دىگەن نىمە؟ بۇ توغىرلىق ھېچنىمە بىلمەيدىكەنمەن. ئىزدىنىشتىكى بىلىدىغانلار ماڭا ياردەم بەرسەڭلار ؟؟
</div>
ۋىستانى DVD ئوپتىك دېسكىدا تۇرۇپ قاچىلاش كېرەك ، سىز توردىن ئۇنى قاتتىق دېسكىڭىزغا چۈشۈردىڭىز ، ئۇنداق بولغانىكەن ئوپتىك دېسكىغا ئويۇپ قاچىلايسىز ، ئەلۋەتتە بۇ بەكمۇ ئاۋارىچىلىق ، مەۋھۇم ئوپتىك دېسكا دەل مۇشۇ ئاۋارىچىلىقنى ھەل قىلىدىغان تېخنىكا .
دىن 虚拟光区 绿色版 دەپ ئىزدەپ ، خالىغان بىرىنى چۈشۈرۈپ ، قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ، مېنىڭ كومپيوتېرىمنى ئاچسىڭىز بىر ئوپتىك دېسكىنىڭ بەلگىسى ئارتۇق كۆرۈنىدۇ ، بۇ سىزنىڭ مەۋھۇم ئوپتىك دېسكىڭىز ، چوپ كىچىكلىگى ئادەتتىكى نۇر دېسكا بىلەن ئوخشاش ، سىز توردىن چۈشۈرگەن قاچىلاش پروگراممىسىنى مۇشۇ مەۋھۇم دېسكىغا قاچىلىغاندىن كېيىن ، قاچىلاش مەشغۇلاتىنى باشلىسڭىز بولىدۇ .
بىر قانچىنى چۇشۇردۇم. قاچىلىدىم. لىكىن دىسكا رايۇنى پەيدا بولمىدى، چۇشۇرۇپ پىرىستىن يەشسەم رايۇن قۇشۇڭ دىگەندەك گەپلەر. قاچىلايدىغان گەپ چىقمىدى
daemon tools ئەڭ ياخشى دىتال.قاچىلاپ بولۇپ، كومپىيوتېرنى قايتا قوزغاتسىڭىزلا يېڭى مەۋھۇم دىسكا رايونى چىقىدۇ..ۋەزىپە ستونىنىڭ ئوڭ بۇلۇڭىغا قارىسىڭىز دىتال بەلگىسى بار،مەۋھۇم دىسكا ھۈججىتىنى ئەكىرسىڭىزلا بولدى دىگەن گەپ.
http://duote.com/soft/1313.html
رەخمەت . شۇنداق قىلىپ قاچىلىۋالدىم. بۇ ئىنكاسىنى ۋىستادا يازدىم. ھەممەيلەنگە رەھمەت. قارىغاندا ئىزدىنىشمۇ ياخشى تۇزۇلۇپ كىتىپتۇ.