Patigul يوللانغان ۋاقتى 2009-5-3 23:51:13

ھۆسىن تۈزەشتىكى 10خىل خاتا قاراش

ھۆسىن تۈزەشتىكى 10خىل خاتا قاراش


ئىھتىمال سىز ھۆسىن تۈزەشكە ئائىت خىلمۇخىل پىرىنسىپلارنى ئاڭلىغانسىز .ئەمما سىز ئىشىلىتىپ كىلۋاتقان بۇ پىرىنسىلارنىڭ كۈپۈنچىسى يالغان گەپ بۇلشى مۈمكىن .ئۇنداقتا مۇتخەسىسىلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ باقايلى.
1.كۈندە سەككىز ئىستاكان سوۋوتولغان قايناقسۇ ئىچىپ بەرسە،تېرە قۇرغاقلاشمايدۇ.
مۇتەخەسىسىلەرنىڭ پىكرى:سۇنى كۆپ ئىچىش ئادەم بەدنىنىڭ ماددا ئالمىشىش ۋە زەھەرلىك ماددىلارنى سىرىتقا چىقىرۋىتىشكە ئىنتايىن پايدىلىق.لىكىن،تىرە سۇنى بىۋاستە سۈمرەلمەيدۇ.شۇڭلاشقا ئىشەنچىلىك،سۈپەتلىك تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىننىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق تېرنىڭ سۇ ۋە ئۇزۇقلۇقلارنى سۈمۈرىشگە ياردەم بىرىپ،يۈز تىرىسىنىڭ نەم،پارقىراقلىقىنى ساقلاش كىرەك.
2.كىچىك باللارنىڭ تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى ئوخشاشلا چوڭلارنىڭ تېرسىنى ئاسرىيالايدۇ ھەمدە چوڭلارنىڭ تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنىڭ تېرىگە بولغان ئەكىس تەسىرىنى ئازايتىدۇ.
مۇتەخەسىسىلەرنىڭ پىكرى: باللار يۈز مىيىنىڭ ھەقىقەتەن تېرنى غىدىقلاش تەسىرى يوق.لىكى،سىزنىڭ تىرىڭىزگە ھىچقانداق پايدىسمۇ يوق.چۈنكى كىچىك باللار بىلەن چوڭلارنىڭ تېرسىدە چوڭ پەرق بار.كىچىك بالنىڭ تىرىسدە تېرىگە كېرەكلىك ھەرخىل ئوزوقلوق مول بۇلدۇ.لىكىن چوڭلارنىڭ تىرىسى ياشنىڭ چوڭيىشغا ئەگىشىپ ئىېھتىياجلىق ئوزوقلۇقلارنى تۇلۇقلاشقا مۇھتاج بۇلدۇ.
3.ھەر قانداق ئەتىر سۇپۇن بىلەن يۈزنى يۇيغاندا تېرىگە تەسىر قىلدۇ.
مۇتەخەسىسىلەرنىڭ پىكرى: ھازىرقى ئەتىر سۇپۇنلارنىڭ تۈرى كۆپ .ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تىرىنىڭ نەملىكىنى ساقلاش رۇلى بار،بۇرۇنقى ئىشقارلىق ئەتىر سۇپۇنلاردەك تېرنى قۇرغاقلاشتۇرۋەتمەيدۇ.خاراكتىرى مۆتىدىل بۇلۇپ،سەزگۇر تېرىلەرگە ئىشىلتىشكىمۇ بۇلدۇ.
4.بىر يۈرۈش تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلەتسە ،ئۈنۈمى ياخشى بۇلدۇ.
مۇتەخەسىسىلەرنىڭ پىكرى:ئۈزىڭىزگە قايسى خىلىدىكى تېرە ئاسراش بۇيۇمى ماس كەلسە ھەمدە ئۈزىڭىز قايسىسىنى ياخشى دەپ قارىسىڭىز شۇنى ئىشلەتسىڭىز بۇلدۇ.
5.تېرە كېپەكلىشىپ سويۇلۇپ چۈشسە.تېرنىڭ بەك قۇرغاقلىشىپ كەتكەنلىكنى بىلدۇردۇ.
مۇتەخەسىسىلەرنىڭ پىكرى: تىرىسى مايلىق ئادەملەر تېرنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ يۇيۋەتسە ياكى تۈك تۆشۆكىچىلىرىنى كىچىكلىتىش سۈيى ئىشلەتسىمۇ،تېرە كىپەكلىشىش ياكى تېرە سويۇلۇش ھادىسى كۈرلىدۇ.بۇ خىل ئەھۋال كۈرۈلگەندە ئەڭ ياخشىسى دۇختۇرغا كۈرنىش كىرەك.
6.كۆز ئاسراش مىيىنى 30 ياشتىن ئاشقاندا ئىشىلىتىش كىرەك.
مۇتەخەسىسىلەرنىڭ پىكرى:كۆز ئاسراش مىيىنى 20 ياشتىن  باشلاپلا ئىشىلتىش كىرەك.چۈنكى،كۆز ئەتراپىدىكى تېرە ئىتايىن نىپىز  بۇلغاچقا ئاسانلا قوروق چۈشىدۇ.شۇنداقلا ماي مىقتارى ئىنتايىن تۈۋەن بۇلۇپ .ئوڭاي قورغاقلىشىدۇ.
7.قورۇققا قارشى تۇرۇش مايلىرى قورۇق يوقتىدۇ.
مۇتەخەسىسىلەرنىڭ پىكرى:قورۇققا قارشى تۇرۇش مايلىرى پەقەت تىرنىڭ نەملىكىنى ساقلاپ،تېرنى ئاسرايدۇ.قىرىشنى كېچىكتۇردۇ.ھەمدە تىرنى قۇرغاقلىشىشتىن ۋە ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ تەسىرىدىن ساقلايدۇ.لىكن،تېردىكى قورۇقنى يۇقتالمايدۇ.
8.ھەددىدىن زىيادە سەزگۇر تېرىلەرگە تەبئىي تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى ئەڭ ماس كىلدۇ.
مۇتەخەسىسىلەرنىڭ پىكرى: ناۋادا سىزنىڭ تېرىڭىز گىرىم بۇيۇملىرى زاۋۇتلىرى ھەر خىل خىميەلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق تەڭشەپ ياسىغان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىغا سەزگۇر بۇلسا ،ئۈسۈملۈك ماتىريال قىلنىپ ياسالغانتېرە ئاسراش بۇيۇملىرىغىمۇ ئوخشاشلا سەزگۇر كىلدۇ.
9.ئاپتاپتىن ساقلىنىش مايلىرىنى ئىشلەتكەندە تېرە ئاپتاپتا كۆيمەيدۇ.
مۇتەخەسىسىلەرنىڭ پىكرى: ئاپتاپتىن ساقلىنىش مايلىرىنىڭ رۇلى ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر تالالىرنى سۈمۈرۈش ۋە تارقىتىش  ئارقىلىق ئۇنىڭ تېرىگە  بۇلغان زىيىنىنى ئازايتىش،قارا پىگمىتنىتنىڭ شەكلىنىشنى ئازايتىشتىن ئىبارەت..شۇڭا ئاپتاپتىن ساقلقنىش مايلىرنى سۈرۈتكەن تەقىدردىمۇ تېرە ئوخشاشلا ئاپتاپتا قاردايدۇ.
10.يۈزدىكى بارلىق تېرە كىسەللىكلىرىنى ھۆسىن تۈزەش ئۇرۇنلىردا داۋالىغىلى بۇلدۇ.
مۇتەخەسىسىلەرنىڭ پىكرى:ھۆسىن تۈزەش ئۇرۇنلىرى سىزنىڭ تېرىڭىزدىكى ھەرقانداق كىسەللىكنى داۋالاشقا قادىر ئەمەس.چۈنكى،ھۆسىن تۈزەش ئۇرۇنلىرى دوختۇرخانا بۇلمىغاچقا ،بەزىتېرە كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بۇلغاندا يەنلا تېرە كىسەللىكلىرى بۆلۈمىگە بېرىش كېرەك.

LIMON0991 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 10:34:41

ئاياللانىڭ  ئەڭ  ياخشى ھۆسۇن تۇزەش ئۇسسۇلى  يەنىلا مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش. ئورۇقلاش ،ئاچچىق يىمەكلىككە ھەددىدىن ئارتۇق ئامراق بولۇش تىرە ئۇچۇن پايدىسىز.يىتەرلىك  ئۇخلاشمۇ تىرىگە پايدىلىق.
بەت: [1]
: ھۆسىن تۈزەشتىكى 10خىل خاتا قاراش