alshir يوللانغان ۋاقتى 2009-4-25 18:15:08

Word تېخنىكىسى

سىز ھەمىشەم يېزىق تەھرىرلەش داۋامىدا ئوخشاش سۆز-جۈملىلەرنى كۆچۈرۈپ چاپلاشنى ياخشى كۆرەمسىز؟ شۇنداقلا Word تىكى فورمات كۆچۈرۈش چوتكىسى (格式刷) نى داۋاملىق ئىشلىتىپ مەلۈم ئورۇندىكى يېزىقلارنىڭ خەت نۇسخىسى، خەت نومۇرى ۋە رەڭگى، ئابزاس خاسلىقى قاتارلىقلارنى يەنە بىر ئورۇندىكى يېزىق ئۈستىگە كۆچۈرەمسىز. شۇنداقلا سىز ھۆججەتكە قىستۇرۇلغان تېكست رامكىسى ۋە باشقا شەكىللەرنىڭ تۈرلۈك خاسلىقلىرىنى مۇشۇنداق ئۇسۇلدا كۆچۈرۈشنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۇنداق بولسا خاسلىقىنى كۆچۈرمەكچى بولغان يېزىق ياكى شەكىل، رەسىمنى تاللىغاندىن كېيىن دەرھال Ctrl + Shift + C  نى بېسىڭ، ئاندىن شۇخىل خاسلىققا ئىگە قىلماقچى بولغان تېكىست، شەكىل ۋە سۈرەتلەرنى تاللاپ Ctrl + Shift + V نى بېسىڭ قانداق ياخشىمىكەن بۇخىل ئۇسۇلدا كۆچۈرگەن خاسلىق Ctrl + C نىڭ ئىشلىتىلىشى بىلەن ھەرگىز يوقاپ كەتمەيدۇ.

كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق بۆلەك بەلگىلەش:

* كۇنۇپكا تاختىسىدىن Shift كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ نۇر بەلگىسىنى ئوڭ-سول ياكى يۇقۇرى-تۆۋەن يۆتكەش ئارقىلىق بىر ھەرىپ بەلگە ياكى بىر قۇردىن بۆلەك تاللىغىلى بولىدۇ.

* كۇنۇپكا تاختىسىدىن Shift كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ Home كۇنۇپكىسىنى بېسىپ نۇربەلگسى تۇرغان ئورۇندىن قۇر بېشىغىچە، End كۇنۇپكىسىنى بېسىپ نۇر بەلگىسى تۇرغان ئورۇندىن قۇر ئاخىرىغىچە بۆلەك بەلگىلەشكە بولىدۇ.

* كۇنۇپكا تاختىسىدىن Shift كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ PageUp ، PageDown كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق بىر ئېكران يۇقۇرىغا ياكى تۆۋەنگە بۆلەك تاللاشقا بولىدۇ.

* كۇنۇپكا تاختىسىدىن+ Ctrl Shift كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ، نۇر بەلگىسىنى ئوڭ-سول ياكى يۇقۇرى-تۆۋەن يۆتكەش ئارقىلىق بىر سۆز ياكى بىر ئابزاسنى بۆلەك قىلىپ تاللىغىلى بولىدۇ.

* كۇنۇپكا تاختىسىدىن Shift كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ مائۇس سىتىرىلكىسىنى مەلۇم ئورۇنغا ئۇدۇللاپ مائۇس سول كۇنۇپكىسى بېسىلسا نۇر بەلگىسى تۇرغان ئورۇندىن چېكىلگەن ئورۇنغىچە بولغان مەزمۇننى بۆلەك قىلىپ تاللاش بولىدۇ.

* كۇنۇپكا تاختىسىدىن Alt كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ مائۇس سول كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قويىۋەتمەي سۆرەش ئارقىلىق تىك تۆت تەرەپلىك شەكلىدىكى مەزمۇننى بۆلەك قىلىپ تاللاشقا بولىدۇ.

* كۇنۇپكا تاختىسىدىن F8 كۇنۇپكىسىنى بىر قېتىم بېسىش ئارقىلىق نۇر بەلگىسى تۇرغان ئورۇننى بۆلەكنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىپ نۇر بەلگىسىنى يۆتكەش ياكى مائۇس ئاخىرقى نۇقتىغا چېكىش ئارقىلىق ئىككى نۇقتا ئارىسىدىكى مەزمۇننى بۆلەك قىلىپ تاللىغىلى بولىدۇ. F8 كۇنۇپكىسىنى ئىككى قېتىم بېسىش ئارقىلىق نۇر بەلگىسى تۇرغان ئورۇندىكى بىر سۆزنى تاللىۋېلىشقا بولىدۇ (مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسىنى قوش چەككەن بىلەن باراۋەر)، F8 كۇنۇپكىسىنى ئۇچ قېتىم بېسىش ئارقىلىق بىز ئابزاسنى بۆلەك قىلىپ تاللىۋېلىشقا بولىدۇ (مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسىنى ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ چەككەنگە باراۋەر).

* كۇنۇپكا تاختىسىدىن Ctrl + A كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق پۈتكۈل ماقالىنى تاللاشقا بولىدۇ.

بۇ ئۇسۇللارنى توربەتلەردە ۋە يەنە باشقا يېزىق بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتاللىرىدىمۇ سىناپ بېقىشقا بولىدۇ.

كۆچۈرۈش(复制):

Word مۇھىتىدا بۆلەك قىلىپ تاللانغانلىكى ئوبىكىتلارنى (يېزىق، شەكىل رەسىم، يېزىق رامكىسى) شۇنداقلا يەنە ئوبىكىتلارنىڭ خاسلىقلىرىنى كۆچۈرۈشكە بولىدۇ.

* ئوبىكىتنىڭ ئۆزىنى كۆچۈرۈشتە مائۇس ئارقىلىق قوراللار سىتونىدىكى كۆچۈرۈش كۇنۇپكىسىنى چەكسە ياكى كۇنۇپكا تاختىسىدىن Ctrl + C كۇنۇپكىسىنى بېسشقا بولىدۇ.

* ئوبىكىتنىڭ خاسلىقىنى (يەنى خەتنىڭ نۇسخىسى، چوڭلىقى، رەڭگى، ئابزاس بەلگىلىمىلىرى، شەكىل، رەسىملەرنىڭ رەڭ، گىرۋەك ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلار) كۆچۈرۈشتە كۇنۇپكا تاختىسىدىن Ctrl + Shift + C نى بېسىپ كۆچۈرىۋېلىشقا بولىدۇ.

چاپلاش (粘贴):

* تاللاپ كۆچۈرىۋالغان ئوبىكىتلارنى چاپلىغاندا قوراللار سىتونىدىكى چاپلاش كۇنۇپكىسىنى چەكسە ياكى كۇنۇپكا تاختىسىدىن Ctrl+V نى بېسىشقا بولىدۇ.

* ئوبىكىتلارنىڭ خاسلىقىنى چاپلاشتا ئالدى بىلەن نىشان ئوبىكىتنى تاللاپ بۆلەك بەلگىلىۋالغاندىن كېيىن كۇنۇپكا تاختىسىدىن Cttrl+Sift+V نى بېسىپ تاللىۋالغان ئوبىكىتنىڭ خاسلىقلىرىنى ئالدىنقىسى بىلەن ئوخشاش قىلىشقا بولدۇ.

* كۆچۈرۈپ ئالغان يېزىق مەزمۇنىنى چاپلاشتا 编辑选择性粘贴 نى تاللاپ رەسىم شەكلىدە چاپلاش (图片) نى تاللىغاندىن كېيىن مۇقىملاشتۇرۇشنى باسساق كۆچۈرىۋالغان يېزىق مەزمۇنى رەسىم ھالىتىدە چاپلىنىدۇ.

* تور بەتتىن كۆچۈرگەن مەزمۇنلارنى بىۋاستە Word قا چاپلىغاندا بىر ئازغىچە ساختا قېتىۋېلىش يۈز بېرىدۇ شۇنداقلا بەت ياساشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ، بۇ چاغدا بىۋاستە چاپلىماي编辑选择性粘贴 نى تاللاپ يەنە ئۇنىڭ ئىچىدىكى Unicod ياكى ساپ تېكىست دىگەن تۈرلەرنى تاللاپ چاپلىساق تېزلا چاپلاش مەقسىدىگە يېتەلەيمىز.

نۇر بەلگىسىنى يۆتكەش (移动光标):

* كۇنۇپكا تاختىسىدىن  Ctrl كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ نۇر بەلگىسىنى ئوڭ-سولغا ياكى يۇقۇرى تۆۋەن يۆتكىگەندە نۇربەلگىسىنى ئوڭ-سولغا بىر سۆز ياكى يۇقۇرى-تۆۋەن بىر ئابزاس يۆتكەشكە بولىدۇ.

* كۇنۇپكا تاختىسىدىن Ctrl كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ Home كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق نۇر بەلگىسىنى ھۆججەتنىڭ ئەڭ بېشىغا End كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق نۇر بەلگىسىنى ھۆججەتنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا ئاپىرىشقا بولىدۇ.

*word ھۆججىتىنى ئاچقاندىن كىيىن ئەگەر Shift+F5 كونۇپكىسىنى باسسىڭىز نۇر بەلگىنىڭ تىز سۈرئەتتە ئالدىنقى قىتىم تەھرىرلىگەن ئورۇنغابارىدۇ. ئەمەلىيەتتە Shift+F5 كونۇپكىسى ئارقىلىق نۇر بەلگىنى ئىلگىرىكى ئۈچ قىتىملىق تەھرىرلەش نۇقتىسىغا ئاپىرىشقا بولىدۇ.

نۆۋەتتىكى ۋاقىت ۋە چىسلانى تىز قىستۇرۇش

* بىز مەلۇم بىر ماقالە ياكى ھۆججەتنى تەھرىرلەش جەريانىدا نۆۋەتتىكى ۋاقىت ياكى چىسلانى قىستۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ ، بۇنى تىزىملىك سىتونىدىن قىلىشقىمۇ بولىدۇ ، بىراق Alt+Shift+D ۋە Alt+Shift+T كونۇپكىلىرىدىن پايدىلانسىڭىز سۈرئەت تېخىمۇ تىز بولىدۇ ئەلۋەتتە

جەدۋەل تىمىسىنى ھەممە بەتنىڭ چوققىسىغا چىقىرىش

* جەدۋەلنىڭ ئاساسلىق تىمىسىنى تاللاپ (چوقۇم جەدۋەل بولۇشى كېرەك) 表格 (جەدۋەل) تىزىملىكىدىن 标题行重复 (تېمىنى تەكرارلاش)نى تاللانسا ھەممە بەتتىكى جەدۋەلنىڭ تېمىسى ئوخشاش بولىدۇ. ئالدىنقى شەرت : چوقۇم ئاپتوماتىك بەتكە ئايرىلغان بولۇشى كىرەك .(قىستۇرغان جەدىۋەل بىرىنجى بەتكە پاتماي ئىككىنجى بەتكە ئۆتۈپ كەتكەن ئەھۋالدا)

جەدىۋەلنى ئىككىگە پارچىلاش:

* ئاۋال نۇر بەلگىنى جەدىۋەل قىلماقچى بولغان ئىككىنجى ئورۇنغا يۆتكەپ، ئاندىن Ctrl + Shift + Enter نى باسساق ، جەدىۋەلنىڭ ئايرىلغان ئورنىغا بىر بوش قۇرنى قىستۇرۇپ بىر جەدىۋەل ئىككىگە ئايرىلىدۇ

تەكرار مەزمۇننى تېزلىكتە كىرگۈزۈش

يەنىمۇ كۆپ مەزمۇننى كۆرمەكچى بولىسڭىز ئەسلى ئادرىس قا كىرىڭ:

http://alshir.blogbus.com

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2009-4-26 00:40:11

ئەلشىر ئەپەندى.

خەنزۇچە رەسىم ھالىتىدە ساقلانغان خەتنى ۋورد خېتىگە ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلىنىمۇ  دەپ بەرسىڭىز.

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2009-4-26 01:48:39

رەھمەت.

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2009-4-26 02:23:30

ماڭا ئوخشاش كومپىيۇتېرنى يېڭى ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ياخشى ساۋاتلار ئىكەن.رەخمەت!

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2009-4-26 08:34:08

qutluq:

ئەلشىر ئەپەندى.

خەنزۇچە رەسىم ھالىتىدە ساقلانغان خەتنى ۋورد خېتىگە ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلىنىمۇ  دەپ بەرسىڭىز.

ماۋۇ گەپنى چۈشەنمىدىم. خەنزۇچە رەسم ھالىتىدە ساقلانغان  خەت. ئۇيغۇرچە رەسىم ھالىتىدە ساقلانغان خەت، تۇڭگانچە رەسىم ھالىتىدە ساقلانغان خەت .... دىگەندەك چۈشىنىۋېلىۋاتىمەن.

توغىرسى :  رەسىم ھالىتىدا ساقلانغان خەنزۇچە خەتنى Word خېتىگە ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلىنىمۇ دەپ بەرسىڭىز؟؟؟؟ بۇلىشى كىرەكمۇ قانداق؟ قۇتلۇق ئەپەندىم..

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2009-4-26 18:40:49

سىز دېگەندەك يېزىلسا ئۇقۇم تېخىمۇ ئېنىق بولغۇدەك. رەھمەت مەھمۇت ئەپەندى.

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2009-4-26 19:13:29

تۈزۈت قىلماڭ قۇتلۇق ئەپەندى. خاتالاشمايدىغان ئادەم يوق. بۇنىڭدىن كىيىن دىققەت قىلارسىز..

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2009-4-26 19:36:59

ئۇسۇلنى دەپ بەرسەڭلا تۈگىمىدىمۇ

OCR دىتاللىرىنىڭ گىپى بولسا كېرەك

بۇنداق دىتالنىڭ نۇرغۇنلىرى ھەقلىق.توردىن ئىزدەپ باقسا چۇۋىۋەتكەن نۇسخىلىرىنىمۇ تاپقىلى بولىدۇ.جۇڭگو ئەمەسمۇ.

سىناپ بېقىپ بىرنى يوللاپ بېرەي دىسەم، بۇرۇن سىناپ بېقىپ تۇنۇتقان نەرسەم قالايماقان ھەرىپلەر چىقىۋېلىپ بولمىغان.

بەيدۇ غا كىرىپ 图片 变 WORD دەمىسز ياكى OCR دەپ كىرگۈزەمىسز.بىرمۇنچىنى تېپىپ بېرىدۇ.شۇنىڭ ئارىسىدىن ئالدىرىماي تاللارسىز

ahkar يوللانغان ۋاقتى 2009-4-27 09:28:45

تۆۋەندە سىلەرگە pdfھۆججىتىنى قانداق قىلىپ wordھۆججىتىگگە ئايلاندۇرۇشنى تونۇشتۇراي.. يوقاردىكى دوستىمىز سورىغان رەسىم ھالىتىدە ساقلانغان خەت ھۆججەتلەرنىمۇ مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق تەھرىرىلىگىلى بۇلىدىغان ھۆججەتلەرگە ئايلاندۇرغىلى بۇلىدۇ..لىكىن بىر مەسلە ئۇيغۇرچە pdfنى ئايلاندۇرغان چاغدا دائىم قالايمىقان بەلگىلەرگە ئۆزگىرىپ كىتىدىكەن..باشقا تىللار ھەر ھالدا بۇلىدۇ..لازىم بولسا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ باقساڭلار بۇلىدۇ...

1、实现工具:Office 2003中自带的Microsoft Office Document Imaging

应用情景:目前国外很多软件的支持信息都使用PDF方式进行发布,如果没有Adobe Reader,无法查看其内容,如果没有相关的编辑软件又无法编辑PDF文件。转换为DOC格式则可以实现编辑功能。尽管有些软件也可以完成PDF转换为DOC的工作,但很多都不支持中文,我们利用Office 2003中的Microsoft Office Document Imaging组件来实现这一要求最为方便。

使用方法:

第一步:首先使用Adobe Reader打开待转换的PDF文件,接下来选择“文件→打印”菜单,在打开的“打印”设置窗口中将“打印机”栏中的“名称”设置为“Microsoft Office Document Image Writer”,确认后将该PDF文件输出为MDI格式的虚拟打印文件。

编辑提示:如果你在“名称”设置的下拉列表中没有找到“Microsoft Office Document Image Writer”项,那证明你在安装Office 2003的时候没有安装该组件,请使用Office 2003安装光盘中的“添加/删除组件”更新安装该组件。

第二步:运行Microsoft Office Document Imaging,并利用它来打开刚才保存的MDI文件,选择“工具→将文本发送到Word”菜单,并在弹出的窗口中勾选“在输出时保持图片版式不变”,确认后系统提示“必须在执行此操作前重新运行OCR。这可能需要一些时间”,不管它,确认即可。

编辑提示:目前,包括此工具在内的所有软件对PDF转DOC的识别率都不是特别完美,而且转换后会丢失原来的排版格式,所以大家在转换后还需要手工对其进行后期排版和校对工作。

2、实现工具:Solid Converter PDF

应用情景:利用Office 2003中的Microsoft Office Document Imaging组件来实现PDF转Word文档在一定程度上的确可以实现PDF文档到Word文档的转换,但是对于很多“不规则”的PDF文档来说,利用上面的方法转换出来的Word文档中常常是乱码一片。为了恢复PDF的原貌,推荐的这种软件可以很好地实现版式的完全保留,无需调整,而且可以调整成需要的样板形式。

使用方法:

1、下载安装文件Solid Converter PDF,点击安装。

编辑提示:安装前有个下载安装插件的过程,因此需要保证网络连接通畅。

2、运行软件,按工具栏要求选择需要转换的PDF文档,点击右下的“转换”(Convert)按扭,选择自己需要的版式,根据提示完成转换。

via

新增方法:(来自善用佳软

方法1:通过Gmail邮箱转换

恭喜Gmail用户。把pdf发到Gmail信箱,在附件一侧,就有”以HTML格式查看”链接。如果你一定需要doc格式,复制html的内容吧。
pdf2doc-gmail
优点:速度快、可信、很多人已经有Gmail信箱(没有?注册一个吧);各种语言编码的文字都应该可以转换
缺点:pdf中的图片好象有问题

方法2:pdfundo.net在线转换

在线的<a onclick=\"javascript:pageTracker._trackPageview ('/outbound/pdfundo.net');\" href=\"http://pdfundo.net/convert/Default.aspx\">http://pdfundo.net(名称很有意思),可以上传pdf文档,30秒-几分钟即可转换为doc,并给出下载链接。它也有相应的客户端软件。
pdf2word

优点:免费、在线、直接生成doc
缺点:试转了一份台湾朋友制作的pdf(原始文件也根本不是word,繁体中文),发现很多汉字无法显示。

方法3:共享软件 e-PDF To Word Converter

善用佳软很少有pdf2doc需求,并没用过<a onclick=\"javascript:pageTracker._trackPageview ('/outbound/www.e-pdfconverter.com');\" href=\"http://www.e-pdfconverter.com/pdf-to-word/index.html\">e-PDF To Word Converter。小众软件《<a onclick=\"javascript:pageTracker._trackPageview ('/outbound/www.appinn.com');\" href=\"http://www.appinn.com/e-pdf/\">e-PDF - PDF 转换 Word 文档》称 “e-PDF 可以把 PDF 文件比较完美的转换成 Word 文档,我用104页的 PDF 做了测试,除了少数地方,其余都属于完美转换了。”

网上其他介绍:
e-PDF To Word Converter 是一款将AdobePDF文档转换成 Word 文档的工具软件,它支持文字,图像及其它内容的输出。这款软件可以脱离 Microsoft Word,Adobe Acrobat 或 Acrobat Reader 独立运行。完美的中文支持和原始版面转换,基本做到了百分百的原汁原味……
目前唯一发现的不足,数字会被转换成全角数字,不知道可否在word中批量把数字换回半角,另外有些文字大小会小一号。试用了超多的PDF转Word工具了,应该说这个是所见过版面保留最好的了,虽然还是有点缺憾。

优点:见上
缺点:不免费,USD35
\"e-PDF

除了以上方法外,还有不少专门的转换工具,请自行搜索。

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2009-4-27 15:29:40

ماڭا بەك لازىم بىلىمكەن. ئاۋۇ چۈشەندۈرۈشلەر ئارىسىغا ئۇيغۇرچىسىنىمۇ قوشۇپ قويساڭلار. بۇنىڭغا يەنە بىرەيلەننى ئوقۇپ بېرىشكە چاقىرمەيلى، يەنە.

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2009-4-27 18:02:55

qutluq:
ماڭا بەك لازىم بىلىمكەن. ئاۋۇ چۈشەندۈرۈشلەر ئارىسىغا ئۇيغۇرچىسىنىمۇ قوشۇپ قويساڭلار. بۇنىڭغا يەنە بىرەيلەننى ئوقۇپ بېرىشكە چاقىرمەيلى، يەنە.[/quote]

يېقىندىن بۇيان ئىنكاسلىرىڭىزدا خاتالىق كۆپ كۈرۈلىۋاتىدۇ. دىققەت قىلغان بولسىڭىز قۇتلۇق ئەپەندى ، ئانا تىلىمىزغا ھۆرمەت قىلايلى

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2009-4-27 21:23:56

كولدۇر-كولدۇر...

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2009-4-27 22:28:17

قۇتلۇق ئەپەندىگە گەپ قىلغىلى بولماس قىلىۋەتمەڭلار يولداشلار مىنى. نىمىلا قىلمىغان بىلەن قۇتلۇق بىلەن بىر كامىردا ياتقان كونا چۆپقەتلەردىن مەن.  ئانچە مۇنچە خاتالىقلىرىمىز بولسا تۈزىتىشىپ كىتىۋاتىمىز.. بۇرۇنقى ئەسكى قۇتلۇقمۇ ئەمەسقۇ ئۇ ھازىر. ئادەم دىگەن ھامىنى ئۆزگىرىدۇ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2009-4-27 22:35:48

قۇتلۇق ئەپەندىنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بەرگىنىڭىزغۇ ياخشى ئىش ، ئەمما ، بىراق ، لېكىن ، شۇغىنىسى سىزنىڭكىدىمۇ خاتالىق يوق ئەمەس مەھموت ئەپەندى .

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2009-4-28 09:58:24

مىنىڭ خاتا كەتكەن يىرىنى دەڭە بىر قېنى. مەنمۇ تۈزىتىۋالاي .. بىراق ئاينا دەپ ئولتاماي.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2009-4-28 12:44:35

Mehmut:
qutluq:

ئەلشىر ئەپەندى.

خەنزۇچە رەسىم ھالىتىدە ساقلانغان خەتنى ۋورد خېتىگە ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلىنىمۇ  دەپ بەرسىڭىز.

ماۋۇ گەپنى چۈشەنمىدىم. خەنزۇچە رەسم ھالىتىدە ساقلانغان  خەت. ئۇيغۇرچە رەسىم ھالىتىدە ساقلانغان خەت، تۇڭگانچە رەسىم ھالىتىدە ساقلانغان خەت .... دىگەندەك چۈشىنىۋېلىۋاتىمەن.

توغىرسى :  رەسىم ھالىتىدا ساقلانغان خەنزۇچە خەتنى Word خېتىگە ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلىنىمۇ دەپ بەرسىڭىز؟؟؟؟ بۇلىشى كىرەكمۇ قانداق؟ قۇتلۇق ئەپەندىم..

توغىرسى ئەمەس ، توغرىسى دىيىشىڭىز ، كىرەك ئەمەس ، كېرەك دىيىشىڭىز كېرەكتى مەھموت ئەپەندى.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2009-4-28 12:48:29

Mehmut:

qutluq:
ماڭا بەك لازىم بىلىمكەن. ئاۋۇ چۈشەندۈرۈشلەر ئارىسىغا ئۇيغۇرچىسىنىمۇ قوشۇپ قويساڭلار. بۇنىڭغا يەنە بىرەيلەننى ئوقۇپ بېرىشكە چاقىرمەيلى، يەنە.[/quote]

يېقىندىن بۇيان ئىنكاسلىرىڭىزدا خاتالىق كۆپ كۈرۈلىۋاتىدۇ. دىققەت قىلغان بولسىڭىز قۇتلۇق ئەپەندى ، ئانا تىلىمىزغا ھۆرمەت قىلايلى

كۈرۈلىۋاتىدۇ ئەمەس كۆرۈلىۋاتىدۇ دىيىشىڭىز كېرەك . يەنە جۈملە ئاخىرىغا چىكىت قويۇشنى ئۇنتۇپ قاپسىز .

كەچۈرۈڭ ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويدۇم .  مەنمۇ بۇ خاتالىقلېرىڭىزنى لۇغەتكە قاراپ يۈرۈپ ئاران تەستىقتىن ئۆتكۈزدۈم .

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2009-4-28 12:53:54

ماقۇل، رەھمەت سىزگە مەن تۈزىتەي .

قۇياش ئوغلى ئەپەندىم .

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2009-4-28 23:00:02

بولدى قىلىڭلار تۇققانلار

ۋاقتىڭلار بولسا بەيدۇدىن شۇنداق دىتالنى تېپىپ ئىشلىتىلىشنى قۇتلۇق ئەپەندىگە دەپ بەرسەڭلەر،ئىملا خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بەرگىنىڭلارغا قارىغاندا كۆپ مىننەتدار بولاتتى

murad يوللانغان ۋاقتى 2009-4-28 23:21:47

http://www.xdowns.com/soft/softdown.asp?softid=39673

مۇشۇ ئادرېستىن چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭ، قۇتلۇق. بۇ دېتال كەڭ ئومۇملاشقان، ئىشلىتىش قولاي، ئۈنۈمى يۇقىرى.

بەت: [1]
: Word تېخنىكىسى