Birzat يوللانغان ۋاقتى 2009-4-21 14:58:54

قولتۇق تەرلەش ۋە سېسىق پۇراشقا مەنپەئەتلىك ئاددىي

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم :
مەن سىلىدىن قىزلارنىڭ بېشىنى قاتۇرۋاتقان بىر ئاددى ئەمما تەسىرى ياخشى ئەمەس بىر ئىش ئۇچۇن مەسلىھەت سورىماقچىتىم. ئۇ بولسىمۇ قولتۇق تەرلەش ھەم پۇراش!!بۇ قىزلاردا ئۇمۇميۇزلۇك بار بۇلۇپ ئادەمنى بەك بىئارام قىلىدىغان بىر ئىش . مۇشۇ قولتۇق تەرلەش ھەم پۇراشقا نىسبەتەن ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىدىغان ئۇنۇملۇك يەرلىك ئۇسۇل ياكى دورا بارمىدۇ؟؟غەرىپچە دورىلار دەسلەپ ئۇنۇم قىلغاندەك تۇرغان بىلەن كىيىن ئېغىرلاشتۇر ۋىتەمدۇ قانداق ئىشقىلىپ تەسىر قىلماس بۇلىدىكەن . ياز كەلدى ، ئەمدى ئادەمنىڭ قولتىقى ھۆل تۇرسا ھەم بىرخىل پۇراق چىقسا ئادەم بەك خىجىل بۇلۇپ قالىدىكەن . شۇڭا بىر ئەڭ ياخشى ئۇنۇملۇك ئۇسۇلنى تۇنۇشتۇرغان بولسىلا سىلدىن مەنلا ئەمەس بۇنى كۆرگەن ھەرقانداق قىز سىلىدىن بەك رازى بولغان بولاتتى~~~!!!

جاۋاب:  
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
بۇزۇلغان خېلىتلارنىڭ چىرىشىدىن قولتۇقتىكى تەر بەزلىرى ياللۇقلىنىپ  قولتۇق تەرلىگەندە تەر بىلەن بىللە سارغۇچ مايسىمان شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجىرىلىپ چىقىدۇ ، بۇ سۇيۇقلۇق مەلۇم مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن جاراسىم (مىكىروب ) لارنىڭ چىرىتىشى تۈپەيلىدىن سېسىق پۇرايدۇ . قولتۇق پۇراشنىڭ ئەڭ ياخشى ئالدىنى ئىلىش چارىسى قولتۇقنى پات-پات يۇيۇش، تۈكلەرنى ئېرىغداپ پاكىز تۇتۇشتىن ئبارەت .  
تۈك بەزلىرى ياللۇقى ئېغىرراق بولغاندا تېۋىپنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى خىلىتقا قارىتا كېسەللىك ماددىسىنى پۇشۇرۇش، سۈرۈپ تازىلاش دېگەندەك سىستېمىلىق داۋالاش ئۇسسۇلىنى قوللانغىلى ياخشى.

تۆۋەندىكىلەر قولتۇق تەرلەش ھەم پۇراقنى يوقۇتۇشتا ھەر كىم ئۆزى قىلىۋالالايدىغان ئاددىي رېتسىپ-كۆرسەتمىلەر بولۇپ قولايلىق بولغانلىرىدىن تاللاپ پايدىلانسا بولىدۇ.

1. قولتۇقنى سوپۇنلاپ يۇيۇپ پاكىز تۇتۇش، ئىچ كىيىملەرنى پات-پات ئالماشتۇرۇش لازىم .

2. ئانار گۈلى، سۇمبۇل، زەمچە ۋە چىغىرتماق گۈلىنى يۇمشاق سوقۇپ، قولتۇقنى سوپۇنلاپ يۇغاندىن كېيىن سېپىش كېرەك. قىزىلمۇچ، ئاچچىقسۇ،غولپىياز ،سامساق قاتارلىقلاردىن پەرھىز تۇتۇش، تاماكاچەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك .

3.  10 گىرام قىزىل گۈلنى يۇمشاق سوقۇپ، ،قولتۇققا چاپسا قولتۇق پۇراش ۋە تەرلاشكە مەنپەئەت قىلىدۇ .

4. تاۋۇزنى 30گىرام پىياز سۇيىگە چىلاپ،قولتۇققا كۈندە2-1قېتىم سۈركەپ،بىر ھەپتە داۋاملاشتۇرسا قولتۇق پۇراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ .

5. قولتۇقى سېسىق پۇرايدىغان كىشىلەر ھەر كۈنى ئەتىگىنى ۋە چۈشتە چىش پاستىسى سۈرتۇپ بەرسە ،سېسىق پۇراق ئازلايدۇ .

6. تۇخۇم شاكىلىنى قوقاستا سارغايغىچە كۆيدۈرۈپ ،ئۇپا ھالەتكە  كەلگۈچە  سوقۇپ  ،،يەرلىك ئورۇنغا چاپلىسا ،قولتۇق تەرلەشكە شىپا بولىدۇ .

7. خام زەنجىۋىل جەۋھىرىنى ھەر كۈنى قولتۇققا بىر نەچچە قېتىم سۈرتۈپ بەرسە ،قولتۇق پۇراشنى يوقاتقىلى بولىدۇ .
8. مەدەستاندىن 125گىرام ،زەمچىدىن 31گىرامنى سوقۇپ سىرىتتىن ئىشلىتىش تاكى پىشۇرۇپ يېرىم سۇۋۇتۇلغان ياڭيوغا بۇ دورىلارنى سېپىپ قولتۇققا تۇتۇش ئارقىلىق قولتۇق پۇراشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
9. شاپتۇل يۇپۇرمىقىنى ئىزىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا ،قولتۇق تەرلەشكە مەنپەئەت قىلىدۇ .

10. قۇرۇتۇلغان ئانار گۈلىنى يۇمشاق سۇقۇپ تاسقاپ ،سۇپۇپ تەييارلاپ ،كۈندە ئۈچ قېتىم ،ھەر قېتىمدە بەش گىرامدىن ئىستىمال قىلسا ،قولتۇق پۇراشقا شىپا بولىدۇ .

11. ئۆپكىنى ئۇششاق توغراپ ،قولتۇق قىسمىغا قۇيۇپ ،ئۇدا ئۈچ كۈن ئۇۋىلاپ بەرسە ،پۇراق يوقايدۇ .

12. ئاچچىقسۇ بىر پىيالە، لاچىندانە بىر ئۇچۇم، قوۋزاقدارچىن بىرئۇچۇم، پىننە بىر ئۇچۇم، رەيھان ياغىچى بىر ئۇچۇمدىن ئىلىپ قاينىتىپ قول كۆيمىگۈدەك ھالەتتە تەرلەيدىغان ئورۇن يۇيۇپ بىرىلىدۇ.

13. گۈرۈچ بىر پىيالە، ماش بىر سېقىم، يۇمغاقسۈت بىر ئۇچۇم، پىننە بىر ئۇچۇم، چىلاندىن 10 دانە ئىلىپ قاينىتىپ سۈيى ئىچىپ بىرىلىدۇ.

14. كاسىنە ئۇرۇقى، يۇمغاقسۈت، ئانار ئۇرۇقى بىر ئۇچۇمدىن، چىلان 10 دانە، شاتۇتتىن 5 دانە ئىلىپ چىلاپ تەمىنى چىقىرىپ سۈيىنى چىقىرىپ ئىچسە مەنپەئەت قىلىدۇ.  
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن (بىرزات)

پايدىلانغان ماتېريال: ئەتراپىمىزدىكى رېتسىپلار

مەنبە:80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورى http://www.80halta.com

بېتىمىز يېڭىلىقلىرى :

«ھەمجىنىس» لارنىڭ ئۆزگىرىش مومكىنچىلىكى بارمۇ؟  
ئەرلەرنىڭ تالاغا قاراپ قىلىشىدا ئاياللارنىڭ سەۋەنلىكى بارمۇ؟
ئەر-ئاياللار جىنسىي تۇرمۇشتا پەدىشەپ ساقلىمىقى زۆر...
قولتۇق تەرلەش ۋە سېسىق پۇراشقا مەنپەئەتلىك ئاددىي ...

كالتىسىينى تېبابەت دورىلىرى ۋە ئوزۇقلۇقلار بىلەن ت.

ئانانىزىم ئاسارىتىنى داۋالاش ھەققىدە بايان
ھامىلدار بولالماسلىق ھەققىدە
سوغۇق ئەڭگىز بىلەن كالتىسىي كەملىك ئوخشاش گەپمۇ؟

تۆگە گۆشىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىشى

چۈمۈلىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىش
پۇت-قول دائىم سوغۇق تۇرۇشنى داۋالاشنىڭ قانداق چارى...
بۆدۈنەنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە تېبابەتتە ئىشلىتىلىش...

بەدەن ئورۇقلۇق سەۋەبلىك ئەمچەك تەرەققى قىلماسلىقنى...

arman00 يوللانغان ۋاقتى 2009-4-23 11:31:10

بىراق بەزىلەردە ئوپراتىسىيەدىن كىيىنمۇ، يەنە قولتۇق تەرلەيدىغان ۋە سېسىق پۇرايدىغان ئەھۋال ئۆزگەرمەيدىكەن .ياكى بىر نەچچە قېتىم ئوپراتسىيە قىلىشقا توغرا  كىلەمدۇ ؟

mubarak786 يوللانغان ۋاقتى 2009-4-21 15:23:20

كېپەكلىشىدىغان تەمرەتكىگە قانداق قىلسا ياخشى بولىدۇ بىر زات ھەكىم.

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2009-4-21 19:48:12

ئىزدىنىشتىكىلەرنىڭ قولتۇقى پۇرىمامدۇ نېمە ھەكىم ؟ ھېچكىم ئىنكاس يازماپتۇ ما تېمىغا ...

akram0903 يوللانغان ۋاقتى 2009-4-21 19:50:46

با بولسىمۇ خىجىل بولۇپ يازالمىغاندۇ .............

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2009-4-21 21:20:00

قولتۇقى پۇرسىمۇ ئۇنى ئاشكارلاشقا بولمايدۇ. بۇرنىنىڭ پۇراش سېزىمى يۇقۇرى كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا قىلىنراق كېيىم كىيىۋالسىلا بولىدۇ

Xman يوللانغان ۋاقتى 2009-4-21 21:47:24

بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ تاپماق تەس نەرسىكەن ئەمەسما ...

karguli612 يوللانغان ۋاقتى 2009-4-22 10:24:55

قولتۇق ئاستىدىكى بەزنى ئوپراتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئېلۋەتسىلا بۇلىدۇ،كىچىكلا ئوپراتسىيە،دوختۇرخانىدا يېتىشمۇ ھاجەتسىز.

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2009-4-22 10:28:20

قىزلاردا جىق بۇلدىكەن دىسە بۇ كىسەللىك

faeza1 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-28 20:04:53

قولتۇق ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرغانلار ئۈنۈمىنى كۆرەلمەيۋېتىپتۇ دەيدىغۇ ! قولتۇق پۇراقنىڭ سەۋەبى نىمىدۇ ؟ بەدىنىمىزنىڭ بىرەر يېرىدە ئۇزۇقلۇق كەمچىللىكىدىنمۇ قانداق ؟ بىلىدىغانلار جاۋاب بېرىڭلارچۇ ، بىلىۋالايلى .

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-28 21:31:57

بەت: [1]
: قولتۇق تەرلەش ۋە سېسىق پۇراشقا مەنپەئەتلىك ئاددىي رېتسىپلار