Patigul يوللانغان ۋاقتى 2009-4-21 11:50:57

قۇلىقىڭىزنى سەمىرىتىۋېلىڭ

قۇلىقىڭىزنى سەمىرىتىۋېلىڭ
ئادەم قۇلاقتىن سەمرەر ،
   ھايۋان تۇياقتىن سەمرەر.

(ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىلى)

   كىچىك ۋاقىتىمدا ئىسىمنى بىلسەم ئۆيىمىزدە تۆت بەش تۇياق قوي ۋە يەتتە سەككىز توخۇ بار ئىكەنتۇق. دادام بۇ تىلسىز مەخلۇقلارغا ئۆزى ئەتىگەن ئاخشىمى ھەلەپ قوناقلارنى بېرىپ ۋە ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇرۇپ، بىزگە چۈشتە شاخ-شۇمبا ۋە قۇناقلارنى تاشلاپ بىرىشنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى دۇكان ئاچقىلى ماڭاتتى. مەن چۈشتەقويلارغا شاق- شۇمبا بەرگەچ، قوتان ئىچىگە كىرىپ قويلارنىڭ شاق-شۇمبا يەۋەتقان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ قويلارغا غاپلا قىلىپ مىنىۋالاتتىم. قويلار كەينىگە داجىسا مەن يىقىلىپ چۈشۈپ دېگەندەك. توخۇلارغا دان بەرگەندە، دان يىمىگەن توخۇلارنى قوغلاپ يۈرۈپ تۇتىۋېلىپ مەجبۇرى داننى چوقۇلاتقۇزاتتىم ۋە بۇ ئىشلىرىمىدىن ئۈزۈمچە ھوزۇر ھىس قىلاتتىم. ئەمما ئانام كۆرۆپ قالغۇدەك بۇلسا بەدەر قاچاتتىم. بولمىسا تىل دەشنام يىيىشىم بەش قولدەك ئايانتى.`
بىر كۈنى ئەتىگەندە دادام ناشتا قىلىپ بولۇپ قوتان تەرەپكە ماڭدى. مەنمۇ دادامغا تەڭ ئەگشىىپ بىللە قويلارغا يەم بېرىشىپ بەردىم، دادام يەم بەرگەچ قويلارنىڭ ئاستىنىڭ چۆپ-چۆپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۈرۈپ قارا بالام بۇ تىلسىز مەخلۇقلارنىڭ ئاستىنى قۇرۇغداپ قويايلى، دەپ قولىغا ئارا ئىلىپ نەم بولۇپ كەتكەن قىغلارنى بىر تەرەپكە ئېلىۋېتىپ، جايىغا قۇرۇق سامان چېچىپ: بالام ئادەم قۇلاقتىن سەمىرەر، ھايۋان تۇياقتىن دەپ، مەن بۇ جانىۋارلارنىڭ ئاستىنى قۇرۇق تۇتمىسام مىڭ ياخشى يەمخەشەك بەرسەكمۇ سەمرىمەيدۇ، ئۆسۈپ كەتكەن يۇڭلىرىنى ۋاقتىدا قىرقىپ تۇرساڭ سەمرىگىنىنى ئاسان بىلەلەيسەن. ھەم پاكىز بېقىلغان قوينىڭ گۆشى يىيىشلىك ھەم تاتلىق بولىدۇ. ئەمدى ئادەمقۇلاقتىن قانداق سەمرىيدۇ دېيىشىڭ مۇمكىن، سەن ئاشۇ بىر جۈپ قۇلىقىڭ ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ياخشى پاراڭ ۋە ياخشى خەۋەرلەرنى، ئۇچۇرلارنى ئاڭلايسەن، نەزەر دائىرەڭ كېڭىيىدۇ. بىلىمىڭ موللىشىدۇ، ياخشى ئىش، ياخشى پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلالايسەن. بۇ يەردىكى سەمىرىش -سىنىڭ ئاشۇ ئاڭلىغانلىرىڭ ئارقىلىق ئېرىشكەن بىلىمىڭنى كۆرسىتىدۇ دېدى، ۋە قۇلىقىمنى يەڭگىل مۇتاپ قۇيۇپ، سىنىڭ قۇلىقىڭمۇ ئەلگە مەنپەئەت يەتكۇزىدىغان ياخشى قۇلاق بولسۇن ھە بالام دەپ قوتاندىن چىقىپ قوللىرىنى يۇيۇپ كىيىملىرىنى قىقىشتۇرۇپ دۇكانغا ماڭدى .........كىيىن نە سەۋەپ قويمۇ تۇخۇمۇ باقمىدۇق.


   ئەمدى سىزنىڭمۇ ئازراق قولىقىڭىزنى سەمىرىتىپ قوياي.
    تۈنۈگۈن چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا ئاشخانىدا تاماق بۇيرۇتقاچ يان ئۈستەلدىكى تاماق يەپ ئولتۇرغانلارنىڭ پارىڭى دىققىتىمنى تارتتى. قارىماققا ئولار بىر ئائىلە كىشلىرىدەك بولۇپ دادىسى، ئانىسى، قىزى ئۈچەيلەن ئۈنلۈك ئاۋازدا يا تولۇق خەنزۇچە ئەمەس ياكى ساپ ئۇيغۇرچە ئەمەس ئەبجەش تىلدا پاراڭ سوقۇپ ئاشخانىدا ھەمىمىزنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ تاماق يىيىشۋاتاتتى.
    ئىچىمدە بۇلارغا شۇنداق ئاچچىقىم كىلىپ پات پات قاراپ قويۇپ بايا سېتىۋالغان گېزىتىمنى كۆرۈپ ئولتۇرسام مىنىڭ ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان 40 ياشلار ئۆپچۇرسىدىكى دادا ئۇمۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا )خۇددى باشقىلارنى ئاڭلىسۇن دېگەندەك، مەن ئاشۇنداق ھىس قىلدىم( ئوغلىدىن سۇئال سوراپ ئەتراپتىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
    دادا:‏-ئوغلۇم تۈنۈگۈن چوڭئاناڭ قايسى نومېردىن ئۆيگە تېلفۇن قىلىپتۇ؟
    ئوغلى:-5373778دەپ بۇ نومېرنى ئالدىنقى ئۈچ رەقەمنى ئۈچ خانىدىن. كېيىنكى تۆت رەقەمنى ئىككى خانىدىن ئىككى خانىدىن دەپ بەردى. دادىنىڭ چىرايدىن بىر خىل مەمنۇنيەت چىقىپ تۇراتتى. دادا ئارقىدىنلا يەنە ئوغلىدىن قانداق تېلفۇندىن ئۇرغاندۇ دەپ سورىسا ئوغلى « شياۋلىڭتوڭ» ئۇخشايدۇ، باشلىنىش نومېرى شىياۋلىڭتۇڭدەك قىلىدۇ دەپ گەپنىڭ ئاخىرى چىقا چىقمايلا دادسى تىللاپلا چۈشۈپ كەتتى.
    -ھۇ ***، مەكتەپتىغۇ خەنزۇچە گەپ قىل. مەن بىلەن بىللە بولغان ۋاقتتىمۇ خەنزۇچە ئارىلاشتۇرماي ساپ ئۇيغۇر تىلىدا گەپ قىلساڭ ئۆلەمتىڭ قېرى *** دەپ تىلغا كۆمىۋەتتى. بۇ ۋاقىتتا پۈتۈن ئاشخانا جىمجىت بولۇپ، ھەم ھېلىقى ئاتا ئانا ۋە قىز بالا بۇ گەپلەرنى چۈشەندىمۇ ئەيتاۋۇر تامىقىنى يەپخەنزۇچە ئارىلاشتۇرماي سۆزلەشتى. ئۇنىڭغىچە مىنىڭ ۋە ئۇ ئاكاشلارنىڭ تامىقى تەڭلا چىقىپ قالدى. ئاكاش كۈتكۈچىگە «ئاق ئاشتىن بىرنى» دېسە كۈتكۈچى تۇرۇپلا قالدى ئاكاش يەنىمۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا «خەنزۇچە جىيامىيەن، ئۇيغۇرچە ئاق ئاشتىن بىرنى ئەكلىپ بەر» دەپ تامقىنى يەۋەردى. كۈتكۈچى سەل مەڭدەپ تۇرۇپ قېلىپ بۇ ئاكاشقا گەپ قىلىشتىن ئەيمنىپ قالدىمۇ بولغاي ماقۇل دەپ كېتىپ قالدى. مەن دەرھال ياندىكى ئۇلتۇرغانلارغا دىققەت قىلدىم. ئۇلار ئۈنتىنسىز تاماقلىرىنى يىيىشىپ تاكى ئاشخانىدىن چىققۇچە جىمجت گەپ قىلىشمايلا چىكىتىپ قىلىشتى .
    ئۇئاكاش يەنە ئۈنلۈك ئاۋازدا ھەممەيلەننى ئاڭلىسۇن دەپ «بالامبايا سەندىن قەستەن قۇسۇر ئىزدىدىم. ئەمما مەخسىدىم ماۋۇ ئائىلىلىكنى تىللاش ئىدى. خاپا بولما،لىكىن قەتئىي ئېسىڭدە بولسۇن، مەكتەپتىن باشقا ئۇرۇق تۇققان ئىنى سىڭىللىرىڭ ۋە خۇلۇم خوشنىلار بار يەردە ئۆز تىلىڭدا سۆزلىشىڭ شەرت» دەپ ئوغلىنى تاماققا زۇرلاپ كۈتكۈچىگە «ئاش سۇيى ئەكلىپ بەر» دىدى. كۈتكۈچى سەل ئىككىلىنىپ بۇلغىچە ئاكاشنىڭ يەنە «مىيەنتاڭ ئەمدىغۇ ئۇققانسەن گىپىمنى» دەپ تامقىنى يىيىشكە باشلىدى .
    ئىچىمدە بۇ ئاكاش ئەجەپ قاملاشتۇرۇپ بىر چالمىدا ئۈچ پاختەكنى سوقتى. يەنى ئاۋۇ بىر ئائىللىكنىڭ ئەبجەش تىلدىكى پاراڭ قىلغانلىرى، ئۆز ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتى شۇنداقلا ياندا تاماق يەپ ئولتۇرغانلارغا، خۇددى »قىزىم ساڭا ئېيتاي كېلىنىم سەن ئاڭلا« دېگەندەك، ئوغلىغا نەسىھەت قىلغان بولۇپ، ھەممىمىزگە ئۆز تىللمىىزنى قەدىرلەشنى، قوغداشنى بىزگە، شەخسەن ماڭا بىر قىتىملىق ئىبرەت دەرىسى ئۆتتى.

    سىزنىڭمۇ قۇلىقىڭىز ئاز تۇلا سەمرىگەندۇ. شۇنداق ھازىرقىدەك مۇشۇنداق كۆپ تىللىق بۇلۇشقا يۈزلىنۋاتقان ۋاقىتتا ئالدى بىلەن ئۆز تىلىمىزنى ساقلاپ، قوغداپ قالايلى، يەنىلا ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى. كىچىك ئىشلارغا سەل قارمايلى، ھەممە شۇ كىچىك ئىشتىن باشلىنىدۇ!

IKSAK يوللانغان ۋاقتى 2009-4-21 12:07:54

سافادا ئولتۇرغاچ ئوقىۋەتتۇق بۇ تېمىنى

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2009-4-21 12:43:52

كومپىيوتېرىڭىز سافانىڭ ئالدىدىكەندە؟

بەك راھەت تورغا چىقىدىكەنسىز.

خەنزۇچىغا ئۇيغۇرچىنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلىۋالدىغانلارغا قايناپ يۈرسە،ئاشخانىدىلا باشقىلار نىمە دە دىمەيلا بالىسنى سەت تىللار بىلەن تىللاپ چۈشىدىغانلار ئاۋۇپ قالدى دىسە...

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2009-4-21 12:50:45

ياغاچ ئورۇندۇقتائولتۇرۇپئوقۋەتتۇق بۇتېمىنى!!!

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-4-21 13:01:02

دادام دادام، ئادەم بەزىدە ئوپراتسىيە پىچىقىدەك ئۆتكۈر بولمىسا بولمايدۇ.

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2009-4-21 13:47:02

ئوت ئىچىدە كۆيسۇن بۇ قەلبىم، ماڭغايمەن ئاداققىچە..ئويغۇر تىلى كۆيگەن تىلىم..

IKSAK يوللانغان ۋاقتى 2009-4-21 14:21:40

mayhana،سىز ئەدەبىياتنى ياخشى ئۆگەنمەپسىز. داۋاملىق تىرىشىڭ.

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2009-4-22 09:45:30

نىمىگە دىققەت قىىلىپ قالدىڭىز؟

mihir1 يوللانغان ۋاقتى 2009-4-22 13:04:00

كىرىسلودىگەن ئۇيغۇرچىمۇ ياكى.....؟

Nurbulaq يوللانغان ۋاقتى 2009-4-22 13:22:13

ھۇزۇرلىنىپ ئۇقۇپ چىقتىم مەنمۇ ...

zulyar يوللانغان ۋاقتى 2009-4-22 14:51:43

ئۆتكەندە ئاشخانىغا كىرىپ كۈتكۈچىنىڭ نىمە يەيسىز دېگەن سۇئالىغا قورۇما چۆپ دەپ جاۋاب بەرسەم كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتكەن ئىدى ..

مەنمۇ ھازىر بەك دىققەت قىلىۋاتىمەن گەپ سۆزلەردە..ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلايلى..ئۆزىمىز ئارقىلىق باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتەيلى..

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2009-4-22 21:01:27

ئازىراق پەردازلاپ ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىگە ئەۋەتىدىغان ماقالە ئىكەن بۇ!!

rayhan يوللانغان ۋاقتى 2009-5-19 16:26:00

خۇددى دادام مىنى تىللاۋاتقاندەك بولدۇم ،داد ، بۇندىن كىيىن ئۇنداق ئەبجەش گەپ قىلمايمەن ، خاپا بولمىڭا

katil731 يوللانغان ۋاقتى 2009-5-20 12:36:39

ئەبجەش تىل، ئەبجەش مېجەز، ئەبجەش مىللەت، ھەتتا ئىتىقاتىمىزمۇ ئەبجەشلىشىپ كېتىۋاتىدۇ،

بۇنداق سورۇنلاردا كەيپىياتىم ناچارلىشىپ قالىدۇ،قىزىم ساڭا ئېيتاي ،كېلىنىم سەن ئاڭلا قىلاي دىسەم ئاسانلا ئۇرۇش چىقىشى مۇمكىن، شۇڭا قانچا-قانچە رەت سەت ئالىيىپلا قويىمەن، بەزىدە بۇنىڭمۇ خېلى ئۇنۇمى بوپ قالىدىكەن،

kawsar89 يوللانغان ۋاقتى 2009-6-21 14:42:21

ئەبجەش تىلدا سۆزلىگەن ئادەمنى كۆرسەم ،سەسكىنىپ كىتىمەن.بۇنداق ئادەمنىڭ كانىيىنى سىقىپ بوغۇپ قويغۇلۇق

xarih1987 يوللانغان ۋاقتى 2009-7-1 17:57:42

ئۆتكەن يىلى يازدا شەخسى ماشىنىدا جەنۇپقا بارغان يەركەننىڭ مەلۇم بىر كوچىسىغا بارغاندا بىر قاتناش ساقچىسى توسىىدى، ماشىنىنى چەتكە توختىتىپ تۇرسام. بىر ئۇيغۇر قاتناش ساقچىسى كىلىپ <زى يوڭ چې> ما دەيدۇ. ئاڭقىرالمايلا \" نىمە؟!\"دىسەم يەنە شۇ گەپنى دەيدۇ. يىنىمدىكى دوستۇم شاققىدە \"ھەئە، ئۆزىمىزنىڭ ماشىنىسى\" دەپ جاۋاپ بەردى. ئاندى ئۇ ساقچى يولداش ئۇنداقتا مىڭىۋىرىڭلار دەپ يول بوشاتتى. مەن دوستۇمغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ،كىتىپ قالدۇق.

بەت: [1]
: قۇلىقىڭىزنى سەمىرىتىۋېلىڭ