نېمىسنى گېرمان دەيلى
ئاۋۇ بىر تېمىدا مۇشۇ ھەقتە تالاش-تارتىش بولغىلى تۇرۇپتۇ، شۇ يەرگە ئىنكاس سۈپىتىدە يازاي دىسەم، چاقچاقلار قىزىپ كېتىپتۇ، چەتنىڭ رادىئوسىدەك ئارلاشقۇم كەلمەي ئايرىم تېما قىلىپ يوللىدىم.
بىز كۆپۈنچە «نېمىسچە، نېمىس تىلى، نېمىسلار» دىگەن سۆزلەرنى ئۇچرىتىمىز، ئەمما نېمىس كۆرگەن ياكى ئۇلار بىلەن ئارلاشقان ئۇيغۇرلار «گېرمانچە، گېرمان تىلى، گېرمانلار» دەيدىكەن.
«نېمىس» دىگەن بۇ سۆز روسچە سۆز بولۇپ، 2-دۇنيا ئۇرىشى مەزگىلىدە پەيدا بولغانكەن، گېرمانلارنى تىللاش ئۈچۈن قوللىنىلغان. خۇددى ئەينى چاغدا دۆلىتىمىزدە ياپونلارنى «ئالۋاستى، ئالۋاستىلار، ياپون ئالۋاستىلىرى، ياپون باسقۇنچىلىرى، باسقۇنچى» دەپ ئاتىغاندەك. نېمىس دىگەن سۆزمۇ «گېرمان چوشقىسى» دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. بۇنى چۈشەنمىگەن ئۇيغۇرلار ھەتتا كىتابلارغىمۇ «نېمىس تىلى، نېمىسچە» دىگەندەك سۆزلەرنى يازغان. گېرمانلار «نېمىس» دىگەن سۆزنى ئاڭلىسا قاتتىق ئاچچىقى كېلىدىكەن.
ھازىر ياپونلارنى «ياپونيىلىكلەر» دەپ ئاتايمىز، مەركەز خەۋەرلىرىدىمۇ «باسقۇنچى، ياكى ياپون ئالۋاستىلىرى» دىگەن گەپنى ھازىر قىلمايدۇ. گېرمانلارنىڭ ھىتلېر قوماندانلىقىدىكى «نېمىسلىق»دەۋرى ئاخىرلاشتى. ئەمدى ئۇلارنى تىللاۋەرمەي. «گېرمان» دەپ ئاتايلى
قېنى ھەممەيلەن بۇ سۆزنى ئىشلەتكەن بولساق مۇشۇنداق ئومۇملاشتۇرۇپ كەتسەك ئەمسە
گېرمان = نېمىس (نىڭ ئورنىغا)
گېرمانچە= نېمىسچە (نىڭ ئورنىغا)
گېرمان تىلى= نېمىس تىلى (نىڭ ئورنىغا)
گېرمانىيلىك = نېمىس (نىڭ ئورنىغا)
www.tekli.cn
بىلىك كۇلۇبىدىن تەكلىماكاننىڭ يازمىسى
ئۇيغۇرچىدە گېتلېر دىيىلۋاتقان سۆزنىمۇ ئەسلىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، ھىتلىر دەپ ئالدىغان بولغانتۇق. سەمىڭلاردا بولغاي.
ئۆزلەشتۈرىۋالدىم.مەن ئۆزلەشتۈرۈگلۈك.
رۇس چوشقىلىرنىڭ دىگىنىنى يادىلاپ يۈرمىسەكمۇ ئۆز تىلىمىز بولغاندىكىن ئۆزىمىزچە دەيلى زادى.
ئۆتكەندە ئۆيدە بىر گېرمانىيىلىكنى كۈتۈۋالغانىدىم . ئۇ خەنزۇچىنى خېلى ياخشى سۆزلەيدىكەن . مەندىن << ئۇيغۇرچىدا 德意志民族 نى نېمە دەيسىلەر >> دەپ سورىغانىدى ، تېخى شۇنداق قىزغىنلىق بىلەن << بىز ئۇيغۇرچىدا سىلەرنى نېمىس دەيمىز >> دېسەم دېمى ئىچىگە چۈشۈپ شۇنداق بىر خىل ئوڭايسىزلىنىپ كەتتى .. كېيىن بىلسەم نېمىس دېگەن بۇ مىللەتنى كەمسىتىدىغان گەپكەن ئەمەسمۇ . بەك خىجىل بولدۇم .
بۇ ھەقىقەتەن تىل يېزىق كومىتېتىدىكىلەر جىددىي قاراپ تۈزىتىش كىرگۈزىدىغان گەپكەن . تۈركلەرغۇ گېرمانىيىنى << ئالمانيا >> نېمىسلارنى << ئالمان >> دەپ ئاتايدىكەن .
ئورۇنلۇق تەكلىپ. لىكىن مەن روس تىلى بىلىدىغان بىر نەچچە تونۇشۇمدىن سورىسام ئۇنداق ئەمەس دەيدۇ. فىرانسۇزلارمۇ ئالمان دەيدۇ،لىكىن فىرانسىيدىكى گىرمانىينىڭ مەھسۇلاتلىردا گىرمانىيدە ئىشلەنگەن دەپ بارھونگىرىيەنىڭ ۋېنگىرىيە بولۇپ قېلىشىمۇ قىززىق.
نېمىس دېگەن گەپ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن خېلى بۇرۇنلا بار . مەنىسى كېكەش دېگەندەك بىر مەنىدە . رۇسلارنىڭ گېرمانلارنى كالدىرلاپ بىرنىمىلەرنى دەيدۇ دەپ كەمسىتىپ قويغان لەقىمى ئۇ . نېمىس دېگەن گېرمان چوشقىسى دېگەن مەنىدە ئەمەس . ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۇلارغا گېرمان باسقۇنچىلىرى ، گېرمان ئالۋاستىلىرى دېگەندەك جىقلا ناملار بىلەن ئاتىغان . گېرمانلارمۇ رۇسلارنى رۇس چوشقىلىرى دەپ ئاتىغان .چوشقا دەپ رۇسنى دەيمىزغۇ.
رۇسلا چوشقا. خەنزۇلار چوشقا يەيدۇ.
دىمەك خەنزۇلار رۇسلارنى يەۋىتىدۇ. مانداق چۈشەندىم...
رەھمەت! ئۆتكەندە بىر دوستۇم بىلەن مۇشۇنى خېلى بىر ۋاقتلارغىچە مۇنازىرلەشكەنىدۇق دەيمە! تېخى 'نېمىس' دەپ مىللەتمۇ بار دەپ يۈرەتتىكەنمەنتۇق! ئەسلى بۇ سۆزمۇ ئا چوشقىلاردىن قاپتىكەن دە!!مەيخانىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ تاز كۈلۈپتىمەن.
ئالمان ئەمەس . ئارىياندۇ ؟ بۇرۇنقى ئارىيان مىللىتى گىرمانلارنىڭ ئەجدادى.
ئەمىسە ئارىيان دىگەن كىمگە ھېساپ؟گېرمانىيىدىكى ئاكامدىن سوراپ باقاي.
نىمىسلار ئۆزلىرىنى دويچى(Deutche) دەيدۇ،سۈپەت شەكلى دويچ، دۆلىتىنى بولسا دويچلاند (Deutchland) دەپ ئاتايدۇ، مەنىسى كونا گېرمان تىلىدا خەلق بولوپ گېرمان تىلىدا سۆزلىشىدىغان قەۋىملەرنى كۆرسەتكەن. ئىتالىيە، فرانسىيە، تۈركىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئالمانىيە، مىللەتنى ئالمان دەپ ئاتايدۇ. سەۋەب، ھازىرقى جەنۇبتىكى بادىن-ۋۈغتېمبەرگ ئوبلاستىنى ئاساس قىلغان رايون ئالمانىيە دەپ ئاتالغان بولوپ، گېرمان تىللىرىدىكى ئالمان قەبلىلىرى ياشىغان ئىكەن. روسلار نىميەتس دەپ ئاتايدىكەن، بەلكىم بۇمۇ بىرەر قەبلە ئىسمى بولوشى مۇمكىن، لىكىن ناچار مەنىسى بارلىقىنى بىلمىدىم، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سلاۋيان تىللىق بەزى خەلقلەر مۇشۇنداق ئاتايدۇ. مەنىسىنى دوستلىرىمدىن سوراپ باقاي.لىكىن نىمىس تىلىدىمۇ گىرمان دىگەن سۆز باركەن. بۇ (Germanien) سۆز ى تارىختا گېرمان تىلىدا سۆزلىشىدىغان بارلىق قەۋىملەرنى كۆرسىتىدىكەن. ھازىرقى ھىسابتا بۇ نىمىسلارنى، دانىيىلىكلەرنى، گوللاندىيىلىكلەرنى، شېۋىت ھەم نورۋىگىيىلىكلەرنى، ئەنگىلىيىلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇيغۇرچە بىسىلغان نوپۇزلۇق كىتابلاردىمۇ ئەينى زاماندا كاسپى دېڭىزى ئەتراپىدىن ياۋرۇپاغا كۆچكەن ئارىئان قەۋىملىرنى بىردەك گېرمانلارنىڭ كۆچۈشى دەپ ئالغان. دىمەك بىزمۇ گېرمان سۆزىنى نىمىسلارغا ئوخشاش ئىستېمال قىلغان بولىمىز.
روسلارمۇ خەنزۇلارنىڭ نامىنى بىزدىكى *** سۆزىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ كىتاي دەپ ئالغان، ھەم ھازىرمۇ ئىشلىتىپ كەلمەكتى. شۇڭا مەنچە نىمىس دەپ ئاتاۋەرگەننىڭ پۇتلاشقۇدەك يىرى يوق، ناچار مەنىسى بار دىگەن گەپكە ھازىرچە ئىشەنمىدىم، ناچار مەنىسى بولمىغان ئەھۋالدا روسلاردىن ئۆزلەشتۈرسەك نىمە بوپتۇ، يا بۇ بىزنىڭ خاتالىقىمىز بولمىسا. ماۋۇ ئاپىسى روس دادىسى نىمىس بىرىمۇ ئۇنداق ناچار مەنىسى يوق دەيدۇ، بۇنىڭغا بىر ئاساس تاپقىچە جىم تۇراي.
ۋاقىتلىق خۇلاسە: نىمىس ھازىرقى گېرمانىيەدىكى مىللەتنى كۆرسىتىدۇ، گېرمان بولسا تارىختىكى گېرمان تىللىرىدىكى (ھازىرقى نىمىس تىلى ئەمەس) خەلقلەرنىڭ ئومۇمى ئىسمى.
مەيخانىنىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇپ تازا كۈلۈپتىمەن راس دەيسىز مەيخانا جان

بۇ نامغا گېرمانىيە خەلقى قانداق قارايدۇ، بىلمەيدىكەنمەن، ئەمما مەنچە بىر كىشى ئۆزىنى نېمە دەپ ئاتىسا، باشقىلارمۇ شۇنداق ئاتىشى كېرەك. بۇمۇ ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەقەللىي ھۆرمەتنىڭ بىر تۈرى.