alip يوللانغان ۋاقتى 2009-4-15 11:35:25

ئۇيغۇر يېزىقى پەقەت بىرلا

كۆپ يەردە «كونا يېزىق» دېگەن سۆزنى ئۇچراتتىم. «كونا يېزىق» دېگەن ئاتالغۇ 60-70-يىللاردا ئىشلىتىلگەن «يېڭى يېزىق» قا ئاساسەن قويۇلغان نام. 80-يىلدىن باشلاپ بۇ يېزىق ئەمەلدىن قالغان. «يېڭى يېزىق» ئەمەلدىن قالغان ئىكەن «كونا يېزىق» تىكى «كونا» دېگەن سۆزمۇ ئەمەلدىن قېلىشى كېرەك. «كونا» نى 21-ئەسىردىمۇ سۆرەپ يۈرۈيمىزمۇ؟!
كونا يېزىق دەپ ئاتىساق، يەنە بىر «يېڭى يېزىق» نىڭ بارلىقىنى ئېتراپ قىلغانلىق بولىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقى دېسە ھەر قانداق ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغا ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان يېزىق كېلىدۇ. ئۇنىڭغا زورلاپ «كونا» نى قوشۇۋېلىش ئارتۇقچە.
ئۇيغۇرنىڭ بىرلا يېزىقى بار دېسەم، مەلۇم بىرەيلەن سابىق سوۋېت ئىتتپاقىدىكى ئۇيغۇرلار ئىشلەتكەن سىلاۋيان يېزىقىنى كۆرسىتىپ، «ئەمسە ماۋۇ قايسى يېزىق؟» دەيدۇ. ئۇ سىلاۋيان يېزىقى، ئۇيغۇر يېزىقى ئەمەس. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار سىلاۋيان يېزىقى ئىشلەتسە، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئېنگىلىز يېزىقىنى ئىشلەتسە، ئۇنداقتا ماۋۇ جۇڭگودا تۇرغان ئۇيغۇرلار خەنزۇ يېزىقىنى ئىشلىتىمىزمۇ؟
تېررىتورىيىلىك مۇھىتنىڭ، دەۋرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشىمىغان يېزىق ئىشلىتىش مەدەنىيەتنىڭ چېكىنىشىدىن، بۆلگۈنچىلىكتىن باشقا ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ.

لوس ئانژېلىستىكى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنۋاتقان بالىلار (دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ "يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل" ناملىق ماقالىسىدىن)


ئەلۋەتتە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىسەن دەپ مەجبۇرلىيالمايمىز، لېكىن تەشەببۇس قىلىمىز. ئۇيغۇر يېزىقى غول لىنىيە. قالغان ULY, UKY, USY, UYY دېگەنلەر ئۇيغۇر يېزىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى،بارا-بارا ئۇيغۇر يېزىقىغا ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كېتىشى كېرەك.
ئۇيغۇر ئېدىت، يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچ ۋە ياكى تور يۈزى تەھرىرلىگۈچلىرىدە بىرلا بۇيرۇق بىلەن ULY, UKY, USY, UYY لارنى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئاساسى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» ئەمەلدىن قالمىغانلا بولسا ئۇيغۇر تىلى ھازىرمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت تىلى.
تىل-يېزىق كومېتىتىمۇ «ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىنچە ئىپادىلەش لاھىيسى» نى ئېلان قىلدى. دىققەت: ئۇيغۇر لاتىن «يېزىقى» ئەمەس، «لاھىيسى» نى ئېلان قىلدى. ئۇ خەنزۇچىدىكى پىنيىنغا ئوخشاش ئۇيغۇر يېزىقى ئۈچۈن قوشۇمچە رول ئوينايدۇ، خالاس.


ماۋۇنىڭغا ئوخشاش دۇنياۋى تور بېكەت گوگۇلدىمۇ ئۇيغۇر تىلىنى تاللاپ قويساق مۇشۇ ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆرۈندۇ.
شۇڭا دەيمەن ئۇيغۇرنىڭ يېزىقى پەقەت ۋە پەقەت بىرلا. ئۇ بولسىمۇ كۆز ئالدىڭىزدىكى مۇشۇ يېزىق.

مەنبەسى: ئۇيغۇرىيە بىلوگى

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2009-4-15 13:01:11

مەن گوگىلنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئىشلەتسەم نىمە ئۈچۈن خەتلەر ئۇلانماي چاپاق چىقىۋالىدۇ ؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-4-15 13:01:49

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2009-4-15 13:18:53

ئۇيغۇرلانىڭ باش كېيىمىدىن پەقەت دوپپىلا بار دىگەندەك تىما بوپتۇ بۇ .

alip يوللانغان ۋاقتى 2009-4-15 13:22:08

گوگۇلنى ئۆزىڭىز ئۇيغۇرچىغا تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ. گوگۇلنىڭ باش بېتىدە تىل قورالى دەپ بىر بار. شۇ يەنى باسساڭلار تەڭشەيدىغان تىللار بار. ئۇيغۇر تىلىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.

ياكى http://www.google.com/intl/ug/

alip يوللانغان ۋاقتى 2009-4-15 13:29:22

pis-pas:

ئۇيغۇرلانىڭ باش كېيىمىدىن پەقەت دوپپىلا بار دىگەندەك تىما بوپتۇ بۇ .

سېلىشتۇرغىڭىز كەلسە ئوخشاش تۈردىكى نەرسىلەرنى سېلىشتۇرۇڭ. كاللا دېسە پاچاق دىگەندەك، مەن يېزىق دەۋاتىمەن، دوپپا دېمىدىم.

ئۇيغۇر تىلىنى خەنزۇ تىلى، ئېنگىلىز تىلى، ئەرەپ تىلى بىلەن سېلىشتۇرسىڭىز سەل مەنتىقىلىق بولىدۇ. باشقا مىللەتلەرنىمۇ بىزگە ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا قوللىندىغان ئۈچ-تۆت خىل يېزىقى بارمۇ؟

alip يوللانغان ۋاقتى 2009-4-15 13:33:02

uyghurbaligh:

مەن گوگىلنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئىشلەتسەم نىمە ئۈچۈن خەتلەر ئۇلانماي چاپاق چىقىۋالىدۇ ؟

Internet Explorer 8 نى ئىشلەتسىڭىز، ئاندىن كومپىيۇتېرىڭىزدىكى بىرەر ئۇيغۇرچە خەت نۇسخسىغا توغىرلاپ قويسىڭىز ھەر قانداق تور بەتتىكى (eot ئىشلەتمىگەن تور بەتلەرمۇ) ئۇيغۇرچە خەت ئاۋۇ رەسىمدىكىدەك چىرايلىق كۆرۈندۇ.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2009-4-15 13:33:23

گوگىلنىڭ ئۇيغۇرچىسى  ئارىئال خەت نۇسخىسىدا كۆرۈنىدىكەن، ئەلكاتىپنىڭ خەت نۇسخىسىغا تەڭشەش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز؟

alip يوللانغان ۋاقتى 2009-4-15 13:39:06

internet explorer  دىن
工具->internet 选项->辅助功能 نى ئېچىپ

css ھۆججەت مەزمۇنى بولسا تۆۋەندىكىچە :

*{ font-family:UKIJ Tuz Tom;}

UKIJ Tuz Tom نى ئىشلىتىۋەرسەڭلارمۇ ياكى باشقا ئۆزۈڭلار ياقتۇردىغان فونت نامىغا ئالماشتۇرۋەتسەڭلارمۇ بولىدۇ.

تەپسىلاتى http://www.intil.cn/munber//viewthread.php?tid=6884

Uyghur_Ay يوللانغان ۋاقتى 2009-4-15 14:05:37

ۋاھ  .. كۆڭۈلنى ئاجايىپ سۈيۈندۈرىدىغان تېما .

--------------------

تېمىغا مۇناسىۋاتسىز بىر سوئالنى سوراي ،بۇ بەتتىكى يازغان تېما مېنىڭ كومپىيۇتېرىمنىڭ ئىكرانىدا نىمىشقا تۇللۇق كۈرۈنمەيدۇ .

ھەربىر قۇرنىڭ داۋامىدىكى بىر-ئىككى خەت يوق  ... سەۋەبى نىمە ئەمدى بۇنىڭ ؟

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2009-4-15 14:14:23

مەن 19سۇڭلۇق 9/16 كەڭ ئىكران ئىشلىتىمەن خەتلەر ھىممىسى تۇلۇق كۈرۈنىدۇ .

بۇرۇن 17سۇڭلۇق 3/4 لىك ئكراندا شۇنداق چىقىۋالاتتى..

Uyghur_Ay يوللانغان ۋاقتى 2009-4-15 14:18:11

باشقا  بەتلەر نورمال ، پەقەت مۇشۇ تېمىلا شۇنداق كۈرۈنىۋاتىدۇ

alip يوللانغان ۋاقتى 2009-4-15 14:30:20

Mahir512:

مەن 19سۇڭلۇق 9/16 كەڭ ئىكران ئىشلىتىمەن خەتلەر ھىممىسى تۇلۇق كۈرۈنىدۇ .

بۇرۇن 17سۇڭلۇق 3/4 لىك ئكراندا شۇنداق چىقىۋالاتتى..

ئۆتكەندە بىرسى كىنو كۆرسەم سۈرەت تەتۈر چىقىۋالدى قانداق قىلىمەن؟ دەپ سورىسا يەنە بىرسى ئېكران چۆرۈپ قويۇڭ ياكى ئېكراننىڭ ئۈستىگە چىقىپ پەسكە قاراپ كۆرۈڭ دەۋاتاتتى.

مەن بۇ تېمىنى 17سۇڭلۇق 3/4 لىك ئېكراندا يازغان.

ئۇيغۇر ئاي خەت كۆرۈنمىگەن يەرنى رەسىم ھالەتتە يوللاش ئىمكانىيتىڭىز بارمۇ؟ كۆرۈپ باقايلى.

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2009-4-15 14:31:25

ماھىر512جاۋابىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

ئاخشام مەن ئۆيدىكى 17سۇڭلۇق(1024*768قىلىپ تەڭشىگەن) تۆت چاسا ئېكرانىمدا ئىزدىنىشنى زىيارەت قىلسام ئۇيغۇر ئاي دىگەندەك ھەربىر جۈملىنىڭ ئاخىرى تۇلۇق كۆرۈنمىگەن ئىدى،بۈگۈن ئىدارىدە22سۇڭلۇق نېپىز ئېكرانىمدا(1680*1050قىلىپ ئىشلىتىمەن)كۆرسەم نورمال كۆرۈنىۋاتىدۇ.بۇ نىمە ئىشتۇ دەپ ئويلىنىپ كېتىپتىكەنمەن تېخى.

تەكلىپىم ھازىر17سۇڭلۇق ئېكران ئىشلىتىدىغانلار يەنىلا خېلى بار،مۇنبەرنى1024*768تە نورمال كۆرۈنىدىغان قىلىپ تەڭشىسەڭلار بوپتىكەن،بولمىسا بىزدەك كونا ئېكران ئىشلىتىۋاتقانلار جاپا تارتىپ قالىدىكەنمىز.

Yawuz يوللانغان ۋاقتى 2009-4-15 14:36:59

ئۇيغۇرنىڭ تىلى بىرلا ئەمما يېزىقى بىرنەچچە خىل، چۈنكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە ھەرقايسى رايونلاردا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز تۇرىۋاتقان جايلاردىكى يەرلىك سىياسەت ۋە باشقا ئامىللار تۈپەيلىدىن بۇنداق ئەھۋال شەكىللەنگەن، كېيىن كومپىيۇتېردا ئۇيغۇرچە بىز ئىشلىتىۋاتقان بۇ يېزىق بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىغاچقا UKY (ئۇيغۇر كومپىيۇتېر يېزىقى) بارلىققا كەلگەن، 2000- يىللاردىن كېيىن، كومپىيۇتېرغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئەگىشىپ UKY ئىشلىتىشنىڭ ئانچە زۆرۈرىيىتى قالمىغان بولسىمۇ، لېكىن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلار بىلەن ئالاقە ۋە تۈركىي مىللەتلەر ئورتاق گەۋدىسى ئۈچۈن ULY تۈزۈپ چىقىلدى.

ئالىپ ئەنۋەر ئەپەندى سىلاۋيان يېزىقى ئۇيغۇر يېزىقى،  ئۇ يېزىقنىمۇ ئەينى چاغدىكى سوۋېت ھۆكۈمىتى خۇددى جۇڭگو ھۆكۈمىتى پىنيىن ئاساسىدا تۈزۈلگەن يېزىقنى ماۋۇ ئۇيغۇر يېزىقى دەپ بەلگىلەپ بەرگەندەك، ئۇنىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇر يېزىقى دەپ بەلگىلەپ بەرگەن، ئۇ يېزىقنى ھېلىھەم نەچچە مىليون قېرىندىشىمىز ئۇيغۇر يېزىقى دەپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. شۇ يېزىقتا ئالاقە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، ئەسەرلەرنى يېزىۋاتىدۇ، كەشپىياتلارنى ئىختىرا قىلىۋاتىدۇ، بۇنداق ئىنكارچىلىق پوزىتسىيىسىدە بولماڭ. ئەينى چاغدا پىنيىننى ئۇيغۇر يېزىقى دەپ بېكىتكەندە ھەممە ئادەم شۇنى ئۇيغۇر يېزىقى دەپ ئىشلىتۋەرگەن، ئەگەر 1982- يىلى پارتىيىنىڭ سىياسىتى ئەمەلىيلىشىپ بىز ئىشلىتىۋاتقان بۇ يېزىق ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىگەن بولسا، سىز بىز ھېلىھەم شۇ يېزىقنى ئۇيغۇر يېزىقى دەپ ئىشلىتىۋەرگەن، ھازىرقى يېزىقىمىزنى كونا يېزىق دەپ ئۈگۈنۈشتىن ئېرىنىپ، بۇ يېزىققا نەچچىلىگەن گۇناھلارنى دۆڭگەپ ئولتۇرغان بولاتتۇق.

ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلار ئارىسىدا ئۆزئارا كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئويناۋاتىدۇ، بىز خەقتە \"كېرەكلىك تاشنىڭ ئېغىرى يوق\" دىگەن گەپ بار، شۇڭا بۇمۇ ئارتۇقچە ئەمەس، ئۈگۈنۈشنى خالىغۇچىلار ناھايىتى بىرەر ھەپتە سەرپ قىلسا ناھايىتى ئوبدان ئۈگىنىۋالىدۇ.

ئەگەر ھازىر سىز ۋە مەن خەت يېزىۋاتقان بۇ يېزىقنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەكمۇ بۇمۇ ئۇيغۇر يېزىقى ئەمەس، گەرچە بىز ھەر قېتىملىق يېزىق مەسىلىسى تالاش تارتىشلىرىمىزدا بۇ دىگەن 1000 يىلدىن بۇيان ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئانا يېزىقىمىز دەپ ھۆركىرەپ يۈرسەكمۇ، لېكىن بۇ يېزىقتىكى ئۆزگىرىشلەرنى سىز بىز تەسەۋۇر قىلالمايمىز. مۇشۇ يېزىقنى ئانا يېزىقىمىز دەپ ھۆركىرەپ يۈرگەن بەزىلەرگە ھېلىغۇ 1000 يىل بۇرۇنقى ئەمەس بەلكى 100 يىل بۇرۇنقى ۋەسىقىلەرنى ئەكىلىپ بەرسىمۇ دۇدۇقلىماي راۋان ئوقۇيالىشى ناتايىن، دىمەك بىز ئانا يېزىق دەۋالغان بۇ يېزىقىمىزمۇ تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن.

ئەگەر ئۇيغۇر تىلىدىن ھىچقانداق ساۋادى يوق بىرەر چەتئەللىك ئىزدىنىشنى تاسادىپى بىر پۇرسەتتە ئېچىپ قالسا، يېزىقنى بىلمىگەچكە يېزىقنىڭ شەكلىگە مانداق قاراپلا بۇ ئەرەپلەرنىڭ تور بېتى ئىكەن دەپ قېلىشى ئېنىق. ھازىر ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىچكىم يېزىقىڭنى ئۆزگەرتىمىز دىمىدى، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتىش ھىچكىمگە مەجبۇرلانمىدى، پەقەت مۇۋاپىق كۆرگەن ئورۇندا ئىشلىتىش تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا بۇنىڭدىن بۇنچە ئەنسىرەپ بۇنداق ھەجىمدە ماقالا يېزىشىڭىزنىڭ ئورنى يوق.

ئەگەر سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە بىزنىڭ يېزىقىمىز دىيىشكە توغرا كېلىدىغان يېزىق ئورخۇن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئورخۇن يېزىقىدۇر، بىزگە ئوخشاش ئاتالمىش يېڭى يېزىقتا ساۋادى چىققان بىر ئەۋلات كىشىلەرگە ئايانكى 64 ھەرپتىن تەركىپ تاپقان يېڭى يېزىقتا ساۋات چىقىرىش 118 ھەرپتىن تەركىپ تاپقان كونا يېزىققا قارىغاندا كۆپ ئوڭاي، ئەگەر سىزمۇ شۇ دەۋردە مۇشۇ يېزىقتا ئوقۇپ باققان بولسىڭىز بۇ نۇقتىنى ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ ساۋات چىقىرىش ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ناھايىتى ئاسانلا ھېس قىلغان بولاتتىڭىز.

مەن يېزىق ئۆزگەرتىش تەرەپدارى ئەمەس، ھەم ئەزەلدىن بۇنداق گەپلەرگە ئارىلىشىپمۇ باقمىغان، لېكىن نىمىشقا بەزىلەرنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقە ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن بىر بەلەن خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىغا بۇنچە ئۆچمەنلىك قىلىشىنى ھىچ چۈشەنمىدىم، بەزىدە كاللام قىزىپ قالغاندا مۇشۇ يېزىققا بۇنچە ئۆچمەنلىك قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان بىرەر ئوي خىيالى بارمىدۇ دىگەندەك بەڭگىنىڭ خىيالىنى سۈرۈپ قالىمەن.

مېنىڭچە بولغاندا ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى بىلەن ئۇيغۇر ئەرەپ يېزىقى بىر بىرىگە دۈشمەن ئىككى تەرەپنىڭ يېزىقى بولمىغاندىكىن خەنزۇلاردىكى 河水不犯井水  دىگەن گەپ بويىچە ئۆز يولىد امېڭىۋەرسە بولارمىكىن دەپ ئويلايمەن، پايدا زىيىنىنى تارىخ ھامان ئايرىپ چىقىدۇ.

Uyghur_Ay يوللانغان ۋاقتى 2009-4-15 14:46:56

alip يوللانغان ۋاقتى 2009-4-15 14:59:27

ياۋۇ ئەپەندى مېنىڭ \"ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى\" غا دۈشمەنلىك قىلۋاتقىنىم يوق. بۇرۇن ھەقىقەتەن قارشى تۇرغان. كېيىن بىرلىك ئۈچۈن ئۇنىمۇ قۇبۇل قىلدىم. سىزمۇ بىلىسىز كىيۇكىيۇدا سىز بىلەن سۆزلەشكەندە ئۆلچەمگە چۈشۈرۈپ شۇ خىل لاھىيە بويچە يازىمەن.

مېنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم ئۇنداق ئەمەس. ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئەسلى يېزىقىمىز ئۇرخۇن ئۇيغۇر يېزىقى. قەدىمدىن تارتىپ شۇ يېزىقنى ئىشلىتىۋەرسەكمۇ بولىۋېرەتتى، ھازىرمۇ مۇڭغۇللار ئىشلتىۋاتىدىغۇ.

ئۆتكەن ئىشلار تارىخقا ئايلىنىپ كەتتى، ئۆتكەنلەردىن نېمىشقا تولا يېزىق ئۆزگەرتىسەن؟ دەپ مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرگىلى بولمايدۇ.

باشتا ئېيتقاندەك باشقا لاھىيە، يېزىقلارنىڭ ھەممىسنى ئىنكار قىلمىدىم. ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسى لىنىيە. باشقىلىرى مۇشۇ يېزىققا خىزمەت قىلسۇن. ھازىر بېسىم قىلدىغان مۇستەبىت سوۋېت ھاكىمىيتى بولمىغاندىكىن ماۋۇ ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنىپ قويسا زىيان قىلمايدۇ.

ھەممە ئۇيغۇرنىڭ كاللىسىدا مۇشۇ يېزىقنى \"ئۇيغۇر يېزىقى\" دەيدىغان ئۇقۇم بولغاندا يېزىقىمىز بىز ئۈچۈن تۇغ بولالايدۇ.

ئەگەر بىرلىك، ئىتتپاقلىق... ئۈچۈن ماۋۇ يېزىقنى ئىشلەتمەي ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسىنى ياكى ئۇرخۇن يېزىقىنى ۋە ياكى لاتىن يېزىقىنى ئىشلەت دېسە مەن شەرتىسز قوبۇل قىلىمەن. مەقسىتىم يېزىق تالاش-تارتىشى قىلىش ئەمەس، باشقا يېزىققا دۈشمەنلىك قىلىشمۇ ئەمەس، پەقەت بىرلىك.

alip يوللانغان ۋاقتى 2009-4-15 15:09:31

Yawuz:

بىزگە ئوخشاش ئاتالمىش يېڭى يېزىقتا ساۋادى چىققان بىر ئەۋلات كىشىلەرگە ئايانكى 64 ھەرپتىن تەركىپ تاپقان يېڭى يېزىقتا ساۋات چىقىرىش 118 ھەرپتىن تەركىپ تاپقان كونا يېزىققا قارىغاندا كۆپ ئوڭاي.

ماۋۇ گەپ مەن بىلدىغان ياۋۇزنىڭ گېپىگە پەقەت ئوخشىماي قاپتۇ.

چەكسىز خەتتىن تەركىپ تاپقان خەنزۇ يېزىقىدىنمۇ ساۋادىنى چىقىرۋاتىدۇ بالىلىرىمىز.

مېنىڭ ئىككى يېرىم ياشقا كىرگەن قىزىم 32 ھەرىپنىڭ ھەممىسنى تونۇپ بولدى.

UDUN يوللانغان ۋاقتى 2009-4-15 15:45:24

ئورخۇن يېزىقىنى ئۆگىنىدىغان بىرەقوللانمابارمۇ .؟

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2009-4-15 16:37:05

تىل - يېزىق ئىنسان ئۈچۈن ئانىدەك ئۇلۇغ مۇقەددەس نەرسە ئىدى. ئۇنىڭ ئىززىتىنى ساقلاش، ئۇنى ھۆرمەتلەش، ئۇنى قەدىرلەش ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي تۇيغۇلاردىن ئىدى. تىل مۇقەددەس بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ھەققىدە گەپ قىلغاندا تولىمۇ ئېھتىيات ۋە ئىھترام بىلەن  قىلماق، ئۇنى ئىسلاھ قىلماق بولغاندىمۇ ھەم تۈمەنمىڭ ھەسسە ئارتۇق مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، كېڭەشلىك ئىش كۆرۈش كېرەك ئىدى.

ئەمما ئەپسۇسكى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تىل - يېزىق خۇددىي پاھىشە خوتۇندەك مۇئامىلىگە دۇچار بولماقتا. خالىغانلار ئۇنى باشقا تىللار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئەبجەش قىلىپ ئىشلەتسە، خالىغانلار ئۇنىڭ يېزىقىنى ھېلى ئۇنداق ، ھېلى بۇنداق قىلىش بىلەن ئاۋارە . ھەتتا، ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنى ئىسلاھ قىلىش ياكى يەنە بىر نېمە قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە سالاھىيەت ياكى زۈرۈرىيەت كېرەك ئەمەس. پەقەت سىز بۇنىڭغا قىزىقىپلا قالغان بولسىڭىز قولىڭىزغا قەلەم ئېلىپ يېزىۋەرسىڭىزلا ، ئېغىزىڭىزغا كەلگەننى دەۋەرسىڭىزلا ، تەتقىقاتلارنى تاماملاپ تەتقىقات پۇللىرىنى يانچۇققا سېلىۋەرسىڭىزلا بولغىنى . ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىر بۇنداق خۇمسىلارنىڭ گېلىدىن بوغقۇدەك ئەپ - چولىسى يوق. چۈنكى ، تىرىكچىلىق ، ھايات ئۇلارنى مۇشۇنداق مەھكۇم بىر ھالەتكە دۇچار قىلغان. ھەتتا ئۇلار ئۆزىنىڭ تىل  - يېزىقتىن ئىبارەت بۇ << ئانا >> سىنىڭ ئىپپىتىنى قانداق قوغداش - ساقلاش،  قانداق قەدىرلەشنىمۇ بىلمەيدۇ ...

شۇنچىلىك سەگەك ، ئويغاق دىللار ئۈچۈن << تالاشقان تاشاق >> دېگەن ئاددىي ، قوپال ، ئەمما تولىمۇ چوڭقۇر مەزمۇنلۇق بىر ھېكمەتنىڭ قاراڭغۇ قالغانلىقىغا ھەرقانچە قىلىپمۇ كاللام يەتمەيدۇ...

بەت: [1] 2 3 4 5 6
: ئۇيغۇر يېزىقى پەقەت بىرلا