Nadan يوللانغان ۋاقتى 2009-4-14 16:43:28

مۇھاببەت ۋە ساداقەت

باي ناھىيىسى بۇلۇڭ يېزىسىنىڭ ياسىرىم قۇلۇچى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەرھۇم توختى ئېلىنىياز توغرىسىدا (2)

باي ناھىيىسى بۇلۇڭ يېزىسىنىڭ ياسىرىم قۇلۇچى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى توختى ئېلىنىياز قىسقىغىنا ھايات مۇساپىسىدە، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان، خەلقنى سۆيىدىغان، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان ئالىيجاناپ پەزىلىتىنى نامايان قىلدى. ئۇنىڭ قىسقىغىنا ھاياتى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان شانلىق ھايات.

     خەلقنى بېيىتقان، خەلقنى سۆيىدىغان ياخشى شۇجى

     توختى ئېلىنىياز ياچېيكا شۇجىسى بولغان 12 يىلدا پارتىيە ۋە خەلققە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن جاۋاب قايتۇردى.

     ئەسلىدىكى ئۆسكەم كەنتى  قۇملۇق كەنت بولۇپ، كەنتتە  676 كىشى بار ئىدى. جۇغراپىيىلىك ئورۇن ۋە ناچار مۇھىت كەنتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويغان ئىدى. توختى ئېلىنىياز ياچېيكا شۇجىسى بولغاندىن كېيىن، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىقنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئەمگەك مۇلازىمىتى كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كىرىم يوللىرىنى كېڭەيتىپ، قالاق ھالەتنى ئۆزگەرتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

     ئۇ دېگىنىنى قىلدى. تاغلىق رايوننىڭ ئوتلاق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆچكە ۋە ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي باقتى، ھويلا – ئارام ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى. ئەسلىدىكى ھوسۇلى ئاز، كىرىمى تۆۋەن قىچا تېرىقچىلىقىنىڭ ھەممىسىنى زاكازلىق كۆممىقوناق تېرىقچىلىقىغا ئۆزگەرتىپ، كەنت بويىچە زاكازلىق كۆممىقوناق تېرىلغۇ كۆلىمىنى 1000 غا يەتكۈزدى، مۇشۇ بىر تۈردىلا كەنت ئاھالىلىرى 1 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم  قىلىپ، ئوتتۇرىچە كىرىمى 2000 يۈەندىن ئاشتى. ئۇ كەنتتىكىلەرنى دېھقانچىلىقتىن بوشىغان ۋاقىتلاردا سىرتقا بېرىپ ئىشلەشكە، كىرىمىنى يىلمۇ يىل ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى. 2008 – يىلى ئەسلىدىكى ئۆسكەم كەنتى ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 4311 يۈەنگە يېتىپ، بۇلۇڭ يېزىسىدىكى كەنتلەرنىڭ پەخرىگە ئايلاندى.

     ئەسلىدىكى ئۆسكەم كەنتى بۇلۇڭ يېزىسىدىكى ئەڭ چەت كەنتلەرنىڭ بىرى. توختى ئېلىنىياز ئاممىنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېزىغا، ناھىيىگە كۆپ قېتىم بېرىپ، ئاخىرى ناھىيىلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەنتكە 7000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا تۇرۇبا ياتقۇزۇشنى تەستىقلاتتى.

     تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنىغۇ تەستىقلاتتى، ئەمما قۇرۇلۇش خىراجىتى نەقلەشمەيۋاتاتتى. توختى ئېلىنىياز كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بالدۇرراق تۇرۇبا سۈيى ئىچىشى ئۈچۈن، قۇرۇلۇشقا يېنىدىن 1000 يۈەن چىقاردى، كەنت ئاھالىلىرىنى ئەمگەككە تەشكىللىدى. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 1998 – يىلىدىن 2002 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، كەنت ئاھالىلىرى تۆت يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشلارنى قىلىپ، ئاخىرى ئائىلىلەرگىچە پاكىز تۇرۇبا سۈيى يەتكۈزدى.

     ئورتاق بېيىش يولىدا مېڭىش

     توختى ئېلىنىياز ياچېيكا شۇجىسى بولغاندىن كېيىن، قانداق قىلغاندا دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى بېيىش يولىغا باشلىغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ ئويلاندى.

     ئەسلىدىكى ئۆسكەم كەنتىگە سېلىشتۇرغاندا، ئەسلىدىكى ياسىرىم قۇلۇچى كەنتى نىسبەتەن قالاق ئىدى. توختى ئېلىنىياز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىشنى ئالدى بىلەن تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتىن باشلاشنى قارار قىلدى. 2006 – يىلى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە، ئەسلىدىكى ياسىرىم قۇلۇچى كەنتىدە تۇنجى قېتىم شوخلا، بەرەنگى، ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناق، مۇچ تېرىلدى ھەم بۇلارنىڭ ھەممىسى زاكاز دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. توختى ئېلىنىياز ھەر كۈنى دېگۈدەك ئېتىز بېشىدىن كەتمەي، دېھقانلارنىڭ زىرائەت پەرۋىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. شۇ يىلى كۈزدە ئالاھىدە تېرىقچىلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، كەنتتىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 3253 يۈەنگە يېتىپ، ئەسلىدىكىدىن 330 يۈەن ئاشتى.

     ياسىرىم قۇلۇچى كەنتىنىڭ شىمال تەرىپى كۆز يەتكۈسىز چۆللۈك بولۇپ، كىشىلەر ئۇ يەردە گىياھ ئۈنمەيدۇ، دەپ قارايتتى، ئەمما توختى ئېلىنىياز بۇ يەرنىڭ مول بايلىقىنى تونۇپ يېتىپ، دېھقانلارنى تىۋىتلىق ئۆچكە بېقىشقا تەشكىللىدى.  

     كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابلەت ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: ئۇ سىرتتىن تېكە سېتىۋېلىپ، ئۆچكە نەسلىنى ياخشىلىشىمىزغا ياردەم بەردى. ھازىر كەنتىمىزدە بېقىلىۋاتقان تىۋىتلىك ئۆچكە ۋە باشقا چارۋامال 4100 دىن ئېشىپ، چارۋىچىلىق كەنت ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كىرىم مەنبەسى بولۇپ قالدى. بۇ توختى شۇجىنىڭ يېتەكلىشىدىن بولدى.

     كەنتتىكى ئىبراھىم ئىسمائىل مۇنداق دېدى: بىزنىڭ 18 مو يېرىمىز بار، ئىلگىرى بۇغداي، كۆممىقوناق ۋە ياغلىق دان تېرىپ، بىر يىل جاپا تارتىپ، 10 مىڭ يۈەنچە كىرىم قىلاتتۇق. توختى شۇجى تىرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشىشىمىزگە يېتەكچىلىك قىلغاندىن بۇيان، كىرىمىمىز خېلى ئاشتى. 2008 – يىلى بەش مو يەردىكى كۆممىقوناققا سېرىق پۇرچاقنى كىرىشتۈرۈپ تېرىدۇق، يەتتە مو يەرگە بەرەنگە، ئالتە مو يەرگە بۇغداي تېرىدۇق، كىرىمىمىز 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، بۇ ئىشتا توختى شۇجىغا رەھمەت ئېيتىمىز.

     توختى ئېلىنىيازنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىلگىرىكى ياسىرىم قۇلۇچى كەنتى نامراتلىقتىن تەدرىجىي قۇتۇلۇپ، بۇلتۇر كەنتتىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 4111 يۈەنگە يېتىپ، ئۈچ يىلدا 1135 يۈەن ئېشىپ، ھەممە ئائىلە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.

    كەنت ئاھالىسى كۆزىگە ياش ئېلىپ قېرىندىشىنى ياد ئەتتى

     2002 – يىلى 23 – ئىيۇل باي ناھىيىسىگە پەۋقۇلئاددە چوڭ كەلكۈن كەلدى، ياسىرىم قولۇچى كەنتى كەنت كوللېكتىپىنىڭ 150 نەچچە تىۋىتلىك ئۆچكىسى ۋە بىرنەچچە كەنت ئاھالىسى ۋە ئۇلارنىڭ 360 تىن ئارتۇق ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى كەلكۈندە كەنتكە تەخمىنەن 15 كىلومېتىر كېلىدىغان سۇلۇم جىلغىسىغا قامىلىپ قالدى، ئەھۋال ئىنتايىن خەتەرلىك ھەم جىددىي ئىدى.

     توختى ئېلىنىياز بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، 12 خەلق ئەسكىرىنى باشلاپ، ئاتلىق تاغقا كىرىپ، خەتەرگە قارىماي، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان تەلۋىچۈك دەرياسىدىن 11 قېتىم ئۆتۈپ، ئۇدا ئىككى كۈن جىددىي قۇتقۇزۇش ئارقىلىق، ئاخىرى كەلكۈندە  ئون نەچچە كۈن قامىلىپ قېلىپ، ھايات قېلىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن مۇھەممەت ھوشۇر قاتارلىق تۆت كىشى ۋە 500 دىن ئارتۇق چارۋىنى قۇتقۇزۇۋالدى.

     توختى ئېلىنىياز زىيادە چارچىغاچقا، 2002 – يىلى ئېغىر دەرىجىدىكى سۆڭەك ئۆسۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولدى ھەم دائىم بۇرنى قانىدى. لېكىن، ئۇ خىزمەتنى توختىتىپ قويماي، داۋاملىق بوران – چاپقۇنغا قارىماي ئىشلەپ، ئېتىز باشلىرىدا ئالدىراش ئۆتتى. كەنتلەرنى ئارىلاپ ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – تۇرمۇشتا يولۇققان قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، زېھنىنى پۈتۈن كەنتنى راۋاجلاندۇرۇشقا قاراتتى.

     ھاللىق سەۋىيىگە يېتىش ئۈچۈن جەزمەن يول ياساش كېرەك. توختى ئېلىنىياز پارتىيە ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىسى ۋەكىللىرىگە يىغىن ئېچىپ، ‹‹كوللېكتىپ كېڭىشىش›› چارىسىنى قوللىنىپ، 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرى مەبلەغ ۋە كۈچ توپلاپ، كەنتكە كېلىدىغان يولنى ياساشنى قارار قىلدى.

     دەسلىپىدە كەنتتىكىلەر يول ياساش قۇرۇلۇشىنى تازا قوللاپ كەتمىدى. ئۇلار يول ياساشقا بەك كۆپ مەبلەغ كېتىدۇ، دەپ قارايتتى. لېكىن، توختى ئېلىنىياز قىيىنچىلىقنى ھامان ئادەم ھەل قىلىدۇ، دەپ قارىدى. ئۇنىڭ تەرەپ – تەرەپكە چېپىپ، ھەممە كىشىنى قايىل قىلىشى بىلەن قىلغان ئەجرى ئاخىرى جاۋابقا ئېرىشىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار كەنت يوللىرىنى تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى بويىچە تۈر تۇرغۇزدى.

     كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سېلىقىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، يول ياساشقا كېرەكلىك 228 مىڭ يۈەن يانداشما مەبلەغنىڭ ھەممىسىنى كەنت كوللېكتىپى چىقاردى، ھېساباتتا ئاشكارا بولدى، كەنت ئاھالىلىرى تېخى قۇرۇلۇشقا ئىشلەپ ئاز  – تولا تاپاۋەتمۇ قىلدى.

     2008 – يىلى 6 – ئايدا كەنتكە كېلىدىغان تاشيول قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىپ، 9 – ئايدا پۈتۈپ قاتناش باشلاندى. گەرچە بۇ يولنىڭ 3.5كىلومېتىرى ئاسفالت يول،  يەتتە كىلومېتىرى قۇم – شېغىللىق يول بولسىمۇ، لېكىن، كەنت ئاھالىلىرى سىرتقا چىقىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدى، كەنتتىن تارتىپ يېزىلىق ھۆكۈمەتكىچە بولغان ئىلگىرىكى ئىككى سائەتلىك مۇساپە 20 مىنۇتقا قىسقاردى.

     — كەنتنىڭ يولى ياسالدى، لېكىن، توختى شۇجى بىزنى تاشلاپ كەتتى،– دېدى 71ياشلىق مۇھەممەدنىياز سەلەي ئۇنى ئەسلەپ كۆز يېشى قىلىپ.     

مۇھەررىر : قەيسەر.

مەنبە:  تەڭرىتاغ تورى

ئادىرىسى : http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/content/2009-04/07/content_176505.htm

ئالدىنقى يوللانما :  كەنىت كادىرىنىڭ ئالىيجاناپ ھاياتى  

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2009-4-14 16:57:51

ياخشىلار بۇرۇن كىتىۋاتىدۇ

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2009-4-15 08:55:47

باياتىن مۇشۇ خۇسۇسىدا ئۆگۈنۈش تەسىراتىمنى تاپشۇرۋاتتىم.
بەت: [1]
: مۇھاببەت ۋە ساداقەت