دۆلىتىمىز قىيناپ سوراق قىلىپ قىستاپ ئىقرار قىلدۇشنى
دۆلىتىمىز قىيناپ سوراق قىلىپ قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇشنى قاتتىق چەكلىپ ، قاماققا ئىلىنغۇچىلارنى سوراققا ئىلىپ چىقىشنىڭ ئالدى - كەينىدە سالامەتلىكىنى تەكشۈرتىدۇ
گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى تۆنۈگۈن < دۆلەت ئىنسان ھوقۇقى ھەركىتى پىلانى (2009 - 2010 - يىللىق)> نى ئېلان قىلدى . بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئىنسان ھوقۇقىنى ئاساسى تىما قىلغان دۆلەتلىك تۇنجى پىلان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
ھەرىكەت پىلانىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى : جۇڭگو قانۇن ئىجرا قىلىش ، ئەدلىيىنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىدا ، جىسمانىي ھوقۇقنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ ، قىيناپ سوراق قىلىپ قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇش ۋە قانۇنسىز ماقاپ قويۇش ھەركىتىنى قاتتىق چەكلەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قاماقتىكىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك مۇئامىلىسى تەرەپلىرىدىكى قانۇن - نىزام ، سىياسەت - تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ، بارلىق سوراقخانىلارنى فىزىلىق ئايرىشنى مەجبۇرىي يولغا قويۇپ ، سوراقتىن ئىلگىرى - كېيىنكى قامالغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىدۇ ھەم كىڭەيتىدۇ . قاماپ قويۇلغۇچلارغا قارىتا سىرتقى مۇئامىلىنى يەنە بىر قەدەم مۇكاممەملەشتۈرۈپ ، قاماپ قويۇلغۇچىلار بىلەن ئالاقە قىلىش ، كۆرۈشۈش ، قاماقخانىدىن ئايرىلىپ تۇققان يوقلاش قاتارلىق بەلگىلىمىلەرنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا مۇكەممەللەشتۈرىدۇ .
ھەرىكەت پىلانىغا ئاساسەن ، جۇڭگو يەنە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ تۈرمە باشقۇرۇش رايونلىرىدىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ . تۈرمىلەردە پاش قىلىش ساندۇقىنى تەسىس قىلىپ ، قامالغۇچىلارنىڭ شىكايەت قىلىشىغا قولايلىق يارتىدۇ . قامالغۇچىلارنىڭ تۈرمە رايونلىرىدا تۇرۇشلۇق تەپتىش ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ، قامالغۇچىلار ئۆزىنى قانۇنسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىدىم ، دەپ قارىسا تۈرمىدە تۇرۇشلۇق تەپتىش ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشسە بولىدۇ .
http://news.sina.com.cn/c/2009-04-14/071117604316.shtml
مىنىڭ ئۆيۈم ساقچىخانىنىڭ ئۇدۇلىدا مەن ھەر كۈنى كەچلىكى قاتتىق ئىڭرىغان ۋايجانلىغان ئاۋازلارنى ئاڭلاپ ئىچىم سىرىلىپ كىتىدۇ. بىچارىلەر قانداق گۇناھ ئۆتكۈزىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇلارنى ئۇرۇپ دۇمبالاش. خارلاشقا قەتئىي يول قۇيۇشقا بولمايدۇ، يۇقارقى پىلەن بەك ياخشى ئوتتۇرغا قۇيىلىپتۇ.
بۇ تۇنجى يولغا قويۇلغان ئىنسان ھوقۇقى ھەرىكەت پىلانىنىڭ باشقا تەپسىلاتلىرىنىمۇ بىلسەك بولۇپتىكەن. سىياسى ھۇقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلارچۇ؟تۆۋەندىكى سۈرەتتىكى ئوقۇغۇچى ساقچىخانىدا «يۈرەك كېسىلى قوزغۇلۇپ» ئۆلۈپ كەتمىگەن بولسا بۇ ئۇقتۇرۇش چىقمايىتتى
http://www.gzmama.com/thread-999398-1-1.html
بىزنىڭ شىنجاڭدا بۇ ئۇقتۇرۇش ئەمللىشەمۇ؟
ئاپتونومىيەلىك سىياسەت ئايرىم بولىدۇ بەرىبىر . داخېيەن تۈرمىدىن دوختۇرخانىمىزغا تەكشۈرتكىلى كەلگەن جىنايەتچىلەرنىڭ ئىچىدە بىرەسى ساق چىقىپ باققىنى يوق . كىسىلى ئېغىرلىشىپ زادى بولالمىغاندا داۋالاتقىلى ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىدۇ . ئۇ جىنايەتچىلەرنىڭ سىياقىدىنلا قانچىلىك جاپا تارتقانلىقى بىلىنىپ تۇرىدۇ .
panda:
بىزنىڭ شىنجاڭدا بۇ ئۇقتۇرۇش ئەمللىشەمۇ؟
بۇ يەردە ئەمىلىيلىشىش ئۈچۈن بىر مۇنچە جەريان كىتىدۇ ،خۇددى نەچچە قاتار تارىخى باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەندەك
كۆرىمىز تۇنجى قېتىملىق كىشىلىك ھۇقۇق ئىمتىيازىكەن تېخى !! مۇشۇنىڭغا بولسىمۇ شۈكرى دەيلى ... قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش ئەمەليەتتە جىنايەت گۇماندارىنى ئىقرار قىلدۇرۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئەڭ ئاددى ئۇسۇل ، لىكىن بۇ ئۇسۇلنى قوللانغانغانلىق ساقچىنىڭ يارامسىزلىقىنىڭ ئىپادىسى.
بىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىمىزدىمۇ چىرايلىق قىلىپ \" پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى قوغدىلىدۇ\" دەپ يوغان يېزىقلىق . ئەمما قانۇننى ئادەم يۈرگۈزىدۇ ، قانداق يۈرگۈش شۇلارنىڭ ئىلكىدە . بۇ خۇددى قانداق ھەيدەش كېرەكلىكىنى ئۆگەتمەي باۋمادىن بىرنى كالاھارۋىسى ھەيدەيدىغان كىشىگە بەرگەندەكلا ئىش.
بۇ ئىش تۇزەلمىسىمۇ بولمايتى
ئۇيغۇرئالىكىس تورى - ئۇيغۇر مۇنبەرلەر جەمگاھى - ئۇيغۇر توربىكەتلەردەرىجە توپلىمى - ئالىكىس خەۋەرتورى
ياخشى سىياسەتلەر يولغا قۇيۇلۋاتىدۇ786:
بۇ ئىش تۇزەلمىسىمۇ بولمايتى
ئۇيغۇرئالىكىس تورى - ئۇيغۇر مۇنبەرلەر جەمگاھى - ئۇيغۇر توربىكەتلەردەرىجە توپلىمى - ئالىكىس خەۋەرتورى
ماۋۇ ھەقسىز ، ئۈنۈملۈك ئېلانكەن
ئادەم ئۇرالمايدىغان ئادەممۇ ساقچى بولامدۇ...
بۇ يىلدا ساقچىخانىدا ئۆلۈپ كەتكەن يالغۇز بىر ئاشۇ ئوقۇغۇچىلا ئەمەس ، ئىككى ئايدىن بېرى ئۈزۈلمەي شۇنداق خەۋەرنى ئاڭلاۋاتىمىز ، لىكىن ھۆكۈمەتنىڭ بۇنى كىشىلىك ھوقۇق يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ پىلان تۈزىشىدە يالغۇز بۇ ساقچىخانىدىكى ئىشلارلا سەۋەب بولمىغان ...
1. خۇجىنتاۋ شۇجى ئوتتىرىغا قويغان \" ئادەمنى ئاساس قىلىش \" پىرىنسىپىنى ئەمىلىلەشتۈرۈشتە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ھەرىكىتى قوزغىماي بولمايىتتى .
2.ئېنتىرنېتنىڭ تەسىرىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ نۇرغۇن يەرلىكتە يۈز بېرىپ يەنە شۇ ئىزىدىلا يېپىلىپ قالىدىغان ئىشلار ئەمدى ناھايىتى تىزلا پۈتۈن دۆلەتكە تارقىلىپ جامائەت پىكرى قوزغايدىغان ھالغا يەتتى ، شۇڭا كىشىلىك ھوقۇقتىن بىرى بولغان سۆز قىلىش ھوقۇقىنىڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلمىقى ، دىققەتنى قوزغىمىقى نورىمال ئىش .
3.بۇرۇنقى ئىقتىزادى تەرەققىياتنى دەپ باشقا ئىشلارنى قۇربان قىلىدىغان خىزمەت ئۇسلۇبىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش ، ئادەمنى ئاساس قىلىشقا ئۆزگەرتىشتە ئەڭ مۇھىمى ئاۋام خەلىقنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى تونۇشىنى ئۆستۈرۈش ، ئاۋام خەلىققە ئۆز كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشنى ئۆگىتىش . بولۇپمۇ ئاۋام خەلىق كىشىلىك ھوقۇق دىگەننىڭ نىمىلىكىنى قەتئىي چۈشەنمەيدىغان مەملىكىتىمىزدە .
پارتىيە مەركىزى كومىتىت مۇشۇ ئىشلارنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭدا مۇقىملىقنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈنلا نۇرغۇنلىغان زۆرۈر بولمىغان قۇربانلار بېرىلىۋاتقانلىقىنى ، بۇنداق ھالەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتقا ئاساس بولىشىنىڭ تەسلىكىنى ، شىنجاڭنىڭ سىياسى ئىقتىزادى خىزمەتلىرىنىمۇ مۇشۇ نەچچە يىلدىن بۇيانقى خۇجىنتاۋ شۇجى ئوتتىرىغا قويغان ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بويىچە قايتىدىن قاراپ چىقىش كىرەكلىكىنى ھىس قىلسا ياخشى بولاتتى .
شۇنداق، ھەرھالدا يوقتىن ياخشى. ھامىنى شىنجاڭغىمۇ كەپقالىدۇ.
786:
بۇ ئىش تۇزەلمىسىمۇ بولمايتى
ئۇيغۇرئالىكىس تورى - ئۇيغۇر مۇنبەرلەر جەمگاھى - ئۇيغۇر توربىكەتلەردەرىجە توپلىمى - ئالىكىس خەۋەرتورى
يائاللا .بىلىدكەنسىز تۈزۈلۈش كېرەكلىكىنى ھە .......