Nadan يوللانغان ۋاقتى 2009-4-12 11:19:12

كەنىت كادىرىنىڭ ئالىيجاناپ ھاياتى

باي ناھىيە بۇلۇڭ يېزا ياسىرىم قۇلۇچى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى توختى ئېلىنىياز توغرىسىدا

   ئۇ باي ناھىيىسى بۇلۇڭ يېزىسىدا 12 يىل كەنت ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولدى، ئۆتكەن ئۈچ يىلدا ئۇ ئىككى كەنتنىڭ ياچېيكا شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

      ئۇ كەنتتىكى پۇقرالارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالدىراپلا يۈرەتتى. ئۇنىڭ جاپالىق تىرىشىشى بىلەن، تەبىئىي شارائىتى ئىنتايىن ناچار ئۆسكەم كەنتى يېزا بويىچە باي كەنتكە ئايلاندى، نامراتلار كەنتى، دېيىلىدىغان ياسىرىم قۇلۇچى كەنتىدىكىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى ئۈچ يىلدا 1000 يۈەن ئاشتى.

   ئۇنىڭغا ھاردۇق يەتتى.2008– يىل 10 – ئاينىڭ 9 – كۈنى، ئۇنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ، 42 يېشىدا قازا قىلدى.

   بۇلۇڭ يېزىسىنىڭ ئۆسكەم كەنتى ۋە ياسىرىم قۇلۇچى كەنتىدىكىلەر ئۇنىڭ نامىنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. بۇ كىشى — توختى ئېلىنىياز.

   باشلامچى

   توختى ئېلىنىيازنىڭ يېڭىدىن سېلىنغان يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيىدە ياخشىراق ئائىلە بىساتلىرى يوق دېيەرلىك ئىدى، تامدا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك گېلەممۇ يوق... ئۇ قازا قىلغاندىن كېيىن، بىساتسىز ئۆيىدە 83 ياشلىق ئانىسى، 39 ياشلىق خوتۇنى ۋە ئالتە ياشلىق قىزى شۇنداقلا ئۆي سېلىش ئۈچۈن ئالغان 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قەرزى قالدى.

    مۇخبىرنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان دېھقانلار مەرھۇمنىڭ ئۆيىگە تولۇپ كەتتى. كىشىلەرنىڭ چىرايىدىن قايغۇدا ئىكەنلىكى چىقىپلا تۇراتتى، ئۇلار قازا قىلغىنىغا تۆت ئايدىن ئاشقان توختى ئېلىنىيازنى تىلغا ئېلىشقىنىدا كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالدى.

      78 ياشلىق قاسىم ئىسمائىل كەنتنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك شۇجىسى، ئۇ مۇنداق دېدى: توختى شۇجى كەنتىمىزگە تۆت چوڭ ئىش قىلىپ بەردى، بىرىنچى، ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، ئىلگىرى چارۋامال تۈگۈل بىزمۇ كۆل سۈيى ئىچەتتۇق، ئۇ كۆپ يول مېڭىپ، دېھقانلارنى تۇرۇبا سۈيى ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئىككىنچى، ئىھاتە ئورمىنى ئەھيا قىلىشنى چىڭ تۇتتى، ئىلگىرىكى قاقاسلىقلارغا كۆچەت تىكتۇق، بۇ كۆچەتلەر ھازىر ئىشلەتكۈدەك بولدى، بۇنىڭ بىلەن كوللېكتىپنىڭ ئىقتىسادى زورايدى. ئۈچىنچى، ئۇرۇقلۇق قوناق ۋە سورتلۇق بۇغداي تېرىقچىلىقىنى كېڭەيتكەچكە دېھقانلارنىڭ كىرىمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. تۆتىنچى، كەنتكە تاشيول ياساپ بەردى، ئىلگىرى كەنتىمىزنىڭ يولى ئېگىز – پەس ئىدى، ھازىر ئاسفالىت يول ۋە شېغىل يول ياسالدى.

   بۇلۇڭ يېزا ئۆسكەم كەنتىنىڭ ئۈچ تەرىپى تاغقا، بىر تەرىپى دەرياغا تۇتىشىدىغان بولۇپ، 20 سانتىمېتىر كولىسىلا تاش چىقاتتى، مۇشۇنداق تەبىئىي شارائىتى ئىنتايىن ناچار جايدا توختى ئېلىنىياز دېھقانلارنى يېتەكلەپ، ئۇرۇقلۇق قوناق، سورتلۇق بۇغداي تېرىپ، زاكاز يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، بۇ كەنتنى يىراق – يېقىندا داڭقى بار باي كەنتكە ئايلاندۇردى.

   كەنتتە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىش باشلانغاندا، نۇرغۇن كىشىنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتمەي، كېسەك ئۆيلىرىنى چېقىشنى خالىمىدى. توختى ئېلىنىياز باشلامچىلىق بىلەن يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سالدى، ئاندىن دېھقانلارغا سەۋىرچانلىق بىلەن خىزمەت ئىشلىدى. 2008 – يىلى 8 – ئايدا، ئۇ ياسىرىم قۇلۇچى كەنتىگە بىر قانچە قېتىم بېرىپ، 85 ياشلىق قاسىم ئىمىنغا خىزمەت ئىشلەپ، كېسەك ئۆينىڭ يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى، يەر تەۋرەپ قالسا، ھاياتى ۋە مال – مۈلكىگە زىيان يېتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئۇ بوۋاينىڭ ئۆي سېلىش پۇلىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، تراكتور تېپىپ، خىشلارنى ئۆيىنىڭ ئالدىغىچە ئەكىلىپ بەردى، بوۋاي بۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ، باشقا دېھقانلارغا كونا ئۆيىنى چېقىپ، يېڭى ئۆي سېلىش توغرىسىدا خىزمەت ئىشلىدى، شۇنداق قىلىپ كەنت قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى.

   2002 – يىلى 7 – ئايدا، بۇلۇڭ يېزىسىدا تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان قارا يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن كەلدى. ئۆسكەم كەنتىدىكى ئۈچ دېھقان ۋە 700 تۇياقتىن ئارتۇق قوي تاغدا قاپسىلىپ قالدى، ئەھۋال ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى، ۋاقتىدا قۇتقۇزۇۋېلىنمىسا، ئۇلار ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قېلىشى ياكى كەلكۈن ئېقىتىپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى.

   مۇشۇنداق خەتەرلىك پەيتتە، توختى ئېلىنىياز مەن بېرىپ قاراپ باقاي، دېدى – دە، ھاياتىنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي، ئالتە كىشىنى باشلاپ كەلكۈندىن ئۆتتى، ھەر بىر كىشى ئۈچ – تۆت قوينى ئاتقا ئارتىپ، نەچچە ئون قېتىم بېرىپ كېلىپ، خەتەردە قالغان ئامما ۋە چارۋىلارنى قۇتقۇزۇپ چىقتى. ئۇلار سەھەر سائەت 10 دا قۇتقۇزۇشقا چىقىپ، قاراڭغۇ چۈشكەندە ھېرىپ، ئېچىپ ئاران قايتىپ كەلدى، بىر كۈن ھېچنېمە يېمىدى، ئىچمىدى.

   توختى مۇسانىڭئون نەچچە مو يېرى بولۇپ، ئىلگىرى قوناق تېرىپ باقمىغاچقا، كەنتتە ئۇرۇقلۇق قوناق ۋە سورتلۇق بۇغداي تېرىش كېڭەيتىلگەندە، ئۇ باشقا نۇرغۇن دېھقانغا ئوخشاشلا ياخشى ھوسۇل ئالالماسلىقتىن ئەندىشە قىلدى. توختى ئېلىنىياز باشلامچىلىق بىلەن ئۇرۇقلۇق قوناق تېرىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ‹‹ئۈچ پېشقەدەم››لەرنى باشلامچى بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇرۇقلۇق قوناق تېرىقچىلىقىنى تېزلا كېڭەيتتى.

   ئىلگىرى بىر يىلدا 3000 يۈەنمۇ كىرىم قىلالمايتتىم، تۇنجى يىلى تېرىغان سەككىز مو ئۇرۇقلۇق قوناقتىنلا 8000 يۈەن كىرىم قىلدىم،   –دېدى توختى مۇسا خۇشاللىق بىلەن.

   تۆھپە قوشۇش

   ئۆسكەم كەنتىدە 630 نوپۇس بولۇپ، تېرىلغۇ كۆلىمى 3300 مو؛ ياسىرىم قۇلۇچى كەنتىدە 753 نوپۇس بولۇپ، تېرىلغۇ كۆلىمى 3600 مو كېلىدۇ. بۇ ئىككى كەنتتە ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇپ، تەبىئىي شارائىتى ناچار ئىدى. توختى ئېلىنىيازنىڭ باشلامچىلىقىدا ئۆسكەم كەنتىنىڭ 2005 – يىلىدىكى كىشى بېشى ساپ كىرىمى 3047 يۈەنگە يېتىپ، يېزا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. شۇنىڭ بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلار 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ياسىرىم قۇلۇچى كەنتىنىمۇ ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇردى، ئىككى كەنت قوشۇلۇپ ياسىرىم قۇلۇچى كەنتى بولدى. ئىلغار كەنت ئارقىدا قالغان كەنتكە باشلامچىلىق قىلدى. توختى ئېلىنىيازنىڭ جاپالىق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، ئەسلىدە 28 مىڭ يۈەن قەرزى بار بۇ كەنتنىڭ 65 مىڭ يۈەن ئېشىنچىسى بار بولدى، ئۈچ يىلدا كەنتتىكىلەرنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 1000 يۈەن ئاشتى.

      بۇلۇڭ يېزىسى بىلەن ئۆسكەم كەنتىنىڭ ئارىلىقى 18 كىلومېتىر، ئۆسكەم كەنتى بىلەن ياسىرىم قۇلۇچى كەنتىنىڭ ئارىلىقى 20 كىلومېتىر كېلىدۇ. توختى ئېلىنىياز كۈندە ئۆزى سېتىۋالغان موتسىكلىت بىلەن بۇ ئارىلىقتا قاتناپ يۈرۈپ، ئىككى كەنتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، كۈندە ئاز دېگەندە 100 كىلومېتىر يول يۈردى.

   توختى ئېلىنىياز ھەر كۈنى دېگۈدەك ئەتىگەن سائەت 7 دىن ئاشقاندا ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، يېرىم كېچە سائەت 2 دىن ئاشقاندا قايتىپ كېلەتتى، كۈندە كەنتتە قاتناپ يۈرۈپ، بىر ئايدىلا ئايىغىنى كاردىن چىقىراتتى. ئۇ خىزمەتنى دەپ ئۈچ موتسىكلىت سېتىۋالغان، بىر موتسىكلىتنى ئاز دېگەندىمۇ 5000 – 6000 يۈەنگە سېتىۋالاتتى. 2006 – يىلى بىر كۈنى ئۇ موتسىكلىت بىلەن خىزمەتكە كېتىۋېتىپ يىقىلىپ چۈشۈپ، ئىشتىنى، ئايىغى كاردىن چىقتى، پۇتى يارىلىنىپ قاناپ كەتسىمۇ، ئاقساپ يۈرۈپ داۋاملىق خىزمەت قىلدى. دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش ۋاقىتلىرىدا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى يەرلىرىگە ۋاقتى يەتمەي، ئىشلەمچىلەرگە كۈنىگە 30 يۈەن بېرىپ ئىشلەتتى. زىرائەتلەرنى سېتىشقا توغرا كەلگەندىمۇ ۋاقتى چىقماي، باشقىلارنى ياللاپ ئالدىراپلا ساتقۇزۇۋەتتى.

      ئۇ تاماقنى ۋاقتىدا يېمىگەچكە ئاشقازىنى دائىم ئاغرىيتتى.يىلبويى ھەددىدىن ئارتۇق چارچىغانلىقتىن، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، سۆڭەك ئۆسۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، دائىم بېشى ئاغرىپ، بۇرنى قانايدىغان بولۇپ قالدى...

      توختى ئېلىنىيازنىڭ ھاياتىدىكى ئاخىرقى كۈن، يەنى ئۇنىڭ 12 يىللىق ‹‹كەنت ئەمەلدارى››لىق ھاياتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

   2008 – يىلى 9– ئۆكتەبىر، توختى ئېلىنىياز ناشتىمۇ قىلماي، ئەتىگەندىلا 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ياسىرىم قۇلۇچى كەنتىگە يۈرۈپ كەتتى. يولدا دېھقانلارنىڭ نەرسىسىنى يۆتكەپ بېرىۋاتقاندا قورسىقىنى خېلى چوڭ تىلىۋالدى، ئۇ پلاستىر بىلەن يارا ئورنىنى چاپلاپ قويۇپلا، كەنتكە بېرىپ كەنت كادىرلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئورۇنلاشتۇردى. كەنت كادىرى ئىبراھىم ئىسمائىل ئۇنىڭ قورسىقىدىن يەنىلا قان چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى دوختۇرخانىغا بېرىشقا دەۋەت قىلدى. لېكىن ئۇ: ۋاقتىم يوق، سەل بوشىغاندا باراي، دەپلا شوخلا زاۋۇتىغا بېرىپ، دېھقانلاردىن كۆپ ئېلىۋالغان مايسا يېتىشتۈرۈش پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، كېيىن يەنە كراخمال زاۋۇتىغا بېرىپ دېھقانلارنىڭ بەرەڭگىسىنى سېتىپ بېرىش مەسىلىسىنى سۆزلەشتى.

   ئۇ چۈشلۈك تامىقىنى يەپ بولۇپ، دېھقانلارنىڭ بەرەڭگىسىنى قانداق سېتىپ چىقىرىش مەسىلىسىنى ئويلىشىۋاتقاندا تۇيۇقسىز ھوشىدىن كەتتى... دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ، 42 ياشلىق توختى ئېلىنىياز يەنىلا بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى.

   شۇم خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن ئۆسكەم كەنتى، ياسىرىم قۇلۇچى كەنتى، ئىلگىرى ئۇنىڭ ئايىغى يەتكەن ھەر بىر جاينى قايغۇ قاپلىدى، كىشىلەر 1 مېتىر 80 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىكى بۇ بەستلىك ئەزىمەتنىڭ مۇشۇنداق تۇيۇقسىز قازا قىلىشىغا ئىشەنمەيلا قالدى. كەنتتىكىلەر ئاپتوبۇس، موتسىكلىت، تراكتورلارغا ئولتۇرۇپ، ئاتلارغا مىنىپ دېگۈدەك دوختۇرخانىغا ئۇنى كۆرگىلى باردى. كىشىلەر كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ، مۇشۇنداق بىر ياخشى كەنت كادىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىدىن قاتتىق قايغۇردى.

   ‹‹سىز ياش تۇرۇپلا كېتىپ قالدىڭىز. سىز بىر ئەزىمەت، جاپادىن قورقماي، دېھقانلارغا نۇرغۇن ياخشى ئىش قىلىپ بەردىڭىز، كەنتتىكىلەر سىز ئۈچۈن قايغۇرۇپ، سىزنى ئۇزاتماقتا، بىزدىن ئايرىلسىڭىزمۇ، نامىڭىز مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ››.

    بۇ شۇ كەنتتىكى ئارزۇگۈلنىڭ ياخشى شۇجى توختى ئېلىنىيازغا ئاتاپ يازغان مەرسىيىسى ئىدى.

   توختى ئېلىنىياز 1993 – يىلى پارتىيىگە كىرگەندىن بۇيان، ناھىيىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى تەرىپىدىن تۆت قېتىم ‹‹مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى›› بولۇپ باھالاندى، ئۇدا بەش يىل ‹‹ئىلغار شەخس›› دېگەن نامغا ئېرىشتى، ئۇدا ئون يىل ‹‹مۇنەۋۋەر پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى›› بولۇپ باھالاندى.

    بۇلۇڭ يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 2008 – يىلى 31– ئۆكتەبىر يولداش توختى ئېلىنىيازغا ‹‹كەنتنى بېيىتىپ، خەلقنى سۆيگەن ياخشى ياچېيكا شۇجىسى›› دېگەن شەرەپلىك نام بەردى ھەم پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشىنى چاقىرىق قىلدى. 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

مەنبەسى : تەڭرىتاغ تورى

ئادىرىسى :

http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/news/content/2009-02/13/content_155282.htm

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2009-4-12 21:45:07

ئاشۇ سان-سىغىرلار توغىرا بولغاي!

خەلقنىڭ دۇئاسىنى ئالغان كىشى ياخشى كىشى!

Yawuz يوللانغان ۋاقتى 2009-4-13 09:33:08

ئاقسۇدىن چىققان يەنە بىر ئۆمەر ئىمىنكەندە بۇ.
بەت: [1]
: كەنىت كادىرىنىڭ ئالىيجاناپ ھاياتى