UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2009-4-6 19:07:47

تاڭ سىڭ شىنجاڭغا قالدۇرۇپ كەتكەن تېپىشماق

شۇەنزاڭ يازغان"بۈيۈك تاڭ غەربىي رايۇن خاتىرىسى" نەملىق كىتاپ

شۇەنزاڭ بېسىپ ئۆتكەن جايلارنىڭ خەرىتىسى

شۇەنزاڭ سەپەر ئۈستىدە

تاڭسىڭ شىنجاڭغا قالدۇرۇپ كەتكەن بىر تېپىشماق

  تاڭسىڭ(تاڭ شۈەنزاڭ)تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەشھۇر راھىب.ئەسلى فامىلىسى چېن،خېنەننىڭ يەنشىدىن بولۇپ،كۇڭزىچىلار تەلىماتىنى ياقلىغۇچى بىر ئسىلزادىلەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

  تاڭ سېڭ جىنگۇەننىڭ1-يىلى(مىلادى627-يىلى)نەچچە مىڭ چاقىرىملىق يالغۇز سەپىرىنى باشلاپ،جىنگۇەننىڭ19-يىلى(مىلادى645-يىلى)نۇرغۇن جاپا-مۇشەقەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ،چاڭئەن(ھازىرقى شىئەن)دى يولغا چىقىپ،شىنجاڭ،ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ،ھىندىستانغا بېرىپ،نۇرغۇن بۇددا دىنىغا ئائىت ئەسەرلەر ۋە بۇتلارنى ئېلىپ كەلگەن.ئۇ يازغان"بۈيۈك تاڭ غەربىي رايۇن خاتىرسى"دە ئۇنىڭ غەرپكە بېرىپ نوم ئەكىلىش جەريانىدىكى كۆرگەن-بىلگەنلىرى خاتىرلەنگەن بولۇپ،كىيىن كىشىلەرنىڭ غەربىي رايۇن ۋە قەدىمكى ھىندىستاننى تەتقىق قىلىشتىكى موھىم ماتىرىيالىغا ئايلانغان.

"بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى غەربىي رايۇن خاتىرسى"دە تاڭسىڭ138دۆلەتتە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى خاتىرلىگەن.بۇنىڭ ئىچىدە 110دۆلەتكە ئۆزى بارغان،28دۆلەتنى باشقىلاردىن ئاڭلىغىنى بويىچە خاتىرلىگەن.بۇ كىتاپ ھەرگىزمۇ تاڭسىڭنىڭ سەپەر جەريانىدا نەق ۋاقتىدا يازغان خاتىرسى بولماستىن،بەلكى چاڭئەنگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن تاڭ تەيزۇڭنىڭ تەلىپى بويىچە بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ يازغان ئەسلىمىسىدۇر.تاڭسىڭنىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى خاتىرلىرى نىسبەتەن بىر موقىم شەكىلدە بولۇپ،دۆلەتلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك شەكلى،ئىقتىسادىي ئەھۋالى،ئۆرپ-ئادىتى،مەدەنىيەت-سەنئىتى،تىل-يېزىقى،دىنىي ئېتىقادى،پادىشاھلىرى ھەققىدە بولغان.

   بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن،كىشىنى ئەجەپلەندۈردىغان مۇنداق بىر مەسىلە بار.تاڭسىڭنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى خاتىرسى نىسبەتەن ئاز،يۈزە بولۇپ،نۇرغۇن جايلارنى خاتىرلىمەيلا ئۆتۈپ كەتكەن.بەزىلىرىنى بولسا مۇنداقلا تىلغا ئېلىپ قويغان.مەسىلەن،ئۇنىڭ نوم ئەكىلىش ئۈچۈن ئۆتىدىغان بىرىنچى ئۆتكىلى بولسا،ئېۋىرغول دۆلىتى(ھازىرقى قۇمۇلدا)بولۇپ،ئېۋىرغول پادىشاھى ئۇنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ،ياخشى كۈتكەن.ئۇنى تەبلىغ قىلىشقا تەكلىپ قىلغان.ئۇ بۇ يەردە ئون كۈن تۇرغان.ئەمما ئېۋىرغول دۆلىتىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئايرىم توختالمىغان.كىتاپتا خاتىرلەنگەن بىرىنچى دۆلەت بولسا ئاگنى(ھازىرقى قاراشەھەر)دۇر.ئۇنىڭدىن باشقا ئېدىقۇت دۆلىتى(ھازىرقى تۇرپاندا)ھەققىدە بولسا"ئېدىقۇتتىن چىقتىم"دەپ بىرلا جۈملە قالدۇرغان.ئېدىقۇت ھەققىدە تەپسىلىي خاتىرە قالدۇرمىغان.تاڭ سىڭ غەرپكە بېرىپ نوم ئەكىلىش جەريانىدا،ئېدىقۇت پادىشاھى كۇۋېنتاي بۇددا ئەقىدىلىرىنى ئىنتايىن ھۆرمەت قىلغاچقا،شۇەنزاڭغا ناھايىتى چوڭ ئىلتىپات كۆرسەتكەن.شۇەنزاڭ ئېدىقۇتتا تۇرغان ۋاقىتتا كۇۋېنتاي ئۇنى نوم ھەققىدە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىپلا قالماي،ئۇنىڭ بىلەن سەيلە-ساياھەت قىلغان،ئىككىسى ناھايىتى چىقىشىپ قېرىنداشلاردەك بولۇپ قالغان.كۇۋېنتاي شۇەنزاڭغا بىر ئۆمۈر ئىلتىپات كۆرسىتىدىغانلىقى،بۇنىڭ شەرتى ئۇنىڭ غەرپكە ساياھەتكە بېرىشنى توختىتىپ،ئېدىقۇتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ،دۆلەت پۇقرالىرىغا بۇددا ئەقىدىلىرىنى ئۆگىتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. لىكىن شۇەنزاڭ بۇنىڭغا قوشۇلمىغان.كۇۋېنتاي قاتتىق تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالغاچقا،شۇەنزاڭ ئاچلىق ئېلان قىلىش يولى بىلەن قارشى تۇرغان.ئۇدا ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كىيىن،كۇۋېنتاي ئۆز قولى بىلەن قەدەھ تۇتۇپ تۇرىۋالغان بولسىمۇ،شۇەنزاڭ قەتئىيلا ئۇنىمىغان.شۇەنزاڭنىڭ بۇ روھى كۇۋېنتاينى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن.كېتىدىغان ۋاقىتتا كۇۋېنتاي شۇەنزاڭغا يات جەمەت قېرىنداشلاردىن بولۇش تەكلىپىنى بەرگەن.شۇەنزاڭ خوشاللىق بىلەن بۇ تەكلىپنى قۇبۇل قىلغان.شۇەنزاڭ كۇۋېنتاينىڭ ئانىسى بىلەنمۇ قول بېرىشىپ ئانا-بالا بولۇشقان.كۇۋېنتاي ئۇنىڭغا نۇرغۇن قېلىن كۆجەي تەييارلاپ بەرگەن.ھەمدە يول بويىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە شۇەنزاڭغا ياردەم بېرىش ھەققىدە مەكتۇپ يېزىپ بەرگەن.خوشلىشىدىغان ۋاقىتتا،ئېدىقۇت پۇقرالىرى ئۇنى داغدۇغلۇق ئۇزىتىپ قويغان.ئەمما"بۈيۈك تاڭ غەربىي رايۇن خاتىرسى"دە ئۇ ئېدىقۇتنى بىر جۈملە بىلەنلا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كەتكەن.بۇ نېمە ئۈچۈن؟

تاڭ سىڭ ھازىرقى ئاقسۇ رايۇنىدىكى تەڭرىتاغ جىلغىسى ئارقىلىق شىنجاڭدىن چىقىپ،ھازىرقى قازاقىستانغا بارغان.قايتىدىغان ۋاقىتتا پامىر ئىگىزلىكىدىكى تاشقورغاندىن شىنجاڭغا كىرگەن.قەشقەر ئارقىلىق خوتەن رايۇنىغا يىتىپ كېلىپ،تارىم ئويمانلىقىنى بىر ئايلىنىپ چىققان.ئەمما ئۇ كىتابىدا پەقەت ئاگىنى بەگلىكى(قاراشەھەردە)،كۈسەن بەگلىكى(كۇچادا)،قۇم ئايمىقى(ھازىرقى ئاقسۇدا)،كاۋانتا بەگلىكى(تاشقورغاندا)،كېش بەگلىكى(قەشقەردە)،قارغىلىق بەگلىكى(قارغىلىقتا)،كېرىيە بەگلىكى(خوتەندە)قاتارلىق بەگلىكلەرنى تىلغا ئالغان.يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان بەگلىكلەر ئىچىدە كۈسەن بەگلىكى بىلەن كېرىيە بەگلىكى ھەققىدە خېلى تەپسىلىي خاتىرە قالدۇرغان.بولۇپمۇ خوتەندىن كىيىن ئاساسىي جەھەتتىن تەپسىلىي خاتىرە يوق.بەزىلەر تاڭ سىڭ جىنگۇەننىڭ18-يىلى(مىلادى644-يىلى)كېرىيەگە يىتىپ كېلىپلا ئالدىراش-تېنەش تاڭ تەيزۇڭغا مەكتۇپ يوللاپ ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىگە كەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان.تاڭ تەيزۇڭ دەرھال جاۋاپ قايتۇرۇپ،"دەرھال قايتىپ مەن بىلەن كۆرۈشۈڭ"دېگەن،شۇڭىلاشقا تاڭ سىڭ قايتىش سەپىرىدە يول بويىدىكى باشقا جايلارغا بەك دېققەت قىلىپ كەتمىگەن دەپ قارىماقتا.لىكىن بۇ كۆز قاراش ئانچە ئىشەنچلىك ئەمەس.ناۋادا ئۇنداق بولغاندا،ئۇ قايتىش ۋاقتىدا ناھايىتى ئازادە بولغان بولىدۇ.شۇنداق تۇرۇپ نېمىشقا نۇرغۇن جايلاردا خاتىرە قالدۇرمايدۇ.ياپۇنيەدىكى بەزى ئالىملار تاڭ سىڭ كېرىيەدە تاڭ تەيزۇڭنىڭ پەرمانىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن،ۋاقتىدا يىتىپ بېرىش ئۈچۈن،خەتەرلىك يوللاردىن ئەگىپ،كېرىيەدىن يېنىپ خوتەن دەرياسىنىڭ شىمالىنى بويلاپ كۇچاغا يىتىپ كەلگەن.كۇچادىن ئەسلى يولىنى بويلاپ قايتقان،شۇڭىلاشقا قالدۇرغان خاتىرسى ئاز دەپ قارىدى.بۇ خىل كۆزقاراشنىڭ توغرا-خاتالىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس.بۇنىڭدىن باشقا تاڭ سىڭ قايسى يول بىلەن قازاقىستانغا كىرگەن؟"بۈيۈك تاڭ غەربىي رايۇن خاتىرسى"دە خاتىرلىنىشىچە،ئۇ"مۇز تاغ"بىلەن كىرگەن.مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە،بۇ ئاقسۇ كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ غەربىدىكى مۇز داۋان ئىكەن.بۇ جاي قەدىمدە سودىگەرلەر دائىم ماڭىدىغان موھىم قاتناش يولى بولغان.گەرچە بۇ بىر خەتەرلىك يول بولسىمۇ،جۇغراپىيەلىك ئورنى موھىم بولغاچقا،يەنىلا ئاساسلىق ئۆتكۈنچى يول بولۇپ قالغان.ئەمما بۇ يەردە قەدىمدىنلا ئىككى يول بولغان.بىرى،موزارت داۋىنى.يەنە بىرى،بېدەل ئارت داۋىنى.تاڭ سېڭنىڭ"مۇز تاغدىن ئۆتتۈم"دېگىنى زادى بۇ ئىككى يولدىن قايسى ئىكەنلىكى يەنە بىر تېپىشماقتۇر.

ياڭ شىنسەي يازغان،شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت نەشرىياتى تەرپىدىن 2006-يىلى نەشر قىلىنغان"شىنجاڭدىكى سىرلار"ناملىق كىتاپتىن تاللاپ تەرجىمە قىلغۇچى:لوپنۇرى

بۇ ماقالە لوپنۇرى بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى :  http://lopnuri.blogbus.com/logs/37539676.html

mubarak786 يوللانغان ۋاقتى 2009-4-7 09:26:32

تاقىقا تۇققۇ گەپ قىلغاندىكىن چۈشەنگىلى بولمايدۇ.

شاگىرتلىرى يازغان بولسا كىتابنى ،ئاندىن چۈشەنگىلى بولامىدىكى.........

umakkulke يوللانغان ۋاقتى 2009-4-7 09:54:14

راسىت ،سۇن ۋۇكۇڭ يازسا بوپتىكەن ئەسلى~~

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2009-4-7 09:54:17

ئاخبارات توپلىغىلى كەلگەن ئىشپىيۇن بولمىغاندىكىن يازمىغاندۇ.

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2009-4-7 10:30:52

تاڭ سىڭ ئوقىغان نوملار ئىچىدە << ئاي تۇغماس ، تۇغماي بولماس ... >> دەيدىغان چايلىرى قىزىق - ھە؟

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2009-4-7 12:12:34

قۇياش تۇغماس ، تۇغماي بولماس دەيدىغۇ دەيمەن .

786 يوللانغان ۋاقتى 2009-4-7 12:56:28

توۋە دەيمەن  توۋە دەيمەن مشۇ رايىپلارغا

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2009-4-7 16:00:51

شۇ چاغدا يا بىر تۈزۈك خەرىتە يوق قاندامۇ شۇ يوللاردىن ئېزىپ قالماي بېرىپ يېنىپ كەلگەندۇ دەپ قالىمەن. ماڭا ھازىر قويۇپ بەرسىمۇ خوتەندىن قۇملۇقتا كۇچاغا بارالمايمەن بەلكىم.

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2009-4-7 16:12:07

پىداكار راھىبلار كەن.

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2009-4-7 17:26:51

ھا ھا ھا ،،،تاس قاپتۇ ،ياۋرۇپاغىمۇ بېرىپ كەلگەن دىگىلى ....

Yawuz يوللانغان ۋاقتى 2009-4-7 18:49:44

ماركو پولونىڭمۇ جۇڭگوغا كېلىپ يۈەن سۇلالىسىدە 17 يىل ئەمەل تۇتقانلىقىمۇ گۇمانلىق ئىكەن.

ئاستىدىكى ئۇلىنىشقا قاراڭ.

http://www.orkhun.com/BBs/read.php?tid=425

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2009-4-7 18:52:00

Jeck:
شۇ چاغدا يا بىر تۈزۈك خەرىتە يوق قاندامۇ شۇ يوللاردىن ئېزىپ قالماي بېرىپ يېنىپ كەلگەندۇ دەپ قالىمەن. ماڭا ھازىر قويۇپ بەرسىمۇ خوتەندىن قۇملۇقتا كۇچاغا بارالمايمەن بەلكىم.

ئۇيغۇر كارۋانلار ھەقسىز ئاپىرىپ قويۇپتىكەن...

UDUN يوللانغان ۋاقتى 2009-4-7 19:21:41

كېرىيەگەكەلسەدۆلەت ئىچىگەكىرگەن بولامدىكەن  يۈزى بەك قېلىن خەخ بۇ***********لا

UDUN يوللانغان ۋاقتى 2009-4-7 19:23:08

تېپىشماقلارنىڭ جاۋاپى ئاللابۇرۇن ئۆچۈرۈلگەن ئۆزگەرتىلگەن بۇلىشى مۇمكىن .

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2009-4-8 00:16:29

شۇ چاغىكى بەگلىكلەرنىڭ ھەممىسى خۇددى شېنگېن ۋىزىسىغا ئوخشاش، بىر تۇتاش ۋىزا قوللانغان بولغىيمىدى، تاڭسىڭ چاڭئەندىن بىرلا ۋىزىنى ئېلىۋىلىپ، پۈتۈن دۆلەتلەرنى بىمالال كېزەلەيدىغان....

ھېلىمۇ شۇ چاغلاردا ھازىرقىدەك، پاسپورت، ۋىزا دېگەندەك ئىشلار يوقكەن. بولمىسا تاڭسىڭ قۇمۇلدىنلا ئاستا يولىنى كەينىگە قىلىپ قايتىپ كېتەتتى دە...

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2009-4-8 10:41:44

ئى راھىپ شۇ ۋاقىتتا نان يەپ مېڭىپتىكەن

Faith يوللانغان ۋاقتى 2009-4-8 10:56:10

بىزنىڭ يۇرتتا مەۋلانە مەسچىد دەپ بىر قەدىمىي مەسچىد بولىدىغان. شۇ مەسچىدنىڭ ئىچىدە تاڭشۇنزاڭ خەت يېزىپ قالدۇرۇپ قويغان بىر تاختاي  بار. ھازىر ئۇ تاختايدىكى خەت ئېسىمدە قالماپتۇ! ئۇ خەتلەر ئوڭدىن سولغا يېزىلغان خەتلەر ئىدى. ھازىرغىچە ئېسىقلىق تۇرىدۇ.ئەينى ۋاقىتتا تاڭ شۇنزاڭنىڭ كۈسەن كېچىكىنى كېىزىپ ئۆتكەندە قالدۇرۇپ قويغان قول يازمىسى ئىكەن.

alip يوللانغان ۋاقتى 2009-4-8 11:11:36

مەسچىتتە بۇددا راھىپىنىڭ خېتى ئېسىقلىق دەڭ...

ھازىرمۇ مۇسۇلمانلار كىرىپ ناماز ئوقۇيدىغان مەسچىتمۇ ياكى مەدەنىي يادىكارلىق سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالغان قەدىمىي خارابىمۇ؟

Faith يوللانغان ۋاقتى 2009-4-8 11:32:45

alipenwer:

مەسچىتتە بۇددا راھىپىنىڭ خېتى ئېسىقلىق دەڭ...

ھازىرمۇ مۇسۇلمانلار كىرىپ ناماز ئوقۇيدىغان مەسچىتمۇ ياكى مەدەنىي يادىكارلىق سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالغان قەدىمىي خارابىمۇ؟



بۇ مەسچىد يۇرتىمىزدىكى ئەڭ قەدىمقىي مەسچىدلەرنىڭ بىرى. شۇنداق ھازىرغا كەلگىچە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. مەنمۇ تۇنجى قېتىم كىرگەندە ھەيران قالغان. كيېنچە كۆنۈپ كەتتىم.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2009-4-8 11:38:10

تاڭ سىڭ كەلگەن چاغلاردا كۇچادا مەسچىت نىمە قىلىدۇ
بەت: [1] 2 3
: تاڭ سىڭ شىنجاڭغا قالدۇرۇپ كەتكەن تېپىشماق