wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2009-4-4 20:45:05

ئۇلار ئەتە كېتىدۇ ..

ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﭺ ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﯧﻠﯩﯔ  ﺧﺎﻡ ﺳﯜﺕ ﺋﻪﻣﮕﻪﻥ ﺗﻮﺭﺩﯨﺸﯩﻢ ،
ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﻩﻙ ﻳﺎﻟﯩﻐﯘﺩﻩﻙ ﺗﺎﺯﻻﻧﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﺎﻻ ﭘﯘﻻ ﺳﯜﭘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺰ ،
ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻧﯩﯖﯩﺰ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﻩﻙ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﻟﻪﯕﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻡ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ،ﺳﻪﻱ ﺗﯘﺯﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﻡ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ،ﺩﯛﻣﻠﯩﮕﻪﻥ ﭘﻮﻟﻮﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺲ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺰ ..
ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻮﺭﯗﺳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭘﻤﯘ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﻣﯜﭼﯜﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺋﯚﻣﯜﭼﯜﻙ ﺗﻮﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻴﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺰ ...
ﺑﻪﺯﻩﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻧﻨﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺟﯩﺮﯨﯖﺸﯩﺘﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻧﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺳﻪﻝ ﺧﯘﻳﻠﯩﻨﯩﭙﻤﯘ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺰ ...
ﺑﻪﺯﻩﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﻮﺭﯗﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﺴﯩﺰ ...
ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺩﺍﺩﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﻳﻨﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﻩﻙ ﭘﺎﻛﯩﺰﻩ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﻳﻪﯕﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻳﻨﻪﺕ ﻳﯘﻳﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﺴﯩﺰ ...
ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍ ﺋﺎﭘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﭺ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎﻏﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯩﻴﻼﭖ ،ﺗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻮﻙ ﺗﻮﻙ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺰ ..
ﻳﻮﻝ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﺩﯨﻨﯩﯔ ﭘﯜﻛﯜﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﭘﯘﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﺎﻏﺪﯗﺭ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺰ ..
ﺑﺎﻳﻘﺎﯓ ﺗﻮﺭﺩﯨﺸﯩﻢ ﺑﺎﻳﻘﺎﯓ !
ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯧﺮﯨﺪﻯ ..
ﺋﻪﻱ ﺋﻮﻏﻮﻝ-ﻗﯩﺰ ،ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯧﺮﯨﺪﻯ ،ﺋﺎﻧﺎﯓ ﻗﯧﺮﯨﺪﻯ ﺋﯥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ،ﺋﺎﺗﺎﯓ ﻗﯧﺮﯨﺪﻯ ،ﮬﯧﻠﻘﻰ ﻧﯩﻤﻪ ﻛﯩﻴﺴﻪ ﻳﺎﺭﯨﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺗﻨﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﺳﺎﻕ ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻩﺵ ﺳﻪﭘﺮﯨﺪﻩ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺟﺎﭘﺎﻻﺭﻧﻰ ﭼﯧﻜﯩﭗ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ
ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﮬﻪﺟﻪﭖ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﮬﻪ ﺷﯘﻻﺭ ..........ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﮬﻪ ﺷﯘﻻﺭ .
ﺗﺎﻻﻱ ﻛﯩﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ،ﺳﺎﯕﺎ ﻣﺎﯕﺎ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﺎﻏﻼﭖ . ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻧﻨﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻏﺎ ﻗﻮﺷﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﻨﻤﺎﻱ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺷﯘ ﻗﻪﺩﯨﺮﺩﺍﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﻗﯧﺮﯨﺪﻯ ....
ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺭﯗﻕ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻛﯜﻟﻜﻪﯕﮕﻪ ﺗﯩﮕﯩﺸﻜﻪﻥ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﯘ !!!!!!
ﺋﺎﮬ ﮬﺎﻳﺎﺕ :
ﺷﯘﻻﺭﻣﯘ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯩﯖﻪ ﺩﻩﭖ ﻳﯩﻐﻼﭖ، ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻻﻱ ﻛﯩﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻘﯩﺴﯩﺰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﯩﺸﺘﯩﻨﯩﻐﺎ ﭼﯩﭽﯩﭗ ،ﺳﯩﻴﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻕ ﺋﯩﺪﻯ ......ﮬﻪﻳﮭﺎﺕ ﻣﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺷﯘﻻﺭ ﺋﻪﺷﯘ ﺋﻪﺯﯨﺮ ﻗﻪﺩﯨﺮﺩﺍﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﯞﻩﺭﯛﻙ ﺋﺎﻧﺎ ﺋﺎﺗﺎ ﺑﻮﻟﺪﻯ ...ﻗﯧﺮﯨﺪﻯ ﺑﻪﻟﻠﯩﺮﻯ ﻣﯜﻛﭽﻪﻳﺪﻯ .......
ﺷﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﻧﯩﻤﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯩﺪﯗ ،
ﭘﯘﻟﻤﯘ ؟
ﻳﺎﻕ ﺋﯘﻻﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﯧﮭﺮﻯ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﯩﻜﯩﻼ ﻳﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ .ﭘﯘﻝ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﭼﯩﻦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻣﯩﮭﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺪﯗ .....
ﺳﻪﻥ ،ﻣﻪﻥ ﺋﯘ ﺑﯩﺰ ﺷﯘﻻﺭﻏﺎ ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﻼﻟﯩﺪﯗﻕ ،
ﺋﯧﮭ ﺋﺎﻧﺎ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻝ ،ﺳﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﻗﯩﻼﻱ ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺳﯜﭘﯜﺭﮔﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻘﻤﯘ ؟
ﺳﻪﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭ ﺋﺎﻧﺎ، ﻣﺎﯞﯗ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﻪﺗﺴﯘﻥ ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﮬﻮﺯﯗﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﺑﯩﺨﺮﺍﻣﺎﻥ ﻳﻪﭖ ﺑﺎﻕ ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﻮﻳﺎﻟﯩﺪﯨﻘﻤﯘ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ﻳﺎﻕ ،ﻳﺎﻕ ...
ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻏﯧﻤﯩﺪﺍ ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻏﯧﻤﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ..ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯧﻘﯩﺸﻨﯩﯔ،ﺑﯩﺰﮔﻪ  ﺗﻮﻱ ،ﺋﯚﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﺟﺎﭘﺎﺳﯩﺪﺍ ....
ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯘﻳﯘﻥ ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﻏﯧﻤﯩﺪﻩ ....
ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻜﯘﺕ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﻗﯩﻘﻪ ﺋﯩﺸﻰ ﺑﯘ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯩﻨﯩﻘﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﺪﯗ ،
ﺳﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﯔ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﭼﺎﻳﻐﺎ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺑﺎﻻﯕﻨﻰ، ﺟﯧﺪﯨﻠﻰ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﺱ ﺑﺎﻻﯕﻨﻰ ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺧﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﭼﺎﺭﭼﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎﯓ .......
ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻤﻐﺎ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻛﯚﻳﯜﻧﻤﻪﻳﺴﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎﯓ ﺋﯜﻥ ﺗﯜﻧﺴﯩﺰ، ﺳﯧﻨﻰ ﻣﯧﻨﻰ .....ﺑﯘ ﺧﺎﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺗﺎﺷﻼ ﭖ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ..
ﺋﻮﻳﻐﺎﻥ ﺧﺎﻡ ﺳﯜﺕ ﺋﻪﻣﮕﻪﻥ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭ .
ﺷﯘﻻﺭ ﺑﺎﺭ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﭘﯩﻴﺎﻟﻪ ﭼﺎﻱ ﻗﯘﻱ ،
ﺑﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﻮﻱ ،
ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮﻧﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﭖ ﻗﻮﻱ ...
ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ...
ﺋﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،  ﺳﯧﻨﯩﯔ ﭘﻮﻗﯘﯕﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎﯓ ﺷﯘ .ﺳﯧﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﯓ ﺷﯘ .........ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻗﻪﺑﺮﻩ ﻗﺎﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ 500 ﺳﻮﻡ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻗﯘﯞﻩﺕ ﺗﺎﻟﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ .ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻗﻮﻱ ..
ﻧﻪﺯﺮﻩ ﻛﯜﻧﻰ 100ﺳﻮﻣﻐﺎ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﺎﺩﺍ "ﺋﺎﻧﺎﻣﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ "،"ﺟﺎﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ "ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﺎﺧﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﯘﺩﻩﻙ ﺧﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻪ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯚﺷﯜﻛﺘﯩﻦ ....ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﺘﯩﻦ ، ﻗﯘﻟﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﺯﺍﺕ ﻗﯩﻞ ....
ﺑﯩﺰ  ﻗﯩﻠﻐﯘﻟﯘﻗﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯜﮔﯜﻥ ،ﺋﻪﺗﻪ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﮔﯜﻥ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ،ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﻗﻨﻰ ﺑﺎﻏﻼﭖ ،ﻗﻮﺷﺎﻗﻨﻰ ﺗﻮﻗﯘﭖ ﻳﯩﻐﻼﭖ ،ﭘﯘﺷﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﭼﯩﻨﻪﯕﮕﻪ ﺋﺎﻧﺎ ﺯﻩﻣﺰﻩﻡ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﻩﻱ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﺳﻪﻥ ﻳﻮﻕ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﮬﺎﺭﺍﻗﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﻳﻤﯩﺰ ..
ﺋﺎﮪ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ،ﺋﺎﮪ ﺋﺎﺗﯩﻼﺭ .......

ئەمدى ماۋۇ ناخشىنى ئاڭلاپ چىقىپ كېتەرسىز ..


wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2009-4-4 22:13:52

مۇشۇ ئانىنى كۆرۈپ ئۇنى خۇددى پۈتۈن ئۇيغۇرغا ئورتاق ئانىدەك ھېس قىلىپ تويماي قاراپ كېتىمەن ،.سىزمۇ تىكىلىپ بىر مىنۇت قاراپ بېقىڭ ..

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2009-4-4 22:46:25

رەھمەت...سىزگە.

konamiltik يوللانغان ۋاقتى 2009-4-5 08:11:42

ئانامنى يوقلىغىلى ماڭدىم ئەمىسە....

HiyalChi يوللانغان ۋاقتى 2009-4-5 10:47:09

مەن ئانامغا تېلىفۇن قىپ باقاي. بەلكىم يوق، ئېتىزلىققا چىقىپ كەتتى؟؟؟......................

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2009-4-5 15:01:54

ئانام بىلەن ئىككىمىزنىڭ بىرىمىز تەڭرىتىغىنىڭ جەنۇبىدا ، بىرىمىز شىمالىدا . تىلپون قىلاي..

jessur يوللانغان ۋاقتى 2009-4-5 20:35:05

ھەقىقەتەن تەسىرلىك ئىكەن ،رەھمەت .

umakkulke يوللانغان ۋاقتى 2009-4-6 18:45:00

ئاسپىرانتلىق ئىمتاھانغا قاتنىشىپ يۈز تۇرانە ئىمتاھانغا كىرگەن خەۋىرىمنى ئاڭلىغان ئانام ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتى  .ئانامنىڭ خۇشال بولغىنىنى كۆرۇپ ئۆزەمدىنمۇ رازى بۇلۇپ قالدىم ،بىچارە ئانامنى بىر ئۆمۇر ياخىشى كۈتىمەن !

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2009-4-8 09:54:22

ئاپام-دادامغا بىر ۋاپادارلىق قىلۋالسام بۇلاتتى.. ھېلىمۇ ئاپام-دادام مىنى دەپ جىق جاپالارنى چەكتى...

sirdax يوللانغان ۋاقتى 2009-4-8 15:25:14

مىنىڭ بىچارە ئاپامغا شۇنداق ئىچىم ئاغرىيدۇ. ھىلىمۇ ئېسمدە ، مەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان يىلى بولغان كۇڭۇلسىزلىكلەر ،...ئاپامنىڭ قەيسەرلىكى ،كۆتۈرۈشچانلىقى....مەن شۇ قەيسەر ئىرادىنى ئاپامدىن ئۆگەنگەن.ئاپا، چۇقۇم ئۈمىدىڭنى ئاقلايمەن.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2009-4-8 21:33:56

كۈندە ھال ئەھۋال سوراپ تۇرۇشمۇ بىر ۋاپادارلىق بۇرادىرىم ،

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

nopano يوللانغان ۋاقتى 2009-5-31 17:46:38

رەخمەت ۋاپادارىم سىزنىڭ يازمىلىرىڭىز ماڭا ئۈمىت، ئىشەنچ ۋە مېھرى مۇھەببەتنى خاتىرلىتىدۇ، ئانامنى ھەجەپمۇ سېغىندىم چۈنكى ئۇزاق زامانلار بولدى كۆرىشمىدىم پەقەت تېلىفوندا سۆيىملىك ئاۋازىنى ئاڭلايمەن....

سىزگە تەكرار يۈكسەك ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن !!!

بەت: [1]
: ئۇلار ئەتە كېتىدۇ ..