UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2009-4-2 20:49:57

ئازادلىقتىن بۇيان شىنجاڭغا رەئىس ،شۇجى بولغانلار

ۋاڭ جىن ---- جوڭگۇ كوممونىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتىتى شىنجاڭ بىيروسىنىڭ سىكرىتارى ، بىرىنچى سىكرىتارى بولغان ( 1949 - يىلى 10 - ئايدىن 1950 - يىلى 11- ئايغىچە ، 1950 - يىلى 11 - ئايدىن 1952 - يىلى 12- ئايغىچە ) .

ۋاڭ ئىنماۋ ---- جوڭگۇ كوممونىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتىتى شىنجاڭ بىيروسىنىڭ بىرىنچى سىكرىتارى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكومنىڭ بىرىنچى سىكرىتارى بولغان ( 1952 - يىلى 6 - ئايدىن 1955 - يىلى 9 - ئايغىچە ، 1955 - يىلى 10 - ئايدىن 1966 - يىلى 5 - ئايغىچە ، 1981 - يىلى 10 - ئايدىن 1985 - يىلى 10 - ئايغىچە ) .

لوڭ شۇجىن ---- شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلاۋى كومىتىتىنىڭ مۇدىرى ، ئىنقىلاۋى كومىتىت مەركىزى كىچىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكومنىڭ بىرىنچى سىكرىتارى بولغان ( 1968 - يىلى 9 - ئايدىن 1972 - يىلى 12 - ئايغىچە ، 1970 - يىلى 3 - ئايدىن 1971 - يىلى 5 - ئايغىچە ، 1971 - يىلى 5 - ئايدىن 1972 - يىلى 12 - ئايغىچە ) .

سەيپىدىن ئەزىزى ---- جوڭگۇ كوممونىستىك پارتىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكومنىڭ مۇۋەققەت سىكرىتارى ، بىرىنچى سىكرىتارى بولغان ( 1972 - يىلى 7 - ئايدىن 1973 - يىلى 6 - ئايغىچە ، 1973 - يىلى 6 - ئايدىن 1978 - يىلى 1 - ئايغىچە ) .

ۋاڭ زىئې ---- جوڭگۇ كومونىستىك پارتىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكومنىڭ بىرىنچى سىكرىتارى بولغان ( 1978 - يىلى 1 - ئايدىن 1981 - يىلى 10 - ئايغىچە ) .

سوڭ خەن لىياڭ ---- جوڭگۇ كومونىستىك پارتىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكومنىڭ بىرىنچى سىكرىتارى بولغان ( 1985 - يىلى 10 - ئايدىن 1994 - يىلى 9 - ئايغىچە ) .

ۋاڭ لېچۈەن ---- جوڭگۇ كومونىستىك پارتىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكومنىڭ مۇۋەققەت سىكرىتارى بولغان ( 1994 - يىلى 9 - ئايدىن 1995 - يىلى 12 - ئايغىچە ) . 1995 - يىلى 12 - ئايدىن ھازىرغىچە بىرىنچى سىكرىتارى بولۇپ كەلمەكتە .


شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلىق ھۆكۇمىتىنىڭ رەئىسى ۋە شىنجاڭ ئۈيغۈر ئاپتونۈم رايونلوق خەلىق ھۆكۇمىتىنىڭ رەئىسى بولغانلار :

بۇرھان شەھىدى ---- شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلىق ھۆكۇمىتىنىڭ رەئىسى بولغان ( 1949 - يىلى 12 - ئايدىن 1955 - يىلى 9 - ئايغىچە ) .

سەيپىدىن ئەزىزى ---- شىنجاڭ ئۇيغۈر ئاپتونۈم رايۇنلوق خەلىق ھۆكۇمىتنىڭ رەئىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئىنقىلاۋى كومىتىتىنىڭ مۇۋەققەت مۇدىرى ، مۇدىرى بولغان ( 1955 - يىلى 10 - ئايدىن 1966 - يىلى 5 - ئايغىچە ، 1972 - يىلى 7 - ئايدىن 1973 - يىلى 6 - ئايغىچە ،1973 - يىلى 6 - ئايدىن 1978 - يىلى 1 - ئايغىچە )

لوڭ شۇجىن ---- شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئىنقىلاۋى كومىتىتىنىڭ مۇدىرى بولغان ( 1968 - يىلى 9 - ئايدىن 1972 - يىلى 12 - ئايغىچە ) .

ۋاڭ زئې ---- شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئىنقىلاۋى كومىتىتىنىڭ مۇدىرى بولغان ( 1978 - يىلى 1 - ئايدىن 1979 - يىلى 8 - ئايغىچە ) .

ئىسمايىل ئەھمەت ---- شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ رەئىسى بولغان ( 1979 - يىلى 9 - ئايدىن 1985 - يىلى 12 - ئايغىچە ) .

تۆمۇر داۋامەت ---- شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ رەئىسى بولغان ( 1985 - يىلى 12 - ئايدىن 1993 - يىلى 12 - ئايغىچە ) .

ئابلەت ئابدۇرىشىت ---- شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ، رەئىسى بولغان ( 1993 - يىلى 12 - ئايدىن 1994 - يىلى 3 - ئايغىچە ، 1994 - يىلى 3 - ئايدىن 2003 - يىلى 1 - ئايغىچە ) .

ئىسمايىل تىلىۋالدى ---- 2003 - يىلى 1 - ئايدىن 2008-يلغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ رەئىسى بولغان .

2008-يىلدىن ھازىرغىچە نۇر بەكرى رەئىسلىك خىزمىتىنى ئۆتىمەكتە !

مەنبە:تىركەش تارىخ مۇنبىرى

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2009-4-2 23:38:18

uyghurbaligh:



سەيپىدىن ئەزىزى ---- جوڭگۇ كوممونىستىك پارتىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكومنىڭ مۇۋەققەت سىكرىتارى ، بىرىنچى سىكرىتارى بولغان ( 1972 - يىلى 7 - ئايدىن 1973 - يىلى 6 - ئايغىچە ، 1973 - يىلى 6 - ئايدىن 1978 - يىلى 1 - ئايغىچە ) .

============

سەيپىدىناخۇنلا شۇجى بوپتىكەندە، ئۇيغۇرلاردىن؟

turbo يوللانغان ۋاقتى 2009-4-3 07:51:22

ئابدۇرېيىم ھامۇت قاپتۇ

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2009-4-13 17:42:38

ۋاڭ ئىنماڭ 15 يىلدىن كىيين يەنە شۇجى بۇلاپتىكەن.

بەت: [1]
: ئازادلىقتىن بۇيان شىنجاڭغا رەئىس ،شۇجى بولغانلار