Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2009-3-29 11:10:43

كومپيۇتېر سېتىۋېلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئىزدىنىشتىكى كومپيۇتېرچىلار ۋە كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ، ئالارمەنلەر!

كەمىنە كېلەر ھەپتە چوكانتال بايرىمى مەزگىلىدە بىر يۈرۈش ئۈستەل كومپيۇتېرى ئالماقچى ئىدىم. ئەمما، بۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرىم تايىنلىق بولغاچ ئىزدىنىشتىكى دوستلاردىن بۇ ھەقتە مەسلىھەت سوراشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ قالدىم. ھەم مۇشۇ باھانىدا ئىزدىنىشتا كومپيۇتېر سېتىۋېلىش ئالدى كەينىدىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارغا بېغىشلانغان بىر تېما پۈتۈپ قالسا ئەجەب ئەمەس.

ئەمسە، مەن سۇئالىمنى باشلاي ، بۇ قېتىم كومپيۇتېر سېتىۋېلىشقا تەييارلانغان ئومۇمىي مەبلەغ 5000 يۈەن. قوراشتۇرما كومپيۇتېر ئالماقچى بولىۋاتىمەن. قېنى كۆپچىلىك مۇشۇ پۇل بىلەن قايسى قاتتىق دېتالنىڭ قانداقلىرىنى قانچە پۇلدىن ئېلىش ئارقىلىق بىرقەدەر سۈپەتلىك ۋە ئىشەنچىلىك كومپيۇتېر سېتىۋالغىلى بولىدۇ؟

تېخىمۇ چۈشىنىشلىك ۋە پايدىلىنىشچان بولۇشى ئۈچۈن قاتتىق دېتال ئىسىملىرىنى قوش تىل بويىچە ( ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ) ئىزاھلىغان بولساڭلار، ئۈرۈمچىدىن سېتىۋالماقچى بولغانلار نەدىن ، كىمدىن سېتىۋالساق ئىشەنچىلىك، ئاندىن ئۇلارنىڭ يەككە باھاسى ، قايسى شىركەتنىڭ ياخشى دېگەندەك ئۇچۇرلارنىمۇ قالدۇرۇپ قويساڭلار ، مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كومپيۇتېر سېتىۋېلىش قەستىدە يۈرگەن ۋە بۇندىن كېيىن ئالماقچى بولغان تورداشلار سىلەردىن چەكسىز مىننەتدار بولغان بولاتتى.

مېنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىتىش يۆنىلىشىم: بۇ كومپيۇتېر ئادەتتە ئۆيدە ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە تورغا چىقىش، كىنو كۆرۈش، ئويۇن ئويناش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلىشىم مۇمكىن. كۈندىلىك كومپيۇتېرنىڭ ئىشلەش ۋاقتى ئۇزۇنراق بولۇشى مۇمكىن.

ھۆرمەت بىلەن

يۈكسەل

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2009-3-31 20:50:32

قارلۇق ئەپەندى مەن دىگەن سەپلىمىنى كۆرۈپ بېقىڭ خېلى-خېلى ئۇيۇنلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدۇ،سىغىمى512Mلىق مۇستەقىل سۆرەت كارتىسى،ئىنتىلنىڭ قوش يادرولۇق2.5ھېرتىسلىق بىر تەرەپ قىلغۇچى،ئىشقىلىپ مەن ئىشلىتىپ بەكلا كۆنۈپ قالدىم،极品飞车12نى ئىنتايى سۈزۈك تارتىدۇ،ئازراقمۇ قېتىش ئالامەتلېرى يوق،باھاسى 1740يۈەن.22دىيوملۇق ئېكراننى1300سومغا ئالسىڭىز 3000يۈەنگە كەلدى دىگەن گەپ.

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2009-3-31 21:04:31

22نى 950 سومغىمۇ ئالغىلى بۇلىدۇ. 3 يىل كاپالەتكە ئىگە.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2009-3-29 11:41:20

ئىم ~~~ ئۇنداقتا مەن بىر يېزىپ بىرەي ... 5000 سومغا مۇنداق كومپىيۇتېر قوراشتۇرايلى

ئېكران : 冠捷 AOC   ، 三星SAMSUNG ,ViewSonic优派 ماركىلىق بولسا بولىدۇ ، ئالغان چاغدا يۇرۇق نۇقتا بارمۇ يوقمۇ بۇنىڭغا چوقۇم دىققەت قىلىڭ ، كومپىيۇتېردا سېستىما قوزغاقلىق بولسا ئايرىيالمايسىز ، قارا ھالەتتە يەنى سېستىما قوزغالغۇچە بولغان ئارلىقتىكى قارا كۆرۈنۈش ھالىتىدا ئېكرانغا سىنچىلاپ قاراپ ، دىققەت قىلىڭ .  ئېكران ئۆلچىمى 22 دىيۇيىم بولسا بولىدۇ . ئاندىن ئېنىقلىق ئۆلچىمىنىمۇ(对比度) سوراپ ئېلىڭ . ئادەتتە مەن يۇقىردا تىلغان ئالغان ئېكرانلارنىڭ ئېنىقلىق ئۆلچىمى 10000:1 بولىدۇ ، بۇنىڭدىن يۇقىرى ئېنىقلىق ئۆلچىمى بار تىپلىرىمۇ بار . بازاردىكى HKC , ACER ئېكرانلارنىڭ ئېنىقلىق ئۆلچىمى ھەتتا 2000:1 ئۆلچەمدە ئىشلەپ چىقىرىلغان بولۇپ ، يۇقىرىدا مەن تىلغا ئالغان ئېكرانلار بۇ ئېكرانلارغا نىسبەتەن سۈزۈك ھەم ھۇزۇرلۇق بولىدۇ . سۈرەت ، كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگىنىڭىزدە بىر خىل سىيلىقلىقنى ھېس قىلىسىز .

CPU مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ : INTEL CURE نىڭ نۇرغۇن تىپلىرى بار بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە Q ۋە T تىپلىقلىرى ئەڭ نوچىلىرى بولىدۇ ، سىز بۇنىڭغا قارىتا  INTEL CUREQ6600 نىڭ قاپلىق (盒装(نى تاللاڭ ، بۇ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ بىر تەرەپ قىلغۇچ تۆت نىگىزلىك بولۇپ ، يۇقىرى ئۆلچەمدىكى باش سىم چاستوتىسى ۋە يۇقىرى سىغملىق ئىككىلەمچى ساقلاش بوشلۇقى يەنى L2 بىلەنمۇ سىزنىڭ ھەر قانداق مەشغۇلاتىڭىزنى يىرتىۋېتىدۇ ، ھەرگىزمۇ E7400 نى سەپلىمەڭ 7400 دىگەن سان 6600 غا قارىغاندا چوڭ بولىسمۇ ، ئالدىدىكى Q دىگەن ھەرىپ ئاۋۇ E دىگەن ھەرىپنى قاتلاپ قويىدۇ . باھاسىدىمۇ Q6600 نىڭ يۇقىرى بولۇپ ، ئىشلەش ئۈنۈمى ۋە سۈرئىتى 7400 نى خىجىل قىلالايدۇ .

ئانا تاختا : ئالدىدا يۇقىرى باشسىم چاستوتىلىق مەكىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنى تاللاپ سالدۇق ، ئۇنداق بولغاندىكىن مۇشۇ يۇقىرى چاستوتىدىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانيىتىگە ئىگە قىلىدىغان ئانا تاختىنى تاللاش بەكمۇ زۆرۈردۇر . تۆۋەن تىپلىق  ئانا تاختىنى تاللاپ قۇيۇش خۇددى بۇ زور توننتىلىق پاراخوتنى ئۆستەڭگە قۇيۇپ بەرگەندەك ئىش بولىدۇ . شۇڭا بىز ASUS نىڭ P5QL تىپلىق ئانا تاختىسىنى تاللايلى ، بىر نەچچە ئاي بۇرۇن بۇ ئانا تاختا P5QLSE ئىدى ، يېقىندا بۇ ئانا تاختىنىڭ بەزى ئىقتىدارلىرى كۆتۈرۈلۈپ P5QL دىگەن تىپ بىلەن بازارغا چىقتى ، بۇرۇن ئىچىكى ساقلىغۇچ سالىدىغان ئوقۇر ئىككى بولغان بولسا بۇ قېتىم قوش كۆۋرۈكلۈك بولۇپ تۆت ئوقۇر بىلەن بازارغا چىقتى ھەم BIOS نىڭ بەزى ئۇچۇرلىرىنىڭ نەشىرى كۆتۈرۈلدى . بۇ ئانا تاختىغا P43 نىڭ ئۆزىكى ئىشلىتىلگەن بولۇپ ، ئۆزى قاراپ ئولتاغۇدەك ئانا تاختا .

ئىچىكى ساقلىغۇچ : ھازىر بازاردا 800 باش سىم چاستوتىلىق ئىچكى ساقلىغۇچلار مودا بولۇۋاتىدۇ . ئۇلار يۈگۈرۋاتقان بولسا بىز ئۇچايلى شۇڭا سىز يۇقارقى سەپلىمە بويىچە بولغاندا باش سىم چاستوتىسى 1033 لىك ئىچكى ساقلىغۇچتىن ئېلىڭ ، باش سىم چاستوتىسى 400 گىچە بولغانلىرى DDR1 , باش سىم چاستوتىسى 400دىن 800 گىچە بولغانلىرى باش سىم چاستوتىسى DDR2 , باش سىم چاستوتىسى 1033 يۇقىرى DDR3 بولىدۇ . ئانا تاختا قوش كۆۋرۈك بولغاندىكىن 1033 لىك ئىچىكى ساقلىغۇچنىڭ 2 گىگابايتلىقىدىن ئىككىنى ئېلىپ ھەر بىر كۆۋرۈككە تەۋە بولغان ئىككى ئوقۇرغا سالسىڭىز ، 1033 * 2 لىك باش سىم چاستوتىسى بىلەن خىزمەت قىلدۇرالايسىز . ماركىسىغا كەلسەك ، سىز ھازىر قايسىلا ماركىنى تاللاڭ بەرىبىر ئايرىيالمايسىز ، ھازىر ھەر قانداق ماركىنى چاپلىۋالغىلى بولىدۇ ، سىز بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۇلاردىن سوراپ چوقۇم شىياڭگاڭدا ئىشلەنگىنى ياكى تەيۋەندە ئىشلەنگىنىنى ئېلىڭ ، بىر ئاز قىممەت بولسىمۇ ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز . چۈنكى يۇمشاق دىتالنىڭ ئوغرى نەشىرى بىلەن ھەقىيقىسى ئوخشاپ كەتكىنى بىلەن قاتتىق دىتال ئوخشىمايدۇ .

قاتتىق دېسكا : قاتتىق دېسكىغا SEAGATE , HITACHI قاتارلىق ماركىلارنى تاللىسىڭىز بولىدۇ ، ھازىر بازاردا ھەممىسى دىگۈدەك SATA ئېغىزلىق ، لىكىن مۇشۇ SATA ئېغىزلىق قاتتىق دېسكىلارمۇ بىر قانچىگە بۆلۈنىدۇ ، مەسلەن بەزى قاتتىق دېسكىلارنىڭ يېزىش ئوقۇش سۈرئىتى ئاستا ، بەزى دېسكىلارنىڭ تېز ؟ بۇ نىمە ئۈچۈن ؟ بۇ ئىككىلەمچى ساقلاش بوشلۇقى (L2)غا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، ئادەتتە ئىككىلەمچى ساقلاش بوشلۇقى 8mb , 16mb ,32mb بولۇپ ، سىز بۇنىڭ ئارىسىدىن ئىككىلەمچى ساقلاش بوشلۇقى  16mb نى ئېلىڭ . ساقلاش سىغىمىغا كەلسەك 500گىگابايت بىلەن 1 تىرابايىت ئارلىقىىدا بولسا بولىدۇ .

سىن كارتا : سىزئۇيۇن ئوينايمەن دەپسىز ، دىمەك 3D لىك ئۇيۇنلارنىمۇ ئويناپ قېلىشىڭىز مۇمكىن ، شۇڭا سىزگە قىممەت سىن كارتىسىنىمۇ تەۋسىيە قىلمايمەن ئەرزاننىمۇ تەۋسىيە قىلمايمەن . 小影霸 نىڭ سىن كارتىلىرى سىزنىڭ ھاجىتىىڭىزدىن تولۇق چىقالايدۇ . كۆرسىتىش سىغىمى 512 مىگابايىت بولسىمۇ بولىدۇ  1 گىگابايت بولسىمۇ بولىدۇ . لىكىن ، قانچە بىتلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىڭ بەزى 512 لىك سىزن كارتىلىرى بەزى 1 گىگالىق سىن ارتىسىدىن قىممەت بولىدۇ نىمە ئۈچۈن ؟ بۇنىڭدىكى سەۋەپ بىت سانىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىىدە ، بىت سانى قانچە يۇقىرى بولسا كۆرسىتىش ئىش ئۈۈنۈمى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ ، شۇڭا سىز ئامال 2565 بىتلىقىنى تاللاڭ . 512 مىگابايىت بولسىمۇ بولىدۇ شۇڭا سىزگە 小影霸 نىڭ 9500 تىپلىق سىن كارتىسى ماس كېلىدۇ . سىغىمى 1 گىگابايت ، بىت سانى 256 .

قويغۇچ ۋە ئويغۇچ : بازاردا بۇ خىل سەپلىمىلەر بىر مەزگىل بىر ماركا كۆتۈرۈلسە يەنە بىر مەزگىلى يەنە بىر ماركا كۆتۈرۈلدۇ . لىكىن قانداقلا بولمىسۇن ئەسلى زاۋۇت مېلىنى سېتىۋالمىغىمىز لازىمدۇر ، ئەسلى زاۋۇت مېلىنى ئايرىشتىكى بىر ئاددى ئۇسۇلنى كۆرسىتىپ ئۆتەي ، ئادەتتە ئەسلى زاۋۇتنىڭ مېلى بولسا ، قويغۇچ ياكى ئويغۇچلارنى قوراشتۇرغاندا ، پەس تەرەپتىكى چىڭىتقان 4 تەرەپتىكى تۆتىلا مىقنىڭ ، بۈرجىكىدە كىچىك ، يىڭنىنىڭ چوڭ بېشىچىلىك چوڭلۇقتىكى ئويمان بولىدۇ . سىز باشقا ئۇسۇل ئارقىلىق بىلەلمىسىڭىز مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئايرىۋالسىڭىز بولىدۇ . ئادەتتە مەن ياقتۇردىغان ماركا BENQ ، لىكىن بۇ ماركىنى تاپقىلى بولمايدىكەن . شۇڭا سىز مۇشۇ ماركىنى تاپالىسىڭىز تېخى ياخشى تاپالماي قالسىڭىز ، SAMSUNG , ASUS ماركىلىق DVD ئويغۇچلارنىڭ 22x سۈرئەتتىكىسىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ ، بۇ ئويغۇچ قويغۇچلارمۇ SATA ۋە IDE ئېغىز دەپ ئايرىلدۇ ، شۇڭا سىز SATA ئېغىزلىقىنى تاللاڭ ، بۇنىڭ سۈرئىتى بىر قەدەر تىز ھەم ئىككىلەمچى ساقلاش بوشلۇقىمۇ IDE گە قارىغاندا چوڭراق .

مەنبە : بىز يۇقىرىدا تاللاپ ئۆتكەن سەپلىمىلەرنى مۇنداقلا كۆرۈپ چىقساق ، يۇقارقى سەپلىمىلەرگە ئاز توك كەتمەيدىغانلىقىنى بىلىمىز ، ناۋادا كىچىك مەنبە تاللاپ قالدىڭىزمۇ بولدى ، بۇ كومپىيۇتېرىڭىز سىزنىڭ ھاجىتىڭىزدىن چىقىپ بىرەلمەيدۇ ، خۇددى قوتاندىكى بۇقىغا قوي يەيدىغان ھەلەپنى بېرىپ قورسىقىنى تويغۇزمىسىڭىز ، قويچىلىكمۇ سۆرەم سۆرەپ بىرەلمەيدۇ . كالا بولغاچقىلا كالا يىيىشكە تىگىشلىك تاماققا ھەم مىقدارىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ ، بولمىغاندا سىزگە قوي چىقىرىپ بەرگەن كۈچنىمۇ چىقىرىپ بىرەلمەيدۇ . دىمەك سىز قاندىقىنى تاللىماقچى ؟ ھازىر مەنبەرلەرنىڭ ئارىسىدا ئەڭ داڭلىقى 航嘉 ھەم 长城 بولۇپ ، بۇلارنىڭ 350 ۋاتقا يەتكۈزەلەيدىغنى ھەم ھەقىقىي 350 ۋاتلىقى بار . بۇنداق ئەھۋالدا سىز قايسىىنى تاللايسىز ، ئەلۋەتتە سىز ئەقىللىق ئادەم چوقۇم ھەقىقىي 350 ۋاتلىقىنى تاللايسىزدە . يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى 航嘉 نىڭ باھاسى 长城 قارىغاندا يۇقىرى لىكىن ئىش ئۈنۈمى پەرقلەنمەيدۇ . شۇڭا مەن سىزگە 长城 نى تەۋسىيە قىلىمەن ، ئاز خەجلىگەن پۇلىڭىزنى يىغىپ قۇيۇپ ئۈرۈمچىگە بارسام مھمان قىلارسىز .

مائۇس - كۇنۇپكا تاختىسى ۋە ماشىنا قېپى دىگەنلەرنى كۆزىڭىزگە سىغقىنىنى تاللاڭ . لىكىن بەك ئەرزاننى تاللىۋالماڭ . ئامال بار مائۇس ۋە كۇنۇپكا تاختىسى ئىككىسىدىن بىرسى USB ئېغىزلىق بولسۇن ، چۈنكى سېتىۋالغان ئانا تاختىنىڭ تىپى يادىمىزدا بولسۇن .

سەمىمىي ئەسكەرتمە : ئامال بار مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ شامالدۇرغۇچىسىغا كاربونلۇق سوۋۇتقۇچىسى بار 4 سىملىق شامالدۇرغۇچ ئىشلىتەرسىز . بۇ بولسا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ تولا قىززىپ يۆتىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر . ناۋادا ئەسلى بىللە كەلگىنىنى ئىشلىتىمەن دېسىڭىزمۇ بولۇۋېرىدۇ . پۇل سىزنىڭ يانچۇقىڭىزدا .

نەدىن سېتىۋالارمەن دەپ غەم قىلماڭ ، قىزىلبايراقنىڭ ئىككىنىچى قەۋىتىگە چىقىپ 407 - نۇمۇرلۇق دۇكانغا كىرىپ قۇربان دىگەن بالىنى ئىزدەپ تېپىپ ، بايدىكى ھەسەنجان مۇشۇنداق دىگەن ئىدى دەپ ئىزدىنىشنى ئېچىپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ ياكى بىرەر ۋاراققا پىرىنتىرلاپ ئاپىرىپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ . ئىزدىنىشنىڭ ماقالىلىرنى كۆچۈرگىلى بولمايتتى دەپمۇ غەم قىلماڭ ، تەھىرىرلەش ھالىتىگە كىرىپ ياكى نەقىل ئېلىش ھالىتىگە كىرىپ كۆچۈرسىڭىز بولىدۇ ۋە ياكى Firefox نى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ، IE دا ئىشلەتكەن فۇنكىسيەلەر Firefox ئۆزىنىڭ خاسىيتىنى يوقىتىدۇ .

قۇرباننىڭ تېلفۇن نۇمۇرى : 15099171401     

باھاسىغا كەلسەك ، سىز تەييارلاپ قويغان 5000 سوم مۇزدەك يىتىدۇ ، يەتمىدى دىگەندىمۇ بىرەر يۈز يۈەنلا ئاشىدۇ خالاس . بەلكىم ، قۇربان مىنىڭ ئىسمىمنى ئاڭلىسا بۇنىڭدىنمۇ ئەرزان قىلىپ بىرەمدۇ تېخى . 5000 سومدىن ئېشىپ قالسا بازارغا چىقىپ دۆڭكۆۋرۈككە كىرىپ سوغۇقتا ئۇششاق چۈششەك سېتىۋاتقان بالىلاردىن بىرەر نەرسە سېتۋېلىڭ .

تۈگىدى ....

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2009-3-29 14:06:41

مەن كومپىيوتىر سېتىۋالغاندا سىزدىن ئالسام بولغىدەك.

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2009-3-29 14:10:48

راسىت شۇ ئىشلار بىلەن شۇغۇلندىغان بولسىڭىز تىلىفۇن نۇمۇرڭىزنمۇ قالدۇرۇپ قويمامسىز، قىزىل بايراققا ئۇتۇپ قالساق سىزدىنلا ئالمامدۇ،

خاتىرا كوپىيوتىرنىڭ قايسى ماركىلىقى ياخشى؟

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2009-3-29 16:49:53

مەن يېقىندا تاۋباۋدىن بىر كومپىيۇتېر سېتىۋالدىم،

سەپلىمىسى

بىر تەرەپ قىللغۇچ: Intel酷睿双核E5200主频2.5G*2 45nm架构,2级缓存2M

ئانا تاختا:梅捷SY-I5P43-G

ئىچكى ساقلىغۇچ:金士顿 2G DDR2/800

قاتتىق دېسكا:日立320G 7200 串口16M缓存

سىنكارتا:GF9600GT TC512M/128位 DDR3

يەنە ماشىنا قېپى قوشۇلۇپ1740يۈەنگە سېتىۋالدىم(ئەگەر يەنە300يۈەن قوشسىڭىزIntel E7300 بىر تەرەپ قىلغۇچقا ئالمىشىپ بېرىدىكەن.)،پوچتا ھەققىگە100يۈەن ئالدى،جەمئىي1840يۈەنگە يۇقۇرىدىكى سەپلىمىدىكى كومپىيۇتېرنى سېتىۋالدىم،(نۇر دېسكا قويغۇچىسى يوق،ئالىمەن دىسىڭىز يەنە100نەچچە يۈەن قوشىدىكەنسىز.)ئېكران ئالىمەن دىسىڭىزAOCنىڭ22دىيوملۇق كىرىستاللىق ئېكرانلىرىنى1000يۈەندىن1100يۈەن ئەتراپىغىچە سېتىۋالغىلى بۇلىدىكەن.

تاۋباۋدىكى ئادىرىسى:http://item.taobao.com/auction/item_detail-0db1-3dd94d9b17051462870693b81578a5f7.jhtml

ھازىر باھاسى مەن ئالغان ۋاقىتتىكىگە قارىغاندىمۇ 20-30يۈەن چۈشۈپتۇ.مال ساتقۇچى دىگەن بۇيىچە ھېچقانداق ئۆزگەرتمەي ئالسىڭىز1450يۈەن،مەن ئانا تاختا ۋە سىنكارتىنى ئالماشتۇرغان.

سىزغۇ 5000يۈەنلىك دەپسىز،بۇنىڭغا يۇقۇرىقىدىنمۇ خېلىلا ياخشى سەپلىمىدىكى كومپىيۇتېر كېلىدۇ،پەقەت پايدىلىنىش بولسۇن دەپ يوللاپ قويدۇم.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2009-3-29 17:19:27

ئىسىڭىزدە بولسۇن ھەرگىزمۇ يۇقىرقى دوستىمىز دىگەن E5200 دىگەن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنى تاللاپ سالماڭ ، چۈنكى سىزنىڭ يانچۇقىڭىزدا 5000 سوم بار .

alip يوللانغان ۋاقتى 2009-3-29 17:31:37

پىنھان ئەپەندى سىز دىگەن سەپلىمىلەرنىڭ ئارسىدا سىنكارتا يوققۇ؟ سىنكارتىسى ئانا تاختا بىلەن بىللىمۇ يە؟

بەزى ئويۇنلارنىڭ سىنكارتىغا قويغان تەلىپىنى كۆرسەملا بېشىم قايىدۇ مېنىڭ.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2009-3-29 17:35:15

توغرا توغرا ....  سىن كارتا چۈشۈپ قاپتۇ .. ھازىر تەھرىرلەپ قوياي ھە .. توپلاشتۇرۇلغان سىن كارتىسى يوقتى بۇ ئانا تاختىنىڭ ...

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2009-3-29 18:16:24

ھە يېزىپ بولدىڭىزمۇ ؟ دەرھال كىلىپ ما قوتو داسنى  بىر تەرەپ قىلىشىپ بىرىڭ. بىر كۈن بولدى ئېيتىشىپ ئوڭشاپ  بۇلالمىدىم

alip يوللانغان ۋاقتى 2009-3-29 18:21:03

بىر يىلدىن بۇيان چىقىۋاتقان ئويۇنلاردا سىنكارتا تەلىپىدە سىغىمىدىن باشقا يەنە،vertex shaders 3.0, vertex shaders 2.0 دېگەندەك پارامېتىرى بولىدىكەن.

سىن كارتىسنىڭ سىغىمى ھەر قانچە چوڭ بولسىمۇ، ئاۋۇ vertex shaders  تەلەپكە يەتمىسە پىروگرامما ئىجرا بولمايدىكەن. بۇ خىل قىممەتنى ئاسان تەكشۈرگىلى بولمايدىكەن.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2009-3-29 18:23:33

ناۋادا شۇنداق ئۇيۇن ئوينايمەن دەپ قالسا 2000 ئەتراپىدا سىن كارتا سېتىۋالسا بولىدۇ ، ماشىنىدەك سۆرەيدۇ مانا ... .

Teddy يوللانغان ۋاقتى 2009-3-29 19:40:04

ھازىر ئويۇن ئوينىيالمىسام سىنكارتىدىن ئەمەس، ئويۇن تۈزگەن گۇيلارنىڭ ئالگورىزىمىدىن گۇمانلىنىدىغان بولدۇم مەن
نېمىشقا دېسەڭلار، 256MB لىق سىنكارتامدا call of duty4 شۇنداق ياخشى ماڭاتتى، PES 2008 لارنىڭ ئۈنىمىمۇ شۇنداق ياخشى ئىدى، call of duty5 چىقتى، قاچىلىسام ئوخشاشلا ياخشى چىقتى، بىراق ئەينى ۋاقىتتا شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئوينىغان نۇرغۇن ئويۇنلارنىڭ يېڭى نەشىرىنى ئوينىسام ئۈنىمى پەقەت ياخشى ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بۇنى ئاشۇ ئويۇننى تۈزگەن ئالگورىزىمغا ئارتىپ قويىدىغان بولدۇم

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2009-3-29 21:46:49

پنھان ئەپەندى توغرا دەيدۇ ھەرگىزمۇ مەن دىگەن بىر تەرەپ قىلغۇچE5200نى سېتىۋالماڭ،چۈنكى سىز ئېكرانغا1300يۈەن ئەتراپىدا خەجلىگەن تەقدىردىمۇ ئاساسىي ماشىنىغىلا 3700يۈەن خەجلەيدىكەنسىز،بۇنىڭغا ئاتتەك كومپىيۇتېر كېلىدۇ،ئىنتىلنىڭ قوش يادرولۇق ئاساسىي چاستوتىسى تازا يۇقۇرى بىر تەرەپ قىلغۇچلېرىنى ئالسىڭىز بۇلىدۇ،ھەراست سىنكارتىنىڭمۇ تازا ئوبدىنىنى ئېلىڭ،كۆرسىتىش سىغىمى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا512مىگا بايتلىق،ھېلىقى 宽位دىگەن كۆرسەتكۈچى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 256لىق سىنكارتىلارنى ئېلىڭ.

تەدبىركار ئەپەندى بىلوگىڭىزغا نىمە بولدى يېقىندىن بېرى ئېچىلمايدىغان بۇلۇپ قالدىغۇ؟شۇنداق ياخشى يۇمشاق دىتاللارنى تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتاتتىڭىز.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2009-3-29 23:58:12

يۇقارقى تورداشلارغا ... مەن ئاقسۇ بايدا تىجارەت قىلىمەن ، قىزىلبايراقتا ئانچە - مۇنچە تۇنۇشىلىرىم بار خالاس ... ياكى مىنىڭ ئىنىمنى ئىزدىسەڭلارمۇ بولىدۇ ، ئىسمى ھۈسەنجان تېلفۇن نۇمۇرى   3221992   ئۈرۈمچىنىڭ .

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2009-3-30 00:13:14

ھىم...

turbo يوللانغان ۋاقتى 2009-3-30 09:38:19

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2009-3-30 12:08:46

پىنھان ئەپەندىگە كۆپ تەشۈككۈر بولۇپ تۇرسۇن ( ھازىرچە قۇرۇق بولسىمۇ ) !  ئىزدىنىشتىكى ئەزىزلەرنىڭ مۇشۇنداق جايلىرى ئېسىلدە، باشقا كۈن چۈشكەندە ئىزدىسەك، ھاجىتىمىزنى شۇ ھامان راۋا قىلىدۇ. ھەر ھالدا كومپيۇتېر سېتىۋېلىشتا ئاز - تولا ساۋاتقا ئىگە بولۇپ قالدىم. خۇدا خالىسا ھەپتە ئاخىرى پىنھاننىڭ ئېنىسى ھۆسەنجان بىلەن بىرگە چىقىپ سېتىۋالماقچىمەن. ئۇنىڭغىچە بۇ تېما ھەققىدىكى سوقا - سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇۋەرسەك، يەنە قانداق نۇقتىلار بار ؟

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2009-3-30 14:03:57

ما تىمىنى ساقلىۋالاي..........لازىم بولىدىغاندەك تۇرىدۇ...
بەت: [1] 2
: كومپيۇتېر سېتىۋېلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار