ئۇيغۇرمىدى ئەسلى بالىڭىز
ئۇيغۇرمىدى ئەسلى بالىڭىز
ئاشخانىدا تاماق ساقلىغاچ ،
نەزەر سالدىم ئۇياق - بۇياققا .
يان ئۈستەلدە بولۇنغان گەپلەر ،
كىرىپ قالدى " قېلىن" قۇلاققا .
"چىسا" دېدى بالىغا ئايال ،
"بۇچى" دېدى بالىسى باتناپ .
يىگىن دېدى "كاۋرو" بولسىمۇ .
بالىسىنىڭ بېشىنى سىلاپ .
"خې چا" قىلغىن جېنىم بالام دەپ ،
چاي ئۇزاتتى ئانا بالىغا .
ھەيران بولۇپ توۋا دىيىشتۇق ،
قوش مىللەتلىك ئاتا ئانىغا .
كاۋاپنىمۇ يېمىدى بالا ،
"چى خەنباۋ" دەپ چىقاردى جىدەل .
بۇ ناجىنىس دىئالوگلارغا .
چىدىيالماي تۆلىدىم بەدەل .
جېنىم ھەدە دېدەم قوپۇپلا ،
(ئازات قىلاي دېدىم قۇلاقنى ) .
ساۋاپ ئىشتىن بىرنى قىلىپسىز ،
بېقىۋېلىپ خەنسۇ بوۋاقنى .
ئاڭلاپ قويۇڭ ئۇ مېنىڭ بالام ،
دېدى تىللاپ بارمۇ كۆزىڭىز .
بېشىم ئېگىپ دېدىم كەچۈرۈڭ ،
ئۇيغۇرمىدى ئەسلى بالىڭىز .
تىللاپ كەتتى ئەڭ مەينەت تىلدا ،
تۆكمەك بولدى مېنىڭ يۈزۈمنى .
گەپ ياندۇرماي تاماقنى يېدىم ،
دەۋەلغاچقا يۈرەك سۆزۈمنى.
كۈلۈپ كەتتى كۈلەلىگەنلەر ،
ئەيىپلەشتى مېنى بەزىسى .
چىقىپ كەتتىم يامان ئەمەسمۇ ،
خوتۇن خەقنىڭ تىلى تەنىسى .
كۈلۈڭ دوستۇم قاقاقلاپ كۈلۈڭ ،
يازغىنىمنىڭ يوقتۇر يالغىنى .
سېسىق تىللار مەن بىلەن كەتتى ،
سوغام بولسۇن سىزگە قالغىنى ......
2009 - يىل 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئۈرۈمچىدە يېزىلىپ بېقىلدى .
ما تېما زادى كىمنىڭ؟
ما يەردە مۇنداق دەپتۇ
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-104246.html
دەششەت شاڭخو يېزىپسىز بۇنى ،
<<ساۋاپ ئىشتىن بىرنى قىپسىز>> دەپ .
فاسۇڭ قىلدىم خاۋيوۋ لىرىمغا ،
ھەممىسىگە ئىبرەت بولسۇن دەپ .
ئوبدانلا يېزىلىپ بېقىپتۇبۇنداق زامانىۋىي ساۋادسىزلار ئۈرۈمچىدە قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ.
ھازىر ئىككى ئۇيغۇر ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىشىپ گەپ چۈشىنىشمەي ، خەنزۇچە ئىزاھات بېرىپ ئاندىن مەقسەت ئۇقتۇرىدىغان ھالەت بارلىققا كەلدى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ ئاچچىق كۈلكىسىنى قوزغايدۇ. خۇسۇسەن مەن كۆپرەك شۇنداق ئىشلارغا ئۇچقايمەن. باشقىلارغا كۆپ ئەھۋاللاردا ئۇيغۇرچە گەپ قىلىپ گېپىمنى ئۇقتۇرالمايمەن ياكى كۆزلىگەن ئىنكاسقا ئېرىشەلمەيمەن...ۋاپادارىمكامنىڭ شىئىر ئۇسلۇبىغا گەپ كەتمەيدۇ !
يىقىننڭياقى ئىسىل-ئىسىل يازمىلارنى يازماس بوپقالدىڭىز...
ئىلھامىڭىزغا نىمە توسالغۇ بولىۋاتىدىكىن تاڭ ... ئۇزۇن بولدى ھە سىزگە چۈشمۇ كۆرۆپ باقمىغىلى ... يا بىر جۆيلىمىزىڭىز...


بۇ شىئرنى ئۇقۇپ ،ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بولدى .باشقىلاردىن رەنجىپ يۈرمەيمەن ،ھەممىنى ئۆزىمىزدىن باشلاش كىرەك ، ئاللا خالىسا ئۆزىمىزنىڭ پەرزەنتىلىرىنى ياخشى تەربىلەيلى ،ھەممىنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى ،
شېئىر ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى كۈچلۈك، ئەمما ئۈرۈمچىدىن باشقا شەھەر ناھيىلەردىمۇ، قوش تىل تەربىيلەشنىڭ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈشى سەۋەبلىك، بالىسى بىر ئىككى ئېغىز خەنزۇچە سۆزلەپ قويسا، پەخرلىنىپ، مۇكاپاتلاپ، بالىنى خەنزۇچە سۆزلىسە شەرەپ ئوخشايدۇ دىگەن تويغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدىغان ھادىسىلەر كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇ خىل يۈزلىنىش يۇقارقى شېئېردا قامچىلانغان ھادىسىنى تېخىمۇ جەمئىيەتلەشكەن ھادىسىگە ئايلاندۇرۇۋېتەرمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن...
توغرا دەيسىز
ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن ئاتا ئانىلار بالىلىرىنى خەنزۇچە يەسلىگە بىرىپ كىچىكىدىن خەنزۇچە تەربىيەلەۋاتمامدۇ
شىئىر ياخشى چىقىپتۇ، ئىلھامىڭىز مول بولسۇن، قەلمىڭىز توختىمىسۇن!
پەقەت ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزگە ئىگە بولغان بولساق، بۇ جەمئىيەت نەقەدەر گۈزەل بولاتتى ھە؟!
<< بىز ئاۋال ئۇلارغا ئۈگىتىمىز، ئاندىن بىز ئۇلاردىن ئۈگىنىمىز >>
نەچچە كۈندىن بىرى مۇشۇنداقلارنىڭ دەستىدىن تۇلا تۇخائەت ئۆلەپ، بەدىنىم قىچىشىدىغان بوپ قالدى.

قۇش تىللىق مائارىپ كۇچنى كۆرسەتكلى تۇرۇپتىدە