zilala يوللانغان ۋاقتى 2009-3-22 20:51:00

ئاتا - ئانامنىڭ تۇيى

بۇگۇن دەم ئېلىش كۇنى بولغاشقا  باللىرىمنى ئېلىپ چوڭ ئويدىكىلەرنى يوقلاپ كېلىش ئۇچۇن ئەتىگەندە ئويدىن چىقتىم ،چوڭ ئويگە كىرىدىغان ئائىلىكلەر قوروسىنىڭ ئالدىغا كىلىشىمگە ،ئاتام بىلەن ئاپام ئىككىسى شۇنداق خوشال ھالدا بىرسىنىڭ قۇلىدا چوڭ داستىخان ،بىرسىنىڭ قۇلىدا ئىككى ئۇچ خالتىدا يىمەكلىك ، مىۋە -چىۋىلەرنى كوتۇرشۇپ چىقىپ كىلىۋاتاتتى ،ئۇلارنىڭ بۇ ھالىتىنى كۇرۇپ ئوزەمچە بۇلار نەگە شۇنچە ئەتىگەندە ماڭغاندۇ دەپ ھەيران قالغىنىمچە ئۇلارنىڭ ئالدىغا يۇگۇرۇپ دىگىدەك بېرىپ قۇلىدىن داستىخاننى ئالدىم ،ئاپا نەگە ماڭدىڭلار؟ دەپ سورىشىمغا   ئاپام جاۋاپ بېرىپ بولغىچە ئاتام -ھە بىر تۇققىنىمىزنىڭ ئويىگە ماڭدۇق سىلەر ئويگە كىرىپ ئارام ئېلىپ تۇرۇڭلار دىگىنىچە بىر -بىرىگە مەنىلىك قارىشىپ قۇيۇپ كېتىپ قېلىشتى ،ئۇلارنىڭ نەگە ماڭغىنىنى بىلەلمەي ئىچىم تىتىلدىغىنىچە باللىرىمنى ئېلىپ ئويگە كىردىم ،ئوينى بىر قۇر چوڭ تازلىۋەتكەندىن كېيىن ساقلايمەن ئۇلار كىلەي دىمەيدۇ ،چۇشلۇك تاماققا تەمشىلىپ ئىتىپمۇ بولدۇم يەنە يوق .ئۇھ -ئۇلار ئاخىر شۇنداق خوشال ،روھلۇق ھالدا قايتىپ كىلىشتى ،ئىشىكتىن كىرىشىگىلا ئاغزىم قىچىشىپ يەنە سورىدىم ،ئاپا -زادى نەگە باردىڭلار دىيىشىمگە  ئاتام يەنە ۋاي بالام نىمانداق سوراۋىرىسىز بۇ دىگەن ئوزىمىزنىڭ ئىشى دىگەن ئىدى تېخىمۇ بىلگىم كىلىپ ئاپامغا يېپىشىپلىۋالدىم ،ئاپا - مەندىنمۇ يۇشۇردىغان ئىشلىرىمۇ بارمۇ ،نىمىشقا دەپ بەرمەيلا دەپ قايتا -قايتا سورىسام ئاپام ناھايتى قىزغىن كەيپىياتتا -قىزىم بۇگۇن قانداق كۇنلىگىنى بىلەمسىز بۇگۇن ئاتىڭىز بىلەن مېنىڭ تۇنۇشقىنىمىزغا  توپ -توغرا 39 يىل بولغان كۇن ،39 يىل بۇرۇنقى مۇشۇ كۇندە ھاشىمكام (ئاتامنىڭ يېقىن بۇرادىرى ) بىزنى ئوز- ئارا تۇنۇشتۇرۇپ قويغان ئىدى ئاللانىڭ ھىممىتى بىلەن تويىمىزنى قىلىپ مۇشۇ كۇنگە ئۇلۇشۇپتۇق شۇلارنى يوقلاپ كەلدۇق دىگەن ئىدى ،خۇددى ئاپامنىڭ ئاغزىدىن ھىكايە ئاڭلاۋاتقاندەك قېتىپلا تۇرۇپ قالدىم ئاپا -سىلەر ھاشىمكاملارنى ھەر يىلى مۇشۇ كۇندە يوقلامسىلەر دىسەم ،ھەئە بالام ئۇ زامانلاردا ھاشىمكام بولمىسا بىز نەدە يۇرۇپ بىر -بىرىمىز بىلەن تۇنۇشاتتۇق دىگەن ئىدى ،ئوزەم بىلەن ئوزەم تىگى يوق خىياللارغا چۇكۇپ كەتتىم .

بىر تەرەپتىن ئاتام بىلەن ئاپامنىڭ ئوز تۇرمۇشىنىڭ يول باشچىسى بولغان ھاشىمكامنى ئۇنتۇپ قالماي ھەر يىلدىكى مۇشۇ خاسىيەتلىك كۇندە يوقلاپ تۇرۇش ئارقىلىق ،تۇرمۇشىنىڭ مۇشۇنداق خوشال ،مەنىلىك ئۇتۇشىگە ئاساس سېلىشىغا ھەيران قالسام ،يەنە بىر تەرەپتىن زامانىمىزدىكى ھازىرقى نىكاھنىڭ پاجىئەلىك تەغدىرىگە تېخىمۇ ئېچىنىپ يۇرۇكۇم سىقىلدى .

بۇرۇنقى چاغلاردا نەدە ھازىرقىدەك ئوزلىرى ئوز -ئارا تۇنۇشۇپ توي قىلىدىغان ئىشلار ،بىر بولسا ئاتا- ئانىلىرى دىيىشىپلا توي قىلىپ بىر -بىرىنىڭ چىرايىنىمۇ توي ئاخشىمى كۇرۇدىغان ،بىر بولسا مانا مۇشۇنداق يېقىن -يۇرۇقلىرى تۇنۇشتۇرۇپ توي قىلىدىغان ئىشلار ،مانا مۇشۇنداق ئوز -ئارا چۇشۇنۇشمەي  بەزىلىرى ھەتتا كۇرۇشمەي تۇرۇپمۇ بىر ئويگە كىرىپ ،تۇرمۇشنىڭ ،ئائىلىنىڭ ئۇلىنى بىر خىش بىر خىشتىن قۇرۇپ بەخىتلىك نىكاھ ئابىدىسىنى تىكلەپ  كەلگەن ئىدى .

ھالا بۇگۇنكى كۇنگە كەلگەندىچۇ ئوز -ئارا تۇنۇشۇپ ،شىرىن مۇھەببەت قاينىمىغا چۇكۇپ تۇرۇپ توي قىلىشقان ،ھەتتا بەزىلىرى بەش ئالتە يىل كۇيۇشۇپ يۇرۇپ توي قىلىپ ،ئالتە ئاي ئوي تۇتماي ئايرىلىپ كېتىۋاتقان ،ئويلاپ بېقىڭ قايسى بىر يېڭى توي قىلغان ياشلارنىڭ ئويى ئوزىنى شۇنچە جاپادا بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا- ئانىسىنىڭ ئويىدىن كام ،سەت ئۇلارنىڭ ئويىدىن نەچچە ھەسسە ياسىداق بولسا بۇلىدىكى ھەرگىزمۇ غېرىپ ئەمەس ،ھازرىقى توي قىلغان ياشلارغا پەقەت ماشىنىلا كام (بەزى يۇرتلاردا بۇمۇ بارمۇ بىلمەيمەن ) توققۇزى تەل ئويگە كىرسە خۇددى جەننەتنىڭ ئوزى دىگەندەكلە ،يەنە شۇنداق تۇرۇپ ئۇرۇشىۋاتقان ،تالاغا قاراۋاتقان ،ئاجرىشىۋاتقان .......................

قېنى يېڭى توي قىلغان كېلىنچەك سىز توي قىلغىلى بىر ئاي بوپتۇ ،سىز توينىڭ شىرىن كۇنلىرىنى بىر ھەپتە سۇرۇڭ  ،ئىككى ھەپتە سۇرۇڭ  ئايمۇ ئۇتۇپتۇ ئايمۇ سۇرۇڭ سىز بۇ ئويگە مېھمان ئەمەسقۇ ؟ ئاپىڭىز سىزگە ئانىلىق ئەخلاقى پەزىلىتىنى سىڭدۇرمىگەنمۇ ،سىز ئالى بىلىم -يۇرتلىرىدا بىلىم ئالمىغانمۇ ؟ سىز ئەتىگەندە تۇرۇپ ئېرىڭىزنىڭ تەرىتىگە سۇ ئىسسىتىپ ئېرىڭىز بىلەن بىرگە تۇرۇپ بىر ۋاخ ناماز ئوتەپ ،ئايەتلىرىڭىزنى ئوقۇغاچ بىىر قاچا ئىسسىق ئاش ئەتسىڭىز ئېرىڭىزنىڭ رازىمەنلىك تەبەسسۇمى بىلەن سىزنىڭ ھاردۇغىڭىز چىقمامدۇ .........  سىز ئولتۇرۋاتقان بۇ ئويدە سىزگە نىمە كام ئانىڭىزدەك ئەتىگەندە سۇپۇرۇپ سۇ چاچىدىغان ھويلىڭىز بارمۇ ، دان سېلىپ بىرىپ باقىدىغان مال -چارۋىڭىز بارمۇ ،ئانىڭىزدەك بىر قۇلىڭىزدا ئوتياش كوتۇرۇپ بىر قۇلىدا ئەپكەش كوتۇردىغان ئويىڭىزنىڭ تۇربىسى ئوگەن دەرياسىغا ئۇلۇنۇپ قالغانمۇ ؟ توت قەدەم ماڭمىسىڭىزمۇ شۇ ئاش خۇددى بىرسى ئىتىپ بەرگەندەك پىشاتتى ئەمەسمۇ ................ ئويىڭىزدىن ئىسسىققىنە بىر ھور چىقىمىسا ئوي ئىچى ئىللىمدۇ ........

قېنى تۇيى بولغان بەردەم يىگىت كۇن قىزىلدا ياتامسىز (كۇن قىزىلدا ياتقانلار ،قان -يىرىڭغا پاتقانلار ) ،ئاتىڭىز سىزگە تەگبىر ئېيتىشنى ئوگەتمىگەنمۇ ،ئەرنىڭ ئائىلىدىكى رۇلىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىغىنى ئېيتمىغانمۇ سىزگە بۇ ئويدە نىمە كام ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ بىر پارە قۇرئان ئوقۇسىڭىزمۇ ،ئۇرۇق -تۇققان ،يارۇ -بۇرادەرنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلىسىڭىزمۇ ،ساپ ھاۋادا نەپەسلەنگەچ چېنىقسىڭىزمۇ بۇلىدىغۇ ،سىزگە نىمە كام  ئاتىڭىزدەك تاققا چىقىپ ئۇتۇن كەسلەيدىغان ،جاڭگالغا چىقىپ تۇز ئەكىلىدىغان ،مۇز چېقىپ سۇ تۇتىدىغان ئىشلىرىڭىز بارمۇ يە ................ توۋا نىمە كام زادى نىمە تۇگىمەيدىغان نىكادىكى بوشاڭلىق ،نىمە تۇگىمەيدىغان  ئۇششاق گەپ .نىكاھنى قەدىرلەيلى .

zilala يوللانغان ۋاقتى 2009-3-22 21:10:42

يازمام ئىزدىنىش تور بېتىغىلا مەنسۇپ . يازمامنى ئوغۇرلىماڭ .

upuk2006 يوللانغان ۋاقتى 2009-3-22 21:15:27

ئېسىل يازمىكەن

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2009-3-22 23:30:00

39 يىللىق نىكاھ ... مۇشۇنداق قەدىردانلارغا ئاللاھ ، ئاشۇ ساداقەت بىلەن ئۆتكەن 39 يىلنى دەپ بولسىمۇ جەننەت ئاتا قىلسۇن .

zilala يوللانغان ۋاقتى 2009-3-23 20:21:47

ھەر قايسىڭلارنىڭ ياخشى تىلەكلىرىگە ئاللا مەدەت بەرگەي .رەخمەت .

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Patigul يوللانغان ۋاقتى 2009-3-23 20:51:52

ئۇلۇغ ئاللاھ ئاتا-ئانىڭزنىڭ تىنىنى سالامەت قىلسۇن .مىنىڭ دادام -ئانام بىلەن سىزنىڭ ئاتا -ئانىڭز بىر يىلدا توي قىلغان ئەزىزلەركەن .

zilala يوللانغان ۋاقتى 2009-3-23 21:24:26

tarim722:

بىز  ئارقا  -  ئارقىدىن   ئۈچ   ئەۋلاد   ئاتىمىزنى   كۆرۈپ   باقمىدۇق  ،  سىزنىڭ   ئائىلىڭىز   39   يىللىق  ئىللىق  مېھرى  مۇھەببەتكە   ئىگە   ئىكەن   سىلەر  نىمىدىگەن  بەخىتلىك   پەرزەنىتلەر  --ھە .. ..

بۇ سوزلىرىڭىزگە قاراپ ھەقىقەتەن كوڭلڭم يېرىم بولدى ،ئاللا ھەر ۋاقىت ئاتا - ئانىڭىزنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلغىلى نىسىپ قىلغاي ،تۇپراق بېشىنى يوقلاپ ،ھەر كۇنى دۇئا قىلىپ تۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ .

پاتىگۇل سىزنىڭمۇ ئاتا - ئانىڭىزغا ئۇزۇن ئومۇر ،تىنىچلىق تىلەيمەن . بىر جۇپ قەدىردانلارغا مۇبارەك بولسۇن .

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Nurbulaq يوللانغان ۋاقتى 2009-3-24 11:16:27

دادام ئاناملارغا بۇ يىل 8-ئايدا ساپمۇساق 37 يىل بولىدىكەن ...

35 يىل بولغاندا بىر تەبرىكلىگەنتۇق ھەممىمىز، ئەمدى ئاللاھ خالىسا 40 يىل بولغاندا چوڭراق تەبرىكلەرمىز ...

Tangriqut يوللانغان ۋاقتى 2009-3-24 11:58:15

مەن ئون بالىنىڭ كىچىگى، چوڭ ئاكام 58ياشقا كىرگەن بولسا، دادام ئانام توي قىلغىلىمۇ 60 يىل بولاي دەپتۇ جۇمۇ

konche يوللانغان ۋاقتى 2009-3-24 21:46:19

تارىمى سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى چۈشۈنۈپ تۇرىمەن ،ئاللاھ ئاتا -ئانىڭىزغا ئەڭ ئالىي جەننەتلەرنى ئاتا قېلسۇن !

ئەمما دۇئاغا سەل قارىماڭ ،ئۆلگەنلەرنى كىم ئۆلۈك دەيدۇ ،ئۇلار ئاللاھنىڭ قۇدىرتى بىلەن ھەممىنى سىزىپ تۇرىدۇ ...

بىر كۈنى ئەيسا پەيغەمبەر قەبىرىستانلىقتىن ئۈتۈپ كېتىۋاتاتتى ،شۇنداق  بىر قەبىرىنىڭ ئۈستىدە ئالاھىدە نۇرنىڭ چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردى دە ھىلىقى قەبرىدىكى ئۈلۈكنى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن دۇئا قىلىپ تېرىلدۈردى ، ھەم ھەي بەندە ساڭا بۇنچە ئىلتىپاتنىڭ چۈشۈشى نېمە ۋەجىدىن دەپ سورايدۇ؟ ئۇ: مەن ئەسلى بىر ئاسى -جاپىتىم ئەمما  ئوغلۇمنى ياخشى تەربىيەلەپ قويغان ئىدىم ، شۇ ئوغلۇم ماڭا ھەركۈنى ھەقىقىي چىن نىيتى بىلەن ئاللاھقا سېغىنىپ تۇرۇپ جەمىيەتتە خەلىققە پايدىلىق ئىشلارنى قېلغاچقا ھەم  مەن ئۈچۈن دۇئا قېلغاچقا ماڭا ئاللاھنىڭ رەھمى كېلىپ بۇ ئىلتىپاتقا ئېرشتىم دەپتۇ .

بەت: [1]
: ئاتا - ئانامنىڭ تۇيى