kisek يوللانغان ۋاقتى 2009-3-22 12:45:59

«چوڭ تازىلاش»نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر قۇربانلار

      يوشۇرۇلغان تارىخىي رېئاللىقلار ۋە ئېچىشقا تېگىشلىك تارىخىي مەسىلىلەر ئىچىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30- يىللىرى، 40- يىللارنىڭ ئاخىرى  ۋە 50- يىللارنىڭ دەسلىۋىدىكى  «چوڭ تازىلاش» ھەركىتى ئالاھىدە مۇھىم مەسىلە ھىساپلىنىدۇ. مېخائىل گورباچوف ئەپەندى ئۆز ۋاقتىدا سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخىدىكى« ئۇنتۇلۇپ كەتكەن كىشىلەر ۋە ئاق قالغان نۇقتىلار » ئەسلىگە كەلتۈرۈلىشى ۋە  تولدىرىلىشى  كېرەك دىگەن ئىدى، بۇ تەسادىپىلىق ئەمەس، نىمە ئۈچۈن « ئۇنتۇلۇپ كەتكەن كىشىلەر» سوۋېت تارىخىدا مەۋجۇت؟ نىمە ئۈچۈن «ئاق قالغان نۇقتىلار » كۆرىلىدۇ؟ چۈنكى بۇ بىگۇناھ كىشىلەرگە تېگىشلىك بولمىغان جىنايەتلەر ئارتىلىپ ئېتىۋېتىلگەن، تارىختىن سىقىپ چىقىرىلىپ «ئاق قالغان نۇقتىلار» نى پەيدا قىلغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ « ئۇنتۇلۇپ كەتكەن كىشىلەر ۋە ئاق قالغان نۇقتىلار »نى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى «چوڭ تازىلاش» ھەركىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
     چوڭ تازىلاش ھەركىتىدە زادى قانچىلىك ئادەم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان؟ بۇ توغۇرلۇق ھەرخىل تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان، تەخمىنى سانلار ، ئۇچۇرلار توپلانغان ، ھازىرقى دەۋردە روسىيە قاتارلىق سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا تەۋە بولغان دۆلەتلەردە بۇ ھەركەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ئىزدەش، ئۇچۇر توپلاش ۋە توپلام قىلىپ ئارخىپ تۇرغۇزۇش ئىشلىرى يۈرگۈزۈلگەن ھەم يۈرگۈزىلمەكتە ئىكەن. « چوڭ تازىلاش ھەركىتى» نىڭ تازىلاش ئوبېكتىۋى ئادەتتىكى پۇقرالار ئەمەس بولۇپ، ئۇلار پارتىيەنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن ھەربىي  قىسىملار، ئىتتىپاق ئەزالىرى، پەن- تېخنىكا خادىملىرى، ئەدىبىيات- سەنئەتچىلەر ئىقتىساتشۇناسلار ... قاتارلىق ھەر ساھەگىچە  كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ھەركەت توغۇرلۇق يېزىلما - كىتاپلار، مەسىلەن « سوۋېت ئىتتىپاقى چوڭ تازىلاش ھەركىتىنىڭ ئىچكى سىرى» قاتارلىقلار  دۆلىتىمىزدىمۇ نەشر قىلىنغان، مۇناسىۋەتلىك تورلاردىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.  

     2007 -يىلى «خاتىرە ساراي» خەلقارالىق جەمىيەت (www.memo.ru) ۋە  روسىيە فېدېراتسىيەسىدە تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى تەرىپىدىن « سوۋېت ئىتتىپاقى سىياسى تېررورلىقىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلىرى» ناملىق دېسكا 4- قېتىم نەشردىن چىقىپ ئېلان قىلىنغان،  ئۇشبۇ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ھىساپلانغان دېسكىغا ئەڭ ۋەھشىيانە تۈردە ۋە  ئەڭ كۆپ ئادەم ئېتىۋېتىلگەن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 37-38-يىللىرىدىكى سىياسىي تېررورلۇقتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ئائىت تېپىلغان ئۇچۇرلار خاتىرىلەنگەن، بۇ قېتىملىق ھەركەتتە 1مىليون 700مىڭدىن ئارتۇق بىگۇناھ كىشىلەر قاماققا  ئېلىنغان بولۇپ بۇلارنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 735مىڭ كىشى ئېتىۋېتىلگەن، دىمەك دۆلەت كۈنىگە ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن  مىڭلىغان ئۆز گراژدانلىرىنى قەتلى قىلغان. لېكىن بۇ قېتىملىق ھەركەت، يەنى « چوڭ تېررور» ھەركىتى شۇ  دەۋرلەردىكى چوڭ تازىلاش ھەركىتىنىڭ بىر قىسمىلا ھىساپلىنىدىكەن.

   بۇ دېسكىغا كىرىلل يېزىغىنىڭ 30 ھەرپى بويىچە كىشى  ئىسمى ئىزدەش مۇندەرىجىسى قويۇلغان بولۇپ ھەر بىر ھەرپ ئىچىگە نۇرغۇنلىغان ، ھەرخىل مىللەتتىن بولغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئىسىم- فامىلىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك قىسقا ئۇچۇرلىرى بېرىلگەن، مەن بۇلارنىڭ ئىچىدىن 1-سى ، يەنى А ھەرپى ئىچىدىكى كىشى  ئىسىملىرىنى كۆز يۈگۈرتۈپ كۆرۈش داۋامىدا تۆۋەندىكى ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۇچۇرلىرىنى ئۇچراتتىم:

● ئاشىم ئاخۇن ئوغلى ئابدۇللا ئاخۇن، 1888-يىلى غەربىي جوڭگودا تۇغۇلغان، 1938-يىلى قولغا ئېلىنغان.
● ئاشىم ئاخۇن ئوغلى قالېۋ ئاخۇن،  1862-يىلى قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان، 1938-يىلى قولغا ئېلىنغان.
●ئاشىم ئاخۇن ئوغلى تۆمۈر ئاخۇن، 1912-يىلى قەشقەرىيەدە تۇغۇلغان،  1938-يىلى قولغا ئېلىنغان.

   يۇقۇرىقى ئىسىملاردىن بىز بۇ قۇربانلارنىڭ بىر جەمەتنىڭ بالىلىرى ئىكەنلىگىنى قىياس قىلالايمىز، بۇلاردىن باشقا يەنە:

● باياخۇن ئاشىمباي، 1874-يىلى قىرغىزىستان ئات باشى رايونىدا تۇغۇلغان، 1938-يىلى قولغا ئېلىنغان.
●ئەلى ئاشىموف. 1907-يىلى جوڭگودا تۇغۇلغان، 1932- يىلى ئالما- ئاتادا قولغا ئېلىنغان.
● ئاشىموف ئىبراھىم، 1910-يىلى جوڭگو قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان، 1945- يىلى22-ئىيۇندا  НКВД چېگرا مۇداپىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان، 1989-يىلى 23-مايدا شەرقىي قازاقىستان ئوبلاستىدا ھوقۇقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.
●ئاشىموف قادىراخۇن ئاخۇن، 1899-يىلى قەشقەر پەيزىۋاتتا تۇغۇلغان، دېھقان، قازاقىستان جامبۇل ئوبلاستىنىڭ يالپاق تۆبە يېزىسىدا ياشىغان، 1932-يىلى 1-مارتتا  НКВДقىسىملىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان، 1989-يىلى 24-مايدا نام- ھوقۇقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.

  ●ئاشىر ئاخۇن ئوغلى كىچىك ئاخۇن.
  ●ئاشىر ئاخۇن ئوغلى ئىمىن ئاخۇن.
  ●ئاشىر ئاخۇن ئوغلى مەمەت ئاخۇن.
  ●ئاشىر ئاخۇن ئوغلى روزى ئاخۇن.
  ●ئاشىر ئاخۇن ئوغلى تۇردى ئاخۇن.
   ......

رەسىملىك ئۇچۇر بار قىسمىدا شاھىد «داۋۇت ئاشىموف» توغرىسىدا مۇنداق ئۇچۇرلار بېرىلگەن:

]


   
   داۋۇت ھاشىموف، 1898-يىلى جوڭگودا  تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، قىرغىزىستان ئاقتالىنىسكىي رايونى ئىچكى ئىشلار بۆلىمىنىڭ باشلىغى. 1938-يىلى 6-مارتتا قولغا ئېلىنغان، 1938- يىلى 6-مارتتىن 14- مارتقىچە ئۇيقىسىز، ئارامسىز ۋە تاماقسىز ئۇدا سوراق  قىلىنغان، ئىنتايىن ۋەھشىيانە ئۇسۇللار ئارقىلىق قىينالغان بولسىمۇ «جىنايەت»ئىگە ئىقرار بولمىغان. شۇ يىلى 14- مارتتا فرۇنزى( بىشكەك)غا ياللاپ ئەۋەتىلگەن، سوراق ماي ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلىنىپ 18كۈن ئۇدا ۋەھشىيانە ئۇسۇل بىلەن سوراق قىلىنغان، تاياق زەربىسىدىن ئېسىنى يوقاتقان ھالەتتە ئاتالمىش سوراق ئىقرارنامىسىگە قول قويغان، 1938- يىلى 11- ئاينىڭ 5 - كۈنى فرۇنزى СССР يۇقۇرى سوۋېتى تەرىپىدىن 15 مىنۇت سوت ئېچىلىپ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە سولوۋكىيدىكى تۈرمىگە  پالانغان. 1939- يىلى 8- ئاينىڭ 16 - كۈنى نورىللاگ دىگەن جايغا ئاپىرىلغان ۋە شۇ  يەردىكى كاندا توشىغۇچى ئىشچى بولۇپ ئىشلىتىلگەن، ئەرزى  قايتۇرىۋېتىلگەن. 1944- يىلى 16- مارتتا باش سۆڭىكى سۇنۇش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن.

  « سوۋېت ئىتتىپاقى سىياسى تېررورلىقىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلىرى» ئىسىم ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ تور  ئادرىسى:

   http://lists.memo.ru/index.htm

  تېخىمۇ جىق  ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت تېمىلار:

http://www.orkhun.com/bbs

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2009-3-24 14:42:30

داۋۇت ھاشىموفقا بەك ئۇۋال بوپتۇ.تۈرمىدە ئۈلۈپ كىتىشتىن ئاللا ساقلىسۇن.

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2009-3-24 14:52:49

سىزنىڭ روس تىلى سەۋيىرىڭز ياخشىكەن . بولسا ماڭىمۇ ازراق ئۆگۈـۈپ قويغان بولسىڭز بوپتىكەن.

kisek يوللانغان ۋاقتى 2009-3-25 22:17:16

رۇس تىلىغا ئادەتتىكىچە، ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان پېتى قېرىندىشىم، 2- سۇئالىڭىزغا ئۆزىڭىز تىرىشسىڭىز ئىكەن، خۇددى پۈتۈن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوخشاش!

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-6-15 08:31:57

چاپقۇن قىلىنغان ئافغانلار، دىگەندەكلا بىچارە بولغان ئىكەن..
بەت: [1]
: «چوڭ تازىلاش»نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر قۇربانلار