Toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2009-3-21 18:30:44

ساتۇق بۇغراخان ئىمان ئېيىتقان جاي «جاي پەچچىم»

ساتۇق بۇغراخان ئىمان ئېيىتقان جاي «جاي پەچچىم»



«جاي پەچچىم» ئاتۇشنىڭ مەركىزى بازىرى مەشھەدتىن ھىساپلىغاندا، قىرىق كولومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، ئاتۇشلۇقلار بۇ مۇقەددەس جاينى «جاي پەچچىم» ( پەچچىم پارىس تىلىدا «ئاتام» دېگەن مەنىنى بولدۇرىدۇ ) «جاي پاشايىم»، «جاي ئاتام»، «جاي پاشا»، دەپ ھەرخىل ئاتىشىدۇ. بۇ جاينىڭ «جاي پاشايىم»، «جاي پاشا» دەپ ئاتىلىشى قارا خانىلار خانلىقىنىڭ بۈيۈك سۇلتانى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
سۇلتان ساتۇق بۇغراخان قارا خانىلار سۇلالىسىنىڭ تەخىت ۋارىسى بولۇشتەك قانۇنىي ھوقوقىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي، تاغىسى ئوغۇلچاق بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالىدۇ. دەل شۇ كۈنلەردە، قارا خانىلار غا قوشنا بولغان سامانىلار دۆلىتىنىڭ تەخىت ۋارىسى ئەبۇ ناسىر سامانى ئوردا كۈرىشىدە مەغلۇپ بۇلۇپ قارا خانىلار دىن پاناھلىق تېلەپ كېلىدۇ. قارا خانىلار سۇلالىسىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى خاقانى ئوغۇلچاق ئۇنى ئورانلاشتۇرىدۇ.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئەبۇ ناسىر سامانى بىلەن سۇلتان ساتۇق بۇغراخاندىن ئىبارەت بۇ ئىككى «تەقدىرداش» تەخىت ۋارىسلىرى ئوتتۇرىسىدا چۇڭقۇر مۇناسىۋەت ئورنىتىلىدۇ. ئەبۇ ناسىر سامانى دىنىي ئەقىدىسى كۈچلۈك، بىلىمى مول، تەقۋادار مۇسۇلمان بولۇش بىلەن بىرگە، يىراقنى كۆرەر، ئالىم سۈپەت كىشى بولغاچقا، ئۆزىنىڭ سۆز-ھەركەتلىرى بىلەن ئون ئالتە ياشلىق سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ قەلبىدە چۇڭقۇر ھۈرمەت تۇيغۇسىنى قۇزغىتىدۇ. ساتۇق بۇغراخان ئۇنى «ئۇستاز» ئورنىدا كۆرىدۇ. نەتىجىدە، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ دەۋىتى بىلەن، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشنى،شۇنداقلا بۇ دىننى كەلگۈسىدە قارا خانىلارنىڭ دۆلەت دىنى قىلىشنى نىيەت قىلىدۇ.
مىلادى932- يىلى، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان جەڭگىۋار يىگىتلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئۇستازى ئەبۇ ناسىر سامانىنى ئېلىپ، ئوۋ قىلىش باھانىسىدا، ئاغۇ تاغلىرىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان، كېيىن «جاي پەچچىم» دەپ ئاتالغان بۇ جىلغىغا چىقىدۇ. سۇلتان ساتۇق بۇغراخان بۇ يەردە جەڭگىۋار ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇستازى ئەبۇ ناسىر سامانىنڭ يېتەللىشى بىلەن ئىمان ئېيتىپ، ئىسلامغا كىرىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇنجى ئەزان ئاۋازى مانا مۇشۇ جىلغىدا ياڭرايدۇ. سۇلتان ساتۇق بۇغراخان دەل مۇشۇ يەردە ەەخپىي مەشق ئېلىپ بېرىپ، سەلتەنەت تەختىنى قايتۇرۇۋېلىشقا تەييارلىق قىلىدۇ. «جاي پەچچىم» نى ھەربىي بازا قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان پۇختا تەييارلىق ئارقىلىق، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان مەلۇم بىر كېچىسى جەڭگىۋار دوستلىرى بىلەن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، تاغىسى ئوغۇلچاقنى ئۆلتۈرىدۇ. ۋە قارا خانىلار سۇلالىسىنىڭ تەختىدە سۇلتان بولۇپ ئولتۇرىدۇ.
ئۇ، ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى دەپ ئېلان قىلىدۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىسلاملىشىش دەۋرى باشلىنىدۇ. ئۇيغۇر تارىخىدىكى مانا مۇشۇنداق زور تارىخىي ۋەقەنىڭ شاھىدى بولغان جاي پەچچىم شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى بولۇپ، مۇسۇلمانلار يىراقلاردىن بۇ يەرگە تاۋاپقا كېلىپ تۇرىدىغان مۇقەددەس سەيلىگاھقا ئايلىنىدۇ.


تامام.
مەنزىل: «مەمتىلى ئەپەندى» ناملىق كىتاب.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2009-3-21 22:22:31

شۇنداق قىلىپ : بىر ئەرەپ بىلەن بىر موڭغۇل  ئۇيغۇرنىڭ تارىخىنى بىر تەرەپ قىلدىلەر ..................................

guast2009 يوللانغان ۋاقتى 2009-3-22 07:30:49

نېمىشقا بۇ نەشىدنى يوللىغىلى بولمايدۇ

thunder://QUFodHRwOi8vd3d3LnBha3lhci5jbi9hcmtpbn5pc2xhbX5tcDN+L2lzbGFtL2t1eWxhci9tdW5nbHVrbmFzaGlkLm1wM1pa

sehriger يوللانغان ۋاقتى 2009-3-22 12:49:42

ئەبۇ نەسىر سامانى پارىس تاجىك .لىكىن ئاۋۇ مۇڭغۇل ئۇيغۇر دىگىنىڭىزنى چۈشىنەلمىدىم~

Toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2009-3-22 18:30:22

جاي پەچچىم جىلغىسىنىڭ مەنزىرىسى.

سۇلتان ساتۇق بۇغراخان قەبرىسى.

جاي پەچچىمدىكى يوغان بىرتۇپ سۆگەت دەرىخى.

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2009-3-22 19:49:56

توغراق ئەپەندىم . مەن مۇشۇ كۈندە ئاتۇش دىسە باشقا بىر يەردەك ھىس قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم . سەۋەبى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قەۋرە تىشىدىكى ئېسىمى يىقىندا چىقىپ تاشلىنىپ ئابدۇقادىر ئاتۇشى بۇلۇپ قاپتۇ بۇ راسمۇ ياكى سىزنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋرىڭىز يوقمۇ ؟

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2009-3-23 02:55:54

ozhal:
توغراق ئەپەندىم . مەن مۇشۇ كۈندە ئاتۇش دىسە باشقا بىر يەردەك ھىس قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم . سەۋەبى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قەۋرە تىشىدىكى ئېسىمى يىقىندا چىقىپ تاشلىنىپ ئابدۇقادىر ئاتۇشى بۇلۇپ قاپتۇ بۇ راسمۇ ياكى سىزنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋرىڭىز يوقمۇ ؟

ما گەپنى كۆرۈڭ ئەمدى. راسىت بولۇپ قالمىغاي بۇ ئىش.

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2009-3-23 09:07:13

بۇ گەپنى ماڭا مۇشۇ تورىمىزدىكى ئەڭ يۇزلۇك بىر دوستۇم دەپ بەردى . ئۇ ھەرگىزمۇ يالغان گەپ قىلمايدۇ .

newpage يوللانغان ۋاقتى 2009-3-23 09:22:50

ساتۇق بۇغراخاننىڭ تاغىسىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشى ئىسلام دىنى ئۈچۈنمۇ ياكى تەخت ئۈچۈنمۇ ؟ ئېنىقراق شەرھىيلەپ بەرسىڭىز ...........

سامانىي ئۇستاز قىيىن كۈنلەردە قالغاندا  ساتۇقنىڭ تاغىسى ئوغۇلچاق خاقان ئۇنى قوبۇل قىلىپ ،ھۆرمەتلەيدىكەن  ۋە ئۇنىڭغا ياخشلىق قىلىدىكەن، لېكىن بۇ ھۆرمەتلىك ئۇستاز ساتۇقنىڭ تاغىسىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنىڭ ياخشىلىققا يامانلىق نامەرتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتمىغانمىدۇ ؟ياكى ئىسلام ئۈچۈن گوللاشقا ئاسان 16ياشلىق ساتۇقنى قايمۇقتۇرۇپ بۇ سۈيقەستنى پىلانلىدىمۇ ؟ مۇجىمەل تارىخلار ھامان بىركۈنى پاش بولىدۇ .......

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2009-3-23 10:50:16

ئۆزىدىن سوراپ باقمىدىڭلىمۇ

batur71 يوللانغان ۋاقتى 2009-3-23 11:18:50

يېڭى پاگې تاتىلاپ تۇرىدۇ دە؟

Toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2009-3-23 18:32:00

Ozhal ئەپەندى مەن ئاتۇشتىن بولمىغاچقا سۇئالىڭىزغا جاۋاپ بىرىشكە ئامالسىزمەن، ئاتۇشلۇق باللاردىن سۇرۇشتە قىپباقاي.

Newpage ئەپەندى كەچۈرۈڭ! كىتابتا سىز سورىغان سۇئالغا قارىتا ئۈچۈر يوقكەن.

مىنىڭ چۈشەنچەمدە تەخىت ئۈچۈن بولىشى مومكىن.

batur71 يوللانغان ۋاقتى 2009-3-24 19:15:51

بېرىشقا پۇرسەت بولمىدى. بۇ يىل پۇرسەت بوپقالارمىكى

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2009-6-20 15:29:49

ساياھەتچىلەرنىڭ بېرىشى چەكلىنىپتۇ، دەپ ئاڭلىدىم، راستمىدۇ؟

Azariya يوللانغان ۋاقتى 2010-10-22 15:52:42

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان،ھەقىقەت يولىنى ئېچىپ بەرگۈچىدۇر.
بەت: [1]
: ساتۇق بۇغراخان ئىمان ئېيىتقان جاي «جاي پەچچىم»