Birzat يوللانغان ۋاقتى 2009-3-18 08:16:11

پۇتىڭىز پۇرامدۇ؟

پۇت تەرلەش ۋە سېسىق پۇراشنى داۋالاشنىڭ ئاددىي رېتسىپلىرى

ئۇيغۇر تېبابەت نەزىرىيسى بويچە بولغاندا ،  خىلىتلارنىڭ بۇزۇلىشى ئومۇمىي بەدەن، قولتۇق ، چات ئارىلىق ۋە پۇتتا سېسىق پۇراق پەيدا قىلىدۇ. بۇنى -ئۈزۈل كېسىل داۋالاشتا كېسەللىك سەۋەبى قايسى خىلىتنىڭ غالىپلىقىدىن بولسا شۇنىڭغا قارىتا بەدەننى نۇرمالسىز ماددىلاردىن تازىلاش ئۈچۈن مۇناسىپ تازىلىغۇچى سۈرگۈ دورىلىرىنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە سېرتىدىن مۇناسىپ چارىلەر قوللىنىلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

ئۆزى داۋالاشقا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش، تېرىنى قۇرغاق تۇتۇش، پۇتنى پاكىز تۇتۇش كېرەك، بولسا پۇتنى كۈندە يۇيۇش، پايپاقنى دائىم ئالماشتۇرۇپ كىيىش كېرەك.
تەنتەربىيە ئاياقلىرى، ساياھەت ئاياقلىرىغا ئوخشاش ھاۋا ئۆتكۈزمەيدىغان، پۇتنى ئوڭاي تەرلىتىدىغان ئاياقنى كىيمەسلىك كېرەك.
  سېسىق پۇراق پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنى يوق قىلىش،يەنى پۇت تەرلەش، پۇت تەمرەتكىسى قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا يوق قىلىش لازىم.
ئوڭاي تەرلىتىدىغان يىمەكلىكلەرنى، مەسىلەن: لازا(مۇچ)، زەنجىۋىل، خام سامساق قاتارلىقلارنى يىمەسلىك لازىم.
    روھى كەيپىياتنى كونترول قىلىش كېرەك، ھاياجانلىنىش ئادەمنى ئوڭاي تەرلىتىپ، پۇت تەرلەشنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.

پۇت تەرلەش ۋە سېسىق پۇراققا شىپا بولىدىغان ئاددىي رېتسىپلار:

*  زەنجىۋېلدىن 50 گىرام ئىلىپ مۇناسىپ سۇدا قاينىتىپ زەمچىدىن 100 گىرامنى شۇ قايناتما ئۈستىگە سىلىپ ئىرىتىپ سەل سوۋىغاندىن كىيىن پۇت يۇيۇپ بىرىلىسە پۇت تەرلەش ۋە سېسىق پۇراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

* يېڭىدىن ئۈزىۋىلىنغان پىدىگەنىڭ پوستىنى ھەر كۈنى بىر ئىككى قېتىم تاپانغا سۈركەپ بەرسە ،پۇت پۇراشنى يۇقۇتىدۇ .

* يازنىڭ تۇمۇز كۈنلىرىدە قۇم ئۈستىدە يالاڭئاياغ مېڭىپ بەرسە ،پۇت تەرلەشنەڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

* ھەر دائىم پۇتى پۇرايدىغانلار پۇتىغا ھەر كۈنى بىر قانچە قېتىم ئاچچىقسۇ سۈركەپ بەرسە ،سېسىق پۇراق يوقىلىدۇ .

* ئاق تۇرۇپنى قاينىتىپ سۈيىدە پۇتىنى يۇيسا ،پۇت تەرلەشكە شىپا بولىدۇ .

* ئاچچىق سۇدىن 200مىللىمىتىر ئېلىپ ،1000مىلىمىتىر سۇغا ئارلاشتۇرۇپ كۈندە كەچتە پۇتىنى چىلاپ بەرسە ،پۇت تەرلەشنى تۈگىتىدۇ .

* ئاياغ كىيگەندە پۇتى تەرلەپ پۇرايدىغانلار ،ئازراق چاي ۋە تۇزنى جاۋۇرغا سېلىپ ،ئىسسىق سۇ قۇيۇپ ،سۇ تىمپۇراتۇرسى  نورمال ھالەتكە كەلگەندە،پۇتنى بەش ئون مىنۇت چىلاپ ئۇۋىلاپ يۇسا ،پۇتتىكى پۇراق يوقايدۇ.

* كاۋاۋىچىن ۋە زەمچىنىڭ ھەر قايسىسىدىن 31گىرامنى ئېلىپ ،ئۇششاق سوقۇپ قاينىتىپ ،سۇۋۇغاندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن بەدەن ياكى پۇت قوللار يۇيۇلسا ،پۇت قوللارنىڭ شەلۋەرەپ قىلىشى ،پۇت قول ئارلىقلىرى تەرلەش ، سېسىق پۇراش كېسىلىگە شىپا بولىدۇ .

  * پۇت تەرلەشنى داۋالاشتا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى پۇتنى يۇيۇپ ،يالپاقلانغان سامساقنى پۇت تەرلەيدىغان قىسىمغا سۈركەپ بەرسە بولىدۇ .پۇت تەرلەش يوقالغاندىن كىيىن يەنە ئۇدا 2-3ئاي سۈركەپ بېرىلسە ،تەرلەش پۇتۈنلەي يوقايدۇ .
تېما تەييارلىغۇچىلار:
مۇھەممەت تۇرسۇن (بىرزات)
80خالتا دۇككان شاگىرتى: كۆكيال

مەنبە: 80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورى: http://www.80halta.com

بېتىمىز يېڭىلىقلىرى:

totem يوللانغان ۋاقتى 2009-3-18 11:46:44

پۇتۇمنىڭ بارماقلېرى يېرىلىپ قىچىشىدۇ. بۇنىڭ داۋاسى نىمىكىن؟

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2009-3-18 12:30:13

مامرانچىنىنى قاينىتىپ پۇتلىرىنى يۇيۇپ بەرسىلە!

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-3-18 14:57:57

ياز كۈنلىرى، باھانىلەر بىلەن پايپاق ئالماشتۇرماي ھەپتىدىن ئاشقاندا، پۇت يازلىق پۇرايدۇ، مەن پۈت كۆيگىدەك سۇ تەييارلاپ، يېرىم سائەتلەر چىلاپ قويسام بېسىلىپلا كېتىدۇ.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2009-3-18 17:41:56

كۈچلۈك ئاچچىقسۇدىن بىر ئاز قۇيىۋەتسىلە!!

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2009-3-18 17:54:07

totem يوللانغان ۋاقتى 2009-3-18 17:59:11

مامرانچىن دىگەن نىمە؟

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2009-3-18 18:32:57

مىنىڭ پۇتۇمغۇ بۇرىمايدۇ، بىراق پۇتۇمنىڭ تىرنىقى گۆشنىڭ ئىچىگە ئۈسۈپ قېلىپ يىلدا بىر قانچە قېتىم تىرناقنى يۇلدۇرۋىتىمەن.

barna123 يوللانغان ۋاقتى 2009-3-19 10:28:47

مىنىڭ ئىنىمنىڭ پۇتى بەكلا پۇرايتى،ئايىقىنى سالىدىغان بولسا ھەممىمىز سىرتقا قاچاتتۇق.كىيىن سېستىرا تۇققىنىمىز 10يۈەنگە بىر دورا ئېلىپ بېرىپتىكەن،پۇتنى پاكىز يۇيۇپ ،دورىنى سۈركەپ ،پۇتقا سۇلياۋ كىيىپ مەلۇم ۋاقىت تۇرغۇزغاندىن كېيىن سۇلياۋنى ئېلىۋېتىدىكەن.بىر نەچچە قېتىم ئىشلىتىپلا ئۈنۈمىنى كۆردى،ھازىر پۇتى قەتئىي پۇرىمايدۇ.(لىكىن دەسلىپىدە پۇتىنىڭ تېرىسى سۇيۇلۇپ چۈشىدىكەن)

سۇيۇق،يېشىلغا مايىل دورىكەنتۇق،ئىسمىنى كۆرىۋالماپتىكەنمەن.ئۆيگە قايتقاندا كۆرۈپ تورداشلارغا دەپ بېرەي.راستىنلا ئۈنۈملۈك دورىكەن ئۇ!

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2009-3-19 13:34:57

پۇت قۇرغاقلىشىپ يېرىلسا 妇炎洁  نى ئېغىزدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىلمان سۇغا ئارلاشتۇرۇپ پۇتنى يۇيسا پايدا قىلدۇ.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2009-3-20 19:06:49

يېڭى رېتسىپلار چۈشكىلى تۇرۇپتۇ

murad يوللانغان ۋاقتى 2009-3-20 20:11:47

ۋاي- ۋۇي ي ي ي، ماۋۇ ئىزدىنىش «پەشۋا» پۇراپ كېتىپتۇ.

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 19:11:31

9- قەۋەتتىكى mayhanaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پۇت قۇرغاقلىشىپ يېرىلسا 妇炎洁  نى ئېغىزدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىلمان سۇغا ئارلاشتۇرۇپ پۇتنى يۇيسا پايدا قىلدۇ.



ما تېمىنى ساقلىۋالاي،بۇ رېتسىپنى كۆرمىگەن بولاي.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 19:14:47

پۇرىمايدىغان يېرىڭ قالماپتۇ ۋاي خەق \"\"

esiyan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-20 11:51:04

ئىزدىنىش ئېغىز پۇراش بىلەن پۇت پۇراشنىڭ چاڭگىلىدا قالدىمۇ نېمە؟ \"\"
بەت: [1]
: پۇتىڭىز پۇرامدۇ؟