zulal يوللانغان ۋاقتى 2009-3-15 00:17:12

ئۇيغۇر يىگىتكە بۆرەك تەقدىم قىلغان خەنزۇ قىز

ئاددىي ئادەمنىڭ ئاجايىپ ئىشى

يازغۇچىسى : زى لىن
( ئاپتونوم رايونلۇق رادىئو - كىنو تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تەرجىمە مەركىزىدىن قاسىم يۈسۈپ تەرجىمىسى )

2008-يىلى << شىنجاڭدىكى ئون مەشھۇر ياش >>نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان ، مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ << 2008-يىلىدىكى جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخسلەر >> نامزاتىغا سايلانغان ۋاڭ يەننانى تونۇمسىز ؟


ۋاڭ يەننا خېنەندىن بولۇپ ، ئاتا - ئانىسى قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا مەدىكار بولۇپ ئىشلەپ ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىغاچقا ، ئائىلىسى بەكلا نامراتچىلىقتا ئۆتكەن ئىدى . ۋاڭ يەننانىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇزۇن مەزگىل سىرتلاردا ئىشلەپ يۈرگەچكە ، ۋاڭ يەننا مومىسىنىڭ ئالدىدا چوڭ بولدى .
ۋاڭ يەننا كىچىكىدىنلا باشقىلارنى ياردەم بېرىشنى خۇشھاللىق دەپ بىلىشتەك ياخشى خىسلەت يېتىلدۈردى . تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان يىللىرى ، بالا - چاقىلىرى يېنىدا بولمىغاچقا تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغان 70 - 80 ياشلاردىكى بىر بوۋاينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى . ئۇنىڭ بىر نەچچە ساۋاقداشلىرى بىلەن شەنبە - يەكشەنبە ، ھېيت - بايرام ، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ، بوۋاينىڭ تاماقلىرىنى ئېتىپ ، كىر - قاتلىرىنى يۇيۇپ ، دەردىگە دەرمان بولۇشى قولۇم - قوشنىلارنى تەسىرلەندۈردى .

ۋاڭ يەننا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن يىلى ، چوڭ ئىنىسى نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە ، كىچىك ئىنىسى نۇقتىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقتى . ئۇ ئاتا - ئانىسىنىڭ قىيىنچلىقىنى چۈشەنگەچكە ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ ، ئاۋۋال ئىشلەپ پۇل تېپىپ ئاندىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرماقچى بولدى . ئۇ ئالدى بىلەن مەھەللىدە پىدائىي بولۇپ ، تەشۋىقات ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى . كېيىنكى يىللىرى كۈنمىڭغا بېرىپ ئاتىسىنىڭ تىجارەت ئىشلىرىغا ياردەملەشتى ، ئىككى يىلدىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ ، بىر دۇكاندا مال ساتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى .
2007-يىلى 9-ئايدا ، ۋاڭ يەننا گېزىتتىن سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سانجى شەھىرىدىكى 18 ياشلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مەۋلانجان ئۆمەر ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى ، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش ۋە ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق ئېغىر كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى ، بۆرەك ئالماشتۇرغاندىلا ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىغانلىقىنى ، بىر قاتار تەكشۈرۈشلەردە ئاتىسىنىڭ قان تىپى ماس كەلمىگەنلىكى ، ئانىسىنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغىغا گىرىپتار ئىكەنلىكى ، باشقا ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭمۇ تۈرلۈك كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن بۆرەك تەقدىم قىلىش ئۆلچىمىگە ماس كەلمىگەنلىكى ، ئۇنى داۋالىتىش ئۈچۈن 300 مىڭ يۈەن خەجلەپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى . ۋاڭ يەننا ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىپ ئۇنى يوقلاپ باردى . ۋاڭ يەننا دوختۇرخانىدا كېسەللىك ئازابىدىن بىر تېرە ، بىر ئۇستىخان بولۇپ كەتكەن مەۋلانجاننى كۆرگەندىن كېيىن ، ۋاڭ يەننا ئۆزىنىڭ بىر بۆرىكىنى تەقدىم قىلىش ئارقىلىق بۇ ياشنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇۋېلىش قارارىغا كەلدى . ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى ، 16 خىل تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىدىن ۋاڭ يەننانىڭ بۆرىكىنىڭ مەۋلانجانغا مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى . دوختۇرلار ھەيران بولۇشۇپ : << بۇنداق ماس كېلىشنىڭ نىسبىتى تېببىي ئىلىمدا 100 مىڭدىن بىر بولىدۇ ، بۇ تېببىي ئىلىمدىكى بىر مۆجىزە >> دېيىشتى .


2007-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى بىرىنچى دوختۇرخانىنىڭ ئېتىكا ھەيئىتى قايتا - قايتا مۇھاكىمە قىلىپ ، ۋاڭ يەننا تېخى ياش ، ئۇنىڭ ئۈستىگە توي قىلمىغان ، بۆرەك تەقدىم قىلىش ئويى ئۇنىڭ بىر مەزگىللىك ھاياجىنى بولۇشى مۇمكىن ، ئۇنىڭ يەنىمۇ ئەتراپلىق ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ، دەپ قارىشىپ ۋاڭ يەننانىڭ قارارىنى بىردەك رەت قىلدى . بىراق ، ۋاڭ يەننا بۇ ئۇيغۇر << ئىنىسى >>نى قۇتقۇزۇۋېلىش پىكرىدىن قەتئىي يانمىدى . 2008-يىلى 1-ئايدا ۋاڭ يەننانىڭ دادىسى ۋاڭ شيۇجاڭ دوختۇرخانىغا كېلىپ قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ، ئىمزا قويدى .
2008-يىل 3-ئاينىڭ 27-كۈنى خەنزۇ قىزچاق ۋاڭ يەننانىڭ بىر بۆرىكى ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان ئۇيغۇر ئۆسمۈر مەۋلانجان ئۆمەرگە كۆچۈرۈلدى . بۇ شىنجاڭدىكى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغان تۇغقاندارچىلىقى بولمىغان ، مىللەت ھالقىغان تىرىك تەندىكى يات جىنس بۆرىكىنىڭ ئۆز ئارا كۆچۈرۈلۈشى ئىدى . ئوپېراتسىيىدىن كېيىن ، مەۋلانجاننىڭ ئانىسى ئارزۇگۈل ھاياجان ياشلىرىنى توختىتالماي ، ۋاڭ يەننانى قۇچاقلاپ تۇرۇپ : << نانا ، رەھمەت سىزگە ! ئوغلۇمنى قۇتقۇزۇۋالغىنىڭىزغا رەھمەت ! سىز ، سىز مېنىڭ قىزىم ! >> دېدى .


ۋاڭ يەننانىڭ ئانىسى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغاچقا ، ئاتا - بالا ئىككىسى بۇ ئىشنى دەسلەپتە ئۇنىڭدىن يوشۇردى . ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدىن قىزىنىڭ بۆرەك تەقدىم قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئانا : << قايسى ئانا ئۆز قىزىدىن ئەندىشە قىلمايدۇ ، مەنمۇ ئۇنىڭ ئازاب چېكىشىنى خالىمايمەن >> دېدى .
ۋاڭ يەننانىڭ بۆرەك تەقدىم قىلغانلىقى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى . خەلق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرى ، ئىتتىپاق كومىتېتى رەھبەرلىرى ، ئاددىي شەھەر پۇقرالىرىمۇ ئۇنى يوقلاپ كېلىپ ، ئۇنىڭ ئىش - ئىزلىرىغا ئاپىرىن ئوقۇدى . 2008-يىل 4-ئايدا ۋاڭ يەنناغا يۇقىرى ، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى << مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى >> دەپ نام بەردى . ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنىڭ ھال سورىشى ۋە مەدھىيىسى ئالدىدا ۋاڭ يەننا : << مەن ئۆزۈم قىلالايدىغان ئىشنىلا قىلدىم . ئائىلەمدىكىلەرگە ۋاكالىتەن جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە رەھمەت ئېيتىمەن . بۇ مېنىڭ مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدىغان كىشىلىك ھايات سەھىپەم >> دېدى .


2008-يىل 9-ئايدا ۋاڭ يەننا ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىغا يەتتى . شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكىگە يوللاپ تەستىقلىتىشى ئارقىلىق ۋاڭ يەننا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن كەسپىنىڭ ئادەتتىكى تولۇق كۇرس سىنىپىغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قوبۇل قىلىندى . ۋاڭ يەننانىڭ ئوقۇش پۇلىنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ راسخوتىنىڭ << شېنجېن ئوقۇش مۇكاپاتى >> سوممىسىدىن چىقىرىشنى ، مەكتەپتىكى تۇرمۇش خىراجىتىنىڭمۇ مەكتەپ ياردەم قىلىپ ھەل قىلىش قارار قىلىندى . ۋاڭ يەننا بۇ قىممەتلىك ئوقۇش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ ، تىرىشىپ ئۆگەندى . تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئايرىلغىنىغا ئۇزاق بولغاچقا ، دەسلەپتە ئۆگىنىشتە قىينالدى ، ساۋاقداشلىرى ئۆزلىرىدىن نەچچە ياش چوڭ بۇ ھەدىسىگە خۇشھاللىق بىلەن ياردەمدە بولدى .


ۋاڭ يەننانىڭ سىنىپ مەسئۇلى ما مۇئەللىمنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە ، ئۇنىڭ مىجەزى ئوچۇق ، جانلىق ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشھاللىق دەپ بىلىدىكەن . ئۇ ئوقۇۋاتقان سىنىپتا جەمئىي 37 ئوقۇغۇچى بولۇپ ، تەڭدىن كۆپرەكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەنلەر ئىكەن . شەندۇڭلۇق ئوقۇغۇچى ليۇ جىخاۋ : << شىنجاڭغا تۇنجى كەلگەچكە ، بىلىدىغانلىرىمىز ئاز ، نۇرغۇن ئىشلارنى چۈشىنەلمىگەنىدۇق ، ۋاڭ يەننا بىزگە شىنجاڭدا تۇرمۇش كەچۈرۈشتە مىللىي ئۆرپ - ئادەتكە ھۆرمەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى ، بىزگە يەنە نۇرغۇن ياردەملەرنى قىلدى >> دېدى .


ۋاڭ يەننا تىرىشىپ ئۆگەنگەندىن سىرت ، مەكتەپتىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ ، يىللىقلار ئارا ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋاسكېتبول مۇسابىقىلىرىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ، مەدەت بېرىش ئەترىتى تەشكىللەپ كۆپچىلىككە ئىلھام بەردى ، ئۆزى قىلالىغۇدەك كىچىك ئىشلار ئارقىلىق ئۇلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى . ۋاڭ يەننانىڭ ساۋاقداشلىرى ئۇنى : << ئۇنىڭدا ئادەتتىكى كىشىلەردە كەم ئۇچرايدىغان خىسلەت بار >> دەپ تەرىپلەشكەندە ، ۋاڭ يەننا : << ساۋاقداشلىرىم مېنى ياخشى چۈشىنىدۇ ، ئۇلارنىڭ مېنى چۈشەنگەنلىكىدىن خۇرسەنمەن >> دېدى .

ghalip1 يوللانغان ۋاقتى 2009-3-15 05:50:01

باشقىلارغا ئىچكى ئەزاسىنى تەغدىم قىلىش ياخشى خىسلەت!!!

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2009-3-15 07:14:51

ئەقىللىق قىزچاقكەن . چىرايىدىن پار پار پار قىلىپ نۇر يېغىپ تۇرىدۇ

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2009-3-15 08:19:23

شىنجاڭنىڭ يۈز سوپۇنلىرىنى ئىشلىتىپ ، شىنجاڭنىڭ سۇلىرنى ئىچىپ تۇرغاندىن كىيىن ، پار پار پار قىلىپ نۇر ياغماي توپا ياغامتى ئەمسە ؟

شۇ چاغلاردا تېلۋوزوردىن كۆرۈپ مەنمۇ قايىل بولغانتىم ، مۇشۇلاردىنمۇ مۇشۇنچىلىك ئادەم چىقىدىكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىنەنلىككەن دېسە ؟! ھەممىسى مۇشۇنداق ئىنساپلىق  بولغان بولسا كۆپ ئىشلار يۈز بەرمىگەن بولاتتى !

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2009-3-15 08:24:05

راس، پەزىلەتلىك قىز ئىكەن.

batur71 يوللانغان ۋاقتى 2009-3-15 09:45:46

بۆرەك دىگەن ئاددى ئەزا ئەمەس.

بۇ خۇتۇننىڭ ئەجرىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن مەۋلانجان نىكالاپ ئېلىپ، بىر ئۈمۈر تەرىتىگە سۇ بېرىشى كېرەك.

freebird يوللانغان ۋاقتى 2009-3-15 10:14:19

بىزنىڭ ئارسىمىزدا باشقا ناتونۇشلارغا ئىچكى ئەزا تەقدىم قىلغانلار بارمۇ؟  بىزدىن بىرەسى خەن يولداشلارغا تەقدىم قىلغان بولسا بىزدىكى ئىنكاس قانداقراق بولار..

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2009-3-15 10:56:53

batur71:

بۆرەك دىگەن ئاددى ئەزا ئەمەس.

بۇ خۇتۇننىڭ ئەجرىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن مەۋلانجان نىكالاپ ئېلىپ، بىر ئۈمۈر تەرىتىگە سۇ بېرىشى كېرەك.

بۇنداق تېتىقسىز گەپلەرنى قىلمىسىڭىز !

batur71 يوللانغان ۋاقتى 2009-3-15 11:04:12

ئەگەر بۇنى مەۋلان توغرا كۆرۈپ قالسا ئىدىيىدە بىرلىككە كەلسە، سىز تېتىقسىزلىق دەپلا قالىسىز، باشقىلار ئۆز يولىدا كىتىۋىرىدۇ.

NOKIA يوللانغان ۋاقتى 2009-3-15 11:36:43

ھەقىقەتەن ئۇلۇغلاشقا تىگىشلىك روھ! ئادەم بىر ئەزاسىنى تونۇمايدىغان كىشى ، تونىمايدىغان مىللەتكە سوغا قىلىشى ھەقىقەتەن ئادەتتتىكى ئىش ئەمەس !

ۋاڭ يەننا ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلار قىلالمايدىغان ھەم جۈرئەت قىلالمايدىغان ئىشنى قىلدى.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2009-3-15 11:37:48

باتۇر بۇرادەر سىز شۇنداق قىلىڭ

Uyghun يوللانغان ۋاقتى 2009-3-15 11:44:55

ياخشى، يامان نىيەتلىك كىشلەر ھەممە مىللەتتە بار، بۇنىڭلىق بىلەن پۇتۇن بىر مىللەتكە باھا بەرگىلى بولمايدۇ.

UDUN يوللانغان ۋاقتى 2009-3-15 13:35:36

ئاڭلاپ ھاڭ تاڭ قالغانتىم بۇخەۋەرنى .

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2009-3-15 13:54:04

نىمە دىگەن ئىسىل پەزىلەتلىك ھە. بىزنىڭ ئارىمىزدىمۇ   ئۆزىنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى تەقدىم قىلالمىسىمۇ ئۆزىدەبار بولغان نەرسىلەرنى  ياردەمگە مۇھتاج بولغان كىشىلەرگە سوۋغا قىلىدىغان ئىسىل پەزىلەتلىك كىشىلىرىمىزمۇ بار . مەسىلەن پىنھاندەك

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2009-3-15 15:49:38

yaxar0996 يوللانغان ۋاقتى 2009-3-15 16:40:02

خەنزۇ يولداشلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ قىزبالىدەك بولسا، جۇڭگودا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى\" پورەكلەپ\" ئېچىلغان بولاتتى. بىراق بىر ئوبداش ئىشنى مازلاشتۇرۇپ، \"ۋاڭ يەننا ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىغا يەتتى . شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكىگە يوللاپ تەستىقلىتىشى ئارقىلىق ۋاڭ يەننا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن كەسپىنىڭ ئادەتتىكى تولۇق كۇرس سىنىپىغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قوبۇل قىلىندى . ۋاڭ يەننانىڭ ئوقۇش پۇلىنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ راسخوتىنىڭ << شېنجېن ئوقۇش مۇكاپاتى >> سوممىسىدىن چىقىرىشنى ، مەكتەپتىكى تۇرمۇش خىراجىتىنىڭمۇ مەكتەپ ياردەم قىلىپ ھەل قىلىش قارار قىلىندى .  \" دەپ يېزىپ قويۇشى، مېنى بۇ قىز خاسىيەتلىك ئىشنى ئاشۇ مەنپەئەتلەر ئۈچۈن قىلغاندەك تەسىراتقا كەلتۈرۈپ قويدى. ئىشقىلىپ نىمىلا بولمىسۇن، مەۋلانجان بۆرەك ئالماشتۇرغاندىن كېيىن تىزدىن سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشمەن...

Nurbulaq يوللانغان ۋاقتى 2009-3-15 16:56:17

ئو ... ئاڭلاپ باقمىغان گەپلەركەنغۇ ...

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2009-3-15 17:36:11

yusran يوللانغان ۋاقتى 2009-3-15 20:12:03

ئاللا خالىسا ئۇ دۇنيادا جەننەتتە بولار ھە

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2009-3-15 21:05:35

ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتى مۇشۇ دۇنيادىلا.
بەت: [1] 2
: ئۇيغۇر يىگىتكە بۆرەك تەقدىم قىلغان خەنزۇ قىز