Jewlaniy يوللانغان ۋاقتى 2009-3-13 23:40:58

«نورۇز ئېشى» ئېتىش ئۇسۇلى

ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم جامائەت، تىنىچ ئامانلىقمۇ؟ يىل بېشىدا باشلىنىدىغان ئىشلىرىڭلار خەيرىلىك بولغاي!
ئۇيغۇرلاردا  نۇرۇز يىلى بىشى دېمەكتۇر. يىل بىشىنى خەيرىلىك ئىشلار بىلەن باشلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ھەر قايسىڭلارنى(بىلمەيدىغانلارنى) نورۇزنى ئاتا بوۋىمىز ئۆتكۈزگەندەك ئۆتكۈزۈپ ھەقىقىي تەبىئىيلىكنى كۆرۈپ باقسۇن.
بىر يىللىق قۇت - بەرىكەتنى، كۈچ - قۇۋۋەتنى بىر قىتىملىق تائامدىن ئىلىپ باقسۇن دېگەن نىيەتتە نورۇز ئېشى
ئېتىش ئۇسۇلى ھەققىدىكى بۇ كىچىككىنە بىلىمنى  ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.(ئەمەلىيەتتە مەنمۇ بىنى كىتابتىن كۆرگەن)
بۇ يىللىق نورۇز كۈنىڭلارنى ئائىلە، دوست - يارەنلەر بىلەن نورۇز ئېشى ئېتىپ ئىچىشىپ، ئۆز - ئارا قۇت - بەرىكەت
تىلىشىپ، كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.  

نورۇز ئېشى

[خۇرۇچى] بۇغداي، ئارپا، قوناق، پۇرچاق، گۈرۈچ قاتارلىق يەتتە خىل دان، ئۇستىخانلىق قوي گۆشى،
سۈرلەنگەن كالا گۆشى، ئات گۆشى، قېزا، قوي كاللىسى، قېتىق، سۈزمە، پىياز.
[تەييارلاش ئۇسۇلى] يېڭى سويغان مالنىڭ ئۇستىخانلىق گۆشى، سۈرلەنگەن گۆش ۋە قوينىڭ
كاللىسىنى داشقازانغا بىراقلا سىلىپ قاينىتىمىز. پوستى ئاقلانغان بۇغداي، ئارپا، قوناق، پۇرچاق، گۈرۈچ
قاتارلىق يەتتە خىل داننى شورپىغا سىلىپ بوش قاينىتىمىز، قۇرۇتنى ئۇششاقلاپ قازانغا تاشلاپ
قويىمىز. گۆش قايناپ پىشقاندا تاۋاقلارغا ئۇسسۇپ مېھمانلارغا كەلتۈرىمىز. ھەرخىل دانلار ئېزىلىپ
پىشقاندىن كېيىن قېتىق، سۈزمە، پىياز سېلىپ تۇزىنى تەڭشەپ، چىنىلەرگە ئۇسسۇپ بەرسەك،
گۆشتىن كىيىن ئىچىلىدۇ. شورپىغا سىلىنغان دانلارنىڭ تۈرى كۆپ، تەمى ھەرخىل، كۆپ خىل دان
كۆپ خىل ئوزۇقلۇققا تويۇنغان. شۇڭا، بەك تەملىك، مەززىلىك. قۇرۇت، قېتىق، سۈزمىلەرنىڭ ئاچچىق -
چۈچۈك تەملىرى قېمىز ئىچكەندەك ھوزۇر بەخىش ئېتىپ، بىر يىللىق قۇت - بەرىكەت، كۈچ - قۇۋۋەتنى
بىر قېتىملىق كۆجە ئېشىدىن ئالغاندەك تۇيغۇ بىرىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك رەسسىملەرنى قابىل ئەپەندىنىڭ مۇنۇ يازمىسىدىن كۆرىۋالغايسىلەر
http://bbs.bilik.cn/viewthread.php?tid=16959

ئۇيغۇر تائاملىرى قامۇسىدىن ئېلىندى.

مەنبە: جىلۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تور بلوگى


mayhana يوللانغان ۋاقتى 2009-3-14 10:16:49

كوجا نىمۇ مۇشۇنداق ئىتىدىغاندەك ئىسمىدە، بىرمۇ يا ئىككىسى؟

سۈمۈلەك  مۇ يامان تە،لىك تاماقتى، بالا ۋاقىتلىرىمدا بىر يەپتىم... نى زامان ھازىر....

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2009-3-15 17:40:03

دەل ۋاقتىدا يوللانغان زۆرۈر تېما بولۇپتۇ. ئەجىرلىرىگە ھەشقاللا !
بەت: [1]
: «نورۇز ئېشى» ئېتىش ئۇسۇلى