Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2009-3-13 23:19:14

تۇران باتۇرى سىپتامىن

(مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىر)

<div class=t_msgfont id=message8283><div id=ad_thread3_1></div>

ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن

    مەركىزى ئاسىيا ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاپىرىدىگاھلىرىدىن بىرى. مەركىزى ئاسىيا ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەت ئۇچاقلىرىنىڭ بىرى. ئەنە شۇ مەركىزى ئاسىيا دەپ ئاتالغان بۇ بۈيۈك زېمىندا بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ياشاپ كەلگەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ مۇقەددەس زېمىننى قۇرۇپ چىقىش، تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە بۇ بۈيۈك زېمىننى ياۋلارنىڭ تاجاۋۇزىدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ بىزلەرگە گۈزەل قەھرىمانلىق قىسسىلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئەنە شۇ گۈزەل قىسسەلەرنىڭ بىرى- مىلادىدىن ئىلگىرىكى ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان ئابا-ئەجداتلىرىمىز ماسساگىتلارنىڭ شۇ زاماندىكى ئەڭ چوڭ ئىستىلاچى ھۆكۈمدار ئىسكەندەر زۇلقەرنەين(ئالېكىساندىر ماكىدونىسكى)نىڭ بۇ بۈيۈك زېمىنىمىزنى ئىستىلا قىلىش مەقسىتىدە قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا باتۇرانە قارشىلىق كۆرسىتىپ ئۆزىنىڭ زېمىنى قوغداش يۇلىدا ئىسسىق قېنىدىن ئايرىلغان ياش ماسساگىت قەھرىمانى- سىپتامىن قىسسەسىدۇر.
    مىلادىدىن بورۇنقى Ⅴئەسىردىن باشلاپ ماكېدونىينىڭ گىرىتسىيەدىكى تەسىرى كۈچىيىشكە باشلىدى. مىلادىدىن بورۇنقى Ⅳ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ماكېدونىيە زور دەرىجىدە كۈچىيىپ سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلاندى. دەل شۇ چاغدا ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ياش ئىسكەندەر(ئالېكساندىر) تەختكە چىقىدۇ. ئۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 336-يىلىدىن باشلاپ شەرققە قارىتا كەڭ كۆلەملىك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشلىرىنى قوزغىدى. ئۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى 330- يىلى ئىران ئاخمانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئاخىرىقى پادىشاھى داراⅢ نى يىڭىپ ئاخمانىيلار سۇلالىسىنى تۇلۇق مۇنقەرزى قىلدى. شۇندىن باشلاپ ئىسكەندەر(ئالېكساندىر) كاسپىي دېڭىزنى بويلاپ ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈرۈش قىلدى. لېكىن ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سوغدىلار، ساكلار ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ.
    ئىسكەندەرنىڭ ئاخمانىيلار سۇلالىسىنى پارچىلاپ ھالاك قىلىش جەھەتتىكى پەلسەپىۋى ۋە ھەربىي تەدبىرلىرى كەڭ مەركىزى ئاسىيا رايۇنلىرىغا ئۇيغۇن كەلمىدى. ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا كىچىك ئاسىيا، سۈرىيە، مىسىر، بابىلىيە ۋە پېرسىيەنى بېسىۋالغان ئىسكەندەر مەركىزى ئاسىيا بۇسۇغۇسىدىلا 3-4يىل تۇرۇپ قالدى. ئۇ گەرچە «ئۆزىنى تۇتىۋېلىش، يول قۇيۇش ۋە ئاسىيالىشىش تەدبىرلىرى» نى ئىشلەتكەن بولسىمۇ مەركىزى ئاسىيانىڭ ئاساسىي رايۇنى ماۋارەئۇننەھىر(«ئىككى دەريا ئارىسىدىكى زېمىن» دېگەن مەنىدە) دە پۇت تىرەپ تۇرالماي چىكىندى.
    ئىسكەندەر مىلادىدىن ئىلگىرىكى 329-يىلى ھىندىقۇش تاغلىرىدىن ئېشىپ مەركىزى ئاسىيا بۇسۇغۇسىدا پەيدا بولدى. دەسلىپىدە قەدىمكى باكتىرىيەنى ئىشغال قىلدى. ئاخمانىيلار ئىمپىرىيسى ۋاقتىدىكى باكتىرىيە ۋە سوغدىئانا ۋالىيسى بېسس بۇياققا قاراپ قاچقان داراⅢ نى ئۆلتۈرۈپ ئۆزىنى ئاخمانىيلار شاھى ئارتاكسېرىس كىس دەپ جاكارلىغانىدى. ئىسكەندەرنىڭ يېقىنلاپ كىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ بېسس ئامۇ دەرياسىنىڭ شىمالىغا- قەدىمكى بۇخارا سەمەرقەندكە ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭغا باكتىرىيە كېنەزى بەخشۇن بەرتار (ئاكسارت) ئىراندىن قاچقان كېنەز دەتەفەرىنلەر قوشۇلدى. دەسلىپىدە ئۇلارغا مەركىزى ئاسىيانىڭ سىپتامىن باشچىلىقىدىكى چەۋەندازلىرى بىلەن سىر دەريا بۇيىدىكى داخې ماساگىتلىرى مەدەت بېرىپ تۇردى.
    ئىسكەندەرنىڭ ھەيۋىتى ۋە ئۇنىڭ مەركىزى ئاسىيانى تىزگىنلەشتە ئىرانلىق ئاقسۆڭەكلەردىن پايدىلىنىش سىياسىتى بېسس ئېتىپاقىنى داۋالغۇتۇپ قويدى. سىپتامىن بىلەن دەتەفەرىن ئىسكەندەرنىڭ ئالدىغا بېسسنى تۇتۇپ بېرىشكە ۋەدە قىلىپ ئەلچىلەر ئەۋەتتى، ۋە ئۇنى قولغا چۈشۈردى. ئىسكەندەر سىپتامىننىڭ ۋەدىسىگە بىنائەن بەلگىلەنگەن جايغا ئۆز سەركەردىسى پىتلومى لاگنى ئەۋەتتى. سىپتامىن ئاخمانىيلارنىڭ بۇ كونا ۋالىيسىنىڭ ئۆز يۇرتىنى داۋاملىق دەپسەندە قىلىشنى خالىمايتتى. ئۇ مەركىزى ئاسىيا مەسىلىسىدە ئىرانلىق ئاقسۆڭەك قاچقۇن سەترابلارنىڭ ساتقۇنلىقىدىن دائىم ئەنسىرەيتتى. شۇنىڭدەك خىزمەت كۆرسىتىپ ئىسكەندەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشنىمۇ خالىمايتتى. سىپتامىن بېسسنى ئۆز قۇلى بىلەن پىتلومى لاگقا تاپشۇرۇپ بەرمەستىن مەلۇم بىر قىشلاققا قالدۇرۇپ، ئىشكەندەر كىشىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇپ يىراقلاپ كەتكەنىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئىسكەندەر قۇشۇنلىرى بىلەن مەركىزى ئاسىيا تۇرانىيلىرىنىڭ ئۇچۇق-ئاشكارا قانلىق كۆرەشلىرىنىڭ سەھىپىسى ئېچىلدى. گەرچە ئىسكەندەر قۇشۇنلىرىنىڭ جەڭ قىلىش ماھارىتى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ مەركىزى ئاسىيا رايۇنىدا ئۇزاققىچە جەڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرەلمىدى. ئىسكەندەرنىڭ غالىب بايرىقى مەركىزى ئاسىيادا تۇنجى قېتىم سۇندى ۋە شەخسەن ئۆزىمۇ يارىدار بولدى. كەيخىسراۋ، كىر ۋە دارانىڭ ئۆلۈم تۇپرىقى بولغان بۇ مۇقەددەس تۇرانىيە دىيارى ئىسكەندەرنى ئۆمۈرلۈك روھى ۋەھىمىگە سېلىپ قويغانىدى.
سىپتامىن بېسسنى ئىسكەندەر قۇشۇنلىرىغا قالدۇرۇپ ئامۇ دەرياسىدىن شىمالغا ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن ئىسكەندەر ماراكاندادا قۇشۇن قالدۇرۇپ، بىر قىسىم كۈچلەر بىلەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 329-يىلى باھاردا ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ سىپتامىننىڭ ئىزىنى قوغلاشقا چۈشتى. يولدا ئۇنىڭغا ئوسرۇشان تاغلىرىدىكى خەلق قارشى چىقىپ، ئۇنىڭ ئارقا سەپ قۇشۇنلىرىنى قىرىپ تاشلىدى. ئىسكەندەر بۇ خەلققە قارشى جەڭ قىلىپ تۇنجى قېتىم يارىدار بولدى. ئىسكەندەر بارلىق كۈچ بىلەن بۇ تاغنى ئىگىلەپ بىر قېتىمدىلا بۇ تاغدىكى 30 مىڭ ئاھالىدىن 22مىڭنى قىرىپ تاشلىدى. بۇ خىل كۈچ كۆرسىتىش تۈپەيلى بەزى تۇران-ساك قەبىلە ئاقساقاللىرى ئىسكەندەر ئالدىغا ھۆرمەت ئەلچىلىرى ئەۋەتكەن بولسىمۇ، بۇ ھالەتنى تىز ئارىدا غەزەپلىك كۆتۈرۈلگەن خەلق قوزغىلاڭلىرىنىڭ كۈچلۈك ساداسى بېسىپ كەتتى. بۇ قوزغىلاڭغا سىپتامىن يىتەكچىلىك قىلغانىدى. ئوسرۇشان تېغىدىكى قىرغىنچىلىق سەمەرقەند ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئىسكەندەرنى ئىرانلىقلار زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى، دەپ تۇنۇپ شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىپ بىرىش ئۈمتۈلۈشلىرىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇپ قويغانىدى. قوزغىلاڭنىڭ ئاساسلىق ئىشتىراكچىلىرى «دەريا بۇيى ۋارۋارلىرى» دەپ ئاتالغان سىر دەريا ۋە يەتتە سۇ رايۇنىدىكى كانگىيە ساكلىرى ئىدى.
    ئىسكەندەر ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ سوغدى دىيارىغا كىرگەندىن كىيىن، پۈتۈن مەركىزى ئاسىيانى قولغا كىرگۈزۈش مەقسىتىدە باكتىرىيىدىكى زارىئاسپو شەھىرىدە شەھەر ۋە رايۇن باشلىقلىرى ئومۇمى يىغىن ئېچىشنى جاكارلىغانىدى. بۇ يىغىنغا پۈتكۈل ماۋارەئۇننەھىر شەھەر-قەلئە دۆلەتلىرىنىڭ ھاكىملىرى ئۆزلۈكىدىن كېلىشى لازىم ئىدى. دەل مۇشۇ پەيتتە يۇقىرىقى قوزغىلاڭ پارتلىدى. ئسكەندەر دەرھال سىپتامىنغا كىشى ئەۋەتىپ، بۇ قوزغىلاڭنى تىنجىتىپ، تۆھپە كۆرسىتىپ يىغىنغا كىلىشنى ئۇقتۇردى. ئەمما، سىپتامىن قۇراللىق قۇشۇنلىرىنى باشلاپ بۇ خەلق قوزغىلىڭىغا قۇشۇلۇپ كەتتى. ئىسكەندەر «يىغىن ھىيلىسى» نى يىغىشتۇرۇپ جەڭگە ئاتلاندى. سىپتامىن گازا قاتارلىق يەتتە شەھەرنى جەڭ ئىستېھكامى قىلدى. ئسكەندەر بەش شەھەر-قەلئەگە جىددى ھۇجۇم قوزغاپ ئىككى كۈندە ئۇنى ئىشغال قىلدى. سىپتامىن كىشىلىرى ماراكاندادىكى ئىسكەندەرنىڭ ھەربىي لاگىرىنى قامال قىلىۋالدى. ئىسكەندەر قوشۇنلىرى ئىككى ياندىكى قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن ئىسكەنجىگە ئېلىندى. ئىسكەندەر بۇ قېتىم قايتا يارىدار بولدى. شۇنىڭدىن كىيىن تۇران تىلىنى بىلىدىغان فارنۇخ دېگەن سەركەردىنى قوماندان قىلىپ سىپتامىنغا قارشى قۇشۇن ئەۋەتىپ ئۆزى دەريا نېرىسىدىكى ساكلار بىلەن بىۋاستە سوقۇشماقچى بولدى. ئۇ سوغدىدىكى بۇ قوزغىلاڭنى باستۇرۇش ئۈچۈن 17 كۈن ئىچىدىلا «ئىسكەندەر ئېسخاتا» قەلئەسىنى ياساتقۇزدى. قەلئە پۈتكەندىن كىيىن ئىسكەندەر جەڭگە ئاتلاندى. ئۇ سال ۋە تولۇملار بىلەن سىر دەرياغا چۈشتى. ھەممە ىلدىكى گرېك قۇشۇنلىرىغا دۇچ كەلگەن شىمالىي سىر تۇران ساكلىرى چۆلگە چىكىندى. ئىسكەندەر دەشتى چۆل لېۋىدە تەشۋىشلىنىپ تۇرۇپ قالدى. قۇشۇن ئىچىدە باشلانغان مەيدە كىسەللىكلىرى ئۇنىڭ ھالىنى قويمىدى. نېمە قىلىشنى بېلەلمىگەنلىكتىن ئۇ چىكىنىشكە مەجبۇر بولدى. سىپتامىنگە قارشى قۇشۇن باشلاپ كەتكەن فارنۇخنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ بەتتەر بولدى. بارغانسېرى ئۇلغىيۋاتقان سىپتامىن قۇشۇنلىرىغا تاقابىل تۇرالمىغان فارنۇخ ئىسكەندەردىن قايتا-قايتا ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولدى. ئىسكەندەر كروپولدىن فارنۇخقا قۇشۇن يۆتكەپ ياردەم قىلغاندىن كىيىنلا سىپتامىن قۇشۇنلىرى ماراكاندا قامالىنى تاشلاپ بۇخارا تەرەپكە قاراپ چېكىندى. فارنۇخ ئىز قوغلاپ چۆل ياقىسىگىچە كەلدى. سىپتامىن قۇشۇنلىرى چېكىنگەن قىياپەتتە دۈشمەننى ئالداپ گاھ ئوڭدىن گاھ سولدىن ھەرىكەتچان زەربەر بېرىپ فارنۇخ قۇشۇنلىرىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. ئۇزۇن نەيزە تۇتقان قالقانلىق سەپ تارتىپ ماڭغان ئىسكەندەر قۇشۇنلىرى، ئاتلىق ھەرىكەتچان زەربە بەرگۈچى سىپتامىن قۇشۇنلىرىنىڭ تۇيۇقسىز زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمىدى. فارنۇخ ئاخىرى ئىسكەندەرگە ئۆزىنىڭ ھەربىي لاياقەتسىزلىكىنى ئىقرار قىلىپ ئىستېپا بەردى. شۇ چاغدا ماختانچاق قۇماندان كاران ئۆز ماھارىتىنى كۆرسەتمەكچى بولۇپ، زەرەپشان دەرياسىدىن ئاتلىق قۇشۇننىى كەچكۈزۈپ ئۆتكۈزۈپ بۆكتۈرمە قىلىنغان تۇران ساكلىرىغا دۇچ كېلىپ مەغلۇپ بولدى. سىپتامىن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ماراكەندىدىكى بىر قىسىم ماكېدونىيەلىكلەرنى بىر كىچىك ئارالغا ئالداپ كىرگۈزۈپ، كۆپچىلىكنى قىرىپ تاشلاپ، ماراكەند(سەمەرقەند)نى قايتىدىن ئىشغال قىلىۋالىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئىسكەندەر تۆت كېچە-كۈندۈز يول يۈرۈپ ماراكەندىگە يېتى كەلدى. سىپتامىن دەرھال قامالنى بوشىتىپ، بۇخارا ئارقىلىق چۆلگە چېكىندى. ئىسكەندەر سىپتامىننى غەزەپ بىلەن قوغلايدۇ ۋە زەرەپشان قىرغاقلىرىدا ياتقان كاران باشچىلىقىدىكى قۇشۇنلىرىنىڭ جەسەتلىرىگە بېغىشلاپ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. دەپنە مۇراسىمىدىن كىيىن قايتا چۆل ياقىسىغا كېلىدۇ ۋە ئارقىغا يېنىشتىكى ئۇچرىغانلىكى ئاھالە رايۇنلىرى، ئېتىز ۋە باغ-ۋارانلارغا قىساسكارلىق بىلەن ئوت قۇيىدۇ. مەلۇماتلاردا، ئىسكەندەرنىڭ 120مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىنى قىرىپ تاشلاپ، ئوسرۇشان تاغلىرىدىكى قىساسكارلىقىدىن 10 ھەسسە ئارتۇق قان تۆككەنلىكىنى دەلىللەيدۇ. قىشنىڭ يېتىپ كېلىشى ۋە غەلىبە ئىشەنچىسىنىڭ قاراڭغۇلىشىشى تۈپەيلىدىن ئىسكەندەر باكتىرىيدىكى زارىئاسىپ قەلئەسىگە قىشلاققا قايتىدۇ.
مىلادىدىن ئىلگىرىكى 328-يىلى باھارنىڭ كېلىشى بىلەن ئىسكەندەر قوشۇنلىرىنى بەش ئەترەتكە بۆلۈپ، سوغدى رايۇنىغا، ئۆزىگە قارشى چىققان خەلقنى بويسۇندۇرۇشقا ئەۋەتىدۇ. بۇ چاغدا سىپتامىن شىمالدىكى داخې ماسساگىتلىرى ئارىسىدا ئىدى. ئۇ ئىسكەندەرنىڭ سوغدى زېمىنىغا قۇشۇن ئەۋەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، تۇيۇقسىز 600 ئاتلىق چەۋەنداز بىلەن باكتىرىيدە پەيدا بولىدۇ. ئۇ ئىسكەندەرنىڭ ھەربىي ئىستېھكاملىرىغا ھەتتا زارىئاسىپ قەلئەسىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. ھودۇققان ئىسكەندەر كىراتىر باشچىلىقىدا قۇشۇن ئەۋەتكەندە سىپتامىن بىردىنلا غايىپ بولۇپ چۆلگە چېكىنىدۇ. كىراتىر ئىز قوغلاپ سىپتامىن بىلەن تۇتىشىدۇ. سىپتامىن ياردەمگە كەلگەن مىڭدىن ئارتۇق ماسساگىتلار بىلەن كىراتىغا زەربە بېرىپ چۆلگە كىرىپ كىتىدۇ. سىپتامىن قايتىدىن قۇشۇن توپلاپ سوغدىدىكىى ئىسكەندەر ئىستېھكامىغا ھۇجۇم قىلغاندا يۇشۇرنۇپ تۇرغان ئىسكەندەر قۇشۇنلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ 800 ياراملىق ئاتلىق چەۋەندازلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. بۇ سىپتامىننىڭ ئەڭ ئاخىرىقى قېتىملىق جېڭى ئىدى. بۇ چاغدا بەزى سوغدى باكتىرىيە چەۋەندازلىرى ئىسكەندەرگە تەسلىم بولىدۇ. ئىسكەندەرنىڭ ئۆزى قاتنىشىدىغان بەھەيۋەت جەڭ بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەر ماسساگىت ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى پارچىلىۋېتىدۇ. ماسساگىتلارنىڭ بەزى ئاقسۆڭەكلىرى قەھىرىمان سىپتامىننىڭ بېشىنى كىسىپ ئىسكەندەرگە ئەۋەتىپ بىرىدۇ. كۇرتسىي روفنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىپتامىننىڭ خوتۇنى ئېرىگە تەسلىم بولۇش مەسلىھەتى بەرگەندە سىپتامىن رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۇخلاۋاتقان ۋاقتىدا خوتۇنى ئۇنىڭ بېشىنى كىسىپ ئىسكەندەر لاگىرىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن.
    ئەپراسىياپ ئەۋلادى زارىنا، سىپارېترا ۋە تۇمارىستىن كېيىنكى يەنە بىر كۆزگە كۆرۈنگەن تۇران قەھرىمانى، ھەرىكەتچان «تۇران تاكتىكىسى» نىڭ ماھىرى سىپتامىن ئەنە شۇنداق گۈزەل تارىخى رىۋايەتلەرنى قالدۇرۇپ ياش ھاياتىدىن ئايرىلغان. سىپتامىننىڭ خيانەتكارانە ئۆلتۈرۈلىشىدىن كېيىن گەرچە داغدۇغىلىق جەڭلەر يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن خەلقنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى توختاپ قالمىدى.



ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ "قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا" دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.
        

                                                                          كۈنتىكىن

</div>

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2009-3-14 08:37:15

ئادەمگە قەيسەر يۈرەك دىگەن كىنونى ئەسلىتىدىكەن . مۇشۇنداق قەھرىمانلېرىمىزنى ئۇقمايمىزدە. كىنو قىلىپ ئىشلەنسە ئالىكساندىر ئىمپىرىيىسى دىگەن كىنودىن ياخشى بۇلۇپ چىقاتتى دە .

sarwi10 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-2 18:55:17

قەھرىمانلارمۇ كۆپتە
بەت: [1]
: تۇران باتۇرى سىپتامىن