Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2009-3-11 09:18:22

قارا خانىلارنىڭ تەشكىل تېپىشى

مىلادىنىىڭ 840-يىلى شەرقى ئۇيغۇرلانىڭ كۆپ قىسىمى تۈرلۈك سەۋەبلەرگە كۆرە، پان تېكىن باشچىلىقىدا غەرىب (ئاساسەن تەڭرىتاغلرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى)كە كۆچكەنىدى. <تاڭ سۇلالىسى يىلنامىسى. ئۇيغۇرلار ھەققىدى قىسسە>دە غەرىبكە كۆچكەن ئۇيغۇرلانى قارلۇقلار ئارىسىغا كەتكەن، دېگەن خاتىرىلەر بار. بەزى تارىخچىلار يەنە مۇنداق خاتىرلەرگە ئاساسلىنىپ ، قاراخانىلار دۆلىتىنڭ تەشكىل تېپىشنى غەرىبكە كۆچكەن مۇشۇ ئۇيغۇرلارغا باغلايدۇ. مېنىڭچە بۇخىل قاراش بەزىبىر ئىشەنچىلىك تارىخى پاكىتلار تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ. <تاڭ سۇلالىسى يىلنامىسى. تۈرگۈشلەر ھەققىدە قىسسە>دە، پان تېكىن باشچىلىقىدا غەرىبكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارا شەھەر ۋە كۇچاغا بېرىپ ماكانلاشقانلىقى بايان قىلىنىدۇ. پان تېكىن قارا شەھەر ۋە كۇچادا بىر مەزگىل تۇرۇپ ئۆزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن ، مىلادىنىڭ 850-يىلىدىن باشلاپ ، تۇرپان ، بەشبالىق قاتارلىق جايلارغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەپ ، ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنى قۇرغانىدى. ئىشەنچىلىك پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا ، غەرىبكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى(مىلادىنىڭ 850-يىلىدىن 1335-يىلغىچە ھۆكۇم سۈرگەن )، ئۇيغۇر گەنجۇ خانلىقى (مىلادىنىڭ 870-يىلىدىن 1036-يىلغىچە ھۆكۈم سۇرگەن) قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تەشكىل تېپىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانىدى. بۇ توغرىسدا ئۆز نۆۋىتى كەلگەندە تەپسىلى توختىلىمىز.

كۆپچىلىك تارىخچىلار تارىپىدىن قوبۇل قىلىنغان كۆز قاراش بويىچە ھۆكۈم قىلغاندا ، ئۇيغۇر قارا خانىلار دۆلىتىنى تەشكىل قىلىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ياغما ئاتلىق قەبىلىسى يېتەكچىلىك رول ئوينىغان .

شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى، ئەجدادتلىرىمىز تەشكىل قىلغان ھەرقانداق بىر دۆلەتكە ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى بىر قەبىلە ياكى بىر ئۇرۇقتىن چىققان خانلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىدى.

ئۇلۇغ ھون تەڭرىقۇتلىقىدا ، لانىتى، غۇيان، شابو ئاتىلق ئۈچ ئۇرۇق ھون قەبىللىرى ئىچىدە ئېسىل ئۇرۇق ھېسابلىناتتى . ھون تەڭرىقۇتلىرى لانىتى ئۇرۇقىغا مەنسۇپ ئىدى. يۇقىرىدىكى ئۈچ ئۇرۇق ھون تەڭرىقۇتلىقىدا ھۆكۈمران تەبىقە ئىدى. ھون تەڭرىقۇتلىرى ئۆز ئوغۇللىرىنى غويان ، شابۇ ئۇرۇقلىرىنىڭ قىزلىرىغا ئۆيلەندۈرەتتى. قىزلىرىنى ئەنە شۇ ئىككى ئۇرۇقنىڭ ئوغۇللىرىغا ياتلىق قىلاتتى. باشقا قەبىلە-ئۇرۇقلار بىلەن زادى قۇدا-باجىلق مۇناسىۋىتىدە بولمايتتى. چەتئەل ھۆكۈمرانلىرى بىلەن سىياسىي مەقسەتلەرنى ئاساس قىلغان قۇدىلىشىش ئالاھىدە بىر ئەھۋال ئىدى.

ئۇلۇغ كۆك تۈرۈك قاغانلىقى ( مىلادىنىڭ 551-يىلدىن 744-يىلغىچە)نى ئالتاي تۈرۈكلىرى ئىچىدىكى ئاسىنا ئۇرۇقى تەشكىل قىلغان ئىدى. 200 يىل ھۆكۈم سۈرگەن كۆك تۈرۈك قاغانلىقنىڭ تەختىدە ئاسىنا ئۇرۇقىدىن  چىققان قاغانلار ئولتۇرغانىدى. تۈرۈك قاغانلىرىنڭ فامىلىسى ئاسىنا بولۇپ ، ئۇلار ئۆز ئىسمىنىڭ بېشىغا <ئاسىنا>نى قوشۇپ قوللىناتتى. مەسىلەن: ئاسىنا تۈمەن، ئاسنا مۇقان، ئاسىنا قۇتلۇق دېگەنگە ئوخشاش.

ئۇيغۇر-ئۇرخۇن قاغانلىقىنى ئون ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىىچىدىكى ياغلاقار قەبىلىسىنڭ خانلىرى تەشكىل قىغان ئىدى. مىلادىنىڭ 795-يىلدىن باشلاپ قاغانلىق قىلىش ھوقۇقى ياغلاقارلار قەبىلىسىدن ئون ئۇيغۇر قەبىلىلرى ئىچىدكى ئادىز قەبىلىسىگە ئۆتكەن.

ئۇيغۇر-ئۇرخۇن قاغانلىقنىڭ 17-قاغانى بولغان ئاي تەڭرىدە ئۇلۇغ بولىمىش ئالىپ قۇلۇق بىلگەقاغانى ئادىز قەبىلسىدىن قاغانلىققا ئولتۇرغان تۇنجى كىشى ئىدى. مىلادىنىڭ 795-يىلدىن 845-يىلغىچە ئۇيغۇر ئۇرخۇن قاغانلىقىنىڭ تەختىدە ئادىز قەبىلىسىدىن چىققان قاغانلار ئولتۇردى. بۇنىڭغا قارىغاندا ، شەرقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى قەبىلە ۋى ئايرىملىقلار ئاساسەن يوقىلىپ ، ئىچكى جەھەتتىكى بىرلىك كۈچەيگەنلىكى مەلۇم. جەمىيەت تەرەققياتى نۇقتىسىدىن ئالغاندا ، ئۇنداق ئەھۋال ئىلغارلىق ئىدى.

ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ تەختتە ئولتۇرغانلارمۇ ئون ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىچىدىكى ئادىز قەبىلىسىگە مەنسۇپ شاھزادىلەر ئىدى.

ئۇيغۇر-ئۇرخۇن قاغانلىرى(ياغلاقار ۋە ئادىز قەبىلىسىدن چىققان قاغانلار) ئوغۇللىرىنى ئۆيلەندۈرۈش ، قىزلىرىنى ياتلىق قىلىشتا ، توققۇز ئوغۇز دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىچىدىكى بۇكو قەبىلىسى بىلەن قۇدىلىشاتتى.

ئۇيغۇر كەڭسۇ خانلىقىنى (870-1036)مىلادىنىڭ 840-يىلى غەرىبكە كۆچكەن شەرقى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ياغلاقار قەبىلىسدىن  بولغان  شاھزادىلەر تەشكىل قىلغانىدى. ھازىر گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇنەن ناھىيىسىدە ياشايدىغان سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادى 840-يىلى غەرىبكە كۆچكەن شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

تۆۋەندە، ئۇيغۇر قاراخانىلار دۆلىتىنى تەشكىل قىلشتا يېتەكچى رول ئوينىغان ، قاراخانىلار دۆلىتىگە باشتىن -ئاخرىغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ياغمىلار توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىمىز.

يوللىغۇچىدىن:خەت بېسىش سۈرئىتىم سەل ئاستا بولغاچقا بەك ۋاقتىم كېتىدىكەن، ھازىر ۋاقتىم توشۇپ قالدى، داۋاملىق يوللايمەن.

kompiyuter يوللانغان ۋاقتى 2009-3-11 10:24:44

ئېسىل تېمىغا تۇتۇش قىپسىز،داۋامىغا قاراپ...

Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2009-3-11 10:56:46

ياغمىلار ئۇيغۇر قەىبىلىلىرى ئىچىدىكى ناھايىتى جەڭگىۋار قەبىلە بولۇپ ، ئۇلارنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن.  ياغما دەپ  ئاتىلىدىغان ئۇيغۇر قەبىلىسى غەربىي ھونلارنىڭ ئەۋلادى ئىدى. مىلادىنىڭ 90-يىلدىن باشلاپ يەتتەسۇدا ياشاشقا باشلىغان ھونلارنىڭ يوئىبان دەپ ئاتىلىدىغان بىر قەبىلىسى مىلادىنىڭ 450-يىللىرىدىن باشلاپ تارىخى يىلنامىلەردە  تىلغا ئېلىنمايدۇ، يوئىبانلار ئىلى دەرياسىدىن تارتىپ تالاس دەرياسى ، بالقاش ۋە ئسسىقكۆل ئەتراپلىرىغىچە بولغان جايلاردا ياشىغاندى.

V ئەسىردىن باشلاپ ، يوئىبانلار تارىخى يىلنامىلەردە تىلغا ئېلىنمىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ياغما دېگەن نام تىلغا ئېلىنىشقا باشلايدۇ. مىلادىنىڭ 620-يىلى مانا مۇشۇ ياغمالارنىڭ بى قىسىمى غەربىي تۈرۈك قاغانى تون يابغۇ قاغاندىن رەنجىپ ، شەرىققە- شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ قېشىغا (ھازىرقى موڭغۈلىيە) كۆچكەن. شۇنداق بولسىمۇ ياغمالارنىڭ ئاساسىي قىسىمى ئىسسقكۆلنىڭ ئەتراپلىرىدا (قاشقەرنىڭ شەرقى قىسىمىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) قالغان.

شەرقى ياغمالار مىلادىنىڭ 750-يىللىرى ئۇرخۇن مەڭگۈ تېشىدا تىلغا ئېلىنىدۇ.

مىلادىX ئەسىردە ئۆتكەن نامەلۇم تارىخچى تەرىپىدىن يېزىلغان <ھودودول ئالەم> ناملىق ئەسەردە، X ئەسىردە (مىلادىنىڭ 960-يىلىرى) ياغمالارنىڭ يۇلتۇز ، تېكەس، كۈنەس، ئىسسقكۆل، قەشقەر ئەتراپلىرىغىچە بولغان جايلاردا ياشايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ قاراخانىلار ھۆكۈمران تەبىقىسى بىلەن نىر ئۇرۇقتىن ئىكەنلىگى ئېنىق يېزىلغان .

مىلادىنىڭ 840-يىلى ياغمالارنىڭ شەرقى تارمىقى موڭغۇلىيىدىن غەرىبكە كۆچكەن ئۇيغۇرلانىڭ پان تېكىن يېتەكچىلىكىدىنى قىسىمى بولماستىن، بەلكى باشقا بىر تارمىقى بولۇپ، ئۇلار ئىلى ۋادىسى، يەتتەسۇدىكى غەربى ياغمالارغا قوشۇلغان، مىلادىنىڭ 840-يىلى غەربىي ياغمالارغا قوشۇلغان شەرقىي ياغمالار تېخىمۇ كۈچەيگەن.

ياغمالار 9-ئەسىردە ، يەتتەسۇنىڭ شەرقى جەنۇبىغا سىلجىپ ئىسسقكۆلنىڭ جەنۇبى ، قەشقەرنىڭ شەرقى ۋە غەربىي تەرەپلىرىگە بېرىپ ماكانلاشقان . <ياغمالار باشقا تۈرۈك قەبىلىلىرىگە قارىغاندا ئۆزلىرىنىڭ ئنتايىن جەڭگىۋارلىقى بىلەن مەشھۇر ئىدى.>دېمىسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ياغما قەبىلىسى بەكمۇ ئۇرۇشقاق ، باتۇر ناھايىتى قەيسەر قەبىلە ئىدى. <ياغما>دېگەن سۆزنىڭ بۇلاڭچى دېگەن مەنادا ئىكەنلىگىمۇ تاسادىپىي ئەمەس. مانا شۇ ياغمالار مىلادىنىڭ 850-يىلى قارلۇقلار بىلەن چىگىللارنى بىرلشتۈرۈپ ئۇيغۇر قارا خانىلار دۆلىتىنى قۇرىدى.

Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2009-3-11 11:31:29

كۆل بىلگە قاغان ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى

قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ تۇنجى قاغانىنىڭ كىملىكى توغرىسىدا تارىخچىلارنىڭ كۆز قاراشلىرى ھەرخىل بولسىمۇ، تارىخى پاكىتلارغا ئۇيغۇنراق بولغان قاراش بويىچە ئىيتقاندا ، تۇنجى قاغاننىڭ كۆل بىلگە قاراخان ئىكەنلىگى مەلۇم. كۆل بىلگە قاراخان مىلادىنىڭ 850-يىلىدىن 880-يلغىچە بولغان 30 يىل ئىچىدە ، ئۇيغۇر قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى قۇرۇپ بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان تەشكىلى ۋە ھەربىي تۈزۈملەرنى ئورناتقان ئىدى.

ئۇيغۇرلار يېڭى قۇرۇلغان دۆلەتنىڭ قاغانلىرىنى <قاراخان>دەپ ئاتىغان بولسا، دۆلەتنى <قاراخانىلار>دەپ ئاتىدى،ئۇيغۇرلارنىڭ <قاراخان>دېگەن نامنى ئەزەلدىن تارتىپ ، ناھايىتى يۇقىرى ھۆرمەتلىك ، ئەزىز ، مۇقەددەس سۈپىتىدە قوللىنىپ كەلگەنلىگىنڭ ئالاھىدە سىرلىق ، ئىلاھىي مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

قەدىمكى چاغدا ، ئەجدادلىرىمىز شامان دەپ ئاتىلىدىغان كۆپ تەڭرىچىلىك دىنىغا ئىتقاد قىلغانىدى. شامان دىنىنىڭ ئەقىدىسى بويىچە باش تەڭرىنىڭ ناما <باي ئولكېن>دەپ ئاتىلاتتى.<باي چوڭ> توققۇز قات ئالتۇن تاغنىڭ تۆپىسىدىكى كۆك سارايدا تۇرىدىكەن ، شامان دىنىنىڭ باش تەڭرىسى <باي چوڭ>نىڭ ياشىگان، قارشىتقان، باختاگان، قاراخان، قوشخان، قاينىمخان، يايىقخان قاتارلىق يەتتە ئوغلى بار ئىكەن. بۇ ئوغۇللارنىڭ ئىچىدىكى قاراخان ئاتلىق ئوغۇل ئاتىسىنىڭ نۇر چاقناپ تۇرىدىغان سارىيىدىن قېچىپ كەتكەن ئىكەن. قاراخان- يۇلتۇز تەڭرىسى بولۇپ ، ئۇنىڭ چىرايى بىلەن قىياپىتى ياۋروپالىقلار <ساتۇرىن>،ئەرەبلەر <زۈھەل>، تۈرۈكلەر<سىكىندىر>دەپ ئاتايدىغان يۇلتۇزغا ئوخشىتىدىكەن. قەدىمقى چاغادا ، بابىللىقلار زۈھەل يۇلتۇزىنى <قارا يۇلتۇز> دەپ ئاتىغان.

مانا مۇشۇنداق دىنى رىۋايەتكە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ قاغانلىرىنى <قاراخان> دەپ ئاتىشى يېڭىدىن قۇرۇلغان دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىرىنى باش تەڭرى-<باي چوڭ>نىڭ ئوغۇلى ، يۇلتۇز تەڭرىسى قاراخانغا ئوخشىتىپ ، ئۇلارنى ئىلاھلاشتۇرغانلىقىدىن بولسا كېرەك. مىلادىدىن بىر نەچچە ئەسىر بۇرۇن ھونلار قاغانلىرىنى <تەڭرىقۇت> دەپ ئاتىغان ، <تەڭرىقۇت> ئاتالغۇسىدىكى تەڭرى-ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىدا <خۇدا> دەپ ئاتىلىدۇ، <قۇت>بولسا ، تەڭرىنىڭ ئوغىلى، تەڭرى ئاتا قىلغان بەخىت-سائادەت ، تەڭرى بەرگەن دۆلەت دېگەن مەناغا ئىگەئىدى. <تەڭرىقۇت>دېگەن ئاتالغۇنىڭ ماناسىنى يىغىنچاقلىساق-<خۇدانىڭ ئوغلى، خۇدىنىڭ بەختى، دۆلەتمەن ئوغلى> دېگەن بولىدۇ.

ھون تەڭرىقۇتلىقنىڭ تەڭرىقۇتلىرىدىن كۆكخان (كىيۆك تەڭرىقۇت دەپمۇ ئاتىلىدۇ)مىلادىدىن 162 يىل بۇرۇن خەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى خەن ۋۇدىغا يازغان مەكتۇپىدا مۇنداق دېگەن:

< كۆك تەڭرى بىلەن يەر تەڭرى تەرىپىدىن ھايات بېرىلگەن ، كۈن تەڭرى بىلەن ئاي تەڭرى تەرىپىدىن تەخىتكە چىقىرىلغان ئۇلۇغ ھون تەڭرىقۇتى خەن پادىشاھىنىڭ سالامەتلىكىنى ئېھتىرام ئىلە سورايدۇ.>

ھون تەڭرىقۇتى غولقۇ تەڭرىقۇت مىلىدىدىن 89 يىل بۇرۇن خەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى خەن ۋۇدىغا يازغان يازغان مەكتۇپىدا مۇنداق دېگەن:<جەنۇبتا ئۇلۇغ خەن، شىمالدا بولسا قۇدرەتلىك ھونلار ياشايدۇ. ھونلار تەڭرىنىڭ مەغرۇر ئوغلانلىرىدۇ.>

دېمەك ھونلارمۇ قەدىمكى چاغدا ، ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش شامان دېنىغا ئېتقاد قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ، ھونلار ئۆزلىرىنىڭ قاغانلىرىنى <تەڭرىقۇت> دەپ ئاتاشقان. ئۇلۇغ كۆك تۈرۈك قاغانلىقىنىڭ قاغان ساۋارلو مىلادىنىڭ 584-يىلى سۈي سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى سۈي ۋېندىغا يازغان مەكتۇپىدا مۇنداق دېگەن ئىدى:<تەڭرى ياراتقان ئۇلۇغ تۈرۈكلارنىڭ دۇنيادىكى دانىشمەن تەڭرىقۇتى ئېل قۇدۇق شادباغا ساۋارلو قاغاندىن  ئېھتىرام بولغاي.>

سۈڭ دەۋىرىدە ئۆتكەن تارىخچى سماگۇاڭنىڭ <يىلنامە>-سىنىڭ 176-جىلدىدا خاتىرلەنگەن مەزكۈر مەكتۈپ كۆك تۈرۈك يازىقىدا يېزىلغان ئىدى.  ئۇيغۇر - ئۇرخۇن قاغانلىقىنىڭ قاغانلىرىنىڭ ناملىرىمۇ <ئاي تەڭرىخان> ، <كۈن تەڭرىخان> دېگەن ئىلاھىيلاشقان ئۇنۋانلار  بىلەن ئاتالغان ئىدى. قەدىمكى چاغدا ، ھونلار ، تۈرۈكلەر ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى شامان دىنىغا ئېتقاد قىلغان ئىدى. يۇقىرىدا كەلتۈرگەن پاكىتلارغا ئاساسلىنىپ ھۆكۈم قىلغاندا ، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ قاغانلىرىنى ئىلاھىيلاشتۇرۇپ ئۇلارنى تەڭرىنىڭ ئوغلى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ئىنتايىن يۈكسەك ئورۇنغا قويۇشقان.

داۋاملىق يوللىنىدۇ.....

Xman يوللانغان ۋاقتى 2009-3-11 13:14:16

خەتچۈك

yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2009-3-11 13:24:15

ئۇلۇغ كۆك تۈرۈك قاغانلىقى ( مىلادىنىڭ 551-يىلدىن 744-يىلغىچە)نى ئالتاي تۈرۈكلىرى ئىچىدىكى ئاسىنا ئۇرۇقى تەشكىل قىلغان ئىدى. 200 يىل ھۆكۈم سۈرگەن كۆك تۈرۈك قاغانلىقنىڭ تەختىدە ئاسىنا ئۇرۇقىدىن  چىققان قاغانلار ئولتۇرغانىدى. تۈرۈك قاغانلىرىنڭ فامىلىسى ئاسىنا بولۇپ ، ئۇلار ئۆز ئىسمىنىڭ بېشىغا <ئاسىنا>نى قوشۇپ قوللىناتتى. مەسىلەن: ئاسىنا تۈمەن، ئاسنا مۇقان، ئاسىنا قۇتلۇق دېگەنگە ئوخشاش.

========================================================================================================================

مۇشۇنىڭدىكى ئاسىنا دىگەن گەپنىڭ مەنىسى نىمىدۇ؟

Xman يوللانغان ۋاقتى 2009-3-11 13:30:39

ئاشىنا دەيىتتىغۇ دەيمەن ...  چوڭ ئاقسۆڭەك جەمەتنىڭ فامىلىسى ...

بۇ گەپ بىلەن ئەنگىلىيەدىكى پۇتبول كوماندىسىنى سېلىشتۇرىۋاتمايدىغانسىز ھە

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2009-3-11 14:54:55

Xman:

ئاشىنا دەيىتتىغۇ دەيمەن ...  چوڭ ئاقسۆڭەك جەمەتنىڭ فامىلىسى ...

بۇ گەپ بىلەن ئەنگىلىيەدىكى پۇتبول كوماندىسىنى سېلىشتۇرىۋاتمايدىغانسىز ھە

مەنمۇ ئاشىنا دەپ كۆرگەن ئىدىم .

UDUN يوللانغان ۋاقتى 2009-3-11 14:59:01

خەتكۈچ

Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2009-3-11 20:57:04

قاراخانىلار دۆلىتىنى قۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قاغانلىرىنى <قاراخان>، دۆلىتىنى <قاراخانىلار> دەپ ئاتىغانلىقمۇ تاسادىبىي ئەمەس. بەزى تارىخچىلار <قاراخان>دېگەن ئىسىم توغرىسىدا يۇقىرقىدىن باشقىچىرەك چۈشەنچىلەرنىمۇ ئالغا سۈرىدى. مەسىلەن: ھازىرقى زاماندىكى بەزى تارىخچىلار : <ئۇيغۇرلار ئاددى خەلىقنى قارابۇدۇن> دەيتتى، <قاراخان>دېمەك -<خەلىقنىڭ خانى> دېگەن مەنانى بېرىدۇ، دېيىشىدۇ.يەنە بەزى تارىخچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى چاغدا ، <ئۇلۇغ> ئاتالغۇسىنى <قارا>دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىگىنىگە قاراپ ، <قاراخان > دېگەن <ئۇلۇغ خان> دېگەن ئۇقۇمغا ئىگە دېيىشىدۇ. مانا شۇ يۇقىرىقى ئۈچ خىل قاراشنىڭ ئىككىنچىسى ، ئۈچىنچىسى كۆرۈنۈشتە باشتىكى بىرىنچى خىل قاراشتىن پەرىقلىقتەك كۆرۈنسىمۇ ، لېكىن مەزمۇن جەھەتتىن ئانچە كۆپ پەرىق ئەتمەيدۇ. بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتقاندا، <قاراخان> ئىلاھىيلاشقان مەزمۇنغا ئىگە بولۇپ ، تەڭرىنىڭ ئوغۇلى ، دېگەنلىك بولىدۇ.

ئۇيغۇر يەنە، قاراخانىلار دۆلىتىگە كىم قاغان بولسا، ئۇنىڭ نامىنىڭ ئايغىغا <قاراخان> دېگەن ئۇنۋاننى قوشۇن ئاتىغاندىن تاشقىرى، <بوغرا>ۋە <ئارىسلان>قاتارلىق ئۇنۋانلارنىمۇ قوشۇپ ئاتىغان. مەسىلەن: كۆل بىلگە قاراخان، توغرىل قاراخان، سىتۇق بوغراخان، ھارون بوغراخان، ئەلى ئارسىلان خان، سۇلايمان ئارىسلان خان دېگەنگە ئوخشاش. ئۇيغۇرلانىڭ قاراخانىلار قاغانلىرىنىڭ نامىنىڭ ئايىغىغا<بوغرا>ۋا <ئارىسلان>ئۇنۋانلىرىنىڭ قوشۇپ ئاتىشى، ئۇلارغا كۈچلۈك باتۇرلۇق سۈپەتلىرىنى بەرگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئەجدادلىرىمىز ئەزەلدىن تارتىپ باتۇر ئوغۇل -قىزلىرىنى ئادەتتىن تاشقىرى ھۆرمەتلەيدىغان ئەنئەنىگە ئىگە ئىدى. قەدىمدە ، ئۇيغۇر قىزلىرىنڭ سۆيگۈ-مۇھەببەتتە يىگىتىگە قويىدىغان بىردىنبىر شەرتى باتۇرلۇق ئىدى. چۈنكى قەدىمدىن تارتىپ باتۇر جەڭچىنىڭ ۋەتەننى قوغداشتا ياخشى رول ئوينىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. قەدىمقى چاغدا ، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ باتۇر يىگىتكە ياتلىق بولۇشىنى جان-دىل بىلەن ئارزۇ قىلىشى ، ناھايىتى كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك خىسلىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەت ئىدى.

قاراخانىلار دەۋىرىدە، ئۇيغۇرلار شامان دىنى ۋە بۇددا دىنىنى تەرىك ئېتىپ ، ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىمۇ ، باللىرىغا ئىسىم قويۇشتا ، قەدىمكى مىللىي ئادىتىنى تاشلىمىدى. مەسىلەن: سىتۇق بۇغراخاننىڭ ئەسلى ئىسىمى سىتۇق تېكىن بولۇپ ، مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ، ئابدۇكېرىم دەپ ئات قويۇلدى. سىتۇق بۇغراخان ئىككى ئوغۇلىغا ئۇيغۇرچە بايتاش(مۇسۇلمانچە ئىسىمى مۇسا). تۇڭگا ئىلىك(مۇسۇلمانچە ئىسىمى سۇلايمان)دەپ ئات قويغان . قارا خانىلار قاغانلىرى ئۆز ئوغۇللىرىغا باتۇرلۇق، قەيسەرلىك خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە ھايۋان ياكى قۇشلارنىڭ نامىنى قوللىنىپ ئىسىم قويۇشنى ياخشى كۆرەتتى. مەسىلەن: قاراخانىلارنىڭ قاغانى يۈسۈپ قادىرخان نىڭ بوغرا تېكىن، ياغان تېكىن، توغرىل قاراخان قاتارلىق ئوغۇللىرى بار ئىدى. مانا شۇ ئوغۇللارنىڭ ئۇيغۇرچە بوغرا تېكىن، ياغان تېكىن، توغرىل قاراخان ئاتىلىشى، باتۇر، قەيسەر، كۈچۈك دېگەن سۈپەتلىرىنى بىلدۈرەتتى. ئۇيغۇرلار بۇرۇن پىلىنى ياغان دەيتتى، <تېكىن> ئەسلىدە قول مەنسىنى بىلدۈرىدىغان سۆز بولسىمۇ، كېيىنگە كېلىپ ، شاھزادە، خانزادە ئۇقۇمىنى بېرىدىغان بولدى. دېمەك < ياغان تېكىن >--پىل تېكىن دېگەن بولىدۇ. پىل ناھايىتى كۈچلىك ھايۋان ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار قەدىمقى چاغدا شۇڭقارنىڭ توغرىل دەيتتى. دېمەك توغرىل دېمەك شۇڭقاردەك ئالغۇر، قەيسەر دېمەكتۇر.

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2009-3-11 22:21:01

كۆزۈم تورلىشىدىغان بوپ قالدى، ئۇنداق قىلماي خەتنى جىق يازدىغانلار چوڭايتىپ يوللىساڭلارچۇ

Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2009-3-12 08:15:15

ئۇيغۇرلار قەشقەرنى قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ پايتەختى قىلىپ بەلگىلىدى. قەشقەر شۇنىڭدىن باشلاپ <ئوردۇكەنىت> دەپ ئاتالدى. قاراخانىلارنىڭ قاغانلىرى يازدا چو دەرياسىنىڭ بويىدىكى بالاساغۇنغا كېلىپ يازلايتى. بالاساغۇنمۇ، قارا خانىلارنىڭ پايتەختى ھېسابلىناتتى. لېكىن ھەقىقى پايتەخىت قەشقەر ئىدى. ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكىسى ، دۇنياغا  ئاجايىپ تالانىلىق ، دانىشمەن  ئوغۇللىرىنى يېتشتۈرۈپ بەرگەن قەشقەرنىڭ قاچان بىنا بولغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بولمىسىمۇ، قەشقەرنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلار بار.  مەھمۇت قەشقىرى <تۇركىي تىللار دىۋانى>دا ئالىپ ئەرتۇڭا ھاۋاسى ئوبدان ، مەنزىرىسى چىرايلىق بولغان قەشقەردە تۇرغان، دېگەن مەلۇماتنى بېرىدۇ. ئالىپ ئەرتۇڭا قەدىمكى چاغدىكى تۇران ئېلىنىڭ مەشھۇر قاغانى بولۇپ ، مىلدىدىن 625يىل بۇرۇن ئەزەربەيجاندا ، ئىرانلىقلار بىلەن بولغان بىر ئۇرۇشتا ئۆلگەن. مانا مۇشۇ تارىخى پاكىتقا قارىغاندا ، قەشقەرنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئگە ئىكەنلىگى  مەلۇم بولىدۇ. چۈنكى ئالىپ ئەرتۇڭا تارىختا ئۆتكەن ئەڭ قەدىمكى قاغانلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى.

بەزىبىر تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ، قەشقەر ھونلار دەۋىرىدە بىلاد ھون دەپ دەپ ئاتالغان ئىكەن. مىلادىدىن 2 ئەسىر بۇرۇن، ھون تەڭرىقۇتى باتۇر تەڭرىقۇت(ئوغۇزخان) ئوتتۇرا ئاسىيانى ۋە غەربى ئاسىيانى بويسۇندۇرغان مەزگىللەردە قەشقەرنىڭ ئەڭ مەشھۇر شەھەر بولغانىلقى مەلۇم. قەشقەرنىڭ ھونلار دەۋىرىدە بىلادھون دەپ ئاتالغانىلىقنى ئېيتتۇق، ئەمما ئۇنىڭ ئالىپ ئەرتۇڭا ۋاقتىدا نېمە دەپ ئاتالغانلىقى مەلۇم ئەمەس. قاراخانىلار قەشقەرنى پايتەخىت قىلىشتىن بۇرۇن، قەشقەر <قاش قىيا> دەپ ئاتالغان ئىكەن، قەشقەرنىڭ جۇغراپىيۋى ئەھۋالى ئۇنىڭ قاش قىيا دەپ ئاتىلىشىغا ماس كېلىدۇ. قەشقەرنىڭ ھازىرقى تەبىئى شارائىتىغا قاراپ ھۆكۈم قىلغاندا ، ھەقىقەتەنمۇ قەشقەر شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تاغ ۋە تۈمەن دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى يار-قىيالار، خۇددى قاشقا ئوخشايدۇ. دېمەك قەشقەر دېگەن سۆز قاش قىيا سۆزىنىڭ ئۆزگۈرىشىدىن كېلىپ چىققان.

قارا خانىلارنىڭ دۆلەت بايرىقى تۆت چاسا قىزىل شايى بايراق ئىدى. بايراقنىڭ ئوتتۇرسىغا بىر تەرەپتە ئالتە، يەنە بىر تەرەپتە ئۈچ شېخى بولغان ئالتۇن رەڭلىك ئارچا دەرىخى چۈشۈرۈلگەن. قارا خانىلارنىڭ تۇنجى قاغانى كۆل بىلىگە قاراخاننىڭ ۋاقتىدا قاراخانىلارنىڭ تېرىتورىيىسىگە يەتتەسۇ، ئىلى ۋادىسى ۋە تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبى قىسىمىدىكى جايلارنىڭ خېلى كۆپ قىسىمى كىرگەن بولسا كېرەك.

Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2009-3-12 09:02:27

بەزى تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ، مىلادىنىڭ 880-يىلى كۆل بىلگە قاراخان ئالەمدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى بازىرخان قاغان بولغان. ھازىرقى زاماندىكى بەزىبىر تارىخچىلارمۇ بازىرخاننىڭ ئۇيغۇر قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ ئىككىنجى ھۆكۈمرانى بولغانلىقىنى ئىسپاتلاۋاتىدۇ. بازىرخان بىلەن بارخان بۇ ئىككى بىر كىشىمۇ ئەمەسمۇ. بۇمۇ تازا ئېنىق ئەمەس. ئۇيغۇر تارىخچىسى جامال قەرشنىڭ <سورراھە لۇغىتىنىڭ تولۇقلانمىسى> ناملىق ئەسىرىدە 11-ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر تارىخچىسى ئابدۇجاپپار قەشقەرىنىڭ <قەشقەر تارىخى>ناملىق ئەسىرىدىن بەزىبىر ئۈزۈندىلەر كەلتۈرۈلگەن. مانا شۇ ئۈزۈندىلەرگە ئاساسلانغاندا ، ئۇيغۇر قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ ئىككىنچى ھۆكۈمرانى بازىرخان ئىكەنلىگى بىزدە گۇمان قالدۇرمايدۇ. ئۇيغۇر قارا خانىلار دۆلىتى كۈچىيىپ ، تېرىتورىيىسى كېڭەيگەن چاغدا ، ئۇنىڭ شەرقى كەشمىرگە، غەربى خارەزىمگە، شىمالى بالقاش كۆلى، ئارال كۆللىرىگە، جەنۇبى مەرۋى شاھ جاھانغا تۇتاشقان بولۇپ ، يەر مەيدانى تەخمىنەن 5 مىليون كۇۋادىرات مېتىرغا يەتكەن.

جامال قەرىشنىڭ مەلۇماتىغا كۆرە، كۆل بىلگە قاراخاننىڭ ، بازىر ۋە ئوغۇلچاق دەپ ئاتلىق ئىككى ئوغلى بولغان. بازىرخان تەخمىنەن مىلادىنىڭ 880-يىلى قاراخانىلارنىڭ تەختكە چىققان بولىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۇكىسى ئوغۇلچاق بىلەن سامانلار پادىشاھى ئىسمائىل سامانى ئوتتۇرسىدا قانلىق ئۇرۇشلار بولغان.

مىلادىنىڭ 893-يىلى، ئسمائىل سمانى قاراخانىلارنىڭ يەتتەسۇ دىكى مۇھىم شەھىرى بولغان تارازاغا ھۇجۇم قىلغان. ئسمائىل سامانى شەھەرنى خېلى ئۇزۇن مۇددەت قورشىۋالغان. ئاخىرى بېسىۋالغان. ئۇرۇشتا غالىپ چىققان ئىسمائىل سامانى قاراخانى قوشۇنلىرىدىن 10مىڭنى ئۆلتۈرگەن، ئوغۇلچاقنىڭ بېكەسى ۋە 15مىڭ جەڭچىنى ئەسىر ئالغان. ئىسمائىل سامانى تارازا شەھىرىدىكى خىرىستىئان ئىبادەتخانىسىنى باشقىدىن ياساپ ئۇنى مەسچىتكە ئايلاندۇرغان. ئوغۇلچاق ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ، قەشقەرگە كەتكەن. ئۇ مىلادىنىڭ 907-يىلى قەشقەردىن قوشۇن تارتىپ كېلىپ ، سامانىلارنىڭ تېرىتورىيىسىگە ھۇجۇم قىلغان.

سامانىلارنىڭ يەتتەسۇغا بولغان ھۇجۇملىرى 840-يىللىرىدا باشلانغان ئىدى. ئۇلار شۇ يىلى ئىسفىجاپنى بېسىۋالغان. بۇ چاغ ئوتتۇرا ئاسىيادا سامانىلار باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان پەيىت ئىدى. سامانىلار دۆلىتىنىڭ تۇنجى پادىشاھى ناسىر ئىبنى ئەھمەت دەۋىرىدە سامانىلارنىڭ قوشۇنلىرى شاۋگەر شەھىرىگىچە بېسىپ كەلگەن. قاراخانىلار بىلەن سامانىلر ئارىسىدىكى دەسلەپكى مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدىكى پاكىتلار مانا مۇشۇلاردىن ئىبارەت.

<ئەگەر يەتتەسۇدا سامانىلار تەڭگە پۇل قۇيدۇرمىغانلىقى ۋە يەتتەسۇ....غا سامانى ھاكىملىرى ۋە باشقا ئەمەلدارلارنىڭ قويۇلمىغانلىقى>نى ھېساپقا ئالغاندا يەتتەسۇ سامانىلارغا قارام بولمىغان دېگەن خۇلاسىنى چىقىرىش مۇمكىن. مانا مۇشۇ ئەھۋالغا قارىغاندا ، مىلادىنىڭ 893-يىلى ئوغۇلچاق ئىسمائىل سامانىدىن مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ ، يەتتە سۇ قارا خانىلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا قالغان.

بازىر ئارىسلانخان مىلادىنىڭ 910-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېين قاراخانىلارنىڭ تەخىتگە ئوغۇلچاق ئولتۇرغان. بۇ چاغدا ، مەرھۇم بازىر ئارىسلانخاننىڭ ئوغلى سىتۇق تېكىن كىچىك ئىدى. جىيەنىگە ۋاكالتەن قاراخانىلار تەختىگە چىققان ئوغۇلچاق سىتۇق تېكىننىڭ ياش تۇرۇپلا تۇل قالغان ئانىسىغا ئۆيلەنگەنىكەن، ئوغۇلچاق تەخىتكە چىقىپ 10 يىلدىن كېيىن، 23 يشلىق سىتۇق تېكىن ئۇنىڭدىن تەخىتنى تارتىۋالغان. سىتۇق تېكىن تەخىتنى تارتىۋېلىشتن بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان ئىدى.

Turjun يوللانغان ۋاقتى 2009-3-12 21:45:13

  داۋاملىق يېزىڭ  قۇلىڭزغا دەرىت كەلمىسۇن

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2009-3-12 22:00:04

ئۇنداقتا قاراخانىلارنىڭ بايرىقى ھازىرقى قارلۇق ستۇدىيىسىنىڭ بەلگىسىگە ئوخشاپ قالامدۇ نىمە ؟ بىر تەرەپتە ئالتە ، بىر تەرەپتە ئۈچ شېخى بار ئارچا دەرىخى بولسا.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2010-9-30 12:32:03

ئالدىرىما ئوقۇيلۇق

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2010-9-30 12:41:59

ئېسىل تىما .

Nurlan يوللانغان ۋاقتى 2010-9-30 14:08:21

مەن بەلگە سىلىۋالاي...

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2010-9-30 17:51:34

بۇ تېما باشلانغىلى بىر يېرىم يىل بولغان ئىكەن. داۋامى تېخىچە يوللانماپتۇ.

hujayin يوللانغان ۋاقتى 2010-9-30 20:25:57

ئەبۇ ناسىر سامانى كەلگۈندى ،سۇتۇق تېكىننىڭ بىشىنى ئايلاندۇرۇپ تاغىسىنى ئۆلتۈرگۈزۈپ ئەسلىگە كىلىشكە باشلىغان ئۇيغۇر خاندانلىقىنى قىيامەتكىچە تۈگۈمەيدىغان ماجىراغا سەپ قۇيدى، ئۇ كەلگۈندى ئەسلى سىياسى پانالىق تېلەپ كەلگەندىنى كېيىن <ھوقوق پەرەس بولغاچقا>جىم ياتماي خىلى زور ھوقۇقنى قولغا كىرگۈزىۋالدى ،شۇنۇڭ بىلەن ئۇ ياقتىن پانتېكىن قۇرغان خاندانلقىنى ما ياقتىن قوردان شەھرىنى<ھازىرقى خۇتەن> ۋەيران قىلىشقا باشلىدى(ئەسكەرتىش: بەلكىم بۇ نىزا ئەبۇ ناسىر سامانى كەلمەستىمۇ بار ئىدى دېگۈچىلەرگە ...توغرا ئۇنداق نىزالار بار ئىدى ئەمما ھەرقانداق بىر ھۆكىمىران چىقسا باشتىكى پادىشھالارنىڭ ئىز- باسار ھالتىدە شۇ ۋاققىتىكى ئۆرپە ئادەت ،يۇسۇنلارنى تەرەققى قىلدۇراتتى ! ئۆز ۋاقتىدا خەن سۇلالىسىنىڭ ئۇزۇندىن بىرى قۇرغان قىلتاقلىرىمۇ مەركىزى ئاسىيادا ئاران 17يىل پۇت دەسسەپ تۇرالىغان ئىدى!
بەت: [1] 2
: قارا خانىلارنىڭ تەشكىل تېپىشى