arman00 يوللانغان ۋاقتى 2009-3-7 21:08:57

ئىنگىلىز تىلى ئۆگنىشتىكى يەنە بىر ياخشى ئۇسۇل 32


ئىنگىلىز تىلى ئۆگنىشتىكى يەنە بىر ياخشى ئۇسۇل -گىرامماتىكا  ئۆگىنىشتىن توختاڭ
بۇ بولسا ئامرىكا جاپاسىز ئىنگىلىز تىلى كۇلۇبى تەۋسىيە قىلغان  ئىنگىلىز تىلىنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۆگىنىشنىڭ قائىدىسى بولۇپ ،بۇ يەردە ئىككىنجى قائىدىسى يوللاندى.
  ئڭككىنجى قائىدە  گىرامماتىكا ئۆگىنىشتىن توختاڭ
      ئانجېلىنانىڭ ھېكايىسى  
             مېنىڭ ئىسمىم ئانجېلىنا، پاراگۇايلىق ئوقۇغۇچى. مەن ئا ج دىن    ئۆگىنىشنى باشلىغاندا، ھېچقانچە سۆزلىيەلمەيتتىم. مەن ئېنگىلىزتىلى  گىرامماتكىسىنى بىرقانچە يىل ئۆگەنگەن ئدىم، بىراق سۆزلىيەلمىگەن ئىدىم.  <<A.J.Hoge>> نىڭ جاپاسىز ئېنگىلىزتىلى دەرىسىنى بىرىنجى قېتىم بىلگىنىمدە  گىرامماتىكا ئۆگىنىشنى ئويلىغان ئىدىم. قانداقلا بولمىسۇن، مېنى ھەيران     قالدۇردى، چۈنكى ھەرگىز گىرامماتىكائۆگەتمەيدىكەن.    گىرامماتىكىنىڭ ئورنىغا ھېكايە سۆزلەپ بەرگەن. غەلىتە يوللار ئارقىلىق      بىر قانچە قېتىم ئېيتىپ بەردى. داۋاملىق سۇئال سورىغان ئىدى ھەم سۇئاللارغا  جاۋاب بەرگەن ئىدى. سۇئاللار بولسا ئالاھىدە ئاسان ئىدى.     سەمىمىيلىك بىلەن دىسەم، ئازىراق قايمۇققان ئىدىم. ئۇنى بىر  ئەسەبىيلەشكەن ئوقۇتقۇچى دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. گىرامماتىكىنى كۆپ ئۆگىنىش لازىم دەپ ئويلايتتىم.
        جاپاسىز ئېنگىلىزتىلىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۆگىنىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن غەلىتە   بىر ئەھۋال يۈز بەردى. سۆزلەش ئىقتىدارىم كۆتۈرۈلدى! دوستلىرىم مەندىن    قانداقسىگە بۇنداق تىز ئۆستۈرگەنلىكىمنى سورىغان ئىدى.     <<A.J.Hoge>> نىڭ ناھايتى ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتكەن ئىدىم،    ئۇنىڭ ھېكايىلىرى، سۇئاللىرى ھەم ماقالىللىرى ئېنگىلىزتىلىنى گىرامماتىكىسىز   سۆزلەشنى ئۆگەتكەن قائىدىسى ئېدى. ۋاھ ھ ھ!
          ئانجىلىنا ناھايتى ياخشى ئوقۇغۇچى، ئۇنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى تېز ئۆگىنىشى    جاپاسىز ئېنگىلىزتىلىنى كۈنىگە 5 سائەت ئاڭلىغانلىقى. قانداقلا بولمىسۇن،   كۈنىگە بىر سائەت ئاڭلاپ بەرسىڭىزمۇ ئۆستۈرەلەيسىز.
        ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشەلەيسىز... بىراق چوقۇم 2-قائىدە بويىچە قىلىشىڭىز كېرەك.

          ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا توختاڭ. گىرامماتىكا كىتاب ۋە دەرىسلىكلىرىنى  يېنىڭىزدا قويماڭ، كۆزىڭىزدىن يىراق تۇرسۇن. گىرامماتىكا قائىدىسى سىزگە
      ئېنگىلىزتىلىنى ئويلاندۇرۇپ ئۆگىتىدۇ، سىز ئاپتوماتىك سۆزلىشىڭىز كېرەك!
      ئويلىمايلا!       جاپاسىز ئېنگىلىزتىلى ئارقىلىق سىز ئېنگىلىزتىلىنى گىرامماتىكىسىز   ئۆگىنىسىز. سۆزلەش ئىقتىدارىڭىز تېزلا ئاشىدۇ. سىز نەتىجە قازانغان بولىسىز.    سىز ئېنگىلىزتىلىنى تەبىئي ئۆگىنەلەيسىز ھەم سۆزلىيەلەيسىز.
      ئىككىنجى قائىدە: گىرامماتىكا ئۆگەنمەڭ!خەيىر، ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ،
      <<A.J.Hoge>>

      بۇ بۆلەكتىكى تاپشۇرۇق:
        1 .يۇقارقى قائىدىنىڭ ئاۋاز ھۆججىتىنى بىر قانچە قېتىم ئاڭلاڭ.
        2 . گىرامماتىكا كىتابلىرىڭىزنى چۆرىۋىتىڭ.
        
      تولۇق تېكىستى:www.UyEnglish.com/pages/rule2uy.htm
      ئاۋاز ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ ئاڭلاڭ. ئاڭلاش
      ئورنى:www.UyEnglish.com/pages/rule2uy.htm ئۇيغۇرچە يېزىق
                                                                           
      www.UyEnglish.com/pages/rule2en.htm ئېنگىلىزچەيېزىق
      ھۆججەتلەرنى ھەقسىز چۈشۈرۈش ئورنى:
www.uyenglish.com/quxuruwelix/quxurux.htm

      بۇ مەزمۇننى جاپاسىز ئېنگىلىزتىلى تور كۇلۇبىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا باشقا تور
      بەتلەردە ئىلان قىلسىڭىز بولىدۇ. نەشىر ھوقۇقى ئامىرىكا جاپاسىز ئېنگىلىزتىلى
      كۇلۇبىغا تەۋە
    مەنبە: www.UyEnglish.com

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-3-7 22:17:17

ۋوي، ئەسلى ئۆزىڭىز يوللاۋېتىپتىكەنسىزدە، مەن يەتتىلىسىنى چاپلاپ بوپتىمەن.

pigan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-23 02:15:17

سىز يوللىغلى 18 ئايدەك بوپتۇ ، بەلكىم مۇشۇنداق ئۈگەنگەنلەر باردۇ ، بولسا  شۇ ئۇسۇلدا ئۈگەنگەنلەر تەجرىبىسىنى ئورتاقلشسا ، تىل ئۈگەنگۈچىلەرگە پايدىلىق بولار ئىدى .

Toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-23 05:30:18

باچكا سىزنىڭ چاپلىغىنىڭىزنى تاپالمىدىمغۇ؟

pigan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 00:28:36

قارىغاندا بۇ ئۇسۇلنى قوللانغانلار يوق چېغى .  ئېنگىلىز تىلىنى ئۈگەنگەن ياكى ئۈگىنىۋاتقانلارنىڭ  تەجرىبەسىدىن ئۆتكەن قولايلىق ئۇسۇللارنى ئورتاقلاشسا ، ئەگرى يوللار قىسقىرار ئىدى .

erturk36 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 06:58:59

مەن ئې جې خوك دېگەننىڭ يەتتە خىل ئاسان ئۇسۇلىنى تەكرار تەكرار كۆردۈم، ئاڭلىدىم، بولىدىكەن، چوڭ ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى كىچىك بالىلارنىڭ تىل ئۆگەنگەندىكى ساپ تەپەككۇرىغا قايتۇرۇشنى نىشان قىلغان بۇ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنىڭ ھەقىقەتەن ئارتۇقچىلىقلىرى بار ئىكەن.

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 08:17:47

مەستۇرەگۈل سۆزلەپ بەرسە بوپتىكەن تجرىبىسىنى.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 08:49:48

ھاياتىمدا بىرەر قېتىم سۆزلۈك كىتاب، گرامماتىكا كىتابنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ ئىنگلىزتىلى ئۆگىنىپ باقماپتىمەن. ناخشا تىڭشايتتىم، ئاندىن تېكىستىنى تېپىپ كېلىپ تەڭ ئېيتاتتىم. ئىنگلىزتىلى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزەم ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈن. ئاندىن كىتاب ئوقۇيتتۇم. كىتاب قۇرتى دېگەننىڭ 1000 سۆزلۈك، 2000 سۆزلۈك دېگەن كىتابلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن قىسقىراق پوۋېست-رومانلارنى ئوقۇشقا چۈشكەنتىم. كىتاب ئوقۇش سۆزلۈك، گرامماتىكا، يېزىقچىلىق دېگەننىڭ ھەممىسىگە پايدىلىق دەپ ئويلايدىكەنمەن.
مەندە جىق تەجرىبە يوق، شۇ تېرىپ-ياماپ ئۆگىنىپتىكەنمەن، لېكىن شۇنىڭمۇ پايدىسى بولىدىكەن. ئىمتىھانلاردىن يامان ئەمەس نومۇرلارنى ئاپتىمەن ھازىرغىچە.

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 07:24:21

مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر تەجرىبە..

سۈزۈكمۇ دەپ باقسۇن قانداق ئۈگەنگەنلىكىنى

بىر ناخشا قوشۇپ قويايچۇ

بەت: [1]
: ئىنگىلىز تىلى ئۆگنىشتىكى يەنە بىر ياخشى ئۇسۇل -گىرامماتىكا 32