arman00 يوللانغان ۋاقتى 2009-3-7 16:38:33

سۆزلۈك ئۈگەنمەي تۇرۇپمۇ ئېنگىلىز تىلىنى ياخشى ئۈگەنگىل

سۆزلۈك ئۈگەنمەي تۇرۇپمۇ ئېنگىلىز تىلىنى ياخشى ئۈگەنگىلى بولىدۇ
          بىرىنجى تەكلىپ
          ئېنگىلىزتىلىنى قىلچە ئويلاشماي ئاپتوماتىك سۆزلەشنى، گەپ-سۆزلەرنىڭ ناھايىتى
      تېز، ئاسان ئېغىزىڭىزغا كېلىشىنى، تولۇق چۈشىنىدىغانلىقىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىپ
      بېقىڭ. شۇنداق بولۇش ئۈچۈن سىز ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىش ئۇسۇلىڭىزنى
      ئۆزگەرتىشىڭىز كېرەك. سىزنىڭ بىرىنجى ھەرىكىتىڭىز ئېنگىلىزتىلى سۆزلۈك
      ئۆگىنىشتىن توختاڭ. نېمە؟
          ئېنگىلىزتىلى سۆزلۈكلىرىنى ئۆگىنىشتىن توختاڭ.
          توغرا، سۆزلۈكلەرنى ئەستە تۇتۇپ يۈرمەڭ. يەرلىك سۆزلىگۈچىلەر ئېنگىلىزتىلى
      سۆزلۈكلىرىنى ئەستە تۇتۇش ئارقىلىق ئۆگەنمەيدۇ. يەرلىك سۆزلىگۈچىلەر بىرىكمە
      سۆز ئۆگىنىدۇ . بىرىكمە سۆز بولسا بىرقانچە تاق سۆزلۈكنىڭ تەبىئىي بىرلىشىشىدىن
      تەركىب تاپقان گۇرۇپپىدۇر.

          تۆت ھەسسە تېز ئۆگىنەلەيسىز
      دوكتۇر جامىس ئاشىرDr. James Asher نىڭ تەتقىقاتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى: سۆز
      گۇرۇپپىسى ئارقىلىق ئۆگەنگەندە 4-5 ھەسسە تېز ئۆگەنگىنى بولىدۇ. ھەم، سۆز
      بىرىكمىسى ئۆگەنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ گىرامماتىكىسىمۇ ياخشى بولىدۇ.
            بىرىنجى قائىدە: ھەردائىم تاق سۆزلۈك ئەمەس سۆز بىرىكمىسى ئۆگىنىڭ ھەم
      تەكرارلاڭ.

          ھەرگىز يالغۇز تاق سۆزلۈكلەرنى ئۆگەنمەڭ، ھەرگىز! يېڭى سۆزلۈكنى ئۇچراتقاندا
      دائىم ئۇنى سۆز بىرىكمىسى قىلىپ يېزىۋېلىڭ. ھەردائىم, تەكرارلىغاندا دائىم
      سۆز بىرىكمىلىرىنى تەكرارلاڭ، سۆزلۈكنى ئەمەس! سۆز بىرىكمىسىنى يىغىڭ
      ھەردائىم مۇرەككەپ سۆز بىرىكمىلىرىنى يېزىۋالغاندا ئېنگىلىزتىلى سۆزلىشىڭىز ۋە
      گىرامماتىكىڭىز 4-5 ھەسسە ئاشىدۇ. يەنە قايتا تەكرارلاي، ھەرگىز سۆزلۈك
      ئۆگەنمەڭ. ھەرگىز تاق سۆزنى خاتىرە دەپتىرىڭىزگە يازماڭ.
      سۆز بىرىكمىسىنىلا ئۆگىنىڭ
      تولۇق تېكىستى: www.UyEnglish.com/pages/rule1uy.htm
      خەيرلىك بولۇڭ، سىزنى تەبرىكلەپ دىرېكتور <<A.J.Hoge>>، جاپاسىز ئېنگىلىزتىلى كۇلۇبى
      

تاپشۇرۇق:
      1.يۇقىرىقى قائىدىنىڭ ئاۋاز ھۆججىتىنى بىر قانچە قېتىم ئاڭلاڭ. ئېنگىلىزچىسىنى
      ئوقۇغاچ ئاۋاز ھۆججەتنى ئاڭلاڭ.
      يۇقىرىقى قائىدىنى ئوقۇماي پەقەت ئاۋاز ھۆججىتىنى بىرقانچە قېتىم تەكرارلاڭ.

      ئاۋاز ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ ئاڭلاڭ. ئاڭلاش
      ئورنى:www.UyEnglish.com/pages/rule1uy.htm ئۇيغۇرچە يېزىق
                                                                           
      www.UyEnglish.com/pages/rule1en.htm ئېنگىلىزچە يېزىق
      ھۆججەتلەرنى ھەقسىز چۈشۈرۈش ئورنى:
www.uyenglish.com/quxuruwelix/quxurux.htm
      2 . سۆز بىرىكمىسى خاتىرە دەپتىرى تەييارلاڭ.
      ھەردائىم سۆز بىرىكمىسىنى يىغىڭ ھەم تەكرارلاڭ. ھەرگىز تاق سۆزنىلا يازماڭ،
      تولۇق سۆز بىرىكمىلىرى ياكى جۈملىلەرنى ساقلاڭ ھەم تەكرارلاڭ.

      بۇ مەزمۇننى جاپاسىز ئېنگىلىزتىلى تور كۇلۇبىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا باشقا تور
      بەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ. نەشىر ھوقۇقى ئامېرىكا جاپاسىز ئېنگىلىزتىلى
      كۇلۇبىغا تەۋە .

مەنبە:www.uyenglish.com

^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^

تۈزىتىلگەن ئىملا خاتالىقلىرى ( تۈزەتكۈچى _ زۇلال ):

بولدۇ _ بولىدۇ ؛ ناھايتى _ ناھايىتى ؛ چۇشىنىدىغانلىقىڭىزنى _ چۈشىنىدىغانلىقىڭىزنى ؛ تلى _ تىلى ؛ تەبئي _ تەبىئىي ؛ ئۆگەنگىنى _ ئۆگەنگىلى ؛ گىرامماتكىسىمۇ _ گىرامماتىكىسىمۇ ؛ ئۇچىراتقاندا _ ئۇچراتقاندا ؛ برىكمىلىرىنى _ بىرىكمىلىرىنى ؛ گىرامماتكىڭىز _ گىرامماتىكىڭىز ؛ دەپتىرڭىزگە _ دەپتىرىڭىزگە ؛ خەيىرلىك _ خەيرلىك ؛ يۇقارقى _ يۇقىرىقى ؛ ئىلان _ ئېلان ؛ ئامىرىكا _ ئامېرىكا .

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-3-7 20:55:36

ياخشىكەن، ناھايىتى، ناھايىتى كۆپ ئاۋاز ھۆججەتلىرى لازىم.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-3-7 21:26:26

7 دانە ئاۋاز ھۆججىتىنى ئاڭلاشقا  ئاۋال ئۇيغۇرچە تېكىستىنى ئوقۇۋالسىڭىز چۈشىنىشكە ياخشى، كەچۈرۈڭلار، ئەسلى بەتنىڭ كەڭلىكى ئېكىرانىمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، باشقىلارنىمۇ قىينىلىپ قالمىسۇن دەپ بۇلارنى چىقىرىپ قويدۇم(باھانە):

1- ئاۋاز:

***بىرىنجى قائىدە: سۆزلۈك ئەمەس سۆز بىرىكمىسى ئۆگىنىڭ
بىرىنجى قائىدە:
سالام.
قانداق ئەھۋالىڭىز؟ سىز 7كۈنلۈك ئىلخەت كۇرسىم ئۈچۈن خەت يوللاپ ئېنگىلىزتىلى سەۋىيىڭىزنى ئاشۇرماقچى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن بۇ خەتنى يوللىدىم. ھەر كۈنى بىر پارچىدىن 8 كۈندە جەمئىي 8پارچە خەت تاپشۇرۇۋالىسىز. بۇ خەت ساندۇق كۇرىسى بولسا پەقەت تىزىملاتقۇچىلارغا يوللاپ بىرىلىدۇ. تىزىملىتىش ئۈچۈن ئۇلىنىشقا كىرىڭ.
مېنىڭ ئىسمىم <<A.J.Hoge>>. ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سان-فىرانسىسكو شەھرىدە تۇرىمەن. ئېنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسى. ئېنگىلىزتىلى ئوقۇتۇش دوتسىنت ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. سەپەر قىلىش، ماشىنا ھەيدەش، موتسىكلىت مىنىش، كېنو كۆرۈش ۋە ئىسپان تىلى ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرىمەن.
سىزگە ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىشىڭىز ئۈچۈن يېڭى مېتود ئۈگىتىمەن. ئېنگىلىزتىلىنى ئەڭ تېز، ئەڭ ئاسان سۆزلەشنى قانداق ئۆگىنىشىڭىزگە يېتەكلەيمەن.
*** بىرىنجى تەكلىپ
ئېنگىلىزتىلىنى قىلچە ئويلاشماي ئاپتوماتىك سۆزلەشنى، گەپ-سۆزلەرنىڭ ناھايتى تېز، ئاسان ئېغىزىڭىزغا كېلىشىنى، تولۇق چۇشىنىدىغانلىقىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. شۇنداق بولۇش ئۈچۈن سىز ئېنگىلىزتلى ئۆگىنىش ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىز كېرەك. سىزنىڭ بىرىنجى ھەرىكىتىڭىز ئېنگىلىزتىلى سۆزلۈك ئۆگىنىشتىن توختاڭ. نېمە؟
ئېنگىلىزتىلى سۆزلۈكلىرىنى ئۆگىنىشتىن توختاڭ.
توغرا، سۆزلۈكلەرنى ئەستە تۇتۇپ يۈرمەڭ. يەرلىك سۆزلىگۈچىلەر ئېنگىلىزتىلى سۆزلۈكلىرىنى ئەستە تۇتۇش ئارقىلىق ئۆگەنمەيدۇ. يەرلىك سۆزلىگۈچىلەر بىرىكمە سۆز ئۆگىنىدۇ.
بىرىكمە سۆز بولسا بىرقانچە تاق سۆزلۈكنىڭ تەبئي بىرلىشىشىدىن تەركىب تاپقان گۇرۇپپىدۇر.
تۆت ھەسسە تېز ئۆگىنەلەيسىز
دوكتۇر جامىس ئاشىر(Dr. James Asher)نىڭ تەتقىقاتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى سۆز گۇرۇپپىسى ئارقىلىق ئۆگەنگەندە 4-5 ھەسسە تېز ئۆگەنگىنى بولىدۇ.
ھەم، سۆز بىرىكمىسى ئۆگەنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ گىرامماتكىسىمۇ ياخشى بولىدۇ.
*** بىرىنجى قائىدە: ھەردائىم تاق سۆزلۈك ئەمەس سۆز بىرىكمىسى ئۆگىنىڭ ھەم تەكرارلاڭ.
ھەرگىز يالغۇز تاق سۆزلۈكلەرنى ئۈگەنمەڭ، ھەرگىز!
يېڭى سۆزلۈكنى ئۇچىراتقاندا دائىم ئۇنى سۆز بىرىكمىسى قىلىپ يېزىۋېلىڭ.
ھەردائىم. تەكرارلىغاندا، دائىم سۆز بىرىكمىلىرىنى تەكرارلاڭ، سۆزلۈكنى ئەمەس!
سۆز بىرىكمىسىنى يىغىڭ
ھەردائىم مۇرەككەپ سۆز برىكمىلىرىنى يېزىۋالغاندا ئېنگىلىزتىلى سۆزلىشىڭىز ۋە گىرامماتكىڭىز 4-5 ھەسسە ئاشىدۇ.
يەنە قايتا تەكرارلاي، ھەرگىز سۆزلۈك ئۈگەنمەڭ. ھەرگىز تاق سۆزنى خاتىرە دەپتىرڭىزگە يازماڭ.
سۆز بىرىكمىسىنىلا ئۆگىنىڭ
خەيىرلىك بولۇڭ، سىزنى تەبرىكلەپ دىرېكتور <<A.J.Hoge>>، جاپاسىز ئېنگىلىزتىلى كۇلۇبى
تاپشۇرۇق:
   1 .يۇقارقى قائىدىنىڭ ئاۋاز ھۆججىتىنى بىر قانچە قېتىم ئاڭلاڭ. ئېنگىلىزچىسىنى ئوقۇغاچ ئاۋاز ھۆججەتنى ئاڭلاڭ.
يۇقارقى قائىدىنى ئوقۇماي پەقەت ئاۋاز ھۆججىتىنى بىرقانچە قېتىم تەكرارلاڭ.
ئاۋاز ھۆججىتىنى  چۈشۈرۈپ ئاڭلاڭ.
   2 . سۆز بىرىكمىسى خاتىرە دەپتىرى تەييارلاڭ.
ھەردائىم سۆز بىرىكمىسىنى يىغىڭ ھەم تەكرارلاڭ. ھەرگىز تاق سۆزنىلا يازماڭ، تولۇق سۆز بىرىكمىلىرى ياكى جۈملىلەرنى ساقلاڭ ھەم تەكرارلاڭ.


2- ئاۋاز:


ئىككىنجى قائىدە:  گرامماتىكا ئۆگەنمەڭ
ئىككىنجى قائىدە:
سالام
   قانداق ئەھۋالىڭىز؟ كۈنىڭىز ياخشىمۇ؟ مەن ياخشى كېتىۋاتىمەن. ئەمدى كۇرسىڭىزنىڭ داۋامىنى باشلايلى.
**ئىككىنجى قائىدە: ئانجېلىنانىڭ ھېكايىسى
    مېنىڭ ئىسمىم ئانجېلىنا، پاراگۇايلىق ئوقۇغۇچى. مەن ئا ج دىن ئۆگىنىشنى باشلىغاندا، ھېچقانچە سۆزلىيەلمەيتتىم. مەن ئېنگىلىزتىلى گىرامماتكىسىنى بىرقانچە يىل ئۆگەنگەنتىم، بىراق سۆزلىيەلمىگەنتىم.
   <<A.J.Hoge>> نىڭ جاپاسىز ئېنگىلىزتىلى دەرىسىنى بىرىنجى قېتىم بىلگىنىمدە گىرامماتىكا ئۆگىنىشنى ئويلىغان ئىدىم. قانداقلا بولمىسۇن، مېنى ھەيران قالدۇردى، چۈنكى ھەرگىز گىرامماتىكا ئۆگەتمەيدىكەن.
    گىرامماتىكىنىڭ ئورنىغا ھېكايە سۆزلەپ بەرگەن. غەلىتە يوللار ئارقىلىق بىر قانچە قېتىم ئېيتىپ بەردى. داۋاملىق سۇئال سورىغان ئىدى ھەم سۇئاللارغا جاۋاب بەرگەن ئىدى. سۇئاللار بولسا ئالاھىدە ئاسان ئىدى.
    سەمىمىيلىك بىلەن دىسەم، ئازىراق قايمۇققان ئىدىم. ئۇنى بىر ئەسەبىيلەشكەن ئوقۇتقۇچى دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. گىرامماتىكىنى كۆپ ئۆگىنىش لازىم دەپ ئويلايتتىم.
  جاپاسىز ئېنگىلىزتىلىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۆگىنىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن غەلىتە بىر ئەھۋال يۈز بەردى. سۆزلەش ئىقتىدارىم كۆتۈرۈلدى! دوستلىرىم مەندىن قانداقسىگە بۇنداق تىز ئۆستۈرگەنلىكىمنى سورىغانتى.
  <<A.J.Hoge>> نىڭ ناھايتى ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتكەن ئىدىم، ئۇنىڭ ھېكايىلىرى، سۇئاللىرى ھەم ماقالىللىرى ئېنگىلىزتىلىنى گىرامماتىكىسىز سۆزلەشنى ئۆگەتكەن قائىدىسى ئېدى. ۋاھ ھ ھ!
    ئانجىلىنا ناھايتى ياخشى ئوقۇغۇچى، ئۇنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى تېز ئۆگىنىشى جاپاسىز ئېنگىلىزتىلىنى كۈنىگە 5 سائەت ئاڭلىغانلىقى. قانداقلا بولمىسۇن، كۈنىگە بىر سائەت ئاڭلاپ بەرسىڭىزمۇ ئۆستۈرەلەيسىز.
  ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشەلەيسىز... بىراق چوقۇم 2-قائىدە بويىچە قىلىشىڭىز كېرەك.
  *** ئىككىنجى قائىدە: گىرامماتىكا ئۆگەنمەڭ
ئانجېلىنا گىرامماتىكا ئۆگىنىشتىن توختىغاندا سۆزلەش ئىقتىدارى تېز ئۆستى.
گىرامماتىكا ئۆگىنىشتىن توختاڭ
گىرامماتىكا ئۆگىنىشتىن توختاڭ
    ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا توختاڭ. گىرامماتىكا كىتاب ۋە دەرىسلىكلىرىنى يېنىڭىزدا قويماڭ، كۆزىڭىزدىن يىراق تۇرسۇن. گىرامماتىكا قائىدىسى سىزگە ئېنگىلىزتىلىنى ئويلاندۇرۇپ ئۆگىتىدۇ، سىز ئاپتوماتىك سۆزلىشىڭىز كېرەك! ئويلىمايلا!
    جاپاسىز ئېنگىلىزتىلى ئارقىلىق سىز ئېنگىلىزتىلىنى گىرامماتىكىسىز ئۆگىنىسىز. سۆزلەش ئىقتىدارىڭىز تېزلا ئاشىدۇ. سىز نەتىجە قازانغان بولىسىز. سىز ئېنگىلىزتىلىنى تەبىي سۆزلىيەلەيسىز.
ئىككىنجى قائىدە: گىرامماتىكا ئۆگەنمەڭ!
خەيىر، ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ، <<A.J.Hoge>>
بۇ بۆلەكتىكى تاپشۇرۇق:
  1 .يۇقارقى قائىدىنىڭ ئاۋاز ھۆججىتىنى بىر قانچە قېتىم ئاڭلاڭ. ئېنگىلىزچىسىنى ئوقۇغاچ ئاۋاز ھۆججەتنى ئاڭلاڭ.
يۇقارقى قائىدىنى ئوقۇماي پەقەت ئاۋاز ھۆججىتىنى بىرقانچە قېتىم تەكرارلاڭ.
ئاۋاز ھۆججىتىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ.
   2 . گىرامماتىكا كىتابلىرىڭىزنى تاشلىۋىتىڭ.
  راستىنلا غەلىتە ئىكەنمەن، باشقا بىرەرسىگە بىرىۋىتىڭ ياكى ئامبارغا چۆرىۋىتىڭ. ھازىرلا قىلىڭ، بۆگۈن.

3- ئاۋاز:

*** ئۈچىنجى قائىدە:  ئەڭ مۇھىم قائىدەـ-ئاڭلاش بىرىنجى
سالام
7 كۈنلۈك ئىلخەت كۇرسنىڭ داۋامىنى ئېيتماقچى بولغان <<A.J.Hoge>> بولىمەن. سىزگە بۇ خەتنى يازغىنىمغا ۋە سىزنىڭ ئېنگلىزتىلىڭىزنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بىرەلىگىنىمدىن خۇشالمەن.
بۇ قائىدە ناھايتى مۇھىم قائىدە
نۇرغۇنلىغان مەكتەپلەر ئېتبارسىز قارايدۇ.
3-قائىدە، ھىكايە
خۇمبېرتو ۋىنسۇئىلالىق بولۇپ بىرنەچچە يىل ئىلگىرى كاناداغا كۆچۈپ كەلگەن. ئېنگىلىزتىلىنى بولۇپمۇ گىرامماتىكىسىنى بىر نەچچە يىل ۋىنسۇئىلادا ئۆگەنگەن.
ھەقىقەتەن، خۇمبېرتو كۆزىنى ئىشلىتىپ دەرسلىك كىتاب، گىرامماتىكا كىتاب ۋە سۆزلۈكلەرنى ئەستە تۇتۇش ئۇسۇلى بويىچە ئۈگەنگەن. ئۆزىنىڭ ئىنگىلىزتىلى سەۋىيىسىنى ياخشى دەپ ئويلىغان. بىراق كاناداغا كەلگەندە ھېچكم بىلەن سۆزلىشەلمەي ھەيرانلىقتا چۆچۈپ كەتكەن!
ئۇ كانادادىكى ئېنگىلىزتىلى مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. ھەركۈنى مەكتەپكە بارغان. مەكتەپ ئۇنىڭغا نېمە ئۈگەتتى؟ تېخىمۇ كۆپ كىتاب، گىرامماتىكا ۋە سۆزلۈكلەرنى ئۆگەتتى ئەلۋەتتە.
12ئايلىق ئوقۇشتىن كېيىن خۇمبېرتونىڭ ئاچچىقى كەلدى ۋە چېچىلدى. مەكتەپتە يىلىغا 10000 دوللاردىن ئارتۇق چىقىم قىلغان ئىدى، بىراق يەنىلا ئېنگلىزتىلىنى ياخشى سۆزلىيەلمىگەن ئىدى. نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغانتى.
ئۇ مۇنداق دېگەن:
<<A.J.Hoge>> مېنىڭ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ. بىر يىلدىن كېيىن يەنىلا ئىنگىلىزتىلىنى سۆزلىيەلمىگەن ئىدىم. ئوقۇتقۇچىمغا بۇ نېمە دىگەن ئىسىراپچىلىق! دەپ كايىپ كەتكەن ئىدىم. ناھايتى چېچىلدىم.
   ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ ماڭا ياخشى ئۇسۇلنى ئاتا قىلغىنىغا كۆپ رەھمەت! ھازىر ئېنگىلىزتىلىنى سۆزلىيەلەيدىغان بولدۇم. يەرلىك سۆزلىگۈچىلەرنىڭ تىلىنى چۈشىنەلەيدىغان بولدۇم. ھەركۈنى كانادالىقلار بىلەن سۆزلىشىمەن. ئۆزۈمدە ئىشەنچ ھىس قىلىمەن. ئۆزۈمنىڭ مەكتەپتە ئوقۇپ نۇرغۇنلىغان ۋاقتىمنىڭ ئىسىراپ بولغىنىغا ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ... ئەلۋەتتە نۇرغۇنلىغان ئىقتىسادمۇ بار.
    سىزنىڭ ماڭا ئۈگەتكەن زور ئۇسۇللىرىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىشىم كېرەك. ئۇنىڭ رولى بەك چوڭ ئىكەن. ئۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندىن باشلاپ، مەندە زور يۈكسېلىش بولدى، يېزىقچىلىقمۇ ناھايتى ئاسان بولۇپ كەتتى. خۇددى موشۇ ئىلخەتكە يازغان خېتىمدەك تەرجىمە قىلىش ۋە ئويلىنىپ ئىنكاس قايتۇرۇشتىن ساقلىنىپ يازالايدىغان بولدۇم. ھەركۈنى بىر سائەت سىزنىڭ دەرسىڭىزنى قايتا-قايتا  ئاۋاز قويغۇچ ئارقىلىق ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇ ناھايتى ئاددى ئەمما ھەقىقەتەن ئۈنۈملۈك ئىكەن.
ئىمزاسى
***ئۈچىنجى قائىدە:ئەڭ مۇھىم قائىدە--ئاڭلاش بىرىنجى!
  خۇمبېرتو قايسى ئۇسۇلنى قوللانغان؟ دەل موشۇ ئاڭلاش ئۇسۇلىنى قوللانغان.
ئاڭلاش، ئاڭلاش، ئاڭلاش
  چوقۇم ئېنگىلىزچىنى چوقۇم چۈشىنىپ ئاڭلىشىڭىز كېرەك. چوقۇم ھەركۈنى ئاڭلىشىڭىز كېرەك. كىتاپ كۆرمەي ئېنگىلىزچىنى ئاڭلىشىڭىز كېرەك.
بۇناھايتى ئاددى. ئېنگىلىزتىلىدا نەتىجە قازىنىشىڭىزنىڭ ئاچقۇچى-كىتاب ئوقۇشتىن توختاڭ. ھەركۈنى ئاڭلاشنى باشلىۋېلىڭ.
  كۆزىڭىز ئارقىلىق ئەمەس قۇلىقىڭىز ئارقىلىق ئۆگىنىڭ.
    كۆپلىگەن مەكتەپتە سىز ئېنگىلىزچىنى كۆزىڭىز ئارقىلىق ئۆگىنىسىز. سىز كىتاب ئوقۇيسىز. سىز گىرامماتىكا قائىدىلىرىنى ئۆگىنىسىز.
   جاپاسىز ئېنگىلىزتىلى بولسا ئاڭلاش سېستىمىسى ئارقىلىق ئۆگىتىدۇ. ئېنگىلىزتىلىنى كۆزىڭىز بىلەن ئەمەس قۇلىقىڭىز ئارقىلىق ئۆگىنىشىڭىز كېرەك. سىز ھەركۈنى بىر سائەتتىن ئۈچ سائەتكىچە ئاڭلاڭ. ئېنگىلىزتىلىنى ناھايتى تېزلا سۆزلىيەلەيسىز، ئويلىمايلا سۆزلىيەلەيدىغان بولىسىز. خۇمبىرتوغا ئوخشاش ناھايتى ئاسانلا سۆزلىيەلەيسىز.
  ئۆگىنىش ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاڭلاشقا ئاتاش-ياخشى سۆزلەشنىڭ ئاچقۇچى.
ئىنكاسلار...
***كېيىنكى كۈچلۈك ئۇسۇل...
   سىزنىڭ قىلالايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن. يۇقارقى سۆزلىرىمدىن پايدىلىنىڭ ھەم ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىشىڭىزدىن ھوزۇر ئېلىڭ.
ئامان بولۇڭ
تاپشۇرۇق:
1. يۇقارقى قائىدىنىڭ ئاۋاز ھۆججىتىنى چۈشۈرۈۋېلىپ بىرقانچە قېتىم ئاڭلاڭ.
  ئاۋاز ھۆججتىنى ئاڭلاپ ئېنگىلىزچىسىنى ئوقۇڭ.
  ئوقۇماي، پەقەت ئاۋاز ھۆججىتىنىلا ئاڭلاڭ. بىرقانچە قېتىم تەكرارلاڭ.
2. پەقەت ئاۋاز ھۆججتىنى ئاڭلاپ يېزىققا قارىماڭ.بىرقانچە قېتىم تەكرارلاڭ.

4- ئاۋاز:

*** تۆتىنچى قائىدە:  ئاستا ،قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش ئەڭ ياخشى
سالام
<<A.J.Hoge>> سىزنىڭ ياخشى تۇيغۇدا بولۇپ بۇ قائىدىلىرىمدىن پايدىلىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەمدى 4-قائىدەمگە مەرھەمەت.
ئىنكاس
تۆتىنجى قائىدە:   ھىكايە
بىر كورىيەلىك ئوقۇغۇچى مۇنداق دېگەن:
مەن ناھايىتى بىر غەلىتە ئوقۇغۇچى . كورىيەدە ئېنگىلىزچە ئۆگەنگەندە 50،000 غا يېقىن سۆزلۈكنى ئەستە قالدۇرغانلىقىمنى بىر چوڭ ئىمتىھاندا سىنىغان. ئەللىك مىڭ!
مىنىڭ مەسىلەم – ئىشلىتەلمىدىم. بىر ئېنگىلىزتىلى ئىمتىھانىدىن ئۆتتىم. بىراق يەرلىك كىشىلەر بىلەن سۆزلىشەلمىدىم . ‹‹جاپاسىز ئېنگىلىزتىلى››ئارقىلىق  ئېنگىلىزچىنى ياخشى چۈشىنىدىغان بولدۇم . سۆزلۈكلەرنى ئاپتوماتىك قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگەندىم . 6 ئايدىن كىيىن ناھايىتى ئاسانلا سۆزلىيەلىدىم.ئويلىنىپ سۆزلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق !
كۆپ رەخمەت!
تۆتىنچى قائىدە:ئاستا ،قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش ئەڭ ياخشى
خيۈن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ناھايىتى كۆپ سۆزلۈك ئۆگەنگەن. ئۆگەنگىنى يۈزەكى ھەم غۇۋا ئىدى.بۇ ئۇنىڭ سۆزلۈكلەرنى نېمە ئۈچۈن تېزلا ئۇنتۇپ كېتىشىنىڭ ۋە ئىشلىتەلمەسلىكنىڭ سەۋەبى .
پەرقىنى بىلىۋېلىشلا يېتەرلىك ئەمەس. ئىمتىھان ئۈچۈن ئەستە قالدۇرۇشلا يېتەرلىك ئەمەس. سىز چوقۇم سۆزلۈكلەرنى كاللىڭىزنىڭ ئىچكىرسىگە ئورنىتىۋېلىشىڭىز كېرەك .
ئېنگىلىزتىلىنى ياخشى سۆزلەش ئۈچۈن سىز ھەربىر دەرىسنى بىر قانچە قېتىم ئاڭلىشىڭىز كېرەك .
ئېنگىلىزچىنى چوقۇم قېتىرقىنىپ ئۆگىنىڭ
قېتىرقىنىپ ئۆگەنسىڭىز ئاسان سۆزلىيەلەيسىز .
قانداق قىلغاندا قېتىرقىنىپ ئۆگىنەلەيسىز ؟  ناھايتى ئاسان-- پەقەت دەرىسلەرنى بىرقانچەقېتىم قايتا ئاڭلاڭ. مىسالغا ئالساق، سىزدە بىر ئاۋازى ئېلىنغان  كىتاب بولسا، ئىككىنچى قىسمىغا كىرىشتىن بۇرۇن بىرىنچى قىسمىنى 30قېتىم ئاڭلاڭ . سىز بىرىنچى قىسىمنى كۈنىگە ئۈچ قېتىمدىن ئاڭلىسىڭىز 10كۈن ئاڭلايسىز .
‹‹ئىنكاس››
** گىرامماتىكىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش
گىرامماتىكىچۇ ؟ ئۇنى گىرامماتىكا قائىدىسىنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ قانداق قېتىرقىنىپ ئۆگىنىمىز ؟
كىيىنكى دەرىسىكە قاراڭ .

5- ئاۋاز:

*** بەشىنچى قائىدە: نۇقتىلىق مىكرو ھىكايىدىن پايدىلىنىڭ
سالام
ھال-ئەھۋالىڭىز ياخشىدۇ؟
ئەمدى بەشىنچى قائىدىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. پايدىلىنىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ئىككىنچى قائىدەمدە ھەرگىز گىرامماتىكا ئۆگەنمەڭ دېگەن ئىدىم. بىراق، ئەلۋەتتە گىرامماتىكىنى توغرا ئىشلەتكۈڭىز بار .
بەلكىم: ‹‹ئەگەر گىرامماتىكا قائىدىلىرىنى ئۆگەنمىسەم گىراماتىكىنى قانداق ئۆگىنىمەن ؟››دەپ ئويلىشىڭىز مۈمكىن.
ئۇنداقتا سىزگە دەپ بېرەي .
گىرامماتىكىنى تەبئىي ئۆگىنىدىغان ئۇسۇلنى ئۆگىتىمەن. بۇ مىتودنى ئىشلەتسىڭىز، گىرامماتىكىڭىز ئاپتوماتىك ھالدا ئۆسىدۇ . پېئىللارنى ئاپتوماتىك توغرا ئىشلىتەلەيسىز .ئويلاشمايسىز ،سىناپمۇ باقمايسىز .
ئىنكاس.
***بەشىنچى قائىدە :ھېكايە
مىيۇكى گىرامماتىكا ئىمتىھانىدا ناھايىتى ياخشى ئىدى. بارلىق گىرامماتىكا قائىدىلىرىنى بىلەتتى. ئېنگىلىزتىلى پئىللىرىنى بىلەتتى. بىراق ئۇنىڭدا بىر مەسىلە بار ئىدى. گىرامماتىكىنى ئەمەلىي سۆزلەشكەندە ئشلىتەلمەيتتى. ئۆتكەن زاماننى  ئىپادىلىيەلەيتتى، بىراق سۆزلىگەندە مۇنداق دەيتتى: ‹‹مەن تۆنۈگۈن مەكتەپكە بارىمەن››
مىيۇكى قايمۇقۇپ قالغان ئىدى. قانداقسىگە گىرامماتىكا ئىمتىھانى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، سۆزلىگەندە ياخشى ئەمەستۇ ؟
مىيۇكى مۇنداق دېگەن:
جاپاسىز ئېنگىلىزتىلىدىن بۇرۇن، بارلىق گىرامماتىكا قائىدىسىنى بىلەتتىم، بىراق توغرا سۆزلىيەلمەيتتىم. مەن گىرامماتىكىنى ھېس قىلالمايتتىم. ‹‹نۇقتىلىق مىكرو ھىكايە››نى ئاڭلىغاندىن كىيىن توغرا ئىشلىتەلىگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم.
ھازىر سۆزلىگەندە گىرامماتىكا قالتىس بولۇپ كەتتى. قىلچە ئويلاشمايمەن، پەقەت گىرامماتىكىنى ئاپتوماتىك توغرا ئىشلىتىمەن. <<A.J.Hoge>> غا رەخمەت .
مىيۇكى گىرامماتىكىنى تەبئىي ئۆگەندى. ھەرگىز گىرامماتىكا قائىدىلىرىنى ئۆگەنمىدى. ئۇ قانداق قىلدى ؟
دەسلەپتە ھازىرقى زامان شەكلىدىكى قىسقا ھىكايىلەرنى ئاڭلىدى. ھەركۈنى ئاڭلىغان ئىدى .
ئاندىن ئوخشاش شۇ ھىكايىنى ئاڭلىدى. لېكىن ‹‹ئون يىل بۇرۇن››دىن باشلىدى. ئۆتكەن زامان شەكلىنى بۇ ھىكايىنى ئاڭلاش ئارقىلىق ھېس قىلىپ ئۆگەندى.
ئۇنىڭدىن كىيىن يەنە ئوخشاش شۇ ھىكايىنى سۆزلەپ بەردىم .بۇ قېتىم ‹‹2004-يىلدىن باشلاپ››دىن باشلانغان ئىدى. مىيۇكى ئۆتكەن زامان....... شەكلىنى بۇ ھىكايىنى ئاڭلاش ئارقىلىق ھېس قىلدى .
ئەڭ ئاخىرىدا ‹‹كېلەر يىلى››دىن باشلانغان ئوخشاش ھىكايىنى سۆزلەپ بەردىم . كېلىدىغان زامان شەكلىنى شۇ ئوخشاش ھىكايىنى ئاڭلاش ئارقىلىق ھېس قىلدى .
ئىنكاس
بەشىنچى قائىدە: نۇقتىلىق مىكرو ھىكايىنى ئىشلىتىڭ
بۇ خىل ھىكايىلەرنى ‹‹نۇقتىلىق مىكرو ھىكايە›› دەپ ئاتىدىم . ئۇلار ئېنگىلىزتىلىنى ئۆگىنىش ھەم ئىشلىتىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك ئۇسۇل.
گىرامماتىكىنى ئاپتوماتىك ئۆگىنىش ئۈچۈن نۇقتىلىق مىكرو ھىكايە ئىشلىتىڭ
سىز چوقۇم ئېنگىلىزتىلى گىرامماتىكىسىنى ئەمەلىي ئېنگىلىزتىلى ئاڭلاش ئارقىلىق ئۆگىنىشىڭىز كېرەك .ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئوخشاش ھىكايىنى ‹‹ھەرخىل تۈرىدىكى، نۇقتىلىق ئىپادىلەنگەن››ئۆتكەن،...ھازىرقى ۋە كېلىدىغان زامان شەكلىدە ئاڭلاش...
بۇنى قانداق قىلىسىز ؟ ناھايىتى ئاسان! ھازىرقى زامان شەكلىدىكى ھىكايە ياكى ماقالىلەرنى تېپىڭ. ئاندىن يەرلىك سۆزلىگۈچىلەردىن ھەرخىل زاماندا يېزىپ بىرىشنى سوراڭ. ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ھىكايىلەرنى ئاۋازلىق خاتىرلىتىپ ئوقۇپ بېرىشنى سوراڭ.
ئاندىن ھەرخىل گىرامماتىكىلىق ھىكايىلەرنى ئاڭلايسىز . گىرامماتىكا قائىدىسىنى ئۆگىنىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت نۇقتىلىق مىكرو ھىكايىنى ئاڭلىسىڭىز گىرامماتىكىڭىز ئاپتوماتىك ئۆسۈپ كېتىدۇ.
سىز نۇقتىلىق مىكرو دەرىسلەرنى تېپىپ گىرامماتىكىنى ئاپتوماتىك ئۆگىنىش ئۈچۈن ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .ناھايىتى كۈچلۈك ھەم ئاسان نەتىجە بىرىدۇ. سىز نەتىجە قازىنىسىز. سىز گىرامماتىكىنى تەبئىي ۋە ئاپتوماتىك سۆزلىيەلەيسىز .
بۇ بولسا ئېنگىلىزتىلى گىرامماتىكىسىنىڭ مەخپىيىتى
ئىنكاس.
**ئەمەلىي ئېنگىلىزتىلىنى قانداق ئۆگىنىمىز
كىيىنكى قائىدەمدە كىتابلاردىن ساقلىنىپ ئەمەلىي ئېنگىلىزتىلىنى قانداق ئۆگىنىشنى دەپ بېرىمەن.
كېپىللىك قىلىمەنكى سىز غەلبەقىلىسىز. قايتماڭ،سىز قىلالايسىز .
ئامان بولۇڭ. ئېنگىلىزتىلىنى ئۆگىنىشىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .
<<A.J.Hoge>>

6- ئاۋاز:

***ئالتىنچى قائىدە : پەقەت ئەمەلىي ئېنگىلىزتىلى دەرىسلىرى ۋە ماتىرىياللىرىنى ئىشلىتىڭ
يەنە سالام
  سىزنىڭ ئېنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىڭىز. كىيىنكى قائىدە
بۇ قىسىمدا سىزگە بىر نەرسىنى ئويلاتقۇزىمەن.سىز ئېنگىلىزتىلىنى 4يىلدىن ئارتۇق ئۆگەنسىڭىزمۇ يەنىلا نېمىشقا يەرلىك سۆزلىگۈچىلەر بىلەن سۆزلىشىشتە مەسىلە كۆرىلىدۇ؟
سىزدە مەسىلە يوق. مەسىلە-سىز بېرىپ ئوقۇغان مەكتەپلەر ۋە ئىشلەتكەن كىتابلاردا.
ئېنگىلىزچە كىتابلار ۋە ئاۋاز لېنتىلىرى بەك قورقۇنۇشلۇق.
ئۆگەنگىنىڭىز ھەرگىز ئەمەلىي ئنگىلىزتىلى ئەمەس.
كىتابتىكى ئېنگىلىزچىنى(كىتابى ئېنگىلىزچە) ئۆگەندىڭىز.
ئىنكاس
**يەرلىك سۆزلىگۈچىلەر بىلەن قانداق چۈشىنىشىمىز ؟
    مېگدېلو ئېنگىلىزچىنى ۋىنسۇئىلاندا 5 يىل ئۆگەنگەن. ئوقۇتقۇچىلىرى ئىلگىرلىگەن ئوقۇغۇچى دەيتتى. ئامرىكىغا كەلگەندە ئۇ ناھايىتى ياخشى ھېس تۇيغۇدا بولغان ئىدى. ئامرىكىلىقلاربىلەن كۆرۈشكىنىگە ھاياجانلانغان ئىدى. تەييارلىق قىلغان ئىدى. ئۇ مۇنداق يازغان :
بىر كۈنى ئامرىكىلىق ئايال بىلەن سۆزلىشىپ سىنىدىم ، پۈتۈنلەي ئۆزگەردىم. ئۇ ئايال سۆزلەشكە باشلىدى ھەم ئۇنىڭ سۆزىنى چۈشىنەلمىدىم. پەقەت چۈشىنەلمىدىم!
تەلەپپۇزى كىتاپلاردا كۆرگىنىمدەك ۋە پىلاستىنكىلاردا ئاڭلىغىنىمدەك چىقمىدى. ئىدىيوم، يەرلىك شىۋە ھەم بىر قانچە سۆز بىرىكمىلىرىنى ئىشلەتكەن ئىدى.
مەن پۈتۈنلەي قايمۇقۇپ قالغان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن ئەمەلىي ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىشىم لازىملىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئىدىم .
**سىز چوقۇم ئەمەلىي ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك.
    مەن مېگدېلوغا ئەمەلىي ئېنگىلىزتىلى ماتىرىياللىرىدىن ئۆگىنىشنى– ئېنگىلىزتىلىنى بىز ھەر كۈنى پاراڭلىشىدىغان پاراڭلاردىن، ئەمەلىي كىتابتىن ، كىنو ، تېلۋىزوردىن، ھەجۋىي كىتابلاردىن، ئاۋازلىق كىتابلاردىن، ماقالىلەردىن، گېزىت-ژورناللاردىن ھەم ئاڭلىتىشلاردىن ئۆگىنىش لازىملىقىنى ئۆگەتتىم.
**كىتابىي ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىشتىن توختاڭ !!
ئەگەر يەرلىكلەرنىڭ تىلىنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز چوقۇم كىتابىي لېنتىلار ۋە پىلاستىنكىلاردىن ئۆگىنىشنى توختىتىشىڭىز كېرەك .
ئەمەلىي ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىشىڭىز ئۈچۈن چوقۇم يەرلىكلەر ئاڭلايدىغان ئېنگىلىزتىلىنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك. ئۇلار ئوقۇغاننى ئوقۇشىڭىز كېرەك.
پەقەت ئەمەلىي ئېنگىلىزتىلىنى ئاڭلاڭ .
ئەمەلىي ئېنگىلىزتىلىنى قانداق ئۆگىنىسىز؟ ئاسان. كىتاب ئىشلىتىشتىن توختاڭ. ئۇنىڭ ئورنىغا، ئەمەلىي كىنو-تېلۋىزور، ئاۋازلىق كىتاب، ماقالە، ھىكايە، رادىئولارنى ئاڭلاڭ . ئەمەلىي ئېنگىلىزتىلى ماتىرىياللارنى ئىشلىتىڭ .
6 ئايلىق ئەمەلىي ئېنگىلىزتىلى بىلەن مېگىلو ئاسانلا سۆزلىيەلىدى. ئۇ يەرلىكلەر بىلەن ئەمەلىي ئېنگىلىزتىلىدا سۆزلىشەلىدى. سىزمۇ سۆزلىشەلەيسىز.
ئىنكاس
**ئالتىنچى قائىدە : پەقەت ئەمەلىي ئېنگىلىزتىلى دەرىسلىرى ۋە ماتىرىياللىرىنى ئىشلىتىڭ
   يەرلىكلەرنى چۈشىنەلەيدىغان بولۇش ۋە سۆزلىشىش ئۈچۈن ئەمەلىي ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك . ئەمەلىي ژورنال، ئاۋازلىق ماقالىلەر، كىنو، تېلۋىزوردىن، ھەجۋىي كىتابلاردىن، ئاۋازلىق كىتابلاردىن، رادىئولاردىن پايدىلىنىڭ.
كىتابىي ئېنگىلىزتىلى ئەمەس ، ئەمەلىي ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىڭ .
ئاخىرقى قائىدە :
سىزگە قانداق قىلغاندا 2-3 ھەسسە تېز سۆزلەشنى ئۆگىتىدۇ .
خەيىر

7- ئاۋاز:

***يەتتىنجى قائىدە : ئاڭلاپ تەكرارلاش ئەمەس ئاڭلاپ جاۋاب بىرىش
بۇ ئاخىرقى قائىدە! ئىسىڭىزدە بولسۇن، دەرسنىڭ يەنە داۋامى بار.
بۇ ئەڭ ئاخىرقى ھەم ئەڭ ئاسان قائىدە.
نۇرغۇنلىغان ئاۋازلىق ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى‹‹ئاڭلاپ تەكرارلاش››. سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزىنى سىز قايتا ئەسلى بويىچە تەكرارلايسىز. بۇ مىتودنى ئىشلەتكۈچىلەر مەغلۇبىيەتچى.
ئىنكاس
** 7-قائىدە: ھىكايە
‹‹Emi›› ياپونىيەلىك ئايال بولۇپ ناھايتى ئاستا سۆزلەيتى. سۇئاللارغا تېز جاۋاب بېرەلمەيتتى.
‹‹Emi›› ماڭا خەت يازغاندا ‹‹ئاڭلاپ جاۋاب بىرىش›› دەرسلىرىنى تونۇشتۇردۇم. ئۇنىڭغا ‹‹ئاڭلاپ تەكرارلاش›› ئۇسۇلىنى ئىشلەتمەسلىكنى، مىكرو ھىكايىلەرنى ‹‹ئاڭلاپ جاۋاب بىرىش›› ئۇسۇلىنى ئىشلىتىشنى تاپىلىدىم.
‹‹ئاڭلاپ تەكرارلاش››لا يېتەرلىك ئەمەس، سىز تەكرارلىسىڭىز پەقەت سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزلىرىنى كۆچۈرىۋالغان بولىسىز خالاس. لىكىن سىز سۇئاللارنى ئاڭلىغاندا جاۋاب بەرسىڭىز ئويلىنىپ جاۋاب بىرىسىز.
‹‹ئاڭلاپ جاۋاب بىرىش›› دەرىسلىرىنى 4ئاي ئىشلەتكەندىن كېيىن ‹‹Emi›› ناھايتى تېز، ئاسان ھەم ئاپتوماتىك سۆزلەيدىغان بولۇپ كەتتى.
‹‹Emi›› ھاياجانلىنىپ مۇنداق يازغان:
  دەرسلەر فانتازىيەلىك! مەن ياخشى كۆرىمەن. ناھايتى تېز سۆزلىيەلەيمەن، ئاسان چۈشىنەلەيمەن، ئويلانمايلا سۆزلىيەلەيمەن. ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ!
*** يەتتىنجى قائىدە: ئاڭلاپ تەكرارلىماي ئاڭلاپ جاۋاب بىرىڭ
ئاڭلاپ جاۋاب بىرىش مىكرو ھىكايىلىرىنى ئىشلىتىڭ
سۆزلىگۈچى ھەربىر ھىكايىنى قىسقا، ئاددىي سۆزلەيدىغان مىكرو ھىكايىنى ئىشلىتىڭ. يەنى ئۇنىڭدا بىرقانچە ئاسان سۇئاللار سورىلىدۇ. سۇئاللارنى ئاڭلىغىنىڭىزدا سىز توختىتىپ قويۇپ تۇرۇپ جاۋاب بىرىڭ.
سىز ئويلانمايلا سۇئاللارغا جاۋاب بىرىشنى ئۆگىنىسىز. ئېنگىلىزتىلىڭىز ئاپتوماتىك چىقىدۇ.
ئاڭلاپ جاۋاب بىرىش ھېكايىلىرىنى قانداق ئىشلىتىسىز؟ ناھايتى ئاسان! يەرلىك تىلدا سۆزلىشىدىغان شەخسىي ئوقۇتقۇچى تېپىڭ. بۇ مىتودتىن پايدىلىنىپ ھىكايە سۆزلەتكۈزۈڭ... ھەم توختىماي ئاددىي سۇئاللارنى سورغۇزۇڭ. بۇ ئۇسۇل تىلنى ئېنگىلىزچە بىۋاستە ئويلاندۇرۇشنى ئۆگىتىدۇ. ئەگەر شەخسىي ئوقۇتقۇچى تاپالمىسىڭىز موشۇ خىل ئۇسۇلدىكى دەرسلىكلەرنى تاپسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇ خىل دەرسلەرمۇ ئوخشاشلا سىزنى ئېنگىلىزچىدە بىۋاستە ئويلاندۇرۇپ ئۆگىتىدۇ.
ئىنكاس
**كېيىنكىسى نېمە؟
بۇ ئەڭ ئاخىرىقى قائىدە! قانداق داۋاملاشتۇرىسىز؟
ئەڭ ياخشى ئۇسۇل 7 قائىدىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان دەرسلىرىمىزدىن پايدىلىنىڭ.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-11-3 23:00:59

ھامنى ئەسقېتىپ قالىدۇ.

ayshah يوللانغان ۋاقتى 2011-11-3 23:32:22

قېنى تەڭرىقۇتكام؟  مانا سىزگە ماتىرىيال. ئۆگىنىپ نەلەرگە كەپ قالغانسىز، توختاپ قالمىغانسىز ھە؟  {:90:}

taxtapan يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 14:19:10

ماڭا لازىم ئىدى،ساقلىۋالاي.

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 10:03:48

@Baqkaماۋۇ تېمىدىكى ماتىرياللارنى ئەمدى ئىزدىسەم تاپالمايمىنا ئەجەپ،باچكاباي،ساقلاپ قويغان بولساڭلار تەمىنلەپ بىرىڭلار يەنە بىر قېتىم:):):):)
بەت: [1]
: سۆزلۈك ئۈگەنمەي تۇرۇپمۇ ئېنگىلىز تىلىنى ياخشى ئۈگەنگىلى بولدۇ