Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2009-3-5 22:24:11

مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئۇلتاشلىرىدىن بىرى

مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئۇلتاشلىرىدىن بىرى - نەسەبنامە



يەرشارىلىشىش قەدىمى بارغانسېرى ئىتتىكلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە،  مەدەنىيەتلەرنىڭ تېز سۈرئەت بىلەن ئۆز – ئارا يۇغۇرۇلىشى جەرياندا قانداق قىلىپ ئۆز خاسلىقىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۆزگىچىلىكىنى سىجىل تەرەققى قىلدۇرۇش ھەرقايسى مىللەت – قوۋم كىشىلىرى جىددىي ئويلانمىسا، ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇناسىپ ھەرىكەت قىلمىسا بولمايدىغان تەخىرسىز مەسىلىگە ئايلاندى. ئەتراپىمىزدىكى قېرىنداش قەۋملەرگە نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئاللىقاچان ئۆز يىلتىزىنى قىدىرىپ، ئۆز كىملىكىگە جاۋاب ئىزدەش ۋە كىملىك مۆھۈرىگە ئۆچمەس رەڭدە ھەل بېرىپ، كېيىنكى ئەۋلاد-بوغۇنلىرىغا تەۋەررۈك سۈپىتىدە قالدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بەلكى بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاللىقاچان يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈمىز. ئالايلۇق قېرىنداش قەۋملەردىن بولغان خەنزۇ خەلقىدە نەسەبنامەشۇناسلىق 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، خەنزۇلار تاكى ھازىرغىچە نەسەبنامە يېزىپ قالدۇرۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.


ئۆز يىلتىزىنى ( نەسەبىي ۋە مەدەنىي يىلتىز ) ئىزدەش پەقەت بىر مىللەتنىڭ كوللېكتىپ تارىخىي تەپەككۇرىنىڭ ئىنكاسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ ، نۆۋەتتىكى زامانىۋى تۈس ئالغان ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەريانىدىكى، ئاۋام پسىخىكىسىدا كۆرۈلگەن ئىدراكلىق ماسلىشىش ۋە يەرشارىلىشىش - بىر گەۋدە بولۇپ يۇغۇرۇلۇش ۋەزىيىتىگە تۇتقان قوغدىنىش ئېڭىدىن شەكىللەنگەن ئۆز – ئۆزىنى قوغداش خاراكتېرلىك ئاڭلىق رەۋىشتە قىلىنىۋاتقان ھەرىكەتتۇر.
ئۆز يىلتىزىنى ئىزدەشنىڭ بىرىنچى قەدىمى مەن كىم؟ بىز كىملەردىن ؟ يىلتىزىم نەگە تۇتاشقان؟ ئانا يۇرتىمىز قەيەر ؟  كىندىك قېىنم تامغان جاي قايسى ؟ ئاتا - بوۋىلىرىمىنىڭ قەبرىگاھى نەدە؟ ئاتا - بوۋىلىرىم بىزلەرگە نېمىلەرنى ئېيتقان ، ۋەسىيەت قىلغان بولغۇيتتى؟ يۇرتۇمنىڭ تارىخى ، تاغ - دەريالىرى ، باغۇ – بوستانلىرى قانداق ؟ ... ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر تالاي سۇئاللارغا جاۋاب ئىزدەشتۇر. ھالبۇكى، يۇقىرىقى سۇئاللار ھەققىدە ئېرىشىلگەن جاۋابلارنىڭ يېزىق - بەلگە، رەسىم - سۈرەتلەر بىلەن قارا سىياھ بىلەن ئاق قەغەزگە يۈكسەك دەرىجىدە مۇجەسسەملىنىپ پۈتۈلۈشى دەل نەسەبنامىنىڭ ئۆزىدۇر.


بىزدە كۆك بىلەن بوي تالاشقان چىنارنىڭمۇ يەر تەكتىدە يىلىتىزى بولىدۇ، دەيدىغان ئاتىلار سۆزى بار. دەرۋەقە يىلتىزسىز دەرەخ نە قىلسۇن؟! ... ئىنسان دۇنياغا تۆرۈلۈپ، تالاي ئىسسىق - سوغۇقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، بۆشۈكتىن تۆشۈككىچە تىرمىشىپ ياشايدۇ. كىشى ئەگەر بۇ ھاياتىدا ئۆزىنىڭ كىملىكى، يىلتىزىنىڭ نەدە ئىكەنلىكى، نەسلى - نەسەبىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي ياشىسا ، يىپى يوق لەگلەككە ، يىلتىزى يوق دەرخكە ئوخشاپ قالمامدۇ؟! ... ئۇ ھەرقانچە ئېگىز ئۇچقىنى ، ھەرقانچە ئېگىز كۆكلىگىنى بىلەن قۇنار جايى، ئوزۇق - سۇ بېرىدىغان يىلتىزى بولمىسا، تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولمامدۇ؟


شۇنداق، بىز ئۇيغۇرلار ئۇزاق ۋە شانلىق تارىخقا ئىگە خەلقمىز. خۇددى مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ئېيتقاندەك : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ، ﺋﺎﺭﯨﻴﺎﻥ - ﺳﯩﻜﺘﺎﻱ - ﺳﺎﻙ - ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ تۈركۈمىدىكى مەﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ خۇسۇسىيىتى ﯞﻩ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ، ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ-ﺳﻪﻧﺌﻪت ئاﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯧﺘﻨﻮﮔﺮﺍﻓﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯖﻨﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ، ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﺎﺳﯩﺸﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﯞﻩ ﻫﻪﺭﺧﯩل تەﺭﻛﯩﺒﻠﻪﺭﻧﻰ ، ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ، ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﻓﻮﻟﻜﻠﻮﺭﻯ ﯞﻩﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﺎﻻﻫﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. دەل مۇشۇ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانى بىزنىڭ مۇرەككەپ تارىخىي ئىدىيىۋى ھالىتىمىزنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى، بىر ئەۋلاد يەنە بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر يىگىت - قىزلىرى بۇ تارىخي ئېقىندا گاھ باش كۆتۈرۈپ، گاھ شۇڭغۇپ ئاقتى. ئۇلار  بۇ بۈيۈك ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئېسىل تەمىنى ھەقىقىي تېتىدى. مانا بۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ جاھان مىللەتلەر ئورمانلىقىدا قۇرىماي - سۇلماي ، ياشىرىپ تۇرۇشىنىڭ سەۋەبىدۇر.
كىشىلەر ئۆزىنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقان قاننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى بىلىشى كېرەك. ھەربىر ئادەمنىڭ ئۇرۇق - نەسەبىي ئېنىق بولۇشى لازىم. چىم گەرچە ئۆسۈملۈكلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ئاجىز ، جۇغى كىچىك گىياھ بولسىمۇ، تاپىنى ئاستىدا يىلتىزى قارماپ ئالغان ئۆزىگە چۇشلۇق يېرى - تۇپراقى بار. نەسەبنامە دەل نەسىلداش بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئۇزاق تارىخ داۋامىدا بوشاشماي كۆرەشكەن، قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرلىگەن كەچۈرمىشلىرىنىڭ ھەقىقىي خاتىرلىنىشى؛ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئۈزۈپ قويماي ۋارىسلىق قىلىۋاتقان ئاياغ ئىزى ؛ گوياكى چىم كەبى ئاددىي بىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس بولغان زېمىنىدۇر.


نەسەبنامىدە نەسەب شەجەرىسى ( ئائىلە ياكى جەمەت نەسەبنامىسىدە بايان قىلىنغان قانداش ئەۋلادلارنى دەرەخ شاخلىرى شەكلىدە كۆرسىتىپ بېرىدىغان سخېما ) ئارقىلىق جەمەت ئەزالىرىنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتى ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد راۋاجلىنىش ئەھۋالى، قېرىنداشلارنىڭ قاتار مۇناسىۋىتى قاتارلىق بىر تالاي قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىرىمۇ قالايمىقان قىلىنماستىن ناھايىتى ئىدىتلىق ھالدا كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ.


نەسەبنامىدە تىلغا ئېلىنغان ھەربىر شەخىس ئۆزى مەنسۇپ بولىۋاتقان مۇئەييەن جەمئىيەت - دەۋردە ئۆزىنىڭ جىنسى، مەدەنىيەت ساپاسى، ئىقتىسادى ئورنى قاتارلىقلارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ۋە شۇ جەمئىيەت - دەۋردىكى ئومۇمىي قىممەت قارىشىنىڭ يېتەكلىشى ياكى چەكلىشى ئارقىسىدا ، ئەزىز ياكى خار بولۇشتەك ئۆزىنىڭ مۇناسىپ ئىجتىمائىي ئورنىنى يارىتىپ، ئۆزىگە ئۆزى مەنسۇپ بولىۋاتقان ئىجتىمائىي قاتلامنىڭ تامغىسىنى ئۇرغان بولىدۇ. نەسەبنامىدە بۇلارنىڭ بىرىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنماي تەپسىلىي بايان ئېتىلگەن بولىدۇ.


يىلتىزغا تارتىش، ئەجداد ئىزىنى بېسىش، تارىخنى ئۇنۇتماسلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ گۈزەل ئەخلاق - پەزىلەتلىرىدىن بولۇپ، تېگى - تەكتىنى ئۇنۇتماسلىق، كىندىك قېنى تامغان ئانا ماكاننى سېغىنىش ئىنسان تەبىئىتىدۇر. يىلتىزنى ئىزدەش ـ ھاياتلىقنىڭ يىپ ئۇچىنى ئىزدەش -  مەۋجۇدلۇقنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەشتۇر. ئۆز يىلتىزىمىزنى قىدرىپ، ئاغۇن - ئەجدادلىرىمىزنى ئىزدەش ئارقىلىق  ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن ئازاب - ئۇقۇبەتلىرى ۋە قازانغان شانۇ - شاۋكەتلىرىنى بىلىپ يېتەلەيمىز؛ شۇنداقلا ئەشۇ ئازاب - ئوقۇبەت تارتقان ۋە شانۇ - شاۋكەت قازانغان كىشىلەرنىڭ تومۇرىدا ئاققان قاننىڭ ئۆز تومۇرىمىزدا ھېلىمۇ كۆۋەجەپ ئېقىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىمىز؛ ئەجداد بىلەن ئەۋلادنىڭ رىشتى ئەنە شۇنداق چەمبەرچەس قىلىپ باغلىنىدۇ. كىشىلەرنىڭ مىجەز - خاراكتېرى بىر بىرى بىلەن پەرقلىق بولىدىغانلىقى ، ھەتتا بىر ئاتىدىن بولغان ئىككى قېرىنداشنىڭ تەبىئىتىدە ئاسمان - زىمىن ئوخشاشماسلىقنىڭ بولىدىغانلىقى بەرھەق. ئەمما شۇنىمۇ چوقۇم ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، تارىخ ، مەدەنىيەت ، ئەنئەنىنىڭ مۇئەييەن دەۋر ئىچىدىكى ئىزچىللىقى يەنى ۋارىسچانلىقى ( ئىلگىركىلەرنىڭ ئىزىنى كېينىكىلەرنىڭ بېسىشى ) تۈپەيلى، ئۇزاق مەزگىل بىر ماكاندا ياشىغان كىشىلەردە مەلۇم دەرىجىدە ئورتاقلىق مەۋجۇد بولىدۇ . بۇ خىل ئورتاقلىق بۇ كىشىلەرنىڭ قان - قېنىغا ، ھەتتا گېنلىرىغىچە سىڭىپ ئۆزلىشىدۇ، ئۆزلەشكەن ھامان غايەت زور كۈچ پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل كۈچ كېينكى ئەۋلادلار - بوغۇنلارنىڭ قېنى ۋە گېنىدىمۇ ساقلىنىپ قالىدۇ.


نەسەبنامە تىلغا ئېلىنغاندا، بەلكىم كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىز ئانچە ئېرەن قىلماسلىقى، ھەتتا  نەزەر سالغۇچىلىكى يوق ئىش دەپ قارىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما، نەسەبنامە ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنا ھەققىدە مۇھاكىمە قىلغىنىمىزدا، ئۇنىڭ مۇنداق 5  تۈرلۈك قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىمىز.


1. يېزىپ قالدۇرۇلغان ئائىلە نەسەبنامىلىرى مەدەنىي مىراس ياكى ئاسارە - ئەتىقىلىق قىممىتىگە ئىگە.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يېزىپ قالدۇرۇلغان نەسەبنامىنىڭ مەدەنىي مىراسلىق قىممىتى ئېشىپ بارىدۇ. شۈبھىسىزكى بۇ بىر مىللەتنىڭ مەدەنىي تارىخى ۋە مەدەنىيەت جۇغلانمىسىغا قوشۇلغان زور تۆھپە بولۇپ قالىدۇ.
2.يېزىپ قالدۇرۇلغان ئائىلە نەسەبنامىلىرى ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە.
نەسەبنامە ئۆزىگە شۇ جەمەت ئەزالىرىنىڭ مۇھىم ئۇچۇرلىرى يەنى، ئۇلارنىڭ ھاياتى، نىكاھلىنىشى، ئىرسىي ئىزچىللىقى، جەمەت مىزانى ( قائىدە - يۇسۇنى )، ئۆلۈمى قاتارلىق سانسىزلىغان ئۇچۇرلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولۇپ ، ئۇ تارىخشۇناسلىق، ئۆرۈپ - ئادەتشۇناسلىق، ئىقتىسادشۇناسلىق، مائارىپشۇناسلىق، ئىرسىيەتشۇناسلىق ۋە باشقا پەن تۈرلىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەتقىقاتلارنى ئىنتايىن قىممەتلىك بولغان پايدىلانما ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
3. يېزىپ قالدۇرۇلغان ئائىلە نەسەبنامىلىرى ئۆگۈت- تەربىيەت قىممىتىگە ئىگە .
ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر تەرىپىدىن يېزىپ قالدۇرۇلغان نەسەبنامىلەردە كۆپۈنچە شۇ جەمەتنىڭ جەمەت يۇسۇنى، ئەڭ تۈپكى كىشىلىك قاراشلىرى ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا قويۇلغان تەلەپلىرى يېزىپ قالدۇرۇلغان بولىدۇ. بۇنداق يازما شەكىلدە قالدۇرۇلغان جەمەت يۇسۇنلىرى شۈبھىسىزكى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ تەربىيىلىنىشىدە تۈرتكۈلۈك رول ئوينايدۇ. كىشىگە باشقا ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۆگۈتلىرىدىن كۆرە ئۆز ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ئۆگۈتلىرى بەكرەك تەسىر قىلىدۇ.
بەزى نەسەبنامىلەردە جەمەت يۇسۇنى ئايرىم سەھىپە ئاجرىتىلىپ ، ئېنىق پۈتۈلمىدى دېگەندىمۇ، نەسەبنامىنىڭ ئۆزىگە پۈتۈلگەن ئەجدادلار ھەققىدىكى تۈرلۈك ئۇچۇرلارغا  كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئۈلگە قىلىشىغا ئەرزىگۈدەك جانلىق دەرس ۋە ساۋاقلار يوشۇرۇنغان بولىدۇ. شۇ جەمەت ئەزالىرىنىڭ روھىدىكى ئىزچىللىق نەسەبنامىگە پۈتۈلۈش يولى ئارقىلىق كېيىنكى ئەۋلادلارغا تېخىمۇ مۇستەھكەم ئۇدۇم بولۇپ قالىدۇ.
4. يېزىپ قالدۇرۇلغان ئائىلە نەسەبنامىلىرى رىشتە باغلاش رولىغا ئىگە.
دەرەخنىڭ يىلتىزى ، ئېقىننىڭ بېشى بولسا قۇرۇپ قالمىغىندەك، جەمەتنىڭمۇ ئۆچمەس قىلىپ پۈتۈپ قويۇلغان نەسەبنامىسى بولسا ئۇرۇق- ئەۋلادلىرى چېچىلىپ كەتمەيدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئەجدادلارنى ئەۋلادلارغا ئۈزۈلمەس قىلىپ مەھكەم باغلاپ تۇرىدۇ. ھەرقانداق بىر جەمەت ئەزاسى ئائىلە نەسەبنامىسىنى ئوقۇپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ئەجدادى ۋە ئۆز قېرىنداشلىرىغا رىشتە باغلاپ تۇرىدۇ. ئېغىزدىكى ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق پەقەت نەچچە ئەۋلادلا داۋام ئېتىشى مۇمكىن. ئەمما، ئېقى قەغەز، قارىسى سىياھ قىلىپ پۈتۈپ قويۇلغان نەسەبنامە ئۇرۇق - تۇغقانچىلىقنى زامان چەكلىمىسىدىن ھالىقىتىپ، ئەسىرلەردىن - ئەسىرلەرگە ئۇلىشى مۇمكىن.
5. يېزىپ قالدۇرۇلغان ئائىلە نەسەبنامىلىرى مۇھىم تارىخىي ھۆججەتلىك قىممىتىگە ئىگە.
شۈبھىسىزكى نەسەبنامىنىڭ تارىخىي ھۆججەتلىك قىممىتى ئۇنىڭ بارچە قىممەتلىرىنى بېسىپ چۈشىدۇ. نەسەبنامىگە بىزنىڭ كىملىكىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كىملەردىن بولىدىغانلىقى ئۆچمەس قىلىپ پۈتۈلگەن بولىدۇ. بىلگە تۇنيۇق شەجەرىسىنىڭ بايقىلىشى بىلەن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كورىيدىن تېپىلغانلىقى ( مەزكۇر بلوگدىكى بىلگە تۇنيۇقۇق ئەۋلادلىرىنىڭ شەجەرىسىگە قاراڭ ) ، جىيەن تەگئاتلىق ۋە ليۇ تەگئاتلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ( بەرقى ئەپەندىنىڭ << ليۇ فامىلىلىك < تەگئاتلىق > ئۇيغۇرلار  كىم ؟ >> دېگەن تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قاراڭ < بەرقى مۇنبىرىدە > . ) ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزىي رايونلىرىدىن ئايرىلىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە مىڭ يىلغىچە دەۋران سۈرۈشى ھەرگىزمۇ تاساددىپىي ئەمەس. بىز بۇ يەردە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغىچە مەۋجۇد بولۇشى ئۇلارنىڭ بىر تەگئات ئاستىغا ئۇيۇشۇپ، ئائىلە نەسەبنامىسى يېزىپ قالدۇرغانلىقى دەپ، كېسىپ ئېيتالمىساقمۇ، بۇ ئىككىسىنىڭ رولىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ چوڭ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلالماي تۇرالمايمىز. ئازادلىقتىن كېيىن، نوپۇسقا تىزىملاش باشلانغاندا، خېنەن ئۆلكىسىدىكى ليۇ تەگئاتلىق ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر مىللىتى دەپ تىزىملاشنى تەلەپ قىلغان، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى بېكىتىشتە بىرقارارغا كېلەلمىگەندە، ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئائىلە نەسەبنامىسىنى كۆرسىتىشكەن. شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئىش 15 كۈنلۈك تولۇن ئايدەك روشەن بولغان.


نەسەبنامە پۈتكۈل مىللەت ۋە مۇشۇ مىللەتكە تەۋە بولۇۋاتقان ھەربىر ئەزانىڭ ئۆزئارا يىلتىزداشلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بىرخىل مەدەنىيەت ھادىسىسىدۇر. شۇڭا، نەسەبنامە ناھايىتى يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ،تارىخي ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.  نەسەبنامە بىرخىل قۇدرەتلىك ھاياتى كۈچكە ئىگە مەنىۋىي ئەڭگۈشتەر بولۇپ، بۇ ئەڭگۈشتەر مىللەتكە تارىخ سەھنىسىدە ھاياتلىق ۋە تەرەققىيات ئۇچۇن توختىماي كۆرەش قىلىدىغان، ئىگىلمەس - سۇنماس روھ ئاتا قىلىدۇ. نەسەبنامىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەھمىيىتى قانداقتۇر تار مەنادىكى قانداشلىق جەھەتتىكى ۋارسلىقنى تەكىتلەشلا بولماستىن، بەلكى مەدەنىيەت جەھەتتىكى ۋارسلىقنى تەكىتلەشتۇر.


يەكۈن شۇكى، نەسەبنامە يېزىپ قالدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى دەۋر ھالقىش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، نەسەبنامە مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ قىممەتلىك ئابىدە - ئۇلتاشلىرىدىن بىرىدۇر. نەسەبنامە يېزىپ قالدۇرۇشقا ئېتىبارسىز قاراش ئۆزى، ئەجدادى ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا قىلىنغان زور مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر.

<< قەشقەر >> ژۇرنىلىنىڭ 2009 - يىللىق 1 - سانىدىن ئېلىندى.

مەزكۇر يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى: Www.YukselBlog.Cn

بەت: [1]
: مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئۇلتاشلىرىدىن بىرى