ئابلېكىمكامنىڭ يۇمۇرلىرى
ئابلېكىم دەپ بىر تاغام بار، ئۆزى تىجارەتچى، قوشۇمچە پاراڭچى. بىللە ئولتۇرغان ئادەمنى قىزىق پاراڭلىرى بىلەن زېرىكتۈرمەيدۇ. شۇ تاغامنىڭ پاراڭلىرىدىن ئىككىنى دەپ بېرەي.
(1)
ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى، ئابلېكىمكام بىر دەۋا ئىشى بىلەن ئۈرۈمچىگە چىقىپتۇ. سوتقا بىللە بېرىشىپ بەردىم. دەرۋازىدىن كىرىشىمىزگە قاراۋۇل توسۇپ، تىزىملىتىشنى تەلەپ قىلدى. كىملىكلەرنى تىزىملاپ بولۇپ ئابلېكىمكامدىن سورىدى:
- چاقىرغۇ نۇمۇرۇڭ؟
- يوق.
- يانفون؟
يوق.
- ئۆينىڭ تېلېفونى؟
- يوق.
- سەندە ئالاقىلىشىدىغان نېمە بار ؟
-ماۋۇ قۇلاق بار، دېدى ئابلېكىمكام، قۇلىقىنى ئىشارە قىلىپ.
(2)
يېزىدىن يېڭى كەلگەن ئابلېكىمكام شۇم خەۋەردىن بىرنى يەتكۈزدى:
- مۆمىنكام ئۆلۈپ قاپتۇ.
-نېمە بولۇپ ئۆلۈپ قاپتۇ؟
-جېنى چىقىپ كېتىپ ئۆلۈپ قاپتۇ.
بۈگۈن پەيزىلىرى تۇتۇپ قاپتىكەنمە دەيمە...
ھىلىقى قېتىق ئىچىدىغاننىڭ يۇمۇرنى ھازىر ئويلىساممۇ كۈلكە قىستاپ كېتىدۇ مېنى. ئوچاق ئوڭشايدىغىنى ئۇنىڭدىن ئۆتە...
ئۇنداقتا ئۇنىمۇ ئاڭلاپ باقمايلىمۇ بىر زات ھەكىم . بىزمۇ قورساقنى تۇتۇپ تامغا يۆلىنىپ بىر كۈلىۋالايلى ..
مەنمۇ بىرنى قىتىپ يۇمۇرنى كۆپەيتىپ قوياي ھە~
بىزنىڭ مەلىدە رازىيخان ئىسىملىك ئېرىدىن ياشلا تۇل قالغان 90ياشلىق ئاران ئاران ماڭىدىغان بىر ئانىمىزبار.
بىركۈنى شۇ ئانىمىزنى بىر بوۋاق بىقىۋاپتۇ دەپ ئاڭلاپ يوقلاپ كىرگەچ رازىخان ئانىمزىدىن سوردىم ..بىقىۋالغىنىڭ ياخشى بوپتۇ موما
بۇ خەنزۇ بوۋاقنى بىقىۋالغۇچە بىر ئۇيغۇر بوۋاقنى بىقۋالساڭ بولمامدۇ دېسەم.. ماڭا قارا بالام ئۇيغۇرنىڭ بالسىنى باقتىم 20گە كىرىپ ئاللا بىر دەپ تۈرمىگە كىرىپ يىتىۋالدى قازاقنىڭ بالىسىنى باقسام 18گە كىرىپ تاققا چىقىپ قوي باقىمەن دەپ تاغدا يىتىۋالدى ئەمدى خەنزۇنىڭ بالسىنى بىقىۋاتىمەن چوڭ بولۇپ شۇجى بولسا مىنى باقارمىكىن دەپ دەيدۇ...
ساددا يومۇر.
مەنمۇ بىرنى دەپ بىرەي، ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ سابىق رەئىسى ئىسمايىل ئەمەت خىزمەتلەرنى كۆزدىن كۆچۈرۈش ئۈچۈن ئاتۇشقا بېرىپ دىنى زاتلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كىيىن ،
ئاتۇشلۇق مەشھۇر دىنى ئالىم رۇستەم قارى ھاجىم ، رەئىسنى باغ سەيلىسىگە تەكلىپ قىلىپتۇ .
رەئىس باغ ئارلاپ كېتىۋېتىپ باغدىكى ئەنجۈر مىۋىسىنىڭ كۆپلىكىنى كۆرۈپ مۇنداق دەپتۇ ،
قارى ھاجىم ! بۇ يىل ئاتۇشتا ئەنجۈرلەر كۆپ تۇغۇپتۇ ؟(مىۋە كۆپ بولسا ، كۆپ تۇغدى دەيدۇ) دەپتىكەن ،
رۇستەم قارى ھاجىم ، شۇنداق رەئىس جاناپلىرى ، ئاتۇشنىڭ ئەنجۈرلىرىگە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يولغا قويۇلمىغان ، شۇڭا كۆپ تۇغدى دەپتۇ ،
قېرىندىشىم نوكىيا، ھېسامكام (ئۇغۇ ھازىر بەك قېرىپ كەتتى) بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ چاقچاقلىرىنى ئاڭلاپ باققانمىدىڭىز؟
باشقىلارغا باھا بەرگەندە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلساقكەن دەيمەن.
سارس تارقالغان چاغلار ، ئىدارىدىن سارسنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا بىر نىمىلەرنى ئۆگىنىش قىلىش ھەققىدە يىغىن ئاچتى ، يىغىنغا ئۇخلاپ قېلىپ چىقمىغان بىر توختاملىق ئىشچى مەندىن \" نىمە يىغىن ئاچتى؟\" دەپ سوراپ قالدى ، مەن ئوينىشىپ ، \" ئۇقتۇرۇش چۈشۈپتۇ ، ھازىر سارس ھەممە يەرگە تارقىلىپ كېتىپتۇ ، ھەممە ئىشچىلار 3 قۇتا ، توختاملىق ئىشچىلار 2 قۇتا ئاچچىقسۇنى ئىچىۋىتىپ بولغاندىن كېيىن ئەترەت باشلىقىنىڭ ياتىقىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەك \" ئىكەن ، دەپ قويمامدىم... مەن ئىشىمغا چىقىپ كېتىپتىمەن ، بۇ ساراڭ خىي دا يى بولسا راستىنلا ماگزىندىن 2 قۇتا ئاچچىقسۇنى ئېلىپ گۆپۈلدىتىپ ئىچىپ ،قۇرۇق بوتۇلكىنى كۆتۈرۈپ باشلىقنىڭ ياتقىغا كىرىپتۇ ، نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەي ھەيران قالغان باشلىق بىر ھازادىن كېيىن ئاندىن چۈشىنىپ ئۇنى تىللاپ قوغلاپ چىقىرىپتۇ ، كەچتە يىغىندا \"مۇشۇنداقمۇ چاقچاق قىلغان بارمۇ ، ئۆلۈپ قالسا قانداق قىلىسەن \" دەپ قاقشاپ كەتكەنىدى ، راس دىگەندەك ، كېچىچە قىززىپ ، ياندۇرۇپ ، ئاغرىپ قېلىپ ، تاس قالغان .. ئىش تېپىپ بەرگىلى ... چاقچاق دىگەننىمۇ مۈرىسىنىڭ ئۈستىدە بېشى بارراق ئادەملەرگە قىلمىسىزە.... ئۇ ئاكىمىزنىڭ دىگەن بۇ ئىككى ئېغىز چاقچىقىغا ھېسامكامدىن ئېشىپ چۈشىدىكەن دىگەن گەپ ھەقىقەتەن يۈزەكىلىك. لىكىن ھېسامكامغا سۆزمەنلىكتە تەڭ تۇرالايدىغان چاقچاقچىدىن قەشقەردە نۇرغىنى بار. ئەكرەم سېتىۋالدى دىگەن كۆپ يۇمۇرلار بىرقانچەيلەن يىغىلىلساق تەبىئىي ئېيتىلىپ كېتىدىغان دىئاگلوگلار. نى قىززىق پاراڭلار بار، ئادمنى دومىلىتىۋىتىدىغان. لىكىن ئۇنىڭ بىرەر كىشى تەرىپىدىن سەھنىگە ئېيتىلىپ چىقمىغان يېرى بار.مىنىڭ 5-ئاكاممۇ بەك قىزىق گەپ قىلىدۇ.
كورلىدا بىر ۋاقىتلاردا لاتارىيە تارتسا ئۆي چىقىدىغان بىر پائالىيەت ئۆتكۈزگەن. يەكشەنبە كۈنى خەلق مەيدانى دىگەن ئادەم بىلەن تۇشۇپ كەتكەن.شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن شۇ ئاكام چوڭ ئۆيگە كىرىپ كەلدى.ئاكا سىزمۇ بېرىپ تارتىپ باقسىڭىز بولمامدۇ دىسەم، ۋاي ئۇكام قويغىنا، بېرىپ كۈرۈپ كەلدىم ،مۇكاپاتقا چىقىدىغان ئۆي 6-قەۋەتتىكەن، ھەم كۈنگەي تەرەپتىكەن، شۇڭا تارتمىدىم دىمەسما، ئۆيدە بىر ھازاغىچە كۈلگەنتۇق.
يەنە شۇ ئاكام،(كۆزى سەل ئاجىز، كۆزەينەك تاقايدۇ)
بىر كۈنى ئۆيدە تاماق يەۋىتىپ ، مەنمۇ ئېغىزىنى تاتىلاپ، ئاكا سىزنىڭ كۆزىڭىزنى ئەسلى ساق، بىلىملىك كۆرۈنەرمەممىكىن دەپ كۆزەينەك تاقىۋالىدۇ دەيدىغۇ دىسەم، ئۇكام، ماۋۇ قوساقتىكى بىلىم بۇيىچە تاقايدىغان ئىش بولسا ، دۇربۇل تاقىسام بولىتى، دىمەسما.........
يەنە بىر كۈنى شۇ ئاكام، بىر مۇسىبەت خەۋىرىنى يەتكۈزدى. كىچىك ئاچام توۋا ساپ ساقلا ئادەمتىغۇ، تېخى تۈنۈگۈن كۆرگەن دىيىشىگە، ئاكام دىدى، سىڭلىم شۇ ساق ئادەم ئۈلۈپ قالىدۇ...
ئۆزەمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن بىر قىزىق ئىش بار
بىزنىڭ بىر جاڭگالدا 200 مودەك يىرىمىز بارتى ، ئۇ يەرگە ئاكىللىرىم تولا باراتتى،مەن بېرىپ باقمىغان ،بىر قېتىم يەكشەنبە كۈنلىكتە، بىزنى ئەكەتسەڭ دەپ ئاكام تېلىفۇن قىپتۇ، ھەم جاڭگال غا كىرىپ بىر ھازا ماڭساڭ بىر پادىچى ئادەم بار . ئىسمى زىياۋدۇن ئاخۇن، شۇ ئادەم بىزنىڭ يەرنى بىلىدۇ. بولمىسا سەن ئېزىپ كېتىسەن دىدى. مەن دالا ماشىنىسىدىن بىر نى ھەيدەپ باردىم.زىياۋدۇن ئاخۇننىمۇ تاپتىم، ھەم ئەھۋالنى دىسەم ماشىنىغا چىقتى. چىرايلىرىمۇ سۈرلۈك بىر ئادەمكەن (ھازىر ئويلىساممۇ قىرلىق ئىستىكاندىكى ھېلىقى باخشى يادىمغا كېلىدۇ)،بىر ئېغىز گەپ قىلمايدۇ. مەن چىغىر يولنى بويلاپ مېڭىۋەردىم. پات-پات چىرايىغا قاراپ قويىمەن، گەپ قىلمىغانكىن توغرا ماڭغان ئوخشايمەن دەپ مېڭىۋەردىم، بىر ۋاقىتتا ئەھۋال سەل بىنورمال جاڭگالنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە دىگىدەك بېرىپ قالدۇق ، ئاخىرى چىدىماي، زىياۋدۇناڭكا، ئېزىپ كەتتۇقمۇ قانداق دىسەم، تېخى بىلمىدىڭىزما ئۇكام ، بىزئېزىپ كەتكىلى نەۋاق ، 2-ئەگىمدىكى يالغۇز توغراقنىڭ يېنىدىن تارتىپلا ئېزىپ كەتكەن...، دىمەسما، تاس قېپتىمەن ئارقامغا تىك چۈشۈپ كەتكىلى....
كىيىن ئۇقسام بىچارە ئادەم ،ئۆمرىدە جاڭگالدىلا يۈرۈپ ،شۇ يەردىن چىقماي، ماشىنىغىمۇ چىقىپ باقماپتىكەن، جىددىلىشىپ كەتتىمۇ يا بۇ ماشىنا دىگەن نەرسە ئۆزى تاپالايدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىمۇ ئەيتاۋۇر...
مۇشۇ ئىشمۇ مىنى نۇرغۇن خىيالغا كىرگۈزىۋەتكەن...
ھا ھا ھا....... ماۋۇ پادىچى جىڭ قىزىقكەن......كۆز ئالدىمغا كەلدى ھازىر....پاسىبان سىز دىگەندەك سەھىنىگە ئىلىپ چىقىشىنىڭ ئۆزى بىر سەنئەت
سىزدىگەن، ئەكرەك سىتىۋالدى، ئەخمەتچانلار پەقەت يۇمۇرچى خالاس، ئۇلار تۇرمۇشىتىكى قىزىزىقارلىق ئىشلارنى تىخىمۇ مۇبالىغىلەشتۇرۇپ خەلىققە يەتكۇزۇدۇ، ھەققى چاقچاقىچى بۇلۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس، نەچچە مىڭنىڭ ئىچىدىن ئاران بىرىس چىقىدۇ،
تۇداخۇنلارن چاقچاقچى دىسەك بۇلۇدۇ،
لىكىن ھىسامكامغا باھا بەرگەندە ھەگىزمۇ ھازىرىقى ھىسامكامنى كۆزدە تۇتماڭلار، 70-يىللاردا ياشاپ ئوتكەن، ھەمدە شۇ چاغلاردا
ھىسامكام بىلەن بىر سورۇندا داخىل بولغاندىن ئۇنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى سوراپ بىلۋالساڭلار بۇلۇدۇ،
ئۇ چاغلاردا ھازىرقىدەك ھەممىنى تىلۋۇزۇرغا ئىلىپ چىققىلى بولمايدۇ، 60-70-يىللىرى تۇرمۇشنىڭ قانداق ئىككەنلىكى ھەممىزىگە ئايان،
مەدەنىيەت ئىنىقلابى دەيمىز ئىشقىلىپ خەلىق ئاشۇنداق جاپالىق تۇرمۇشلاردا ھسىامكام پىلىموتتەك گەپلىرى بىلەن، نۇرۇغۇن خەلىقىنى كۇلدۇرۇپ شۇلارغا روھ ئوزۇق بۇلۇپ كەلگەن،
مەنمىغۇ شۇ چاغلاردا ياشاپ ئوتكىمىگەن، لىكىن بۇۋامدىن دائىم ئاڭلاپ تۇراتتىم ، ئىشقىلىپ باشبارماق چىقارغۇدەك ، ھەققى قەدىلگۇدەك ئادەم،
______________________________
ماۋۇسىمۇ راست بولغان ئىش
بۇۋامنىڭ مەھەلىسىدە بۇرنى ناھايتتى يوغان بىر ئادەم بار ئىكەن، بىر كۇنى ئۇ ئادەم ھىسامكام بىلەن بىر ئاپتۇبۇستا ئولتۇرۇپ قاپتۇ،
ھىسامكام ئاپتۇبۇستتىن چۇشەي دەپ تۇرسا ھىلىقى ئادەم ئىشكىنىڭ قىشدا سىرتقا قاراپ ئولتۇرغان ئىكەن، ھىسامكام ھىلىقى ئادەمگە
ئۇكام خاپا بولماي بۇرنىڭىزنى تارتىپ تۇرغان بولسىڭىز ئاپتۇبۇستىن چۇشۇۋالاي دىگۇدەك
ئۇرۇمچىلىك بىر ئاغىنە خوتەنگە كەلگەندە مۇنداق بىر ئىش بولغان.
بىر كۇنى ئۇ ئاغىنىمىز ئوزى يالغۇز خوتەن شەھرىدىكى چوڭ بازاردا چورگىلەپ يۇرۇپ ، تاماق يىيىش بىر ئاشخانىغا كىرىپتۇ. كۇتكۇچى نىمە يەيسىز دىسە، پولو، لەغمەننى تولا يەپ كەتتىم، مۇشۇ موما سەي يەپ باقاي دەپ كۇتكۇچىگە موما بۇيرۇپتۇ. كۇتكۇچى مومىنى غىلتاڭ يەمسىز يا سەي بىلەنمۇ؟ دەپ سورىسا ئۇ ئاغىنىمىز موما سەي دىگەننى جىق يىگەن، مۇشۇ غىلتاڭ دىگەننى پەقەت يەپ باقماپتىكەنمەن دەپ غىلتاڭ يەي دەپتۇ. كۇتكۇچى بىر تەخسە مومىنى ئەكىلىپ بىرىپتۇ. ئاغىنىمىز غىلتاڭ تەس پىشىدىغان نەرسە بولسا كىرەك دەپ ساقلاپ بېقىپتۇ. قورسىقى ئېچىپ كېتىپ بىرتال موما يەپتۇ. يەنە ساقلاپتۇ، قارىسا يەنە ھىچ سادا يوق، ئاچلىققا پايلىماي يەنە بىر موما يەپ، يەنە ساقلاپتۇ.... ئاخىرى پەقەت چىقدىماي كۇتكۇچىنى چاقىرىپ سوراپتۇ:
--- غىلتاڭ نىمىشقا چىقمايدۇ؟
--- غىلتاڭ يەيمەن، دىگەنغۇ، شۇڭا غىلتاڭ ئاچىقىپ بەردىم.
--- مەن پەقەت موما كوردۇم، غىلتاڭ دىگەننى كورمىدىم.
--- غىلتاڭ دىگەن شۇ ھىچمىنە، قۇرۇق دىگەن گەپ شۇ!
.....................................................
ماۋۇ خوتەنلىك قارا تاكسىدەك نەدىن پەيدا بولدى
بىرسى ئابلېكىمكامغا ئوغلىنى تىجارەت ئۆگەنسۇن دەپ قوشۇپ قويۇپتۇ. ئۇ بالا تازا تەمبەل، گۈسمەستەك بالىكەن. كەچتە 9 لاردا ئۇخلىسا ئەتىسى ئويغانغىلى ئۇنىماي چۈشتىن كېيىن 2 لەردە تۇرىدىكەن. ئابلېكىمكام ئەنسىرەپ ياتاقداشلاردىن پات- پات: «ئاۋۇ بالىنىڭ بۇرنىغا قولۇڭلارنى ئاپىرىپ بېقىڭلار، نەپىسى بارمىكەن» دەپ سوراپ قويىدىكەن. چۈشتىن كېينن بولغاندا ھېلىقى بالا قوساقنىڭ ئاچلىقىدا گىردىدىن ئۈچنى چىلاپ يەۋېتىدىكەن. ئابلېكىمكام يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ گەجگىسى، بەللىرىنى نوقۇپ بېقىپ: «يەنە بىرنى يەۋېتىڭ ئۇكام، مەيەرلەر بوش تۇرىدۇ» دەپ قويىدىكەن. ئۇ گەپلەرنىڭ تەنىلىكىنى بىلگۈچىلىكىمۇ يوق ئۇ بالا يەنە بىرەرنى «سوقىۋېتىدىكەن». بىر كۈنى تاماق يەپ ئولتۇرۇپ ئۇ بالا ئېزىلىپ تۇرۇپ: «مېنىڭ.... ئەسلىدە.... بوكسيۇرچى بولغۇم بار ئىدى....» دەپتىكەن، يەۋاتقان تامىقىنى پۈركىۋېتىشتىن ئۆزىنى تەستە تۇتۇپ تۇرۇپ ئابلېكىمكام دەپتۇ: «ئۇكام، مۇشۇ تۇرقىڭىزدا سىز ئىككى قولى يوق بوكسيۇرچى بىلەن مۇشتلاشسىڭىز يېڭەرسىزمىكىن».
خەنزۇ تىلى ئۇگۇنۇش بەك مۇھىم توغرا ئۇگۇنۇش تىخىمۇ مۇھىمى بىر تال چىكىت چۇشۇپ قالسمۇ خەنزۇچە خەتنىڭ مەنسى ئۆزگۇرۇپ كىتىدۇ،
مەسلەن : 吐尔买买提(تۇرمەممەت) نىڭ بىر تال چىكىتى چۇشۇپ قالسا 努尔买买提(نۇرمەممەت) بۇلۇپ قالدۇ.
(دەرسخادا بولغان ئىش)