Turjun يوللانغان ۋاقتى 2009-3-2 21:58:03

توخۇ چۈجىسى بېقىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەسلى


 
 
    توخۇ  باقمىچىلىقىدا  چۈجە  بېقىش  ئىنتايىن  مۇھىم.  گەرچە  ھەممىلا  پەسىلدە  چۈجە  بېقىشقا  بولسىمۇ،  لېكىن  چۈجە  چىقارغان  پەسىلنىڭ  ئوخشىماسلىقىغا  قاراپ،  چۈجىلەرنىڭ  ئەي  بولۇش  نىسبىتى  ۋە  يېتىلگەندىن  كېيىنكى  ئەھۋالىدا  پەرق  بولىدۇ.  شۇڭا،  مۇۋاپىق  چۈجە  چىقىرىش  پەيتىنى  تاللاش  توخۇ  باقمىچىلىقىنىڭ  ئۈنۈمىنى  ئۆستۈرۈشنىڭ  ئالدىنقى  شەرتى.
    ئەتىيازلىق  چۈجە  3  -،  4  -  ئايلاردا  تۇخۇمدىن  چىققان  چۈجىلەر  ئەتىيازلىق  چۈجە  ھېسابلىنىدۇ.  بۇ  مەزگىلدىكى  ھاۋا  چۈجىلەرنىڭ  ئۆسۈپ  يېتىلىشىگە  پايدىلىق  بولۇپ،  ئەي  بولۇش  نىسبىتى  يۇقىرى  بولىدۇ؛  بۇ  چۈجىلەر  8  -،  9  -  ئايلاردا  توخۇم  تۇغۇشقا  باشلايدۇ.  بۇ  دەل  كونا  توخۇلار  تۇخۇم  تۇغۇشتىن  توختاپ،  جۇلغۇيدىغان  مەزگىل  بولغاچقا،  تۇخۇمنىڭ  بازىرى  ياخشى  بولىدۇ.  بۇ  توخۇلارنىڭ  تۇخۇم  تۇغۇشى  ئىككىنچى  يىلى  9  -،  10  -  ئايلارغىچە  داۋاملىشىدۇ.  لېكىن  ئەتىيازلىق  چۈجىلەرنى  بېقىش  تەننەرخى  نىسبەتەن  يۇقىرى.  
    ئەتىيازنىڭ  ئاخىرقى  مەزگىلىدىكى  چۈجە  بۇ  4  -  ئاينىڭ  ئاخىرىلىرىدىن  5  -  ئاينىڭ  ئوتتۇرىلىرىغىچە  تۇخۇمدىن  چىققان  چۈجىلەرنى  كۆرسىتىدۇ.  بۇ  مەزگىلدە  ھاۋا  ئىسسىپ  قالغاچقا،  چۈجىلەرنى  پەرۋىش  قىلىش  ئاسان،  ئەي  بولۇش  نىسبىتىمۇ  يۇقىرى.  چۈجىلەرنىڭ  بازار  باھاسى  نىسبەتەن  ئەرزان  بولغاچقا،  ياخشىلىرىنى  تاللاپ  سېتىۋالغىلى  بولىدۇ،  بېقىش  تەننەرخىمۇ  تۆۋەن  بولىدۇ.  بۇ  چۈجىلەر  9  -،  10  -  ئايلاردا  تۇخۇم  تۇغۇشقا  باشلايدۇ  ھەم  تۇخۇم  تۇغۇش  مەزگىلى  نىسبەتەن  ئوزۇن  بولىدۇ.  
    باش  يازدىكى  چۈجە  6  -  ئايدا  ھاۋا  ئىسسىق،  نەملىك  يۇقىرى  بولۇپ،  چۈجىلەرنىڭ  يېتىلىشىگە  پايدىسىز.  يەنە  كوكسىد  قۇرتى  كېسىلىنىڭ  پەيدا  بولۇش  نىسبىتى  يۇقىرى  بولۇپ،  چۈجىلەرنىڭ  ئەي  بولۇشىغا  زور  تەسىر  كۆرسىتىدۇ.  ئارقىدىنلا  تومۇز  يېتىپ  كېلىدۇ،  پاشا،  كۇمۇتىلار  چۈجىلەرنى  چېقىپ  ئارام  بەرمەيدۇ.  قىش  كىرگەندىن  كېيىن  ھاۋا  سوۋۇپ،  كۈن  نۇرى  چۈشۈش  ۋاقتى  قىسقىراپ،  تۇخۇم  تۇغۇشى  كەينىگە  سۈرۈلىدۇ.  ئادەتتە،  ئىككىنچى  يىلى  ئەتىيازدا  ئاندىن  تۇخۇم  تۇغۇشقا  باشلايدۇ،  تۇخۇم  تۇغۇش  مەزگىلى  ئاران  يېرىم  يىللا  بولىدۇ  ھەمدە  دەل  بازاردا  تۇخۇم  كۆپ  مەزگىلگە  توغرا  كېلىدىغان  بولغاچقا،  ئىقتىسادىي  ئۈنۈمىمۇ  يۇقىرى  بولمايدۇ.  
يازلىق  چۈجە  بۇ  7  -،  8  -  ئايلاردا  تۇخۇمدىن  چىققان  چۈجىلەرنى  كۆرسىتىدۇ.  ئىسسىق  ھاۋا  تەسىرىدىن،  ئۇرۇقلۇق  توخۇنىڭ  تەن  ساپاسى  تۆۋەنلىگەچكە،  تۇخۇمدىن  چىققان  چۈجىلەرنىڭ  ھاياتىي  كۈچىمۇ  ئاجىز  بولىدۇ.  پاشا،  كۇمۇتىلارمۇ  چۈجىلەرنىڭ  ئۆسۈپ  يېتىلىشىگە  تەسىر  كۆرسىتىدۇ.  چۈجىلەر  ئىككىنچى  يىلى  ئەتىيازدا  ئاندىن  تۇخۇم  تۇغۇشقا  باشلايدۇ.  تۇخۇم  تۇغۇش  مەزگىلى  قىسقا  بولۇپلا  قالماي،  يەنە  ئىقتىسادىي  ئۈنۈمىمۇ  يۇقىرى  بولمايدۇ.
    كۈزلۈك  چۈجە  9  -  11  -  ئايدا  تۇخۇمدىن  چىققان  چۈجىلەر  كۈزلۈك  چۈجە  ھېسابلىنىدۇ.  كۈزدە  ھاۋا  سالقىن،  قورغاق  بولغاچقا،  چۈجىلەرنىڭ  ئۆسۈپ  يېتىلىشى  تېز،  ئەي  بولۇش  نىسبىتىمۇ  يۇقىرى  بولىدۇ.  چۈجىلەر  ئىككىنچى  يىلى  ئەتىيازدىن  باشلاپ  تۇخۇم  تۇغۇشقا  باشلايدۇ  ھەمدە  تۇخۇم  تۇغۇش  نىسبىتى  نىسبەتەن  يۇقىرى  بولىدۇ.  لېكىن،  چۈجىلەر  تېخى  تولۇق  يېتىلىپ  بولمايلا  تۇخۇم  تۇغۇشقا  باشلىغاچقا،  تۇخۇمى  كىچىك  بولىدۇ.  يەنە  كۈز  كىرىشى  بىلەنلا  جۇلغۇپ  تۇخۇم  تۇغۇشتىن  توختايدۇ.  دېمەك،  تۇخۇم  تۇغۇش  مەزگىلى  قىسقا  بولىدۇ.
    قىشلىق  چۈجە  12  -  ئايدىن  ئىككىنچى  يىلى  2  -  ئايغىچە  تۇخۇمدىن  چىققان  چۈجىلەر  قىشلىق  چۈجە  ھېسابلىنىدۇ.  قىشتا  ھاۋا  سوغۇق  بولغاچقا،  چۈجىلەرنى  ئىسسىتىش  تەننەرخى  يۇقىرى  بولىدۇ.  يەنە  چۈجىلەر  ئۆيدە  بېقىلىدىغان  بولغاچقا،  كۈن  نۇرى  ۋە  ھەرىكەت  مىقدارى  يېتەرسىز  بولۇپ،  ئالاھىدە  پەرۋىش  قىلىشقا  توغرا  كېلىدۇ.  لېكىن،  چۈجىلەر  5  -،  6  -  ئايلاردا  تۇخۇم  تۇغۇشقا  باشلايدۇ،  ئەگەر  ياخشى  بېقىلسا،  شۇ  يىلى  جۇلغۇمايدۇ.  بۇنىڭ  بىلەن  تۇنجى  تۇخۇم  تۇغۇش  مەزگىلى  نىسبەتەن  ئوزۇن  بولۇپ،  بىر  قەدەر  يۇقىرى  ئىقتىسادىي  ئۈنۈم  ياراتقىلى  بولىدۇ.  
يىغىنچاقلىغاندا،  ئەتىيازدا  چۈجە  باقسا،  ئۈنۈمى  ئەڭ  ياخشى  بولىدۇ؛  شارائىتى  ناچارراق  ياكى  تەجرىبىسى  كەمچىل  بولسا،  ئەتىيازنىڭ  ئاخىرقى  مەزگىلىدە  چۈجە  باقسا  بولىدۇ؛  ئەگەر  ئەتىيازدا  چۈجە  بېقىشقا  ئىمكان  بولمىسا،  كۈزدە  باقسىمۇ  بولىدۇ؛  شارائىتى  ياخشى،  تەجرىبىلىك  باقمىچىلار  قىشتا  چۈجە  باقسا  بولىدۇ.


 

  شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى 1426-سان  

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2009-3-3 07:03:45

يىڭى تۇخۇمدىن چىققان  چۈجىلەرنىڭ چۇرۇقلىغان ئاۋازى بەك يىقىملىق ھە .

almashan يوللانغان ۋاقتى 2009-3-3 14:57:14

ھەممىدىن يېقىملىقى ئانىسىنىڭ قوغدىغان ھالىتى،ئادەمگە يانىدۇ ئەمەسمۇ

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2009-3-3 15:49:07

كىچىك ۋاقتىمدا قوغلاپ كېتىپ مېنى بەك قورقۇتىۋەتكەن . شۇڭا خېلى بىر چاغقىچە خورازدىن قورقماي مىكياندىن قورقۇپ يۈرگەن
بەت: [1]
: توخۇ چۈجىسى بېقىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەسلى