ھەي ئەركەك قېشىڭىزدىكى ئەخمەق ئايالنىڭ قەدرىنى قىلىڭ
ھەي ئەركەك قېشىڭىزدىكى ئەخمەق ئايالنىڭ قەدرىنى قىلىڭ
ئاياللار بەزىدە ھەقىقەتەنمۇ ئەخمەق،
بىر ئەركەكنى دەپ ئاتا - ئانىسىدىن كېچىپ، ئەرنىڭ ئانا - ئانىسىغا قارايدۇ.
ئەر كىشى ئۇنداق قىلمايدۇ.
ئاياللار بەزىدە ھەقىقەتەنمۇ ئەخمەق،
ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئەر كىشىگە بالا تۇغۇپ بېرىش ئۈچۈن، توققۇز ئاي توققۇز كۈن جاپالىق قورساق كۆتۈرۈپ ئەۋلاد قالدۇرىدۇ، مەيلى كېيىن بەدەن شەكلى ئۆزگۈرۈپ كېتەمدۇ ئۇنى ئويلىمايدۇ.
ئەر كىشىنىڭ ئۇنداق قىلىشى ھاجەت ئەمەس.
ئاياللار بەزىدە ھەقىقەتەنمۇ ئەخمەق،
ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمى ئۈچۈن، ئۆزىنى قوغلىشىۋاتقان بىر ماشىنا ئەركەككە قارىمايدۇ، پەقەت شۇ ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن مەڭگۈ بىللە ئۆتسىلا بولدى، ياشلىقى ئەنە شۇنداق ئۆتۈپ كېتىدۇ.
ئەر كىشى ئۇنداق قىلمايدۇ.
ئاياللار بەزىدە ھەقىقەتەنمۇ ئەخمەق،
ياخشى كۆرگەن ئادىمىنى دەپ ئەتتىگەندە ئىشقا بارغان، چۈشتە، كەچتە يەنە تاماق ئەتكەن، بالىغا قارىغان....
خىزمەت بېسىمى... ئائىلە بېسىمى....
لېكىن ئەر كىشى ئۈچۈن بولسا ئۆي ئۈچۈن پۇل تېپىشىپ بېرىدىغان بىر ئادەم ۋە ئايلىق بەرمەيدىغان بىر ئائىلە خىزمەتچىسى كۆپىيىدۇ.
ئاياللار بەزىدە ھەقىقەتەنمۇ ئەخمەق،
ياخشى كۆرگەن ئادىمىنى دەپ بىر ناتونۇش ئائىلىگە كىرىدۇ ۋە ئەرنىڭ تۇققانلىرىنىڭ تەنقىتلىرىنى ئاڭلاشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەردىن ئۆزىنى قوغداشنى كۈتكەندە بەزى ئەرلەر ھەتتا قوغداش ئۇ ياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە ئۆزى قارشى تەرەپكە ئۆتىۋالىدۇ....
ھەي ئەركەك!
ئەگەر سىزنىڭ قېشىڭىزدا مۇشۇنداق ئەخمەق ئايال كىشىدىن بىرسى بولسا سىز ئۇنىڭ دۆت ئېرى بولۇڭ، ئۇنى قەدىرلەڭ، كۆڭۈل بۆلۈڭ! ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئۇ ھەرگىزمۇ سىز ئۈچۈنلا تۇغۇلغان ئەمەس! ئايال كىشى ئەخمەقلا ئەمەس بەلكى بەك چىداملىق!
ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغاندا، سىزگە تەلمۈرگەندە، ياش تۆككەندە، ئۇنى قوغداڭ، كۆڭۈل بۆلۈڭ، ياشلىرىنى سۈرتۈپ قويۇڭ، شۇ كىچىككىنە ھەرىكىتىڭىز ئايال كىشىگە ھەددى ھېسابسىز خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ.
تېخىمۇ ئەستە ساقلاشقا تېگىشلىكى،
ئەر كىشى قېرىغاندا، ئاغرىغاندا سىزگە قارايدىغان، پوق سۈيدىكىڭىزنى تازىلايدىغىنى يەنە شۇ ياشلىقىڭىزدىن تارتىپ قېرىغىچىلىك قېشىڭىزدا تۇرىۋاتقان ئەخمەق ئايالىڭىز!!!
مەن ئىنكاس يازمىساممۇ بولغۇدەك ، مەندەپ بەشتە ياخشى نەمۇنىلىك ئەرگە بۇنى ئوقۇش بىھاجەتكەن .
شۇنداقمۇ؟ ئاپلا مەن تېخى ....


ھاھا..ھاھا....
ئەر-ئايال ئوخشاشلا ئەخمەق....
تۇرمۇشقا ئەخمەق بوپ ياشىغۇچىلارمىز....
ياشىغۇلارمىز --> ياشىغۇچىلارمىز
بۇ تېما ئەجەپ ياقتى دىسە.ھازىرقى ئائىلىلەردە ئاياللارنىڭ يۇكى ئەرلەردىن كوپ بوپ كەتتى .ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى تەرەپلىرىنى ئەخمەقلىق دەپتۇيا ؟ ئاياللىرىمىز كۆرۈپ يامىنىغا ماڭمىسۇن يانا؟ھىلىمۇ مىنىڭ ئايالىم ئىزدىنىشقا كىرمەيدىكەن بولمىسا سىلىمۇ شۇنچە قىلسام بىلمەي كىلىۋاتقان دەپ قاخشاركەنھە؟ھا ھا ھا .........

ئۇنىڭ كوڭلى يېرىم بولغاندا ،سىزگە تەلمۇرگەندە ،ياش توككەندە، ئۇنى قوغداڭ ،ئاسراڭ كۇيۇنۇڭ ياشلىرىنى سۇرتۇپ قۇيۇڭ ،شۇ كىچىككىنە ھەركىتىڭىز ،ئايال كىشىگە ھەددى- ھىساپسىز خوشاللىق ئېلىپ كىلىدۇ .
ھەقىقەتەن مۇشۇ كىچىككىنە تەسەللى تۇرمۇشنى تېخىمۇ گۇزەللىككە تولدۇراتتى ............................................................................................



ماتىما ھەقىقەتەن ئىسىل تىما بوپتۇ ... مەن شۇنداق دەپ قويغىنىم بىلەن ئۇنداق بەشتە ياخشى نەمۇننىلىك ئەر بولالمايمەن .. بەزىدە قاراپ تۇرۇپ ئويدىكىلەرنىڭ گىپىنى توغرا دىيشىم كىرەك. گەرچە مەندىن ياردەم تەلەپ قىلسۇمۇ .. ئوزنىڭ توغرا بولسىمۇ يەنلا شۇنداق دىيشىم كىرەك ......
ھازىر ئۇنداق ئەخمەق ئايال 50% قالدى . يەنە بىر نەچچە يىلدىن كىيىن ئاياللاردا ئۇنداق ئەخمەقلىق مەۋجۇت بولمايدۇ