man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2009-2-27 00:22:34

ئالتۇن ئوينامدۇق باللا؟

مەبلەغ سېلىپ پۇلىمىزنى "مىدىرلىتىپ" تۇرۇشنىڭ ئاماللىرى بەكمۇ جېق، مەسىلەن ئوي -  زىمىن ئېلىش، دۇكان ئېلىش، پايچەك، فوند، قەرەللىك مال ئويناش، زايوم ئېلىش،  ئامانەت قويۇش ۋاھاكازا دىگەندەك. شۇلارنىڭ باشقا يەنە ئالتۇن ئويناشمۇ خېلى بولۇپ قويىدىكەن. "ئوباماخۇن" <تەخت>كە ئولتۇرغاندىن كېيىن بۇ ئالتۇنمۇ خېلى ئوسەپ قويغان، بۇ نەچچە كۇندىن بىرى توۋەنلەپ بىر يەرگە چۇشكەن ئىدى، ھازىر ئورلەشكە باشلىغاندەك قىلىدۇ. شۇڭا ئالتۇن ئويناپ قويارمىزمىكىن دەپ ئاز-تولا بىلجىرلاپ باقاي دەيمەن.

مىنىڭچە ئارىمىزدا ئالتۇننى بىلمەيدىغانلار يوققۇ دەيمەن. ئەمما ماۋۇ بىز ئوينايدىغان ئالتۇن زەگەرلەر ساتىدىغان، خوتۇن- قىزلىرىمىز ئامراق "نەق" ئالتۇن ئەمەس بەلكى "قەغەز" ئالتۇن. قەغەز ئالتۇن دىسە قەغەزدەك نىپىز ئالتۇن ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلار، ئۇنداق ئالتۇننى ۋاراق ئالتۇن دەيمىز، تەڭگىدەك شەكىلدىكىنى تىللا دەيمىز، قوشۇقنىڭ دەستىسىدەكلىرىنى زىقچە ئالتۇن دەيمىز. قەغەز ئالتۇن دىگىنىمىز "مەۋھۇم" ئالتۇن، يەنى قەغەزگە ( ئەمىلىيەتتە كومپىيوتىردا" ھىساپ يېزىش شەكلىدە ئېلىم سېتىم  بولىدىغان ئالتۇن،  بۇنى زەگەر  بازىرىدا ئەمەس بەلكى ئالتۇن بازىرىدا ئوينايمىز.

خوش قەغەز ئالتۇننىڭ نىمىلىكىنى بىلىۋالدۇق، ئەمدى ئويناش قائىدىلىرىنى چۇشىنىپ باقايلى. ( توۋەندە ئالتۇن دىگەن ئۇقۇم <قەغەز ئالتۇن> دىگەننى كورسىتىدۇ!)

1. ئالتۇننى دولەت ئىچىدە گرامنى بىرلىك قىلىپ، خەلق پۇلىنى ئىشلىتىپ ئوينايمىز. (چەتئەللەردە قانداق ئوينايدۇ ئۇ ئوزىنىڭ ئىشى)

2. ئالتۇن بازىرى خەلقئارا بويىچە پەقەت بىر، ھەممىمىز ئوخشاش بىر بازاردا ئوينايمىز. يەنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ھەممە يەردە ئالتۇننىڭ باھاسى ئوخشاش، باھا ئوزگىرىش يولىنىشىمۇ ھەم ئوخشاش.

3. ئالتۇننىڭ تۇرى پەقەت ئىككى خىل، يەنى 99.99 لىك ۋە 99.95 لىك. باھا پەرقى جۇڭگودا 0.02 يۇەن ھەر گرام.

4. ئالتۇن ئوينىساق رەسمىيەت ھەققى چىقمايدۇ ( ماۋۇ ئوسۇرۇق گەپ بولاپ قالدى. جۇڭگودا رەسمىيەت ھەققى دىگەن ئىسىملىق ھەق ئېلىنمايدۇ، لېكىن سېتىش باھاسى بىلەن ئېلىش باھاسىدا ھامان 0.8 يۇەن ھەر گرام باھا پەرقى بار، يەنى سىز ئالغاندا ھەر گرامىنى 200 يۇەن دىن ئالدىڭىز، باھا 1 مىنۇت ئىچىدە ئوزگەرمىدى دەپ پەرەز قىلساق، سىز مۇشۇ باھا تېخى ئوزگەرمىگەن مۇشۇ 1 مىنۇت ئىچىدە بايا ئالغان ئالتۇننى ساتسىڭىز چوقۇم 199.20 دىن ساتىسىز، دىمەك گىرامىدا 0.8 يۇەن زىيان تارتىسىز. بۇ زىيان دەل سىزگە ئالتۇن ئوينايدىغان بازار بىلەن تەمىنلەپ بەرگەن ئورۇن ئالىدۇ. ئەمما بۇنداق بولۇشنى دولەت، قانۇن بەلگىلىگەن، ئەلھەكمولىللا دىمەي ئامال يوق)

5. بازار ھەپتىدە 5 كۇن، ھەر كۇنى 24 سائەت ئوچۇق. ( ئەمىلىيەتتە سىزگە بازار تەمىنلەپ بەرگەن ئورۇننىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ بۇ ۋاقىت ئازدۇر كوپتۇر پەرق بار، ھەممە سىز ھىس قىلغۇدەك، سىزگە توسالغۇ بولغۇدەك چوڭ ئەمەس)

گەپ ئۇزۇراپ كەتتى، بۆلۇپ دىسەم بولغۇدەك....

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2009-2-27 00:42:55

ئەمدى ئالتۇن ئويناش بىلەن پايچەك ئويناشنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى!

بۇ سېلىشتۇرۇش پەقەت مىنىڭ ھىس قىلغىنىم، چولتا بولاپ قالسا تولۇقلاڭ!

1. ئالتۇن بازىرىدا مالنىڭ تۇرى ئاز، پەقەتلا ئىككى خىل. خىللىماق ئاسان

پايچەك بازىرىدا بولسا بەكلا  جېق. خىللىماق بەسى مۇشكۇل.

2. ئالتۇننى خالىغان چاغدا ئېلىپ، خالىغان چاغدا ساتالايسىز.

پايچەكنى بولسا ئالغان كۇنى ساتقىلى بولمايدۇ.

3. ئالتۇندا ئۆسۇپ \ چۇشۇپ توختاش يوق. شۇڭا چۇشۇپ كەتسە ئالىدىغان ئادەمنىڭ بولماسلىغىدىن، ئوسۇپ كەتسە ساتىدىغان ئادەمنىڭ بولماسلىدىغان غەم يىمەيسىز.

پايچەكتە بولسا ئۇنداق بولمايدۇ، چۇشۇپ توختىغاندا ساتاي دەپمۇ ساتالمايسىز، ئالىدىغان ئادەم يوق. ئوسۇپ توختىغاندا ئالاي دەپمۇ ئالالمايسىز، ساتىدىغان ئادەم يوق.

4. ئالتۇن بازىرى چوڭ، ئوينايدىغان لار جېق، خەلقئارالىق بازار، ئۇنداق مۇنداق كۇچلەر كونتىرول قىلىپ كىتەلمەيدۇ

پاي بازىرى كىچىك، دولەت ئىچىدىكى بازار، دوكار، فوند شىىركەتلىرى قالايمىغان قىلسا قىلالايدۇ، سىياسەتچانلىغى كۇچلۇك.

5. ئالتۇن بازىرىدا  بازار ۋاقتى ئۇزۇن، ھەپتىدە  5 كۇن، ھەر كۇنى 24 سائەت.

پاي بازىرى ھەپتىدە 5 كۇن، ھەر كۇنى 4 سائەت.

6.  داۋامىنى سىز تولۇقلاڭ! خاتا بولسا توغرىلاڭ!

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2009-2-27 01:15:18

ئەستا ......پاينىڭ ئازابىنى ئەمدى ئۇنتۇشقا باشلىساق . پىرىۋوتقا سۆرەپ ئەكىرەمسىلە ئەمدى .

سىلىغۇ كەسىپ ئەھلى . شۇنداقتىمۇ پىرىۋوت بازىرىدا پاي بازىرىدىن بەك دىققەت قىلمىسا چاتاقتەك ھىس قىلىمەن . پىسخكىسى پىشمىسا . ئاز پۇلنى ياراتماي بىراقلا دۈم چۈشىدىغان بازار بۇ ....

كونىلارنىڭ ئۇسسۇلى يەنىلا بىخەتەرمىكىن دەيمەن

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2009-2-27 01:17:07

ئالتۇن ئويناپ پايدا ئالغىلى بولامدۇ؟

بايا دىگەندەك ئالتۇننى ئېلىپ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئوزىدىلا ساتسا گىرامىدا 0.8 يۇەن زىيان چىقسا، قانداق پايدا ئالغىلى بولسۇن دىگەن سوئال ھەممىمىزنىڭ كاللىسىغا كېلىدۇ.  ئويلاپ بېقىڭ، ئالتۇن ئېلىپ، باھاسى سىز ئالغان باھادىن 1يۇەن ئوسكەندىن كېيىن ساتسىڭىز گىرامىدا 0.2 يۇەن پايدا تاپىسىز، بۇ پايدا ئەمەسما؟ سىز دىققىتىڭىزنى بۇ 0.8 يۇەن گىلا قارىتىۋالماي، مۇنۇلارغا قاراڭ!

ئالتۇن ئويناش شۇ ئالتۇن نى ئېلىپ - سېتىش دىگەنلىك بولىدۇ. ئېلىپ - سېتىش بولغان ئىكەن چوقۇم پايدا زىيان مەۋجۇت بولىدۇ.

ئەمدى ئالتۇننىڭ باھا ئوزگىرىشىگە قاراپ باقايلى.

بۇ بۇگۇندىكى ئالتۇن باھاسىنىڭ كۇنلۇك ئوزگىرىش دىئاگراممىسى، ئۇرۇمچى ۋاقتى 26-فىۋرال كىچە سائەت بىردە خاتىرلەنگەن ئەڭ يۇقىرى باھا 210.10 يۇەن، ئەڭ توۋەن باھا 204.90 يۇەن، باھا پەرقى 5.20 يۇەن.

بۇ بولسا يېقىنقى ئۇچ كۇنلۇك باھا ئوزگىرىش  دىئاگراممىسى، ئۇرۇمچى ۋاقتى26-فىۋرال كىچە سائەت بىردە خاتىرلەنگەن ئەڭ يۇقىرى باھا 218.60 يۇەن، ئەڭ توۋەن باھا 204.90 يۇەن، باھا پەرقى 11.70 يۇەن.

بۇ بولسا يېقىنقى 30 كۇنلۇك باھا ئوزگىرىش  دىئاگراممىسى، ئۇرۇمچى ۋاقتى26-فىۋرال كىچە سائەت بىردە خاتىرلەنگەن ئەڭ يۇقىرى باھا 218.60 يۇەن، ئەڭ توۋەن باھا 195.00 يۇەن، باھا پەرقى 23.60 يۇەن.

بۇ بولسا يېقىنقى 365 كۇنلۇك باھا ئوزگىرىش  دىئاگراممىسى، ئۇرۇمچى ۋاقتى26-فىۋرال كىچە سائەت بىردە خاتىرلەنگەن ئەڭ يۇقىرى باھا 228.00 يۇەن، ئەڭ توۋەن باھا 158.00 يۇەن، باھا پەرقى 70.00 يۇەن.

خوش، يۇقارقى دىئاگرامما، سان - سىفىرلارنى كورەپ، يەنە پايدا ئالالمىغۇدەكمە دىسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ئوزىڭىزگە تولۇق ئىشىنىپ ئالتۇن بازىرىدىن يىراق تۇرۇڭ!

ھەرقانداق بىر مەبلەغ سېلىش ھەركىتى خەۋپ خەتەرگە بولغان بولىدۇ، چوقۇم ئىھتىيان بىلەن ئىش كورۇڭ!

ئەگەر تەۋەككۇل قىلىپ، سىناپ باقماقچى بولسىڭىز، ئەمدى كونكىرىت ئۇسۇللار بىلەن تونۇشىمىز!

داۋامىنى تاڭ ئاتقاندا ......  دىيشىلى

پىشقەدەملەر بولسا قوساقتىكىنى توككەچ تۇرايلى ... رەھمەت!

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2009-2-27 01:29:09

ئالتۇن بازىرى پىرىۋوت بازىرى بىلەن پەرقلىنىلىدۇ . ئىككىسى مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ يەنىلا نىسپى مۇستەقىل بولغان ئىككى بازار.

ئالتۇن بازىرى پىرىۋوت بازىرىغا قارىغان خەۋپ خەتىرى ئاز. چۇنكى بۇ ئالتۇن  بازىرىدا پىشاڭ يوق، 10 يۇەن 100 يۇەنگە ماڭىدىغان ئىش يوق. يەنە بىرسى قەغەز ئالتۇن نىڭ سانى ھەقىقى ئالتۇن نەق ئالتۇن بىلەن ماس قەدەمدە، ئاۋۇ فوند دىگەندەك قانچىلىك تارقاتسا بولىدىغان \"******\" نىڭ ئۇمىچى ئەمەس. يەنە بىرسى ئالتۇن دىگەن يەنىلا ئالتۇندە

يۇقارقىلار مىنىڭ شەخسى چۇشەنچەم، مەنمۇ ئىقتىساد دىگەن يانچۇقۇمدىكى پۇل دەپ چۇشىنىدىغانلاردىن ، مەكتەپ ئوقۇغۇنۇم بولسا 10=1+1 ، مەنمۇ شۇ سىلىدەك پاي بازىرىدا، فوند بازىرىدا سەت زىيان تارتىپ مۇشۇ بازارغا كىلىپ قالدىم شۇ ....

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2009-2-27 01:37:21

پىرىۋوتقا ئوخشاش ھىساپ ئاچامدا ؟  بانكىدىمۇ ئاچامدا ؟ مەبلەغ چېكى قانچىلىك ؟ ئۇخلىمىغان بولساڭلار جاۋاپ يېزىڭلار

كىرزىسنى ھەم بۇلاۋاتقان ئىشلارنى ئويلاپ ...ئاستا كونا ھۈنىرىمنى تاپتىم مەن ...ئاھ خۇدا .بىخەتەر پۇل تاپماق يامان تەسلىشىپ كەتتا ھازىر

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2009-2-27 02:11:02

مەخسۇس ھىساپ ئېچىش كەتمەيدۇ، گرامنى بىرلىك قىلىپ تۇرۇپ ئالىمىز، ئەڭ ئاز بولغاندا 1 گرەم سودا قىلساق بولىدۇ، بانكىغا بېرىپمۇ توردا تۇرۇپمۇ سودا قىلغىلى بولىدۇ. چوڭ بانكىلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن سودىسى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ، قارىسام بەزى شىركەتلەرمۇ شۇنداق قىلالىغۇدەك!

سىلىگە دىسەم قولۇڭلىدىكى قۇرۇلۇش بانكسىنىڭ كارتىسى بلەنلا تور بانكسىغا كرىپ ئئالتۇن ئويناشنى باشلىساڭلار بولىدۇ. 市场增开  قىلامدىكى شۇ، U قالقان بولمىسىمۇ ئويناۋىرىمىز !

Xman يوللانغان ۋاقتى 2009-2-27 08:32:48

ئۇندا بولسا تەپسىلىيراق ئاڭلايلى

mihir1 يوللانغان ۋاقتى 2009-2-27 10:13:33

فوند ئىلىپ زىيان تارتىپ ، قىمار بازىرىغا قارىمايمەن دەپ نىيەت قىلغان ئىدىم .  بۇ  ئادەمنى جىم تۇرغۇزمايدىغان تىمىغا قىززىقىپ قالدىم دىسە .

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2009-2-27 10:27:00

بىر گىرام ؟ ...ئۇنداق بولسا بولغىدەك ...بىر گىرامدىن سودا قىلىپ سىناپ باقسام بولغىدەك ...تەپسىلىراق يېزىڭلار ئەمىسە

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2009-2-27 10:33:10

مەنغۇ بۇنداق سودىلارغا قاتنىشىپ باقمىدىم ، لىكىن مەن ساراڭنىڭ تېمىسىنى ئوقۇپ باقسام بۇ خىل مەبلەغ سېلىشمۇ بولۇپ قويغۇدەك ، لىكىن ئالتۇننىڭ باھاسى چۈشىدۇ دىگەن گەپ بار ... ئاخىرى قانداق بولاركىن ، فوندتا شىيان تارتقانلار ، مۇشۇنداق چۈشكەن بازاردا ئوبدان تاللاپ ئېلىۋالساڭلار ، ئۇزۇنغا قالماي زىياننى تولدۇرۋالىسىلەر .

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2009-2-27 10:36:15

تېخى بالدۇر ...كىرزىسنىڭ شامىلى تېخى كۈرۈلمىدى جۇڭگۇدا ...خېلى ئۇزۇن مەزگىل كۈزىتىشكە توغرا كىلىدۇ

nijat يوللانغان ۋاقتى 2009-2-27 11:00:04

مەنمۇ  مۇشۇ پاي چېكى بازىرىدا خىلى زىيان تارتىۋىلىپ  يۈرگەن كۈنلەردە سودا - سانائەت بانكىسىنىڭ تور بانىكىسىغا قارىسام   贵重金属交易 دېگەن بىر يېرى باركەن ،  شۇ يەردە دېگىنى بويىچە بىر ھىساپ ئاچقان ئىدىم . شۇ چاغدا قارىسام 99.99 ئالتۇننىڭ ھەر بىر گىرامى 160 سوم ئەتراپىدا ئىدى.... ھەي ئېست شۇ چاغدا ئالماي سەل ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قاپتىمەن ..  ھازىر 210 سوم  ئەتراپىدا ئەمەسمۇ

NOKIA يوللانغان ۋاقتى 2009-2-27 11:43:12

گىرامىدىن پايدا ئەپ قالساك 2موچەنكەن ... مۇشۇ بۇيىچە ھېسابلىغاندا

10گىرامدىن 2كوي ، 100دىن 20كوي ،1000گىراممىدىن 200كوي ...... ۋاي بىركىلو ئالتۇندىن ....

ھەي گىرامىدىن ئوينىسا پايدا چىققان چىقمىغىنىنى بىلگىلى بولمىسا ، جىقدىن ئوينايلى دىسە يانچۇقتا پۇل بولمىسا ....

ئاخىردا 2*8=16 بۇلىدىغان ئىشمۇ نىمە ؟

ئەڭ ياخشىسى پۇلى جىقلار ئوينىسا بۇلىدىكەن ........ پايدا چىقسا ۋاق چىقىپ ، زىيان چىقسا قاس چىقىپ دىگەندەك!

mubarak786 يوللانغان ۋاقتى 2009-2-27 13:56:19

توردا ئىلىم  سىتىم قىلىش جەريانىنى تەپسىلىيراق چۈشەندۈرىۋەتمەمسىز . سەل قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن.

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2009-2-27 16:32:17

مەنمۇ پەيتىنى تۇتۇپ بىر گىرام ئەپ قويسام بولغىدەك

matu يوللانغان ۋاقتى 2009-2-27 17:36:37

چاقچاق قىلماڭلار ئاغىنىلەر ، ئۇزۇن ئۆتمەي سەت چۈشىدۇ ،100سومنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ كېتىدۇ ..

Watandax يوللانغان ۋاقتى 2009-2-27 18:59:19

قىرىنداشلىرىم، مەنمۇ خىلى بولدى مۇشۇ سودا بىلەن ھەپىلىشىپ كىلىۋاتقىلى. مەن سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ تور بىتىدە قىلىمەن. ئاساسەن مەن ساراڭ دىگەنگە ئوخشاش. بىراق ھازىر بۇ سودىغا كىرىدىغان پۇرسەت ئەمەس.

شۇڭا ئالدىراپ قالماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. قالغىنى تەپسىلىي پاراڭلارنى كوت-كوتتا دىيىشسەك بولىدۇ. 345110897

konamiltik يوللانغان ۋاقتى 2009-2-27 21:07:06

مەن قىزقىپ قېلىۋاتىمەن دېسە كاساپەتكە

ghalip1 يوللانغان ۋاقتى 2009-2-28 07:37:19

شۇ توردا ئالغان \"ئالتۇن\"نى بانكىدىن ھەقىقىي ئالتۇن قىلىپ شۇ پەيتتىكى باھاسىدا ئالالايمىزمۇ؟
بەت: [1] 2
: ئالتۇن ئوينامدۇق باللا؟