yusran يوللانغان ۋاقتى 2009-2-25 23:43:09

مۇھەببەت ئارمانى

مۇھەببەت ئارمانى            

-سەن بىلەن بىللە بولغان شۇ مىنۇتلارنى ئەسلەش..سېغىنىشتىن زىدە بولغان يۈرۈكۈمنىڭ بىردىبىر ئارامى     (كۈندىلىك خاتىرەمدىن)

    < كەچۈرۈڭ، بايام قولفونۇمغا قىممەت تولۇقلايمەن دەپ،  نۇمۇرنى دىققەتسىزلىكتىن خاتا كىرگۈزىۋېلىپ، سىزنىڭ قولفونىڭىزغا قاچىلىۋېتىپ قاپتىمەن. خاپا بولماي مېنىڭكىگىمۇ 100 سوم تولۇقلىۋېتەرسىز.... نومۇرۇم مۇشۇ نۇمۇر شۇ. >   قولفونۇمغا كەلگەن بۇ قىسقا ئۇچۇرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۇدۇلۇمدىكى كارىۋاتتىكى مەرھابا يوتقاننىڭ ئىچىدىن بېشىنى چىقىرىپ، <ئۇخلىمىدىڭما ؟ تېخى> دېدى.  <ياق، كىتاپ ئوقۇۋاتىمەن، سەنچۇ ، ئەپلىشىپ قالدىڭلارما؟ >  دېدىم ئاۋازىمنى ئاستا چىقىرىپ، باشقا قىزلارنى ئويغۇتىۋىتىشتىن ئەنسىرەپ.  < ۋاي.. ياقەي... تېخىچە دەپ بولالمايۋاتىمىز.. بىلىسەنغۇ ؟ رەپقەتنى. >  دېدى ئۇ، يوتقانغا بېشىنى پۈركەپ، تېلىفۇن سۆزلىشىشكە باشلىدى. تېلىفۇنۇم يەنە جىرىڭلىدى. كۆچمە خەۋەرلىشىش ئىستانسىنىڭ ئۇچۇرى < سىزنىڭ قىممەت تولۇقلىشىڭىز مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى. سىزنىڭ ھازىر قولفۇنىڭىزدىكى قالدۇق سومما136.7  سوم. يەنە ئىشلىتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز. >  < توۋا، راستكەندە،>  بايام كەلگەن ئۇچۇرنى بىرەرسىنىڭ قىلغان چاقچىقىمىكىن دەپ ، كارىم بولمىغان ئىدى. قولۇمدىكى كىتابنى قويۇپ قويۇپ، ئۇچۇر كەلگەن نومۇرغا قايتا قارىدىم، ھەقىقەتەن نومۇرىمىز بىر نومۇرلا پەرق قىلاتتى. < قانداق ھاڭۋاقتىدۇ بۇ ؟! ئۇچۇر خەنزۇچە يېزىلغان ئىدى.(ھەممىمىز خەنزۇچە يازاتتۇققۇ ئۇ چاغلاردا) ئۇيغۇرمىدۇ ؟ > دەپ ئويلاپ تۇرسام يەنە بىر ئۇچۇر كەلدى.< ئۇچۇرۇمنى تاپشۇرۋالغان بولسىڭىز، قايتۇرۇڭ. >  نىمە بالا قالدىم، يېرىم كېچىدە.  ،< تاپشۇرۋالدىم > مەنمۇ خەنزۇچە يېزىپ قايتۇرۇپ قويدۇم. شۇ زاماتلا قايتۇردى.. ھى ھى 100 كوي يامان يەردىن چىقىدۇ جۇمۇ.... < ئەمىسە سىزمۇ ئەتىگىچە قولفونۇمغا قاچىلاپ قويارسىز. رەھمەت >  ۋاي .. بۇيرۇقلىرىدىن ئۆرگىلەي مانىڭ... < قاچىلىمايمەن >  دەپ قايتۇردۇم... مەن قاچىلاپ قوي دىگەندەك 100 كوينى.. نىمە كارىم.. قولفونۇمنى ئېتىۋەتتىمدە.. كىتاۋىمنى ئالدىم...
   مەرھابانىڭ رەپقەت بىلەن دېيىشكەن گەپلىرى قۇلۇقۇمغا ئاڭلىنىپ تۇراتتى، خىيالىمنى باشقا ياقلارغا بۆلسەممۇ، ئىختىيارسىز ئاڭلاپ قالاتتىم.. ( ئەمەلىيەتتىغۇ ئۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ھەممە ئىشلار بىزنىڭ ياتاقتىكى قالغان 5 قىزغا سىر ئەمەس..)

   مەرھابا ئىككىمىز ئالىي مەكتەپ تەييارلىق سىنىپىدىن باشلاپلا بىر ياتاقتا يېتىپ كېلىۋاتىمىز. 3يىلدىن ئېشىپتۇ، باشقا قىزلار بىلەن كەسىپكە چىققاندىن كېيىن بىر ياتاقتا ياتقان.. ئۇنىڭغىمۇ 2يىلدىن ئېشىپتۇ.. ۋاقىت نىمە دېگەن ئىتتىك ئۆتكەن .. مەرھابانىڭ يېڭى ياتاققا كىرگەن ھالىتى مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئۇ چاغدا ھەممىمىز يېڭى ئالىي مەكتەپكە كىرگەن، ھەر يەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار، يېڭى مۇھىت يېڭى ئادەملەر.... ياتاققا كىرگىنىمدە.. مەرھابادىن باشقا قىزلار كېلىپ بولۇپتىكەن..بىرەر قۇر سۇس سالاملاشقاندىن كېيىن نەرسىلىرىمنى يىغۇشتۇرۇشقا باشلىدىم.. كارىدور ئۈپۈر - دۈپۈر بولۇپ كەتتى، كەينىدىنلا بىزنىڭ ياتاقنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، قوللىرىدا ھەر خىل چوڭ - كىچىك يۈكلەر، يەشىكلەر، مەكتەپتىن بىر تۇتاش تارقاتقان ئورۇن - كۆرپە، داس - جاۋۇرلارنى كۆتۈرۈپ، مۇشۇ مەرھابا بىلەن ئاپىسى ۋە چوڭ ئاپىسى، ئىنىسى كىرىپ كەلدى... ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزىدىن قازاقتەك قىلاتتى. بىز بىلەن مۇندالا كۆرۈشۈپ قويۇپ، نەرسىلىرىنى يىغۇشتۇرۇشقا باشلىدى.. < ۋايجااااااااان ، ئەمدى ھەممىمىز ئۇيغۇركەنمىز دەپ خوش بولسام، قازاقتىن بىرسى كىردۇغۇ ئەمدى > دېدى يېنىمدىكى ئاۋاققىنا كۇچالىق ئايشەمگۈل دېگەن قىز....  مەرھاباغا سەپ سېلىپ قارىدىم... ئاپىسى مەرھابا ، مەرھابا دەپ شۇنداق ئۇرغۇلۇق، تولۇق چاقىراتتى... < قازاق ئەمەس جۇمۇ بۇلار > دېدى،،يەنە بىر قەشقەرلىق قىز ئالىيە....

   چېچى ئۇزۇن، لېكىن شۇنداق ئاز ھەم جانسىز، پادىچىلار ئىشتىنى كىيىۋالغان، ( ئۇ پادىچىلار ئىشتىنىنى ھازىرمۇ ئانچە - مۇنچە دەپ جىلە قىلىپ قويىمەن....)ئۇ ئىشتان.. ئەمما ئىشتاندەكلام ئىشتانتى جۇمۇ.. ئۈستى چىڭڭىدە، ھەر خىل گۈللەرمۇ ئىشقىلىپ بىر نۇسخىلار ئىشلەنگەن، ئارقا يانچۇقىدا يوغان بىر قولنىڭ سۈرىتى بار... پۇشقىقى شۇنداق كەڭكىن، مەرھابانىڭ ئايىقىنى كۆرۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس،ماڭسا پۇشقاق يەرنىمۇ تەڭ سۈپۈرۈپ ماڭاتتى.. ئۈستىگە قارىماققا سولياۋغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل رەختلىك چاپان كىيىۋالغان، ( كېيىن شۇنداق دېسەم ماڭاۋاي .. ئۇ دېگەن خۇرۇم چاپان دەپ تۇرۇۋالدى كاساپەت... ) چاپىنىنىڭ ئالدى سېرتمىسى كىچىكلا ئېتىلگەن، چاپاننى ئارقىغا بەك ئىتتىرىۋەتكەچكە، ئالدى قىسقا ئارقىسى ئۇزۇن بولۇپ قالغان ئىدى. كۆزلىرى كىچىك، ئاغزى يوغان، تېرىسى راستلا قازاق قىزلىرىدەك قىپقىزىل بۇ قىزنى قانداقلا قىلىسامدۇ، ئاپىسى بىلەن بىر يەردە قويالمىدىم، ئاپىسى بەكمۇ چىرايلىق ئايالكەنتۇق... زىلۋا ، بويلىرى ئېگىز، يۇزلىرى ئاپئاق، كۆزلىرى يوغانغىنە، چېچىمۇ شۇنداق ئۇزۇن ھەم توم..قوللىرىغا قارىمىسىڭىزلا يېشىنى پەرەز قىلىشىڭىز تەس. لېكىن قوللىرىدىن بەكمۇ جاپا تارتقان ئايالدەك تۇراتتى.. خۇددى مومامنىڭ قوللىرىغا ئوخشاش. ئاخىرى چوڭ ئاپىسى تونۇشتۇرۇش ئېلىپ باردى.. ئۇ موماي شۇنداق جانلىق ئىدىكى ، تېخى گىرىممۇ قىلىۋالغان ئىدى،، ( يامان يېرى ئاغزىمۇ سەل بېزەپ ئىكەنتۇق.. ھى ھى ) .. < بۇ قىزىمنىڭ ئىسمى مەرھابا، بىز ئالتايدىن. بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى چىقىشىپ ئۆتۈڭلار ..> ( پۈتۈنلەي قازاق تەلەپپۇزى ئىدى.. بولمىسا خېلى جىق گەپ قىلغان، مېنىڭ ئاڭقىرالىغىنىم مۇشۇنچىلىك ئىدى ) .

ھەممىمىز بىرەر قۇردىن < شۇنداق قىلىمىز.. بىر ياتاقتا بولغاندىن كېيىن > دېيىشىپ كەتتۇق... كېيىنغۇ ، ئاستا - ئاستا بىلىپ كەتتۇق قازاقچىنىمۇ... ھە راست.. ئۇلار پۈتۈنلەي ساپ ئۇيغۇركەن.. لېكىن قازاق تەسىرى بەك كۈچلۈك.. گەپ قىلىش.. ماڭاسالە، ئېتاسالە، توكنى ئۆچۇرەسالە، ۋايۋۇي ئۇ سالەلىرىنىڭ جىقلىقى.. (قىلىۋەت ئېتىۋەت دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارقىسىغا سالە نى قوشۇۋالاتتى.  ھازىر مودا سۆزلەيدىغان بولۇپ كەتتى.. دوراپ قويسام نەدە ئۇنداق دەپ قويىدۇ تېخى) . يەنە نىمۇ.. ھە ، ساقلاش دىگەننى توساش دەيتتى.. مەسلەن .. سېنى ئالدى دەرۋازىدا ساقلايمەن دىمەكچى بولسا، سېنى ئا بارغۇي ئالدە داۋۇزدە توسۇيمەن.. دەيتتى.. مەن ئىشقىلىپ ئۇيغۇرچىنى زېرىكمەي - تېرىكمەي ئۆگىتەتتىم... جېكسۇرۇن ( ساراڭ دېگەن گەپ ) دەپ تىىلاپ قوياتتىم. بەزىدە... ئۆزىمۇ بەك ئىتتىك كۆندى، تېخى ئۇيغۇرچە ناخشىلارنىمۇ خېلى ياخشى ئېيتىدىغان بولۇپ كەتتى... خەنزۇچە، قازاقچە دېگەننى ھازىرقى باللارنىڭ گېپى بويىچە.. < تىتىۋېتىدۇ. > ئۇيغۇرچىنى < تىتالمىسىمۇ، يىتىۋېتەلەيدۇ>... . بۇلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي ئانچە ياخشى ئەمەس. شۇڭا ئۆيدىكىلىرى پۇلنى ئاز، يەيدىغان نەرسىلەرنى جىق ئەۋەتىپ بېرەتتى.. < نامراتنىڭ ئېشى چىشقا دورا > دەپ .ھەممىمىز مۇشۇنىڭ نېنىغا ئامراقتۇق... ئۇ تولاراق تاماققا چىقماي، نان بىلەن ھەرخىل سېرىقماي، ئاقماي، سۈزمە، تالقانلىرى بىلەن چاي ئىچەتتى..مەن تاماقنى ئالاتتىمدە، ياتاققا كېلىپ تاماقنى ئۇنىڭغا بېرەتتىم.. ئۆزەم ئۇنىڭ نەرسىلىرى بىلەن ھوزۇرلىنىپ چاي ئىچەتتىم...ئۇمۇ خوشال بولاتتى. قوساققا كەلگەندە، ھەرگىز نازلانمايتتى.. ئۆزىمۇ ئۇستىخانلىق، بەدەن قۇرۇلۇشى شۇنداق چىرايلىقتى.. بىز ئۇنى ياتاقتا ( تا ھازىرغا قەدەر ) ئوغۇل بالىدەك كۆرەتتۇق،، بىر نەرسىلەرنىڭ ئاغزىنى ئاچالمىساق، ئېگىز يەرلەرگە قولىمىز يەتمىسە، قېتىپ كەتكەن نانلارنى ئۇشتۇيالمىساق.. مەرھابا.. دەيتتۇق.. ئۇ كېلىپلا بىر تەرەپ قىلىۋېتەتتى.. مەن تېخى پاتپاتلا مېنى كۆتۈرۈپ قويە دەپ تۇرىۋالاتتىم....

   ئۇنداق چاغلاردا مېنى كۆتۈرۈپ شۇنداق پېقىرتىۋېتەتتى... شۇنىڭ بىلەن باشقىلارمۇ.. < ماخا..ماخا..> دېيىشىپ كەينىدىن يۈگرەيتتى... ھە.. راست.. بىر گەپنى دېيىشنى ئۇنتۇپتىمەن... بۇ ئالتايلىق قىزلار بەك قىززىق دەيمەن... مەرھابانىڭ بىر مۇنچە دوستلىرى بار.. بىللە ئوقۇغان... بىر - بىر سىدىن چىرايلىق.. باھارگۈل، شاھادەت، نۇرجەھرە،، ئىشقىلىپ جىقلا قىزلار... بۇ ساراڭلار بىر چىرايلىق ئىسمىنى ئاتاشماي... <ماخا، باخا، شاخا، نۇنۇ،>، دەپ ئاتىشىدۇ... ئارىسىدا ئەڭ چىرايلىقى شاھادەت ئىسىملىك قىزتى.. مەن ئۇ قىز بىلەن ئالىي مەكتەپ تەييارلىق سىنىپىدا بىللە ئوقۇغان... تېخى پارتىداشتۇق.... شۇ چاغلاردا شاھادەتنى قوغلىشىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەنتى، دېمىسىمۇ بەك چىرايلىقتى.. مىجەزىمۇ بەك تۈز.. خېتى مانا ئەڭ چىرايلىقتى كاساپەتنىڭ جۇمۇ.. ھەر سائەت تەنەپپۇستىن چۈشۈپ قارىسىڭىز بىر توپ ئوغۇللار بويۇنلىرىنى سوزۇپ قاراپ كېتەتتى سىنىپقا.... ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاشكارا قوغلاشقانلار، كۆيۈپ يۈرگەنلەر، ۋايۋۇي جىقتى... تېخى مېنى ئۇنىڭ بىلەن يېقىنكەنسىز دەپ ( ئارقا ئىشىك ) قىلىپ كېتەتتى.... شاھادەت ئۇلارغا شۇنداق تەبئىي مۇئامىلە قىلاتتى... قازاق شەھرىدە چوڭ بولغاچقىمىكىن،، ئانچە تارتىنىپ كەتمەيتتى.. ھە مەرھابانىڭ گېپى بويىچە ئالتايلىق قىزلار ناز قىلىشنى بىلمەيتتى.. دېمىسىمۇ،،، ئۇ شاھادەت ھەممە بالىلارغا ئوچۇق قىلىپ < ئالتايدا يىگىتىم بار .. نۇرئەلى..>  دەپ رەسىملىرىنى كۆرسىتىپ يۈردى.. بىر مەزگىلدىن كېيىن بۇ ئىشلارمۇ پەس كويغا چۈشتى.. لېكىن ئۇ نۇرئەلى دېگىنى باشقا بىرسىنى تېپىۋېلىپ ، مۇشۇ يېقىندا......... شاھادەتنى داغدا قويدى دېسە.....

     ھە گەپكە قايتساق.. باشقا قىزلار مەرھابانى < ماخا > دەپ چاقىرىدۇ... لېكىن مەن پەقەت كۆنەلمىدىمغۇ، تاڭ.... بىر ئاتۇشلىق قىز باتتى،، تۇرسىناي دەپ، قەتىئي يېڭىلىق قۇبۇل قىلالمايدىغان..  پادىچىلار ئىشتىنى كىيىپ يۈرسەك ( تېخى شۇنداق ئاددىلىرىغۇ بىزنىڭ كىيگىنىمىز. مەرھابانىڭ ھېلىقى ئىشتىنىدەك < ئادەم ئۆلتۈرىدىغان>لىرى ئەمەس) < تەخەيدەك قىلىشىپ> دەپ كېتەتتى. ( ھازىرغۇ .. پادىچىلار ئىشتىنى پادىچىلار چاپىنى.. ئىشقىلىپ موتۇسېكىلىت مىنىدىغانلاردەك قىلىپ يۇرۈيدۇ ) شۇ قىز جېنىدا.. مەرھابا دېگەن ئىسمىنى ئۇنتۇپ كەتكەندەكلا.. < ماخا > دەپ چاقىرىدىغان بولۇپ كەتتى... ماڭا بەلكىم .. بىرىنچى قېتىم مەرھابانىڭ ئاپىسى ئۇنى  < مەرھابا > دەپ شۇنداق تولۇق ، چىرايلىق ئاتىغىنى بەك تەسىر قىلغان بولسا كېرەك،،، شۇڭا... ھازىرغا قەدەر مەرھابا دەيمەن...  ئۇمۇ مېنى ئالاھىدە كۆرىدۇ... تازىلىق قىلىش نۆۋىتى ماڭا كەلگەندە... خوشياقماي بىر يەرلەرنى سۈرتىۋاتسام.. يېنىمغا كېلىپلا... < ئەكەگىنە.. ئىچىمنى بەك پۇشۇرۋەتتىڭ ... مۇنداق مۇنداق قىلمامسەن،،> دەپلا شاق - شۇق قىلىپ ھەممە يەرلەرنى پاك - پاكىز تازىلىۋېتەتتى.... مەن بىر ياندا كەينىگە ئەگىشىپ يۈرۈپ گەپ قىلىپ بېرەتتىم.... < قانداق قىلارسەن.ئەگە تەگسەڭ.. مۇشۇنداق قىلىپ... مەندەك ئادەم بولسام .قوڭاڭغا تېپىپلا چىقىرىۋېتىمەن .. ئۆيدىن > دەپ خاپىمۇ بولۇپ قوياتتى..... < ۋاي .. ئۇ چاغقىچە ئۆگىنىپ .. ئاتتەك بولۇپ كېتىمەن >  دەيتىم... يەنە بىر گەپ چىقتى < ئات > دەپ.. بۇ گەپنى بىز شۇ ۋاقىتتا ياتاقتا ئىجاد قىلغان ئىدۇق. . نېمىسى نېمە بولغان ئىشقىلىپ.. گۈزەلنۇر دەپ يەنە بىر قىز باتتى... پوسكام نېفىتلىك.. شۇ، مەن، مەرھابا ،، ئايشەمگۈل ( بايا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن كۇچالىق قىز شۇ... ئۇ توغۇرلۇق ئايرىم توختىلىمەن .. ئۇ بىر دۇنيا ... ھە)  شۇ 4ىمىز گەپ قىلىپ ئولتۇرۇپلا، ئات دېگەن گەپ چىقتى.... شۇنىڭ بىلەنلا كەينى - كەينىدىن ئاتتەك ياخشى.. ئاتتەك ماز، ئاتتەك چىرايلىق... دەپ سۆزلەپلا كەتتۇق.  شۇنىڭ بىلەن بۇ سۆزمۈ بەك تېز ئۇمۇملاشتى (مەركەزدىن كەلگەن سادالارمۇ ئۇنداق ئىتتىك بولماس ).. پۈتۈن بىزنىڭ قەۋەتتكى قىزلار، سىنىپتىكىلەر ، ھازىرقى مۇشۇ ياتاقتىمۇ  سۆز ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.... مەسلەن.. بىرسى ئولتۇرۇپلا  < ۋاي بۈگۈن دېمەيسىلەر.. بىر توردىشىم بىلەن كۆرۈشكەنتىم.. ئاتكەن جۇمۇ ئاتكەن >  دەيتتى،، < ئات >  نى تەلەپپۇز قىلىشىغا قاراپلا... ئۇ توردىشىنىڭ بەك قاملاشقان ئىكەنكىنى بىلىۋالاتتۇق... ھەرخىل ھەريەرگە ئىشلىتىۋېرەتتۇق..... < تالا ئاتتەك سوغ جۇمۇ > < بۈگۈن تاپشۇرۇق ئاتتەك جىق > < ۋاي ئاداش، ئاتتەك بولۇپ كېتىپسەن >  ئىشقىلىپ بىر خىل ئاشۇرما دەرىجە سۈپەتلەشتى ئۇ < ئات > مۇنداچە ئىيتقاندا،،،، شۇڭا ھازىرمۇ باشقا ياتاقنىڭ قىزلىرى ،، بىزنىڭ 418 نى < ئاتلار > دەپ قويىدۇ.....

      بەزىدە ئىچىم ئاغرىيدۇ ،، مەرھابا غا... ماڭا دەپ بېرىشىچە.. دادىسى ئىچكى مۇڭغۇلدا تىجارەت قىلىمەن دەپ ، زىيان تارتىپ كېتىپ ،، شۇ پېتى ئۆزىنى ئوڭشىيالماپتۇ.. كۈندە ھاراق ئىچىدىكەن.. ئاپىسى بىچارە.. ھەر كۈنى راڭپىزا پىشۇرۇپ كەچلىك بازاردا ساتىدىكەن.... مەرھابا مۇ پىشۇرالايدىكەن ،، مەكتەپتىن چۈشۈپلا ، ئۆيگە بېرىپ مەخسۇس راڭپىزا پىشۇرىدىغان ئۆيى باركەن. ( بۇلارنىڭ قورۇ - جايلىرى بەك يوغانكەن.. بىزنىڭ ئۆيگە نەچچە قېتىم بېرىپ ياراتمىدى،150m2 ئۆينى.. كىچىككەن ھەي بۇ ئۆيۈڭلار دەپ ) شۇ ئۆيگە كىرىپ بىر پىشۇرسا كەچلىك بازار بولغۇچە پىشۇرىدىكەن.. ئاندىن ئاپىسى بىلەن ئۇ يېرىم كېچىگىچە سېتىشىپ بېرىپ ،ئاندىن ئۆيگە قايتىدىكەن.. ئەتىسى ئەتىگەندە  (بەك سەھەر قوپىدۇ.. تېخى بەزىدە ناماز ئوقۇپ كېتىدۇ.. تۈنەش دەيدىغان بولسا باشىسى... ) تۇرۇپ پۈتۈن ئۆيلەرنىڭ مەشلىرىگە ئوت سالىدىكەن .. تېخى نىمە دەيدۇ.. < قانچە ئەتىگەن قوپسام شۇنچە ياخشى دېگىنە،، بولمىسا دادام كەچتە مەس كىرىپلا خۇدىنى بىلمەي ئۇخلايدۇ،، سوغۇقتا توڭلاپ قالمىسۇن دەپ ... ھەممە ئۆيلەرگە ئوت سالىمەن > بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۆزەمنى خۇددى كۈلقىزنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم... بەزىدى كۆزۈمدىن ياشمۇ چىقىپ كېتەتتى.. لېكىن، مەرھابا بەك غەيرەتلىك.. ئۈمۈدۋار.. سىز ئويلاپ بېقىڭ..21-ئەسەردە مۇشۇ كۈندە ئالىي مەكتەپتە بىر ئاينى 150سوم بىلەن ئوقۇش مۇمكىنمۇ ؟  ... ( ئۇ پۇل تاماق، پارچە راسخوت، كىيىم - كېچەك ھەممىسى بولدى ) ئۆيىمىز ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ.. بىزگەبىر ھەپتە يەتمەيدۇ .. لېكىن ئۇ يەتكۈزىدۇ.. توۋا دەيمەن .. ئىشقىلىپ خەقتىن كېيىن قالمايدۇ... ھە راست.. ئۇ يەنە سورۇنلارنىڭ گۈلى... بىر يەرگە بېرىپ ئويناپ كەلمەكچى بولساق.. < مەرھابا بارامدىكەن ؟> دەيمىز... قازاقچە، ئۇيغۇرچە ،تاتارچە،، ئۇسسۇل دېگەننى ئاتتەك  ئوينىۋېتىدۇ.... تاڭسىلارغا كەلگەندە قىزلار تالىشىپ كېتىمىز  < ئاداش ماۋۇ قول مېنى ھە دەپ > ئۇمۇ ھەممىمىزگە تەڭ مۇئامىلە قىلىپ ئۈلگۈرىدۇ... ناخشىلارنى ئېيتىپ قويىدۇ.. ئەمما.... ئاڭلىمىغانلار ئارماندا دېگەندەك.

     ھازىر ئۇ بۇرۇنقى مەرھابا يوق.. چاچلىرىنى كېسىپ بۈدرە قىلدى.. سېرىقراق بىر رەڭدە چېچى .. شۇنداق يارىشىملىق .. دېگەنتىمغۇ.. بەدەن قۇرۇلۇشى بەك چىرايلىق دەپ. ئەرزان ( تېخى بىز كىيمەي ياراتماي تاشلىۋېتەيلى دېگەن كىيىملەرنى بىر ياڭزا قىلىپلا ئۆزگەرتىپ كىيىۋالىدۇ.. ھەيران قالىمەن )  كىيىملەرنى كىيسىمۇ شۇنداق يارىشىدۇ...... ئىشقىلىپ بۇ نەچچە يىللاردىن بۇيان مەرھابا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ، بۇگۈنكى بۇ چىريلىق ھالىتىگە كەلدى.. لېكىن مىجەزى يەنىلا بۇرۇنقىدەك.. شۇنداق خۇشئاۋاز....... بىزنىڭ سىنىپتىكى ئوغۇللار  ( بىر نەچچىسىدىن باشقا )  قىزلار بىلەن خوشى يوقلار ، بەلكىم ماتىماتىكا كەسپى شۇنداق قىلىپ قويدىمىكىن ،يا بۇرۇندىن تارتىپ شۇنداقمۇ ئىشقىلىپ بىز زولاپ گەپ قىلساقمۇ ئانچە گەپ قىلىپ كەتمەيدۇ... ئۆزىنىڭ يۇرتداشلىرى.. ۋە ئۆزىگە ئوخشاش ماتىماتىكا ئۈچۈنلا تۇغۇلغان بىر نەچچە قىزلاردىن باشقا قىزلارغا ئۇدۇلمۇ - ئۇدۇل كېلىپ قالساقمۇ گەپ قىلمايدۇ دېسە.... توۋا... ( كېيىن بىلدۇق سىنىپ باشلىقىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى نەتىجىسىدە،،. ئەسلى ئۇلار بىزنى ھاكاۋۇر، ھالى چوڭ دەپ گەپ قىلمايدىكەنتۇق...)  لېكىن شۇ ئوغۇللارمۇ مەرھاباغا ئامراقتى... تېخى < ماخا > دەپ چاقىرىپ كېتىشلىرى باتتى...... بىزنىڭ بۇ ھازىرقى ياتاقتىكى قىزلارنى سىرتتىن كۆرسىڭىز ھەرگىز ماتىماتىكىنىڭ قىزلىرى دېمەيسىز... قاچانلا قارىسىڭىز كۈلۈپ، ئويناپلا يۈرگەن .. مەيلى گەپ - سۆز، كىيىنىش قاتارلىقلاردا بولسۇن.. زاماننىڭ ئالدىدا..ئىمتىھانلىرىمىزمۇ جايىدا..... ھەممىسى ھەۋەس قىلىدۇ....

(داۋامى بار )    رۇخسەتسىز كۆچۈرۈلمىسۇن

yusran يوللانغان ۋاقتى 2009-2-25 23:47:37

  ئاخشام خىيال سۈرۈپ يېتىپ  قاچانلاردا  ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن...<ۋايجااااااااااان،،ئۇيقۇم قانمىدى مېنىڭ قىزلار  > دېدىم ئېرىنچەكلىك بىلەن ئەسنەۋېتىپ. < ھە بولدى خېنىم،،نىمە دىمەكچى..دەرسكە چىقماسلىقنىڭ قازىنىنى ئاسماقچىما؟ ئاتتەك بولە ..چۈشە چاققان...تاپشۇرۇقنىمۇ ئىشلىمىگەنسەن ( توغرىراقى كۆچۈرۈپ بولمىغانسەن ) ھە قاچان ؟!!> دېدى بىر ياقتا ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق كۆچۈرۋاتقان مەرھابا. < يا.. مەن بىلمىسەم....> دېدىم بوينۇمنى تاتلاپ. < بۇ مالىمنىڭ دەرىسىگە چىقىپ باقمىدىڭغۇ؟ دەيمەن سەن ھە!!!> دېدى بىزنىڭ مۇشۇ ياتاق بويىچە دەرسكە تولۇق چىقىپ، بىزنى سىنىپتىكى ئەھۋاللاردىن تولۇق خەۋەردار قىلىپ تۇرىدىغان ، غۇلجىلىق قىز كامىلە. < ۋاي ! ئۇندامۇ دەپ كەتمە ئاداش..چىقتىمغۇ ،،ھېلىقى كۈنى..كىنو قويۇپ بېرىمىز دېگەندە..> دېدىم تومشۇقۇمنى سوزۇپ....

     سىنىپ بويىچە دەرس  تاشلايدىغان بىزنىڭ ياتاقنىڭ قىزلىرى...ياتاق بويىچە ئەڭ كۆپ تاشلايدىغىنى ھى ھى مەن. ئەسلىدە بەك تولۇق قاتنىشاتتىم. سىنىپنىڭ ئەھۋالى ھېلىقىدەك ..بىر توپ ئۆزلىرىنى پىراففېسور چاغلايدىغانلار ..بىرىنچى رەتتە تىزىلىپ قاتار ئولتۇرىدۇ...ئەتىگەن چىقىپ ئورۇن ئېلىشىپ كېتىدۇ..بىر كۈنى زادى ئۆزەمنى باسالماي...< ھەي..ئۇنداق ئەتىگەن چىقىپ ئورۇن ئېلىپ ، بىرىڭلار بۇ يەردە پوستا تۇرمىساڭلارمۇ..ھېچكىم تالاشمايدۇ بۇ ئورۇننى...> دەۋېتىپتىمەن...<.ب سىنىپنىڭ باللىرى تالىشىدۇ > دەيدۇ...2سىنىپنىڭ بالىلىرى جىق بولساق 60قا بارامىز....مۇشۇ چوڭ سىنىپنىڭ ئالدىدىكى ئورۇنلىرىدا ياتسىمۇ يېتىدۇ ئۇلارغا...توۋا دېمىسە( تاققا ئوينىغىلى چىققاندا قارىسام دەرسلىك كىتاپ كۆتۈرۋاپتۇ، نىمە دەيسىلەر بۇنىڭغا.) ...ئاشۇنداق ئۆگىنەمدا..مەۋسۈم ئاخىرىدا قارىسىڭىز ھېلىقى < ئاتام ئىيتقان بايىقى >، بىزدىن جىق پەرقلەنمەيدۇ.. شۇڭا ئۇ سىنىپنى كۆرسەملا . ئالدىدا مۇئەللىملەرگە ھومۇيۇپ قاراپ ئولتۇرغان ئاشۇلارنى كۆرسەم ..كەيپىم ئۇچىدۇ...

     بىر يېقىن دوستۇم بار ئىدى...( ھازىر ياپونىيەگە چىقىپ كەتتى ) تىببىي ئۇنۋېرسىتتا ئوقۇيدىغان. شۇ ماڭا ئىسپىراپكىنى پېچىتى بىلەن ئەكىلىپ بېرەتتى.(ھەي ھەجەپ قەدرىنى بىلمەپتىكەنمەن ئىسسىت ) .تامغا، كېسەللىك دئاگنوز، ھەممە نەرسىسى تولۇق،،پەقەت ئىسم بىلەن يىل ئاي كۈننى يازسىلام بولىدىغان...ھەم بىزنىڭ ياتاقتىكىلەرنىڭ سىنىپ باشلىقىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىمىز بەك ياخشىتى.....( ئۈرۈمچىلىك يوغۇن بالا ) ئۇ ئۆزىمۇ خېلى گاڭگۇڭ بالا...ئۇمۇ ياردەم قىلاتتى ..( ماڭا گەپ قىلىپ ئاڭلىتىلمىغاندىن كېيىن ) سىنىپ باشلىقى ئۆزىلا يوقلىما قىلىدىغان يەرلەردە مېنى ئېنىقلا بار قىلىپ قوياتتى...زادى مالىم كۆرمىسە بولمايدىغان يەرلەردە ماڭا تېل قىلاتتى...< ھەي قىزبالا..نەدە سىز  ؟ ھازىر مالىم ئۆزى يوقلىما قىلىدىكەن >دېسە، بەزىدە چىقاتتىم، غىپپىدە قىلىپ ئارقا ئىشىكتىن كىرەتتىم..بەزىدە < نىجات. ئاغرىق دەپ قويۇڭە..ئىسپىراپكىنى ئەتە بېرەي> دەيتىتم ،( ھازىر ئويلىسام شۇ بالىغىمۇ نىمە كۈن دەيمەندە..) . بىر كۈنى سىنىپ يىغىنىدا،< سىنىپ باشلىقى بولغاندىن كېيىن ، ئاندا قىلمامسىز ، مۇندا قىلمامسىز> دەپ ، تەنبىھ بېرىپ كېتىپتىمەن ئۆزەمچە..< مەۋەگە بىر چىقىڭە سىز > دىمەسما بىردەمدن كېيىنلا ..ئاستا كەينىدىن چىقسام..< ھەي قىزبالا...ۋىجدانىڭىز بارمۇيا؟ سىزنىڭ تاشلىغان دەرسلىرىڭىزنى يېزىپ قويىدىغان  بولسام، مەكتەپتىن نەچچە قېتىم قوغلاندى بولاتتىڭىز جۇمۇ..بالىلارنىڭ ئالدىدا ( پوداقچى) دېگەن نامغىمۇ قالدىم..نىمە گەپ قىلمىسام....> دەپ سۆزلەپلا كەتتى....(شۇنىڭ ياقى بىزە پوچىلىشىپ قالدى بۇ كاساپەتمۇ ..ھى ھى )

    بۇ سىنىپتىكى بەزى ئوغۇل بالىلارنىڭ مېنى ياقتۇرماسلىقىدا مۇنداق بىر سەۋەبمۇ بار..كەسىپكە چىققاندىن بۇيان دېمىسىمۇ، سىنىپقا تولا چىقمايمەن.. ئىمتىھانغا 10 كۈن قالغاندا..پۈتۈن ياتاق بويىچە كېچىچە ئۇخلىماي تەكرار قىلىمىز..بەك كۆڭۈللۈك دېمەيسىز..ئادەتتە تولۇق دەرسكە چىققانلارمۇ باشقا ياتاقتىكىلەردىن،، ئۇلارمۇ بىر خىل جىددى تۈستە تەكرار قىلىپ كېتىدۇ...< توۋا ،،مەن سىلەردەك تولۇق قاتنىشىپ دەرس ئاڭلىغان بولسام ئۇخلايتتىم جۇمۇ دەپ قويىمەن>  بەزىدە. بۇنداق چاغدا مەرھابا..< نىمىش قىلىسەن ئۇلارنى ئۇخلىتىپ،،ماۋۇ نەرسىلەرنى سەن چۈشەندۈرۈپ قويامسەن؟ > دەپ ھومىياتتى....مەرھابا دەرس ئۆگەنسە ئاجايىپ تىرىشچان. تىئورمىلاردىن. قائىدەلىرىدىن تارتىپ ھەممىنى يادلاپ.يېزىپ ئۆگىنىدۇ. مەنما..<مۇندا مىسال كەلسە قاندا ئىشلەيمىز، ئاندالىرى كەلسە قاندا ئىشلەيمىز > دەپ شۇنىلا سورىۋالىمەن..ئەمەلىي نەرسە ئۆگەنگەن ئەۋزەلدە..قائىدە دېگەندەك نەزەرىيەلەردىن چىقىپ قالسىمۇ، جىق چىقمايدۇ،،ھەم ئۇنى ئۇندا - مۇندا قىلىپ يېزىۋالغىلى بولىدۇ دە،، بەلكىم ئورتا مەكتەپتىكى ئاساسىم ياخشى بولغاچقىمىكىن، مۇندالا ئۆگىنىپ قويسام كاللامدا تۇرۇپ قالاتتى..ھېلىقى بالىلارنىڭ شۇنداق جاپا تارتىپ ئۆگەنگىنى مۇشۇ نەرسىلەرتى.....شۇنىڭ بىلەن ئىمتىھاندا ، ئۇنى - بۇنى قىلىپ  ياخشى نومۇر ئالاتتىم...تەنتەربىيە نەتىجەم ئالاھىدە ياخشىتى..( چۈنكى مەرھابا تەنتەربىيە باشلىقىمىزتى ھى ھى ) خەنزۇچە ئىمتىھانلارنى ئويناپ تۇرۇپ بېرەتتۇق،،،شۇنداق قىلىپ 2 يىل <1-دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتى > ئالدىم . < ئىلغار ئوقۇغۇچى > دېگەندەك شەرەپلىك ناملارغىمۇ ئېرىشتىم...شۇڭا ،،بەزى ئوغۇل ساۋاقداشلىرىم ئىدىيىسىدىن قەتئىي ئۆتكۈزەلمەي.( كېسەل بولۇپ قالغىلى تاس قالدىغۇ دەيمەن ..).ماڭا بولغان مۇئامىلىسى كۆرۈنەرلىك سوغۇقلاشتى...تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن..< دېمىسىمۇ توغرا..ئۇلارغىمۇ ئاسان ئەمەس > ھەتتا بىر قېتىم بىر مەۋسۈم ئەخلاقمۇ ئىشقىلىپ بىر دەرسكە كىرىپ باقماپتىمەن..مالىمنىمۇ تونىمايمەن..ئىمتىھان ۋاقتىدا بۇ مالىم كىرىپ < مۇنچىنچى سۇئال خاتا بېسىلىپ قاپتۇ ..ئۆزگەرتىڭلار> دېدى..شۇنداق قاراپمۇ تاپالمىدىم...<مالىم، قانچىنچى بەت؟ > دېيىشىمگە مالىم ئاستا يېنىمغا كېلىپ.< سىز كىمۇ ؟ > دەيدۇ..ساراڭمۇ يا ؟ بۇمالىم .< مەن .شۇ ..> دەپلا سىنىپ باشلىقىمىزغا قارىدىم...ئۇمۇ بىزگە قاراپ تۇرۇپتىكەن ..<ھېلىقى ئاغرىپ قالغان قىز شۇ مالىم > دېدى..< ھە..شۇنداقمۇ؟؟؟؟؟ساقايدۇقمۇ يا؟ > سورىدى مالىم...< ھە ..ياخشى بولۇپ كەتتىم مالىم.رەھمەت كۆڭۈل بۆلگۈنىڭىزگە > دەپ خوشامەت قىلىپ كەتتىم شۇ يەردە...تېخى شۇ دەرستە سىنىپ بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئاپتىمەن...

تۇيۇقسىزلا، ئاخشامقى ھېلىقى ئۇچۇر ئېسىمگە كېلىپ قالدى دە، قولفونۇمنى ئاچتىم......< ئۇف..خۇداغا شۈكرى...ياخشى تېلمۇ قىلماپتۇ، ئۇچۇرمۇ ئەۋەتمەپتۇ. قارىغاندا ئۈمىدىنى ئۈزگەن ئوخشايدۇ...ھى ھى > < نېمىلەرنى دەۋاتىسەن؟ سەت ھىجاراپ....بولە ئاتتەك يۈزۈڭنى يۈيۈپ كىرە...دەپتىرىڭ قېنى ؟ يېزىپ قوياي..ئۆزەمنىڭكىنى يېزىپ بولدۇم.....> دېدى مەرھابا. < دەپتىرىمما؟  ھە راست ، گۈزەلنۇرنىڭ ( ھېلىقى 1-يىلى بىر ياتاقتا ياتقان پوسكام نېفېتلىك دوستىمىز ) ياتىقىدىتى....توختا ..مەن ھازىر ئاچىقاي ...> ..

      گۈزەلنۇرنىڭ ياتىقىدا، بىزنىڭ كامىلەدەك( دەرسكەتولۇق چىقىدىغان ) قىزلار جىق ئىدى.....ئۇلار بىز بىلەن بىر كەسپ ..لېكىن ب سىنىپنىڭ. ئەمما مۇناسىۋېتىمىز ئاتتەك ياخشى..ئۆزەمنىڭ ياتىقىدەكلام..گۈزەل ( ئۇنى شۇنداق ئاتاپ كۆنۈپتىكەنمەن ) مەندىن ئۆتە ھورۇن. ئۇ ب سىنىپنىڭ دەرس تاشلاش پادىشاسى....بىر قېتىم فاكۇلتېت يىتەكچىمىز ئىككىمىزنى < ھە ! ئىككى سىنىپنىڭ لاۋدالىرى ..نەگە ماڭدۇق؟..> دەپ قويغان ياقى ئىككىمىزنى باشقىلار < لاۋدا > دەپ قويىدۇ....< ۋوي..ئەتىگەن تۇرۋاپسىەنغۇ؟ نىم بوپسەن؟ > دېدى گۈزەل بېشىنى ئاران كۆتۈرۈپ..< ئاداش، تاپشۇرۇق باركەن..دەپتىرىمنى سېنىڭ سومكاڭغا سېلىپ قويغان شۇ كۈنى ،،> دېدىم مەن ئۇلارنىڭ يوغان تىكلىمە ئەينىكىگە قاراۋېتىپ...< تارتمىدىلا، ئالە..>دېدى ئۇ ئەسنىگەچ. < سەنچۇ ؟ چىقامسەن ؟ > < سەن چىققان يەردە مەن چىقمىسام سەت تۇرا...> <توۋا..ھەممىسىگە دەرسكە چىقىشىم قىززىق تۇيۇلۇپ كەتتىمۇ نىمە؟ > دېدىم مەن دەپتىرىمنى ۋاراقلاۋېتىپ..< سەن بىينىمىمۇ.. تولۇق چىقساڭ بولىدۇھەي...> دېدى ھېلىقى بېشىدىكى ياتىقىمىزدىكى ئايشەمگۈل دېگەن كۇچالىق قىز....ئۇنىڭ تەلەپپۇزى ئادەم ئۆتتۈرىدۇ...نەق ھازىر كۇچادىن چىققاندەكلا سۆزلەيدۇ ..لېكىن بەك ئۇماق...مەن ئامراق ئۇنىڭغا......مېڭىشى تېخى ھە ئۇنىڭ ،ياتاقتا تۇرۇپ بىلەلەيمىز ئايشەمگۈلنىڭ پەلەمپەيدىن چىقىۋاتقىنىنى....گۈس -گۈس دەسسەپ ماڭىدىغان بولسا..ئەيھانناس...تېخى قوللىرىنى قاتتىق سېلىپ ماڭىدۇ....قاپاق دېگەننى تۈرۈپ ئۇنىڭ قىزىقارلىق ئىشلىرىنىڭ جىقلىقىداكېيىنچە ئالدىرىماي توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ......< ۋاي..مېنىڭ چىققۇم بار شۇ چىقاي دەپمۇ چىقالمايمەن...> دەپ ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتىپ قويدۇم.....< ئاتتاااااااااااااااممممممممم ما بىينىمىنى.....ساراڭ بىنىيمە..> دەپ كۈلۈپلا كەتتى..< ھە ..راست..سىلەرگە بىر گەپ دەپ بېرەي..> بۇ ياتاقتىكىلەر مېنىڭ گەپ قىلىشىمغا بەك ئامراق...گەپ قىلىپ بېرىڭە دەپ تۇرىۋالىدۇ بەزىلىرى تېخى...ئۇلارغا ئاخشامقى ئۇچۇرنىڭ گېپىنى دەپ بەردىم...ھەممىسى ھەيران قېلىشىپ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ كېتىشتى...< كارىڭ بولمىسۇن بولدى...يا سەن خاتا قاچىلاپ قوي دىمىسەڭ..سەن بۈگۈنكارىڭ بولمىسا ئۇياقمۇ بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان بولىدۇ..ئۇ كالۋاغا قىلغان ياردىمىڭ بولۇپ قالىدۇ..بۇگۈن ئاچما قولفونىڭنى> دېدى.گۈزەل ( گۈزەلنىڭ پىكىر قىلىشى بەزىدە بەكلا نورمال ئەمەس..كېيىنچە بايقاپ قالىسىز). ....< ئۇنداق قىمما بىينىمە....كۆرۈشۈپ بەرگىن بوممىسا..تېخى ئاتتەك بىرسىمۇ تېخى..> دېدى ئايشەنگۈل ئۇماق كۈلۈپ.....( شۇ بۇ قىزنىڭ بىرلا ئەيىبى  ئوغۇللارغا بەك قىزىقىدۇ. بۇ توغۇرلۇق گۈزەل ئىككىمىز ئاز بولمىغان نەسىھەتلەرنى قىلىدۇق ) .< بىرگەپ بولا..چىكەتتىم ھە ! مەرھابا تىتىۋەتمىسۇن يەنە مېنى >..

   

<div class=ForumPostContentText>

< ۋاي . سەن تېخى مۇشۇ پېتىغۇ......گۈزەل بىلەن گەپ سېتىپ ئولتۇرۇپسىلەردە؟~> دېدى مەرھابا قولۇمدىن دەپتىرىمنى شارتتىدە ئېلىپ، < ۋىيىي، قىزلار، سىلەرگە بىرگەپنى دەيمەن دەپ، ئاۋۇ ياتاققا چىقىپ ئېسىمگە كەپ قىلىپ، ئۇلارغا دەپ بېرىمەن دەپ ۋاق قالدىم..> دېيىشىمگىلا مەرھابا <ئاداش ، خاپا بولماي كىيمىڭىزنى كىيگەچ دەمسىز؟ > دېدى..( مۇشۇنداق ئاچچچىغى كەلسە سىزلەپ قويۇشى بارچۇ ) ..كىيىم كىيىشىمگە قىزلار نىڭ بەك پىكرى بار..< بەك مىسىلداپ كىيىم كىيىسە > دەپ.

   كىچىكىمدىن چوڭ ئۆيدە تۇرۇپ مۇشۇنداق چوڭ بولۇپ قالغان بولسام كېرەك، رەھمەتلىك چوڭ دادام ( ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ) بەك كۆزۈمگە قارايتتى، ( ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي.. چوڭ دادام، چوڭ ئاپام دېگىنىم دادامنىڭ ئاپا - دادىسى، ئۇلار ئۈرۈمچىدە، بۇۋام - مومام دېگىنىم ئاپامنىڭ ئاپا - دادىسى، ئۇلار غۇلجىدا ) . داداممۇ بىرلا بالا، چوڭ دادام دادامنىمۇ شۇنداق ئەركە بېقىپ چوڭ قىلىپتىكەن، مەن دادامنىڭ تۇنجى بالىسى بولغاچقا ، مېنى تېخىمۇ ۋاي دەيتتى، چوڭ دادام بىلەن چوڭ ئاپامنى دادا، ئاپالا دەيتتىم. ئۆزۈمنىڭ ئۆيىگە ئاندا - ساندا بېرىپ قوياتتىم، ( دادام - ئاپام كېلىپ ، يالۋۇرۇپ تاس قالىتى يىغلىۋېتەي دېگىلى <بىزنىڭ ئۆيدە بىر كۈن قونۇپ كېتىڭ >دەپ ) باراتتىم ، لېكىن كەچ بولسىلا ، < دادام ، ئاپام يالغۇز، مەن بولمىسام ئۇلار زېرىكىپ كېتىدۇ، > دەپ ، ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي كېچىلەپ قايتىپ  كېلەتتىم، بۇنداق چاغلاردا چوڭ دادام ماڭا قاراپ شۇنداق كۈلۈپ كېتەتتى، < بالام، ئۇ دېگەن سېنىڭ ئۆيۈڭ ..ئاپاڭ - داداڭ بۇنداق خاپا بولۇپ قالىدۇ، > دەيتتى، < ۋاي يا! مېنىڭ دادام سەن...> دەپ بوينىدىن قۇچاقلاپ سۆيۈپ كېتەتتىم. چوڭ دادام دۆلەتنىڭ چوڭ كادىرى ئىدى، لېكىن ئۆزى بەكمۇ تەقۋا مۇسۇلمان ئىدى..يىتىم - يىسىىرلارغاخەيرى - ئېھسان قىلىپ تۇراتتى. ھەربىي بولغان ئادەم بولغاچقىمىكىن ئىشقىلىپ مەسچىتكە بارمايتتى، لېكىن مەسچىتكە گىلەم، ئۇبۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرەتتى. ماڭىمۇ دىنىي ساۋاق بېرەتتى، ناماز ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇش، ئاللاھنى بىر دەپ تونۇش، پەيغەمبەرلەرنى بىلىش، قاتارلىق بىر قاتار بىلىملەرنى مەن مەكتەپ يېشىغا توشماستىن بۇرۇن ، ھەممىنى ئۆگىتىپ بولغان. ھەم ئۆزەممۇ ناھايتتى ئىخلاس قىلىپ ئۆگىنەتتىم، مەھەللىدىكى بالىلارغا ساۋاق بېرەتتىم.

    ئۇ مەھەللىمىزدە چوڭ دادامدەك پېنسىيىگە چىققانلار جىق ئىدى. شۇڭا مەندەك نەۋرىلەرمۇ ساماندەك..كۈندە بىللە ئوينايتتۇق. ئۇ ئاللە ناماششاملارغىچە، ھەممىسىنىڭ چوڭ دادا چوڭ ئاپىلىرى زورلاپ ئەكىرىپ كېتەتتى، چوڭ دادام بولسا مەن ئويناپ بالىلار قالمىغۇچە، مېنى ساقلاپ ئولتۇراتتى، ئۆيگە كىرىپلا چوڭ ئاپام ئوخشىتىپ ئەتكەن تاماقنى ھاپىلا - شاپىلا يەپلا، ئۈچىمىز ئولتۇرۇپ تېلىۋېزور كۆرەتتۇق. تېخى مەن ئۇلارغا جىق گەپلارنى قىلىپ بېرەتتم ، 4 - 5 ياش ۋاقىتلىرىمتى ئاشۇ ، ئۇلارغا سىرتتىكى ئاداشلىرىمنىڭ پاراڭلىرى، يەسلىدىكى گەپلەر. ھەممىنى دەپ بېرەتتىم. ئىككىسى شۇنداق بېرىلىپ ئاڭلايتتى. تېخى ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ بېرەتتىم، ئۇلار تەرەت ئېلىپ خۇپتەن ئوقۇسا، مەنمۇ لىچەكتىن بىرنى ئارتىپلا يېنىدا ئولتۇراتتىم..بىلىدىغان سۈرىلىرىمنى ( شۇ چاغدىلا ئۇششاق سۈرىلەرنىڭ ھەممىنى بىلەتتىم.) پىسىر - پىسىر قىلىپ ئوقۇپ كېتەتتىم ، چوڭ ئاپام رەھمەتلىك ( ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ) ماڭا قاراپ < سۈف سۈف ..بالام ئۇلۇغ ئاللاھ ئىنسابىڭنى بەرسۇن، نامازخان بولغىن > دەپ كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ كېتەتتى. ( شۇڭا ئاللاھ خالىغان بولسا نامازنى تاشلىمىدىم . ئالىي مەكتەپتە ياتاقتا ياتقان كۈنلەردە ئوقۇمىغان نامازلىرىمنىڭ پەرزىنى ئۆيگە كەلگەن ۋاقىتتا تولۇقلىۋالاتتىم). مەھەللىدە تولا بالىلار بىلەن ئۇنى - بۇنى تالىشىپ سوقۇشۇپ قالاتتىم، بىر كۈنى 5-قەۋەتتىكى ئاباقەلەم ( ئۇ ئادەم مەكتەپ مۇدىرىتى، جىق ئادەملەر بەك ھۆرمەتلەيتتى، رەھمەتلىك ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ) داداشنىڭ قىزى ئادىلە بىنانىڭ ئالدىدىكى گۈللۈكتە ئويناۋېتىپ، مېنى بىرنى ئىتتىرىپلا يىقىتىۋەتتى،،بۇرنۇم سۈرۈلۈپ قان چىققاننى كۆرۈپ ، باشقىلار چوڭ دادامنى چاقىرىپ چۈشتى،، رەھمەتلىك چوڭ دادام 5- قەۋەتكە ھاسىراپ چىقىپ . ئاباقەلەم مۇدىرنى شۇنداق تىللىۋەتتىكىن، بىچارە ئادەم < خاپا بولمىسىلا ، ئۆمىراڭكا، مەن بالىغا گەپ قىلاي،،> دەپ مىڭ ئۆزرە ئېيتسىمۇ، چوڭ دادام ئاچچىقتىن تىترەپ كەتكەنتى....ئالايىتەن قارا توخو ئەكىلىپ ، ئۆلتۈرۈپ، ئۇستىخىنىنى كۆيدۈرۈپ ، يارىغا سۈركەيتتى..< نىم دەپ بۇنداق قىلىسەن ؟> دېسەم . < بالام سەن دېگەن قىز بالا ، بۇرنۇڭ تارتۇق بۇلۇپ قالسا سەت بولۇپ قالىسەن > دەپ كۆڭۈل قويۇپ كۈندە سۈركەيتتى...بىر ئاي سىرتقا چىقماي ئاران ئوڭشالغانتىم..( ھازىرمۇ بىزە سۇس بار ،تارتۇقى،)،ئادىلەنى كۆرسەم دەپ قويىمەن..< قارا بۇرنۇمغا > دەپ..ئىشقىلىپ < ئۆزەمنىڭ شوقلىقىدىن كۆڭلۈمنىڭ ئارامى  يوقتى>..باشقىلارمۇ مېنى ئەرز قىلىپ. دارت ئېيتىپ كىرەتتى پات - پات بىزنىڭ ئۆيگىمۇ. < قاراڭە ، ئۆمىراڭكا،،ما بالامنىڭ كۆزەينىكىنى سۇندۇرۋېتىپتۇ..> < قارىسىلا..ئۆمىراخۇن...نەۋرە بالامنىڭ يۈزىنى تاتلىۋاپتۇ>.....دېگەندەك....چوڭ دادام ئۇلارغا..< ھە شۇنداقمۇ...بۇ بولماپتۇ..مەن گەپ قىلاي..سىلەرمۇ بالىلارغا ئوبدان قاراڭلار > دەپ قوياتتى تېخى..... كىيمىمنى چوڭ دادام شۇنداق كۆڭۈل قۇيۇپ كىيگۈزەتتى...ئالدىرىماي..بىر - بىر لەپ...ئويناۋاتساممۇ بالىلار بىلەن ، چاقىرىپ ئەكىلىپ ، كىيمىمنى ئوڭشايتتى. ئىشقىلىپ مېنى غەزەپ ياخشى كۆرەتتى جۇمۇ..( ھازىر ياخشى كۆرمىسۈن ) . ھېيت - ئايەملەردە.ئاپام - دادام مېنى ئەكىتەتتى..ئۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپلا چوڭ دادام چوڭ ئاپاملارنىڭ مەن يوق بىچارە بولۇپ قالغىنى كۆز ئالدىمغا كېلىپلا....قايتىپ كېلەتتىم......

   مەن بەش ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدا دادام ئاپام چەتكە چىقىپ سودا قىلىمىز دەپ، مېنى غۇلجىغا ئاپىرىپ قويدى...ئۇ يەردە كىچىك دادا كىچىك ئاپىلىرىمنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچىكەن...مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇمايلا...ھەممە دەرسلەرنى ئۆزلەشتۇرۇپ بولدۇم..تېخى چوڭ دادامغا خەت يازدىم..( ئۇ خەتنى كېلەشىمدە ئۆزەم ئەكىلىپ ئوقۇپ بەردىم ). ئۇ ئاسمىنى كەڭرى زېمىندا تېخىمۇ ئەركىن، ھاي دەيدىغان ئادەم يوق ...بۇۋام رەھمەتلىكمۇ ( ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ) بەك بالىجانلىق ئادەمتى....شۇنداق شوخلۇق قىلساممۇ <بالا ئەمەسمۇ دەپ قوياتتى > . بىر يىلدىن كېيىن داداملار كېلىپ مېنى چەتكە ئاچىقىپ كەتتى..ئۇ تۇرمۇشقا كۆنەلەمدىغان...<ھاي ئاندا قىلماڭ، ھاي مانداق قىلماڭ >، < ئايىقىڭىزنى ئالماشتۇرۇڭ > < چىشىڭىزنى چوتكىلاڭ> ( ھازىرغا قەدەر خۇشۇم يوق چىش چوتكىلاش بىلەن...لېكىن چىشىم شۇنداق چىرايلىق ساغلام ھى ھى ) دەۋەتقان......3 ئاي بولغاندا مېنى بىر مەكتەپكە بەمەكچى بولدى...ئۇنىمىسام ئۇنىماي...كۈندە يىغلاپ..بىر كۈنى شۇنداق قاتتىق قىزىپ كېتىپتىمەن ..كېچىچە جۆيلۈپ....< ئۆيگە كېتىمەن > دەپ.. ئۇكۇل دورا ھېچنىم پايدىق قىلماي..ئاخىرى مېنى ئۈرۈمچىگە ئەكىلىپ قويغان.....

( داۋامى بار )

رۇخسەتسىز كۆچۈرۈلمىسۇن قانۇنىي جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرىلىدۇ

</div>

yusran يوللانغان ۋاقتى 2009-2-25 23:49:25

ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن ، چوڭ دادام مېنى بىر مەكتەپكە بەردى....دادام ئاپاملار ئۇكىلىرىمنى ئېلىپ، يەنە كەتتى....ئۇ كۈنلەردە چوڭ دادام مېنى مەكتەپكە ئاپىراتتى، ئەكىلەتتى، < ئۆزۈم بارالايمەن، كېلەلەيمەن دىسەم زىبىس ئۇنىمايتتى...> تېخى كەلگىچە < بالام ، كېلە ھاپاش قىلاي..يەسلىدىكى ۋاقتىڭدا بەك ئامراقتىڭغۇ؟!~> دەپ تۇرىۋالاتتى...< يا....بولدى دادا...مەن ھازىر چوڭ بولدۇم ،،قارا مەن سېنى يۆلىۋالاي >دەيتتىم....چوڭ دادام كۈلۈپ كېتەتتى...دېمىسىمۇ چوڭ دادام بەك ئېگىز (1.90لەر كېلەتتى..دادامنىڭ دەپ بېرىشىچە چوڭ دادام ياش ۋاقتىدا تېخىمۇ ئېگىزكەنتۇق ) ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنداق تىك ماڭاتتى.( مەن تىزىغا كېلەمدىمكىن تاڭ شۇ چاغدا..)...بىر ھاسسىسى بولىدىغان ( گەپ قىلالايدىغان ) شۇنى تۇتىۋالاتتى....

     شۇنداق قىلىپ مەن مەكتەپكە بېرىپ 3 ئايدىن كېيىن چوڭ دادام ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى....ھەر قېتىم ئاغرىپ قالسىلا بىر تۇتاش < ھەربىي رايون باش دوختۇرخانىسى> غا ئاپىراتتى...كادىرلار ئالاھىدە كۈتۈنۈشىمۇ ئىشقىلىپ بىر ئالاھىدە سىياسىتى باتتى ...ئۇ كۈنلەردە ، چوڭ ئاپام تاماق ئېتىدۇ.مەن ئاپىرىمەن...ئاپارغىچە كىيىملىرىمگە تۆكۈپ....چوڭ دادام قاراپ  <جېنىم بالام ،،تاماق ئەكەمەڭلار دېگنتىمغۇ....قارا مۇزلاپ كەتكىنىڭنى> دەپ كېتەتتى..مەنمۇ يۈگرەپ بېرىپلا كارىۋاتقا چىقىپ يوتقۇنىنىڭ ئىچىگە كىرىۋالاتتىم...بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يەيتتۇق.....تاپشۇرۇغۇمنى ئىشلەيتتىم...ئۇ دوختۇرخانىدىكى دوختۇر - سېستىرالار مېنى تونۇپ كەتكەنتى... تاپشۇرۇقلىرىمدىن بىلمىگەنلىرىمنى شۇ سېستىرالار دەپ بېرەتتى .....كەچلىرى قونۇپ قالىمەن دېسەم..< چوڭ ئاپاڭ يالغۇز..بالام ...ئۆيگە كەتكىن > دەپ ئىدارىسىدىن ئاجرىتىپ بەرگەن بىر شوپۇرى باتتى < خۇازى > دەپ، شۇنىڭغا مېنى ئاپىرىپ قويۇشنى دەيتتى....كېيىن چوڭ ئاپاممۇ يۈرەك ئاغرىقى بىلەن شۇ دوختۇخانىدا ياتتى..ئەمدى دوختۇرخانا پۈتۈنلەي ئۆيۈمگە ئايلانغانىدى...كۈندە چوڭ دادام بىلەن بىللە ئۇخلايتتىم..ئەتىسى شۇ يەردىن مەكتەپكە باراتتىم..تولا كېچىكەتتىم..بىر كۈنى ، يەنە كېچىكىپ قاپتىمەن،،بارسام بالىلارنىڭ ھەممىسى مەيداندا قار تازىلاۋېتىپتۇ..سىنىپقا كىرىپ سومكامنى قويۇپ قويۇپ، مەنمۇ مەيدانغا چىقتىم..سىنىپ مەسئۇلىمىز ماڭا بىر سەت قارىۋېتىپ...كىمنى بىرسىنى مېنىڭ سومكامنى ئاچىقىپ بېرىشقا بۇيرىدى....< كېتىڭ بولدى...سىزدەك ئوقۇغۇچىنى ئوقۇتالمايمىز..يا دەرسكە تولۇق كەلمىگەن كۈندە كېچىككەن،،،كوللىكتىپ پائالىيەتلەرنىڭ بىرسىدە يوق...دەرسنى مىڭ ياخشى بىلسىڭىزمۇ.ئىنتىزامغا رىئايە قىلمىسىڭىز بىكار..> دەپ سۆزلەپلا كەتتى...كەتتىم...نىمە كارىم...مېنىڭمۇ كەلگىم يوقتى....چوڭ دادام بولغان ئىشنى ئاڭلاپ ئاچچىقتىن تىترەپ كەتتى....< جۈرە بالام،،مەن كۆرەي شۇ ئەپەندىمىڭنى...> دەپ شوپۇر بىلەن باردۇق..ئىشخانىسىغا كىرسەك..ھالى ھېلىقى مالىمنىڭ < كەلسىلە ..ئوتتاسىلا..> دەپ قويدى ئاغزىنىڭ ئۇچىدا...چوڭ دادام ئۆزىنى شۇنداق بېسىۋېلىپ تۇراتتى...< بۇ نىمە ئىش بولۇپ كەتتى خانىم؟> دېدى چوڭ دادام...< بالىلارنى تەربىيىلەيدۇ دەپ مەكتەپكە بەرمىسەك ،بالىلار ئەخلاقلىق، ئىنتىزامچان، بىلىملىك بولغان بولسا، سىلىنىڭ ئالدىغا ئاشمايتتتى،،،شۇ  بالىلارنى تەربىيىلەپ ئادەم قىلىپ بېرىدۇ دەپ ھۆكۈمەتكاممۇ سىلىگە ھەر ئايدا پالانچى تەڭگە بېرىۋاتىدىغۇ....>...مالىم تۇيۇقسىزلا نىمە دېيىشىنى بىلەلمەي،،پوزىتسىيەسىنى 180گىرادۇس ئۆزگرتىپلا..< ۋاي ..ئۇغۇ شۇ ...ئەمما..ئەمدى ئانچە - مۇنچە دىكتاتۇرىنىمۇ ئىشلەتمىسەك....> دەپ تۇرىشىغا،،مەكتەپ مۇدىرى كىرىپ قالدى...< ھە..دېدى..ئۇ ئادەم قاپاقلىرىنى ئاچماي...پۈتۈن مالىملارنىڭ ئاغزىدا مۇشۇ قىز....دەرسنى بىلسىلام بولامدۇ..تەشكىلىي ئىنتىزام بولمامدۇ...> ...چوڭ دادام < نىمە ؟ ئۇكامۇي...نەدە ئۇقۇغان سىز؟ 7 ياشقا كىرمىگەن بالىدا تەشكىلىي ئىنتىزام دىگەن ئاڭ نېمىش قىلىدۇ؟ ئەجەبا سىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن خالىغانچە قوغلىغىنىڭىز تەشكىلىي ئىنتىزامكەندە.......مەنمۇ چوڭ بىر زاۋۇتنىڭ پارتىيە ياچىكا شۇجىسىتىم....ئاۋۇ يېشى بىر يەرگە بارغان بالىلىرى ئىڭەككە تاقاشقانلارنىمۇ ئىش تاشلىدىڭ ..كېچىكتىڭ ..سېنىڭ تەشكىلىي ئىنتىزامىڭ يوقكەن دەپ بىر قېتىم ئىشتىن ھەيدەپ باقمىغان ئادەم مەن...سىزنىڭ بېشىڭىز شۇنداق چوڭما ئۇ ...> سۆزلەپ كەتتى ھاسسىلىرىنى پۇلاڭلىتىپ.....ئىشخانىدىكى مالىملارنىڭ چىرايى تام....مۇدىر ئەپەندىمغۇ < بۇ  بۇ > دەپلا قالدى....< قېنى ...قايسى مائارىپ قانۇنىدا باركەن شۇ سىزنىڭ قانۇنىڭىز ؟ بالىلارنى خالىغانچە مەكتەپتىن چېكىندۈرىدىغان.....ھۆكۈمەت مۇشۇلارنى بىلىم ئالىدۇ دېمىسە سىزدەك ئادەملەرگە قوي بېقىشمۇ ئاشمايدۇ بىلەمسىز...> چوڭ دادام زادى ئۆزىنى تۇتالمىدى.....< جۈرە  بالام،،،،سېنى مۇشۇنداق يەردە بىلىم ئال دەپ خاتا ئىش قىلغىلى تاس قاپتىمەن > دېدى..قولىنى ماڭا ئۇزىتىپ..<  ۋاي..يا يا ...سىلى...توختاپ تۇرسىلا  ئولتۇرسىلا...> دەپ تۇتىۋالدى سىنىپ مەسئۇلىمىز..< سىلى ئەمدى نەگىلا ئاپامىسىلا بۇ بالا ئوقۇپ بولالمايدۇ..ئەڭ ياخشىسى ئۆزلىرى تەربىيىلىسىلە > دەيدۇ ھېلىقى مۇدىر دېگەن قاپاقباش....< شۇنداق چوڭ دۆلەتنى باشقۇرغان كوممۇنىستىك پارتىيە ..مۇشۇ نەۋرە قىزىمنى باشقۇرالماي ( ئۆزەڭ تەربىيلە دېسە ) مەيلى...سىزنىڭ شۇ گېپىڭىزگە ئىگە بولىدىغان ئادەمدىن ئاڭلىسام،،،ھەرگىزمۇ مەكتەپكە بەرمەيمەن..> دېدى چوڭ دادام مۇدىرغا تىكىلىپ تۇرۇپ...

     ماشىنىغا چىقىشىمىزغا كەينىمىزدىن مۇدىر ھاپاسلاپ چىقتى...< بايا ..باشقا مالىملارنىڭ ئالدىدا شۇنداق دېمىسەم..> دەپ گېپىنىڭ ئاخىرى چىقمايلا ،،چوڭ دادام شوپۇرغا < ھەيدە...مائارىپ ئىدارىسىغا،،> دېدى.شۇ كۈنى مۇدىرنىڭ ماشىنىنىڭ ئارقىدا قېلىپ قالغان قىياپىتى مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ...< كۇسپۇرۇشنىڭ...تېخى..ئۆزەڭ تەربىيىلە دەپ كەتكېنىنى...> چوڭ دادام ئىككى قولى بىلەن ھاسسىسىنى تۇتۇپ( ھە ھېلىقى ئەسمەتخان دېگەن كىنودىكى ئەسمەتخاندەك )...يەرگە توك - توك قىلىپ ئۇرۇپ < ئالدى بىلەن سېنى بىر ئوبدان تەبىيىلىمىسەم خەپ>..

   شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىشلار ئاخىرى ..مەكتەپ مۇدىرىمىزنىڭ دوختۇرخانىغا كېلىپ چوڭ دادامدىن ئەپۇ سورىشى، سىنىپتا پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ مەندىن كەچۈرۈم سورىشى بىلەن تۈگىگەن بولدى.....

     شۇڭلاشقىمىكىن، كىچىكىمدىن باشلاپ مۇشۇنداق غەم يىمەس، ھورۇنراق، بېشىم چوڭراق دېگەندەك چوڭ بولۇپ قاپتىمەن...ياتاقتىقمۇ كەچكىچە قىزلارنى ئىشقا بۇيرۇپلا < ئاداش ئانى ئېۋېتە..> < ماڭا تاماق ئالغاچ كىرىڭلار >< چېچىمنى بوغۇپ قويە>< چاپىنىمنىڭ تۈگمىسىنى قاداپ بېرە>< ما ناننى ئۇشتۇپ بېرە >......دەپلا ئۆتىمەن ..بەزىدە قىزلار غودۇڭشىپ قويىدۇ...لېكىن ئۇلارمۇ كۆنۈپ كەتتى....لېكىن مۇشۇ كىيىم كىيىش، يۈزۈم يۇيۇش،تاماق يېيىشلىرىمغا بەك پىكرى بار.....< نېمدا ئاستا ئىش قىلىسەن .> ..دەپ تېرىكىپ كېتىدۇ قىزلار....< نەدە بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئىلگىرىلەش زور جۇمۇ مەندە ھە ؟ مەرھابا..> دەپ مەرھاباغا ئىلتىجا قىلاتتىم..< ھەي تاڭ ..ئۇقمىدىم جۇمۇ ئۇنى...> دەپ قوياتتى مەرھابا بېشىنى چايقاپ.....

    ئوقۇغۇچىلارنى فاكۇلتىتىنىڭ لېفىتىغا چىققىلى قويمايدۇ دېمەيسىلەر...ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرسنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك 6-قەۋەتتە...ھە راست دېيىشنى ئۇنتۇپتىمەن....<100كوي ۋەقەسى>نى قىزلارغا دەپ بەرگۈچە ۋاقىت توشۇپ كېتىپ ئۇلار چىقىپ كېتىۋەردى..مەن گۈزەل بىلەن ھازىر 2-سائەتلىك دەرىسگە ئۈلگۈرۈپ ماڭدۇق...لېفىتقا چىقىۋېرىمىز..نەچچى قېتىم لېفىتقا قارايدىغان چوقۇر قېرى خەنزۇ بىرىنچى قەۋەتنى بېسىپ تۇرىۋېلىپ بىز نى 6-قەۋەتكە چىقىپ بولغان لېفىتنىڭ ئىشىكنى ئاچقۇزماي، بىرىنچى قەۋەتكە قايتۇرۇپ چۈشەرگەن..ئىككىمىزمۇ قىيىشىپ، يەنە چىقاتتۇق..يەنە چۈشۈرۋەتسە يەنە چىقاتتۇق.....ھازىر گۈزەل ئىككىمىز لېفىتقا چىقساق كۆرمىگەنگە سېلىۋالىدۇ ..بىزمۇ چاندۇرماي كۆرمىگەن بولىۋالىمىز...< داۋخو قېرى > دەپ تىىللىدى..لېفىتتىن چۈشۈپلا گۈزەل.....< بولە..ئەمدى 2-سائەتكىمۇ كېچىكمەيلى....تۇردىبەك تىتىۋەتمىسۇن> دېدىم مەن ( تۇردىبەك بىزنىڭ فاكولتىتنىڭ غوللۇق پىرافاېسورى ، قازاق ، ) < ئوھوش..خوش بوسىنا تۇردىبەك..يۈز بېرىپ چىققىنىمىزغا..> گۈزەل چېچىنى ئوڭشىغاچ غودۇڭشىدى.....

     تەنەپپۇس ۋاقتى ئىكەن....ئىككىمىز سىنىپقا كىرىشىمىزگە < ۋۇي.....ئىككى چوڭام....مۇبارەك قەدەملىرى يېتىپ قاپتىغۇ...> دېدى ب سىنىپنىڭ سىنىپ باشلىقى.مەردان كەيفا ( ئۆيى شۇ كەيفاچۈ دىكەنتۇق ..بالىلار ھەممىسى شۇنداق دەۋاپتۇ ) گۈزەلنىڭ قەتئىي خوشى يوق ئۇ بالا بىلەن...مەردان كەيفانىڭ شۇ گېپى بىلەن ئالدىغا قارىشىپ ئولتۇرغان ئالدى پارتىدىكى < پىراففېسورلار> گۈررىدەڭ كەينىگە قاراپ تۇرىدۇ...بەزدەك...شۇنىڭ بىلەن ئىككى قولۇمنى كۆتۈرۈپ ( ئۇلۇغ ماۋجۇشىرىمىز سۆز قىلغاندا قوللىنىدىغان ھەرىكەت ) < بولدى بولدى > دېگەندەك قىلىپ..< يولداشلار جاپا تارتتىڭلار، ۋەتەن خەلق سىلەرنى ئۇنۇتمايدۇ> دەپ قويدۇم...بىزنىڭ سىنىپتىكىلەر پاراققىدە قىلىپ كۈلۈشۈپ كەتتى..سىنىپ باشلىقىمىز نىجاد < ھەي قىزبالا....كۈن قاياقتىنن چىقتى.....بېشىڭىزدىن ياغاچ ئۇشتۇمدۇق يا > دېدى يېنىمغا كېلىپ.< ئاران بىر قەتئىي نىيەتكە كەلگەندە، جىم تۇرۇڭلار > دېدى مەرھابا....< ھە راست ئاداش يېزىپ بولدۇڭما مېنىڭكىنى > ، < ھە يېزىپ بېرىۋەتتىم ئا سائەتتىلا> ..< توغرا يازغانسەن ھە؟ > < مۇشۇنداق زاڭ گەپ قىلىسەن ئەمەسمۇ سەن ئاداش..> دېدى مەرھابا چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ. بۇرۇن مەن زاڭ دېسەم < ۋېيىي زاڭ دېگەن قازاقچە قانۇن دېگەن گەپ ھېي> دەپ زاڭلىق قىلىدىغان ئادەم ھازىر مېنى زاڭ دەپ تىللايدىغان بولۇپ كەتتى باللا.< ھى ھى ...چاقچاق ساراڭ....> ....دېدىم مەن سومكامدىن كىتابىمنى ئېلىۋېتىپ.

   دەرس باشلانسىلا ۋاقىت ئەجەب ئاستا ئۆتىدۇ. دېسە....تۇردىبەك ، بۇ مۇئەللىم بەك ئۇماق...بويى پاكارغىنە..كىيىنىشى بىزنىڭ پۇتبۇلچى بالىلارغا ئوخشايدۇ..كاستيۇم كىيگىنىنى ھېچكىم كۆرۈپ باقماپتىكەن..شۇنداق تېتىك دىمەيسىز...قازاق بولسىمۇ ئۇيغۇرچىنى خېلى يامان ئەمەس سۆزلەيدۇ..لېكىن شۇ تەلەپپۇزى بەك غەلىتە....ئۈزۈپ - ئۈزۈپ دەيدۇ.ھەربىر سۆزنى...ھەممىدىن يوقلىما قىلىشى ئەڭ قىززىق...120ئوقۇغۇچى بىرلا ۋاقىتتا دەرس ئاڭلايدىغان بۇ چوڭ بىرلەشمە سىنىپتا باشقا مۇئەللىملەر يوقلىما قىلىش ئۈچۈنلا بىر مۇنچە ۋاقىت ئالىدۇ.....بۇ مۇئەللىمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بەك ياخشى...بىر كۆرگەن ئادىمى..بىر ئاڭلىغان ئىسىمنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ....مانا  يوقلىما باشلاندى.....< 6 ئاخمەتجان كەلدىمە.؟..( ئەخمەتجاندىن 6سى قولىنى كۆتۈردى )  4 ماھىرە.؟ ھە .2چاراپەت؟ ( شاراپەتنى ئاشۇنداق تەلەپپۇز قىلىدۇ.)  ئايتىكەن؟ ( ئاتىكەمنى شۇنداق دەيدۇ )،ھە سىزنىڭ يېنىڭىزدىكى ھېلىقى ئۇخلايدىغان قىز...ھە .ھېلىقى 4 يېقىن ئاداش؟ ( دائىم بىللە ئولتۇرىدىغانلار...) >ئالدىدىكىلەرنى يوقلىما قىلىش كەتمەيدۇ...( كەلمەڭلار دېسىمۇ  كېلىدۇ ئۇلار ) <ئۈمىد، سەيپىدىن...( ئىككىسىنىڭ بىر قېتىم قول تۇتۇشۇپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ قاپتىكەن كارىدوردا). 4 بەنجاڭ..( 4سىنىپنىڭ سىنىپ باشلىقى)، 4قىز بەنجاڭ ( 4ئۆگىنىش ھەيئىتى ) زىياۋدۇن..سېنىڭ يېنىڭدىكى كەلمىدىما؟.>..ماڭا كەلگەندە. < سىز قاچان كەلدىڭىز ؟ (ھېچنىمە قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ كۆزىدىن ).> < ھە.مەن ...ئەتىگەن مىجەزىم يوق.> < ياخشى بولدىڭىزما؟ يا مېنى خاپوقالمىسۇن دەپ كىردىڭىزما ؟>< ھە ياخشى بولۇپ قالدىم..دورا ئىچكەن >< ھە...جىق پۇلغا ئاپسىز دە....بىر سائەتتىلا ياخشى بولۇپ كېتىپسىز.>( كۈلكە).گۈزەلگە قارىدى..< سىزمۇ شۇ دورىنى ئىچىپ ساقايدىڭىز؟>< مەن ئۆيدىكىلەر بىر نىمە ئەۋەتىپتىكەن..شۇنى ئالغىلى بېرىپ > < ھە..شۇنداقمۇ؟..ياخشى..ئىككىڭلار پەستە ئۇچرىشىپ قاپسىلەردە..ياخشى دوستما سىلەر ؟> بۇ مۇئەللىم مۇشۇنداق گەپ كىلىدۇ ئەمەسمۇ؟! ئالدىنقى بىر قېتىممۇ..تازا ئېنگىلىزچە تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئولتۇرسام، مۇ شۇ مۇئەللىمنىڭ دەرىسىدە...تۇيۇقسىزلا يېنىمغا كېلىپ..( سەزمەپتىمەن...)< گۇد مورنىڭ > دېمەسمۇ..يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولغان....لېكىن..بىز ھەممىمىز ئامراق بۇ مۇئەللىمگە..باشقا مۇئەللىملەردەك..يوقلىما ، تاپشۇرۇقلارنى ئۆلچەم قىلىپ ، باھا بەرمەيدۇ...ھەممە ئوقۇغۇچىلارنى ئوخشاش كۆرىدۇ...ئوقۇغۇچىلارغا غۇم ساقلايدىغان..قەستەنگە قىيىشىدىغان ئىشلارنى ھەگىز قىلمايدۇ.....

     < ماتىماتىكا ئانالىزى > ئەڭ مۇرەككەپ گەپلەر بار جۇمۇ  بۇ دەرستە، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەنزۇچە تىلدا  ئۆتكەچكە بەزى ئاتالغۇلاردا قايمۇقۇش كۆرۈلىدۇ....بىشىم قېيىپ كەتتى. بىر دەم كىتابقا قارىسام...يېنىمدا مەرھابا رەپقەت بىلەن جىددى قىسقا ئۇچۇرلىشىۋاتىدۇ....تۇيۇقسىز < 100كوي ۋەقەسى > نى ئويلاپ قالدىم، < ئۇيغۇرمىدۇ؟ قىزمىدۇ  ئوغۇلمىدۇ؟ نىمە ئىش قىلىدىغاندۇ؟ ئەجەب يەنە سۈيلەپ ئۇچۇر ئەۋەتمەيدا؟> ، كەينىمدىن بىرسى نوقىدى..قارىسام بىر پارچە قەغەز...مۇشۇ دەرس ۋاقتىدا خەت يېزىپ قەغەز سۇنىدىغان ئىشىمىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن تارتىپ باتتى ھە ...قەغەزنى ئاچتىم..< ھەي قىزبالا ، سىنىپقا شۇنداق يارىشىپسىز...ھى ھى ...> نىجات!!!!ئۇنىڭغا قاراپ ئالىيىپ قويدۇم.....< كىمكەن ؟> يەنە بىر يېنىمدا خىيالىدا يوق تىرنىقىنى ياساپ ئولتۇرغان گۈزەل سورىدى بېشىنىمۇ كۆتەرمەي. < نىجاتكەن.....دەرسكە قاتناشسىڭىز يارىشىدىكەن ..دەيدۇ.> < نىمە كارى مۇشۇلارنىڭ دەيمەندە، ئوقۇش پۇلىنى تۆلەپ، مۇشۇ مەكتەپكە كىرىم قىلىپ بېرىۋاتساق..بىزنىڭ ئوقۇش پۇلىمىز بولمىسا مۇشۇ مۇئەللىملەرگىمۇ نەدىكى مائاش..دەرسىنى ئوقۇپ، ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ بەرسەك بولمىدىمۇ دەيمەندە.> گۈزەل مۇشۇ توغۇرلۇق بەك قاخشايدۇ، بۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالى بەك ياخشى، ھەممە ئىشنى پۇل بىلەن ھەل قىلىمەن دەپ ئويلايدۇ. ياتىقىدىكى قىزلار بىلەنلا ئۆتىدۇ، ئۇندىن قالسا مەن مەرھابا بىلەن ياخشى ئۆتىدۇ. ئىمتىھانلاردا( بۇلار ب سىنىپ ئايرىم بېرىدۇ ) ياتىقىدىكى دەرستە ياخشى قىزلارنى چۆرىسىگە تەرتىپ بىلەن تىزىپ ئولتۇرغۇزۇپ، ئىمتىھاندا ئۇلاردىن يۇقىرى ئېلىۋېتىدۇ....نەچچە دەرىجە ئىمتىھانلىرىدىنمۇ شۇنداق قىلىپ لاياقەتلىك بولۇپ كەتتى. ھەممە ئىشلاردا گۈزەللىك ، مۇكەممەللىك قوغلىشىدۇ، ئالدىراپ بىر ئىشلاردىن رازى بولمايدۇ. پىكىر قىلىشى ، ئانالىز قىلىشى باشقىلارنىڭكىدىن سەل پەرقلىنىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ گېپى دائىم خەقلەرگە قىززىق تۇيۇلىدۇ، گېپى قوپالراق ، ئەمما كۆڭلىدە يامانلىقى يوق، بوي - تۇرۇق، بەدەن قۇرۇلۇشلىرى چىرايلىق، بىردىنبىر ئارزۇسى تېرىسىنى ياخشى قىلىش،  بىر نەرسىلەر بەك ئىتتىك رىئاكسىيە قىلىدۇ، تولا زۇكام بولىدۇ، نەچچە قېتىم يېرىم كېچىلەردە دوختۇرغا ئاچىقتۇق....( ياخشىلىق قىلغان ئادەمگە شۇ ياخشىلىقىنى قايتۇرىۋەتمىگىچە بولدى قىلمايدۇ ). پاكىزلىقنى بەك سۆيىدۇ. ( ھەممىمىز شۇنداققۇ ، لېكىن بۇ سەل ئاشۇرما دەرىجە ). تولا قولىنى يۇيىمەن دەپلا كېچىكىدۇ بىر يەرلەرگە. ھە راست،،ئوغۇل بالا بىلەن بەك خۇشىي يوق. ئايشەمگۈل ياتاقتا ئوغۇللارنىڭ گېپىنى بىزە جىقراق قىلىپ قالسا تېرىكىدۇ،،،< ئەر سارىڭى > دەپ.تىللاپ قويىدۇ.. لېكىن، ئۆزى بەك ئەخلاقلىق، ئىشقىلىپ بۇ دوستۇمنى ياخشى كۆرىمەن.

    قولفۇنۇم تىترىدى...< قارىغاندا بۇ پۇلغا بەك ئېھتىياجلىق ئوخشايسىز، سەدىقە قىلاي...ماڭا دۇئا قىلىپ قۇيارسىز، ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كېتىشىمگە. دۇئاغۇ باردۇ ؟!> ئاخخا! ئۇقۇغۇچىكەندە بۇ! <ھەي ئاداش قارا ،> دەپ گۈزەلگە كۆرسەتتىم.< خەنزۇلارغا دۇئا قىلىشنى بىلمەيمەن، يامان بولساڭ يەنە يۈز كوي قاچىلا ،بىرەر راھىب تېپىپ ساڭا دۇئا قىلغۇزۇپ بېرەي دېگىنە > دېدى ئۇ قاپاقلىرىنى سۈزۈپ. مىڭ تەستە ئۇ ئۇچۇرنى يېزىپ ئەۋەتىۋەتتىم. < ئۇيغۇر بولسىڭىز ھارامنى يېيىشتىن قورقمامسىز...بولۇپمۇ مەندەك ئوقۇغۇچىنىڭكىنى  >..ئەمدى پىنيىن بىلەن ئۇيغۇرچە يېزىپ ئەۋەتكەنىدى. < ھە...ئۇيغۇركەندە..ۋىيىي.. ئاداش ئۇيغۇر بالىكەن..بولدى قىلاي ئەمدى، ھېلى چىققاچ قولفۇنىغا100كوي قاچىلىۋېتەي..ئېسىمگە سېلىپ قويە.ھە .> دېدىم بېشىمنى ئۈستەلگە قويۇپ گۈزەلگە قاراپ...< ئەكىلە ، مەن كۆرۈپ باقاي ئۇچۇرنى > دېدى ئۇ قولىنى ھۆل قەغەزگە ئېيتقاچ....< ھارامنى يېيىش دەپ كېتىپتا بۇ سەت...سەن بىر بۇلاپ، ئالداپ ئېلىۋالغاندەك. ئۇ 100كويچىنىنى....> دەپلا ئۆزى قايتۇرۇشقا باشلىدى..< كۆرۈپ باقە...> دېدى ئۇ قولفۇنۇمنى قولۇمغا تۇتقۇزغاچ. < كىم سىزنى دىققەت قىلماي مېنىڭكىگە قاچىلىسۇن دەپتۇ..مەن قاچىلا دېدىممۇيە؟!...يەنە كېلىپ سىزگە مۇشۇنداق خەت قايتۇرىمەن دەپ پۇلۇم ئىسراپ بولغىنىنىغۇ  دىمەيلا قوياي،،دەرس ئاڭلاش، ئارام ئېلىش قاتارلىق قاتارلىق بىر مۇنچە ئىشىمغا دەخلى يەتكۈزدىڭىز...بۇ زىياننى ئا 100كويچىنىڭىز تۆلەپ بولالمايدۇ جۇمۇ....مەن قايتۇرمايمەن خاتىرجەم بولۇڭ.... بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىدىغان بولىسىز، مۇشۇنداق قىلسام،،،،بۇرنىڭىزغا سۇ كىرگەندۇ.> ئەۋەتىۋەتتىم.....

( داۋامى بار..رۇخسەتسىز كۆچۈرۈلمىسۇن )

yusran يوللانغان ۋاقتى 2009-2-25 23:50:49

<رەھمەت، جۇمۇ سىزگە. بۇنداق ھەقىقەتلەرنى بىلمەيدىكەنمەنتۇق.سىزنىمۇ ئاۋارە قىلىپ قويۇپتىمەن..خەت يازغۇزۇپ، پۇلىڭىزنى ئىسراپ قىلىپ. بۇ يىل رامزاندا زاكات ئايرىپ، ھەممىنى سىزنىڭ قولفۇنىڭىزغا قاچىلاپ بېرەي. >ھاھا....خېلى تەقۋا بالىمۇ بۇ نېمە.< ھە ياخشى بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىڭ ھە ..ھە راست زاكاتنى قانداق ئادەملەرگە بېرىدىغاننى بىلمەيدىغان ئوخشايسىز.مەندەك ئوقۇغۇچىلارغا بەرسىڭىز بولماس.>.< ۋۇي؟ ئوقۇغۇچى دەڭە..بولدى مەن شۇ گەپلەرنى دېمىگەن بولاي.مەن رازى شۇ پۇلغا، بولمىسا ھەر ئايدا 100كوي قاچىلاپ قوياي قولفۇنىڭىزغا.نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش مەن ئۈچۈن شەرەپ. > .< يامان بولساڭ ھەپتىسىگە 100كوي قاچىلا بولمىسا قۇرۇق گەپ قىلما دەپ يازە ئاداش.. قانداق نىمە بۇ؟ > دېدى گۈزەل پەلەمپەيدىن چۈشىۋېتىپ.        

    چۈشلۈك تاماق يېيىش گۈزەل ئىككىمىز ئۈچۈن بىر غەم...ياتاققا قىزلار ئەكىرىپ بەرسە يەۋىرىمىز، قايسى ئاشخانىنىڭ قانداق تامىقى بولسىدۇر..لېكىن ئۆزىمىز چىقىپ يېمەكچى بولساق، نىمە يەيمىز دېسە سېنىڭ نىمە يېگۈڭ بار دەپ ئالدى - ئارقا دەسسەپ يۈرۈيمىز. دەيدىغىنىمىز نىمە؟ < ئۆزى  ئازادە.، يورۇق ، ئادەم ئاز ئاشخانا بولسا، راھەت ئولتۇرۇپ يېسەك تاماقنى > . ئاپام ئىككىلىمىزنى < راھەتپەرەسلەر > دەپ تىللاپ قويىدۇ. ئىككىلىمىز پولو، نارىن، كاۋاپ دېگەندەك تاماقلارغا ئامراق.

    < ئۈزۈمزار >-- مەكتىپىمىزنىڭ تۆۋىنىدىكى بۇ ئاشخانىنىڭ پولوسى بەك ئوخشايدۇ، ھەم بۈگۈنكىدەك  ئىسسىق كۈنلەردە بۇ ئاشخانىنىڭ ئالدىدىكى ئەنجۈر دەرەخلىرى بىلەن ئورالغان ، ئۈستىگە قىزىل سايىۋەن تارتىغان ھويلىسى  بەك سالقىن...قولفۇنۇم جىرىڭلىدى.< يەنە شۇما ؟> دېدى گۈزەل كاۋاپنىڭ زىقىنى ئېيتىپ تۇرۇپ..< ھە.> دېدىم كاۋاپنى تەخسىگە قويۇپ قويغاچ..تۇيۇقسىزلا  يېنىمدا  بىر ئايال پەيدا بولۇپلا ئالدىمدىكى كاۋاپ بىلەن تەخسىدىكى پولونىڭ ئۈستىدىكى گۆشىنى ئېلىپلا قاچتى..< ۋايجان > دېدىم قورققىنىمدىن . ئۇ ئايال پەلەنپەيدىلا ئولتۇرۇپ ، ماڭا قاراپ بىرنىمىلەرنى دەپ غۇدۇڭشىغاچ، قولىدىكى كاۋاپنى كۆينىگىنىڭ ئېتىكىگە سېرىۋاتاتتى.ھەممە ئادەم ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ بىزگە ھەم ئۇ ئايالغا قارايتتى ، < ھەي ،،يەنە كەپسەندە..زىقىمىزنى ئەكەل ..ماڭ كەت...كېلىپ باقا قېنى،ئەمدى،> دەپ تىللاپلا كەتتى خوجايىن ئايال....< ما خاننىڭ كاۋىپى بىلەن پولوسىنىڭ گۆشىنى بېسىۋېتىڭلار > دېدى ئىچىگە قاراپ توۋلاپ تۇرۇپ..< بولدى..يىمەيمەن...> دېدىم مەن ھەم قولۇمغا تەخسىنى  ئالدىم دە ھېلىقى ئايالنىڭ ئالدىغا قويۇپ بەردىم...< مانىمۇ يەۋاسىلا..چوڭ ئاپا...> . < قورقمىسىلا ، يېنىمىزغا كەلسىلە...بىللە يەيمىز ..ئا ئۈستەلدە ئولتاسىلا > گۈزەل بېرىپ ھېلىقى ئايالنىڭ قولىدىن تۇتۇپ كەلدى...نېرۋىسى تازا جايىدا ئەمەس بۇ ئايال توختىماي كىمنىدۇر بىرسىنى ئاغزىنى بۇزۇپ تىللايتتى...< بولدى ..  چوڭ ئاپا ،،تاماق يېسىلە..ما گۆشنى مايەرگە قويسىلا..ھە،،،بولدى بۇنى يېمىسىلە..> دېدىم ئېتىكىدىكى كاۋاپلارنى ئېلىۋەتكەچ. < ئەمىسە قانى يەيمەن > دېدى..ئاۋازى شۇنداق قوپال ئىدى، ئەرلەرنىڭكىدك. < ھە ؟ ھاھا..مانا مانى يىسىلە،مانى > گۈزەل ئالدىدىكى كاۋاپنى بەردى...< ئۇستام بىزگە يەنە بىر گۆش پولو 5زىق كاۋاپ > دېدىم ئۇ ئايالغا چاي قۇيۇپ بەرگەچ...ھەممە ئادەملەر بىزگە قارايتتى...يېڭى كىرگەنلەرمۇ ئۈچىمىزگە ئەجەبلىنىپ قارايتتى...ئۈستى - بېشى شۇنچىلىك مەينەت..تىرناقلىرى ئۆسۈپ كەتكەن، چاچلىرى پاخپايغان،مەينەتچىلىكتىن رەڭگىنى يوقاتقان، قېتىپ كەتكەن كۆينىكى نەچچە يەردىن يىرتىلغان، كونىراپ ھالى قالمىغان ئاياقتىن شور ئۆرلەپ كەتكەن بۇ ئايالنىڭ ئالدىدىكى تاماقنى يالماپ يېيىشلىرىگە قاراپ، كۆڭلۈم بىر قىسما بولدى...< بولدى قىل ھە...ئەتىگەن ياقى بولغان ئۇيۇنلارمۇ ئاز ئەمەس ،،كۆزىڭدىن سۇ چىقارماي ئولتا ھە؟!> دېدى گۈزەل قولىنى سۈرتىۋېتىپ....ئويلاپ قالىمەن پىژغىرىم ئىسسىقلاردا، قەھرىتان سوغۇقلاردا، ھارۋا ئىتتىرىپ ، مەكتەپنىڭ ئالدىدا ئۆتكەن - كەچكەنلەرگە تەلمۈرۈپ  ئولتۇرغان بۇۋاي - مومايلارغا قاراپ. < بالىلىرى يوقمىدۇر؟ تۇققانلىرى يوقمىدۇر؟ مۇشۇ يېشىدا بالىلىرىنىڭ راھىتىنى كۆرىشى كېرەك ئىدىغۇ؟ >..ئىچىم ئاغرىپ نەچچە قېتىم پۇلنى بېرىپ نەرسىسىنى ئالماي كەتكەن يەرلىرىم بولغان. ( بىۋاستە پۇلنىلا بەرسەم خاتا چۈشىنىپ قالمىسۇن دەپ ).  ئۇ ئايال كېيىن چىققان پولونىمۇ يەۋەتتى..قالغان كاۋاپلارنى سېرىپ سولياۋ خالتىغا سالدى..گۈزەل بەرگەن ھۆل قەغەزدە قوللىرىنى ، ئاغزى - بۇرۇنلىرىنى ئېيتتى.....قايتاشىمىزدا، گۈزەل 50كوي پۇلنى چىقىرىپ<بۇنىڭغا تاماق ئېلىپ يېسىلە،ھە..ئەمدى خەقلەرنىڭكىنى بۇلىمىسىلا، بولامدۇ؟ > دېيىشى بىلەن ھېلىقى ئايال پىسسىڭڭىدە بىرنى كۈلدى....بەكمۇ يېقىملىق....< بۇنىڭدىن كېيىن ھەر جۈمە كۈنى چۈشتە مۇشۇ ئاشخانىغا كەلسىلە، بىزمۇ مۇشۇ يەردە تاماق يەيمىز، بىللە يەيلى > دېدىم مەن پايپايغان چاچلىرىدىكى  يۇپۇرماقلارنى ئېلىۋەتكەچ <ماقۇل.....  كېلمەن....كېلىمەن....> دەپ كېتىپ قالدى....ياتاققا كىرگۈچە جىم مېڭىپتۇق،گەپمۇ قىلىشماي. كۆڭلۈم بىر قىسمىلا، يىغلىغىملا كېلىپ تۇراتتى. < ياتاققا كىرىپ ئۇخلايمەن....تەنتەربىيەگە چىقمايمەن بولدى..> دېدىم ياتاق بىناسىغا چىقىۋېتىپ.  < مەنمۇ بىردەم قىيسىيىۋېلاي> دېدى گۈزەل (قىززىق گەپ قىلىدۇ ).

   ياتاقتا ھېچكىم يوق . قولفۇنۇمنى توكقا تىقىپ قوياي دەپ ئېلىپ ، ھېلىقى ئۇچۇر  ئېسىمگە كەلدى. < ۋۇي... ھەپتىسىگە 100كوي  قاچىلايدىغانغا ، ئاممىۋى تېلىفون ئەمەستۇر، قولفۇنىڭىز؟!...> ھازىر  بۇنىڭ  بىلەن ئېيچىشقىدەك ھالىم يوق ئىدى....< مېنى ئاۋارە قىلماڭە، كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق.....> < ۋىجدان ئازابى تارتىۋاتقان  ئوخشىمامسىز؟  100كوينى دەپ. ھېچقىسى يوق دېدىمغۇ..ئۇنتۇپ كەتتىم....>. ساراڭمۇ يا بۇ؟...نىمە بالا قالدىم دېسە...قولفۇنۇمنى ئېتىۋەتتىمدە، يېشىنىپ كارىۋاتقا چىقتىم. كۆز ئالدىمدابايىقى ئايالنىڭ سىماسى.. چوڭ ئاپام رەھمەتلىك بولغان بولسىمۇ، بىللە قولىنى تۇتۇپ، بازالارغا ئاچىقسام، مەكتەپنى، سىنىپلارنى، ياتىقىمنى كۆرسەتسەم قانچە خوش بۇلۇپ كېتەر بولغىيتى. ھەي..

   قاچانلاردا ئۇخلاپ قالدىمكىن تاڭ، ياتاقنىڭ تېلىفونى جىرىڭلاپ ئويغىتىۋەتتى. < ۋەي.نىمانداق قولفۇنىڭنى ئېتىۋالدىڭ؟  كۈپكۈندۈزدە ؟ > گۈزەلكەن. < ھە ..نىم بولدى ؟>. <نىمە بولدى دەيسىنا؟!  سۇ ئۈزگىلى بارىمىز ؟ بۈگۈن كالۋا >. < ھە..راست..نەدە سەن ؟>. < مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا،مۇشۇ يەردە يىغىلىدىكەنمىز. ئىشىكىڭنى ئۇرسام يا ئاچمايسەن..بولە ئاتتەك >...

    مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى  بويىچە، ھەربىر ئوقۇغۇچى ئۆز دەرىسىدىن باشقا يەنە 10پەننى ھەر مەۋسۈمگە بۆلۈپ تاللاپ ئوقۇشى كېرەك . گۈزەل ئىككىمىز سۇ ئۈزۈش، كىنو كۆرۈش، تايلاند گۇمپىسى، ...بىر قاتارلارنى تاللىغان. سۇ ئۈزۈش دەرسىگە بىرىنچى قېتىم قاتنىشىپ، تېرىنىرنى تازا ياخشى كۆرمىگەنتىم.....لېكىن سۇ ئۈزۈشنى ياخشى كۆرىمەن...< بىر، ئىككى، ئۈچ، تۆت،> تەييارلىق ھەرىكەت ئىشلەشكە بەك ئۆچ مەن ....بۇ خەنزۇ مۇئەللىمنىڭ  تېتىقسىزلىغى...< ساۋاقداشلار ، ئاۋازىمۇ غەلىتە چىقاتتى، بۈگۈنكى دەرىسىمىز قۇرۇقلۇقتا ئاساسىي ھەرىكەتلەرنى مەشىق قىلىش. بۈگۈن سۇغا چۈشمەيمىز > دەيدۇ.ساراڭمۇ بۇ ؟...كەيپىمنى ئۇچاردىغۇ بۇ، < ۋاڭ مۇئەللىم، نىمىشقا سۇغا چۈشمەيمىز؟ > دېدىم ئالدىغىراق چىقىپ. < بۇ ساۋاقداش ياخشى سورىدى...( بەك ئىچىمنى سىقىدۇ مۇشۇنداق گەپ قىلىپ)...چۈنكى بىز بۇ يەرگە سۇ ئوينىغىلى ئەمەس، سۇ ئۈزۈشنى ئۆگەنگىلى كەلدۇق.>. <مەنمۇ سۇ ئوينايمەن دېمىدىم. مەن سۇ ئۈزۈشنى بىلىدىغانلار قانداق قىلىدۇ دەۋاتىمەن> < سىز بىلىپ تۇرۇپ ، نىمە دەپ بۇ دەرسكە قاتناشتىڭىز؟ بىلمەيدىغانلارغا پۇرسەت بەرسىڭىز بولمامتى؟>( دېمىسىمۇ بۇ دەرسكە سان چەكلىمىسى قويۇلغان ئىدى..مەكتەپ ماشىنىسىغا پاتماي قالىدۇ دېدىمىكىن ) < مەن سۇ ئۈزۈشنى ياخىشى كۆرىمەن.  شۇڭا قاتناشتىم .ئەجەبا..سۇ ئۈزۈشنى بىلگەنلەر قاتناشمىسۇن دېگەن تۈزۈم بارمىتى، ۋاڭ ئۇئەللىم >  دېدىم  ئاۋازىمنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ...< بۇ ساۋاقداش جىددىلەشمەڭ. سىزنى قاتناشمىسۇن دېمىدىم. بىزنىڭ دەرس ئورۇنلاشتۇرۇش تەرتىۋىمىز بار، شۇ بويىچە ئۆتىمەن..بىخەتەرلىكىڭلارغامەن مەسئۇل بولىدىغان تۇرسام، سىز ئۇ يەردە سۇ چۆملەپ....> < ئۇنداق بولسا، ۋاڭ مۇئەللىم، مەن كېلەر سائەتتىن باشلاپ  قاتنىشاي>  گېپىنىڭ ئاخىرى تۈگىمەستىنلا دېدىم. < ئىختىيارىڭ، ئىمتىھاندىن ئۆتسەڭلا بولدى >  دېدى بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي، نەرسىلىرىمنى يىغۇشتۇرۇپ ، ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.

<div class=ForumPostContentText>

ئۆيگە كەلسەملا، بىر ھەپتىلىك ئىشلارنى ئاپام - دادامغا دوكلات قىلىشقا ئالدىرايمەن، ئاپامنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ يۈرۈپ، توختىماي گەپ قىلىمەن. < سەن بولمىساڭ بالام ، بۇ ئىككىسى ( ئىنىم بىلەن سىڭلىمنى دەيدۇ، ئۇ ئىككىسى بىزە جىمغۇر ) يا گەپ قىلمىغان تۈزۈك،،ئۆيدە بار - يوقلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ ، سەن كەلسەڭ بىر بالا بار ئۆيگە ئوخشايدۇ  بۇ ئۆي.> دەپ قويىدۇ ئاپام ئالدىمىزغا تاماق ئەكەلگەچ. ئاپام خىزمەت قىلمايدۇ، ئائىلىدە مەسئۇلىيەتچان ئايال ھەم لاياقەتلىك ئانا بولۇشقا تىرىشىدۇ، ھەم شۇنداق بولىۋاتىدۇ. شۇڭا دادام سىرتتا ھېچنىمىدىن غەم قىلماي، ئۆزىنىڭ سودا ئىشىنى قىلىدۇ. ئاپامدا غۇلجىلىق ئاياللارنىڭ پاكىز - چېچەنلىكى، ئىشچانلىقى، ئۆيگە، ئەرگە سادىقلىقى، ئەرنى يېرىم خۇدا بىلىپ، چەكسىز ھۆرمەتلىشى قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرى  بولغاندىن سىرت يەنە ئەقىللىقلىقى، تىرىشچانلىقى، شۈكرى - قانائەتچانلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكى، كۆيۈمچانلىقى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. مەن ھەممىدىن قايىل بولىدىغىنىم گەرچە ئاپام باشلانغۇچنىمۇ تولۇق ئوقۇمىغان ( ئۇكىلىرىغا  قارايمەن دەپ ئوقۇيالماپتىكەن،،) بولسىمۇ، بىلىم دائىرىسى كەڭ. ئىنىم بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ مۇسابىقە كۆرىدۇ، پۇتبۇل ، ۋاسكېتبۇل، چويلا توپ چولپانلىرى ئاپامغا ناتونۇش ئەمەس، خەلقئارا مەسىلىلەرگە بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ،   < ئاپاڭلارنىڭ كاللىسى ئوچۇق> دەيدۇ دادام پات پاتلا. ئاپام يېڭىلىقنى ئىتتىك قۇبۇل قىلغاندىن باشقا يەنە، قۇرئان ئوقۇپ، تىلاۋەت قىلىدۇ. جەينىمازدا بىزنىڭ ، دادامنىڭ ئىنسابىنى تىلەيدۇ. دوستلىرى جەمئىيەتنىڭ خېلى يۇقىرى تەبىقىدە، شۇلار بىلەن چايلاردا بىللە بولىدۇ. مىسكىنلەرگىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ، بىزگىمۇ مۇشۇ توغۇرلۇق دائىم تەربىيە بېرىدۇ. توي - تۆكۈنلەردە ئاپامنى تالىشىپ، يانلىرىدا تۇرغۇزىدۇ. < شەمشىنۇرنىڭ بەك ئادەمگەرچىلىكى بار، بەك ئوڭلۇق> دەپ خوشنىلىرىمىزمۇ ماختايدۇ.  كەچلىرى ھەممىمىز يىغىلساق بىزگە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ بېرىدۇ. ( سورۇنلارنىڭ گۈلى دەيمەن ). ئاۋازى شۇنداق چىرايلىق، يېقىملىق، كىچىك قىزلارنىڭكىدەك ئىنچىكە...ئۆيگە تېلىفون كەلسە، تولىراق ئاپام ئالىدۇ ، بۇ چاغدا دادامنى ئىزدەيدىغانلار، ئاپامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، < ھە قىزىم، دادىڭىز بارمۇ ؟> دەيدۇ...ئاپاممۇ چاندۇرماي، < دادا سىزنى ئىزدەيدىكەن > دەپ قويىدۇ.  بىزنى قەتئىي ئىش قىلغىلى قويمايدۇ، لېكىن < يېنىمدا تۇرۇپ كۆرۈڭلار > دەپ يېنىغا تۇرغۇزىۋالىدۇ. نان ياقىدۇ، قەتئىي سىرتنىڭ نېنىنى يىمەيدۇ. < سىرتنىڭ نېنىنى، تامىقىنى جىق يېسەڭلار ، ئەقلىڭلارنى گال قىلىدۇ > دەيدۇ.

     مانا ، ھازىرمۇ پولو ئېتىپ ،ھەممىمىزنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى. دادام بولسا، بىرىنچى بولۇپ دادامغا قويىدۇ، دادام ئىش بىلەن كېلەلمىسە، دادامغا بېشىدا ئۇسسۇپ ئېلىپ قويىدۇ، دادام ئىشىكتىن كىرسە، ئالدىغا ساپما كەش ئاپىرىدۇ، ماڭسا <ئاللاغا ئامانەت، بىسمىللا دەپ مېڭىڭ.> دەپ كەينىدىن چۈشەيلا دەپ قالىدۇ. ئاندىن بالكوندىن پەسكە قاراپ، دادام ماشىنىسىنى ھەيدەپ ماڭغىچە < خۇدايىمغا تاپشۇردۇم> دەپ  تۇرىدۇ. بەزىدە ئىچىم پۇشۇپ < دادام بالاڭمۇ يا؟ ئاپا > دەپ قويىمەن. < داداڭ دېگەن مېنىڭ يۆلەنچۈگۈم، ئۆمۈرلۈك ھەمرايىم، سىلەر ھەممىڭلار توي قىلىپ چىكەتسەڭلار، شۇ يەنە داداڭ بىلەن قالىمەن، چوڭ داداڭ رەھمەتلىكمۇ ماڭا تاپشۇرغان، داداڭلارنى > دەپ خاپا بولىدۇ. ئاچچىقى بەك يامان . بىزگە دىكتاتۇرىنى جىڭراق ئىشلىتىدۇ. چوڭ ئاپام چوڭ دادام تۈگەپ كېتىپ، مەن مۇشۇ ئۆيگە كەلگەن ۋاقتىمدىن تارتىپ، ئاپامدىن شۇنداق قورقىمەن. ئىنىم - سىڭلىممۇ شۇنداق قورقىدۇ.  ئەمما دادام،بولدى، بەك ياخشى ئادەم . دادامنى دوستتەكلا كۆرىمىز،ئۆزى باغرى يۇمشاق،  بالىجانلىق ئادەم. خۇشئاۋاز، كۆيۈمچان دادا. ئاپامنىمۇ چەكسىز ھۆرمەتلەيدۇ، < ئاپاڭلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاڭلار، ئاپاڭلارنى خاپا قىلماڭلار >دەپ تۇرىدۇ. ئۇ ئىككىسىگە تولىمۇ ھەۋەس قىلىمەن. ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتىدىن بۇ دۇنيادا ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ بولىدىغانلىقى ھەم ئۇزۇن داۋاملىشىدىغىنىغىمۇ چەكسىز ئىشىنىمەن.

   كەچلىك تاماق يەپ بولۇپ، كومپىيوتىرغا قاراپ ئولتۇرسام ، سىڭلىم كىردى. ئىككىمىز 2 ياشلا پەرق قىلىمىز، دوستتتەكلا ئۆتىمىز. ئۇ خەنزۇچە مەكتەپتە ئۇقۇدى، ھازىر تىببىي ئۇنۋېرسىتىتتا ئوقۇۋاتىدۇ. بەك يۇۋاش، ئىشچان، ئەخلاقلىق. ئىككىمىزنىڭ مىجەز - خارەكتىرىمىز ئانچە ئوخشىمايدۇ. ئۇ بەك كەمسۆز. جىق ئىشلارغا كۈلۈمسىرەش يا بېشىنى لىڭشىتىش بىلەنلا جاۋاب بېرىدۇ. ئەمما ماڭا بەك ئامراق، مەن بىلەن پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

    < ھەدە، چەتتە ئوقۇشقا قانداق قارايسەن؟ > دېدى كىيىم ئىشكابىمنى رەتلىگەچ، ئۆزى خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان بىلەن، ئۇيغۇرچىنى يېزىشنى، ئوقۇشنى بىلىدۇ. قۇرئان كەرىم يادلاۋاتىدۇ .( دادام كىم بالدۇر يادلاپ بولسا مۇكاپات بېرىمەن دېگەنتى، مەنغۇ ئۈمىدىمنى ئۈزدۈم ) ئىسلام دىنىنى ئىلمىي قۇبۇل قىلغان بۇ سىڭلىم. < چەتكە چىقسا ياخشىغۇ، بىزنىڭ بەزى قىزلارمۇ چەتكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، ھېلىقى ئېلنۇر ھەدەڭ ، ھە شۇمۇ. فىرانسىيىگە چىقىشقا ئىلتىماس قىلدى. > دېدىم كومپىيوتىردىن كۆزۈمنى ئۈزمەي..< ھە..گىرمانغا چىقىدىغانلار بارمۇ ؟> < ئۇنى بىلمىدىم جۇمۇ، يوققۇ دەيمەن،،بۇنى سوراپ قالدىڭغۇ؟ > دېدىم ئۇنىڭغا قاراپ. < ھېچنىمە..سوراپ باقتىم..>  < سەن دوختۇرلۇقنى ئوقۇغاندىن كېيىن ، چەتكە چىقساڭ ئەڭ مۇۋاپىق ساقام. ئوقۇشۇڭنى پۈتتۈرۈپ ئىلتىماس قىلارسەن يا ھە...> دېدىم تارتمىنى ئاختۇرغاچ. سىڭلىم بۇرۇنقىدەك كۈلۈپلا قويدى ، خالاس.

    خاتىرەمنى ئالدىم، كۈندىلىك خاتىرە دېگىلى بولمىسىمۇ ،لېكىن 3-4كۈنلۈك خاتىرە دېگىلى بولىدۇ مېنىڭ يازغانلىرىمنى مەنچە. نەچچە خاتىرە دەپتەر توشۇپ بولدى..ئادەمنىڭ ھېسسىياتى چەكسىز بولىدىكەن ، يازسا - يازسا  تۈگىمەيدىكەن.  چوڭ دادام تۈگەپ كېتىپ يېزىشنى باشلاپتىكەنمەن ..ئون يىلدىن ئېشىپتۇ.....قىززىق بۇرۇنقى يازغانلىرىمغا قارىسام ، ئۆزۈمنى چوڭ بولغاندەك ھېس قىلىپ قالىمەن، بەزىلىرى پەقەت شۇ كۈندىكى ھېسىياتىمغىلا ۋەكىل بولالايدىكەن، بەلكىم شۇ ۋاقىتتا شۇنداق ئويلىغىنىممۇ توغرىدۇر. شۇنچە ئۇزۇن يوللارنى بېسىپتىمەنۇ، لېكىن مەن يەنىلا بىر بالا . رەھمەتلىك ،سۆيۈملۈك چوڭ دادام ئاخىرقى نەپەسلىرىدە، ماڭا ئاتاپ يىققانلىرىنى قولۇمغا تۇتقۇزغاچ، ئۈزۈپ ئۈزۈپ < جېنىم بالام، ئەسلى بۇلارغا سېنى چوڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتارمەن، تويۇڭنى ئېسىل قىلىپ بېرەمەن دېگەن، چوڭ بولۇپ قالدىڭ ، ئۆزۈڭ ساقلىغىن،قارا سەن بىر ياراملىق ئادەم بولۇپ چوڭ بولىۋاتىسەن.  ھەممە ئىشتا ئۆزۈڭگە ئىشەنگەن ، سەن خاتا قىلمايسەن، ئۆزۈڭ توغرا دەپ قارىغان بولساڭ، ئىككىلەنمىگىن، سەن چوڭ بولدۇڭ، ئۆزۈڭنىڭ يولىنى ئۆزۈڭ مېڭىپ چىقىرىسەن ، ئەمدى سەن بالا ئەمەس، چوڭ قىز بولدۇڭ، شۇڭا ئاللاھ تائا مېنى ئەكىتىدۇ، بالام ،،،،،،مەن ئۇ دۇنيادا سەن تۇرۇپ ساڭا دۇئا قىلىمەن، بەخىتلىك بولغىن جېنىم بالام > دېگەنىدى. شۇ چاغدا ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەم دەپ ئويلايتتىم،چوڭ دادامنىڭ كېتىپ قېلىشى بۇ قارىشىمغا تەسىر كۆرسىتەلمىدى.  دادام دېگەندەك چوڭ دادامنىڭ روھى بىز بىلەن بىللە، بىزنى كۆرەلەيدۇ ، لېكىن بىز كۆرەلمەيمىز، بىز پەقەت روھىغا دۇئا قىلىمىز، بىر سىركاي سۇ ئىچسەكمۇ. خاتىرەمگە يازدىم. < خاتىرجەم بولغىن چوڭ دادا، سېنىڭ نەۋرە قىزىڭ چوڭ بولدى. قەيسەر، چىداملىق بولىدۇ، سەندەك ياشقا بېرىپ نەۋرىلىرىگە سەن دېگەن گەپلەرنى دەيدۇ >.

</div>

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-2-25 23:51:59

نەدىمۇ سافادا ئۆزى ئولتۇرۇۋالىدىغان ئىش بار؟

مۇبارەك بولسۇن سىزگە!!..

yusran يوللانغان ۋاقتى 2009-2-25 23:52:48

بۇگۈن چارشەنبە،  < رائىلە ( بىر ناخشىچى دوستۇم ) چۈشتىن كېيىن، بىر يەرگە بېرىشىپ بەر، ياتىقىڭدىن چىقماي ئولتۇرۇپ تۇر دەپ تېلىفون بېرىپتۇ، چۈشتىن كېيىن سىياسىي ئۆگىنىشكە چىقالمايدىغان بولدۇم، نىجات ،  ... ..ۋاي  .. ماڭىمۇ نىمە ئامال...ھە ھە،،شۇ شۇ قىز، ناخشىچى شۇ ،،ئەمىسە سىزگە تاپشۇردۇم ھە، رەھمەت نىجات. > ، < ئۇف.. ..تازىمۇ، بۇ رائىلەمۇ چۈشتىن كېيىنرەك كەلسىچۇ ،،> دېدىم كارىۋاتتكى يىغىقلىق يوتقانغا يۆلەنگەچ. < ۋاي بولدى قىلە،،،باناغۇ ئۇ بىر،،باشقا ئادەمنىڭ ئالدىدا دېسەڭ قانداقكىن، بىز بۇ گەپلەرنى ئاڭلىساق بەك بىئارام بولۇپ كېتىدىكەنمىز ..> دېدى كامىلە چامادىنىنى رەتلىگەچ. <ئۇندامۇ دەپ كەتمە...بۇ ھەپتە ئۆيدىن قەتئىي نىيەت قىلىپ كەلگەن بولمىسا،،مۇشۇ ئادىمى شەيتانلىرىم زە،،> دېيىشىمغىلا ئىشىكتىن بىر قولىدا تېلىفون سۆزلىشىپلا، رائىلە كىردى، ئۇ بىر ياقتىن كامىلە بىلەن سالاملاشقاچ ،بىر تەرەپتىن< مېنى بولە ئات، ئۇلار ساقلاپ كەتتى > دەپ قولۇمدىن  تارتىپ دېگۈدەك ئاچىقىپ كەتتى. < نىمانداق ئالدىرايسەن؟ 2دە كېلىمەن دېگەنتىڭغۇ؟ > دېدىم ياتاق بىناسىدىن چىقىۋېتىپ. < ۋاي ، ئاداش، گەپ قىلما، مەكتىپىڭلارنىڭ يېقىندا بىر تويىمۇ ،بىر مەرىكىسى بولىدىكەنغۇ؟ دېدى ئۇ. < ھە ، توغرا، 80يىللىق تويىنى قىلىمىز دەۋاتاتتى، بىزغۇ ئۇ ئىشلارغا ئارىلاشمىغاندىن كېيىن، نىمە ؟ سەن ئۇ تويدا ناخشا ئېيتمايدىغانسەن؟ > < بىر تونۇش بالىلار باتتى، مۇزىكا ئەترىتى بار، شۇلار ناخشا ئېيتىدىكەنتۇق، مېنى ئاكورت ئېلىپ بەرسىڭىز ، دەپ بەك ئىزدەپ كەتتى، مانا ، ئەنە دەپ سوزىۋەتتىم دېگىنە، شۇڭا بۇگۈن دېيىشىپ قويغان. ئۇلار بېيجىڭ ۋاقتى ئىشلىتىدىكەن دېگىنە، مەن كالۋا چۇشتىن كېيىن 2دە دەپتىمەن، بايام ياقى تولا تېلىفون قىلىپ ...ئاداش > < ۋايجان،،،ئۇ يەرگە نىمە دەپ بارىمەن مەن، يا ناخشا ئېيتالمىسام>...دېدىم تۇمشۇقۇمنى سوزۇپ.< ماڭا ھەمرا بولۇپ بېرىشىپ بەرسەڭ بولمامدا؟!..ئۇيەردە ساپلا ئوغۇل بالىلار بىر توپ مۇزىكا ئوينايدىغان، مەن ئۆزۈم يالغۇز بارامدىم.؟..> دېدى ئۇ تاكسى توسىغاچ....

    ئۇ ئۈنگە ئېلىش ئۆيى بىزنىڭ مەكتەپنىڭ تۆۋىنىدىلا ئىكەن، بىردەمدىلا باردۇق. ئالدىمىزغا بىر ئېگىز، قارامتۇل بالا چىقتى..< ياخشىمۇسىلەر، > دەپ بىرەر قۇر رەسمىيەتكىلا سالاملىشىپ، ئۇ < ئېگىز>نىڭ كەينىدىن ماڭدۇق. 4- قەۋەتكە چىقىشىمىزغا ،يەنە بىر پاكارراق، ئوچۇق چىراي ئوغۇل بالىدىن بىرسى چىقتى...< ۋۇي، رائىلە، ئۇزۇن بولدى كۆرۈشمىگىلى، قانداقراق يېقىننىڭ ياقى ،،،ئاڭلىدىم، خېلى يامان ئەمەسقۇ،يېڭى ئىجادىيىتىڭىز > دەپ خەنزۇچە ئەھۋاللىشىپ كەتتى..< ئېگىز > ئىككىمىزمۇ كەينىدىن مېڭىپ، ئۇلارنىڭ ئىشخانىسىغا كىردۇق،  شۇنداق ئازادە، پاكىز، بېزىلىشى ئالاھىدە بۇ يەر تولىمۇ راھەت تەسىر بېرەتتى. نەچچە ئوغۇل بالىنىڭ بۇنچە چوڭ ئۆينى بۇنداق سەرەمجان تۇتۇشىغا ھەيران قېلىپ، ئۇياق - بۇياقلارغا قاراپ ئولتۇردۇم، < ۋۇي، بۇ چىرايلىق قىزچۇ ؟ دوستىڭىزما؟ ئۇياق - بۇياققا قاراپ ، بىزنى تەكشۈرگىلى كەلدىمۇ نىمە؟> ئۇ بالا ئۇيغۇرچە بىلمەمدىغاندۇ...<ھە، مەنما؟>دېدىم رائىلە گەپ قىلغۇچە،<مەن رائىلەنىڭ يېزىدىن كەلگەن تۇققىنى، ھازىر شەھەرگە كىرىشىم،،،شۇڭا...> دەپ كۈلۈپ قويدۇم... ھا ھاھا...ھەممىسى كۈلۈشۈپ كەتتى....

       < ۋۇي،،يېزىدىن كەلگەنلەرنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بوپتىكەن،،،،قېنى قېنى ،،مەن بىر كۆرەي..<<يېشىل >> ئادەملەرنى > دەپلا، ئىچكىرىكى ئۆيدىن بىر بالا چىقتى..قولىدا جايناماز تۇراتتى، كىيىنىشلىرى شۇنچە زامانغا لايىق، چىرايى شۇنداق نۇرلۇق،،،ئەمما كۆزلىرىدە سۈرى بار بۇ يىگىت ماڭا قاراپ، ئاندىن رائىلە بىلەن كۆرۈشتى،،< ۋۇي، چولپانلارنى ئاۋارە قىلىپ..بىز ھە..> دەپ رائىلە بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ( بۇ مۇزىكا ئوينايدىغانلار ھەممىسى شۇنداق كۆرىشىدىكەنغۇ ) . < بەك رەھمەت جۇمۇ،،بۇ ئاكورتنى سىز ئالمىسىڭىز ناخشامنىڭ پەيزە چىقمايتتى>،دېدى يەنە ئۇدۇلىمىزغا كېلىپ  ئولتۇرغاچ،  < ھە ..ئەسلىدە..ناخشىچىكەندە  بۇ غوجام> دېدىم ئىچىمدە،،ئاغزىمنى پۈرۈشتۈرۈپ  قويۇپ، باشقا يەرلەرگە قارىۋالدىم،..< ۋاي ياقەي..ئۆزىمىزنىڭ ئىشىغۇ بۇ،،> دېدى رائىلە ماڭا قاراپ،،مەنمۇ كۈلۈپ قويدۇم،،،< ھە راست ،،دېدى رائىلە  بۇ مېنىڭ يېقىن كىچىكىمدىن باشلاپ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان سىڭلىم دوستۇم..ئۆزى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىدا ئوقۇيدۇ، > دېيىشىگىلا ، ئۇدۇلۇمدىكى ئەبلەخ  < ھە..مەن تېخى بىزنىڭ ناخشىمىز ياخشىراق چىقسا، ئۇسسۇل ئويناپ بېرەي دەپ كەلگەن ئۇسسۇلچى دوستىڭىزمىكىن دەپتىمەن >  دەيدۇ، گەپ قىلمىدىم،،< ھا ھا ...بۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭسام مودىلما دوستۇڭ، دەيتتى باشقىلار بۈگۈن سىز ئۇسسۇلچى دېدىڭىزغۇ ئەمدى..> دېدى رائىلە كۈلكىدىن ئۆزىنى ئاران توختىتىپ، ( بۇيۇم ئېگىز بولغاچقىمىكىن تولا خەقلەردە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىمەن ھى ھى ) . < يا دەيمىنا،،قارىسام...بىر خىل ئۇسسۇلچىلارغا خاس لاتاپەت چىقىپ تۇرىدۇ.....قاراڭە قاپاق دېگەننى تۈرۈپ > .دەپ بولۇپلا باشقا ياقلارغا قاراپ تۇرۇۋالدى.. تازىمۇ ساراڭدىنغۇ بۇ...< كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ ھە...بۇ بالا نەچچە كۈننىڭ ياقى ، ئۇخلىماي ناخشا يازىمەن دەپ،،،تۈنۈگۈن ياقى لېنتىغا ئالىمەن دەپ مۇشۇنداق بولۇپ قالدى..توغرا چۈشۈنۈپ تۇرايلى ھە،،> دېدى ھېلىقى ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى بىلمەيدىغىنى. < ياقەي....بۇنداق يېتىلىۋاتقان، مىللىي سەنئەتچىلەرنى قوللىمىساق بولامدۇ،،،> دېدىم قاپىقىمنى سۈزۈپ. < جۈرۈڭلار، ئىچىدىكى ئۆيگە كىرىپ مەسلىھەتلىشىۋالايلى.> دەپلا ھەممىمىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، ئىچىدىكى ئۆيگە قاراپ ماڭدۇق...ۋا!بۇ ئۆي تېخىمۇ ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا ئاددى قىلىپ بېزەلگەنىدى. ئادەمگە ياۋروپانىڭ ئېسىل مۇزىكىلىق - چايخانىلىرىنى ئەسلىتەتتى،  غەلىتە، بۇغىنىڭ مۇڭگۈزىگە ئوخشاپ كېيىدىغانراق بىر ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇم، < ئاۋۇ ، مېنىڭ مەخسۇس ئورۇندۇقۇمتى،،؟> دېدى ھېلىقى ئەبلەخ، < ئىسمىڭىز بارمىتى ؟ >  دېدىم تۇتقۇچلىرىغا قارىغاچ،بىردەمدىلا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پارىڭىغا چۈشۈپ كەتتى.سومكامدىن   دائىم يېنىمدىن  ئايرىمايدىغان  < تىمتاس شەھەر> نى ئالدىم دە، ئۇقۇشقا باشلىدىم....

  تۇيۇقسىزلا ، قولفۇنۇمنىڭ تونۇش مۇزىكىسى ئاڭلاندى،،،،قارىسام ھېلىقى ئەبلەخنىڭ قولىدا قولفۇنۇم تۇرىدۇ، تېخى خىيالىدا يوق ئاۋازىنى يوقىتىۋېتىپ ، ھە دەپ ئۆزلىرىنىڭ گېپىگە چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ، < قانداق تېتىقسىز نىمە بۇ؟!..بايام ئاۋۇ ئۆيگە تاشلاپ قويۇپتىمەنكەندە،،( پات - پات ئۇ يەر - بۇ يەرگە تاشلاپ قويىمەنچۇ ). > ئورنۇمدىن تۇرۇپ، يېنىغا يۈگۈرگەندەك باردىمدە، قولىدىن شاپپىدە تارتىپ ئالدىم قولفۇنۇمنى. < چاقچاقمۇ جايىدا بولسۇن ھە؟!> دېدىم ئالايغاچ ھېلىقى ئەبلەخگە. < ۋەي كىمۇ؟ دېدىم قارشى تەرەپ تېخىچە ئۇرۇۋاتاتتى،،< ئالو،،ئەزىمەت > دېدى بىرسى...< كىمنى ئىزدەيسىز دەۋاتىمەن > دېدىم تېرىكىپلا، < ۋۇي، گەپ ئۇقمامسىز،،ئەزىمەتنى ،،ئەزىمەتنىڭ ئۆزى قېنى...>..ئو! ۋاي خۇدايىم...كاللامدا ئىنكاس قىلىپ بولغۇچە، ھېلىقى ئەبلەخ ( ئەمدى ئەزىمەت دەي ھە ؟) قولۇمدىن ئېلىپ سۆزلەشتى < ھە ،ئالىم ، قانداق ئەھۋال؟ ھە شۇ ھېلىقى ناخشىغا ئاكورتنىڭ ئىشىنى دېيىشىۋاتقان..>.قالغان گەپلەر قۇلىقىمغىمۇ كىرمىدى. رائىلە < ۋىيىي، ئاداش ، بەك ھاڭۋاقتى جۇمۇ سەن،،ھە ...> دېدى..كۈلۈپ كېتىپ،،ھېلىقى ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغانمۇ ئەمدى ئاڭقىرغان بولسا كېرەك، ئۆزىنى تۇتالماي كۈلۈپ كەتتى. ئورۇندۇققا كېلىپ كىتاۋىمنى كۆرىۋەردىم ،ھېچ ئىش بولمىغاندەك..لېكىن كىتاب مېنى كۆرىۋاتامدۇ مەن كىتابنى كۆرىۋاتامدىم، يۈزلىرىم ئوت بۇلۇپ يېنىۋاتاتتى. ھېلىقى ئەبلەخ ھە ،ياق،  ئەزىمەت تېلىفون سۆزلىشىپ بولۇپ، قايتىپ كىردى، يۈزلىرىمنى كىتاۋىم بىلەن توسىۋالدىم . < بولدى ئىززا تارتماڭ،  كاتىپىمتى تېلىفوننى ئالغان دەپ قويدۇمغۇ؟! قىززىق قىزكەن دەيمەن بۇ،،ئادەمنى قورقۇتۇپ، > ئۇ ئېنىق ماڭا قاراپ سۆزلەۋاتاتتى، قەستەنگە قارىماي ئولتۇرۇۋالدىم،،،،< سورىسىڭىز،،كۆرەپ باقاي، بىزنىڭ يۇرتتا يوقتى دەپ، بەرمەمدىم،،ئۇنداق بۇلىسىڭىز،،،ھەي ،،كېسىلىم بار ئادەم ،،،يۈرۈگۈم ئاجىز مېنىڭ > دېدى يېنىمغا كېلىپ....يانچۇقۇمدىن قولفۇنىمنى ئالدىم دە،               < نىمانداق گەپ قىلمىسا، ...مانى كۆردىڭىزما؟ > دېدىم كۆزلىرىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ قولفۇنۇمنى..ئوپمۇ - ئوخشاش، بىر ماركا، بىر خىل تىپ، ئوخشاش رەڭ. < مەن تېخى مېنىڭكىنى ئوخشايدۇ دەپتىمەن ، بىلدىڭىزما ؟ سىزنىڭكى ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسام ھېلىغۇ تۇتۇشكەن ، قاراپ قويمايتىم...> دېدىم بويۇنلىرىمنى تولغاپ...باشقىلىرى توختىماي كۈلىۋاتاتتى...< ۋىيىي، ما گەپنى ، ئەمدى سىزنىڭكىگە ئوخشىسىلا سىزنىڭ بولۇپ قالامدا،،يا بىر تاللىمىتى سىزنىڭ قولفۇنىڭىز؟ سىز بىلەن ئوخشاش نەرسىسى بولۇپ قالسا قورقسا بۇلامدا نىمە ئادەم، قاچان كېلىپ بۇلاپ كېتىدىكىن دەپ ؟> ئەمدى گەپ قىلاي دىيىشىمگە يەنە باشلىدى گېپىنى، < سىزنىڭكى ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسام تۇتماستىم. قارىماستىم دەپ كەتكىنىنى ،،قانداق قىلاي، خويمۇ راھەت ئولتۇرۇپ كەتتىڭىزغۇ ئەجەپ،بۇ ئورۇندۇقتا، تېخى سىلاپ قوللىرىڭىز بىلەن > دېدى مەن ئولتۇرغان ئورۇندۇقنى كۆرسىتىپ.<نىمىگە ئاساسەن سىزنىڭ؟ ئىسمىڭىز بارما؟ >  دېدىم كۆزلىرىمنى چەكچەيتىپ، < بار..نىمدا گەپ قىلمىسام ...يوقمىكىن دېگەنما ؟> دېدى ئورۇندۇقىنى ئايلاندۇرۇپ ، <كۆردىڭىزما بۇنى؟ << ئەزىمەت قەھرىمان >>. > دېدى ئورۇندۇقنىڭ ئارقا تەرەپ، ئوتتۇرىدىكى ئەڭ ئۇزۇن چىشنى كۆرسىتىپ . ھەقىقەتەن شۇنداق ئىسىم ئويۇلغانىكەن..باشقىلار مەخسۇس ئولتۇرۇپ <بىكارلىق ئۇيۇن > كۆرىۋاتاتتى. < ۋاي ،،كىم بىلىدۇ؟! ئەزىمەت قەھرىمان دېگەن سىزمۇ؟ ئەمەسمۇ ؟ > دېدىم ئۇتتۇرغۇم كەلمەي، < توۋا...ھە بوپتۇ ..> دەپلا يانچۇقىدىن كىملىگىنى چقاردى..باشقىلار كۈلۈپ ئۆينى كۆتۈرىۋېتەي دېگەن ئىدى. < مانى ..ھە مانى كۆردىڭىزما؟  خەت تۇنۇمسىز يا ؟> < ۋاي ،،كىم بىلىدۇ جامۇ؟ جىڭمۇ؟ كىملىك دېگەنگىمۇ ئىشەنگىلى بولامدۇ مۇشۇ كۈنلەردە ..> دېدىم قاراپمۇ قويماي < توۋا خۇدايىم ، مۇنداق سەھرالىقنى كۆرمەپتىكەنمەن جۇمۇ ...>دەپ ئەزىمەت ئۆزىمۇ كۈلۈپ كەتتى. < ھە..بولدى قىلىڭلار ..ۋاي - ۋۇي ، كۆرۈشۈپلا چىقىشالمىغىلى تۇرغان بۇ ئىككىسى ،،بۇ ئۇماقنى زورلاپ ئەكەلگىنىمگە تويغۇزۋەتمەڭ ، ئەزىمەت > دېدى رائىلە ئورنىدىن تۇرۇپ مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ، يۈزلىرىمنى سىلىغاچ،،،< ئاچىلار ، بۇ دۇنيادا ئادالەت دېگەن نەرسە بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار....> دېدى ئەزىمەت سافاغا ئولتۇرغاچ،،،< چاققان بولە، سەنمۇ رائىلە،،،ئىشىڭ تۈگىسە كېتەيلى > دېدىم كىتاۋىمنى سىلكىپ ئېچىپ تۇرۇپ. < ۋۇي بۇ قىز ، ئۇماق بۇ قىز ،،خاپا بولۇپ قاپتىمۇ نىمە؟  بايام بەك يامانتى بولمىسا ھە...> دېدى ئەزىمەت بويۇنلىرىنى سوزۇپ ماڭا قاراپ، ئالىيىپ قۇيۇپ كىتاۋىمنى كۆرىۋەردىم....

    بىردەمدىن كېيىن ئۇلار ئىچىدىكى ئاۋاز ئېلىش ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.....شۇندىلا مەن ھېلىقى ئورۇندۇققا سەپ سېلىپ قارىدىم، ،، ھەقىقەتەن ئېسىل ئورۇندۇق ئىدى..ئورۇندۇقمۇ ئەمەس..كىرىسلودەك ،لېكىن ھەممە يېرى تۇتقۇچلىرىدىن تارتىپ، مۈڭگۈزدەك قىلاتتى. ..ئىتتىك كەينىمگە قارىدىم، ئەزىمەت ماڭا قاراپ قوللىرىنى ئالماشتۇرۇپ، كۈلۈپ تۇراتتى. ئىتتىكلا باشقا يەرلەرگە قارىغان بولۇپ تۇرىۋالدىم، <كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىكەنسىز ھە ؟!> دېدى ئۇ كىرىسلوغا قويۇپ قويغان كىتابىمنى كۆرۈپ، < ياخشى كىتاب بۇ، خالىدە ئىسرائىل بەك چىن يازىدۇ > ۋاي،،، قورغان تېخى كىتاب كۆرىدىكەندە..گەپمۇ قىلمىدىمدە....قولىدىن كىتابىمنى ئېلىۋالدىم ،  ئۇ بىردەم تۇرۇپ بېقىپ ، چىقىپ كەتتى.

    بىر ۋاقىتتا رائىلەنىڭ قولفۇنى سايرىدى....بىسىۋەتتىم،  يەنە سايرىدى،،،< رائىلە ،،تېلىفۇن > دېدىم ئىچىگە قاراپ. < ئەكىرىپ بېرە ، جېنىم،،> ...ئىچىدىكى ئۆي 2 ئېغىزلىق ئىدى،،،،تېشىدىكى ئۆيدە تۇرۇپ تۇردۇم،،رائىلە ئىچىدە ئاكورت بېرىۋاتاتتى.....بۇرۇنمۇ ئاۋاز ئالىدىغان مۇشۇنداق ئۆيلەرگە بېرىپ باققان. ئۇ ئۆيلەر ئاساسلىق تېشىدىكى ئۆينىڭ تېمى كۆك ياكى قارا رەڭدىكى رەختلەر بىلەن ئورالغان ..( ئىچىگە بىر قانداق ماتىرىيال ئېلىپ ئورايدىكەن ،ئاۋاز ئايرىش رولىنى ئوينايدىكەن ) بىر ياكى ئىككى كومپىيوتىر قويۇلغان...بىر ئېلىكتىرونلۇق چالغۇ ، بىرەر تال باس گېتتار،،ئىچىدىكى ئۆيلىرىمۇ شۇ بىرەر تال مىكرافۇن، ئۆي ئىچىمۇ قاراڭغۇ، دېگەندەك مۇشۇنداق بېزىلەتتىكەن. لېكىن بۇلارنىڭ بۇ ئاۋاز ئېلىش ئۆيى مەن كۆرگەن بۇرۇنقىلىرىغا ئانچە ئوخشىمايتتى، بۇ يەر يورۇق ھەم رەڭلىك ئىدى.....پاكىزلىقىدا گەپ يوق. ئېلىكتىرونلۇق چالغۇدىن نەچچە قەۋەتلىكلىرى، ئاۋاز ياڭراتقۇلىرى شۇنداق ئىلغار، ئىشقىلىپ مەن بىلمەيدىغان مۇزىكا ئەسۋابلىرى جىق ئىدى.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2009-2-25 23:54:20

< داۋاي، تۈگىدى جېنىم..بىر ئاڭلىۋەتكىن ھە.....> دېدى رائىلە قوللىرىدىن قاس چىقىرىپ، < توۋا...ناخشىغا ئاكورت ئالسا باشقىچە چىقىدىكەن ھە؟!!!  > دېدىم ناخشىنى ئاڭلاپ بولۇپ، < ئەلۋەتتە، جىق نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىڭىزدە، شەھەرلىكلەردىن ھە؟! سەھرادىمۇ بارمىتى يا؟! > دەپلا ئالدىمغا كەلدى ئەزىمەت ، قولىدا مېنىڭ < تىمتاس شەھەر>ىم تۇراتتى،  كۆزلىرىمنى ئالايتتىمدە، قولىدىكى كىتابنى تارتقاچ< سىز شەھەرلىك غوجاممۇ ئانچە - مۇنچە ئەدەپ - قائىدە ئۆگىنىپ قويۇڭ، بولمىسا بىز تەرەپلەرگە ئۆتۈڭ، ئوبدان ئۆگىتىپ قويىمىز > دېدىم. كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە ماڭا قاراپ < ۋۇي،،،بۇ بۇ كىتابىم > دەپ دۇدۇقلاۋاتاتتى، < ئىززا تارتماي كىتابىم دەۋاتقىنىنى، نومۇسسىز ئەبلەخ > دېدىم ئىشىكتىن چىقىپ كېتىۋاتقاچ.

    < نەگە باردىڭ ئات؟ بىر چۈشتىن كېيىن يوققۇ؟ > دېدى ياتاقتا خاتىرىسىگە بىرنىمېلەرنى يېزىۋاتقان خوتەنلىك قىز رىزۋان، قۇلىقىدىكى نائۈشنىكنى ئېلىۋەتكەچ.  بەك ئۇماق گەپ قىلىشى بۇنىڭ، خوتەن شىۋىسى بار ، ئەمما بەك يېنىك، ئۆزىنىڭ ئاۋازىمۇ بەك تاتلىق، نۇرغۇن بالىلار ئاۋازىغا كۆيۈپ قالغان بۇنىڭ. ئۆزىمۇ چىرايلىق. بۇغداي ئۆڭ،  قاش - كۆزى ئاتتەك چىرايلىق. بۇرۇن بەك ياۋايى ئىدى، ھېچكىمگە تۈزۈك گەپمۇ قىلمايتتى، ئوغۇللارغا ئابايلا گەپ قىلمايدۇ.  چۈنكى ئۇ چاغدا بۇنىڭ 6يىللىق بىر ئوغۇل دوستى بار ئىدى، ئېلى دەپ، ساقچى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان . بۇ ئىككىسى ئوتتۇرا مەكتەپتىلا يۈرۈپتىكەن . ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىنمۇ ئىككىسى بىللىلام زادى، بۇ بارىدۇ يا ئۇ كېلىدۇ، دېگەندەك.  ئىقتىسادنىمۇ بىرلەشتۈرۋەتكەن تېخى، ئۇ چاغدا بۇ بىز بىر يەرلەرگە ئوينىغىلى چىقساق ئېلىنى بار دەپ چىقمايتتى. بىزنىمۇ بالدۇرراق بىرەرسىنى تېپىپ، يۈرۈۋېلىشقا ئۈندەيتتى، تېخى. ئون ئېغىز گەپ قىلسا 9 ئېغىزىدا ئېلى بار ئىدى. بەزى كۈنلىرى ئىچىم سىقىلىپ < ئاداش شۇنچە ئۇزۇننىڭ ياقى بىللە بولغاندىن كېيىن، بىز بىلەن بىللە بولغاندا بولسىمۇ ئۇنتۇپ كېتە بىردەم> دەيتتىم. < ئۇنتىيالمىسام،،ئۇنتۇغىلى بولامتى ھى ھى > دەپ كۈلەتتى، مۇشۇ كۈلۈشى بەك ئۇماق ئىدى. بۇ ئىككىسىنىڭ دېيىشمەيدىغان گېپى يوقتى ھە. قولفونلىرىنى بىر - بىرسىگە ھېلىقىدەك ئۇرۇق - تۇققان نومۇر قىلىۋېلىپ، توختىماي تېلىفون سۆزلىشەتتى.  بىركۈنى < ھەي، ئاداش ، ئىككىڭلار نىمىلەرنى دېيىشىسىلەر ؟ نىمانداق تۈگىمەيدىغان گەپ ئۇ ؟ زېرىكمىدىڭما > دېسەك ...<شۇ كۆرۈشكەندە، كۆرۈشمىگەن ۋاقىتتا تېل سۆزلەشكەننىڭ گېپى، كۆرۈشمەي تېلىفونلاشقاندا، كۆرۈشكەندە بولغان ئىشلارنىڭ گېپى > دېگەن ئىدى، قىيىپ كەتكەن ئىدۇق، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ توغۇرلۇق سورىمىغان . يېڭى كەلگەندە بەك ئورۇقتى بۇ، كېيىنچە سەمىرىپ كەتتى. < ئېلى بىلەن تاماق يېسەك ئۇ بىر لەغمەننىمۇ يەپ بولالمايدۇ . مەن ئۆزۈمنىڭ بىر لەغمىنىنى يەۋېتىپ ئۇنىڭكىنىمۇ يەۋېتىمەن، تېخى جيامىيەننىمۇ > دېگەنتى، ھەممىمىز كۈلۈپ تېلىقىپ قالغان ئىدۇق. 3يىل ئۆتكەن يىلى ئۇ ئېلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەتتى. بۇمۇ بىللە كەتكەن ، تەتىلدە. مەكتەپكە يىغىلغاندا شۇنداق ۋەيرانە كەپتۇ. < نىمە بولدۇڭ ؟> < ئېلى بىلەن ئايرىلىپ كەتتۇق، ئۇ بىرسىنى تېپىۋالدى >دەيدۇ. ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ بىزمۇ يىغلاپ ھازا ئېچىپ، ھاي دەيدىغان ئادەم يوق. ئاخىرى مەرھابانىڭ < ۋاي بولدى قىلىشە، نىمىتى ئۇ ئېلى دېگەن، ئۇ تاپقان بولسا باشقىسىنى ساڭا چىقمامتى، سىلەر نىمىگە تەڭ ھۆكىرەپ ، قىپقىزىلغۇ بۇلار> دەپ ئۇيغۇرچە - قازاقچىنى ئارىلاشتۇرۇپ تىللىشى بىلەن توختىغانىدۇق. رىزۋانمۇ شۇ بىر قېتىم يىغلىغان ياقى بۇ ئىش ئۈچۈن قايتا كۆڭلىنى بۇزۇپ باقمىدى. ( يا بىزگە كۆرسەتمەي يىغلىغانمۇ يەرلىرى بارمىكىنتاڭ ) .

     ئادەم ئۆزگەرسە مۇنداق ئۆزگەرسە ئەڭ يامانكەن ، تاشقى قىياپىتى ئۆزگەرگەن مەرھابا ھېچكىمنى رىزۋان ئۆزگەرگەنچىلىك ھەيران قالدۇرالمىغان جۇمۇ. رىزۋان پۈتۈنلەي باشقا ئادەمگە، مۇھەببەتكە ئىشەنمەس، ئوغۇللارغا ئىشەنمەس، ئوغۇللارنىڭ ھېسىياتى بىلەن ئوينىشىدىغان بىر ئادەمگە يەنە <دېسۋان>غا ئۆزگەردى. بۇ دېسۋان دېگەن گەپكە كەلسەك كۆپچىلىك، ئەسلى مەنىسى رىزۋاندىن كەلگەن بولۇپ،بۇ دوستىمىز ئۆزى تىل ئۆگىنىشكە قىزىقىدۇ، چەت ئەلچە ناخشىلارنى سۆيۈپ ئاڭلايدۇ. ( بولۇپمۇ ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن ). شۇڭا ئۆزىنى THIS  ONE  دەۋالدى. بىز بۇ پەرەڭچە ئىسىمنى دەمەللىققا قۇبۇل قىلالماستىن، ئىسلاھ قىلىپ < دېسۋان > دېدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن شۇنداق ئاتايمىز. بۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشنى سىنىپىمىزدىكى ئۆگىنىشتىن باشقا نەرسىلەرگە دىققەت قىلىش ئېھتىمالى نۆل بولغان شۇ < پىراففېسورلار>مۇ بىلىۋاپتۇ ئەمەسمۇ. لېكىن بۇنىڭ ھازىرقى مۇشۇ ھالىتىنى ياقتۇرىمەن. بۇرۇنقى ئۇ مىشچان، مەيدانى يوق، بايرىقى تېخىمۇ روشەن ئەمەس، ئۇ رىزۋاندىن بۇگۈنكى مۇستەقىل ئېڭى كۈچلۈك، ئۆزىگە تايىنىشنى بىلىدىغان، دىسۋاننى ياخشى كۆرىمەن، مەيلى باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا قانداق قارىشىدىن قەتئىينەزەر.

    < رائىلە بىلەن بىر يەرگە بارغان...ئەجەب ھاردىمما> دېدىم سومكامنى كارىۋېتىمغا قويغاچ، <رافائىل بەك ئىزدەك كەتتىغۇ سېنى، قولفۇنىڭغا قىلسام ئېلىنمىدى دەيدىغۇ> دېدى دېسۋان خاتىرىسىدن بېشىنى  كۆتۈرمەي...       < ھە...قولفونىمنىڭ توكى يوق. > < دەپ قويساڭچۇ...ھەر چارشەنبە كېلىدىغىنىنى بىلگەندىن كېيىن...بىچارە بالا پەستە نەچچە سائەت تۇردىغۇ دەيمەن > < ئۇنى كىم كەلسۇن دەپتۇ، ئۇنىڭغا نىمە دەپ دەپ قوياتتىم،> .

   رافائىل- مېنىڭ كىچىك ۋاقتىمدا، ئۆسمۈرلەر سارىيىدا، رەسىم سىنىپىدا تونۇشۇپ قالغان بىر دوستۇم ئەمدى. مەندىن بىر ياشلا چوڭ. كىچىكىمىزدە 8 - 9 ياش ۋاقىتلىرىمدىكى ئۇ ئەسلىمىلەرنى ،< رافائىل>نى،پاك - پاكىز  ئۇنتۇپلا كېتىپتىكەنمەن،ئەسلى.  بىر قېتىملىق نورۇز بايرىمىدا، تىببى ئۇنۋېرسىتىتتىكى دوستۇم ئامىنە ( ھېلىقى ئىسپىراپكا بەرگەن ) مەكتىپىدىكى نورۇز پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان ئىدى. ئەلۋەتتە مەن بېرىپ كۆرىمەندە، شۇ چاغدا بۇ رافائېل سەھنە سۆزى قىلدى. < بۇ ناخشامنى كىچىكىمدە، بىللە رەسىم سىزغان، لېكىن ھازىرغىچە ئۇچرىتالمايۋاتقان ئەسلىمە دوستۇم گۈليارەگە بېغىشلايمەن، ناخشامنىڭ ئىسمى خىيالىمدىكى يارە، > . ئەينى ۋاقىتتا، مەن ھەقىقەتەن بەك ھەيران قالغان ئىدىم. < مەنمۇ نىمە ؟ > دەپ ئويلىغانىدىم. لېكىن مەن بىرەرسى بىلەن رەسىم سىزغاندەك قىلمىغان......ئويۇن تۈگەپ، ئامىنەنى ساقلاپ ئولتۇردۇم، ( كەچتە شۇنىڭ ياتىقىغا كىرىپ كەتمىسەم، بىزنىڭ ياتاقنى مەن بارغىچە تاقىۋېتىدۇ ). تۇيۇقسىز شۇنچىلا جىق ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىن بىر جۈپ كۆزنىڭ ماڭا تىكىلىپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ رافائىل ئىدى.

توغرا ئۇ رافائىل ئىدى. كۆزلىرىمنى ئىتتىك ئېلىپ قاچتىم، لېكىن يەنە ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا قارىدىم. كۈلۈپ قويدۇم. نىمە ئۈچۈن كۈلگەنلىكىمنى ئۆزۈممۇ بىلمىدىم، بەلكىم، ئۇنىڭ خىيالىدىكى قىز بىلەن ئىسىمداش بولغانلىقىم ئۈچۈنمۇ، ۋە ياكى ، ئۇنىڭغا ئىچ ئاغىرتىۋاتامدىم ئۇنى بىلمىدىم. < ۋىيىي، ئاداش ، تازا ساقلىدىڭ ھە؟..>چۆچۈپ كەينىمگە قارىدىم. ئامىنە قوللىدا سومكا - كىيىملىرىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قاراپ تۇراتتى. < كىمگە قاراۋاتىسەن؟ ھە...ئا بالىمۇ...ۋاي ئا قېتىم گىتتار مۇسابىقىسى بولغاندا، بۇ بالا مەكتىپىدىن ئىككى دوستى بىلەن كېلىپ، چاڭ چىقىرىۋەتتى،،قىزلار دېگەن چېقىراپ، رافائىل دەپ، ھە شۇ چاغدا دېگەنتىمغۇ؟ ئاداش ساڭا ، ناخشىنى باشلاشتىن بۇرۇن بۇ ناخشامنى كىچىك ۋاقتىمدىكى دوستۇم گۈليارەگە بېغىشلايمەن، دېدى ، دەپ.....بۇگۈن دەپ قويدۇم. مېنىڭ ئاۋۇ دوستۇمنىڭ ئىسمىمۇ گۈليارە دەپ > . توغرا،،ئامىنە بىر ۋاقىتتا شۇنداق دېگەندەك قىلغان ، كېيىن سورايمەن دەپ ئۇنتۇپ قاپتىمەنكەن...< ساراڭمۇ سەن؟..نىمە دەپ مېنى دەيسەن...> < ۋاي خوش بولە... خەقچۇ..ئاشۇ قىزنىلا ئويلايدىكەن ،،بىزنىڭ بەزى قىزلارمۇ تىڭتىڭلىدى بۇ بالىنى. قىزلارغا ئېرىمايمىش..خېنىم..>دېدى ئامىنە قۇلۇقۇمغا پىچىرلاپ. < جۈرە بولدى...كىرىپ كېتەيلى> ...

   شۇ ئىش بولۇپ ئىككى كۈندىن كېيىن، بىر كۈنى ياتاقتا ئولتۇرسام، < ئاداش، سېنى پەستە بىرسى سېنى ساقلاۋاتىدۇ.. ئاتتەك بىرسى > دېدى دېسۋان ھاياجانلانغان ھالدا . < كىمكەن...تېلىفون قىلسىلا بولمىدىمۇ، قانچىنچى ئەسىر بۇ....>..< ۋاي ..بىز نەدىن بىلەيلى....چۈشمىسەڭ پۇشايمان قىلىسە...ھە قولىدا گېتتارمۇ ئىشقىلىپ بىر نەرسە  بارغۇ دەيمەن..بىر قارىسىلا مۇزىكانت چىراي...> ...ئو.........ئۇ ئەمەستۇ؟ ،ياق ، مۇمكىنمۇ بۇ ؟ ئەمىسە كىمدۇر؟

   ئۇنى كەينىدىن كۆرۈپلا تونۇدۇم. سوغۇقتىن سەل دۈگدەيگەنىدى...< ھاي....مېنى ئىزدىگەنمىدىڭىز؟> ....دېدىم ئالدىغا كېلىپ. < ھە..ھە...باشقا ئىشمۇ يوق....بىر دوستۇمنىڭ ياتىقىغا كەلگەن، سىزنى كۆرۈپ ئۆتۈپ كېتەي دەپ..> قارىغاندا سەل تەمتىرەۋاتقاندەك قىلاتتى، < ھە..مېنى قانداق تاپتىڭىز ؟ راست>.< بۇنى سورىماڭە.....مۇھىم ئەمەسقۇ؟...> دېدى ئۇ ..ئاۋازى بىزە گاراڭ - گۇرۇڭ چىقاتتى. كۆزلىرى كۆزۈمگە قاراشقا پېتىنالمايتتى...ماڭا قارايتتى يۇ، يەنە ئىتتىك ئېلىپ قاچاتتى.....< چوقۇم ئامىنە...شۇنداقمۇ..> دېدىم بېشىمنى سەل سىڭايان قىلىپ سۇئال نەزىرىدە...< ئامىنە دېگەن كىمۇ؟ > ۋاي خۇدايىم بۇ نىمە دەيدۇ ئەمدى...   < ۋاي...ھېلىقى كۈنى رىياسەتچىلىك قىلغان قىزچۇ؟ ئاڭلىسام شۇ سىزگە مېنىڭ ئىسمىمنى دەپ بېرىپتىكەن..>...< ھە...راست...ماڭا نۇرغۇن دوستلۇرۇم گۈليارە ئىسىملىك دوستلىرىنى تونۇشتۇرغان...مەن خۇددى شۇ ئىسىمنى ئىزدەۋاتقاندەك...>دېدى ئۇ. بۇ بالىنىڭ كاللىسى جايىدا ئەمەسمۇ نىمە؟...ئاخىرى ئۇ خېلى غەيرەت قىلىپ كۆزلىرىمنىڭ ئىچىگە قارىدى...< مەن شۇ كۈنى، سىزنى مەكتەپنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا كۆرگەن...سىز تېلىفۇندا بىرسىگە ، مەن گۈليارە، دەپ بىرنىمىلەرنى دەۋېتىپسىزكەن...سىزگە شۇنداق ئۇزۇن قاراپ تۇردۇم.  سىز پەلىيىڭىزنى ئېلىپ بۇرنىڭىزنى ئېيتتىڭىز..> < ھا ھا.. راست..ئۇ كۈنى يەنە بىر قىزنى ساقلايمەن دەپ..ياتىقىدا تېلىفون قىلسام يوق..مۇزلاپ...> دېدىم شۇ كۈنىنى ئەسلىگەچ. ئۇنىڭ كۆزلىرى سەل سارغۇچ، كىرپىكلىرى شۇنداق ئۇزۇن ئىدى...ماڭىمۇ ئازراق بىر ئىشلارنى ئەسلەتكەندەك قىلدىيۇ،،يەنە ئەسلىيەلمىدىم. ئۆزى ئاق سېرىق، مەندىن سەل ئېگىز، كۆزلىرىدىن بىر خىل مەنا چىقىپ تۇرىدىغان بۇبالىنى راستلا ئەسلىيەلمەيۋاتاتتىم...مۇزلاپ كەتتى..< ياتاقنى تاقايدىغان ۋاقىتمۇ بولۇپ قاپتۇ... مەن كىرىپ كېتەي..سوغۇقتا  سىزمۇ بالدۇرراق قايتىڭ..> دېدىم پۇتۇمنىڭ ئاستىدىكى قارنى ئوينىغاچ....< بولىدۇ، گۈليارە...> ئىسمىمنى بۇ ئۆمرۈمدە ھېچكىمنىڭ بۇنداق چىرايلىق چاقىرغىنىنى بىلمەيمەن.  بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم...< بۇنى ئوقۇپ باقارسىز.....سىزنى يەنە ئىزدىسەم بولامدۇ؟ >دېدى ئۇ كۆزلىرىمگە قاراپ تۇرۇپ..< بولىدۇ ، ئەلۋەتتە بولىدۇ. ئامال بار ئۆزۈمنى ئەركىن تۇتۇشقا تىرىشاتتىم....ياتاققا يۈگۈرۈپ دېگۈدەك قايتىپ كىردىم...ھاسىرىغىنىمدىنمۇ ياكى ھاياجاندىنمۇ ، بىلمىدىم ، يۈرۈگۈم ئاتتەك سوقاتتى.......

كەچتە، قىزلار ئۇخلاپ، جاھان تىنجىغاندا، ئاستا ياستۇقۇم ئاستىدىكى خەتنى ئالدىم دە، كونۋېرتتىن ئېلىپ، خەتكە كۆز يۈگرۈتتۈم.خەت شۇنچىلىك رەتلىك يېزىلغان ئىدى.

    گۈليارە....ئۇلۇغ ئاللاھ ماڭا مۇشۇ ئىسىمنى ئىچىمدە، خىيالىمدا،چۈشلىرىمدىلا ئاتاش ئەمەس،رىئال تۇرمۇشتىمۇ گۈليارە دەپ نىدا قىلىشمغا نىسىب قىلغانلىقىغا چەكسىز شۈكرىلەر ئېيتىمەن.سىزنى ئوڭۇمدا ئۇچرىتارمەن دەپ شۇنچە ئارزۇ قىلساممۇ، لېكىن ئۈمۈد چوڭ ئەمەس ئىدى..ھەتتا خىيالىمدىكى شۇ گۈليارەنى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر ئەمما بەكمۇ مۇھىم يەرلىرىگە كۆمۈۋېتەرمەن دەپ ئويلىغان.....ئۇلۇغ ئىگەمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، بەلكىم شۇ ئۇلۇغ نورۇز بايرىمىنىڭ، بىزنىڭ يېڭى يىلىمىزنىڭ خاسىيىتىدىن بولسا كېرەك، شۇ كۈنى سىزنى شۇنداق تۇيۇقسىز ئۇچرىتىپ قالدىم.....كىچىكىمدىكى شۇ گۈللەر ئارىسىدىكى ئاق كېپىنەككە ئوخشايدىغان شۇ قىزنى، 15يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە ئۇچراتتىم....بەلكىم مېنىڭ شۇ چاغدىكى ھېسىياتىمنى سىز چۈشەنمەسلىكىڭىز، ھېچكىم ھېس قىلالماسلىقى مۇمكىن.......

    بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن شۇ ھەر ھەپتىدە 2سائەتلە ئوقۇيدىغان رەسىم سىنىپىمىزغا بىر كۈنى بىر قىز كىردى.. چاچلىرىنى ئىككى بوغۇۋالغان، كۆزلىرى چاقناپ تۇرىدىغان، ئاغزىدىن تەبەسسۈم ئۆچمەيدىغان، ئۇچىسىدىكى ئاق كۆينىكى بىلەن كېپىنەكلەرگىلا ئوخشاپ قالغان بىر قىز كەلدى....بىلمىدىم، شۇ قىز كەلگەن ياقى يەكشەنبىنى سېغىنىدىغان بولۇپ قالدىم...گەرچە ئۇ ۋاقىتتا ياخشى كۆرۈش، مۇھەببەت دېگەنلەرنى بىلمىسەممۇ، ئەمما سىزنىڭ شۇ ئوماق كۈلكىڭىزنى، نۇر چاقناپ تۇرىدىغان كۈلكىلىرىڭىزنى سېغىناتتىم...سىنىپتا سىز خۇددى نۇرغۇن گۈللەر ئارىسىدىكى ئۇچۇپ يۇرگەن ئۇماق كېپىنەككە ئوخشايتىڭىز....بىركۈنى مۇئەللىم بىزنى ئۆزىمىز ئەكەلگەن ئالمىنى سىزىشقا بۇيرىدى...سىز مېنىڭ يېنىمدىكى ئورۇننىڭ ئالدىدىلا ئىدىڭىز، قانداقلا قىلىپ ئۇ ئالمىنى سىزالمىدىڭىز، نەچچە ۋاراق قەغەزنى يىرتتىڭىز....تۇيۇقسىزلا ئالدىڭىزغا قويۇپ قويغان ئالمىنى ئالدىڭىزدە،،چىشلەپ - چىشلەپ يەۋەتتىڭىز...ھەممىمىز سىزگە قاراپلا قالدۇق. ئۇ تۇرقىڭىز بەكمۇ ئۇماق ئىدى.....شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىم سىزنى مەن بىلەن بىللە سىزىشقا ئورۇنلاشتۇردى.سىز بوياقلىرىڭىزنى كۆتۈرۈپ يېنىمغا كەلدىڭىزدە، مەن سىزغان رەسىمگە قاراپ.  < نەشپۈت سىزىپ قويۇپسىزغۇ سىز ...ھى ھى ھى ،،،> دەپ ئاغزىڭىزنى تۇتۇپ كۈلۈپ كەتتىڭىز...سىز شۇنچە مەغرۇر، مەن شۇنچە تارتىنچاق،بىچارە ئىدىم.....شۇنىڭدىن كېيىن سىزنى كۆرەلمىدىم...قانچە قېتىم سىزنى، شۇ رەسىمنى چۈشىگىنىم ئېسىمدە يوق..

   ھېلىقى كۈنى دەرۋازا ئالدىداسىزگە قاراپ قانچىلىك تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن....تېلىفون سۆزلەشكەن ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىغىنىمدا، كىچىكىمدىكى شۇ سىنىپ ئىچىدە كۈلگەن جاراڭلىق، قوڭغۇراقتەك ئاۋازىڭىزنى قايتا ئاڭلىغاندەك بولدۇم....پەلىيىڭىز بىلەن بۇرنىڭىزنى سۈرتكەندە، رەسىم سىزىپ بولالماي، يۈزلىرىڭىزنى بوياق قىلىۋەتكەن ھالىتىڭىزنى ئەسلىدىم.. ئۇچىڭىزدىكى ئاق چاپىنىڭىزغا قاراپ..شۇ ئاق كېپىنەكنى ئەسلىدىم....بوينىڭىزدىكى قىزىل شارپا، چېچىڭىزدىكى ھېلىقى قىزىل لېنتىڭىزنى ئەسلەتتى...گۈليارە! سىزدىن يوشۇرمايمەن...شۇنچە ۋاقىتنىڭ ياقى، نۇرغۇن قىزلارنى ئۇچراتتىم..بەزىلىرىنىڭ كۆزلىرى سىزگە ئوخشىغاچقا، بەزىلىرىنىڭ ئاۋازى سىزنىڭكىگە ئوخشاپ قالغاچقا، يەنە بەزىلىرىنىڭ كۈلكىلىرى سىزنى ئەسلەتكەچكە ئۇلار بىلەن، بىللە بولدۇم...ئەمما...ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن شۇنى ھېس قىلاتتىم، مېنىڭ كۆڭلۈم، قەلبىم، يۈرۈكۈم ئاللىقاچان شۇ سىنىپتا قالغان ئىكەن......

  دەرۋازىنىڭ ئالدىدىن ئويۇن بولىدىغان زالغىچە كەينىڭىزدىن ماڭدىم...سىز بىر قىز بىلەن بىر نېمىلەرنى دەپ كېتىپ باراتتىڭىز،،شوخ كۈلكىڭىز قۇلۇقۇمغا كىرىپ تۇراتتى....< قانداق قىلارمەن؟> ...،،نەچچە ۋاقىتنىڭ ياقى ئوچراتسام بولمامدۇ دەپ ئويلايتتىم،،،ئەمدى سىز راست ئۇچرىغاندا سىزگە گەپ قىلغۇدەك ماجال قالمايۋاتاتتى...شۇكۇنى شۇنچە قىلىپمۇ سىزگە بىر ئېغىز گەپ قىلالمىدىم.كەينىڭىزدىن مۈكۈپ- مۈكۈپ ماڭدىم.دوستىڭىز بىلەن قىزلار ياتىقىغا كىرىپ كەتكۈچە مۈكۈپ قاراپ تۇردۇم...ياتاققا قايتىپ كەلدىم،،يۈرۈكۈم سىقىلاتتى...كېچىچە ئۇخلىيالمىدىم.... ئەتىسى سەھەردە تۇرۇپلا تىببى ئۇنۋېرسىتىتقا قاراپ ماڭدىم.....سىزنى قىزلار ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدا يەنە بىر قېتىم ئۇچرىتالىغىنىمدا، ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ تەلەيلىك ئادەمدەك ھېس قىلدىم...كەينىڭىزدىن مەكتىپىڭىزغىچە كەلدىم. سىز كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ياتاق بىناسىغا قارايدىغان ھەدەشتىن سىزنى، ياتىقىڭىزنى سورىدىم.... گۈليارە!...ھاياتىمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىدەسىزنى يۈتتۈرۈپ قويۇشنى خالىمايمەن.......سىزنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىڭىزدىن بىخەۋەرمەن...قانداقلا بولىشىدىن قەتئىنەزەر ماڭا بىر پۇرسەت بېرىشىڭىزنى سورايمەن......

         سىزنى كېچە - كۈندۈز ياد ئەتكۈچى......

                                                      رافائىل

  خەتنى ئوقۇپ بولدۇم....پۈتۈن زېھنىم بىلەن، شۇ نەچچىلا قېتىم بارغان، ياش - ئۆسمۈرلەر سارىيىنى، شۇ 2-قەۋەت بۇلۇڭدىكى ئاپتاپ چۈشۈپ تۇرىدىغان سىنىپنى ھەم چاچلىرى كۈن نۇرىدا تېخمۇ سېرىق بولۇپ كېتىدىغان، كۆزلىرى يېشىل ئارىلاش قوڭۇر، ئاڭ سېرىق شۇ رافائىلنى غۇۋا ئەسلىيەلىگەندەك قىلدىم....

   يەنە نەچچە كۈن ئۆتۈپ،ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدا ئۇنى يەنە ئۇچراتتىم.....كۆزلىرىمگە خىجىللىق بىلەن، ئەمما چوڭقۇر مېھىر بىلەن تىكىلىپ تۇراتتى....< ۋوي...بۇياققا ئۆتۈپ قاپسىزغۇ؟ بۇ مەكتەپتە ئوقۇمايدىغانسىز؟> دېدىم ئۇنىڭ ئالدىدىكى يولنىڭ قىرغىقىغا دەسسىگەچ...< ھە،،ياق،،مەن مالىيە- ئىقتىسادىي ئىنىستوتىدا ئوقۇيمەن > دېدى  ئۇ بېشىنى تاتلىغاچ .< ھە؟  ۋاييەي..ئۇ جاھاننىڭ تۆرىدىن كەپسىزدە؟ ..مېنى ئىزدەپ كەلدىڭىزمۇ؟ يا،،، دوستىڭىزنى ئىزدىگەچ مېنى كۆرۈپ كېتەي دېدىڭىزمۇ ؟> دېدىم كۈلۈپ تۇرۇپ، < ئەستاغپۇرۇلللا...شەيتان قىز...سىز شۇ پېتى تۇرۇپسىز جۇمۇ، شوخلۇق قىلىسىزكەندە ھە ھازىرمۇ؟> دېدى ئۇ ئوڭايسىزلىنىپ. < سىزمۇ شۇ پېتى تۇرۇپسىزغۇ؟>  دېدىم تۇمشۇقۇمنى ئۇچلاپ....< مېنى ئەسلىيەلىدىڭىزما ؟ گۈليارە..ھە...مەن ئېسىڭىزگە كەلدىممۇ؟ > ئۇنىڭ ئاۋازى ھاياجاندىن تىترەيتتى...< ھە...ئىشقىلىپ مەن شۇ ۋاقىتنى ئەسلىيەلىدىم..مۇئەللىمىمىز كۆزەينەك تاقايدىغان بىر مۇڭغۇل مۇئەللىمتىغۇ؟ > دېدىم ئالدىرىماي....< شۇ،،شۇ،،گۈليارە..بەك خوشال بولدۇم. سىزچۇ؟ سىز خوشالمۇ ؟ > ..< ھە؟!..مەنمۇ خوش بولدۇم...كىچىك ۋاقتىمدىكى دوستتىن بىرنى تېپىۋالدىم..> دېدىم مەنمۇ كۆزلىرىمنى قاچۇرۇپ.

    شۇ كۈنى ئۇ مېنى ئېلىپ، ھېلىقى ياش - ئۆسمۈرلەر سارىيىغا ئاپاردى...ھەتتا ئىچىگە كىرىپ سىنىپىمىزنى كۆرۈپ چىقتۇق.....ھەممە يەرلەرنى قايتىدىن ئوڭشاپ، يېڭىچە قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا سىنىپىمىزنى، ھېلىقى ئاپتاپ چۈشۇپ تۇرىدىغان چوڭ دېرىزىسى بار سىنىپىمىزنى تاپالىدۇق....شۇ ۋاقىتتا مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم....ھويلىسىدىكى ئايروپىلاننى كۆرۈپ، ھەر قېتىم مېنى مۇشۇ يەرگە ئەكىلىدىغان چوڭ دادامنى ئەسلەپ قالدىم...دائىم شۇ ئايرۇپىلانغا چىقىمەن دەپ خاپا قىلاتتىم.......

yusran يوللانغان ۋاقتى 2009-2-25 23:56:12

  شۇنىڭدىن كېيىن، رافائىل مەكتەپكە كۈندە دېگۈدەك كېلىدىغان بولدى..كېلىدۇ، < سىزنى كۆرۈپ ئۆتۈپ كېتەي دېگەن >، <تاماق يېگۈم كېلىپ ماتەرەپنىڭ>، < ئۆيگە كەلگەنتىم ، قايتقاچ سىزنى كۆرۈپ ئۆتۈپ كېتەي دېگەن > دېگەندەك بانا - سەۋەبلەر بىلەن.  بارغانسېرى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قورقىدىغان بولۇپ قالدىم....گەرچە ئۇ ماڭا ئېغىز ئېچىپ، ئېنىق بىر نىمە دېمگەن بولسىمۇ، ماڭا قاراشلىرىدىن ھەممىنى سېزىپ تۇراتتىم. لېكىن ، توغرا، نەچچە ۋاقىتنىڭ ياقى بىللە بولۇش جەريانىدا ئۇنى ئانچە - مۇنچە چۈشەندىم. ئۇ ھېسىياتقا باي، رومانتېكىلىقنى ياخشى كۆرەتتى.ھەممە نەرسىلەرنىڭ گۈزەل، كۆڭلىدىكىدەك بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى. مۇزىكىنى  جېنىدىن ئارتۇق كۆرىدۇ. قاپاق گىتتارنى ياخشى چالىدۇ، FLAMENGOئۇسلۇبىنى ياقتۇرىدۇ. سولو لىرىدا گەپ يوق. شۇنچە پاكىز. ئۆزىمۇ ماڭا بەك كۆيىنىدۇ...<سىزنى تاپتىم، دەپ ھەممە دوسلىرىمغا دېدىم > دېدى بىر كۈنى ئۇ، < ئەمدى سىزنى قويۇۋەتمەيمەن ، بىلەمسىز ، ئادەم ئۇزۇندىن ئىزلەپ يۈرگەن نەرسىسىنى تۇيۇقسىز تېپىۋالغاندا، قانچىلىك خوش بولىدۇ...> . ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى كۆپ ئاڭلىدىم . قىزلارمۇ < ئاتتەك ماسلىشىسىلەر، ئاداش ، بۇنىڭدىن ئارتۇقىنى نەدىن تاپاتتىڭ؟ ئۆزەڭمۇ بۇرۇن، مۇشۇنداق تەقدىر ئۇچراشتۇرغانلار بولسا، مەيلى دەيتىڭغۇ..!!> دېيىشەتتى. لېكىن،  ئۆزەمگە ئايان، ئۇنىڭغا نىسبەتەن كۆپ دېسەممۇ، ياقتۇرىمەنلا، دىيەلەيمەن...ئەجىبا مۇشۇ ھېسىياتنىڭ ئۆزىلا مۇھەببەتمىدۇ؟ ..ياق..ياق...مەن شۇنداق بىر مۇھەببەتنى ساقلاۋاتىمەن..شۇنىسى ئېنىقكى..قارشى تەرەپ ھەرگىز رافائىل ئەمەس. شۇنىڭدىن كېيىن رافائىلدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇشقا باشلىدىم...ئۆگىنىشىمنىڭ ئالدىراشلىقىنى بانا قىلىپ تۇرۇپ، ھەپتىدە بىر قېتىم كۆرىشىدىغان بولۇپ كېلىشتۇق. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ھەركۈنى n قېتىم تېلىفون قىلىدۇ. ئۇچۇر يوللايدۇ.

  < جىممىدا بولۇپ كەتتىڭغۇ؟! ئات > دېسۋان خىيالىمنى بۆلدى. < ھە،،رافائىلغا گەپنى ئېنىق قىلىۋەتسەم بولغىدەك،  بولمىسا كېيىنچە تېخىمۇ تەس كەلگىدەك ئاداش..>،< ساراڭ بولما، بۇنداق بالىلارنى يېنىڭدىن ھەيدىۋېتىپ قانداق قىلاتتىڭ. خۇددى بىر يەردە شاھزادىدىن بىرسى كۈتۈپ تۇرىۋاتقاندەك.....ئۇمۇ سېنى ھازىرلا بىرنىمە دە دىمىگەندىن كېيىن، تۇرۇپ تۇرمامسەن..> دېسۋاننىڭ بۇ جەھەتتە تەجرىبىسى كۆپ. < ۋاي..بىر گەپ بولا، بۇ ئىشلارغا بېشىمنى قاتۇرۇپ نىمە قىلاي..> دېدىم كارىۋاتقا سوزۇلۇپ ياتقاچ،< ھە راست.ھېلىقى ،تىمتاس شەھەر،نى بېرىپ تۇرە ، بىر يېرىنى يېزىۋالاي دېدى> دېسۋان يانىمغا كېلىپ..<سومكامنىڭ ئۈستىدىغۇ، ئۆزەڭ ئالە..> دېدىم كارىۋېتىمدىن چۈشۈش خوشياقماي....< مە..تېلىفونىڭنى توكقا تىقىپ قويە، بولمىسا ياتاققا ئۇرۇپ، ھەممىمىزنى ئاۋارە قىلىدىكەن، رافائىل > دېدى دېسۋان سومكامنى كارىۋېتىمغا قويغاچ..قولفۇنۇمنى ئالاي دەپ سومكامنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالدىم. سومكامنىڭ ئىچىدە يەنە بىر < تىمتاس شەھەر> تۇراتتى. ۋاي..خۇدايىم < ئاداش قولۇڭدىكى كىتابنى ئەكىلە، بولە چاققان، > ، < يەنە نىمە بولدى؟..> دېدى دېسۋان كىتابنى سۇنۇپ بەرگەچ. كىتابنى ئالدىم دە، ئىچىنى ئاچتىم...كىتاب خېلى كونىرىغان ئىدى..ئىچىنىڭ بوش يەرلىرىگە ئانچە - مۇنچە قول يازما يېزىلغاندەك قىلاتتى. دېسۋانغا ئۆزۈمنىڭ كىتابىنى بەردىم دە، قولۇمدىكى كىتابنى ئالدىرىماي ۋاراقلاشقا باشلىدىم... ئىچىدىكى خەتلەر شۇنداق چىرايلىق يېزىلغان ئىدى. ئۇ -  بۇ يەرلەرگە شۇ كۈنىدىكى ھېسىياتى بىلەن ئەسەردىن ھېس قىلغانلىرى قوشۇپ يېزىپ قويۇپتۇ...ئەڭ ئاخىرىدىكى بېتىدا...< ئەزىمەت قەھرىمان. شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى.> ، دېگەن خەتلەر تۇراتتى. مانا  ،،كۆرۈڭ بۇ ئىشنى..ئۇنىڭ قولىدىكى راستلا ئۇنىڭ كىتابى ئىكەنتۇققۇ؟!  مەن تېخى ئۇنى <نومۇسسىز ئەبلەخ> دەپ تىللىدىمغۇ دەيمەن. ۋاي ئۆلەي ئەمدى قانداق قىلارمەن..تېخى مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن، ئۇچرىشىپ قالساق نىمىلەرنى دەپ كېتەر...

    كەچتە، ياتاقتا ئەزىمەتنىڭ < تىمتاس شەھىرى>نى كۆرۈپ ئولتۇرسام، مەستۇرىئاي كىردى. < ئات، باركەنسەن ، ھەنىم بولسا..> دېدى ئۇ كارىۋېتىمنىڭ يېنىغا كېلىپ، < بۇگۈن ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى باركەن، جۈرە چىقىپ كۆرۈپ كىرەيلى...>. مەستۇرىئاي يەنە بىر ياتاقدىشىمىز ھەم مېنىڭ يېقىن  دوستۇم...ئۆزى غۇلجىلىق. يوغان، ئېگىز،گىروي قىز، تەنھەرىكەتچىلەرگە ئوخشايدۇ...ئۆزىمۇ تەنتەربىيەنى سۆيىدۇ. يۈزلىرى ئاپئاق، كالپۇكلىرى نېپىز بۇ دوستۇم بەك ياسىنىشقا ئامراق، قاچانلا قارىسىڭىز، ئۆزىنى ياساپ ئولتۇرغان ھالىتىنى كۆرىسىز.... بۇرۇن ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقتىدا قاھار، دەپ بىرسىنى ياخشى كۆرىدىكەنتۇق، لېكىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ كاملىقىدىن ھازىرغا قادەر كۆڭلىدە يوشۇرۇپ كەپتۇ. بىز بۇنىڭغا توختىماي ئۆزىگە ئىشىنىش توغۇرلۇق دەرس ئۆتىمىز. ئۆزىنىڭ ھېچكىمدىن تۆۋەن ئەمەسلىكى، ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭمۇ بىرخىل گۈزەللىك ئىكەنلىكىنى توختىماي دېيىشىمىز نەتىجىسىدە، بۇ قىز ھازىر دەھشەت ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولۇپ كەتتى. ياسىنىپ، تاقىراقشىپ يۈرۈيدۇ. ئۆزىنىڭ بەك ئادەمگەرچىلىكى بار، كىشىلەرگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدۇ. ئائىلە تەربىيىسى ياخشى. بىردىنبىر يېرى، بەك ئوڭاي ھاياجانلىنىدۇ، بەك چۆچۈيدۇ. چۆچۈپ، بىزنىمۇ قورقىتىپ جېنىمىزنى ئالغىلى تاس قالىدۇ. يېڭى مۇشۇ ياتاققا كىرگەن ۋاقتىمىزدا بۇ مەن ياتقان مۇشۇ ئورۇندا ياتاتتى..بىر كۈنى، تاڭ ئاتاي دېگەن ، ھەممىمىز ئۇخلاۋاتاتتۇق، بىر نەرسە گوم قىلىپ، ئۈستەلگە، ئاندىن ئۈستەلدىن يەرگە چۈشۈپ كەتتى. مەن تېخى چىراق ئوخشايدۇ دەپتىمەن....ۋايجاننى ئاڭلاپ ھەممىمىز گۈررىدەڭ قوپتۇق، قارىساق مۇشۇ مەستۇرىئاي. ئىشقىلىپ بىچارە 5 - 6 كۈندەك تۈزۈك ماڭالماي ، كېيىن ياخشى بولغانتى....مەن ئورۇن ئالمىشىپ بەرگەندىن كېيىن، پەستىكى كارىۋېتىدىنمۇ ئىككى قېتىم چۈشۈپ كەتتى. مەنغۇ چۈشۈپ كېتىپ باقمىدىم، ئەمما يوتقۇنۇم تولا چۈشۈپ كېتىدۇ، ئاستىدىكى كارىۋاتتىكى سەلىمەنى تولا ئويغۇتۇپ، ئۇنىڭ بۇ توغۇرلۇق پىكرى بار ماڭا.

   مەستۇرىئاي يېقىننىڭ ياقى ۋاسكىتبولغا ئالاھىدە قىزىقىدىغان بولۇپ قالدى، ( توغرىراقى ئەلۋەتتە ۋاسكىتبولچىلار ) پات - پاتلا مۇسابىقە كۆرگىلى بارىدۇ....ئۆزىنىڭمۇ بويى ئېگىز بولغاچقا، ۋاسكېتبولچىلارنى ئۆزىگە ماس كېلىدۇ دەپ قارايدىغان ئوخشايدۇ...،ماقۇل، دەپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىقتىم. ئەزىمەتنىڭ كىتابىنى قانداق قىلارمەن، دەپ تولا ئويلاپ ئۆزۈمنى ئالدۇرۇپ قويماي يەنە!....ۋۇي...بۇ مۇسابىقىمۇ خېلى بولۇپ قالامدۇ نىمە؟!  خېلى ھەيۋەت تۇرىدۇ..ئىككىمىز ئالدىدىكى ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردۇق..مەستۇرىئاي ماڭا، بىر - بىرلەپ ۋاسكېتبولچىلارنى ھەم ئۇلارنىڭ قايسىبىر داڭلىق چەت ئەل ۋاسكېتبول چولپانلىرىغا ئوخشايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئورنى، كىمنىڭ نېمىگە ماھىر ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى ،،<دەرسنى مۇشۇنداق ياخشى ئوقۇغان بولساڭ، فاكولتېتتا ئېلىپ قالاتتى سېنى > دېدىم چاقچاق قىلىپ..< ۋاي، نىمە دەيدىغانسەن..ئېلىپ قالىمىز دەپ يالۋۇرسىمۇ قالماسمىنا. توۋا دە ئاداش..> بۇنىڭ، بىزنىڭ فاكولتىتنىڭ ئوغۇللىرىغا غەزەپ ئىچى پۇشىدۇ..<  ھە..كەلدى،كەلدى. ساڭا بايام دېگەن چەت ئەل تىلى فاكولتىتىدا ئوقۇيدىغان، قايتقان توپنى پەيزە ئۇرىدىغان بالا ئەنە شۇ..ئىسمى ئەزىمەت> ..قىزىقىش ئىچىدە قارىدىم...ھەقىقەتەن ئاشۇ ئەبلەخ..مەيدانغا كىرىپ تەييارلىق ھەرىكىتى ئىشلاۋاتاتتى..لېكىن ئۇنى كۆرۈپ نىمىشقىدۇر، تۇيۇقسىز قەلبىمدە ئىللىق بىر ئېقىم تارىدى...

  ئەزىمەت ھەقىقەتەن ياخشى ئوينايتتى. گەرچە ۋاسكېتبولنى ئانچە چۈشەنمىسەممۇ، نومۇرنىڭ جىقراقىنى ئەزىمەت ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇراتتىم....( ئەلۋەتتە، مەستۇرىئايمۇ توختىماي چۈشەندۈرىۋاتىدۇ ).  ئۇنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدىكى ھالىتى ھەقىقەتەن باشقىچە. ئۇ كۈندىكى ھېلىقى < شىتىلە > ئەزىمەتتىن ئەسەرمۇ يوق. چىرايى شۇنداق جىددى تۈس ئالغان. پات - پات بوينىدىكى زەنجىرىنى ئاغزىغا سېلىۋالىدۇ. ئىككى قولى بىلەن تىزىنى تۇتۇپ، بېشىنى پەس قىلىپ ، نەچچە سېكونت تۇرىۋالىدۇ. شۇ كىتابنىڭ ئىشىنى ئويلىساملا، ئۆزەم ئەمەسلا بولۇپ قالىمەن. يۈزلىرىم ۋىللىدە قىزىرىدۇ. < مېنى كۆرۈپ قالمىسۇن، جۇمۇ، مۇشۇ يەردە سەتلەشتۈرۈشتىن يانمايدۇ، بۇ ئەبلەخ. > دەپ ئويلاپ، كېتەي دېدىميۇ، لېكىن يەنە كىتەلمەيمەن...20مىنۇت توشتى..يەنە بىر 20مىنۇتمۇ توشتى...كۆزلىرىم ئەزىمەتنىلا ئىزدەيدۇ...ئۇنىڭغا قارايمەنۇ، خىيالىم يەنە باشقا يەرلەرگە كېتىدۇ....مۇشۇنداق قىلىپ، مۇسابىقىمۇ تۈگىدى...چاققان چىكەتسەك بولاتتى، ماۋۇ يەردىن دېگەنسېرى، مەستۇرىئاي ئەزمىسىنى ئېزىپ، ھېلى ئۇنىڭغا ھېلى بۇنىڭغا ،قاراپ تۇراتتى..

    ئۇف...ئاخىر چىقىۋالدۇق...كەچنىڭ ھاۋاسى بەك ساپ، راھەت ئىدى...مەستۇرىئاينى قولتۇقلاپ بېشىمنى ئاسمانغا قىلىپ، يۇلتۇزلارغا قاراپ، ئاستا ماڭدىم.....مەستۇرىئاي يەنە شۇ بايامقى مۇسىبىقىدىكى ئەھۋاللارنى يادلىۋالغاندەك بىر قېتىمدىن دەپ چىقىۋاتاتتى....مۇشۇ دوستۇمنىڭ ئوڭاي ھاياجانلىنىدىغىنى!!!!....< ھەي....سەھرالىق!!!> شۇنداقمۇ بىر تونۇش ئاۋاز..كەينىمگە قاراشقا پېتىنالمىدىم....مەستۇرىئاي < ئاداش، سېنى چاقىۋاتامدۇ؟؟؟؟نىمە ..> < نىمە كەينىڭگە قاراپ يۈرۈيسەن، ئاداش،،بىز يا سەھرالىق بولمىساق > دېدىم،،،ئۇنى بىلەكلىرىدىن تارتىپ سۆرىگەندك ماڭدىم.... تۇيۇقسىز مېنىڭ بىلىكىممۇ بىر قاتتىق قول تەرىپىدىن، بوشقىنا تارتىلدى.....تۈگەشتىم...........< نىمە؟!.  قولۇمنى قويۇۋېتىڭە.> دېدىم ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراشقا پېتىنالماي.< نىمە چاقارسام ئاڭلىماسقا سېلىۋالىسىز؟ ئوغرىدەك...> دېدى ئۇ قولۇمنى قويۇۋېتىپ، مۆرىسىدىكى سومكىسىنى ئوڭشىغاچ....< ئاڭلىمىسام...نىمە ئىشىڭىز بار؟ >،< ئىشىم جىق....خاپا بولماي سىز ماڭغاچ تۇرامسىز؟!  >. نىمە؟ خاتا ئاڭلاپ قالمىغاندىمەن، بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئەزىمەتكە قارىدىم ، ئۇ بىر خىيالى مەستۇرايغا قاراپ تۇراتتى. چىرايىدا ھېلىقى كۈلكىسى...< نىمە دەپ كېتىپ تۇراتتى؟ قىززىق...بىللە كېتىمىز ئاداش..> دېدىم مەستۇرىئاينىڭ قولىنى تۇتىۋېلىپ..< ھەي ھەي ھەي....سىزدەك ياۋايى، ئۆكتەم قىزبالا بىلەن مەن قورقماي قېلىۋاتسام، سىز نېمىدىن ئەنسىرەيتىڭىز ؟ > ئۇ يانچۇقىدىن تاماكىسىنى چىقىرىپ ئاغزىغا چىشلىدى دە، < بوپتۇ....لېكىن، خەقنىڭ نەرسىسىنى ئالغاندىن كېيىن، قايتۇرۇپ بېرىشنى بىلىدىغانسىز؟ كىتاپ ئوغرىسى ئوغرى ئەمەسمۇ يە؟!..> دېدى. ،< ھەي..تۈزۈك گەپ قىلىڭ ھە؟! كىم سىزنىڭ كىتابىڭىزنى ئوغۇرلاپتۇ؟..مەن پەقەت مېنىڭمىكىن دەپ قاپتىمەن؟ > دېدىم بوينۇمنى سوزۇپ..< ۋۇي..سىز سەھرالىق دەھشەت ئۆكتەم سەھرالىقكەنسىز ھە؟! سىزنىڭكىگە ئوخشىسىلا بۇلاپ ئېلىپ ماڭىدىغان.  بايا باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئىززا تارتىپ قالمىسۇن، دەپ كىتابىمنى ئېلىپ ماڭغىنىڭىزدا گەپ قىلمىدىم.. تېخى مېنى تىللايسىزا....> خەپ ..يامان يەردىن تۇتىۋالدى بۇ ئەبلەخ.....< كىتابىڭىزنى ئاچىقىپ بەرسەملا بولا؟...> دېدىم ئۇنىڭغا قاراپ....< كىتابنى بېرىسىز، ئۇ ئېنىق،،،ئەمما..بۇ پوزىتسىيىڭىز بىلەن بەرسىڭىز، مەن ئالامەنما؟! >... < ۋۇ ساراڭ....ئالمىساڭ مەيلى، ساڭا بېرىدىغان كىتاب يوق ئەمدى >..مەستۇرىئاينىڭ قولىدىن تارتتىم دە، يۈگرىگەندەك ماڭدىم..كەينىمدىن ئۇ ئەبلەخنىڭ كۈلگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى..

    < سەن ئەزىمەتنى قانداق تونۇيتۇڭ ئاداش؟ ھەجەپ دېمىگەن ئىدىڭغۇ بىزگە ؟> سورىدى مەستۇرىئاي ياتاققا كىرىپ. ئۇنىڭ مۇشۇنداق خۇسۇسىيىتى بار ، بىر ئىشنى سوراپ،< نىمە دەپ؟ قاچان ؟ نېمىشقا؟ قانداق بولغان؟ > دېگەندەك سۇئاللىرى بەك جىق....بۇنىڭغا مۇنداقلا جاۋاب بېرىپ ھەرگىز قۇتۇلغىلى بولمايتتى.يىپ - يىڭنىسىدن بىلىۋالمىغۇچە بولدى قىلمايدۇ..ھەممىنى دەپ بەردىم....قىزلار ئاڭلاپ.< شۇ ئاداش، سېنىڭ مۇشۇ ھاڭۋاقتىلىقىڭ بەزىدە،،جۇمۇ > دېيىشتى بىرەر قېتىمدىن....بىرنىمە دەي دېسەم، دېمىسىمۇ مۇشۇ ياتاققا كىرگەن ياقى، بەك جىق ئىشلاردا ھاڭۋاقتىلىق قىلىپ كەتتىم...يېڭى مۇشۇ ياتاققا كىرگەندىمۇ، (ئۇ چاغدا بۇرۇنقىدەك قۇلۇپ بىلەن ئىشىك تاقايتۇق) .بىر كۈنى ياتاقنى تاقاپ سىرتقا چىقاي، دەپ تۇرۇشۇمغا گۈزەل چاقىرىپ قالدى، ئۇنىڭ ياتىقىغا قۇلۇبنى كۆتۈرۈپ چىقىپتىمەن، ئۇنىڭكىدىن چىقىپ تۇرسام، قولفۇنۇمغا تېلىفون كەلدى،تېلىفون سۆزلىشىمەن دەپ، قوشنا ياتاقنىڭ ئىشىكىگە بىزنىڭ قۇلۇبنى سېلىپ قويۇپتىمەن ، ئىچىدىكىلەر چىقالماي، باشقىلىرى ئۇ قۇلۇبنى سىرتتىن ئاچالماي....دېگەندەك بىر مۇنچە ئىش بولغاندە، يەنە بىر قېتىم، رافائىل بىلەن تېلىفوندا سۆزلىشىپ، ( ئۆزەمچە قىزلارغا دەخلى قىلماي دەپ كارىدورغا چىقىپ سۆزلىشىپتىمەن ) . خېلى بىر ۋاقىت ئۆتۈپ، بىزنىڭ ياتاققا كىردىم دەپ، 318 غا كىرىپ كېتىپتىمەن ، ئۇلارنى بىر چۆچۈتىۋەتتىم. ( ئەسلى كارىدوردا سۆزلىشىپ، بىلىپ - بىلمەي 3-قەۋەتكە چۈشۈپ قاپتىمەنكەن )......

    < ساڭا ھەجەب مۇشۇنداق غەلىتە ئىشلار ئۇچرايدۇ، دەيمەن > دېدى..شىخولۇق قىز سەلىمە....<شۇنى دېگىنە، خاتىرجەم ئادەملەر قانداق ئادەملەردۇر، مەنمۇ شۇنداق بولۇپ باقسام...> دېدىم بىچارىلەرچە.....< مېنىڭمۇ ئاشۇنداق ئىشلارنى بېشىمدىن كەچۈرۈپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ..ئىلىيار بىلەن بەك بالدۇر يۈرىۋالدىممۇ، نىمە ؟> دېدى سەلىمە بېشىنى ئۈستىلىگە قويغاچ. سەلىمە بەك ئۇماق، ئۆزى كۈلگىچە كۆزى كۈلۈپ بولىدۇ. ئادەم دوراڭ دەيدىغان بولسا، كۈلدۈرۈپ ئۈچىيىڭىزنى ئۈزىۋېتىدۇ، بىر ئادەمنى كۆردىمۇ، بولدى، بىر يېرىدىن قۇسۇر تاپىدۇدە، شۇ زاماتلا ئوخشاش قىلىپ دورىۋېتىدۇ. ناخشا ئېيتىشقىمۇ ئۇستا. كىمنىڭ ناخشىسى بولسا شۇنىڭ ئاۋازىنى دوراپ ئېيتىدۇ، بەك مۇڭى بار ئاۋازىنىڭ. ئەمما، بىر نەرسىنى بەك ئىتتىك يەپ قويىدۇ، تاماق ئەكىرىپ، قالغانلىرىمىز، ئورۇندۇقنى ئېلىپ، قولىمىزنى يۇيۇپ، چوكا - قوشۇقلارنى ئېلىپ بولغۇچە يەپ بولىدۇ، تاماققۇ مەيلىغۇ، شۇنداق سوغۇق ماروژنىلارنىمۇ بىر دەمدىلا يەۋېتىدۇ. مەن كارىۋاتلىرىنىڭ ئاستىغا قاراپ باقىمەن، < تۆكىۋەتمىگەنسەن ؟ > دەپ. ھەرىكىتىمۇ شۇنداق تېز، چىقىپ كېتىپ بىردەمدىلا < مالىيە - ئىقتىسادىي ئىنىستىتوغا بېرىپ كەلدىم >، < تىببىي ئۇنۋېرسىتىتقا سىڭلىمنىڭ يېنىغا بېرىپ كەلدىم >دەپ كېلىدۇ، ھەيران قالىمىز. ئىلىيار بىلەنمۇ مۇشۇ يىل 3-ئايدا يۈردى..تۇنجى مۇھەببىتى بۇنىڭ. ئىلىيارمۇ بەك ئېسىل بالا، ئۆزى ئۈرۈمچىلىك، يېزائىگىلىك ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇيدۇ. ئىككىسى شۇ، بەك تولا سوقىشىدۇ، nقېتىم ئايرىلىپ بولدى، ئەتىسىلا قارىسىڭىز ئەپلىشىپ قالغان، شۇڭا ھازىر        < ئايرىلىپ كەتتۇق، رەسمىي،> دەپ قەسەم ئىچىپ كەتسىمۇ ئىشەنمەيمىز.....قارىسام يېقىننىڭ ياقى بۇنىڭ زادى ئىلىياردىن بەك ئايرىلىپ، باشقا بىرلىرى بىلەن ئارىلىشىپ باققۇسى كېلىۋاتىدۇ...<  قولۇڭدا بار نەرسىلىرىڭنى قەدىرلە، يوق نەرسىلەرگە ئېرىشىمەن دەپ يۈرگىچە > دېدى كامىلە...تۇرۇپ ئويلىشىپ قالدىم. < راست..خىيالىم بويىچە بۇنداق ئىزدەپ، تاللاپ كېتىۋەرسەم ھەممىدىن ئايرىلىپ قالارمەنمۇ ؟>..قولفونۇمنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. <ھەي...100كوي تۈگەي دىدىمۇ؟!!ھە راست..سىزئوغۇلمۇ؟قىزمۇ؟ > ..<100كوي ۋەقەسى>دىن كەلگەن ئۇچۇر ئىدى.

( ئاخىرى بار رۇخسەتسىز كۆچۈرۈلمىسۇن )

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-2-25 23:57:24

شۇنچە جىق ئىشلار كاللىڭىزدا ئەينەكتەك تۇرىدىكەن!!  ھەقىقەتەن O تىپلىقلارنىڭ يۈزىنى كۆتۈردىڭىز..

yusran يوللانغان ۋاقتى 2009-2-25 23:57:35

< نىمە كارىڭىز؟ قىز بولسام ئوغۇل بولسام سىز بىلەن نىمە ئالاقىسى >..نىمە بالا قالدىم بۇ ساراڭغا دەيمەندە....< خاتىرجەم بولۇڭ، دېدىمغۇ ئۇ 100كوي ئۇنتۇپ كەتتىم، دەپ >..ماۋۇ نىمانداق ئادەمنىڭ چىشىغا تىگىدۇ؟ < مەن ئوغۇل..كېلە يامان بولساڭ، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇيمەن > دەپ يازدىم...< ھە..مەكتەپداشكەنمىز.....> مانا، بۇياق بىلەنمۇ بىر مەكتەپتىكەنمەن، توۋا،،،مۇشۇ كۈنلەردە نىمە بولىۋاتىدۇ ماڭا؟! ئاپامغا دېمىسەم، ماڭا ئىسرىق سېلىپ قويسا بولغۇدەك.

    خاتىرەمنى ئېلىپ، ئۇنى - بۇنى يېزىشقا باشلىدىم، قانداق ئويلىسام شۇنداق يازاتتىم، جۈملىلەرنىڭ تەرتىۋىگىمۇ دىققەت قىلىپ كەتمەيتتىم.....بىر قېتىم ، ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇيدىغان بىر نەۋرە ھەدەم كۆرۈپ.< سېنىڭ بۇ يازغانلىرىڭنى، مۇشۇ پېتى ئوقۇسا ئەڭ جانلىق چىقىدىكەن،،،،قالايمىقان ئۆزگەرتمە!!بۇمۇ تېخى كېيىنچە ئەدەبىياتىمىزدىكى  يېڭى بىر خىل ژانىر بولۇپ قالامدۇ؟ > دېگەن ئىدى...دېمىسىمۇ ئوي - پىكىرلەر بەك ئەركىن، ھېچنىمىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغان. < قانداق يازغۇم كەلسە شۇنداق يازغان >. ئىدىم. تېخى بەزى يەرلىرىگە تىلىم ئاجىزلىق قىلسا، رەسىم سىزىپ قوياتتىم.

      مۇشۇ كۈنلەردە سىرتقا چىقسام، بولۇپمۇ ،چەت ئەل تىللىرى فاكولتىتىنىڭ ئالدىدىن ئۆتسەم، بىر خىل خۇدۈكسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم..ئەزىمەتنى ئۇچرىتىشتىن شۇنداق قورقىمەنۇ، يەنە نىمىشقىدۇر ئۇنى كۆزلىرىم، ئىختىيارسىز مەيدانلاردىن، ئاشخانىلاردىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىن ئىزدەيدۇ. كەچلىرى ياتقىنىمدا، ئىختىيارسىز كىتابىنى قولۇمغا ئېلىپ، قاراپ كېتىمەن، ئۇنىڭ كىتابىنىمۇ 2 قېتىم ئوقۇپ بولدۇم. ( خۇددى ئۇنىڭ كىتابى ئىچىدىكى مەزمۇن مېنىڭكىدىن پەرقلىنىدىغاندەك ). ئىچىدىكى قوليازمىسىمان شۇ خەتلەرنىمۇ يادلاپ بولاي دېدىم. لېكىن ئەزىمەتتىن خەۋەر يوق..جىمجىت.

    كۈنلەر بىرخىل ئۆتمەكتە، چارەكلىك ئىمتىھانلار باشلىناي دېگەندە، رافائىلنىڭ پۇتى سۇنۇپ كەتتى، بۇ چاغ دەل ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭ مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ،ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان كۈنلەر ئىدى. قىيىشقاندەك، مەكتىپىدە پوتبۇل ئويناۋېتىپ، پوتبۇلنىڭ ئۈستىگە دەسسىۋېلىپ، يىقىلىپ كېتىپ، سۇندۇرۋاپتۇ.. ( توۋا دەيمەن دە،) .

     دوختۇرخانىغا گېزىتكە ئورالغان گۈلنى كۆتۈرۈپ كىرگىنىمدە، رافائىل قۇلىقىغا نائۇشنىك سېلىۋېلىپ مۇزىكا ئاڭلاۋاتاتتى...ئۇ دوختۇرخانىدا ياتقان ياقى بىرىنچى قېتىم يوقلاپ كىرىشىم ئىدى...ئاستا كارىۋېتىنىڭ يېنىغا باردىم.. يەنە بىر قېتىم كىچىكىمدىكى شۇ رافائىلنى كۆرگەندەك بولدۇم..رافائىل ھەقىقەتەن قاملاشقان يىگىت، بوي - تۇرۇق، مىجەز - خاراكتىرىدىن ئىۋەن تاپالمايمەن...لېكىن، بۇ لەنىتى كۆڭلۈم، ..ھەي..بىلمىدىم جۇمۇ، رافائىل بىلەن مەڭگۈ مۇشۇنداق يېقىن دوست بولۇپ ئۆتۈشنى قانداق ئارزۇ قىلاتتىم.ھە!....< گۈليارە!!!! > ئۇ مېنى كۆرۈپ، ھەيران بولۇپ، ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى...يەنە ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ، < مېنى بەك خوش قىلىۋەتتىڭىز! گۈليارە> نېمىشقىكىن، ئۇنىڭ ئىسمىمنى چاقىرىشىنى ياقتۇرىمەن...كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدىن ئېتىلىپ چىققان نىدالارغا ئوخشايدۇ ھەربىر ئىسمىمنى چاقىرىشى.....< ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟ قاچان كارىۋاتتىن چۈشەلەيدىكەنسىز؟ > دېدىم پۇتلىرىدىكى گېپىسقا قارىغاچ، < سىزنى شۇنداق سېغىندىم، گۈليارە، ئاۋازىڭىزنى، كۈلكىلىرىڭىزنى شۇنچىلىك سېغىندىم>  ئۇنىڭ كۆزلىرى يالتىرايتتى....شۇ كۆزلىرىدىن، قارچۇقلىرى يېشىل ئارىلاش كۆكۈش شۇ كۆزلىرىدىن  قورقىمەن....ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن  ئاجايىپ ئۇچقۇنلار چاچراپ تۇرىدۇ...خۇددى كىمگىلا تەگسە، كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتىدىغاندەك..مەن ئۇ ئۇچقۇننىڭ مېنى كۆيدۈرىۋېتىشى ئەمەس، بەلكى شۇ ئۇچقۇنلاردىمۇ لەنىتى ۋۇجۇدۇم رافائىلغا مۇز بولۇپ تۇرىۋېرىشىدىن قورقىمەن...<مېنى بۇنداق تاشلىۋەتمەڭ، گۈليارە..يۈرۈكۈم چىدىمايدىكەن >..< بۇنداق دىمەڭە، رافائىل، بۇنداق دېسىڭىز مېنىڭ يۈرۈكۈممۇ چىدىمايدىكەن...> دېدىم كۈلۈپ تۇرۇپ. ھەقىقەتەن شۇنداق، ھەر قېتىم ئۇ ماڭا، ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى ھېسىياتلىرىنى دېگىنىدە، يۈرۈكۈم ئىختىيارسىز ئاغرىيدۇ..ئەگەر مەندىمۇ شۇنداق ھېسىيات بولغان بولسا مەن بەلكىم بۇ دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەم بولۇپ قالار ئىدىم. گۈلنى ئېلىپ لوڭقىغا قويۇپ قويدۇم.....ئۇنىڭغا مېۋىلەرنى ئاقلاپ بەردىم. ( ئۆزەم جىقراق يەۋەتتىم). كىتاب ئوقۇپ بەردىم. ( ئەزىمەتنىڭ كىتابى ).  رافائىل بىلەن بىللە بولسام بەك خاتىرجەم. ئۇ ھېچنىمىدىن مېنى ئەنسىرەتمەيدۇ... ھەم مېنىڭ ھېسىياتىم بويىچە ئىش كۆرىدۇ..شۇڭلاشقىمىكىن..بىر خىل راھەت ھېس قىلىمەن..ئۇ پەقەت مۇھەببەت توغۇرلۇق ئېغىز ئاچمىسىلا، شۇنىڭغا چەكسىز ئىشىنىمەنكى، ئىككىمىز بەك ياخشى ئۆتكەن بولاتتۇق. لېكىن ئۇنىڭ نەچچە يىلنىڭ ياقى كۈتكىنى مەندەك بىر دوست ئەمەستە؟!!نەچچە قېتىملاپ، ھاراق ئىچىپ مەس بولۇپ قالغىنىدا، ماڭا تېلىفون قىلىپ، يىغلمسىراپ تۇرۇپ..< مېنى تۆلەڭ،سىز،مېنى تۆلەڭ،مېنى 15يىلنىڭ ياقى مۇشۇنداق ئازابلاپ كەلدىڭىز، بىلدىڭىزما؟ گۈليارە! گۈليارە..ھېچقىسى يوق، مەن كۈتىمەن،،،15يىلمۇ كۈتتۈمغۇ؟! يەنە كۈتەلەيمەن. سىز ماڭا بەك مۇھىم..مۇزىكىدەك مۇھىم...مۇزىكا بىلەن مېنىڭدىن بىرنى تاللاڭ دېسە، قايسىنى تاللايتىڭىز دېدىڭىزغۇ؟!  ئۈلۈشكۈن...تېلىفوندا، ئۆزىڭىزچە مېنى مەس بوپقالدى، بىلمىدى دەپ ئويلىدىڭىز ھە؟ گۈليارە! راست مەن ئۇ كۈنى بىلمىگەن نىمە دېيىشىمنى.. ئىككى كۈن ياقى سىناپ باقتىم..گۈليارە...مۇزىكا ئاڭلىماي، مۇزىكا چالماي، مۇزىكىنىڭ گېپىنى قىلماي بىر كۈن ئۆتىدىكەن، ئەمما، گۈليارە سىز بىلمەيسىز،،سىز بىلمەيسىز..سىزنى ئويلىماي بىر سائەتمۇ ئۆتمەيدىكەن، بىر سائەتمۇ..ماڭسام، تۇرسام، مۇزىكا چالسام، تاماق يېسەم، سىنىپتا دەرس ئاڭلىسام سىزخىيالىمدىلا گۈليارە.....بۇ يۈرەكنىڭ ئوتىنى ئۇقماي قالدىم ئۆزەممۇ..نىمە بولدۇمكىن تاڭ!.كىمگىلا قارىسام سىز كۆرىنىسىز دەيمەندە....يوللاردا مېڭىپ كېتىپ بېرىپ، سىزنى ئويلاپ كۈلۈپ كېتىمەن....مەن، رافائىل، بۇ ئۆمرۈمدە ھېچنىمىنى بۇنداق ئارزۇ قىلىپ باقمىغان...سىزنى كۆرۈشتىن باشقا....گۈليارە..سىز شۇنچە ئۇماق..شۇنچە ئەركىن، شۇنچە گۈزەل...مەن ئالدىڭىزدا بىر قۇل..كۈلسىڭىز كۈلىمەن ، يىغلىسىڭىز يىغلايمەن...چۇنكى گۈليارە! گۈليارە! سىز مېنىڭ پۈتكۈل دۇنيارىم....>دېگەن.قانچە قېتىملاپ مۇشۇنداق دېگەنلىكىنى بىلمەيمەن. بۇنداق گەپلىرى يۈرۈكۈمنى ئېيتقۇسىز ئازابلايتتى...مەندە نىمە گۇناھ؟..مەن ئۇنى بىر يېقىنىم سۈپىتىدە كۆرىمەن. ئۇنىڭ ماڭا قىلغانلىرىغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن..ئەمما بۇ مۇھەببەت ئەمەستە...مۇھەببەت بولماي تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھېچقانداق ۋەدە بېرەلمەيمەن......ئۇنىڭدا نىمە گۇناھ دەيسىز؟ مېنى ياخشى كۆرۈش گۇناھ ئەمەسقۇ؟! بىر ئۆزى 15يىلنىڭ ياقى، ئۇنۇتماي ئەسلەپ كېلىۋاتقان، بىر قىزنى ئۇچرىتىپ ، ئۇنى سۆيىشى ئۇنىڭ گۇناھ ئەمەسقۇ؟!! نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدۇ؟! زادى نىمە ئۈچۈن؟...يۈرۈكۈم، سەن زادى كىم ئۈچۈن سوقىۋاتىسەن؟....ئۇلۇغ خۇدا! رافائىلنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغىن! ئۇنى بەخىتلىك قىلغىن،،،ئۇنىڭ بەختىنى باشقا بىر قىزدىن بەرگىن....ئۇنىڭ قەلبىدىكى مېنى چىقىرىۋەتكىن!!!!

<div class=ForumPostContentText>

كۈنلىرىم مەكتەپكە كېلىش، دوختۇرخانىغا بېرىش بىلەن ئۆتىۋاتىدۇ....پۈتۈن خىيالىم رافائىل ساقايسا، مۇسابىقىسىگە قاتنىشالىسىلا بولاتتى دەپلا. بۇنىڭدىن باشقىنى ۋاقتىنچە ئويلىغىنممۇ يوق..كۈندە دوختۇرخانىغا بارىمەن. رافائىلنى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ، پەسكە ئېلىپ چۈشىمەن. ئۇنىڭ مۇزىكا ئەترىتىدىكى بىر بالىنىڭ ئاكىسى 2-دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش ئۈسكىنىلىرىنى ساقلايدىغان بىر ئۆينى ۋاقتىنچە بۇلارنىڭ رىپىدىس قىلىشىغا بېرىپ تۇردى...

   ھەر كۈنى دېگۈدەك رافائىلنى ئېلىپ شۇ يەرگە كىرىمەن. ئۇلار ئولتۇرۇپ قايتا - قايتا مەشىق قىلىدۇ...< دۇمباقنىڭ ماۋۇ يېرى ئېگىز چىقىپ كەتتى، باسقا دىققەت قىل... بۇ كىرىشىڭ بولمىدى....> رافائىل ھېلى ئۇنىڭدىن - ھېلى بۇنىڭدىن قۇسۇر تېپىپ، سۆزلەپ تۇراتتى، بەزىدە ئۇلار تالىشىپمۇ قالاتتى...بەزىدە سىرتقا چىقىپ، ئۆتكەن - كەچكەنگە قاراپ تۇراتتىم...بىر كۈنى يەنە شۇلارنىڭ رىپىدىس ئۆيىنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇرۇشۇمغىلا، بىردەمدىلا كەينىمدىن، دۇمباق چالىدىغان بالا يۈگرەپ چىقتى..< گۈليارە، خاپا بولماي ئىچىگە كىرىپ، بىز بىلەن بىللە ئولتۇرامسىز؟..رافائىل مۇشۇ ئىشىك تەرەپكە قاراپ، كاللىسىنى پەقەت يىغالمايۋاتىدۇ.> يۇزلىرىم ئوت كەتكەندەك بولدى....كىرىپ، رافائىلغا ئەيىبلەش نەزىرىدە قاراپ قويدۇم دە، يېنىغا بېرىپ ئولتۇردۇم..ئانچە - مۇنچە نوتا تونۇيتۇم.ئالدىمدىكى نوتىغا قاراپ، قوللىرىمنى ئېلىكتىرونلۇق چالغۇنىڭ تىللىرىغا قويغاندەك ھەرىكەتلەرنى قىلىپ ئولتۇردۇم..( ئىچىم پۇشۇپ كېتىپ).كىچىكىمدە، غۇلجىدا تۇرغان ۋاقتىمدا، ئاپامنىڭ ئاكىسىنىڭ قىزى سابائەت ھەدەم ( ھازىر يېزا - ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇۋاتىدۇ ) بىلەن ئىككىمىز تۇيۇقسىز، مۇشۇ ئېلىكتىرۇنلۇق چالغۇغا قىزىقىپ قالدۇق...قاھار چوڭ دادام ( سابائەتنىڭ دادىسى ) قاخشاپ يۈرۈپ ئىككىمىزگە ،ئىككى ئېلىكتىرۇنلۇق چالغۇ ئېلىپ بەردى..مۇئەللىمىمىز تىبەت مۇئەللىمتى، ئىسمى چولا. بىزگە بەك كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىتەتتى...ئاساسىي مەشىقلەرنى، بەش سىزىقلىق نوتىنى ئۆگىنىپ بولغاندا، مەن داداملار بىلەن كېتىپ قېلىپ، ئۆگىنەلمەي قالدىم....شۇڭا، كىچىكىمدە ئۆگەنگەچكىمىكىن، ئېسىمدىن قەتئىي چىقمىدى. تېخى كېيىن سەۋېتتىكى ۋاقتىمىدا، نەچچە روس مۇزىكىسىغا چېلىشنىمۇ ئۆگىنىۋالغان ئىدىم.. <گۈليارە!!بەك ئۆلچەملىك قىلىۋاتىسىزغۇ؟ قول مەشىقى قىلغانما؟ نوتىنى تونۇيدىكەنسىز ھە؟> رافائىلنىڭ كۆزلىرى ھەيرانلىق، خوشاللىقتىن چاقناپ كەتتى. <ھە.مۇنداقلا ئۆگىنىپ قويغان، كىچىكىمدە، ئېسىمدە قالغىنى بويىچە قىلىپ باقتىم...> دېدىم سەل ئوڭايسىزلىنىپ، < گۈليارە! سىز مېنى ھەر قېتىم مۇشۇنداق ھەيران قالدۇرىسىز جۇمۇ؟!! > رافائىلنى ئۆزىنى يوقىتىپ قويىۋاتاتتى.....< ۋاي..ھېچنىمە ئەمەسقۇ بۇ.. مۇنداقلا قىلىپ باقتىم.>.

   ئەمەلىيەتتە، مەن دۇمباقنى (架子鼓) نى بەك ياخشى كۆرەتتىم...دۇمباق چوكاممۇ باتتى..< يانى مۇزىكا چالغۇ ئەسۋابلىرى> دۇكىنىدىن ئالغان...ئىنىمنىڭ ۋاسكىتبولىغا ئۇرۇپ، مەشىق قىلاتتىم....كېيىنچەئۇ، بۇ ئىشلار بىلەن تاشلاپ قويغان....لېكىن، دۇنباقچىلارنى كۆرسەملا، ئىككى - ئۈچ قول ئۇرۇپ خۇمارىمنى بېسىۋالاتتىم...

( داۋامى بار )

</div>

yusran يوللانغان ۋاقتى 2009-2-25 23:59:59

شۇنداق قىلىپ، مەن ھەر كۈنى ئۇلار بىلەن بىللە مەشىق قىلىدىغان بولدۇم. دۇمباقچىمىز ئاتتەك بىر بالىتى.... قاپىقىنى تۈرۈپلا تۇراتتى، ماڭىمۇ تەلەپنى يۇقىرى قوياتتى....ئۆزەمچە، ئاساسىي ماھارەتنى تۈزۈك ئىگەللىمەي تۇرۇپ، چوكا ئوينۇتۇشقا ئامراقتىم..ھە دېسىلا، قولۇمدا چوكا پېقىرتىشنى مەشىق قىلىپ تۇرۇۋالاتتىم، ( خېلى يامان ئەمەس پېقىرتىمەن ھى ھى ) . رافائىلدىن گىتتار ئۆگىنىمەن، دەپ بارماقلىرىمنىمۇ يارا قىلىۋالدىم....ئىشقىلىپ ئۆزەم قىززىققاچقىمىكىم، كۈندە دېگۈدەك مۇشۇلار بىلەن مۇزىكا مەشىق قىلىپ، نەچچە سائەتنى ئۆتكۈزىۋېتەتتىم.. ئىشقىلىپ ئانچە -مۇنچە بىرنىمە يۇقۇپ قالدى..ھېچ بولمىغاندا، ئوڭ ئۇدار، تەتۇر ئۇدارنى بىلدىم، ئانچە - مۇنچەپاس ئۇرالايدىغان بولدۇم...

    ئىمتىھانىمغا نەچچە كۈن قالغاندىن باشلاپ، رافائىلنىڭ يېنىغا بارمىدىم، ھازىر خېلى ياخشى بولۇپ قالدى، ھاسا تاياققا تايىنىپ ماڭالايدۇ. شۇڭا مەنمۇ خاتىرجەم مەكتەپتە ئۆزەمنىڭ ئىشلىرىنى قىلىپ يۈرىۋاتىمەن....نەچچە كۈننىڭ ياقى، كېچىسى كىتاپ كۆرۈش، تەكرار قىلىش بىلەن ، كۈندۈزلىرى ئۇخلاپ، ئانچە - مۇنچە كۈتۈپخانىغا چىقىش بىلەن ئۆتىۋاتىدۇ... كۈتۈپخانىدا ئولتۇرغانلىرىمدا، تۇيۇقسىز كاللامغا ئەزىمەتنىڭ سىماسى كىرىۋالاتتى دە، پۈتۈن نېرۋىلىرىم خىزمەتتىن توختاپ، ئۆلۈك بىر خىل ھالەت شەكىللىنەتتى...خۇددى پۈتۈن جىسمىمدە قىلچە ماغدۇر قالماي، ھازىرلا ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەك. بۇ چاغدا ئورنۇمدىن تۇرىمەندە، يېنىمدىكى گۈزەلنىڭ < نەگە بارىسەن؟ ھەي ئات...> دېيىشىگە پەرۋامۇ قىلماي..كارىدورغا چىقىپ،< بىخەتەر چىقىش ئېغىزى >دېگەن يەردە تۇرىۋالىمەن... بۇ بىخەتەر چىقىش ئېغىزىنى ، بۇ بىناغا تاساددىپى ئوت كېتىپ قالسا ۋە ياكى يەر تەۋرەش دېگەندەك ئىشلار بولۇپ قالسا. ( خۇدايىم ساقلىسۇن ) . بىنا ئىچىدىكىلەرنى بىخەتەر چىقىۋالسۇن ، دەپ ئورۇنلاشتۇرغان بولغۇيتى...مەنمۇ ھەر قېتىم قەلبىمدىكى شۇ رەزگى ئوت گۈررىدەڭ قىلىپ پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى كۆيدۈرۈشكە باشلىغاندا، ئېختىيارسىز مۇشۇ بىخەتەر چىقىش ئىشىگىگە ئۆزۈمنى ئاتىمەن...بۇ ئىشىك توۋا دېمىسەم،،ھەقىقەتەن بىخەتەر < چىقىش > ئىشىگى جۇمۇ....مۇشۇ يەرگە كېلىپ، ئازراق تۇرىۋالسام، قەلبىمدىكى، ۋۇجۇدۇمدىكى غەلىيانلار بېسىقىپ قالىدۇ. بۇرۇنقى ئۆزۈمگە قايتىمەندە، ئاستا كىرىپ كېتىمەن....

   بەزى كۈنلىرى، كەچلىرى تەكرار ۋاقتىدا، قىزلار ئەزىمەتنىڭ گېپىنى< تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك > تۇيۇقسىزلا قىلىپ قويىدۇ. ( رافائىلنىڭلا گېپىنى قىلىدىچۇ، ئادەتتە بۇلار )، بۇنىڭ بىلەن تىنىچ نېرۋام يەنە قالايمىقانلىنىشقا باشلىنىدۇ...< كىتابىنى بېقىۋالدىڭ دېگىنە؟...>دېسەبىرسى، يەنە بىرسى..< بېرىۋەتسەڭ بولاتتى..جۇمۇ > دەيدۇ... <ئۇنىڭدىن ئالغىنىم كىتاپ ئەمەسكەن.....بىر پارچە ئوت!!! جېنىم قېرىنداشلىرىم، مۇشۇ ئوتنى شۇ ئەبلەخنىڭ ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەرگىلى بولارمۇ زادى؟!!> دەپ ۋارقىرىغۇم كېلىدۇ....لېكىن بوغۇزۇمدىكى شۇ ئاچچىقنى كۈچەپ ئىچىمگە يۈتىمەندە، پەرۋازسىزلارچە..< ۋاي، بىر گەپ بولار،،،،> دەپ قويىمەن،،،( ئارتىس بولساممۇ بولىدۇ جۇمۇ بەزىدە). ئەمما خېلىغىچە دىققىتىمنى يىغالماي، بىر قارىغان يەرگە قاراپ تۇرۇپ كېتىمەن...

   يېقىننىڭ ياقى پات - پات مۇشۇنداق كاللام توختاپ قالىدىغانلا بولۇپ كالدى..ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم،، مەندەك ئاجىز بەندەڭنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغىن، بەندىلىرىڭگە خار قىلمىغىن..بەزىدى ئۇخلىمىغان بىلەن ئۇخلىغاننىڭ ئارىسىدا، ئەزىمەتنى < چۈشەپ > كېتىمەن.....ئىشقى - بالاغا مۇپتىلا بولۇش، دېگەندەك دەبدەبىلىك سۆزلەرنى قەدىمقى بىر چۆچەكلەردە كۆرگەن....ئەسلى رىئال تۇرمۇشتىن كەلگەن چۆچەكلەركەن ئۇ.....يا مېنىڭ بۇ كەچمىشلىرىممۇ  شۇ ساماۋىي چۆچەكلەرگە ئوخشاپ قېلىۋاتامدىكىنە؟!!.....ياتاقتا كىمنىڭ بېشىغا بىر ئىش كەلسە، قىزلارغا دەيمىز. ئاساسەن بىر - بىرىمىزدىن سىر يوشۇرۇپ كەتمەيمىز. بەلكىم مەنمۇ مۇشۇنداق غەلىتە قىينىلىىشلىرىمنى ئۇلارغا دېسەم، ياخشى بولۇپ قالار بولغۇيتۇم ، ئەممە، يامان يېرى..< سەۋزىدىن خەۋەر يوق، گۈرۈچ دەم يەپتۇ > بولىۋاتقىنىدە؟!..ھەي...ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ بۇ ياتاقتىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى رافائىلنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرى، ئەگەشكۈچىلىرى. رافائىل ياتاقتا ياتقان ياقى، 5 قېتىم يوقلاپ بولدى، مېنى سۆكىدۇ بېرىپ ئۇ يەرگە. رافائىل، ھېلىقى يېشىلغا مايىل كۆزلىرىدە، بېشىنى پەس قىلىپ كۈلۈپ كېتىدۇ، مەن توغۇرلۇق ھەرخىل ئەپسانىلەرنى ئاڭلىغىنىدا. ( بەك تارتىنچاق،  باشقىلارنىڭ كۆزىگە قارىيالمايدۇ ئالدىراپ). رافائىلمۇ بۇلارنى ياخشى كۆرىدۇ.. ئۇلارنىڭ ھەممە گەپلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدۇ، ھەم بۇلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ، مەندىن سوراپ كېتىدۇ بەزىدە،    < مەرھابا رەپقەت بىلەن ئەپلىشىپ قالدىمۇ؟.>.< سەلىمەنىڭ سىڭلىسى كۆنۈپ قاپتىمۇ؟>،< مەستۇرىئاينىڭ ئۇكىسىنىڭ مۇسابىقىسى قانداق بوپتۇ؟> دېگەندەك..... ئىشقىلىپ، ياتاقتىكىلەر، رافائىلنى قارار قىلىۋەتتى، بىزنىڭ ياتاقنىڭ كۈيئوغلى، دەپ.....ئامال يوق بۇلارغا، مەنمۇ بۇرۇن سىرتتىن خەقلەرگە شۇنداق قارارلارنى چىقىرىپ قوياتتىم، ..< مۇنداق قىلسا بولمامدىغاندۇ..> دەپلا جەزملەشتۇرۈشكە ئالدىرايتتىم....ئۆزۈمگە كەلگەندە بىلىۋاتىمەن،  باشقىلارنىڭ ھېسىيات ئىشى، ئارىلىشىدىغان ئىش ئەمەسكەن....ھە..راست...ئاخشام ئولتۇرۇپ < يۈز كوي ۋەقەسى >نىڭ گېپى چىقىپ قالدى...ئۇنتۇپ كېتەي دەپتىكەنمەن ئۇ ئىشنى....قىزلار مۇلاھىزە قىلىشتى ئۆزلىرىچە.  سەلىمە دېدى< سەن ، مەن ئوغۇل دەپ يازساڭ، شۇنىڭ ياقى جىمىپ كەتكىنىگە قارىغاندا،ئۇمۇ چوقۇم ئوغۇل..شۇڭا، بولدىلا دەپ يوقاپ كەتتىمىكىن..>..< ياق، مەنچە ئۇنداقمۇ ئەمەس جۇمۇ ، قىزلار..دېدى مەستۇرىئاي ئالدىدىكى كىچىك ئەينىكىدى چېچىنى تۈزىگەچ..مەنچە ئۇ چوقۇم قىز، قانداق دېسەڭلار؟!!!ھازىرقى ئادەملەر بىر - بىرسىنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئالدىراپ راست سۆزلىمەيدۇ....سەن ئۆزەڭنى ئوغۇل دېگىنىڭ بىلەن، ئۇياق ئاللىبۇرۇن بىلىپ بولدى قىزبالا ئىكەنلىكىڭنى....>...ھە؟ بۇ قانداق گەپ ئەمدى...< توغرا...مەرھابا قوپتى ئەمدى..( بۇ مۇشۇنداق  تەستىق سېلىشقا ئامراق دېسە.. سوتچىدەك، توغرا، خاتا دەپ )..مەنچىمۇ ئۇ چوقۇم قىز بالا...يەنە كېلىپ ئۇمۇ ئويلىغاندۇ؟ 100كويچىنىمنى قايتۇرۇپ بەرمىگەندىن كېيىن،، قىز بالا ئوخشايدۇ،  دەپ> بۇ تەھلىللەرنى ئانالىز قىلىپ بولالماي، قەلەم بىلەن بېشىمنى تاتلاپ ئولتۇردۇم..بۇ قىزلارنىڭ تەسەۋۋۇرى كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ ، دېسە. ئۆزلىرىنىڭ شۇنداق مۇھىم ئىشلىرى بولسىمۇ ، بىر ياققا قايرىپ قويۇپ ، باشقىلارنىڭكىنى < پىداكىرانىلىق بىلەن > تەھلىل قىلىپ كېتىدىكى،  بەزىدە راستلا تەسىرلىنىمەن..جۇمۇ..< مەنچە، ئۇ قىزمۇ ئەمەس، ئوغۇلمۇ ئەمەس،! ئۇ بىر 变态!!!> دېمەسمۇ كامىلە،مۇز تامغا كالتەك ئاتقاندەكلا، تۇيۇقسىز، تاس قالدىم ئاغزىمدىكى چاينى پۈركىۋەتكىلى......< ھەي، ھەي،ھەي.....بولدى قىلىڭلار ئۇ بىچارە، مەيلى ئوغۇل بولسۇن قىز بولسۇن، 100كوينى خاتا قاچىلىغىنىغا تويغۇزىۋەتمەيلى...> دېدىم....ئويلاپ قالدىم،،بۇرۇن مەنمۇ مۇشۇلارغا ئوخشاش ، باشقىلارغا خوشياقسۇن يا خوشياقمىسۇن، مۇشۇنداق تەھلىل قىلىپ، پىكىر يۈرگۈزۇپ، خەقنى زېرىكتۈرىۋەتكەن ۋاقىتلىرىممۇ بولغان بولغىيتى ھە؟!....بەزىدە جىمجىت بىر يەرلەرگە كەتكۈم كېلىدۇ...كاللامنىڭ ئىچىدە بىر نەرسە توختىماي ئايلىنىدۇ..كېچە - كۈندۈز...شۇڭا..ئۇخلاپ قوپساممۇ، بىر خىل ھارغىن....ئىچىمدىن شۇنداق بىر ئۇف...چىقىدىكىن...شۇنىڭدىن قەلبىمدىكى يالجىۋاتقان ئوتنىڭ تەپتىنى ھېس قىلىمەن......

نىمىشقىكىن كۈز كەلسىلا، روھىي - كەيپىياتىممۇ كۈز يۇپۇرماقلىرىغا ئەگىشىپ سولىشىدۇ....بەدىئي جەھەتتىن، مۇشۇ كۈز پەسلىنى قانداقلا قىلىپتۇر  ياخشى كۆرەلمەيمەن...يازنىڭ يامغۇرى بىلەن قىشنىڭ لەپ - لەپ ياغقان قارىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەن...ئەمما، مۇشۇ كۈزدە ياققان يامغۇر، مۇزلاپ تۇرغان ئادەمگە مۇز بەرگەندەك خوشياقمايدۇ....دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ، پۈتۈن جاھاننى غەم - قايغۇ بېسىۋالغاندەك ھېس قىلدىم...ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈنۈگۈن ياقى ياغقان يامغۇر، بۈگۈن يەرلەردە بىر قەۋەت نىپىز مۇز تۇتقۇزغانىدى...قەلبىممۇ ئېرىپ - ئېرىپ شۇ نىپىز مۇزغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ، شۇ ئەسلىمىلەر ئىچىدە...

    بۈگۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر پەن ئىمتىھان. مۇشۇنداق سىياسەت خاراكتىرىنى ئالغان پەنلەر بىلەن، مىڭ يىل بىر قازاندا قايناتسىمۇ، قېنىم قۇشۇلمايدۇ دە،ئەمما......!!! .دەرسلىك كىتابىنىڭ 13-بېتىنى ئېچىپ قۇيۇپ، بىر كۈن ئۆتكۈزۋەتتىم. كاللامغا بىر نىمە چۈشىدىغاندەك ئەمەس....رافائىل قىسقا ئۇچۇر يوللاپتۇ...< ئۇماق...ئىمتىھانىڭىز تۈگىسە بىرىنچى بولۇپ مېنى كۆرگىلى بىر كېلىۋېتەمسىز؟؟....سىزنى كۆرمىگىلى 10كۈندىن ئاشتى..كۆزلىرىمدىن ئۇچۇپ كەتتىڭىز؟>.. شۇنچە كۈنلەر بولۇپ كېتىپتۇ،ھە؟! توۋا..كىچە - كۈندۈزنى ئالماشتۇرۇپ قويدۇم ، كېچە - كۈندۈز تەكرار قىلىمەن ،دەپ...< ماقۇل...>...

   < نىمە بولدۇڭ؟ ئاداش سەن، يېقىننىڭ ياقى..غەمكىنلىغۇ؟؟> دېدى كامىلە...ئۆزەممۇ مۇشۇنداق كەيپىم چاغ ئەمەس ۋاقتىدا، كامىلەنى خالاپ قالىمەن..بەك ئادەمگە تەسەللىي بېرىشنى بىلىدۇ...باغرى يۇمشاق...بەك ئىشچان... ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تاماق ئېتىش، كىر يۇيۇش، ئۆي تازىلاشتىن تارتىپ، ھويلا - ئارام ئاقارتىش، نان يېقىش، ئېغىر - يېنىك ئىشنىڭ ھەممىنى مۇشۇ قىلىدىكەن....ھەيران قېلىپ، بىرىنچى قېتىم ئاڭلىغىنىمدا..< ئاپاڭ نىمە ئىش قىلىدۇ؟>  دەۋەتكىنىمنىمۇ بىلمەي قالغانتىم... < ئابدۇللا بىلەن قانداق يۈرۈپ قالغانتىڭلار؟> سورىدىم كامىلەدىن.....<قانداق بولاتتى يەنە بۇرۇنقى شۇ كونا سەنەم..تەييارلىقتا بىللە ئوقۇغاندا، بىر سىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى - بۇنى دېيىشىپ ، ياخشى كۆرۈشكەن، كېيىن ئۇ غوجام رەسمىيەتنى ئۆتىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن يۈرگەن بولدۇق > دېدى..كامىلە كارىۋاتتا پۇتنى پۇلاڭلاتقاچ ئولتۇرۇپ....< ماڭا ۋاي..ئۇنى بۇنى دېسە ياخشى كۆرۈشۈپ قالىدىغان ئىش بولسا، ھەممە ئادەم يۈرۈپ كەتمەمدۇ؟!! سەن بېشىدا ياخشى كۆرگەنمۇ؟ يا ئۇمۇ؟> دېدىم ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغاچ....< راست گەپنى دېسەم، مەن بېشىدا ياقتۇرۇپ قالغان، ھەممىسى ئابدۇللا مېنى قوغلىشىپ كەلتۈرۈپ يۈردى ، دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بېشىدىلا مەن ياخشى كۆرۈپ قالغانتىم ئۇنى..> . < قانداق قىلىپ؟ قانداق قىلىپ ياخشى كۆرۈپ قالغانتىڭ؟> < بىر كۈنى سىنىپتا، كورت ئويناپ ئۇتتۇرۇپ قويغانلار نومۇر ئورۇنلاپ بېرىدىغان بولغان...ئابدۇللا شۇ چاغدا، بىر خەنزۇچە ناخشا ئېيتىپ بەرگەن، شۇ ناخشىنى ئېيتقان ۋاقىتتىن باشلاپلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم.> ...توغرىكەن...بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈش ئۈچۈن، جىق جەريان كەتمەيدىكەن، كۆڭۈل دېگەنمۇ ھەجەپ نەرسىكەن دەيمەن...كۈندە ئالدىڭدا تۇرغان نەرسىنى خالىماي، سەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈش ئېھتىمالىڭمۇ بولمىغان ئادەمنى خالايدىكەن....

   < ھەي...ئاغىنە!! بىردەم پاراڭلاشساق بولامدۇ؟> ھەيران قالدىم...قولفۇنۇمدا <100كوي ۋەقەسى>نىڭ نومۇرى تۇراتتى..ھە..توۋا، راسلا ئوغۇل بالىكەندە!! مېنىمۇ راست ئوغۇل بالا ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتۇ دە، بۇ قاپاقباش.... ئىچىم پۇشۇپ تۇرغاندا پاراڭلاشساممۇ پاراڭلىشاي..< ۋوي؟!!سەنمۇ ئوغۇل بالىكەنسەندە؟!!> دەپ ئەۋەتتىم...يەنە بىر قېتىم ئېنىقلاش مەقسىتىدە...< ئاپام ئوغۇل بالا دەپ تۇغۇپتىكەنغۇ!..راست ئوغۇل بولارمەن!!قانداق؟!!سەن تازا ھەقىقىيسىدىن ئەمەس ئوخشىمامسەن ؟!!>..زادى ياخشى گەپ قىلىدىغان نەرسە ئەمەس بۇ !!! < يالغان راستلىقىنى كېيىن بىلىپ قالارسەن ؟!!ئوغۇل بالىغا پاراڭلىشايلى دەپ ئۇچۇر ئەۋەتكەندىن كېيىن، راستمۇ؟ يالغانمۇ؟ سورىدىم > دەپ ئەۋەتتىم.  <ھا ھا..يېقىننىڭ ياقى كۆڭلۈم سەل پاراكەندە، يېنىمدىغۇ ئەل - ئاغىنە جىق، لېكىن كۈندە كۆرگەن ئادەملىرىڭگە دېيىشنى خالىمىغان بەزى گەپلەرنى ،ئادەم مۇشۇنداق كۆرۈپ باقمىغان يا بەك ئاز كۆرىشىدىغان  ئادەملەرگە دېگۈڭ كېلىپ قالىدىكەن..>  راست...قارىغاندا بۇنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش باشقىلار چۈشىنەلمەيدىغان، باشقىلارغا قانداق دېيىشنىمۇ بىلمەيدىغان، كۆڭۈل ئازابلىرى بولسا كېرەك.. < ئۇغۇ شۇ،...قېنى ئەمىسە دەپ باقمامسەن؟! ياردەم قىلغۇدەك يېرى بولسا، قاراپ ئولتۇرمايمىز؟!> دەپمۇ يېزىپ قويدۇم ئارقىسىغا،،( خەقنىڭ 100كويچىنىنى جىممىدىلا خەجلىۋالغاندىكىن، ئىززا تارتىپ)..< ھا ھا....ئاغىنە..باشقىلار ياردەم قىلالايدىغان ئىش بولسا ساڭا دىمەيتىم...ياردەم كېرەك ئەمەس، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدىغان ئادەم كېرەكتى..>.. ئۆزەمنىڭ دەردىمۇ يېتىپ ئاشاتتى،مۇشۇ ئاي، مۇشۇ كۈنلەردە...يېگەننىڭ تىلى قىسقا دەپ، بوپتىلا ئاڭلاپ قوياي..< ھە..قېنى دېمەمسەن..كىمنىڭ دەردى يوق بۇ دۇنيادا. دېگىنە..>..< مېنىڭ يوقتى دەردىم بۇرۇن...بولسىمۇ دەرت دېگۈچىلىكى يوق، كىچىك غەملەرتى خالاس....يېقىننىڭ ياقى ھەجەپ بولۇپ قالدىم دېسە..بىر نەرسەم كامدەكلا..ئۇ نەرسىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيمەن..مېنى بەك قىيناپ كېتىپ بارىدۇ..>..ۋوي..راستلا بىچارىكەن بۇ...< ئەمىسە بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئوخشايسەن.. چاققانراق قىزدىن بىرنى تېپىپ مۇھەببەتلىشىۋالساڭ، ياخشى بولۇپ كېتىسەن..>..< مۇھەببىتىم بار، 6يىل بولدى...ئۆزى ياخشى قىز..چىرايلىق، ئەخلاقلىق، مۇھىمى مېنى بەك ياخشى كۆرىدۇ؟> .. ئوھۇش..نىمداق ئادەمنى ساراڭ تاپىدۇ ماۋۇ.. < ئەمىسە نىمەڭ كام ، ئاغىنە...سەن ياخشى كۆرمەمسەن يا؟!!> .< بۇرۇن ياخشى كۆرۈش شۇلا ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ئۇنى سۆيىمەن دەپتىكەنمەن، دېگىنە..~~ ھازىر ئويلىسام ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىكەنمەن،، بۇنى مەن ،،يەنە بىر قىزنى ئۇچراتقاندىن كېيىن، ئاندىن ھېس قىلدىم..>. يۈرۈگۈم ئاغقاندەك بولدى..< ھە؟!!شۇنداقمۇ؟..ئۇنداق بولسا ئۇ قىز بىلەن كۆرۈشۈپ سۆزلىشىپ باقمىدىڭمۇ؟>.< مەن ئۇ قىز بىلەن ئىككى قېتىملا پاراڭلاشقان، لېكىن ئۇنى مەكتەپتە كۆرۈپ تۇرىمەن...ئۇمۇ مۇشۇ مەكتەپتە دېگىنە..بۇرۇن قەتئىي كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن...>..توۋا،،،دۇنيادا غەلىتە ئىشلاربولۇپ تۇرىدۇ دېسە؟!!....

( داۋامى بار

yusran يوللانغان ۋاقتى 2009-2-26 00:01:53

<ھە؟!!  ئۇمۇ سېنى ياخشى كۆرەمدۇ؟ > نىمىشقىدۇر كۆڭلۈمدە ئەزىمەت بىلەن بۇ ئىككسىنى بىر يەرگە ئەكىلىۋالاتتىم... تۇرۇپلا بۇ ئويۇمنى كۈلكىلىك ھېس قىلاتتىم..< ياق..بىلمەيمەن جۇمۇ...مەنچە ياخشى كۆرمەسمىكىن؟ >... < نىمە دەپ بۇنداق دەيسەن؟ سەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ دېيىشسەڭ بولمامدۇ؟>..< ھەي...نىمە دېسەم بولار؟..ئۇنىڭ بىلەن مەن، مۇنداقلا تونۇشۇپ قالغان، لېكىن ئۇنى پەقەت ئۇنۇتالمىدىم... كۆرۈشۈشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايمەن..لېكىن ئۇنى كۈندە بىر قېتىم كۆرۈپ تۇرىمەن....ئۇ مېنى كۆرەلمەيدىغان يەردە..> بۇ ئۇچۇرنى قانچە قېتىم يېنىش - يېنىشلاپ كۆرگىنىم ئېسىمدە يوق...ئۇنى ئەزىمەت بولۇپ قالسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى دەپ ئويلايمەنۇ، ئارقىدىن ، ياق...ئۇنىڭ قىز دوستى بولىشىنى قۇبۇل قىلالمايمەن..ياق ئۇ ئەمەس ... < سەن دېمىسەڭ، قانداق بىلىسەن ئۇ قىزنىڭ سېنى ياخشى كۆرىدىغان كۆرمەيدىغىنىنى؟>....ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قايتۇردى....< مەن ئۇنىڭغا ھېچنىمە بېرەلمەيمەن...>...ئاھ خۇدا...شۈكرى بەرگەن كۈنلىرىڭگە شۈكرى...مەن بۇنىڭغا قارىغاندا كۆپ بەخىتلىك ئىكەنمەن.......

    ئەتىسى ئىمتىھاننى تازا دېگەندەك بېرەلمىدىم...ئۆزۈمنىڭمۇ روھىي - كەيپىياتىم تازا دېگەندەك ئەمەس ئىدى.... ئىمتىھاندىن چىقىپ، شۇنچىلىك ئىچىم سىقىلدى..نىمە قىلىشىمنى، نەگە بېرىپ، نەدە تۇرۇشۇمنى بىلمەي، ئۆزەمنى قويارغا يەر تاپالماي قالدىم..پەقەت ئۆزۈملا بىلىمەن..نىمىگە مۇشۇنداق بىچارىلەرچە تىت- تىت بولىۋاتقىنىمنى...... رافائىلغا ئۇچۇر يوللىۋەتتىم... بارالمايمەن.. ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلمىدىم، كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس دەپ...قولفونۇمنىمۇ ئىتىۋەتتىم....

    مەكتىپىمىزنىڭ بىر كۆلى بار... مۇشۇ كۆلگە ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلىۋاپتۇ دېگەنلەرنى ئاڭلايتۇق..لېكىن راست - يالغىنى ئېنىق ئەمەستى.. ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيتتىم..بۈگۈنكى مۇشۇ كەيپىياتىم بىلەن مۇشۇ كۆلنى سېغىنغىنىمغا قاراپ،ئادەملەرنىڭ بۇ كۆلگە سەكرەپ ئۆلىۋېلىش ئىمكانىيىتىنىڭ ھەقىقەتەن بارلىقىنى ھېس قىلدىم.. ھېلىقى ئۇچۇرنى، ئەزىمەتنى ئويلايتتىم.. ياق..ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس،، مېنىڭ بۇ ياپراقتەك تىترەپ تۇرغان يۈرۈكۈم ئەمدى ھېچقانداق، ھېچقانداق بىر زەربىنى، تەقدىرنىڭ ماڭا قىلغان، تېتىقسىزلارچە چاقچىقىنى قۇبۇل قىلالمايدۇ.....     

     ئاخشام <100كوي ۋەقەسى> نىڭ ئۇچۇردىكى ھېكايىسىنى قىزلارغا دەپ بەردىم..ھەممىسى ئاغزىلىرىنى ئېچىپ تاڭ قېلىشتى...< نىمىگە ئەمدى مۇشۇنچىۋالا ھەيران بولىۋاتىسىلەر؟ > دېدىم ئۇلارغا ئاچچىقلانغاندەك قىلىپ... ئۇلارنىڭ ھەرگىز مەن ئاڭلاشنى خالىمايدىغان پەرەزدىن بىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى پەقەت، پەقەتلا خالىمايتىم..... لېكىن رىئال تۇرمۇش ھامان شۇنداق رەھىمسىز.... ئۇلار ھەممىسى ئۇ بالىنى < ئەزىمەت، چوقۇم ئەزىمەت.ئېنىقلا تۇرمامدۇ؟!! > دېيىشتى.  تېخى مېنىڭ ھاياتىمنىڭ نىمە دېگەن كۆپ مۆجىزىلەرگە تولغانلىقىدىن ھەيران بولۇشتى... ياق، ياق..... مۇمكىن ئەمەس دەۋەتكىنىمنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن...ئىتتىك ئۆزۈمنى ئوڭشىدىمدە، <بەك تەسەۋۋۇرغا باي بولۇپ كېتىپ بارىسىلەر جۇمۇ...نەدە بۇنداق توغرا كېلىشلەر بولىۋېرىدۇ؟ > دېدىم كۆزلىمدىكى چىقاي دەپلا قالغان يېشىمنى يوشۇرۇپ.... < ئىشەنمىسەڭ، ئەمىسە ئىسمىڭ نىمە؟ دەپ سوراپ باقە.....> دېدى مەرھابا دېگەن كاسكا...راست!!  سورىساملا بولىدىغۇ....لېكىن بۈگۈنگىچە، سورىيالمىدىم...ئۆزۈمگە كىچىككىنە بولسىمۇ، ئۈمىد شامىنى ياندۇرۇپ قوياي..بولمىسا ئۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن مېڭىپ چىقىپ بولالمايمەن....

  كۈزنىڭ سوغۇق شامىلى نەشتەرگىلا ئوخشايدۇ....نەق يۈرۈگۈمگە سانجىلىپ قالغان نەشتەر... بۇ نەشتەرنى كىم سانجىدى يۈرۈگۈمگە؟!!  ئەگەر، ئەگەر، راستلا ئۇ بولۇپ قالسا، خوش بولۇشۇم كېرەكمۇ؟ ئۇمۇ مېنى بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ دەپ. ۋە ياكى قىز دوستى بار ئىكەن، مەيلى مېنىلا ياخشى كۆرسە بولىدىغۇ دەپ، ئۆزۈمنى ئالدايمۇ...... كۆلنىڭ بويىدىكى سىمۇنت قىرلارنىڭ يۈزىمۇ بىر قەۋەت نىپىز مۇز تۇتقان ئىدى...ئاستا چىقتىم.... دىققەت قىلمىسام چۈشۈپ كېتەتتىم... خۇددى ھازىرقى مەندەك ،ئاستى يوق قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكەندەك...قانچىلىك تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن....بىلىكىمنى بىرسى ئاستا تارتقاندەك قىلدى.....رافائىل!!!!ئۇ ھاسا تايىقى بىلەن، مۇز تۇتقان يەردە ئاران - ئاران تۇرىۋاتاتتى... كۆزلىرىدە ماڭا قارىغاندىلا كۆرگىلى بولىدىغان ئىنتىلىش، چەكسىز سېغىنىش چىقىپ تۇراتتى... كۆزلىرى كۆزلىرىمنىڭ ئىچىدىن بىرنىمىلەرنى ئىزدەيتتى....ئىتتىك چاپىنىنىڭ ئىچىدىن بىر تال سېرىق ئەتتىرگۈل چىقاردى...< چىرايلىق قىزچاق...سىزگە ئوخشاش بۇ گۈل سىزنى ئىزدەپ كەلدى....گۈليارە!!!سىز دېگەن گۈلدەك يارە،،،مەڭگۈ گۈلدەك ئېچىلىپ تۇرىسىز، يىغلامسىرىغىنىڭىز نىمىسى؟؟؟؟ياراشمىدى..بۇ > دەپ قوللىرى بىلەن مەڭزىمگە چۈشكەن ياشنى ئېيتتى...بۇ رافائىل ئىككىمىز تونۇشۇپ، ئىككىمىزنىڭ بىرىنچى قېتىم مۇشۇنداق يېقىن تۇرىشىمىز ئىدى.... كۆزلىرىمگە نەدىن ئۇنداق كۆپ ياش كەلدى بىلمەيمەن، ئۆزۈمنى ئۇنىڭ قىزىل سىپورت چاپىنى ئوراپ تۇرغان، قوينىغا ئاتتىم... سەنتۈرۈلۈپ- سەنتۈرۈلۈپ، ئاران ئۆزىنى توختاتقان بولسىمۇ، مېنى چىڭ تۇتىۋېلىپ، قويۇپ بەرمەيتتى.. مەنمۇ ئىچىمدىكى پۈتۈن نەملىكنى كۆز يېشىمغا ئايلاندۇرغاندەك ، ئىچىمدىكى بارلىق ئاچچىقلىرىمنىمۇ ياش ئارقىلىق چىقىرىۋەتمەكچى بولغاندەك يىغلايتتىم....بىر قولى ھاسسىدا، بىر قولى مېنى باغرىغا باسقان ھالدا، ئۈنۈم پۈتۈپ، ئاۋازىم چىقماي قالغۇچە، شۇيەردە تۇرۇپتۇق....ئۇنىڭ يۈرۈگىنىڭ گۇپ - گۇپ قىلغان ئاۋازى شۇنچە ئېنىق ئاڭلىناتتى......<يىغلاڭغۇ، بىر گەپ دەي، زاڭلىق قىلماڭ ھە؟!!> دېدى ئۇ . < سىزنى مۇشۇنداق باغرىمغا بېسىشنى تالاي كېچىلەر ئويلاپ چىققان ئىدىم ، گەرچە بۇ ھازىرچە مۇمكىن بولمىسىمۇ ھامان بىر كۈنى، گۈليارەنى باغرىمغا باسىمەنغۇ ، دەپ ئويلايتتىم....ئەمما شۇ باغرىمغا باسقاندا چوقۇم خوشاللىقىمدىن يىغلىۋېتىمەنغۇ، دەپ ئويلىغان.... دۇنيادا دائىم ئادەملەر ئويلىمىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدىكەن دەيمەن...>. ئۇ سۆزنى شۇنچە سىلىق قىلىدۇ، ئاستا ئاۋازدا، ئالدىرىماي سۆزلەشنى ئادەت قىلغان،،شۇڭلاشقىمىكىن، ئادەتتىكىدەك بىر گەپلەرنى قىلسىمۇ، شۇنداق دەبىدەبىلىك ئاڭلىنىدۇ....< يۈرۈڭ كىتەيلى....پۇتىڭىزغا سوغ ئۆتۈپ كېتىدىغان بولدىدە،؟!!ھە..راست..مېنىڭ بۇ يەردىلىكىمنى.. قانداق بىلدىڭىز؟>..دېدىم بېشىمنى كۆتۇرۈپ، ئۇنىڭ يېشىلغا مايىل كۆزلىرىگە قاراپ...< سىز نەدىلا بولۇڭ، سىزنى تېپىۋالىمەن. گۈليارە!!ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ>!!!يۈزلىرىمگە ئانچە - مۇنچە تەبەسسۇم يۈگرىگەندەك قىلدىيۇ، تۇيۇقسىز يۈزۈمدە شۇ پېتى قېتىپ قالدى.. پۇتلۇرۇم يەرگە چاپلاپ قويغاندەك تۇرۇپلا قالدىم....ئالدىمدا ئەزىمەت تۇراتتى....كۆزلىرى بۇرۇنقىدەكلا كۈلۈپ تۇراتتى...

  شۇنداق! ئالدىمدا، مەن نەچچە ۋاقىتنىڭ ياقى تولا ئويلاپ، چىراي - شەكلىنى تولۇق ئېسىمگە ئەكىلشكە شۇنچە تىرىشقان، شۇ ئەبلەخ  - ئەزىمەت تۇراتتى. كۆزلىرى يەنىلا كۈلۈپ تۇراتتى...بۇرۇنقىدەكلا، لېكىن ئۇ كۆزلەر ماڭا تىكىلمىگەن...< ۋوي...شەھەردە راست ئېزىپ قاپتۇ دە، بۇ سەھرالىق..> توۋا..ئەزىمەت رافائىلغا قاراپ سۆزلەۋاتاتتى.. رافائىلمۇ كۈلۈپ كېتىپ، < ھە ، راست، مۇشۇنىڭ ئىچىدىكەن...ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلمەي كۆڭلى يېرىم..بۇ ئۇماقنىڭ...ھوي..ئىككىڭلار تونۇشامسىلەر؟> دېدى رافائىل مېنىڭ ئەزىمەتكە ئاغزىمنى ئېچىپ، بەزدەك قاراپ تۇرغان ھالىتىمنى كۆرۈپ. ئۆزەمنى ئوڭشاي دېسەممۇ، پۇت - قولۇمدا جان يوق..يىقىلىپ قالايلا دېدىم... رافائىلغا بىلىنەر - بىلىنمەس يۆلىنىۋالدىم..< ھە..بىزنىڭ رائىلەنىڭ دوستىكەن، بۇ ئۇماق دوستۇڭ..بىر قېتىم كۆرۈشكەن.. رائىلە يېزىدىن كەلگەن سىڭلىم دەپ تونۇشتۇرغان، قارىسام بىزنىڭ مەكتەپتە يۈرۈيدۇ...ھەي ..مۇشۇ قىز ئېزىپ قالدى جۇمۇ،،دەپ تۇرسام، سەن كېلىۋاتىسەن..رافائىل.>..قۇلۇم ، پۇتۇم توختىماي تىترەيتتى...ئىچىمدە ئۇلۇغ ئاللاھقا نالە قىلاتتىم < بۈگۈنكىدەك، مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئۇچرىتىپ نە قىلاتتىڭ؟ ئەي ئۇلۇغ ئىگەم،،ئەمدى بولسىمۇ ئازراق كۈچ - قۇۋۋەت بەرگىن، غەيرەت - شىجائەتلىك قىلغىن...مېنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغىن...>..< بايام سىزنىڭ مۇشۇ يەرگە كېتىپ بارغىنىڭىزنى مۇشۇ ئاغىنەم - ئەزىمەت دەپ بەرگەن >..بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىميۇ!..غەلەت ئارىلىقىدا، ئۇنىڭ يۈزىدىكى تەبەسسۇمنىڭ ئۆچۈپ، ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بىر خىل ئازاب ئىچىدە ماڭا قاراۋاتقانلىقىنى كۆردۈم... يۈرۈگۈمنى يۈزمىڭلىغان قوللار مۇجىغاندەك ئاغرىدى، ئىختىيارسىز مەيدەمنى قاماللىدىم!!.. ئۇنىڭ يۈزىنى يەنە بىر كۆرۈش مەقسىدىدە، بېشىمنى كۆتۈردۈم...ئۇ يەنە بۇرۇنقىدەك كۈلۈپ تۇراتتى... يەنە نىمە گەپلەر بولغانلىقى ئېسىمدە يوق....پەقەت ئەزىمەتنىڭ خوشلىشىپ ماڭغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم...پۈتۈن كۈچۈمنى ئىشقا سېلىپ، كەينىمگە قارىدىم ..مەن يەنە كۆردۈم..ئۇنىڭ يۈزىدە مېنىڭكىگە ئوخشاش، ياق مېنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر قايغۇ - ئەلەم ھۆكۈم سۇرۈپ تۇراتتى...لەۋلىرىم بىلىنەر - بىلىنمەس تىترىگەندەك بولدى..بەلكىم مەن كۈلمەكچى بولغۇيتۇم. ئەمما كۈلەلمىدىم...ئىككى قەدەم ماڭا- ماڭمايلا، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى..يەرگە لەيلىگەندەك چۈشتۈم.....

    كۆزۈمنى ئاچسام مەكتەپ دوختۇرخانىسىدا يېتىپتىمەن....مەكتەپنىڭ بۇ دوختۇرخانىسىنى ياخشى كۆرمەيمەن... چىشىم ئاغرىپ كىرسەممۇ بىر خىل دورا، قىزىپ قالساممۇ بىر خىل دورا..مەستۇرىئاينىڭ قولىغا بىرنىمە چىقىپ قالغاندىمۇ شۇ بىر خىللا دورا بەرگەن، شۇنىڭ ياقى كىرىپ باقماپتىكەنمەن...بېشىم يەنە قىيىپلا تۇراتتى...نىمە ئىش بولغانلىقىنى كۈچەپ ئەسلىدىم. ئەسلىدىميۇ، ئۆزۈمنى تۇتالماي ئۈن سېلىپ يىغلىدىم...شۇنچە ئېچىنىشلىق، بىر خىل مۇڭ - زار چىقىپ تۇرىدىغان بۇ يىغامنى ئاڭلاپ، كارىدوردا تۇرغان ئەزىمەت كىردى.  ئۇنى بېشىدا كۆرمەپتىمەن.... قولۇم بىلەن يۈزۈمنى ئېتىۋېلىپ يىغلىغاچقا....قولۇمنى ئاستا تارتقاندا، كۆزۈمنى ئاچماي تۇرۇپ، < چىقىپ كېتىڭ رافائىل...مېنى بىردەم يالغۇز قويۇڭ..> دەپ كېتىپتىمەن ...< ما شەھەرنىڭ دوختۇرخانلىرىدا، يىغلىغىلى قويمايدۇ ھە!!>.. ئاھ ..خۇدا ..قۇلۇقۇمغا ئىشەنمەي بىردەم جىممىدە تۇرۇپ قالدىم، ئاندىن كۆزۈمنى ئاچتىم.. ئەزىمەت.. ئۇ .. كارىۋاتنىڭ يېنىدا زوڭزىيىپ ئولتۇراتتى.دەل ماڭا قاراپ..كۈلكىسى..قاچانلا قارىسا سۈرلۈك كۆرىنىدىغان كۆزلىرى..بۇرۇنقىدەكلا...كۆز ياشلىرىم يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك چۈشىۋاتاتتى... قۇلاقلىرىمغا، بويۇنلىرىمغا چاچلىرىمنىڭ ئارىسىغا كىرىپ كېتىۋاتاتتى...ئۈنۈمنى چىقارالمىدىم، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم تىترەۋاتاتتى.. <بۇنداق قىلماڭ....سىز سەھرالىققا ۋارقىراپ - جارقىراپ يۈرسىڭىز يارىشىدىكەن..ھازىر ئۆزىڭىزگە ئوخشىمىدىڭىز.. پەقەتلا...>.. ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ تىترەپ چىقىۋاتاتتى..لېكىن كۆزلىرى يەنە شۇنداق سۈرلۈك...< ئۆزەمگە ئوخشىماي قېلىۋاتقىلى خېلى كۈنلەر بولۇپ قالدى...ئەزىمەت..> ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۈمچىيىپ تۇرۇپ، مىڭ يېرىمدىن تۆكۈلۈپ تۇرۇپ ئاران - ئاران ئاتىدىم....< يا!..مەن ئەبلەخ..شۇنداق دېيىشىڭىزنى سېغىن....> سۆزىنىڭ ئارقىنى دېمىدى....ئورنىدىن ئىتتىك تۇردى دە، دېرىزىنىڭ سىرتىغا قارىغاچ، ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ..< رافائىل سىزنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن...ماڭا نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا توردا سۈرىتىڭىزنى ئەۋەتىپ بەرگەن...لېكىن سىز سەھرالىق راست..تەلەيلىك ، بەخىتلىككەنسىز...> رافائىل باتتىغۇ راست..ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىپتىمەنغۇ..!!< رافائىل قېنى؟ ئۇ قېنى؟ > سول قولۇمدا ئاسما سېلىقلىق ئىدى...سېستىرا كىرىپ ئاسما ئۇكۇلنى ئېلىۋەتتى...< مەن بۇ يەرگە كىرگىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى...> دېدىم ئۇكۇل بوتۇلكىسىغا قاراپ...< ئىككى سائەتتەك بولدى..دوختۇر سىزنى بەك نېرۋىسى چارچاپ كېتىپتۇ، دەم ئالسۇن دەيدۇ> دېدى ئۇ بىر ئىستاكان قايناقسۇنى قولۇمغا تۇتقۇزغاچ...< رافائىل سىز يىقىلغاندا يۆلىۋالىمەن دەپ، بىر قولى ھاسىنىڭ ئاستىدى قېلىپ قېلىپ،قولىنى چىقىرىۋاپتۇ..مەن يېنىڭىزغا بارغاندائۇمۇ ھۇشىدىن كېتەي دەپتىكەن!....ئۇنى بىزنىڭ بالىلار 2- دوختۇرخانىغا ئەكەتتى، ئۆزىنىڭ ياتىقىغا...>...

( داۋامى بار

yusran يوللانغان ۋاقتى 2009-2-26 00:04:16

رافائىلنىڭ ياتىقىغا قانداق بارغىنىمنى بىلمەيمەن.....ئېسىمدە قالغىنى..ئەزىمەت مېنى ياتىقىمنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ قويدى..< كىرىپ ياخشى بىر ئۇخلىۋېلىڭ، بۇگۈن بەك چارچاپ كەتتىڭىز! كۆزلىرىڭىز ئىششىپ كېتىپتۇ...>...< توختاڭ ! كىتابىڭىزنى ئاچىقىپ بېرەي...!!> دېدىم،،بېلىكىدىن تارتقاچ...< ھە!!سىز مەندىن ئېلىۋالغىنىڭىز بىر كىتاپتى ھە!!! نىمەمنى يۈتتۈردۈمكىن دەيمەن؟!!> بوغۇزۇمغا ئاچچىق بىر يىغا قاپلاشتى...< بىرەر نەرسىڭىزنى يۈتتۈرۈپ قويدىڭىزما ؟ >سورىدىم كۆزلىرىم بىلەن نىدا قىلىپ. < ..كىتابىمنىڭ ئىچىدە بىرەر نىمە يوقتۇ؟!!> ..< يا.. بىر نەچچە قول يازمىدەك خەتلەر يېزىلغانكەن ،،باشقا ھېچنىمە يوق..> دېدىم بىزە جىددىيلىشىپ. < ھە!! يۈرۈكۈممۇ بىللە كېتىپ قالدىمىكىن دەيمىنا!! سىز سەھرالىققا...چۈنكى، يېقىننىڭياقى ئۆزۈمنى تاپالمايلا يۈرۈيمەن،،،،> دەپ بولۇپ، يانچۇقىدىن بىر پارچە خەتنى ئالدى...< ئۆمرۈمدە قىلمىغان ئىشتىن بىرنى قىلدىم..يامان سەھرالىق سىز ھە!!>  ئۇ يېقىملىق كۈلۈسىرەۋاتاتتى.....<سىزگە مەڭگۈ دېمەيدىغان، دىيەلمەيدىغان ھەم دىمەيمەن دەپ ئويلىغان گەپلىرىم بار...ئوقۇپ بولۇپ مېنى ھەم خەتنى ئۇنتۇپ كېتىڭ....بۇنى بايام دوختۇرخانىنىڭ كارىدورىدا تۇرۇپ يازغان...> قولۇمغا دوختۇرلار رېتسىپ يازىدىغان 4 قاتلانغان قەغەزدىن بىرنى تۇتقۇزدى...ئى خالايىق..ئۇ كەتتى!! يۈرۈگۈمنى، تۇنجى مۇھەببىتىمنى ئېلىپ ئۇ - مېنىڭ ئەزمىتىم كەتتى..ماڭا تۈگىمەس قايغۇلارنى قويۇپ قويۇپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى...

   ياتاققا كىرسەم، قىيامەت قايىم بولغىلى تاسلا قاپتۇ..< نەگە باردىڭ؟ رافائىل بەك ئىزدەپ كەتتى؟>،، < ئاداش ئىمتىھان قەغىزىڭگە ئىسمىڭنىمۇ يازماپسەن؟ نىجات ئىسمىڭنى يازغاچ بىر نەچچە تاللاش سۇئاللىرىڭنى توغۇرلاپ قويۇپتۇ...>..قىزلار ھەر تەرەپتىن ھەرخىل گەپلەرنى قىلاتتى....مەستۇرىئاي بايقىدى يەنىلام....< ئاداش، يىغلاپسەنغۇ؟!!  ۋىيەي؟!! ئۇكۇل ئۇردىما؟!! ۋاي نىمە بولدۇڭ؟ نىمىگە يىغلايسەن؟>  بېشىمنى پەس قىلىپ، ئۈنسىز ياش تۆكىۋاتاتتىم...قولۇمدىكى قەغەزنى يۈرۈگۈمگە چىڭ چاپلاپ.....

     قاچانلاردىدۇر..رافائىل ياتاققا تېلىفون قىلدى...چۆچۈپ ئالدىم..تۇرۇپكىنى ئالدىميۇ، يەنە كۆز يېشىمنى توختىتالمىدىم....< ماڭا ھېچنىمە بولمىدى. نىمىگە يىغلايسىز؟ گۈليارە!! >..< قولىڭىزنىڭ نەرى سۇندى؟>،،< ھېچنىمە بولمىدى ،،گۈليارە!! تېرىسى سويۇلۇپ كەتتى، تېرىسى ئازراق..> رافائىل مەڭگۈ يالغان سۆزلىيەلمەيدۇ، ھېچ بولمىغاندا مېنىڭ ئالدىمدا شۇنداق...< دەڭە، رافائىل..قولىڭىز نىمە بولدى؟؟دەڭە!!..>..< گۈليارە؟؟ سىزگە نىمە بولدى..سىز ياخشى بولسىڭىزلا بولدى ..گۈليارە،،،> < دەڭە!!!!رافائىل> قانداقلارچە چېقىرىۋەتكىنىممۇ ئېسىمدە يوق.....تۇرۇپكىنى تاشلاپ، سىرتقا ئۆزەمنى ئاتتىم...

  مەرھابا كەينىمدىن كېلىپ، كۈچلۈك قوللىرى بىلەن، مېنى تارتىپ ياتاققا ئەكىرىپ كەتتى.. < نىمانداق گەپ قىلمىسا ... بىزنى كۆزگە ئىلامسەن يا؟!  بىز مايەردە، بەش قارا كۆز، ئەتىگەن ياقى سەندىن قانچە ئەنسىرىدۇق...  كۈلگەندە، بىزگە تەڭ كۈلۈشۈپ بېرىپ، ئەمدى يىغلاپ مۇشۇنداق بولۇپ كېتىپسەن، مۇشۇنداق چىكىتىپ قالساڭ بىزنى قانداق قىلسۇن دەيسەن... >  مەرھابانىڭ بۇنداق ئاچچىقلانغىنىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن... ئاچچىقىدا نۇرغۇن گەپلەرنى قازاقچە قىلىۋەتتى... نەچچە قېتىم سىلكۈشلىدى. < شۇ ئەمەسمۇ ئاداش، ھەممىمىز ئۇرۇق - تۇققاندەك بولۇپ كەتكەن تۇرساق، سەن بۇنداق قىلساڭ ، باشقىلار نىمە دەيدۇ؟ > دېدى ئەزەلدىن يۈز - ئابرويغا دىققەت قىلىدىغان سەلىمە.  < قاراپ باقە، جىنىم ئادىشىم، يۈزلىرىڭ، كىيىملىرىڭگە.. مۇشۇنداق يەنە نەگە بارماقچىتىڭ؟!! بولە چاققان يۈزلىرىڭنى يۈيە، ئات >  دېدى ئەزەلدىن گۈزەللىككە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان مەستۇرىئاي، چۇۋۇلۇپ كەتكەن چاچلىرىمنى ئوڭشىغاچ.  يۈزلىرىمنى يۇيۇپ كىيىملىرىمنى يەڭگۈشلىدىم، بىر ياقتىن ئەتىگەن ياقى بولغان ئىشلارنى بىرەر قۇر دەپ بەردىم.... مەرھابادىن باشقىسى يىغلىدى... مەرھابالا،  < ئاپاڭ ئۆلدىما؟ دادڭ ئۆلدىما؟ نىمىگە بۇنداق يىغلايسىلەر؟!!ھازا ئىچىپ. خوشنا ياتاقتىكىلەر ئاڭلىسا، نىمە دەيدۇ..؟؟ >  دەپ ھەممىمىزنى پەس قىلدى.. < رەپقەتكە دەپ قويدۇم، ھازىر دىلشاتنىڭ ماشىنىسىنى ئېلىپ كېلىدىغان بولدى، باشقا ئىشنى ئويلىما !! رافائىلنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن بىر كۆرسەڭلا ، خاتىرجەم بولىسەن، قالغان گەپنى كەچتە دىيىشەيلى....> دېدى ئۇ يەنە قولۇمنىڭ سۈرۈلگەن بىر يېرىگە دورا چاپلاۋېتىپ.

   رافائىل كارىۋاتتا، يوتقانغا يۆلىنىپ ياتاتتى، كۆزلىرى يېرىم يۇمۇق،... يېنىدا بوكوسچى ئاغىنىسى، ئابدۇرۇسۇل تۇراتتى.... بۇرۇن ماڭا رافائىل، ئابدۇرۇسۇلنى كۆپ ماختاپ بەرگەن.. < ئابدۇرۇسۇلنىڭ بوكىس ئوينىشى، ئۇ بىر سەنئەت، كۆرسىڭىز تەنتەربىيەنىڭ بىر تۈرى دېمەيسىز، ئادەمگە شۇنداق ئىستىتىك زوق بېرىدۇ>..  مەنمۇ بىر نەچچە قېتىم كۆرۈپ، مۇنداقلا سالاملاشقان.. ئابدۇرۇسۇلغا سالاممۇ قىلماپتىمەن... رافائىلنىڭ يېنىغا يۈگرەپ دېگۈدەك باردىم... رافائىل ئىتتىك كۆزىنى ئاچتى... كۆزلىرىدە ھېلىقى كۈلكىسى.. < گۈليارە؟؟!!،، كىلىڭە، ئولتۇرۇڭە..!! قانداق ؟ قانداق بولۇپ قالدىڭىز؟.. ئەزىمەتكە تېلىفون قىلسام،ھازىر ياخشى، دوختۇر بەك چارچاپ كېتىپتۇ، دەيدۇ.. دەيدىغۇ... ماڭا قارايمەن دەپ چارچىدىڭىز ھە؟!!>.. رافائىلنىڭ ئاغزىدىن < ئەزىمەت > دېگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ، كۆزلىرىمنى يۇمۇپ، بېشىمنى توختىماي يېنىك چايقىدىم... < ياق.. رافائىل... ياق.. مەن ياخشى.. قولىڭىز؟!!>  سول قولى تېڭىقلىق تۇراتتى... < ھە!! قولۇمنىڭ پېيى چۆچۈپ كېتىپتۇ... ھېچقىسى يوق... ئىككى كۈندە ئوڭشىلىپ كېتىدۇ...>  كۆزلىرىدە ياش لىغىلداپلا قالدى...، مەن چىدىشىم كېرەك.... < پۇتىڭىزچۇ؟ >  دېدىمدە، ئورنۇمدىن تۇرۇپ، گېپىسلاقلىق پۇتىنى تىترەپ تۇرۇپ سىلىدىم.... ھەرخىل رەڭلىك بوياق قەلەملەر يېزىلغان <گۈليارە>.. سىزىلغان قوش يۇرەك.. يىل ئاي كۈنلەر.. چىراي ئىپادىلەر...... كۆزلىرىمدىن ياش، يۈزۈمگە تېگىشكىمۇ ئۈلگۈرىمەي، توك - توك قىلىپ، يوتقانغا، رافائىلنىڭ گېپىسلاقلىق پۇتىغا چۈشىۋاتاتتى... رافائىل قولىنى سوزۇپ، بىلىكىمدىن تۇتۇپ، ئۆزىگە قاراتتى.... < نىمىگە كۆڭلىڭىزنى شۇنچە بۇزىسىز؟.. ئۇماق.. يىغلىسىڭىز تېخىمۇ ئۇماق بولۇپ كېتىدىكەنسىز، دەپ قويسام يىغلاۋېرەمسىز؟!!!چىرايلىق كۆزلىرىڭىز كۈلسۈن.. كۈلۈڭە.... >  كۈلىمەن، دېيىشىمگىلا بۇرنۇمدىن ماڭقا.. پۆپۈكچىلەر چىقىپ كېتىپ، ياتاقتىكى ھەممەيلەننى كۈلدۈرىۋەتتى..... ئۆزەممۇ رافائىل بەرگەن قەغەزگە بۇرنۇمنى ئېيتقاچ، بۈگۈن بىر كۈن ئىچىدىكى، ئەڭ ھەقىقىي كۈلكەمنى كۈلدۈم.....

   رافائىلنىڭ سول قولى خېلى ئېغىر ئىدى،،، گەرچە سۇنمىغان بولسىمۇ گىتتىرىنى چالالمىدى، كۈچەپ پەدىلىرىنى بېسىپ باقسىمۇ بولمىدى... مەشىقنىمۇ قىلالمايۋاتاتتى . رافائىلنىڭ ئاپىسى بىلەن دادىسىنىڭ مۇناسىۋىتى تازا ياخشى ئەمەس ئىكەن، شۇڭا بىرسى كەلسە بىرسى كەلمەيتتى،، كېيىنچە رافائىل ئۇلارنى كۆپ كەلگىلى قويمىدى،  بىر سىڭلىسى بار ئىكەن توي قىلىپ چەتكە چىقىپ كېتىپتۇ...  شۇڭا، ھازىر ھېچنىمىنى ئويلىماسلىقىم، رافائىلنىڭ قولى، پۇتى ياخشى بولغۇچە يېنىدا تۇرۇشۇم كېرەك ئىدى..

   نەچچە كۈننىڭ ياقى ھەر كۈنى رافائىلنىڭ يېنىغا كېلىمەن،، توختىماي ئۇنى - بۇنى دەيمەن، دوستلىرى بىلەن بىرنىمىلەرنى تالىشىپ دەپ باقىمەن.. ( بۇرۇن ئانچە پاراڭلاشماتتىم ).  دەرسلەرگە ۋاقتىم بولسىلا بارىمەن... ياتاقلارنى ۋاقتىدا تازىلايمەن.. تىل ئۆگىنىمەن.. قول مەشىقى قىلىمەن... سۇ ئۈزىمەن.. ئىشقىلىپ ئۆزۈمگە بىكار ۋاقىت چىقارماسلىققا تىرىشىمەن.. ئۆزەمنى بولسا، قانچە ھادۇرىۋەتسەم شۇنچە ياخشى... شۇنداق بولغاندا كەچلىرى يېتىپلا ئۇخلاپ قالىمەن..... لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، شۇنداق تۇيۇقسىز، شىددەت بىلەن بىر سېغىنىش، ئازاپ يۈرۈگۈمگە، پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا بېسىپ كىرىدىكى.. قىلىۋاتقان ئىشىم، ھەتتا ئۆزۈمنى ئۇنتۇپ قالاي دەيمەن.. يولدا كېتىۋېتىپ، تۇيۇقسىز بىرلىرىنىڭ سىمالىرىدا ئەزىمەتنى كۆرگەندەك،  بىرلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئۇنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاتقاندەك بولۇپ قالسام، ئىختىيارسىز توختاپ قالىمەن.. جايىمدا، بېشىمنى ئاسمانغا قىلىپ، كۆزلىرىمدىن ئاقماقچى بولغان ،گەپ ئاڭلىماس ياشلىرىمنى، چىققان يېرىگە كىرگۈزۋەتمەكچى بولىمەنۇ، ماغدۇرسىزلىنىپ زوڭ ئولتۇرۇپ قالىمەن... بېشىمنى ئىچىمگە تىقىپ، يىغلاپ ئۆزۈمنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن،، رافائىلنىڭ يېنىغا ماڭىمەن.....  ئەزىمەتنىڭ ھېلىقى ماڭا بەرگەم ئۆلۈم خېتىنى، مەن تا ھازىرغىچە ئۇقۇشقا جۇرئەت قىلالمىدىم... ئۇخەتنى ئۇنىڭ ھېلىقى كىتابى بىلەن قوشۇپ،كۈتۈپخانىدىكى كىتاب سالىدىغان، قۇلۇپلۇق ئىشكابىمغا سېلىپ، ئىشىكىنى چىڭ تاقاپ، ئاچقۇچنى ھېلىقى ئۆلگۈر كۆلگە تاشلىۋەتتىم... مۇشۇنداق قىلىپ، ئەزىمەتكە بولغان سېغىنىشىمغا قۇلۇپ سېلىپ، مۇھەببىتىمنى كۆللەرگە چۆرىۋەتتىم دەپ، ئويلىدىم ئۆزەمچە... بۇدۇنيادا كىشى كىشىنى ئالداپ بولالمايدىكەن، ھەركىم ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدىكەن.. زورلاپ كۆز ئالدىڭدىكىنى رىئاللىق دېگۈزىدىغان ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزۈڭ بولىدىكەنسەن....

  قىزلار ياتاقتا بەكمۇ ئېھتىيات قىلىدۇ.. دىمەيدىغان گەپلەرنى دەپ قويۇشتىن، ئوخشاش ئىسىملارنى ئاتاپ قېلىشتىن، بۇنى بىلىپ تۇرىمەن، ئەلۋەتتە... ھەر كۈنى ئورنۇمدىن تۇرۇپلا ،                < نىقاب> ىمنى تاقايمەندە، بۇرۇنقى، بەك بۇرۇنقى <گۈليارە> گە ئايلىنىمەن. كۆزلىرى كۈلۈپ تۇرغان، يۈزلىرىدە تەبەسسۇملار ئويناپ تۇرىدىغان.. پەقەت، دىققەت قىلىپ قارىسىڭىزلا، سىزمۇ يۈرۈكۈڭىزدە < يوشۇرۇن ئاغرىق > ىڭىز بار ئادەم بولسىڭىزلا، كۈلۈپ تۇرغان، شۇ قارا كۆزلىرىمنىڭ ئارقىغا، قانچىلىك ئېچىنىشلىق ھېكايىلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلەلەيسىز..... كەچلىرى، ئۆزەم يالغۇز قالغان ۋاقىتتىلا نىقابىم ئۆزلىگىدىن يىرتىلىپ، يۈرەكلىرى لەختە - لەختە بولۇپ كەتكەن، كۆزلىرىدىن ياش ئەمەس قان ئېقىۋاتقان ھەقىقىي < مەن > چىقىمەن.... مۇشۇ ۋاقىتتىن، مۇشۇ < مەن > دىن بەكمۇ قورقىمەن.. شۇڭا ، ئامال بار يالغۇز قالماسلىققا تىرىشىمەن... كۈندۈزلىرى بارلىق جىسمانىي كۈچۈمنى خورىتىپ، كېچىلىرى < مەن > گە ئايلىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن تىرىشىمەن....  مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى، ئاپامنىڭ < چاققان ئۆيگە كېلىپ كەت، مەسلىھەتلىشىدىغان مۇھىم ئىش بار > دېگەن  تېلىفونىنى تاپشۇرىۋېلىپ، تەقدىرنىڭ ماڭا قىلىدىغان چاقچىقى تېخى تۈگىمىگەن ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىدىم..

( داۋامى بار )

yusran يوللانغان ۋاقتى 2009-2-26 00:05:05

ئۆيگە كېلىپ، سىڭلىمنىڭ مەكتەپتىن قايتۇرۇپ چىققان ئورۇن - كۆرپىلىرى، جاقى - جەۋەندىلىرىنى كۆرۈپ، ھەممىنى چۈشەندىم... ئاپام سىڭلىمغا بىر نىمىلەرنى دەپ خاپا بولۇپ سۆزلەۋاتاتتى..بىردەم تەلەپپۇزىنى يۇمشىتىپ، مەكتەپتە بىرەر ئىش بولغان بولسا، قورقماي دىيىشىنى ئۆتۈنسە، بىردەم تەھدىت ئارىلاش، تېرىكىپ سۆزلەۋاتاتتى... سىڭلىمنىڭ شۇنداق پەس، تۆۋەن ئەمما قەتئىي ئاۋازىنى ئاڭلاپ يۈرەكلىرىم جىغىلداپ كەتتى....< ئاپا، دىدىمغۇ، مەكتەپتىن ئۆزەم توختاشنى ئىلتىماس قىلدىم، مەن تىل ئۆگىنىپ كېلەر يىلى دۆلەتنىڭ شۇ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، چەتكە چىقىپ ئوقۇيمەن. جۇڭگودا مېدىتسىنانى ئۆگەنگەن بىلەن تەتقىق قىلغۇدەك شارائىت يوق...> ئاخىرقى جۈملىسىنى خەنزۇچە دېدى... ئاپام ئۆزى ئانچە دەلەمىگىنى بىلەن، خېلى مۇرەككەپ ئاتالغۇلارنى چۈشىنەلەيدۇ خەنزۇ تىلىنىڭ.. ( ئەلۋەتتە بۇنى ئاپامنىڭ كۆپ تېلىۋېزور كۆرگەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ..) < سېنى مەكتىپىڭدىن، ھەجەپ بىر سېنىلا بەر دەپتا. ئۇ ئىمتىھاننى، ياخشى ئىش بولسا، مۇشۇ يولداشلاردىن ساڭا ئاشارمىدى؟ ھە بوپتۇ ،بەرسەڭمۇ چوقۇم ئۆتۈپ كېتەلەتتىڭما؟! >  ئاپام تېرىكىپ سۆزلەۋاتاتتى...ئاپام بىرسىمىزگە تەربىيە قىلماقچى بولسا، ئايرىم ئۆيگە ئەكىرىپ سۆزلەيدۇ. باشقىمىز بۇ ۋاقىتتا ئون بېشىمىز بولسىمۇ، كىرەلمەيمىز. داداممۇ شۇ. ھازىرغۇ دادام يوق، ئىچكىرىگە كەتكەن. ..ئامال يوق، ئىشىكنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئاڭلىدىم..ئىنىم قۇلىقىغا پاختا تىقىۋېلىپ، سىڭلىمنىڭ نەرسىلىرىنى، جاي - جايىغا يىغۇشتىرىۋاتاتتى... سىڭلىمنىڭ ئاۋازى، سىپايە ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى....< ئاپا، ئۇ ئىمتىھان شۇنداق ئادىلكەن، بېيجىڭغا بېرىپ بېرىمىزكەن؟!> < ئايغا چىقىپ بەرسەڭمۇ كارىم يوق...ھە !! سەن نېمىسچىنى بىر يىلدا ئۆگىنىپ بولالامتىڭ؟!  ئۈرۈمچىدە ياخشى نېمىس تىلى ئۆگىتىدىغان يەر بارما؟ ھەدەڭ كەلسە، ئەتىلا مەكتەپكە بېرىپ، مۇئەللىمىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ..ياخشىلىقچە مەكتىپىڭنى ئوقىي!!!> دەپلا ئىشىكنى ئاچتى.. مېنى كۆرۈپلا < بالا دېگەننىمۇ خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇتامدىغان؟!!!> دەپ مېنى يانغا ئىتتىرىۋېتىپلا، ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى... سىڭلىمنىڭ يىغلامسىراپ تۇرغان ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۆپكەم ئۆرۈلدى...( ھازىرمۇ كۆزۈمگە ياش كېلىپ كەتتا!).. سىڭلىم بەك ئېسىل... مېنى بەك بەك ياخشى كۆرىدۇ.. دادام بەرگەن پۇللارنى ئۆزى خەجلىمەي، يىغىدۇ.. ئاندىن ئۇ بانكا كارتىسىنى ماڭا < ھەدە! مانى ساڭا بېرەي.. مەن بەرىبىر خەجلىمەيمەن، > دەپ ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي ماڭا بېرىدۇ. < ھەدە، سەن كومپىيوتىر ئويناۋە، مەن ئۆي تازىلاي، ئاندىن پولو ئېتىپ بېرەي، سەن ياخشى كۆرىسەنغۇ؟!> دەپ،دەم ئالغان كۈنلىرىمىز، مېنى ھېچ ئىش قىلغۇزمايدۇ.     

    ھېلىھەم ئېسىمدا، چوڭ دادام، چوڭ ئاپام تۈگەپ كېتىپ، ( ئىككىسى ئالدى - كەينى 40 كۈن ئىچىدە تۈگەپ كەتكەن ). مۇشۇ ئۆيگە يېڭى كەلگەن ۋاقتىمدا، كۆنەلمەي بەك قىينالدىم..دادام بولسىغۇ،،كۆزۈمگە قاراپ، يەنە چاندۇرمايتتى..ئاپام بەك قاتتىق باشقۇراتتى، مەندەك ئەركىن ئۆگىنىپ قالغان12 ياشلىق قىزغا، بىردىنلا بۇنداق مۇھىتقا كۆنۈش بەكمۇ تەس كەلدى..شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، سىڭلىم مېنى ئاپامنىڭ ئالدىدا يېپىپ تۇراتتى، ھەممە ئىشلىرىمنى قىلىشىمغا ياردەم قىلاتتى. ھازىرمۇ پات پاتلا ياتىقىمغا بارىدۇ، ياتاقلىرىمنى تازىلاپ، كىرلىرىمنى يۇيۇپ، ئىشكاپلىرىمنى رەتلەپ بېرىپ كېتىدۇ...مېنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمىم. ئاپام ، دادامغىمۇ دىيەلمىگەن گەپلىرىمنى دەيمەن..ئۆزەم ساقلىيالمىغان سىرلىرىمنى مۇشۇ سىڭلىم ساقلىيالايدۇ...مەن ئۈچۈن ئەڭ ئىشەنچلىك ئادەم...ئۆزىنىڭ تۈزۈك بىر ئۇيغۇر دوستى يوق...شۇڭا ، نىمە گېپى بولسا ماڭا دەيدۇ..ماڭا بۇرۇنمۇ نەچچە قېتىم، مۇشۇ ئىمتىھانى توغۇرلۇق پۇراتقان.. مەن شۇ ئۆزەمنىڭ ھالى بىلەن بولۇپ كېتىپ، كۆڭۈل بۆلمەپتىمەن ..( توختاڭلار ھە..قەغەز ئەكىلىۋالاي) دۇنيادا قېرىنداشلىق مېھرىدىن ئارتۇق مېھىر يوقمىكىن دەيمەن.....

   ئاستا سىڭلىمنىڭ يېنىغا باردىم دە، چېچىنى ئوشىغاچ < ھېچقىسى يوق...ساقام...سەن توغرا دەپ ئويلىغان بولساڭلا،  مەن قوللايمەن، ئاپام نەچچە كۈن سۆزلەپ توختاپ قالىدۇ..> دېدىم كۈلۈپ تۇرۇپ...دېگەندەك...سىڭلىم مەكتەپتىن توختاش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپ بولۇپتۇ..دادام قايتىپ كېلىپ، دادام ئىككىمىز ئۇكامغا دېمەي مەكتىپىگە بېرىپ، فاكولتىت مۇدىرىمىز بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇ يولداش شۇنداق دېدى..< بۇ ئىمتىھان كەسپى ھەم تىل ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتىدۇ... ساۋاقداش ئاينۇر،  فاكولتىتىمىزغا كەلگەن ياقى نەتىجىسى ئىزچىل ئەلا، ئىدىيە - ئەخلاقىغا ئۆزەم كاپالەت قىلالايمەن،  بۇ ئىمتىھانغا بۇرۇنمۇ ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان.. كەسپىي جەھەتتە ئاجىزلىق قىلىپ قالغان، بەزىلىرى نېمىس تىلىدىن لاياقەتلىك بولالمىغان...ساۋاقداش ئاينۇر، مەنچە كەسپىي جەھەتتە چاتاق يوق..تىلنى چىڭ تۇتسا، ئۈمۈد چوڭ >.. دادام بۇگەپلەرنى ئاڭلاپ، كۆڭلى جايىغا چۈشتى....لېكىن بىچارە سىڭلىم، كۈندۈزى ئوقۇيدۇ... بەك تەستە تاپتى، ئۇ نېمىس تىلى ئوقۇتقۇچىسىنى.  ئاندىن ئۆيگە كېلىپ، ھەقىقىي بىر ئائىلە خىزمەتكارىغا ئايلىنىدۇ. ئاپام يامانلاپ تۈزۈكمۇ گەپ قىلمايدۇ.. بىچارە سىڭلىم ئاپامنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ، چىڭراق ئاۋازمۇ چىقارماي ئىش قىلىدۇ، تاماق ئېتىدۇ، كىر يۇيىدۇ، نامازلىرىنى ئۆتەيدۇ..... پۈتۈن خىيالى كېلەر يىلدىكى ئىمتىھانىدا...ئۇنىڭدىن باشقىنى ئويلىمايدۇ... نەچچە قېتىم جەينامازدا ئولتۇرۇپ، يىغلاپ تۇرۇپ دۇئا قىلغانلىرىنى كۆرۈپ، ئىچىم سىيرىلىپ < ئۆتەلمىسەڭمۇ ھېچنىمە بولمايدۇ ساقام... يەنە ئوقۇساڭ بولىدۇ، ئۆزۇڭگە بېسىم قىلىۋالما؟> دېسەم... تۇرۇپ كېتىپ، < مۇشۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسەم، بولدى، مېدىتسىنا ئۆگەنمەيمەن>..دەيدۇ.  مانا ، بۇ مېنىڭ سىڭلىم.....

كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى.....رافائىل ئاخىرى مۇسابىقىگە قاتنىشالمىدى....ئۇنىڭ بىلەن تاماشىبىنلار قاتارىدا ئولتۇرۇپ مۇسابىقە كۆردۇق.  ئۇ ئىجاد قىلغان، ئۆزى ئاكورتلاشتۇرغان ئۇ ناخشا 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى....بۇنىڭدىن شۇنچىلىك سۆيۈنگەن بولساممۇ.. رافائىلنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغىنىدىن كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى....ئۇنىڭ بىلەن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەترەتتىكى بالىلار بىللە تاماق يەپ تەبرىكلىدۇق..قايتارىمىزدا،< سىز بولغان بولسىڭىز، ئۇتىۋالاتتىكەنسىلەتتۇق ھە؟ رافائىل > دېدىم ئۇنىڭ تىخىچە ئەسلىگە كەلمىگەن قولىغا قاراپ. < سىز ئۇماقنى ئۇتىۋالدىمغۇ مانا! گۈليارە!!!> دېدى ئۇ ئاستا توختاپ، ئىككى قولۇمنى تۇتۇپ، يۈرۈكىگە قويدى.< ھېس قىلالامسىزكىن ؟ ئۇماق يۈرۈگۈمنىڭ كىم ئۈچۈن،نىمە دەپ سوقۇۋاتقانللىقىنى؟!! >..كۈلۈپلا قويدۇم..بىلىمەن، ئۇنىڭ نىمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلىمەن..ئەمما، مەندە نىمە ئامال؟!!< يۈرۈڭە! بولدى...نىمە دەپ سوقسىلا ئىشقىلىپ سوقۇپ تۇرغىنى ياخشى..ھى ھى >دېدىم كۆزلىرىمنى يۇمۇپ كۈلۈپ. < سىزنىڭ بايامقىدەك كۈلگىنىڭىزنى كۆرمىگىلى ھەجەپ ئۇزۇن بوپتۇ، شۇنداق كۈلۈپ تۇرۇڭە..يۈرۈگۈم توق تۇرىدىكەن..> دېدى رافائىل خوشلىدىغان ۋاقىتتا....مېنىڭمۇ، شۇنداق كۈلۈپ يۈرگۈم بار،،،،،شۇ خوشال، قايغۇسىز كۈنلىرىمنى سېغىندىم.. شۇنداق ۋاقىتلىرىممۇ بوپتىكەن ھە؟! دەپ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە، شۇنچە غەمسىز، شۇنچە خوشال ئۆتكەن كۈلىرىمدىن گۇمانلىنىپ. يېرىم يىلنىڭ ئىچىدە ھەجەپمۇ جىق ئىشلار بولۇپ كەتتى دېسە؟! ياتاققا كىرگەچ خىيال سۈرۈپ قاپتىمەن... تۇيۇقسىز ھېلىقى كۈنى ئەزىمەت مېنى ئەكىلىپ قويغان يەرگە كېلىپ، قوزۇقتا قېقىپ قويغاندەك تۇرۇپ قالدىم....مانا  شۇ كۈنلەرگىمۇ خېلى ۋاقىتلار بولۇپتۇ،، يۈرۈگۈمنىڭ بەك چوڭقۇر، بەك چوڭقۇر يەرلىرىگە كۆمۈۋەتكەن شۇ ئەسلىمىلەر، شۇنچە تۇيۇقسىز، فونتاندەك بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىشىپ چىقماقتا...يۇرۈگۈم ئامبۇر بىلەن سىقىپ، قويىۋەتكەندەك دەھشەت بىر مۇجۇلۇپ توختىدى.... شۇنچە ۋاقىت تىرىشىپ مەغلۇب بولدۇم... بۇگۈنكىدەك رافائىل كۆڭلىنى بىلدۈرگەندە، كۆڭلۈم تېگىدىكى شۇ ئىسىم قايتىدىن باش كۆتۈردى... ئۇنى ئويلىماسلىققا ماجال قالمىدى... ئۇ نىمىش قىلىۋاتقاندۇ؟ ھازىر ..مېنى ئويلامدىغاندۇ؟، مەن ئۇنى سېغىنغاندەك سېغىنامدىغاندۇ؟  شۇ كۈندىن باشلاپ قولفونىمنىڭ نومۇرىنىمۇ ئۆزگەرتىۋەتكەن ئىدىم... رافائىلنىڭ قولفونىدىن ئەزىمەتنىڭ قولفۇن نومۇرىنى كۆرگەنىدىم، ئۇ دەل < 100كوي ۋەقەسى > ئىدى.. ئۆزگەرتمىسەممۇ بوپتىكەن.. ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بولسىمۇ بىلىپ تۇرار بولغۇيتۇم ھە؟!.. شۇ نومۇر كارتامنى ھېلىقى كىتابنىڭ ئارىسىغا سېلىپ قويغاندەك قىلغانتىم،راست... كەينىمگە شۇنچىلىك تېز بۇرۇلۇپ، يەنە توختاپ قالدىم... ئاچقۇچى يوق يەرنى ئاچمىغىنىم تۈزۈك،، بۇزۇپ ئاچقان تەقدىردىمۇ، ئاچقۇچ بىلەن ئېچىلمىدى دە...خۇددى بۇلاڭچى، ئوغرىلاردەك...

   ياتاققا قايتىپ كىردىم...< قانداق بولدى؟! ئات! مۇسابىقىدە رافائىللار ئۇتتىمۇ؟ > دېدى سەلىمە كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ، < ھە،،ئىككىنچى بولدى ئۇلار... رافائىلنىڭ قولى ساق بولغان بولسىمۇ، ئاۋۇ گىتتارچى بىلەن تازا كېلىشەلمىگەنتى زادى بۇلار..> دېدىم چاپىنىمنى سالغاچ.. < ۋاي شۇمۇ بوپتىغۇ؟!! ئىككىنچى بولسا، لەنجۇدىكى مۇسابىقىگە كىرەلىدىمۇ؟ > دېدى كامىلە. < ھەئە،،كىرەلىدى..كېلەر يىلى ئەتىيازدىكەن..> ..< ئەمىسە ياخشى بوپتىغۇ؟!! > دېيىشتى قالغانلارمۇ؟!! تۇيۇقسىز كارىدوردا بىركىملەرنىڭ يۈگۈرگەندەك ئاۋازى ئاڭلاندى، ئارقىدىنلا بىزنىڭ ئىشىكنى بىرسى پۇتى بىلەن تېپىپلا ئاچتى.. ئورنىمىزدىن گۈررىدەڭ تۇردۇق.. مەرھابانى رەپقەت كۆتۈرۈپ ئەكىرگەنىدى.. < نىمە بولدى؟!رەپقەت..>..< ماخا؟!1ماخا نىمە بولدۇڭ؟!!>..قىزلار مەرھابانى ياتقۇزغاچ، توختىماي چۇقۇرشاتتۇق... < ئاداش، بۇ چىقىپ كەتسۇن! چىقىپ كەتسۇن!!> دېدى مەرھابا تەستە دىمىنى ئېلىپ تۇرۇپ.. مەرھابانىڭ دىمى سىقىلىش كېسىلى بار ئىدى..بۇرۇنمۇ پات پات مۇشۇنداق بولۇپ قالاتتى..ئەمما، رەپقەت بىلەن بۇنداق بولغىنىنى كۆرمەپتىمىزكەن... ھەيران بولۇپ تۇرۇپلا قالدۇق، خېلىدىن كېيىن < بوپتۇ، رەپقەت. چىقىپ تۇرۇڭە!! قالغان گەپنى ئەتە ئالدىرىماي دىيىشەرسىلەر؟؟~~> دېدىم رەپقەتنىڭ قان يوق چىرايىغا تەستە قاراپ.. رەپقەتنىڭ چىرايىمۇ شۇنچىلىك سۇلغۇن، نىمىش قىلىشىنى بىلمەي قالغانىدى. ئۇ بالىنى ئىتتىرىپ دېگۈدەك چىقىرۋەتتىم... ھەممىمىز مەرھابانىڭ چۆرىسىدە، چۆرىدىشىپ ئولتۇردۇق.. كامىلە < قىزلار، بىر ئىسسىق چاي دەملەيما؟؟> دەپ زەپە چايلىرىنى دەملىدى... ھەممىمىزگە ئايانكى، يەنە بىر تىراگىيىدىسىمان ۋەقە يۈز بەرگەن ئىدى..

( داۋامى بار)

yusran يوللانغان ۋاقتى 2009-2-26 00:07:23

مەرھابا بىلەن رەپقەت ئىككىسى يۈرگىلى بىر يىلدىن ئاشتى.... مەرھابا رەپقەت ئۈچۈن جىق ئۆزگەردى. قارىغاندا باشقىلار ئۈچۈن ئۆزۈڭنى ئۆزگەرتىشمۇ، بەك ئەخمىقانىلىق بولىدىكەن دەيمەن...!!مەرھابانىڭ كۆمۈر كان تېخنىكا مەكتىپىدە بىر نەۋرە سىڭلىسى بولىدىغان نانا دەيدىغان ( ھەقىقىي تولۇق ئىسمىنى ئاڭلاپ باقمىغان ). شۇ قىزنىڭ يېنىغا تولا باراتتى.. رەپقەتلەر بىر قېتىم مەيداندا توپ ئويناۋېتىپتىكەن.. مەرھابانىڭ ئالدىغا توپ كېلىپ قاپتۇ، رەپقەت مەرھابانغا قاراپ، < توپنى تېپۋېتىڭە!!خان > دەپ قاراپ تۇرسا،( مەرھابانىڭ خان دىگەن گەپ بىلەن ئاداۋېتى بار ) بۇ ساراڭ باشقا ياققا قارىتىپ، كۈچەپ بىرنى تېپىۋېتىپتۇ، ئۇ توپ بېرىپ، بىر ئايال مۇئەللىمگە تېگىپتۇ، مەرھابا ئىتتىكلا كەينىنى قىلىپ تۇرىۋاپتۇ، ھېلىقى مالىمنىڭ قورسقىدا بالىسى باركەنتۇق. ھەممىسى ئاللا - توۋا قىلىپ كېتىپتۇ، ھېلىمۇ ياخشى ھېلىقى مۇئەللىم ھېچنىمە بولماپتۇ، لېكىن توپنى كىم تەپكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلىپ تۇرىۋاپتۇ، بۇ چاغدا رەپقەت < مەن تەپكەنتىم > دەپ چىقىپتۇ...( قەھرىمانلار دائىم گۈزەللەرنى قۇتقۇزىدۇ..ھى ھى )شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى نانا دېگەن سىڭلىسى ئارقىلىق، ئىككىسى ئاخىرى تېپىشتى، بۇ جەرياندا رەپقەتنىڭ ئىپادىسى بەك ياخشى بولغانلىقتىن، ھەممىمىز قوللىدۇق.  بېشىدا رەپقەتنى قارىمايلىق بالىكەن ،قانداق بولار دىگەنتۇق، بىزنىڭ ياتاقتىكى قىزلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قارىمايلىققا نىسبەتەن كۆز قارىشىمىز ياخشى ئەمەستى، ( ھازىرغۇ ئۇنداق ئەمەسقۇ ).. ئىككىسى شۇنچىلىك ئىجىل - ئىناق. كۈندە كۆرۈشمىسە چىداشمايدۇ..لېكىن تولا ماي تارتىدۇ. بىر بىرىنى كۈنلەپ، < ئاچچىقسۇ > نى جىق ئىچىۋېلىپ، لېكىن بىر - بىرىگە قەتئىي چىداشمايدۇ. تېلىفوندا سۆزلىشىپ بولۇپ، ئاخىرىدا< سېنى سۆيىمەن > دېيىشنى ئىككىلىسى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇدە، بېشىدا بىزمۇ سىزدەك، دەماللىققا قۇبۇل قىلالماي، كۆڭلىمىز ئېلىشىپ يۈردۇق، كېيىنچە كۆنۈپ كەتتۇق. تېخى ھەۋەسمۇ قىلىشتۇق...     

  رەپقەت مەرھابانى چىڭ تۇتاتتى، ئۇنى بۇرۇنقىدەك خالىغان يېرىگە بېرىپ ئوينايدىغان، ئاز - تولا ئىسپىرت ئىستىمال قىلىدىغان ئىشلىرىغا، ياخشى خاتىمە بەرگەن. بىزمۇ شۇنداق خوشال بولغان زادى..لېكىن، بارغانسېرى بەك بەك جىق ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالىدىغان بولدى، كىيىنىشى، چېچى، گىرىم قىلىپ ياسىنىشىدىن تارتىپ، گەپ قىلىشى، مېڭىش - تۇرۇشىغىچە ئارىلاشتى...بىز بۇرۇنقى مەرھابانى تاپالماي قالاتتۇق بەزىدە. ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن. نەچچە قېتىم گەپلەرنى ئەگىتىپ، پۇرىتىپ دەپ باققان بولساقمۇ، مەرھابانىڭ بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم ئىدى.  ئۇنىڭدىن كېيىن بىزمۇ < ئىككىسى ياخشى ئۆتۈپ كەتسە مەيلىغۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەرھابامۇ خالىغاندىكىن> دەپ بۇ توغۇرلۇق ئېغىز ئاشمىغانىدۇق. يېقىننىڭ ياقى مېنىڭ كۈزىتىشىمچە، رەپقەت تولا ياتاققا تىلىفون ئۇراتتى. ئۇ بالا سەل ئاچچىقى كەلگەن بولسا، ياتاققا تېلىفون قىلىدۇ. بىز تېلىفون ئالساق. < مەرھابا بارمۇ؟ > دەيدۇ ( بولمىسا ئادەتتە ماخا دەيدۇ ) مەن نەچچە قېتىم مۇشۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىغاندا، < ئىككىسىگە بىرنىمە بولدىمۇ نىمە ؟> دەپ ئويلىغان. لېكىن،  ئىككىسى پات - پات ماي تارتىشىپ قالىدىغان بولغاچقا، جىق ئويلاپ كەتمەپتىكەنمەن.

    بۈگۈن مەرھابانىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈم بىر نەرسىنى تۇيغاندەكلا تۇراتتى. شۇنداق بولسىمۇ ھېچقايسىمىز بۇ توغۇرلۇق ئېغىز ئاچماي، بۇرۇنقى ئىشلارنى ، ياتاققا يىڭى كىرگەن ۋاقتىمىزدىكى ئىشلارنى دېيىشىپ، كۈلۈپ ئولتۇراتتۇق. مەرھابامۇ بىزگە قاراپ، كۈلۈپ ياتاتتى، تېخى ئانچە - مۇنچە گەپ قىستۇراتتى. مېنىڭچە ، ھازىر ئۇنىڭغا خاتىرجەملىك، جىمجىتلىق، بىردەملىك بولسىمۇ، خوشاللىق كېرەك. بىر ئادەمگە خوشاللىق كېرەك بولغاندا، بەكمۇ بىچارە ئادەمگە ئايلىنىدىكەن، ھېچقانداق نەرسىنىڭ خىجىللىقى، خوشاللىققا ھاجەت بولغاندەك قاتتىق ئەمەسكەن دەپ ئويلايتتىم، ئەتراپىمدىن خوشاللىق تاپالماي تىپىرلىگىنىمدە. < ھەي ، قىزلار ، ئا يىلقى ھېلىقى پال سالغىنىمىز ئېسىڭلاردىمۇ؟! > دېيىشىمگىلا، ھەممىسى چۇرقىرىشىپ كەتتى. ئۆتكەن يىلىقى قىشتا، ھەممىمىز ياتاقتا مۇشۇنداق يىغىلىپ، قىلىدىغان ئىش تاپالماي ئولتۇراتتۇقتە... تۇيۇقسىز غۇلجىدىكى بىر دوستۇمنىڭ دەپ بەرگەن قىززىق پال سالغان ئىشى ئېسىمگە كېلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن قىزلارغا دەپ بەرسەم < ئاداش، بىزمۇ شۇنداق قىلايلى... پالغا بەك ئىشىنىدىغان قىزلار بار > دېيىشتى.. بۇ ئويۇن مۇنداقتى... چىراقلارنى ئۆچۈرۈپ، شام ياندۇراتتۇق، بىر كۇرۇشكا ئەكىلىپ شامنىڭ ئۈستىگە بىردەم قويساق، تىگى قاپقارا بولاتتى. مۇشۇنداق قىلىپ تۇرساق، ئۇدۇل ياتاقتىكى زۇلپىيە ( خوتەنلىك قىز ) كىرىپ، < ۋاي نىمىش قىلىۋاتىسىلەر؟ ئاتلار، چىراقلارنى ئۆچۈرۈپ > دېدى.. شۇنىڭ بىلەن < ۋاي ، بىر پال سېلىۋاتقان، بىزە مۇرەككەپكەن دىگىنە! ھەم بەك توغرىكەن ، شۇڭا چىراقنى ئۆچۈرۈپ قىلىدىكەن > دېدى مەرھابا چىرايلىرىنى ئۆزگەرتمەيلا. بۇ زۇلپىيە ئادەتتە، ئۆزىنى بەك ماختايتتى،< پالانچى بالا قوغلىشىپ، پۆكۈچى بالا كەينىمگە كىرىۋېلىپ > دەپ كېتەتتى، بىزنىڭ ياتاققا كىرىپلا، پو ئاتىدۇ دە، ئۆزىنىڭ ياتىقىدا ھەممىسى بىلگەچكە ئاتالماي. بىزمۇ يۈزىنى دەپ < ھە > دەپ ئاڭلايتتۇق، لېكىن بەك ئادەم كۆزگە ئىلماي ئاشۇرۇپ سۆزلەپ، قورساق كۆپىگى قىلىپ قوياتتى. شۇڭا مەنمۇ، < كېلە، سېنى بەك جىق بالىلار ياخشى كۆرىدۇ...زادى كىم سېنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ، سەن كىم بىلەن يۈرۈسەنكى، بىر پال سېلىپ باقايلى > دېيىشىمگىلا، مايدەك خوش ياقتى، بۇنىڭغا.  باشلىدۇقتە، مۇشۇ كۈلگۈم دېگەن كېلىپ كېتىۋاتىدۇ... ئۆزەمنى تۇتىۋېلىپ، < كۇرۇشكىنىڭ ئاستىنى بىر بارمىقىڭ بىلەن، ئاستا بىر قېتىم سىلا، ئاندىن كۆڭلۈڭدە سەن بىللە بولۇشنى خالايدىغان ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئۈچ بۆلەككە بۆلۈپ، بىرىنچى بۆلىكىنى سول بىلىكىڭگە يازە، مۇشۇنداق قىلىپ ئۇچ قېتىم قولۇڭنى كۇرۇشكا ئاستىغا سۈركەپ سول قولۇڭغا شۇ ئىسىمنى يېزىپ بولىسەن> دېدىم.. ياتاق ئىچى قاپقاراڭغۇ، بىرلا شام بار ئاياقتىكى ئۈستەلدە. زۇلپىيەنى سەلىمەنىڭ كارىۋىتىغا ئولتۇرغۇزۇپ، پەردىنى يېرىم يىپىپ، سېلىۋاتاتتۇق بۇ < پال>نى.  قارىسام زۇلپىيە دېگەن شۇنداق ئەستايىدىل ئىشلەپ كېتىۋاتىدۇ. < ھە، ئەمدى ئۈچ بارمىقىڭنى تەڭ كۇرشكا ئاستىغا سۈركەپ، سەن ئۇنى ياخشى كۆرسەڭ، ئوڭ يۈزۈڭگە، ئۇ سېنى ياخشى كۆرسە سول يۈزۈڭگە سۈركە، >دېدىم..بىز قارىمايتۇقتە،ھەم ياتاقمۇ قاپقاراڭغۇ، زۇلپىيە پەردىنىڭ ئىچىدە بولغاچقا، كۆڭلىدىكى بويىچە سۈركىيەلەيتتى... < ئەمدى! ئۇ بالا بىلەن سۆيۈشكەن بولساڭلار، ئۈچ بارمىقىڭنى ئاغزىڭغا سۈركە، سۆيۈشمىگەن بولساڭلار سۈركىمەيسەن، ئەگەر ئۇ بالىنى سېنى ياخشى كۆرسۇن دىسەڭ، ئىككى قولۇڭنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىدا، كۇرۇشكا ئاستىنى ئۇزاق سىلاپ، پىشانەڭگە سۈر، قانچە ياخشى كۆرسۇن دېسەڭ، شۇنچە جىق سۈر..ياخشى كۆرمىسۇن دېسەڭ، سۈرمىسەڭمۇ بولىدۇ> دەپ بولغىچە، كۈلكەمنى ئاران تۇتۇپ تۇراتتىم..... < ئەمدى ، زۇلپىيە.. كۆزۈڭنى چىڭ يۇمۇپ تۇر، بىز ھازىر چىراقنى ياندۇرىمىز، بىز ئاچ دېگەندە ئاچ، بولمىسا ئاباينىڭ ياقى سالغان پالنىڭ جاۋابى توغرا چىقمايدۇ...>دېدۇقتە...چىراقنى يېقىپ، قارىساڭ..قولىدا ھېلىقى بىزگە< كەينىمگە بەك كىرىۋېلىپ بارىدۇ قانداق قىلارمەن> دېگەن لوپ ھاكىمىنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى، < ئابدىخېلىل > يېزىقلىق تۇراتتى.. ئوڭ يۈزى دېگەننىڭ بويۇلۇپ كېتىپتۇ، قاپقارا، سول يۈزىدە ھېچنىمە يوق، كالپۇكى، بولدى ئۇچ بارمىقىنىڭ ئىزى قاپقارا، پىشانىسىدە ئامما لېكىن قاپقارىلام ھە!!مۇشۇ ھەممىمىز ئۆزىمىزنى شۇنداق تۇتىۋېلىپ، < ئۇ بالا سېنى ياخشى كۆرمەيدىكەن، ياخشى كۆرمەي تۇرۇپ، تېخى سۆيۈشۈپسىلەر....سەن بەك ئارزۇ قىلىدىكەنسىلەر بىللە بولۇشۇڭلارنى،  لېكىن ئۈمۈد يوقتەك تۇرىدۇ . ئۇ بالىنىڭ ئىسمى ئابدىخېلىلكەن > دېيىشىمگىلا، كۆزىنى ئېچىپ..< ماڭە ۋاي، خاتاكەن بۇ پېلىڭ، مەنچۇ، ھېچكىمنى يازمىغان،> دېمەسمۇ !! ھەممىمىز ئۆزىمىزنى تۇتالماي كۈلۈپ ، يېتىپ قالاي دېگەنتۇق... ئاندىن ئۇ قولىغا ، ئەينەكلىرىمىزگە قاراپ، < مازكەنسىلەر، ۋاي > دەپ قوڭىنى چېقىپ، ماڭىمەن دېگەنتى، قىزلار ئۇنى تۇتىۋېلىپ، <توختا! باشقىلارغىمۇ سالىمىز، سەن مايەردە، ئۈنىڭنى چىقارماي ئولتۇرۇپ تۇر، > دەپ، ئۇنى مەستۇرىئاينىڭ كارىۋېتىغا مۆكتۈرۈپ قويدۇق... مۇشۇ ۋاقىتتا دەل ھېلىقى بىرىنچى يىلى بىز بىلەن بىر ياتاقتا ياتقان، تۇرسىناي دېگەن قىز، يېڭىلىقنى قۇبۇل قىلالمايدىغان، بىزنىڭ پادىچىلار ئىشتىنىمىزنى < تەخەيدەك > دەپ زاڭلىق قىلىدىغان، كېيىچە ئۆزى، پۈتۈنلەي پادىچىلار كىيىمى كىيىپ يۈرىدىغان بولۇپ كەتكەن، ئاتۇشلۇق قىز تۇرسىناي دەل ئۆزى. شۇ مەرھابانى ئىزدەپ كىرىپ قالدى. مەرھاباغا < سىرتقا چىقىپ سۆزلىشىڭلارچۇ > دەپ ئىشارەت قىلىۋەتتۇق.. شامنى ياندۇرۇپ، كۇرۇشكىنىڭ ئاستىنى قىزىتىپ، قاپقارا قىلىدىغانغىمۇ، بىر مۇنچە ۋاقىت كېتىدۇ دە،،، بىردەمدىن كېيىن ، مەرھابا تۇرسىناينى باشلاپ ئەكىردى... بۇ تۇرسىناي سىنىپىمىزدىكى بىر ئاتۇشلۇق بالىنى ياخشى كۆرەتتى، ئابلەي دەپ، لېكىن تۇرسىناي ئېتىراپ قىلغىلى ئۇنىمايتتىدە، < ئۇنداق ئىش يوق ھەي!!> دەپ خاپا بولۇپ قوياتتى.. لېكىن بۇنىڭ ئۇ بالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە، ئۇ بالىغا بىر پوتا ئېلىپ بەرگىنىنى نىجاتتىن ئاڭلاپ قالغانتۇق... بۇ تۇغۇرلۇق ئېغىز ئاچساق تاس قالغان ئۆلىۋالاي دېگىلى بۇ خىنىم....

  < گەپ بولسا تاپامسىلەر؟ ئۇ ئابلەي دېگەن سۇيۇقنى نىمىش قىلاتتىم > دەپ كۆكۈرۈپ - تاتىرىپ كەتكەنتى بىر قېتىم، مەرھابا مۇنداقلا دەپ قويغىنىغا ئۇ تۇرسىناي.... شۇڭا، ئۇ كۈنى مەرھابا ئۆزى تۇرسىنايغا پال سالىمەن دەپ، سورىمىغان سۇئالى قالمىغانتى، ھەتتا < سىز ئۇ بالىغا بىر نەرسە سوۋغا قىلغانمۇ ؟> دەپمۇ سورىغانتى..تۇرسىناي بىلىكىگە راستلا ئابلەينىڭ ئىسمىنى يېزىپتىكەن.... ئۇ كۈن بەك قىززىق ئىشلار بولۇپ كەتكەنتى.ئىشقىلىپ... < ۋاي، تۇرسىناينىڭ ئېنىق چىقماي قالمىسۇن دەپ، جىقراق سۈركەپتىمەن دېگەنىچۇ؟! >دېدى دېسۋان.. < ئۇنى بىر دىمە؟!! ئاغزىڭغا سۈركە دېسەك، بۇرۇنلىرىغا قوشۇپ سۈركەپ كەتكىنىچۇ. تېخى!! > دېدى مەستۇرايمۇ كەينىدىن... < ماۋۇ، مەرھابانىڭ سورىغان سۇئاللىرىچۇ، ئادەم ئۆتتۈرىدۇ.. ئۇنىڭغا سوۋغا بەرگەن بولساڭ ئوڭ قۇلىغىڭغا، بەرمىگەن بولساڭ سول قۇلىقىڭغا، كەچلىرى ئويلىساڭ ئوڭ كۆزۈڭگە، ئويلىمىساڭ سول كۆزۈڭگە سۈركە دېيىشلىرىچۇ ؟!!> دېدى كامىلە چايلىرىمىزنى يېڭىلىغاچ...< ھېلىمۇ ياخشى، پوتا ئېلىپ بەرگەن بولساڭ دېمىدىڭ، ھەي، توۋا شۇ قىزلارمۇ ئىشىنىپتىكەن ھە؟!> دېدىم كامىلەگە سىركايرىمنى سۇنغاچ... < شۇنى دېگىنە، كارىدوردا قىزلارنىڭ ئۆچرەت تۇرۇپ كەتكىنىچۇ! تىخى، ماڭا كەلدى، دېسە ماڭا كەلدى دەپ، ماخا ، ئىككىمىز ئۇلارنى تەرتىپكە سېلىپ بولالماي،  تاس قالغانتۇق يولداشلار بىلەن سوقۇشۇپ قالغىلى ھە؟ ماخا > دېدى سەلىمە.. ئۇنىڭ ئۇ گېپىنى ئاڭلاپ ، مەرھابا كۈلەي دېدىيۇ، بايامنىڭ ياقى جىمجىت بولۇپ كەتكەننىڭ خۇلاسىسنى قىلىپ، كۆزلىرىنى ئاخىرى ياش چىقاردى.. < ئاللا، ئاداش، بىر ئوبدان خوشال تۇرۇپلا يەنە ، نىمە بولدۇڭ؟ > دىدىم يېشىنى سۈرتكەچ... يېشىنى سۈرتكەچ ئاۋازىممۇ تىترەپ كەتتى.. مەرھابا ئالدىراپ يىغلىمايتتى.. بىز يىغلىساقمۇ خاپا بولاتتى.. مەن تېخى مەرھابانى يىغلاشنى بىلمەيدۇ، دەپتىمەن... ھازىرقى پۈتۈن يېرىدىن ياش تۆكۈلىۋاتقان مەرھابانى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەن بولسام ھەرەىزمۇ ئىشەنمەيتتىم..... ئاخىرى، ئۇنى توختىتالماي بىزمۇ قوشۇلۇپ يىغلىدۇق... باشقىلارنىڭ ھازىر نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى نىمە دەپ يىغلاۋاتقىنىنى بىلمەيمەن، بۇرۇن مەن يىغلىغاندىمۇ بۇلارنىڭ نىمىنى ئويلاپ يىغلىغىنىنى تېخىمۇ بىلمەيمەن،، ئەمما، ھازىر مەن ئۆزەم ئۈچۈن يىغلاۋاتاتتىم.... < ئوساغاققا ئارپا باھانە > دېگەندەك، مەنمۇ مەرھابانى باھانە قىلىپ، نەچچە ۋاقىتنىڭ ياقى يىغىلىپ قالغان ياشلىرىمنى ، شۇ ئىگىسىگە ساتقۇن كۆز ياشلىرىمنى ئۈنسىز تۆكىۋاتاتتىم. مەرھابا ئورنىدىن يېرىم ئولتۇرۇپ، كامىلەنىڭ بەرگەن لۆڭگىسى بىلەن، يۈزىنى توسۇپ، گەۋدىلىرىنى تىترىتىپ يىغلاۋاتاتتى، قىزلار راست ئاجىزكەنمىز ..ھە ؟!  شۇنى ئويلىدىم..مەرھابانى ياتىقىمىزنىڭ تۈۋرىكىلا دەپ قالماستىن، ئۆزەمنىڭ روھىي تۈۋرۈگۈم دەپ ئويلايتتىم.... توۋا.. شۇ بىر ئوغۇل بالا، مەرھابا چىن قەلبىدىن سۆيىدىغان بىر بالىنىڭ مەرھاباغا بەرگەن ئازابىنى يېنىكلىتىمىز دەپ، بەش قىزبالا بايامنىڭ ياقى كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىز يېرىم سائەتمۇ پايلىمىغان ئىدى.... مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتىنى يەنىلا سەل چاغلىغىلى بولمايدىكەن جۇمۇ؟!! بىر ۋاقىتتا، سەلىمە ئىتتىك ئورنىدىن تۇردىدە، ئىشىكىمىزنى ئىچىدىن نەچچە تاقىۋېتىپ، بىزگە قاراپ < نېمە بولدى ھە!! نىمىگە شۇنچە ھازا ئاچىسىلەر؟! ئاپاڭ ئۆلدىما؟ داداڭ ئۆلدىما؟! نىمداق تۈگىمىگەن يىغا بۇ ؟!!> دەپ مەرھابانى دوراپ قازاقچە، ئۇيغۇرچىنى ئارىلاشتۇرۇپ ۋارقىراپ كەتتى. چىرايىمۇ شۇنداق جىددىي تۈس ئالغان ئىدى... ھەممىمىز ئۇنىڭغا بىردەم قاراپ تۇرۇپ، تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق... < بەك ئوماق جۇمۇ سېلى سەن،،> دېدىم ئۇنىڭ قوللىرىنى تۇتقاچ، سەلىمەنى ئۆيىدىكىلىرى، شىخولۇق ساۋاقداشلىرى مۇشۇنداق < سېلى > دەپ چاقىراتتى... باشقا قىزلارمۇ ئادەتتە < سېلى > دەيتتى.. مەن شۇ ئارىلاپ، سەلىمە قىززىق ئىشلارنى قىلىپ ئامراقلىغىم كېلىپ كەتكەندە، < سېلى > دەپ قوياتتىم.. بۈگۈنمۇ بۇ شەيتان يەنە بىزنى بىر كۈلدرىۋەتتى...

   خېلىدىن كېيىن، مەرھابا كەينىگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، < رەپقەتنى ئۇنتۇپ كېتىشىم كېرەك، ماڭا بۇنىڭدىن باشقا تاللاش يوق، بۇنىڭدىن كېيىن ماڭا ئۇنىڭ گېپىنى قىلماڭلار، ئىسمىنىمۇ تىلغا ئالماڭلار > دېدى ئۈمچىيىپ - ئۈمچىيىپ تۇرۇپ. مەن نىمىدەپ دەپ سوراي دەپ تۇرۇشۇمغا، كامىلە مېنى بىرنى چىمداپ قويدى ھەم... < بوپتۇ، ماخا.. سەن قانداق دېسەڭ شۇ....> دېدى يۈزلىرگە چاپلىشىپ كەتكەن چاچلىرىنى ئوڭشىغاچ.... ئاخىرى مەرھابا ئۆزى ھەممە ئىشلارنى بىر - بىرلەپ دېيىشكە باشلىدى.... ئەسلىدە، بۇيىل يازلىق تەتىلدە رەپقەت قارىمايغا، ئۆيىگە قايتقاندا، ( ئادەتتە مەرھابا ئىككىلىسى تەتىلدە قايتماي، ئۈرۈمچىدە ئىش تېپىپ ئىشلەيتتى )، ئاپىسى رەپقەتنىڭ پورتمالىدىكى، مەرھابا ئىككىسىنىڭ رەسىمىگە كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ. بېشىدا رەپقەتكە پۇرىتىپ، ھازىر بۇ ئىشلارنى ئويلىماسلىقنى دەپتۇ، كېيىن رەپقەتنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا مەرھابا بىلەن، ئۆيلەردىمۇ تېلىفون سۆزلىشىپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ، پوزىتسىيىسىنى تېخىمۇ قاتتىق قىلىپ، رەپقەتكە مەرھابادىن ئايرىلىپ كېتىشنى، ئىككىسىنىڭ بەرىبىر مۇمكىن ئەمەسلىكىنى دەپتۇ. رەپقەت ھە دەپ قويۇپ يەنە مەرھابا بىلەن، ئالاقىلىشىپ يۈرىۋېرىپتۇ، ئاخىرى رەپقەتنىڭ ئاپىسى، رەپقەتكە ئۇقتۇرماي، مەرھاباغا تېلىفون قىلىپ، < رەپقەت بىلەن ئايرىلىپ كېتىڭ، رەپقەت بەرىبىر سىز بىلەن توي قىلالمايدۇ > دەپلا تېلىفوننى قويىۋېتىپتۇ... مەرھابا بۇ ئىشنى رەپقەتكە دېمەپتۇ، تەتىل توشۇپ ، رەپقەت مەكتەپكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەرھابا رەپقەتتىن < ئاپاڭ ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى ئۇقتىمۇ؟ > دەپ سوراپتۇ. رەپقەت < ياق، بىلمىدى، مەنمۇ دېمىدىم، لېكىن ئاپام دېگەن بىر ئوقۇتقۇچى، ئىلمى قارايدۇ، خاتىرجەم بولە > دەپتۇ. رەپقەتنىڭ ئاپىسى بۇ ئىككىسىنىڭ يەنىلا ئارىلىشىۋاتقانلىقىنى، رەپقەتنىڭ دوستلىرىدىن ئۇقۇپ، ئۈرۈمچىگە كېلىپ، مۇشۇ يەردىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. رەپقەتنىمۇ مەكتەپ ياتىقىدىن كۆچۈرۈپ ئەكىلىۋاپتۇ. مەرھابا ھەممە ئىشلارنى بىلمەسكە سېلىۋاپتۇ، رەپقەتمۇ <ئاپام ئازراق ئىش بىلەن كەپتۇ، نەچچە كۈن تۇرۇپ، كېتىدۇ > دەپ قويۇپتۇ. بىر كۈنى، مەرھاباغا رەپقەتنىڭ ئاپىسىدىن يەنە تېلىفون كەپتۇ.... مەرھابا شۇنداق ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلغان بولسىمۇ، < سەندەك ھاراقكەشنىڭ قىزىنى، ئالتايلىقنىڭ قىزىنى ئوغلۇمغا ئېلىپ بەرمەيمەن.. ئەڭ ياخشىسى ئوغلۇمدىن نېرى تۇر،> دەپ ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپتۇ، مەرھابا گەپ قىلاي دېگۈچە قويۇۋېتىپتۇ.  مەرھابا ئاخىرى رەپقەتكە دەپتۇ.. < مەن ساڭا ئىشىنىپ، بىر ئۆمۈر ئۆتىدىغان ئادىمىم مۇشۇ بولغاندىن كېيىن، دەپ ئۆيۈمنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى ساڭا دېسەم ، نىمە دەپ ئاپاڭغا ئۇ گەپلەرنى قىلىپ يۈرەتتىڭ؟ > دەپ سوقۇشۇپتۇ. رەپقەت مەن دېمىدىم دەيدىكەن، مەرھابا سەن دىمىسەڭ ئاپاڭ قانداق بىلىدۇ...دەپ ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا سوغۇقچىلىق چۈشۈپتۇ...

( ئاخىرى بار )

yusran يوللانغان ۋاقتى 2009-2-26 00:09:14

بارا- بارا رەپقەتمۇ مەرھابادىن <ئۇنى قىلمىدىڭ، سەن بۇنداق قىلغان بولساڭ, ئۇنداق قىلغان بولساڭ بىز بۇنداق بولمايتتۇق...> دەپ قۇسۇر تاپىدىغان بولۇپتۇ. مەرھابا< بوپتىلا ، ھامان مۇشۇنىڭ بىلەن ئۆتكەندىن كېيىن، بوپتۇ چىداي > دەپ ئۆتكۈزېۋېرىپتۇ. بىر كۈنى مەرھابانىڭ ئاپىسى يىغلاپ تۇرۇپ، مەرھاباغا تېلىفون قىلىپ، بىر ئايالنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە تېلىفون قىلىپ،< قىزىڭلارنى باشقۇرمايدىغان قانداق ئاتا - ئانا سىلەر، ئۇ قىزىڭلار ئوغلۇمنى ئازدۇرۇپ، مەكتەپتىمۇ تۈزۈك ئوقۇغىلى قويمايۋاتىدۇ، كۈندە چاپلىشىۋېلىپ. مەن مۇشۇ ئىشنى دەپ, ئۈرۈمچىگە كېلىپ تۇرىۋاتىمەن، قىزىڭلار يولدىن چىقىپ كەتكەن قىز بولمىغان بولسىغۇ، مەنمۇ بۇنداق ئوغلۇمدىن ئەنسىرەپ يۈرمەيتىم. > دەپ تىللاپ كەتكىنىنى دەپتۇ. مەرھابانىڭ دادىسى بۇ ئىشنى ئۇقۇپ, ھاراق ئىچىپ كىرىپ، مەرھابانىڭ ئاپىسىنى ئۇرۇپتۇ. مەرھابا ئاخىرى رەپقەتنى ئۆزى ئىزدەپ بېرىپ، مەھەللىسىدە سوقۇشۇپتۇ، رەپقەت ئەڭ ئاخىرى كارى بولماي كىرىپ كېتىپتۇ.  ئەتىسى مەرھابا ئىدىيىسىدىن ئۆتكۈزەلمەي، ھاراق ئىچىپ، تازا مەس بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپتۇ. ( يامانمىكەن بىزنىڭ ماخا ). ئاپىسىلا باركەنتۇق، مەرھابا دەيدىغىنىنى دەپ، تىللايدىغىنىنى تىللاپ ( ھەقىچان قازاقچە تىللىدى، ئۇيغۇرچە سەۋىيەسى ئادەم تىللايدىغانغا سەل ئاجىزلىق قىلىدۇ ) ،ماڭاي دەپ تۇرىشىغا قولىغا بىر كۈنلۈكنىڭ سېپى چىقىپ قاپتىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆيىدىكى چاقىدىغان نەرسە بولسا، ئۇرۇپ چېقىپ،< ھەي، جادى ساڭا دەپ قوياي ئەمدى يەنە ماڭا ، مېنىڭ ئۆيەمدىكىلەرگە مۇناسىۋەتلىك يامان گەپلەرنى ھېلىغۇ تېلىفوندىكەن، ئۆز ئۆزەڭگە دېگىنىڭنى ئاڭلاپ قالساملا، سەنغۇ مەيلى، ئوغلۇڭنى مەڭگۈ خوتۇن ئالالماس قىلىۋېتىمەن، بىلدىڭما؟! ئىشەنمىسەڭ سىناپ باق،جادى، كېيىن ئۇقمىدىم دەپ قالما ! ئۇنداق كومشا ئوغلۇڭنى پىشانەڭگە تاڭ! مەن ماخا دەسسەپ پېتەك قىلمايمەن!!> دەپ ئۇ ئايالغا تەھدىت سېلىپ قويۇپ چىقىپ كېتىپتۇ.... ( بەك ئۇماق ھە بۇ ) بۈگۈن مەرھابا رەپقەتنىڭ مەكتىپىگە بېرىپ، ئۇنىڭغىمۇ ئىككىسىنىڭ ئىشىنىڭ تۈگىگەنلىكىنى دەپتۇ. رەپقەت ئۇنىماي تۇرىۋاپتۇ، بۇ يىغلاپتۇ، ئۇمۇ يىغلاپتۇ، رەپقەت ئىككىسى بىر - بىرسىنىڭ ياقىسىنى سىقىشىپ، ( توۋا ) باغچىدا بايامغا قەدەر، بىردەم سوقىشىپ، بىردەم يىغلاپ ئەپلىشىپ يۈرۈپتۇ، قايتاشىدا، رەپقەت بۇنى تىللاپ، سىلكىشلەپتىكەن ئۆزىنىمۇ بىلمەي، دېمى سىقىلىپ ھۇشىدىن كېتىپتۇ....

   شۇ تاپتا بىز ئاڭلاپمۇ ھۇشىمىزدىن كېتەي دىگەنىدۇق.. < مۇشۇنچىۋالا ئىشنى ئىچىڭگە قانداڭمۇ پاتتۇرغانسەن؟ جىنىم ئادىشىم > دەپ ئۇنىڭ قوللىرىنى سىلاپ كەتتىم... ھەممىمىز بۇ ئىشلارنى ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ بولغىچە، تولا يىغلاپ. ئەزەلدىن يىغلىمايدىغان، قەيسەر كەبى بىر قىزنىڭ مىڭ يېرىدىن تۆكۈلۈپ تۇرۇپ بۇنداق ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشنى ئۆز ئاغزى بىلەن سۆزلەپ بەرگىنىنى، سىز يا ئاڭلىغان يا ئاڭلىمىغان بولىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما، مەن ئۆزەمدىن بەكرەك مەرھاباغا ئىچ ئاغرىتتىم مۇشۇ ۋاقىتتا <... ھېلىمۇ جىق غەيرەتلىككەنسەن...ماخا> دېدى دېسۋان، ئېلىنى ئەسلىگەچ < ئېلى باشقا بىرسىنى تېپىۋالغاندا، مەن نەدە بېرىپ ئۇنداق گەپلەرنى دىيەلەيمەن، كۈندە ئۆيدە يىغلاپ، ئۆلگۈدەك تاماق يەپ، 10 كىلو سەمىرىپ كەلگەن > دېدى. مۇشۇ ئۇنىڭ ئېلى بىلەن ئايرىلىپ كېتىپ، تۇنجى قېتىم ئۇنى ئېلى دەپ تىلغا ئېلىشى ئىدى ..< ۋۇي ، دېسۋان، نىمە بولاۋاتىسەن؟! ئېلى دېسە ئېلى دەپ كەتتىڭغۇ؟ > دېدى مەستۇرىئاي ھەممىگە قىزىقىدىغان مىجەزى بىلەن... < سېنى شۇ چاغدا، دېسۋان لەغمەننىڭ جىيامىيەنسىنى يىمە دىسەك ئۇنىمايسەن، ئېلى ئۆزى زىلۋا بولغاندىن كېيىن، سېنى سېمىز دەپ ئويلىدىمۇ  - يە > دېدى مەرھابا ھېچ ئىش بولمىغاندەك. ھەممىمىز ئاغزىمىزنى ئېچىپلا قالدۇق، بايامقى پۈتۈن يېرىدىن قان ئارىلاش يىغا ئېقىۋاتقان مەرھابا قېنى!....< ئاداششششششششش! بەك ئۇماق جۇمۇ سەن!!! ماخا، ئەمدى ئاتتەك ماخا بولدۇڭ!> دېدى سەلىمە مەرھابانىڭ بوينىغا ئېسىلىپ.... كامىلە يەنە يىغلىدى، كامىلە ئاشۇنداق خوشال بولسىمۇ، خاپا بولسىمۇ يىغلايدۇ..ئەمما بۇ خوشاللىق يىغىسى ئىدى.. دوستلۇقنىڭ ھاياتىي كۈچىنىمۇ بوش چاغلىماڭ قەدىردانلىرىم.....  ھەممىمىز خوشال چاقچاقلارنى قىلىپ ئۇخلاپ قالدۇق، ئىككىدىن ئىككىدىن بولۇپ، ياتاقتا ئالاھىدە ئەھۋالدا ، ئالاھىدە ئىش يۈز بەرسە مۇشۇنداق ئىككىدىن ئىككىدىن ئۇخلايتتۇق،  خېلىغىچە مەرھابامۇ ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمىدى...كۆڭلۈمدە ئەتىدىن ئەنسىرەيتتىم... مۇشۇ نەچچە كۈننى ئۆتكۈزىۋالسىغۇ، ئاتتەك بولۇپ كېتەتتى.. ھەي!! ئۇلۇغ ئىگەم..بەندىڭىز ئاجىزدۇر! مۈشكۈنلىرىمىزنى ئاسان قىلغىن!! ئىككىلا دۇنيادا ئەزىز قىلغىن........ مەرھابانى چىڭ قۇچاقلاپ ئۇخلاپ قاپتىمەن....

   < تۇرە!! ئات،، بامداتنى باشلايلى!!!> ..ئاخخا!!مەرھابا بۇرۇنقى مەرھاباغا راست قايتىپتۇ... بۇ خوشاللىقىم!!!! ئۇزاق بولۇپتىكەن، بىر ئىش ئۈچۈن كۆڭلۈم بۇنچە يايراپ، يېنىك بولۇپ باقمىغىلى!! جاينامازدا ئالتىمىزنىڭ ھەممىمىز تەڭ ئولتۇرۇپ، قوللىرىمىزنى جۈپلەپ، كۆزلىرىمىزنى نەمدەپ، ئۇلۇغ ئىگىمىزدىن نىمىلەرنىدۇر تىلىمەكتىمىز!! ئىھ! ئۇلۇغ، كېرەملىك زات!! نىمانچىمۇ مېھرىبان، شەپقەتلىكسەن! بەندەڭ تولا ئېزىپ، شەيتان دىگەن مۇناپىقنى خوش قىلىپ، يەنە قايتىپ كەلسە، شۇ تەۋبىلىرىنى قۇبۇل قىلىپ، مەخپىرەت قىلىسەن. بەندىلەرنى مەخپىرەت قىلىپ، ھىدايەت قىلىشتا، سەندىن ئۇلۇغ ئىلاھ يوقتۇر.... پۈتۈن مۇسۇلمان بەندىلىرىڭنىڭ قاتارىدا، بىزگە توغرا يول كۆرسەتكىن!!بەرھەق! ئاللاھ توغرا يولغا باشلىغاننى، ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ..... سەندىن سورايمەن، ساڭا يالۋۇرىمەن. ئۇلۇغ رەببىم! مېنى ۋە ماڭا ئۇخشاش ئاجىز بەندىلىرىڭنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغىن....ئامىن!!!

كۈنلەر خېلى ئىزىغا چۈشۈپ قېلىۋاتاتتى...رافائىلنىڭ پۇت - قولى دېمگەن بىلەن خىلى ساقىيىپ قالدى.... ھازىر مەكتىپىدە، نەچچە ۋاقىتنىڭ ياقى قېلىپ قالغان دەرسلىرىنى تەكرار قىلىش بىلەن ئالدىراش.... تەخمىنەن 2سائەتتە بىر، ماڭا تىلىفون قىلىپ، ئۆزىنىڭ ياخشى تۇرىۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلىش بىلەن بىرگە، مېنىڭ ئەھۋاللىرىنىمۇ سوراپ تۇرىدۇ. < نىمە تاماق يىدىڭىز ؟ كىم بىلەن چىقىپ يىدىڭىز؟ >، < نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟> < ھاۋا سوغۇق، دىققەت قىلىڭ، قېلىنراق كىيىنىڭ.> ئاغزىدا دىيەلمىگەنلىرىنى ئۇچۇر يوللايدۇ، < سىزنى بەك كۆرگۈم كەلدى، ئۇماق،>، < ئاخشام سىزنى چۈشەپ قاپتىمەن، بەك گۈزەل چۈش، چىرايلىقىم. >. < سىزگە ئاتاپ بىر كۈي ئىشلەيمىكىن دەيمەن.. گۈليارە،،> دېگەندەك.. كۈلۈپ قويۇپ < ھى ھى... > دەپ قايتۇرۇپ قويىمەن، ئۇنىڭدىن باشقا گەپلەرنى دەي دىسەم، ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى شۇ بەك نىپىز تامنىڭ يىرتىلىپ، مەن قۇبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشىنى خالىمايمەن، شۇڭا، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن، ھازىرقى مۇشۇ نورمال ھالىتىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىمەن.... گەرچە بۇنداق ھالەتنى ئۇزۇن ساقلاپ قېلىشىمغا ئانچە كۆزۈم يەتمىسىمۇ، قانچە كەينىگە سوزالىسام شۇنچە ياخشى.. بۇنداق قىلىپ نىمىنى كۈتىۋاتقانلىقىمنى، ئاخىرىدا نىمىگە ئېرىشمەكچى بولغانلىقىمنى بىلمىسەممۇ، توغرىراقى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىساممۇ، رافائىل ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋېتىدە بۇنىڭدىن ئارتۇقى ماڭا ئارتۇقلۇق قىلىدىغانلىقى ئۆزۈمگە ئايان ئىدى.

    قىش پەسلىنى ،ئۆزەمنىڭ توڭغاقلىقىغا قارىماي شۈنچە ياخشى كۆرىمەن. بولۇپمۇ، لەپ - لەپ قىلىپ قار ياغقان كۈننى ئاجايىپ ياخشى كۆرىمەن. بۇگۈنمۇ ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، دېرىزەمدىن مەن ياخشى كۆرىدىغان قار يېغىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئاجايىپ بىرخىل ئىللىق ئېقىم ۋۇجۇدۇمغا تارىدى. < قىزلار، كىنو كۆرۈپ، ساماۋار شورپىسى ئىچىپ كېلەيلىچۇ؟!!> دېدىم ھاياجانلىنىپ، < ھە..شۇنداق قىلايلى، ئوپچە پائالىيەت قىلمىغىنىمىزغا بەك ئۇزۇن بوپتۇ...> دېدى سەلىمە.. < پاھ.. قار ياغقاندا ھە؟!..مېڭىپ بارايلىچۇ؟! ئاتلار.. >.. < تازا چىرايلىق ياسىنىپ، ئۇماق كىيىنىپ ھە..قىزلار ، > دېدى مەستۇرىئاي... بۇ پىكىر ماقۇللىنىپ، ھەممىىز دەرسلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، نىجاتقا تېلىفون قىلىدىغانلار قىلىپ قويدۇق.. ئاخىرى بىچارە نىجات،< ئاچىلىرىم... دەرسكە چىقمىساڭلار مەيلى، قولۇمدىن كىلىشىچە قىلىپ قويىمەن، ھەم قىلىۋاتىمەنغۇ؟! ئەمما، مۇنداق ئادەمنى چېلىپ كەتمەڭلار، بىردىن - بىردىن تېلىفون قىلىپ، ئۇچۇر يوللاپ. ياتاقتىكىلەرنىڭ ئىشىمىز چىقىپ قالدى، دەۋەتسەڭلار بولمىدىمۇ ھەي،،، بىلىشمەيدىغان ئادەم بولمىغاندىن كېيىن...> دەپ ئازراق خاپا بولدى. < ۋاي، نىجات!! > مەرھابا بىلەن نىجاتنىڭ مۇناسىۋېتى بەك ياخشى.. ئاغىنىلەردەكلا ئۆتىدۇ، < نىمداق قىلىسەن، كۆڭلۈڭدىلا بىلىپ قالساڭ بولمىدىمۇ؟! نىمانداق يۈز بەرگەننى بىلمەيسەن دەيمەن، ھەممىمىز سېنىڭ سىنىپ باشلىقلىق غورۇرۇڭغا تىگىپ قويمايلى دەپ، بىر مۇنچە باش قاتۇرۇپ، تاپقان بانالىرىمىزغا مۇشۇنچىلىك يۈز بېرەمسەن > دەپ قاقشاپلا كەتتى مەرھابا. < ھاھا..بەك داۋخورلىشىپ كەتتى جۇمۇ ، مۇشۇ سىنىپ باشلىقىمىز مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە... كىلەر مەۋسۈم ئۆزەملا بولمىسام سىنىپ باشلىقى > دېدىم مەرھابانىڭ نىجاتنى بىردەمدىلا < بوي سۇندۇرۋەتكىنى>گە قاراپ.  < ھە ..بولدى قىلە، خېنىم...نىجات بولمىغان بولسا، سەن بىزنىڭ كۈنىمىز تەستى جۇمۇ،،، سەن سىنىپ باشلىقى بولساڭ، ئۇ سىنىپتا ئادەم قالمايدۇ..تۆۋە دېگىنە > دېدى مەرھابا كارىۋېتىنى يىغۇشتۇرغاچ.... مېنىڭ بۇ دوستۇم مانا مۇشۇنداق.. ماڭا كەلگەندىمۇ يۈز قاراپ ئولتۇرمايدۇ. ئۇنىڭ مۇشۇ يەرلىرىگە كۆيىمەن دەڭلار..ھى ھى ( ئەسلى ئۆزەم داۋخو مۇ يا )  . < ھەي قىزلار راستلا، بەك پەيزە قار يىغىۋېتىپتۇ، >دېدى قايناقسۇ ئەكىرىشكە چىقىپ كەتكەن مەستۇرىئاي دېسۋان بىلەن بىللە ئىشىكتىن كىرىۋېتىپ. < تالا ئازراقمۇ سوغ ئەمەس، ۋىيىي چاققان چىيىمىزنى ئىچىپ، ئاتتەك جابدۇيلى.. ھە! >. بۇ مەستۇرىئايغا بەك كۈلگۈم كىلىدۇ ، بەزىدە. شۇنداق جىددى ۋاقىتتىمۇ، ئالاھىدە بىر چاغلاردىمۇ، سىرتقى قىياپىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.. قاچانلا قارىسىڭىز، ھازىر بىر يەرگە بارىدىغاندەك، يا ھازىر بىر ئولتۇرۇشتىن كەلگەندەكلا، پېتىدىن قەتئىي چۈشمەيدۇ. ھەتتا، كەچلىرىمۇ، چۈشىدە بىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە دىيىشىپ قويغان ئادەمدەك ياسىنىپ ياتىدۇ. قول قويماي تۇرالمايسىز.. ئۆزىنىڭمۇ بويلىرى ئېگىز، ئۆزى ئاق، كالپۇكلىرى نىپىزغىنە ھەم قىزىل، چاچلىرى ئاتنىڭ قىلىدەك يىرىك بۇ دوستۇم، نەچچە ۋاقىتنىڭ ياقى ھەرخىل ئاماللار بىلەن ئورۇقلاپ، بۇگۈنكىدەك زىلۋا ھالەتكە كەلدى.... بىر قارىسىڭىز بىر يەرلىرى قورچاقلارغا ئوخشايدۇ. ئىشقىلىپ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئۇرغۇپ تېشىپ تۇرغان بىر ئاتتەك قىز.   < ئاداش، ھېلى ئەمىسە چېچىمنى ھېلىقىدەك قىلىپ قويە؟! > دېدى سەلىمە. سەلىمە بەك ئوماق ،،كالتە، ياپونچە چىچى ئاجايىپ ياراشقان، ئۆزى بۇغداي ئۆڭ قىز، ئەمما كۆزلىرى كۈلۈپ تۇرىدۇ. كەچكىچە مەستۇرىئاي ئىككىمىز بىلەن بويىنى سېلىشتۇرۇپ ھېچ ھالى قالمايدۇ... < ساڭا خېلى بار بىزدەك بولغىچە، ئات> دەپ قويىمىز كۈلۈپ. نىمىشقىكىن، بۇ سەلىمەنىڭ ئەڭ چوڭ ئارمىنى، بويىنى ئۆستۈرۈش. توۋا دەيمەندە،،پاكار ئەمەس ئۆزى بولمىسا، يا ئىلىيارمۇ بەك ئېگىزلەردىن ئەمەس. نىمىگە شۇنچە ئارزۇ قىلىدىكىن، شۇنداق ئىگىز پاشنىلىق ئاياق كىيىپ، بىز بىلەن تەڭ بولىدۇ، لېكىن ئىلىياردىن ئېگىز بولۇپ كېتىدۇ، < ۋاي، ئىلىياردىن ئىگىز بوۋېلىپ نىمىش قىلىسەن ؟ ئۇ بىچارىنى ئىززا تارتقۇزۇپ،> دىسەك، < خۇدايىم بۇيرىسا، بويۇمنى ئاشۇنداق ئىگىز ئۆستۈرۈپ، ئىلىياردىن ئىگىز بولۇپ، ئۇنى مەجبۇرلاپ، مەندىن ئايرۇغۈزىۋېتىمەن > دەيدۇ.. كۆرگەنسىلەر! ما ئاتنىڭ گېپىنى. <ئەمىسە سەن مەڭگۈ ئۆسۈپ بولالماپسەن، سېلى، نىيىتىڭنى يامان قىلىپ، > دەيدۇ كامىلە ئىلىيارغا ئىچ ئاغرىتىپ. كامىلە بەكمۇ ئاق كۆڭۈل، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى بەك ئايايدۇ، ئۆزىمۇ ھەم بەك نازۇك، ئۇنداق - مۇنداقراق گەپلەرنى ھەرگىز كۆتۈرەلمەيدۇ. بىزمۇ باشقىلارغا قىلغان چاقچىقىمىزنى، كامىلەگە ھەرگىز قىلمايمىز. بويى پاكارراق، چاچلىرى ئۇزۇن، بىر تال قىلىپ، پەس بوغىۋالىدىغان، ئاددى - ساددا، پاكىز، خۇش چىراي بۇ قىز غۇلجا قىزلىرىنىڭ 21- ئەسىردىكى تىپىك مىسالى...... < ھەي، ئات.. يەنە مىسىلداپ، نىمىگە ھاڭقىيىپ ئولتۇرىسەن، توۋا !> دېدى دېسۋان ماڭا قاراپ يۈزلىرىنى سۈرتكەچ.... ئەڭ قىزىقى بۇ ياتاقتا ئەسلى دېسۋان. گەپلىرىگە شۇ زامات كۈلمەيسىز، كېيىن ئويلاپ ئىختىيارسىز ھىجاراپ كىتىسىز.  بەك چىرايلىق، بۇ خوتەنلىك دوستىمىز. لېكىن شۇ، راست ئۆزى دېگەندەك، ئېلى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەننىڭ ياقى بۇرۇنقى 48 كىلودىن ھازىرقى 62كىلوغا چىقىۋېلىپ، چۈشەلمەي يۈرۈيدۇ. شۇڭا مەستۇرىئاي ئىككىسى تولىراق بىللە ھەرىكەت قىلىدۇ. نىشانلىرى بىر - ئۇ بولسىمۇ زىلۋا بولۇش... بۇ ئاتلارنى سۆيىمەن!!!

( داۋامى بار، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈلمىسۇن )

yusran يوللانغان ۋاقتى 2009-2-26 00:11:22

< كېلىڭلار، چاي ئىچىۋېلىپ، ئاندىن قىلىڭلار ئىشىڭلارنى!!!> مەرھابا پات - پات، كەيپىياتى جايىدا بولسا، بىزنى ئالتاينىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن، ئەتىگەنلىك چايغا تەكلىپ قىلىدۇ. بەك خوشال بولۇپ كېتىمەن، بۇنداق ۋاقىتتا... ئالىي مەكتەپكە كىرىپ، مەرھابا بىلەن بىر ياتاقتا يېتىپ، ئۇنىڭ نېنىنى يەپ ياخشى كۆرۈپ قالغان ياقى، ئۇنىڭ قانچىلىك جىق نەرسىلىرىگە شېرىك بولغىنىمنى بىلمەيمەن. ئىشقىلىپ، مەن بار ۋاقىتتا، يەشىكلىرىنى ئېچىپ، بىر نەرسىلىرىنى ئېلىپلا قالسا، بالاغا قالىدۇ. < ئاۋۇ نىمە ئاداش، ماۋۇچۇ؟! قاپقارا تۇرغانچۇ؟ ھەجەپ كۆرۈپ باقمىغانلام، تەمى قانداق؟ ئاپاڭ ئۆزى ياسامدا؟ > دەپ سۇئال سوراپ ساراڭ قىلىۋېتىمەن... < يەشىك كەلگەندە، بەرگەنغۇ ساڭا ھەممىدىن جىق تېخى، تارتە قولاڭنى، ئات، قېلىن ئات > دەپ قويىدۇ. ئۇنداق دىگىنىگە بولدى قىلمايمەن. < ئېچىم كىرىپ قالىدۇ، مەرھابا > دەپ نەرسىلىرىنى، ھەممىسىنى بىردىن يەپ باقىمەن. قىيزىسى بىلەن ئاق ماينى، يەپ قويىمەن ئەمما لېكىن. < ھەي!! سەن ئالتايلىق قازاققا تەگسەڭمۇ، بۇنداق يىسەڭ قىيزىنى توشىتالمايدۇ، ساڭا > دەپ قويىدۇ يەشىكلىرىنى ئوڭشىغاچ غودۇڭشۇپ.< سەن ھەسەنشېرىك بار يەردە، يەشىكىمنى ئاچقاندىن كېيىن، مەنمۇ ساراڭ!!> ئۆيىدىن كەلگەن يەشىكىدىكى نەرسىلەرنى مەن جىقراق يەۋېتىمەن، ئىشقىلىپ. مەرھابانىڭلا شۇنداق تېتىيدۇ، دېسە!!ھى ھى...

   < مېنى ساقلاپ تۇرۇڭلار!! يۈزۈمنى يۇۋالاي،،> دەپ ھاپىلا - شاپىلا يۈزۈمنى يۈيۈپ، داستىخانغا كېلىمەن. < ھى ھى ..مېنى ساقلاپ تۇرۇپسىلەر ھە؟! قەدىردانلىرىم.! > دەپ ھىجاراپ قويىمەن ھەممىسىگە قاراپ. < سەن ھەسەنشېرىك مەلىكىنى ساقلىماي بولامدۇ! يائاللا..> دەپ ھەممىسى تەنە قىلىشىدۇ..نىمە كارىم ؟! كۈلۈپ قويۇپ، تەكەللۈپسىزلا تۇتۇش قىلىۋېرىمەن.. چاي ئىچىپ بولۇپ، دۇئادىن كېيىنكى قاچا- قۇچا يىغۇشتۇرۇش، كامىلە بولسا كامىلەنىڭ، بولمىسا مەرھابا بىزنى تىللاپ تۇرۇپ، ئۆزى يىغىشتۇرىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا كۆپىنچە قازاقچە غودۇڭشىيدۇ.. شۇڭا نىمىلەرنى دەپ تىللايدىغىنىنى بىلەلمەيمىز.. ھەممىسى مەستۇرىئاي ئىككىمىزگە خىلى يول قويىدۇ،،< ئىككىلىرىنىڭ سۈرئىتى بەك << تېز>> ، چاققانراق بولىشالا، > دەپ كۆزلىرىنى ئالايتىپ قويىشى بار... ھەممىمىز مۇشۇنداق تەڭ جابدۇپ، سىرتقا چىقىشىمىزگە توغرا كەلسە، ياتاق ئىچىدە قىيامەت قايىم بولغىلى تاس قالىدۇ، جۇمۇ.. ئا نەرسەم قېنى دىسە، ما نەرسەم يوققۇ ئەمدى، دەپ... مەن قويغان نەرسىلىرىمنى تاپالمايلا، ھەممىسىنى بىسەرەمجان قىلىۋېتىمەن. كېيىن ئۇ نەرسە،يا يانچوقۇمدىن، يا ئۇخلاش كىيىملىرىمنىڭ ئىچىدىن چىقىپ قالىدىغان بولسا، ئەيھانناس..قىزلار تاس قالىدۇ مېنى يەۋېتەي دەپ قالغىلى.... ئەڭ ئاخىرىدا يەنە مەستۇرىئاي ئىككىمىز قالىمىز..  بولىشە ئاتلار دېسە، بولىشە دەپ، بىشىمىزدا دىۋەيلەپ تۇرىۋالىدۇ... مەرھابا ئاخىرى چىدىماي.. < بۇ ئىككىسى بولۇپ بولغىچە، > دەپلا، ياتاقلارنى شارت - شۇرت قىلىپ ، سۈپۈرۈپ تازىلاپ كېتىدۇ... ئىشىكتىن چىققىچىمۇ، بىرسى سومكىمىزنى، بىرسى دوپپا - شارپىمىزنى بىزدىن بۇرۇن ئېلىپ، كارىدورغا چىقىپ ساقلاپ تۇرىدۇ..

    تالا، ھەقىقەتەن بەك پەيزە ئىدى.... ئىچىمگە سوغۇق، ئەمما شۇنچىلىك ساپ ھاۋادىن قانغۇچە سۈمەردىم..< ئىمممممم...نىمداق پەيزە!!!> . فاكولتىتنىڭ مۇز چىراي مۇئەللىملىرىگە يولۇقۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، مۆكۈنۈپ - سوقۇنۇپ دەرۋازىدىن ئاران چىقىۋالدۇق. ( چۈنكى ماتىماتىكا فوكۇلتىت بىناسى، مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرگەندىكى ئوڭ تەرەپتىكى بىنا ). بىزنىڭ ياتاقتىكىلەرنىڭ ئوپچە پائالىيەتلىرىمىز بەك كۆپ، قىشتا قار تىيىلغىلى، ساماۋەر شورپىسى ئىچكىلى، چاڭغا تىيىلغىلى، بېرلىيات ئوينىغىلى، ( ئاساسلىقى مەرھابا ئوينايدۇ) كىنو كۆرگىلى كۆپ بارىمىز...

   قىزلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا، ھەممە نىمىنى، پۈتۈن جاھاننى ئۇنتۇپ كىتىمەن. ئۇلار بىلەن بىللە ئويناپ، بىللە كۈلۈپ، نىمە قىلغۇمىز كەلسە شۇنى قىلىپ، يايراپ كىتىمەن... ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوپچە پائالىيەت قىلىپ، سرتقا چىقساقلا، قىززىق ئىشلار ئۇچرىماي قالمايدۇ... ئالدىنقى بىر قېتىم، 63- يول ئاپتۇبىسىدا، ھەممىمىز چۈشۈپ بولساق، سەلىمە ئېگىز پاشنىلىق ئايىغىدا، مېڭىپ بولالماي، ئوپتۇبۇسنىڭ ئارقا ئىشىگىگە قىسىلىپ قالغانتى، بىر پۇتى بىر قولى سىرتتا، قالغان يېرى ئىچىدە،،ئۇ ھالىتىنى ئويلىسام..ھازىرمۇ كۈلگۈم كېلىدۇ... يەنە بىر قېتىم ، ئۆتكەن يىلى قىشقۇ دەيمەن..ھەممىمىز  نەرسە ئالىمىز دەپ،بازار ئايلىنىپ، ئادەمنىڭ ئۈستىگە ئادەم...ئالدى - كەينى بولۇپ مىڭىشىپ كەتتۇق.. بىردەمدىن كېيىن، قارىساق دېسۋان بىر خىيالىي، بىر خەنزۇ ئەرنى ( شۇنداقمۇ سەت، ئەمدى ئۇ يولداش )، قولتۇقلاپ، ئارقىسىغا بىرنىمىلەرگە قاراپ كېلىۋېتىپتۇ، ئۇنىڭغا قاراپ، بىز دېگەن كۈلۈپ تېلىقىپ قاپتۇق.... بىردەمدىن كېيىن، ھېلىقى يولداش ئۆزى بايقاپ قېلىپ، ۋوي..دەپلا، دېسۋاننى ئىتتىرىۋېتىپ، ئۇياق - بۇياققا قاراپ، ئۆزىنىڭ ھەمرايىنى ئىزدەپ كەتتى... دېسۋاننىڭ چىرايى ئۇ كۈندىكى......مەڭگۈ ئەستىن چىقمىغۇدەكلا. مۇشۇ يىل يازدىمۇ، ئىمتىھانلار تۈگەپ، قىزلار ئۆيلىرىگە قايتقاچ، سوۋغا - سالام ئالىمىز دەپ، بازارغا چىقتۇق... كىلەشىمىزدە، 7 - يولنىڭ مىنىبوسىدا، ئادەم شۇنداق جىقكەن، ھەممىمىزنىڭ قولىمىزدا تۇتىۋالغان مۇز - قايماق بار ئىدى. (شۆگاۋ).  باشقىلىرى مىنىبوسقا چىقىشتىن بۇرۇن تاشلىۋەتتى، يەپ بولالمىغانلىرىنى. مەن نىمىدەپ تاشلايتتىم؟!.. ئىسراپخورلق ياخشى ئىش ئەمەستە؟! مىنىبوستا ئۆرە تۇرۇپ، بىر قولۇمدا مەستۇرىئاينى تۇتۇپ تۇرۇپ، يەۋەردىم، بىردەمدىن كېيىن، مىنىبوس قاتتىق بىر تورمۇز تۇتۇپتى... ئۆزەمنى توختىتالماي، قولۇمدىكى مۇز قايماقنى، ئالدىمدىكى بىر يولداشنىڭ دۈمبىسىگە چاپلاپلام قويدۇم... ئاپلا،،ئەمدى قانداق قىلارمەن،دەپ تۇرۇشۇمغىلا، مەستۇرىئاي قولۇمدىن تارتىپلا، پەسكە ئەچۈشۈپ كەتتى... باشقا قىزلار..< ھەي..ھەي..ما ئىككى ئاتنى > دەپلا قېلىشقانىدى...... قىزلار ئۇنى - بۇنى دەپ، نەنمىندىكى خەلق تىياتىرخانىسىغىمۇ كېلىپ قاپتۇق......

خەلق تىياتىرخانىسىغا، ھەر قېتىم كىنو كۆرگىلى كەلسەك، مەن مەرھابا بىلەن بىللە كۆرەتتىم... ئۇ باشقا قىزلاردەك مۇھەببەت فىلىملىرىنى كۆرۈپ كەتمەيدۇ. بولسا، قورقۇنچلۇق فىلىملەرنى ياخشى كۆرىدۇ.... بىر قېتىم، مۇشۇ ساراڭ بىلەن بىر قورقۇنچلۇق كىنو كۆرىمىز دەپ كىردۇق. كورىيەنىڭ شۇنداق قورقۇنۇشلۇق كىنوسىكەن بولمىسا. ھەممىمىز دېگەن چېقىراپ، ئاشۇنداق كۆرسەك، ماۋۇ مەرھابا دېگەن ساراڭ، بىر كىنو تۈگىگىچە كۈلۈپ چىقتى ھە! مەن دىگەن تېرىكىپ، < بۇ ھەممە ئادەم قورقۇپ، چۆچۈپ، ئۆلەي دەۋاتسا، سەن نىمىگە ھىجاراپ بولالماي قالىسەن؟!..> دېسەم، < ۋاي، بەك قىززىقكەن ئۇ كىنو!! ھازىر ئويلىساممۇ كۈلىمەن ..> دەپ، يەنە كۈلگەنتى. شۇ چاغدىلا < ئىككىنچى سەن بىلەن كىنوغا كىرىدىغان بولسام..> دەپ، قەسەمياتلارنى قىلىپ كەتكەنتىم.....شۇڭا بۈگۈن < مەن ئايرىم كۆرەي!! سەن نىمە كۆرسەڭ كۆر .. > دەپ دۆلىتىمىز ئىشلىگەن بىر كومىدىيىلىك فىلىمگە كىرىپ كەتتىم.... قايسىمىز بالدۇر چىقساق، بىرىنچى قەۋەت چوڭ زالدا ساقلاپ تۇراتتۇقتە!  چىقسام، مەرھابا ئولتۇرىدۇ، < بالدۇر چىقىۋاپسەنغۇ؟ كەينىمدە قالغانتىڭغۇ؟ بايام. كىرمىدىڭمۇ يە؟> دەپ سۇئاللارنى سوراپ كېتىپتىمەن... قارىسام قاپاقلىرى چۈشۈپ كېتىپتۇ... بۇنىڭغا نىمە بولغاندۇر يەنە ، دەپ < مەن بىلەن كىرمىدى دەپ خاپا بولۇپ قالدىڭمۇ يا؟! > دېدىم يەنە، گەرچە مەرھابا، ئاشۇنداق ئىشلارغا بەك ئۆچ بولسىمۇ. <ماڭەۋا، ئىچىمنى سىقماي!!> دېدى ئۇ كۈلۈپ كېتىپ.. ئانغىچە قىزلارمۇ چىقتى... < ۋۇي؟! بىز تېخى سىلەرنى چىقتىمۇ، چىقمىدىمۇ دەپ، چۈشكەنتۇق؟! ۋوي؟ نىمە بولدۇڭلار؟ سوقۇشۇپ قالغاندەك ئولتۇرۇپ كەتتىڭلار؟> دېدى مەستۇرىئاي. < مەنمۇ بىلمىدىم، مەن باشقا كىنو كۆرگىلى كىرىپ كەتكەن بۇ قالغانتى يالغۇز..... باشقا بىر كىنو كۆرىمەن دەپ، چىقسام مۇشۇنداق ئولتۇرۇپتۇ، ئۇقمۇدۇم نىمە بولغانلىقىنى...> دېيىشىمگىلا، < دائىم سەن بىلەن بىللە كىرىپ، كىنوغا كۆنۈپ قاپتىكەنمەن، بايا تازا بىر قىززىق يېرى چىققانتى، ئۆزەمچە يىنىمدىكىنى سەن دەپ، قوللىرىنى تۇتۇپ تارتىپ كېتىپتىمەن، قارىسام يېنىمدا ئىككى ئوغۇل بالا ئولتاماسمۇ؟ ئورنۇمدىن قوپۇپلا چىقىپ كەتتىم شۇ!!> دېگەنتى، ھەممىمىز < ۋاي ماڭە !!> دەپلا كۈلۈپ كەتتۇق.... توۋا بىز ئوپچە پائالىيەت قىلساقلا، بىر قىززىق ئىش يۈز بەرمەي قالمايدۇ....

    بىرياقتىن كۈلگەچ، بىرياقتىن تىياتىرخانا يېنىدىكى قازاقلارنىڭ چايخانىسىغا كىردۇق، سائەت بىردىن ئېشىپتۇ، تاماق يەيلى، دەپ نارىن يېدۇق، تۇيۇقسىز ئاشخانا ئىچىگە قويۇلغان تېلىۋېزوردىن ، مەن ئاڭلىغان بەكمۇ بىر مۇڭلۇق كۈي چىقتى، ئىتتىك بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم... بىر قازاق قىز سەھنىدە ئېيتىۋاتاتتى.. < ۋىيىي، ئۇ كۈنى رافائىل تېلىفوندا ماڭا ئېيتىپ بەرگەن ناخشىسى مۇشۇ كەندە...> دېدىم كۆزلىرىمنى پىيالىدەك ئېچىپ، < ھە ،  راست شۇ ناخشىكەن ئاداش..> دېدى سەلىمەمۇ،،( سەلىمە مۇ  بىللە ئاڭلىغانتى ). < بۇ ناخشا، قازاقلارنىڭ مىللى ناخشىسى، ھەر قانداق مۇراسىملىرىدا ئانىنى، قېرىنداش - بالىلىقىنى،  ئۆينى، يۇرتنى كۈيلەپ ئېيتىدۇ> دېدى، مەرھابا بېشىنىمۇ كۆتۈمەي... < ھە؟؟؟؟؟؟ سەن ئېيتالامسەن؟ ئاداش!> دېدىم بېشىمنى تۆۋەن قىلىپ ئۇنىڭغا قاراپ. < ھە... بۇ ناخشىلار نىمىتى... كېيىن ئېيتىپ بېرەي ھە؟! > دېدى ئۇ ئاغزىغا تاماق سالغاچ... ئاندىن تۇيۇقسىزلا بېشىنى پەس قىلىپ.. < دېسۋان مېنى توساپ ئولتا ھە؟! ماياققىراق..ئاباي مەن قولىنى تۇتىۋالغان بالىلار ئاۋۇ > دەپ بولۇپلا، جەينىكىمگە بىرنى سالدى. <نىمىگە قارايسەن، ساراڭ ئات...بولە تامىقىڭنى يە چىقىپ كېتىمىز...>... ھېلىقى ئىككى بالا دەل بىزنىڭ ئۇدۇلىمىزدىكى ئورۇنغا كېلىپلا ئولتۇردى... بىردەمدىن كېيىن بىزنى بايقىغان بولسا كېرەك، بىر - بىرسىگە پىچىرلاپ، كۈلۈپ قويدى..  بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ گېپىنى قىلغان بولۇپ ئولتۇرىۋالدۇق.. يەنە شۇ < ئاي ئاي پۆپۈم> نىڭ گېپىنى قىلدۇق.. قىزلار ماخا ئۇنداقما؟ ماخا بۇنداقما؟ دەپ ئۇنىڭدىن بۇ ناخشىنى، ئاھاڭىنى سوراۋەردۇق،، ئاخىرى ئۇ تېرىكىپلا، < ھە..شۇ ناخشا ، قازاقلارنىڭ مۇشۇ ناخشىسى، ئاي ئاي پۆپۈم..> دەپ بىزگە ئازراق، غىڭشىپ بەردى... ئاۋازى بەك چىرايلىق جۇمۇ بۇ كاساپەتنىڭ..

   < ئىسمىڭىز ماخا ما ؟ > تۇيۇقسىز يېنىمدىن چىققان بۇ ئاۋازدىن چۆچۈپ كەتتىم... ( مەستۇرىئاي بولسا، مېنىڭ ئورنۇمدا ئەگەر، چاتاق چىقاتتى جۇمۇ) ..يېنىمدا، ياندىكى ئۈستەلدىكى ھېلىقى، مەرھابا قولىنى تۇتىۋالدىم، دېگەن بالا بېشىنى پەس قىلىپ، بىزگە، ئېنىقراقى مەرھاباغا كۈلۈپ تۇراتتى...  <ياق، ئىسمىم مەرھابا! > دېدى ئۇ.. < ئەمىسە، بايام ياقى دوستىرىڭىزنىڭ ھەممىسى سىزنى، ماخا دەپ چاقىردىغۇ؟> تازىمۇ قېلىن بالىكەن بۇ!.. < ئۇلار دېگەن مېنىڭ دوستۇم، سىز دوستۇمما؟!> دېدى مەرھابا قاپىقىنىمۇ ئاچماي.. < ھە...بوپتۇ، ھازىرچە مەرھابا دەپ تۇراي، بايامقى ناخشىنىڭ ئاھاڭىنى بەك ياخشى ئالدىڭىز جۇمۇ؟!! ئۇ ناخشىنى بىلىدىكەنسىز ھە؟!> دېدى ئۇ بالا بىر خىل جىددى پوزىتسىيە بىلەن...  < قانداق؟ پىكىر بارما؟ > مەرھابا بەكلا قېتىۋالدى ئەمدى.. پۇتۇم بىلەن ئاستا نوقۇپ قويدۇم... ماڭا قاراپ بىرنى ئالايدى دە!! < يەپ بولدۇڭلارما؟ ماڭامدۇق؟ > دەپ چاپىنىنى ئالدى...< ۋوي!؟ بايام ...كىنوخانىدا...ئەجەپ چىقىپ كەتتىڭىزغۇ؟!> ئەمدى ئۇ بالىنىڭ چىرايىدىن بىرخىل سەمىمىيەتلىك چىقىپ، ئۆزىمۇ سەل جىددىيلىشىپ تۇراتتى... مەرھابا ئورنىدىن شاپپىدە تۇرۇپلا، <نىمە؟ سىز كىنوخانىنىڭ باشلىقىما؟ چىققان كىرگەننى تىزىملايدىغان ئىشىك باقارىمۇ يا؟؟> دەپلا چىقىپ كەتتى. ئۇ بىچارە بالا تۇرۇپلا قالدى، بىردەمدىلا ئۆزىنى ئوڭشاپ، بىزگە كۈلۈپ قويدى..< سىلەر ئوقۇمسىلەر؟ > دېدى ئاخىرىدا قېلىپ، چاپىنىمىزنى كىيىۋاتقان، مەستۇرىئاي ئىككىمىزگە قاراپ.. قارىسام، بۇ بالا زادى يامان بالىغا ئوخشىمايتتى.. تېخى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلاتتىم... < ئىسمىڭىز نىمە؟ سىزنىڭ> دېدىم مەن قاپىقىمنى ئاچمايلا.. < ھە،ھە...ئىسمىم مەرغۇپ..پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇيمەن..> دېدى ئۇبالا تەمتىرىگەچ.. < ھە..ياخشى...مەرغۇپ...بىزنىڭ مەرھابانىڭ مىجەزى ئىتتىك كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ ھە..>دېدىم يالغان - راست كۈلۈپ قويۇپ... < ۋاي..ياقەي..بايا كىنوخانىدا بىزە ئۇقۇشماسلىق بولغان..بۇيەردەئۇچرىشىپ قېلىپ ھەيران بولۇپ تۇراتتىم..قارىسام ناخشىنىمۇ خېلى يامان ئەمەس ئېيتىدىغاندەك تۇرىدۇ... باشقىچە ئويلاپ قالماڭ،،مەنمۇ ناخشىغا، مۇزىكىغا قىزىقىمەنچۇ؟!> ھە،شۇ!  شۇنىڭغا بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىپتىمەنكەندە؟! < رافائىلنى تونۇمسىز؟ > < ۋۇي!!بىزنىڭ رافوشمۇ؟ گىتتار چالىدىغان؟!> ..بېشىمنى لىڭشىتتىم..دە، تېشىدا ساقلاۋاتقان قىزلارغا،  بوينۇمنى سوزغاچ، < 2876214 بۇ بىزنىڭ ياتاقنىڭ نومۇرى..مەرھابانى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ، ھەرگىز مېنى دېدى، دېمەڭ ھە؟! ئۆزەم تاپتىم دەڭ! > دېدىمدە ، ئۇ بالىنىڭ رەھمەتلىرىگىمۇ قۇلاق سالماي چىقىپ كەتتىم... < نىمە گەپ سېتىپ تۇرىسەن؟! > مەرھابا ئۆڭۈپلا دېدى... <ھە، ئۇ بالىمۇ ئاۋۇ ناخشىنى بىلەتتىكەن، شۇنى كىم ئېيتقان، دەپ سورىغان بىلمەيمەن، دەپ بولغىچە...> دېدىم گەپنى ياساپ... < بىر گەپنى يۈز قېتىم دېمىگەنسەن؟ بولغىنە، ئادەمنى مۇزلىتىپ!> دېدى ئۇ كۆزلىرىنى ئالايتىپ....

(  داۋامى بار، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈلمىسۇن )

yusran يوللانغان ۋاقتى 2009-2-26 00:15:38

  بۈگۈن بەكمۇ كۆڭۈللۈك ئوينىدۇق، بازار ئايلىنىپ، ئۇيۇنچۇق شەھىرىگە كىرىپ، ئۇيۇنلارنى ئوينىدۇق.. كەچتە ساماۋار شورپىسى ئىچكىلى باردۇق. ئۇ يەردە بىر مۇلازىمەتچى بەك قىززىق، مەرھابا ھاۋا تەڭشىگۈچنى جۆندەيمەن دەپ، ئەمدى ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ يىنىغا بېرىشىغىلا، ئاشۇ مۇلازىمەتچى كىرىپ قالدى، < ئاچا، سىز نىمە ئىش قىلماقچى؟ > دېدى مۇلازىمەتچى مەرھابانىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇرىۋېلىپ، < ئاچىڭىز، مانى ئوڭشىماقچى... سىلەرگە يۈز قېتىم دەپ ئاڭلىتالمىدىم، مۇلازىمەتچى ئۇكام، ماۋۇ نەرسىڭىزنى ئۆچۈرۋېتىڭ دەپ، ئاخىرى ئۆزەم قوپتۇم > دېدى مەرھابا خەنزۇچە، ( ئۇ مۇلازىمەتچى تۇڭگان ئىدى) . ھېلىقى مۇلازىمەتچى چىرايلىرىنى بىر قىسما قىلىپ، دوق قىلىپ ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئۆچۈرۈپ چىقىپ كەتتى. < چوپچوڭ تۇرۇپ سېنى ئاچا دەيدا، ئۇۋۇ مۇلازىمەتچى بالا..> دېدى دېسۋان كۈلۈپ تۇرۇپ..< ۋاي، نىمە دېسە دىمەمدۇ؟! ئىككىنچى كىلىدىغان بولسام بۇ يەرگە > دېدى مەرھابا ئاچچىقلاپ. قايتىدىغان ۋاقتىمىزدا ھېلىقى مۇلازىمەتچى ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپتىكەن < يەنە كېلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز > دەپ، مەرھابا قولىدىكى خۇرۇم پەلىيى بىلەن، ئۇ مۇلازىمەتچىنىڭ يۈزىگە ئاستا ئۇرۇپ، چىرايىنى ئۆزگەرتمەي، خەنزۇچە < بۇرادەر، ساڭا بىر سۆز سوۋغا قىلاي، ئۈرۈمچىدە جىنىمنى ياخشى جان ئىتەي دىسەڭ، ئەڭ ياخشىسى مۇئامىلەڭنى، پوزىتسىيەڭنى ئۆزگەرت!! ماقۇلما؟ ئاچاڭ ساڭا ياخشى بولسۇن دەپ دەۋاتىدۇ....> دېدى.   ( بۇ دوستۇم يىقىننىڭ ياقى سەل لۈكچەك مىجەز بولۇپ قېلىۋاتىدۇ دىسە،،) ھەممە ئادەملەر بىزگە قاراپ تۇراتتى.. قىزلار مەرھابانى سۆرەپلا ئاچىقىپ كەتتۇق. يول بويى كۈلۈپ، ئۇنى - بۇنى زاڭلىق قىلىپ، قانداقلارچە مەكتەپكە كىلىپ قالغىنىمىزنىمۇ سەزمەي قاپتۇق.. مەكتەپنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى، ئاق ساقاللىق، ئۇماق بۇۋايدىن مىۋىلەرنى ئالدۇقتە،، < بۇۋا، مۇزلاپ كىتىپلا! بولدى قالغان پۇلنى قايتۇرمىسىلا بىز رازى، بالدۇرراق قايتسىلا > دېيىشىپ، كۈلۈشكىنىمچە دەرۋازىدىن كىرىپ كەتتۇق... دائىم، ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدىكى ھېلىقى يەرگە كەلگەندە، ئامال بار دىققىتىمنى باشقا ياقلارغا بۆلۈپ كىرىپ كېتىشقا تىرىشىمەن ، ئەپسۇس، قانداقلا قىلىپ، شۇ كۈننى، ئەزىمەتنى ئازاپ ئىچىدە ئەسلىمەي تۇرالمايمەن، ھەم خېلىغىچە ئەسلىمگە قايتالماي كىتىمەن... يۈرۈگۈمنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، چوڭقۇر - چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، باشقا ئىشلارغا قەستەن مەشغۇل بولىمەن..... ئۇلۇغ ئاللاھتىن سەۋر - تاقەت بىرىشنى سوراپ كىتىمەن.... < نىمە ئويلاۋاتىسەن، ئات> مەستۇرىئاي ماڭا بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، پات - پات روھىي كەيپىياتىمغا سەپ سالىدۇ.. < ھېچنىمە، ئاداش.. سىڭلىمنى ئويلاپ قالدىم...> دېدىم كۆزلىرىمنى ئېلىپ قېچىپ، < سىڭلىڭنىمۇ؟ سىڭلىڭنىمۇ؟> دېدى سەلىمە چىرايلىرىنى بىر قىسما قىلىپ، بۇ سەلىمەنىڭ تاپمايدىغان گىپى يوق. مۇشۇنداق گەپلىرى بەك جىق..< يەمسەن؟ يەمسەن؟> ( يەمسەن يىمەمسەن دېگىنى ). <بارامدۇق؟بارامدۇ؟> ( بارامدۇق بارمامدۇق دېگىنى ) ئىشقىلىپ سۇئال سوراپ، تەنە قىلماقچى بولسىلا مۇشۇنداق سورايدۇ. بۇ گەپمۇ ئۇمۇملىشاي دەپ قالدى، يېڭىلىقلار ئاسان قۇبۇل قىلىنىۋاتقان بۇ ئاي، بۇ كۈنلەردە...

    ياتاققا كىردۇق... ئۇف،،دىيىشىپ، كارىۋاتلارغا ئۆزىمىزنى ئاتتۇق، ئەلۋەتتە، پەستىكى ئىككى كارىۋاتقا، بۇ توغۇرلۇق سەلىمە بىلەن مەستۇرىئاي قاخشاپ باقىدۇ ئەمما،، < كارىۋىتىڭلارغىمۇ چىقىپ يېتىپ قۇيۇڭلار، ئاتلار... ھېلىمۇ كارىۋېتىمىز پەسكە ساڭگىلاپ، يەرگە تىگەي دەپ قالدى..> ( ئاشۇرىدۇ بۇلار ) دېسەسەلىمە، مەستۇرىئاي پاس چىقىرىدۇ. < ئۇنى بىر دىمە، ئەتىگەندە كارىۋىتىدىن بىر چۈشىۋالسا، كەچ 11غىچە، كارىۋېتىغا چىقمىغان،،،كارىۋاتقا تۆلىگەن پۇلۇڭلارنى مەكتەپتىن ئېلىۋىلىپ، سېلى ئىككىمىزگە بېرىڭلار، ۋىجدانىڭلار بولسا...>.. < ۋىجدان؟! نىمە ئۇ؟ سەي قۇرۇپ يەۋەتتۇق؟ >..< ئۆيدە قاپتىكەن،،سەت بولدى..> دېيىشىپ كېتىمىز.. تېخى < ۋىجدانىڭلار بولسا، ئىككىڭ مۇشۇ گەپنى دىيىشەمسەن.. كېيىن يىتىڭلار، دىسەڭلارمۇ يوق بىز > دەپ، ئانچە - مۇنچە ئۆكتەملىكمۇ قىلىمىز... بۇگۈنمۇ شۇنىڭدەك، ئۈچتىن بولۇپ، ئىككىسىنىڭ كارىۋېتىدا قىسىلىشىپ، يىتىپ ئارام ئېلىۋاتاتتۇق.. ياتاقنىڭ تېلىفونى جىرىڭلىدى... < سەن ئالە، دېسە سەن ئالە..>..< سەن تىلىفۇن ئېلىشنى بىلمەمسەن؟> دېيىشىپ، ئاخىرى كامىلە ئالدى..( دائىم شۇنداق ئاخىرلىشىدۇ )..< ماخا!  سېنىڭكى...>،،< كىمۇ؟ ئا بولسا ئالمايمەن؟ ( رەپقەتنى  دەيدۇ ).> دېدى مەرھابا مىدىرلاپمۇ قويماي.. رەپقەت يەنىلا تولا تىلىفون قىلىپ، مەرھابانى ئاۋارە قىلىۋاتاتتى.. مەرھابانىڭ پوزىتسىيىسى بەك قاتتىق، ئىرادىسى ئاتتەك، ھەتتا رەپقەتنىڭ ئىسمىنىمۇ بىر قېتىم تىلغا ئېلىپ باقمىدى.. قايسىبىر كۈنى مۇشۇ توغۇرلۇق دېسۋان غۇدۇڭشۇپ، < ئەمدى بۇ ياتاقتا تۇققانلىرىمنىڭمۇ ئىسمىنى دىيەلمەيدىغان بولۇپ قالدىم.دىسە.. > دىگەن ئىدى،، دېسۋاننىڭ بىر نەۋرە ئاكىسى باتتى، پات پات دېسۋاننى ئىزلەپ كېلىپ، بىزنىمۇ تەڭ ئاچىقىپ مېھمان قىلىدىغان... سەل تولا گەپ قىلىدۇ ، لىكىن.. سەلىمە نەچچە قېتىم چېيىنى لىقلاپ، < چاي ئىچىڭە، ئۇسساپ قالدىڭىز ھە قاچان > دەپ قويسىمۇ، ئۆزىنى بىلەلمەي، دەۋىرىدۇ، بىر دېگەن گېپىنى قايتا - قايتىلاپ..  < ۋاي، ئەمەس ئات.. باشقا بىر بالىغۇ؟! > دېدى كامىلە كارىۋاتقا كېلىپ، ئولتۇرغاچ... يۈرۈگۈم < قارت> قىلىپ قالدى.. ھېلىقى ئاداش ئوخشىمامدۇ؟  ئاپلا.. مەرھابا تىللاپ كېتەرمۇ؟ ئۇ بالىنى... نىمە كارىم، مېنىڭ دىگىنىمنى دېمىسىلا بولدى..ئوغۇل بالا بولغاندىن كېيىن، ھەر قانچە بولسىمۇ دەپ يۈرمەس... دىگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم.. < ئالىيو! كىمۇ؟ > .. < كىمۇ؟؟؟؟؟ ھە مەن مەرھابا،.... >... جىم بوپكەتتىغۇ؟! ھەممىمىز قۇلىقىمىزنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاۋاتاتتۇق.. مەرھابا < ئىم..ئىم..> دەپلا تۇراتتى.. < كىمكەن؟ ماخا..> مەستۇرىئاي تاقەت قىلالمىدى بولغاي...سورىدى ئاۋازىنى پېس چىقىرىپ.. مەرھابا بىشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ، گەپ قىلمىدى..

مەرھابا تېلىفوننى قويۇپ يىنىمىزغا كېلىپ، گەپ قىلماي تۇرۇپ كەتتى. < نىمە بولدۇڭ؟ ئات، كىمكەن؟ > دېدىم خۇدۇكسىرەپ، < ھېىي؟!  توغرا ئەمەسقۇ؟! > دېدى مەرھابا كارىۋاتقا يۆلەنگەچ، ئويلىنىپ. < ھېلىقى كىنوخانىدىكى كالۋا كەن!!( زادى كىم كالۋا؟!) > دېيىشىگىلا قىزلار چىقىراپ كەتتى.. < ۋاي ماڭە؟! ئۇ قانداق ئۇقۇپتۇ؟! نىمە دەيدۇ؟! نىمانداق قىززىق !> دەپ ھەر تەرەپتىن چۇقۇرشۇپ كەتتى.. مەرھابامۇ ئويلانغاچ، < شۇ، مەنمۇ شۇنىڭغا ھەيران بولۇپ، ئۇ تىخى كەينىڭلارغا چۈشۈپ، تىپىۋالدىم، بىر قىزنى تاپالمىساق سەت تۇرا، دەپ كەتتى... لېكىن، قىززىق! ئۇ، سىلەرنىڭ ياتاققا تىلىفون قىلىۋاتقىلى نەچچە سائەت بولدى ئالىدىغان ئادەم يوق، دەيدا..راست. بىز   دەپ ماڭا قارايدۇ. تازىمۇ بىر جىڭ قاپاقباش بىرنىمە كەن، ئاۋۇمۇ؟! تىلىفون نومۇر دەپ بەرگەنگە تويغۇزامدۇ نىمە؟! < ھە... ئۇ بالا بەك جىددىيلىشىپ كېتىپ، تاققا - تۇققا سۆزلەپ قويدۇمۇ يە؟! ۋاي! قانداق تاپسا تاپمامدۇ؟! بەرىبىر ئۇقۇپ بولغان ئادەمنى!؟ ھە، ساڭا نىمە دەيدۇ؟ > دىدىم چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ، گەپنى بۇراپلا. < ۋاي! نىمە دەيتتى؟  شۇ بۇمۇ تەقدىر، مەنمۇ مۇزىكا، ناخشىنى ياخشى كۆرىمەن...ئەلەي- بەلەي، تۆمۈر قەلەي دىگەندەك..>.. قىزلار ھەممىمىز مەرھابانىڭ بۇ قىززىق ئۇچرىشىشىنى توختىماي تەھلىل قىلىپ، يېتىپ قالدۇق.. چىراقلىرىمنى ئۆچۈرۈپ، قولۇمدىكى كىتابنى، ياستۇقۇمنىڭ ئاستىغا باسۇرغاچ، سەلىمەنىڭ ئىلىيار بىلەن سۆزلىشىپ، قىلىۋاتقان سۆزى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.. < سورىما!! دىمەيمەن بەرىبىر، ساراڭ، قويۇۋەتتىم ھە؟! ئىشەك >. سەلىمەنىڭ ئىلىيارغا تۇتقان مۇئامىلىسى، بەزىدە نىرۋامغا تەسىر قىلىپ قالىدۇ، ئىككىسى تولا مۇشۇنداق، سوقىشىدۇ، سەلىمە تىللاپ يامانلاپ، قويىۋېتىدۇ. ئىلىيار يەنە ياندۇرۇپ ئۇرىدۇ.. بىردەم كۈلۈپ، <سىز>لىشىپ ھالى قالمايدۇ، بىردەمدىلا <سەن - پەن > دېيىشىپ، تىللاپ، تېلىفونلارنى جالاق - جۇلۇق قىلىپ، سوقۇشۇپ كېتىدۇ...

   ئىلىيار، ھەقىقەتەن ياخشى بالا. سەلىمەنى ياخشى كۆرىدۇ. ئىلىيارنىڭ دادىسى بىر قېتىملىق ماشىنا ۋەقەسىدە، قازا قىلىپ كېتىپتىكەن. ئاپىسى شۇنىڭ ياقى، ئۈچ ئوغۇلنى ئۆزى بېقىپ كېلىۋېتىپتۇ. شۇڭا، بىز بەك ھېسداشلىق قىلىمىز ئىلىيارغا، توختىماي سەلىمەگە خىزمەت ئىشلەيمىز، نەسىھەت قىلىمىز، گەرچە ئۇ ئانچە ئاڭلاپ كەتمىسىمۇ. سەلىمە،كەل دىسە كىلىدۇ، كەت دىسە كىتىدۇ ئۇ ئىلىيار. بىز، بىرخىل خىجالەت بولۇپ قالىمىز بەزىدە، ئىلىيار ياتاق بىنارىمىزنىڭ ئالدىدا بەك تۇرۇپ كەتسە. ئۇ بالا تولا كىلىدۇ، سەلىمەمۇ بارىدۇ، ئىككىسى 17-يولنىڭ شوپۇرلىرىنى باي قىلىپ بولدى، بۇ بېرىپ، بىردەمدىلا يامانلاپ كەلسە، ئۇ كەينىدىن قوغلاپ كېلىپ، يەنە كېتىپ دېگەندەك. ۋاي، بۇ ئىككىسى بەك قىززىق، تونۇشۇشىمۇ بەك قىززىق بولغان ئىدى. ئۇ چاغلاردا، ياتىقىمىزدا بىر بىكالىق كىچىك زېرەك باتتى، شەھەر ئىچىگە تېلىفون قىلساق، بىكارلىقتى.. سەلىمە بىر كۈنى، يېزا - ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتىدىكى بىر توردىشىنىڭ نومۇرىنى دېدى... شۇ ياتاققا ئۇرۇپ، ئادەم ئەخمەق قىلىمەن دەپ.. سەلىمە ئۇرۇپ، پالانچى بارمۇ ؟دەپ قالايمىقانلا بىر ئىسىمنى دېدى.. خاتا ئۇرۇپ قاپسىز دەپ قارشى تەرەپ قويۇۋەتتى.. ئاندىن بۇ، ئاغزىغا مۇشۇ ئىلىيار دىگەن ئىسىم كەپتىكەن، قارىسىغىلا، < ئىلىيار بارمۇ؟ > دەپ يەنە ئۇردى شۇ نومۇرغا، < مەن شۇ > دەپ راستلا بىرسى ئالدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ سەلىمە، ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ ئىلىيارنى ساراڭ قىلىپ قوياي دېدى، تىخى< ھەر كۈنى ياتىقىڭىزدا، مۇشۇ ۋاقىتتا جىم ئولتۇرۇڭ. مەن تىلىفون قىلىمەن > دەپلا قويىۋەتتى. شۇ كۈنىدىن باشلاپ، سەلىمە خۇدانىڭ قۇتلۇق كۈنى ، ئىلىيارنىڭ ياتىقىغا تىلىفون قىلىدۇ. ئۇ بالىنى ساز قىلىپ، ئۆلتۈرەيلا دەيدۇ.. كىم بىلسۇن ئەسلى، ئىلىيار ئۇ ياتاقتا ئەمەسكەنتۇق، ئۇ مۇشۇ ياتاقتىكى بىر دوستىنىڭ يېنىغا كىرىپ، پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتىكەن. شۇكۈنى سەلىمە تىلىفون قىلىپ < ئىلىيار بارمۇ ؟> دېگەن تىلىفوننى، مۇشۇ ئىلىيار ئېلىپ قاپتىكەن. شۇنىڭ ياقى بۇ بىچارە بالا،  تىلىفون سۆزلىشىمەن دەپ، ھەر كۈنى مۇشۇ ياتاقتا ساقلايدىكەن، بۇنىغۇ كىيىن بىلدۇق.. ئاخىرى ئىلىيار ئۆيىدىن قارشى تەرەپنىڭ نومۇرى چىقىدىغان، تىلىفوندىن بىرنى ئەكەپ قويۇپتۇ، بىشىدا نۇمۇر چىقماپتۇ، كېيىن بۇلار مۇشۇنداق تىلىفوندا سۆزلىشىپ، بىرەر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، بىر كۈنى تۇيۇقسىز چىقىپ قاپتۇ، بىزنىڭ كىچىك زىرەكنىڭ نومۇرى ھېلىقى قارشى تەرەپنىڭ نومۇرى چىقىدىغان تىلىفونغا.... سەلىمە بۇنى بىلمەي،يەنە داۋاملىق ئىلىيارنى ئۇنى - بۇنى دەپ، ساز قىلىۋېرىپتۇ.. بىر كۈنى، كۈندۈزى مۇشۇ كىچىك زېرەك سايراۋاتىدۇ، بۇنىڭغا ئالدىراپ تىلىفون كەلمەيتىدە؟! يەنە شۇ سەلىمە ئالدى.. ھە راست!.. ئۇنتۇپتىمەن..ياتاقتا سەلىمەنى بىز < تىلىفون مۇئەككىلى > دەيمىز، چۇنكى سەلىمە ئىشىكتىن كىرىدۇ، تىلىفوننى بىر ئېلىپ، قۇلىقىغا تۇتۇپ باقىدۇ، يا بولمىسا بىرىنچى بولۇپ دەيدىغىنى، < ماڭا تىلىفون كەلمىگەندۇ؟> قولفونى تۇرسىمۇ، مۇشۇ ياتاقنىڭ تىلىفونىغا ئالاھىدە ئىشتىياقى بار دەيمەندە بۇنىڭ.. ھە.گەپكە قايتساق، بۇ تىلىفوننى ئېلىپلا..< ھە؟ ھە! كىمۇ ؟ ئىلىيار؟ بۇ نومۇرنى قانداق بىلدىڭىز؟! > دەپلا سۆزلىشىپ كەتتى.. ئىلىيار بۇنىڭغا قوقاق سېلىپ يۈرۈپ، كۆرۈشتى... كېيىن يۈرۈپ قالدى، ئىككىسى.... لېكىن ، يېقىننىڭ ياقى بۇ سەلىمە سەل، ھەددىدىن ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ، بۇغۇ باشقا بالىلار بىلەن ئارىلىشىپ، مۇنداق قىلمايدۇ، ئىلىيار بولمىسا، زېرىكىدۇ، بولسا، تىخى زېرىكىدۇ. تىلىفون قىلسا، < نىمە قىلىۋېرىسىز؟ > دەيدۇ، قىلمىسا، < ئۆلدۈڭما؟!> دەپ تىللايدۇ.. بىر كۈنى نىمە دەيدۇ تىخى.. < ئىلىيارنى بىرەر قىزبالا ئازدۇرۇپ كەتسە بوپتىكەن...> ..ساراڭمىكىن دېسە، ئوڭدەك..بۇ سەلىمە.. < ئۇنداق يېرىڭ بولسا، ئۆزەڭ دە، ئايرىلىپ كىتەيلى ئىلىيار، دەپ>.. دېسەك، < ئۇنىڭ ئۇۋالىغا قېلىشتىن قوقايمەن..> دەيدۇ.. شۇنىڭ بىلەن مەرھابا تېرىكىدۇ.دە. < ۋاييەي!، كىم كىمنىڭ ئۇۋالىغا قالىدۇ، ھازىر بۇ جاھاندا! دەپ باقە سەن، ئىلىيارغا، ئايرىلىپ كىتەيلى، دېسەڭ نىمە دەيدىكىن، تېخى، ئۇمۇ ئاران تۇرامدۇ. ئايرىلىپ كېتەلمەي سەندىن، يا دىيەلمەي، سەندەك ئۇۋالىغا قالامەنمىكىن دەپ > دەيدۇ.. شۇنىڭ بىلەن جىم بولىدۇ، بىرەر مەزگىل.. يەنە نەچچە كۈن ئۆتۈپ يەنە باشلىنىدۇ.. بۇ ئىككىسى بىزنىمۇ ساراڭ قىلىپ قويايلا دېدى.جۇمۇ!!         

   مۇشۇلارنى خىيال قىلىپ، ئۇخلاپ قاپتىمەن.. بىر ۋاقىتتا بىرسى ئويغىتىدۇ، قارىسام مەرھابا... < تۇرە! ناماز ۋاقتى بولاي دەپتۇ.. ھاجەت ناماز ئۆگىتىپ قويىمەن دىگەنتىڭغۇ؟ > دېدى ئاۋازىنى پەس قىلىپ، ئاستى كارىۋاتتىكى سەلىمەمۇ قوپتى، شۇنىڭ بىلەن..< ئاداش، مەنمۇ ئۆگىنىۋالايچۇ!! > دەپلا.. < ۋايجان! خوشياقمىغاندا.. > دەپ غۇدۇڭشۇپ ئاران قوپتۇم... سەلىمەگە ئۆگىتىشكە ئۆچ مەن. قانداق دىسە، تەرەت ئېلىشتىن تارتىپ، تەڭ ئۆگەتمىسە، ھېچقانداق دۇرۇت، ئايەت، سۈرىنى بىلمەيدۇ. بىر كۈنمۇ رامىزان تۇتۇپ باقماپتىكەن،بۇ ئۆمرۈدە، مۇشۇ ياتاققا كېلىپ. ئەلھەمدۇلىللا شۇكرى، تولۇق تۇتتى، ئاللاھ خالىغان بولسا... بىردەمدىن كېيىن ،قالغانلىرىمۇ قوپتى... ھەممىمىز چىن ئىخلاسىمىز بىلەن، جەينامازغا تۇردۇق......

( داۋامى بار، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭلار )

yusran يوللانغان ۋاقتى 2009-2-26 00:17:14

  نامازلىرىمىزنى ئۆتەپ بولۇپ، ئىسلامىيەت توغۇرلۇق ئازراق ساۋات سۆزلەپ قويىمىز بەزىدە...بىلگىنىمىزنى دەپ.. < سەھىھۇلبۇھارى جەۋھەرلىرى > دىن تاللانما ھەدىسلەرنى ئوقۇپ، ئاللاھنىڭ غەزىبىدىن، قىيامەت كۈنىدىن، پىلسىرات كۆۋرىكىدىن، يەتتە قەۋەت دوزاختى قورقۇپ، بەزىدە يىغلاپ كىتىمىز... چوڭ دادام رەھمەتلىك دەپ بەرگەن بەزى گەپلەرنى، دەپ بېرىمەن بەزىدە.. < جەننەتنى ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم سەككىز قەۋەت قىلىپ، يارىتىپتۇ. جەننەتنى قانداق تەسۋىرلىسەم بولار؟ ئەمدى... جەننەتمۇ مۇشۇ دۇنيادەك، مەملىكەت، شەھەرلەرگە بۆلۈنگەن. ئەمما ئۇنىڭ گۈزەللىكى ، ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى جەننەتنىڭ گۈزەللىكى، بۇ دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل يەرلىرىدىن، نەچچە مىڭ ھەسسە گۈزەل. جەننەتتە ئاپتاپ، يەنى قۇياش بولمايدۇ، ئەمما ھەممە يەر يورۇق، سالقىن، خۇش بۇي پۇراپ تۇرىدۇ، جەننەتتىكى ئادەملەر ھەممىسى 33 يىشىدا تۇرىدۇ، ئادەم بەدىنىدە، قان، يىرىڭ بولمايدۇ، ھەممە يەردە پىشىپ مەي بولۇپ كەتكەن مېۋىلەر، شاخلىرىنى ئېگىپ، ئىي ئاللاھنىڭ بەندىسى مېنى يەڭ، مەن مۇنداق مېۋە، دەپ تۇرىدۇ. ئۇنى ئۈزۈپ يىسىڭىز، دەرھاللا ئورنىغا ئىككىسى پەيدا بولىدۇ، ئۇچار - قۇشلارمۇ يېنىڭىزغا كېلىپ، مېنى يەڭ، ئاللاھنىڭ بەندىسى، مەن مۇنداق قۇش بولىمەن، مېنىڭ گۆشۈم بەك تەملىك دەپ تۇرىدۇ، سىز ئۇنى يېيىشنى نىيەت قىلسىڭىز، بىردەمدىلا ئالدىڭىزغا، پىشىپ چىرايلىق. ئالتۇن - كۈمۈش تەخسىلەردە ھازىر بولىدۇ، ئۇ يەردە مەيلى سىز قانچىلىك يەڭ، ھەرگىز ھاجەت قىلغىڭىز كەلمەيدۇ، يىگەنلىرىڭىز خۇش پۇرقلىق تەرلەرگە ئايلىنىپ چىقىپ كېتىدۇ. جەننەتتە، بىر بازار بولۇپ، ئۇ بازاردا بىر نەرسە سېتىلايدۇ، ئەمما بەك گۈزەل نازىنىنلارنىڭ سۈرەتلىرى قويۇلىدۇ، سىز قانداق سۈرەتنى ياخشى كۆرسىڭىز، سىز شۇ سۈرەتتىكى نازىنىنغا ئايلىنالايسىز.. جەننەت خويمۇ گۈزەل يەردۇر، مەڭگغ چىقىپ كەتكىڭىز كەلمەيدىغان.. ئەڭ خوشاللىنارلىق يېرى، جەننەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى، فېردەۋىس جەننىتى بولۇپ، ئۇيەرگە بىرىنچى بولۇپ، مۇھەممەد س ئە ۋ بىرىنچى بولۇپ، كىرىدۇ، ئاندىن كەينىدىن ئاتا - ئانىسىنى  رازى قىلغان، ئىسلامىي مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلغان. مىسكىنلەرنىڭ بېشىنى سىلىغان، مال - دۇنيانى دوست تۇتمىغان سېخىي ھاتەملەر كىرىدۇ.. ئۇ يەردە ئۇلار، ئاللاھتائالاھ بىلەن، يۈزدە يۈز مۇڭدىشالايدۇ، بەندىلەر، ئەزىزلىرىم، بىز مۇسۇلمان، ئاللاھنىڭ بەندىسىگە ئۆزىمىزنى ياراتقان ئاللاھ ئىگىمىزنى كۆرۈشتىش ئارتۇق ساۋاب بولامدۇ.....جەننەتكە كىرگەنلەرمۇ دەرىجىسى بويىچە سەككىز جەننەتكە بۆلىنىپ كىرىدۇ، بايام دېگەندەك ، ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى جەننەتمۇ شۇنچىلىك گۈزۈل..... شۇ جەننەتنى ئويلاپ، ئاخىرەتنى ئويلاپ،، ئاللاھقا ئىستىغفار ئېيتايلى..> دېسەم، كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ، خېلىغىچە ئەسلىگە كېلەلمەي ئولتۇرۇپ كېتىدۇ. كۆزلىرىدىن ياشلار چىقىپ، ئاغزىلىرىنى ئۈمچەيتىپ.< دوزاخچۇ ؟ ئاداش، چوڭ داداڭ دوزاخنى دەپ بەرگەنمۇ؟! > دېيىشىدۇ...< دوزاخ توغۇرلۇقمۇ دېگەن..سىلەرگە مۇنداق دەپ بېرەي... ئاخىرەتتە، ھەممىمىز، دۇنيادا ياشىغانلىقى مەخلۇق تىرىلىپ، مەھشەرگاھتا تىزىلىپ، ئاللاھقا بۇ دۇنيادىكى قىلمىشلىرىدىن جاۋاب بېرىدۇ.. ھەممە ئادەم ئۆز ھالى بىلەن، ھېچكىم، ھېچكىمنىڭ ھالىنى سورىمايدۇ. ئۆز ھاللىرى بىلەن قېلىشىدۇ... ئۆلۈم، بىر قوشقارنىڭ سۈرىتىدە كېلىپ، بوغۇزلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈم تۈگەيدۇ، ئۆلۈش مۇمكىن بولمايدۇ..مەڭگۈلۈك ئەنە شۇ چاغدا بولىدۇ. ھايات ۋاقتىمىزدا، ئىككى مۆرىمىزدە ياخشى - يامان ئەمەللىرىمىزنى يېزىپ تۇرغان، ئىككى پەرىشتە، مۇنكىر - نىكىر لار ھەممىمىزنىڭ ئەمەللىرىمىزنى ئۆزىمىزگە قايتۇرۇپ بېرىشىدۇ. ئەمەلىمىز ئوڭ تەرەپتىن بېرىلىپ، مۇبارەكلەنگەنلىرىمىز، ئىنشائاللاھ جەننتىلىرىمىز. نام ئەمەلى سول تەرىپىدىن بېرىلگەنلەر. ئەي ئەزىزلىرىم ، رەببىمىز ئۇ كۈنلەرنى ھارام قىلسۇن، ئۇنداقلار دوزىخىلاردۇر... سۇئال - سوراق تۈگەپ، نام - ئەمەللەر تارقىتىلىپ بولغاندا، دوزاخ كەلتۈرىلىدۇ... (ئىي ئۇلۇغ رەببىم، گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن)،،دوزاخ خۇددى كۆيۈپ تۇرغان مەشكە ئوخشايدۇ. ئۇنى 70مىڭ پەرىشتە 70مىڭ ھالقىلىرىدىن كۆتۈرۈپ كېلىشىدۇ..ئەيھانناس... ئۇ دوزاخ يەتتە قەۋەت بولۇپ، ھەربىر قەۋىتى بىر تال تاشنى تاشلىساڭ، 70يىلدا ئاران تىگىگە چۇشىدۇ... دوزاخ بۇ چاغدا، ماڭا تۇترۇخ بولىدىغانلار قېنى، دەپ سورايدۇ، پەرىشتىلەر، پالانچىنىڭ ئوغلى پالانچى دەپ، توۋلايدۇ، ئاندىن ئىككى قولىنى بوينىدىن ئارتۇلدۇرۇپ، ئىككى پۇتىنى گەجگىسىگە ئەكىلىپ باغلاپ، دوزاخقا دومىلىتىپ تاشلايدۇ، ئۇلارنىڭ نالە - پەريادلىرىگە ھېچكىم قۇلاق سالمايدۇ.. جەھەننەم ، ۋەيلۇن دوزاخ دوزاخلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يامىنى بۇلۇپ، ئىمان ئېيتمىغان، ئىسلامىي يول تۇتمىغانلارنىڭ بارار جايىدۇر. بۇ چاغدا دوزاختىكىلەر كۆيۈپ كۈل بولۇپ، كەتسىمۇ، يەنە ئەسلىلىرىگە قايتۇرۇپ ئەكىلىنىپ، قايتىدىن ئازابلىنىدۇ. تېرىلىرى ئالماشتۇرۇلۇپ، ئازابنى كۈچەيتىپ تۇرىلىدۇ، ئوتتىن تەرەت ئېلىپ، ئوتتىن بولغان جاينامازلاردا ناماز ئوقۇلىدۇ.. ئۇلارنىڭ ئەلپازى بەكمۇ قورقۇنچلۇق بولۇپ، بۇ دۇنيادىكى ھەر قانداق قورقۇنچلۇق مەخلۇقلاردىن سەت ھەم شۇنچىلىك سېسىق.. ئەگەر ئۇلاردىن، بۇ دۇنياغا بىر دوزىخى كېلىنىپ قالسا، كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئەلپازىدىن قورقۇپ، شۇ زامات جان بەرگەن بولاتتى. دوزىخىلارنىڭ تامىقى قان - يىرىڭ بولىدۇ، ھە راست دوزاختا،،شۇنداق بىر دەراخ بولۇپ، زوققۇم ئىسىملىك بۇ دەرەخنىڭ مېۋىلىرى، دوزىخىلارنىڭ يەنە بىر ئوزۇقى بولىدۇ.. بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسى شۇنچىلىك ئاچچىق ھەم سېسىق بولۇپ، شۇ مېۋىنىڭ بىر تال پارچىسى، بۇ دۇنياغا چۈشۈپ كەتسە، پۇتۇن دۇنيادىكى مەخلۇق، ئۇچار قۇش، جانلىقلار بۇ سېسىقچىلقتا ئۆلۈپ كېتىدۇ، دەريالار، دېڭىز - ئوكيانلار قۇرۇپ كېتىدۇ... > دەپ گېپىم تۈگىمەي ئۆزۈم يىغلاپ كېتىمەن... قالغانلىرى مەندىن بەكرەك قورقۇپ، غال غال تىترەپ كېتىدۇ.. سۇئاللار باشلىنىدۇ < ئاداش، ناماز ئوقۇماي ياخشى ئادەم بولسا بولامدۇ؟ >.  بىلگەنلىرىم دادام - ئاپامنىڭ قىلغان نەسىھەتلىرى بويىچە بىلگىنىمنى دەيمەن.. < ئاللاھ ئىگەم، بىزگە نامازنى ئەسلىدىكى 500دىن 50كە، 50تىن 5ۋاق نامازگە چۈشۈرۈپ بەرگەن. موسا ئەلەيھىسسالام مۇھەممەد س ئە ۋ گە ، يەنە بېرىپ، ئاللاھ تائالادىن، تۆۋەنلىتىپ بېرىشنى دېيىشنى سورىغاندا، مۇھەممەد س ئە ۋ ئىززا تارتىپ، مۇشۇ 5 ۋاق نامازنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە، مۇھەمەدنىڭ ئۈممەدلىرىگە پەرز قىلىپ بۇيرىغان، ئاخىرەتتىمۇ بىرىنچى بولۇپ سورىلىدىغىنى، ناماز.. ھەتتا بىر مۇسۇلمان سۇغا چۈشۈپ كېتىپ، سۇدا غەرق بولۇپ ئېقىپ كېتىۋاتقاندىمۇ ئوقۇشى لازىمدۇر دېيىلگەنىكەن.. شۇڭا، ناماز 5 ۋاق ئوقۇلماي تۇرۇپ، مۇسۇلمان بولغان بولمايمىز.. >..< ئەمىسە ئاداش، بىز ياغلىق چەگمىسەك، قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغاندەك ئورۇلۇپ يۈرمىسەك، ئىسلامىي قىز ئاياللىرى بولماي تۇرۇپ، ناماز ئوقۇساق قانداق بولىدۇ؟> دەپ يەنە سورايدۇ بۇلار... بۇ تۇغۇرلۇق بۇرۇن مەندىن كۆپ ئادەملەر سورىغان . ھەتتا مېنى مەسخىرە قىلغاندەك،، < گۈليارۇۇۇۇ. سىز ئاداش يۈرۈشىڭىز بۇ مودا خېنىم، بەش ۋاق نامىزىڭىز نىمە بولدى ئەمدى > دەپ..شۇڭا بۇلارغىمۇ يەنە شۇ جاۋابىمنى بەردىم..<  قاراڭلار، قىزلار ،، دادام ماڭا كىچىكىمدە نامازنى يۈك بىلىۋالمىسۇن، ئۇنى خوشاللىقىم دەپ بىلسۇن دەپ، مېنى ماددى نەرسىلەر بىلەن، ئىلھاملاندۇرۇپ، ناماز ئوقۇتاتتى.. كېيىن مەكتەپكە بارغاندا، نامازلارنى ۋاقتىدا ئوقۇيالمىدىم ، قازا قىلىپ، پەرزىنى ئوقۇدۇم ( ھازىرمۇ شۇ،، جان بېقىشمۇ پەرز تۇرسا، مۇشۇنداق قىلماي ئىلاج قالمىدىغۇ) ، كېيىن سەل چوڭراق بولۇپ، ئۆزەمنى بىرخىل گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ، ناماز ئوقۇسام، خۇددى يالغاندىن ئوقۇۋاتقاندەك ھېس قىلىپ، ئاخىرى دادامدىن يەنە سورىدىم.. « دادا، مېنىڭ يۈرۈشۈم مۇنداق، ئىسلامغا يات، ئەمما ناماز ئۆتىسەم بۇ قانداق بولغىنى..» دادام كۈلۈپ، بېشىمنى سىلاپ، « ئاخىرى سورىدۇڭ بالام... ئەمىسە مەن سەندىن بىر سۇئال سوراي شۇنىڭغا ئالدى بىلەن جاۋاب بەر بولامدۇ؟..  بالام مەكتىپىڭلاردا، سىنىپىڭلاردا دەيلى، مۇئەللىم تاپشۇرۇق بېرەمدۇ؟  ، بېرىدۇ.. ئەمىسە مۇئەللىم تاپشۇرۇق بەرگەندە، دەرستە ياخشىلارغىلا، مۇئەللىمنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلىدىغانلا ئوقۇغۇچىلارغا بېرەمدۇ ياكى ھەممىڭلارغا تەڭ بېرەمدۇ؟ .. ھەممىمىزگە ئوخشاش بېرىدۇ.. دۇرۇس ،،ئەمىسە ئەتىسى تاپشۇرۇق يىغقاندا، ھەممىڭلاردىن يىغامدۇ؟ ياكى دەرستە ناچارلاردىن تاپشۇرۇقنى سورىمامدۇ يە؟ » دادامنىڭ دېگەنلىرىنى شۇ چاغدا ھېس قىلدىم...بەرھەق مەيلى قانداق بەندە بولايلى، ئۇ دۇنيادا نامازدىن جاۋاپ، ھېساب بېرىمىز.. شۇنىڭ ئۈچۈن شۇ بىر ھېسابتىن بولسىمۇ لاياقەتلىك بولاي دېسىڭىز نامازنى تولۇق ئوقۇڭ، چۈنكى ناماز، مۇسۇلمان بىلەن كۇپارنى پەرقلەندۈرىدىغان بىردىنبىر ئامىل.. >..مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىپ، دەرسكە چىقىدىغان ۋاقىت بولۇپ كېتىدۇ....

بۈگۈن يەنە قار ياغدى! نىمىدىگەن پەيزە.. گۈزەل ئىككىمىز سىرتنى بىردەم، ئۇنى - بۇنى دەپ ئايلاندۇق.. ئىككىمىز بىر يەرگە كەلسەك، باشقا گەپنى ئانچە قىلىشمايمىز، ئۆيىمىزنىڭ ، ياتاقتىكىلەرنىڭ گەپلىرىدىن باشقا، ئۆزىمىز گەپ قىلىپ، ئۆزىمىز كۈلۈپ بەزىدە... ئالىي مەكتەپنىڭ تۇنجى يىلىدىكى گەپلەرنى دېيىشىپ، تېلىقىپ قالىمىز كۈلۈپ... بۈگۈنمۇ، ئاستا يېغىۋاتقان قارنى دەسسەپ، ھەممە يېرىمىزنى چىڭڭىدە ئوراپ، مەيدانغا چىقىپ ئايلىنىپ كىردۇق.. بىرسىمىز گەپ قىلساق،  بىرسىمىز زوڭ ئولتۇرىۋېلىپ كۈلۈپ، ئىككى قەدەم ئالدىغا ماڭساق. بىر قەدەم كەينىمىزگە يېنىپ ئۆزىمىزنى ئۇنتۇغان ھالدا، بۇرۇنمۇ نەچچە قېتىم دېيىشكەن گەپلەرنى دېيىشىپ كېتىمىز... < سەنچۇ تېخى بىر قېتىم، ياتاقتا ھەممىمىز ئولتۇرساق، سەن ئۇخلاپ قاپتىكەنسەن، بىر ۋاقىتتا كۆزۈڭنىمۇ ئاچماي، مېنىڭ چېچىمنىڭ بۈدرە قىلىنىش نىسبىتى يۈز پىرسەنت، دەپ جۆيلۈپ كەتكەنتىڭ، ھەممىمىز قاراپ قېتىپلا قالغانتۇق. تىخى سېنى چاقچاق قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ، دەپتۇق، شۇ كۈنى نەچچە قېتىم جۆيلىگەنتىڭ مۇشۇنداق دەپ... > دېدىم شۇ ۋاقىتنى ئەسلەپ كۈلۈپ تۇرۇپ.. < ۋاي، ھەممىنى قىلغان ئايشەمگۈل دېگەن بىرمە!! چېچىڭ بەك يۇمشاق بۈدرە قىلسا قەتئىي بولمايدۇ دەپ، كاللامغا بەك تەسىر قىلىپ كەتكەن ئوخشايدۇ، شۇڭا، شۇنداق جۆيلۈپ كېتىپتىكەنمەن، سەنچۇ، تېخى بىركۈنى كەچتە، قارا بېسىپ قېلىپ، يىغلاپ ئويغۇنۇپ كېتىپ بىزنىمۇ ئۇخلاتمىغانتىڭ، ئەمدى بىر ئۇخلايلى دېسەك، ياتاققا تىلىفون كېلىپ قالدى.. سەن بىسمىللاھىرراھمانىررەھىم، دەپ ئالغانتىڭ، ھەممىمىز تېلىقىپ قالمىدۇقمۇ؟! > دېدى ئۇ ئۆزىنى ئاران تۇتىۋېلىپ.. < مەنمۇ شۇ قوقاپ، ئاران ياتقانتىم، يا سەن خەق ئالمىساڭ..ئايەت ئوقۇۋاتاتتىم، بىلمەيلا بىسمىللاھىرراھمانىررەھىم، دەپ ئاپتىمەن..  ئۇ ساراڭ، مەھبۇبەنىڭ ئوغۇل دوستىتىغۇ! مەن جىن، دەپ كېتىپتۇ، ئاچچىقىمدا تىللىۋەتكەنتىم... > ئىككىمىز مۇشۇنداق تاققا - تۇققا گەپلەرنى قىلىپ،  ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتۇق،

    گۈزەل، < رافائىل ئەپەندىم، كەپتۇ، ئات> دېمىگەن بولسا، ئۇنى كۆرمەي ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتەرمەنكەنتۇق.. گۈزەلنىڭ مەن بىلەن تۇنۇشۇپ،  مۇشۇ كەمگە قەدەر بىر ئوغۇل بالىنى بولىدىكەن دېيىشىنى،ھەم ئۆزلىگىدىن تىغا ئېلىپ سورىشىنى،  مۇشۇ رافائىلنى گۈزەلگە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن ئاڭلىغانىدىم.. گۈزەل، رافائىل بىلەن سالاملىشىپ قويۇپلا كىرىپ كەتتى.. < كەلگەن ئادەم نىمە دەپ تېلىفون قىلمىدىڭىز؟ مۇزلاپ بۇ يەردە تۇرغۇچە. > دېدىم سەل ئاچچىقىم كېلىپ، < قولفونىڭىزغا قاراپ بېقىڭە!! گۈليارە. > دېدى ئۇ ھېچقانداق ئىپادىسىزلا، پەلەيلىرىمنى سېلىپ، يانچوقىمدىن شۇنداق تەستە قولفونۇمنى ئېلىپ قارىدىم..ۋۇي؟! 24قېتىم تېلىفون قىلىپتۇ.. < ۋەيەي!! ئاڭلىماپتىمەن، بەك ئىچىگە سېلىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قولفونۇمنىڭ ئاۋازىمۇ تۆۋەن.. > دېدىم قولفونۇمغا قاراپ، < ياتاققىمۇ قىلدىم، ھېچكىم يوق...شۇڭا كېلىپ قالا، دەپ ساقلاپ تۇردۇم، > دېدى ئۇ خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان كىچىك بالىدەك بېشىنى تۆۋەن قىلىپ.. < ھە..بۈگۈن كېلىمەن دېمىگەنتىڭىز؟ دەرسلەرچۇ؟ تۈگىدىما؟ > < تۈگىدى، تۈنۈگۈن ھەمىمىزنى پىراكتىكا قىلىدىغان ئىدارىلىرىمىزگە بۆلۈپ، تۈگەتتىغۇ؟! > .. رافائىل كېلەر يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ، < ھە.. ياخشى بوپتۇغۇ؟! ئەمدى ئۆيدە تۇرىدىغانسىز؟! مەكتەپتە ئىشمۇ بولمىغاندىن كېيىن... > دېدىم ئۇنىڭ مۇزلاپ كەتكەن يۈزلىرىگە قاراپ.. < قېنى بىر گەپ بولا!!  سىزنى كۆرمەك ھەجەپ تەس بولۇپ كېتىپ بارىدۇ، گۈليارە!  > دېدى ئۇ ھېلىقى يېشىلغا مايىل كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ تۇرۇپ،، < ما گەپنى! مەن ئەرزانچىلىققۇ؟!! ھېلىمۇ كۈندە دېگۈدەك، ئىلغار ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرىمىز بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرىۋاتىمىزغۇ؟!! > دېدىم بېشىمنى پەس قىلىپ پۇتۇمنىڭ ئۇچىنى يەرگە ئۇرغاچ... < سىزنىزە؟!!! ئۇماق.. قاچانمۇ مېنى بىلگۈدەك بولارسىز؟! ھە، گۈليارە... > ..رافائىلغا تىكىلىپ قاراشتىنمۇ قورقىمەن.. ئۇنىڭ شۇ كۆزلىرىدىن چىقىپ تۇرغان، دېڭىز كەبى چوڭقۇر مۇھەببەتلىرىدىن قورقىمەن، ئۆزۈمنىڭ چۆكۈپ كېتىشتىن ئەمەس، رافائىلنىڭ ئۆزىنىڭ تۇنجۇقۇپ قېلىشىدىن قورقىمەن.. < يۈرۈڭە، بولدى! ئۇماق..سىزنى بىر يەرگە ئاپىراي دەپ كەلگەنتىم،، ھېلىمۇ كېچىكىپ كەتتۇق... > دېدى ئۇ قولۇمدىن تارتقاچ.. < ھە؟؟ نەگە؟! نىمە ئىش قىلغىلى؟! > دېدىم جىددىيلىشىپرەك. < ئالداپ ئاپىرىپ سېتىۋېتەي سىزنى!! سىزدەك گەپ ئاڭلىمايدىغان ئۇماقنى!! > دېدى رافائىل بۇرنۇمنى چىمدىغاچ... بۈگۈن ئۇ دېمىسىمۇ ئالاھىدىرەك، ياسىنىۋالغان ئىدى... لېكىن، ئۆزى سەل توغرىسىغىمۇ يوغانراق ھەم ئاق سېرىق بولغاچقىمىكىن، تولاراق راھەت، ئازادە كىيىملەرنى كىيىدۇ. تېخى رەڭلىك، ساپ ئۇ كىيىملىرى... < ۋاي!!! نەگە؟ دېمىسىڭىز بارمايمەن جۇمۇ؟!! > دېدىم قاپىقىمنى تۈرۈپلا.. < بىزنىڭ بالىلارنىڭ يىغىلىشىمىز، ئۇلار گېپىڭىزنى ئاڭلىغىلى ئۇزۇن بولدى!! سىزنى كۆرىمىز دەپ كېتىپ بارىدۇ! ئۇلارمۇ ھەممىسى دېگۈدەك قىز دوستىنى ئېلىپ كېلىدۇ؟! گۈليارە..> دېدى ئۇ يالۋۇرغاندەك نەزەردە.. < مېنى نىمە دەپ كۆرىدىكەن؟! يا مەن تاشقى پىلانتتىن كەلگەن ئادەم بولمىسام ..قىززىق..> دېدىم تۇمشۇقۇمنى سوزۇپ..< يەنە كېلىپ، مۇشۇنداقلا بارامدىم، يا بالدۇر دېمەپسىز؟! مۇشۇ ئەپتىم بىلەن بارسام، سىزنى زاڭلىق قىلىپ كەتمىسۇن > دېدىم رافائىلغا قاراپ..... < ما قىزنى.. نىمە دەيدىغاندۇ؟! چىرايلىق، سىز نىمىلا كىيسىڭىز چىرايلىق.. ھازىرقى بۇ تۇرقىڭىز تېخىمۇ ئۇماق..>دېدى رافائىل، تىزىمدىكى قارنى قولى بىلەن قېقىۋەتكەچ.. پۇتۇمدا، ئاقۇش بوقۇچلۇق تەنتەربىيەچىراي ئاياق، سۈترەڭ چىپەرقۇت ئىشتاننىڭ..بايام ياقى قار ئويناپ ئۇيەر بۇيەرلىرى ھۆل..ئالدىدا قورچاقنىڭ سۈرىتى بار قىزىل مايكام.، چېچىمدىنغۇ سۇ ئېقىۋاتىدۇ..ئالدى تۈز قىلىپلا، تەكشى كېسىلگەن، كەينى چاچ بوغقۇچتا مۇنداقلا قىلىپ، ئېگىز بوغۇۋالغان...ئۈستۈمدىكى قىزىل تەتۈر خۇرۇم كالتە پەلتورۇممۇ..شارپا پەلەيلىرىممۇ، ھەممە نەرسەم ھۆل بولۇپ كەتكەن، بۇ ئەلپازىم بىلەن ئۇنداق يەرلەرگە قانداق بارىمەن، دەپ بولغۇچە.. رافائىل قولۇمدىن تارتىپلا ئېلىپ ماڭدى... < گۈليارە، قوسقۇڭىزغا بىرنىمە يەۋالامسىز؟! ئۇ يەردە تۇنجى كۆرۈشكەن ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا تارتىنىپ، بىرنىمە يەلەمەي قالماڭ يەنە، > دېدى رافائىل مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ كېتىپ بېرىپ...< ماقۇل، قوسقۇممۇ ئاچقان > دېدىم قوسقۇمنى تۇتقاچ.. بۇ رافائىل ئەزەل - ئەزەلدىن مۇشۇنداق ئەستايىدىل دەيمەندە!!!

  ( داۋامى بار ، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ )

yusran يوللانغان ۋاقتى 2009-2-26 00:20:44

مەشرەپ رېستورانىنىڭ ئايرىمخانىسىغا كېلىپ، <كىرمەيمەن، ئۇنداق جىق تونۇمايدىغان ئادەمنىڭ ئارىسىدا ئىززا تارتىمەن > دەپ تۇرىۋالدىم، تەتۈرلىكىم تۇتۇپ. رافائىلنىڭ سەۋىرچانلىقى، كەڭ قورسالىق بىلەن، < كىرگىڭىز بولمىسا، مەيلى گۈليارە، ئەمىسە ئىككىمىز ئاستا مىڭىپ مەكتەپكە بارايلى، مەن كەچتە ئۆيگە قايتاي، بولامدۇ؟ > دېيىشى، سەل ئىززا تارتقۇزدىمۇ قانداق، ئاخىرى، < بولدى، ئەمدى مۇشۇ يەرگە كېلىپ، كىرمەي كەتمەيلى، بىردەم ئولتۇرۇپ ماڭايلى > دېدىم يەنە ئاخىرى..... رافائىل بىلەن كىرسەك، ھەممىسى كېلىپ بولۇپتىكەن، گۈررىدە ئورۇنلىرىدىن تۇردى، ئۇ ئادەملەرگە تۈزۈكمۇ قارىيالماي، ئارانلا ئولتۇرىۋالدىم... ھېلىمۇ ياخشى، مۇزىكا ئەترىتىدىكى بالىلارمۇ باركەنتۇق.. شۇلارنى كۆرۈپ ئۇف دېدىم.. < چاپىنىڭىزنى سېلىۋېتەمسىز؟ يا، بولدىمۇ؟ > دېدى رافائىل ئاستاغىنا. ھە، دەپ چاپىنىمنى يىشىپ، ئاسقۇغا ئېسىپ قوياي دەپ ئورنۇمدىن تۇرۇشۇمنى بىلىمەن.. مېڭەمدىن كىرگەن بىر تىترەك، پۇتۇمنىڭ ئۇچىغا باردى... قوللۇرۇم جالاقشىپ تىترەپ، چاپىنىم قولۇمدىن چۈشۈپ كەتكىنىنىمۇ سەزمەپتىمەن.. ئۇدۇلۇمدا ئەزىمەت ئولتۇراتتى.. بېشىنى پەس قىلىپ، ماڭا قارىمىغان بولسىمۇ، مەن بىر كۆرۈپ تونۇدۇم، يۈرۈگۈم تونىدى.. مېنىڭ بۇ خائىن يۈرۈگۈم،  پەقەت ئەزىمەتنى كۆرگەندىلا،  مۇشۇنداق بىسەرەمجان سوقۇپ، مېنى ئۆزەم ئەمەس قىلىپ قويىدۇ..!! < گۈليارە! مۇزلاپسىز؟ھە؟ مىجەزىڭىز يوقما؟ بولدى چاپىنىڭىزنى كىيىۋېلىڭە؟!! > رافائىل يەنە نىمىلەرنى دەپ كەتتىكىن تاڭ! بىلمىدىم ،، ئىككى قولۇم بىلەن توختىماي تىترەۋاتقان پۇتۇمنى چىڭ تۇتىۋالدىم.. <مانى ئىچىپ بېقىڭە! بولمىسا، بىززە ئىسسىپ قالارسىزمىكىن ! > يېنىمدا ئولتۇرغان، دومباقچى بالىنىڭ قىز دوستى گۈلمىرە قولىدا بىر سىركاي قايناقسۇ تۇتۇپ تۇراتتى. < رەھمەت > دەپ ئالدىمدە، گۇپ - گۇپ قىلىپ ئىچىۋەتتىم. بايامقىغا قارىغاندا خېلى ياخشى بولۇپ قالغان ئىدىم... رافائىلنىڭ دوستلىرى توختىماي چاقچاق قىلاتتى، < رافائىل ماڭغۇزۇپ ئەكەلدىڭمۇ نىمە بۇ سىڭىلچاقنى؟! مۇزلاپ كېتىپتۇغۇ!>، < ئۆزبەك قىزلىرىغىلا ئوخشايدىغۇ، بۇ قىز، شۇنىڭغا ئىزدەپ تاپىمەن دەپ يۈرۈپتىكەنسەندە،،> ،<ئاران تاپقاندىن كېيىن، ئوبدان قارا، ئاغرىتىپ قويماي > دېسە، مۇزىكا ئەترىتىدىكى بالىلارنىڭ قىز دوستلىرىمۇ كەپتىكەن، بەك مىجەزى ياخشى قىزلار، شۇلار < ۋاي، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، تېخى بۇ بالا باققۇزدى ئۆزىنى بىرەر ئايدەك..> .< شۇنى دىمەمدۇ؟! بەك يۇۋاش قىزكەن بۇ، كىچىك دەپ بوزەك قىلىپ ، مۇشۇ رافائىل > دەپ ئوغۇللارغا گەپ بەرمەي ئولتۇراتتى، بېشىمنى كۆتۈرمىسەممۇ، ئۇدۇلۇمدىكى ئەزىمەتنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ھېس قىلالايمەن. توۋا!! خۇدايىم ، ئەزىمەت ئىككىمىز يا، بىر رەقىبلەر بولمىساق، بۇنداق دائىم تار يولدا ئۇچرىشىدىغان، ئاشۇ ئاسمىنى كەڭ مەكتەپتە بىر قېتىم ئۇچراشتۇرمىغانتىڭ، ئەمدى بۈگۈنكىدەك، ئەل - ئۆمرۈمدە بىر قېتىم كەلگەن مۇشۇ يەردە، مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئۇچراشتۇردۇڭغۇ؟~ ئەزىمەتنىڭ ئالدىدىكى شۇ كىچىككىنە غورۇرۇمنى ساقلاپ قالاي دەپ، قانچىلىغان قېتىم ئۆز ھېسسىياتىمنى بېسىۋېلىپ، ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرىشقىنىمنى بىلەتتىڭغۇ؟!! تىرىك بەندەڭنى مۇشۇنداق ئازابلامسەن ؟ ئەي ئۇلۇغ خۇدا!! بىر تال چوغنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرساممۇ بۇنچە قىينالماس ئىدىم.. ئىچىمدە يۈزمىڭلىغان قوللار يۈرۈگۈمنى تاتلاپ، نەپىسىمنى قىسماقتا.. چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، ئۇف دەۋالغۇم كېلىپ، بېشىمنى كۆتۈردۈم.. كۆزلىرىم ئەزىمەتنى ئىزدىدى. ئۇ يوق! ئۈستەلدىكىلەرگە قاراپ چىقتىم يوق.. ئەمدى قەلبىمنى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز سېغىنىش، تەشنالىق ئىگەللىدى. كۆزلىرىم، قەلبىم ئۇنى ئىزدەيتتى... ئىشىك ھەربىر ئېچىلىپ يېپىلسا، ئۈمۈدلىك كۆزلىرىمنى ئىشىككە تىكەتتىم. تۇيۇقسىز پۈتۈن جاھان مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك مەنىسىز بولۇپ تۇيۇلدى، ئەتراپىمدىكىلەر نىمە دەۋاتىدۇ، نىمە قىلىۋاتىدۇ، كاللامغا كىرىپ چىقمايتتى، ئەزىمەتسىز بۇ يەر، ھەتتا پۈتكۈل جاھان مەنىسىز بىلىنمەكتە ئىدى. تۇيۇقسىز ئورنۇمدىن شۇنداق تېز تۇردۇمكىن، كۆز ئالدىم بىردىن قاراڭغۇلۇشۇپ، يەنە ئولتۇرىۋالدىم. < نىمە بولدىڭىز؟ مىجەزىڭىز يوق ھە؟! . ئاپلا، كەلمىسەكمۇ بوپتىكەن گۈليارە، چىرايىڭىزمۇ بىر قىسما، يۈرۈڭە ماڭايلى!> دېدى رافائىل پارغا يېيىپ قويغان، پەلەي شارپامنى ئالدى دە، قالغانلارغا ئۆزرە ئېيتىپ ئورنىمىزدىن تۇردۇق.. < سىلەرمۇ ماڭامسىلەر؟ ۋاي ، بۈگۈن نىمە بولدى؟! ئەزىمەتمۇ مىجەزىم يوقتەك تۇرىدۇ، ئەتە مۇسابىقەم باتتى دەپ كېتىپ قالدى، رافائىل، گۈليارەنى ئاپىرىپ قويۇپ كېلەرسەن بولمىسا، ھە؟! > دەپلا قالدى قالغانلار.

    سىرتتا قار يەنە يېغىۋاتاتتى.. شۇنچە گۈەل، لېكىن شۇنچە غەمكىن يېغىۋاتاتتى، مېنىڭ كۆڭلۈمدەك، پەرىشان. بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قارىدىم، قارلار يۈزۈمگە چۈشتى، كۆزۈمدىن ئاققان ياش بىلەن بىللە ئېرىپ چۈشتى.. < گۈليارە، گۈليارە،.. دوختۇرخانىغا كىرەيلى يۈرۈڭە. خاپا بولماڭ، ھە؟! ئۇماق.. مىجەزىڭىزنىڭ بۇنچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەي ئولتۇرىۋېرىپتىمەن، > دەپ رافائىل شارپىسى بىلەن يۈزۈمنى ئېيتتى.. ئاستا بۇرۇلۇپ،  ئۇنىڭ شۇ چەكسىز مۇھەببەت تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىگە قارىدىم. رافائىلنىڭ كۆزلىرىگە قاراۋاتىمەن، كۆزۈمدىن بولسا، ئەزىمەت ئۈچۈن ياش تۆكۈلىۋاتاتتى.. < ياق، رافائىل، ھېچقىسى يوق.. ياتاققا قايتاي..>.

    ياتاق بىناسىغا كىرىپ، بىرىنچى قەۋەتنىڭ ئىچىدە بىر قاراڭغۇ يەر بار، ( بۇرۇن مەرھابا رەپقەت بىلەن تېلىفوندا سۆزلىشىدىغان يەر ) شۇ يەرگە ئارانلا ئۈلگۈردۈم، تامغا يۆلىنىپ، كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمدۇم.. ئىچىمدىن شۇنداق بىر يىغا ئۆرتەپ چىقىۋاتاتتى... دوپپام بىلەن پەلىيىمنى پۇرلايلا ئاغزىمنى چىڭ ئەتتىم، پۇتلىرىمدا جان يوق،  ئاستا سىيرىلىپ،يەردە ئولتۇرۇپ قالدىم.. ئۆكسۈپ - ئۆسۈپ يىغلىساممۇ ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس. توۋا، دەيمەن نەدىن كەلگەن ياش بۇ... كۆزۈمدىن يامغۇردەك تۆكۈلىۋاتاتتى، خىيالىمدا، مۇشۇ يىغامغا تەسەللى بولغۇدەك بىرنەرسە ئىزدەيتتىم، ئىچىمدە  ئەزىمەت ، دېگەن ئىسىمنى توختىماي زىكرە قىلاتتىم.. ماڭا تەسەللى بولغۇدەك ھېچكىم، ھېچنىمە يوق... مەن نىمانچە بىچارە... تۇيۇقسىز ئېسىمگە ئەزىمەتنىڭ ماڭا بەرگەن خېتى، كىتابى ئېسىمگە كەلدى. قولۇمدىكى دوپپا،  پەلەيلىرىم بىلەن يۈزۈمنى سۈرتتۈمدە، ئوقتەك ئېتىلىپ كارىدوردىن چىقتىم.خۇددى سۇدا ئېقىپ كېتىۋاتقان ئادەم، بىرەر تال ئېسىلىپ، ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالالىغۇدەك نەرسىنى كۆرۈپ شۇنىڭغا ئىلتىجا قىلغاندەك...توختىماي يۈگرەيتتىم.. خۇددى بىر مىنۇت كېچىكسەم،  ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۈمۈدتىنمۇ ئايرىلىپ قالىدىغاندەك.. جېنىمنىڭ بارىچە يۈگرەيتتىم.. نەچچە قېتىم مۇزدا تېيىلىپ كېتىپ يىقىلىپمۇ چۈشتۈم.. كۈتۈپخانا بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلدىم ئاخىر.. ئىشىككە قارايدىغان تەتەيخاننىڭ < ھەي..ساۋاقداش، كىنىشكىڭىزنى چىقىرىڭ>  دېگىنىگىمۇ قارىماي، ئاتتەك چېپىپ، كىرىپ كەتتىم.. 3- قەۋەتكە چىقىپ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم.. قېنى؟! ئىشكاپلار قېنى!! ئالدى - كەينىمگە چاپاتتىم.. يوق!! كارىدوردىكى تۆمۈر توساققا يۆلىنىپ قالدىم.. كۆزۈمدىن چىقىۋاتقان ياش، تىزلىرىمغا چۈشەتتى.. قايغۇ - پىغانغا تولغان يۈرۈگۈم سانجىپ ئاغرىيتتى... < ئاداش؟!! > بىرسى جەينىكىمدىن يېنىك تارتتى.. بېشىمنى ئاران كۆتۈردۈم.. مەرھابا!!ئالدىمدا زوڭزۇيۇپ ئولتۇراتتى

  < توۋا!! مانى راست سەنكەنسەنغۇ؟!! نۇنۇ، سېنى كۈتۈپخانىنىڭ ئالدىدىن يىقىلىپ - قوپۇپ ئىچىگە كىرىپ كەتتى،، يىغلىغاندەك قىلىدۇ، دېسە تېخى ئىشەنمەي كىرگەنتىم.... > دېدى مەرھابا يۈزلىرىمگە چاپلىشىپ كەتكەن چېچىمنى ئوڭشىغاچ.. < ئاداش.. مايەردىكى ئىشكاپلار قېنى؟! نەگە ئاپىرۋەتتى، ئاداش.. > كۆزلىرىمدىكى ياشنى پەقەتلا توختىتالمىدىم..مەرھابانىڭ قولىغا چىڭ ئېسىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا يالۋۇرغاندەك قىلىپ تۇرۇپ سورىدىم.... < جېنىم ئادىشىم ، ئۇ ئىشكاپلارنى نىمە ئىش قىلىسەن؟! تۈرە ئورنىڭدىن،  جېنىڭ چىقىپ كەتسىمۇ.. > ئۇ مېنى يۆلىمەكچى بولاتتى... روھى چىقىپ كەتكەن بىر قۇرۇق تەننىڭ ئۆرە تۇرغىنىنى كۆرگەنمىدىڭىز؟!! < ماڭا دەپ بېرە ئاداش... بۇ ئىشكاپلارنى نەگە ئاپىرىۋەتتى؟!!> ئۇنىڭغا ، مەرھابانىڭ پۇتلىرىغا ئېسىلىپ قالاي دېدىم... مەرھابا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ماڭا تازا قاراپ كېتىپ.. < نەچچە قېتىم ياتاقتا دېدىققۇ؟ كۈتۈپخانىنىڭ ئىچىدىكى ئىشكاپلارنى يېڭىغا ئالماشتۇرىدىكەن، ئىچىدىكى نەرسىلىرىڭلارنى ئېلىۋېلىڭلار ، دەپ ئۇقتۇرۇش چاپلاپتۇ، دەپ... سەن مېنىڭ ھېچنىمەم يوق دېدىڭغۇ، ئاداش..جېنىم ئات ئادىشىم.. > دېدى،، < مەن ئاشۇنداق دېدىمما؟! مەرھابا، مەن ئاشۇنداق، مېنىڭ ھېچنىمەم يوق دېدىمما؟!! جېنىم ئاداش،،شۇ گېپىمگە ئىشەندىڭلارما ئاداش.. مېنىڭ جېنىم مۇشۇ ئىشكاپتا تۇرسا، مېنىڭ يۈرۈگۈم مۇشۇنىڭ ئىچىدە تۇرسا ئاداش، مەن يەنە ھېچنىمەم يوق دېدىمما؟!! ئۇ بولمىسا مەن ئەمدى قانداق ياشايمەن ئاداش.. يۈرۈگۈم يوق قانداق ياشايمەن؟!!> بېشىم يەرگە تىگىپ قالايلا دېدى، كۆزۈمدىن ئاققان چەكسىز پۇشايمان، ئۆكۈنۈش، سېغىنىشلار ئارىلىشىپ كەتكەن بۇ تۈگىمەس ياشلىرىم مۇزدەك سىمۇنتقا چۈشۈپ، ھېچنىمىگە تەسىر قىلالمىدى... مەرھابا پۈتۈن كۈچى بىلەن تارتىپ، ئورنۇمدىن تۇرغۇزدى.. < جۈرە، قېرىندىشىم.. بۇ يەردە بۇنداق تۇرساڭ پەقەت قاملاشمىدى.. ماڭە، شۇ كونا ئىشكاپلارنى نەگە قويدىكىن سوراپ باقايلى، پەسكە چۈشۈپ..> دوستلۇق ئاجايىپ ئۇلۇغ بولىدىكەن!! ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭگىمۇ، دىيەلمىگەن سۆزلىرىڭنى دەيدىكەنسەن، سېنى جېنىدىنمۇ ئارتۇق كۆرگەن ئادەممۇ ، ياردەم قىلىشقا ئامالسىز قالغاندا، يەنە شۇ دوست ياردەم قىلىدىكەن. مەيلى بىز ئادەتتە كىچىك بىر نەرسىلەرنى تالىشىپ سوقۇشايلى، تەنە گەپلەرنى دەپ كۆڭلىنى ئاغرىتايلى.. لېكىن ، ئۇ دوستلۇق لازىم بولغاندا،  شەرتسىز سەندىن ياردىمىنى ئايىمايدىكەن... شۇڭا، ئۇلۇغ كىتابلىرىمىزدىمۇ ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ،  بۇ ئۆمرۇدە بىر قىيامەتلىك دوست تۇتۇشى قەيت قىلىنىپتىكەن ئەمەسمۇ، مەرھابا مېنى بىرىنچى قەۋەتتىكى، ھېلىقى تەتەيخاننىڭ دىجورنىلىق قىلىدىغان ئۆيىگە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ،< مىجەزى يوق ئولتۇرۇپ تۇرسۇن، مەن ھازىر كېلىمەن > دەپ چىقىپ كەتتى.. دېرىزىدىن سىرتقا قارىدىم..قار تېخىچە يېغىۋاتاتتى.. شۇنچە مىسكىن، شۇنچە پەرىشان. كۆڭلۈمدىمۇ، قەلبىمدىمۇ شۇنداق بىر زىمىستان قىش بولۇۋاتقاندەك تىترەپ كەتتىم. ھېلىقى تەتەيخان بىر ئىستاكانغا قايناقسۇ قۇيۇپ سۇندى،< مىجەزىڭ بەكلا يوقمۇ نىمە؟!! مە، مانى قىززىق ئىچىۋالساڭ، ئىسسىپ ياخشى بولۇپ قالىسەن!!>  تايىپ بولسىمۇ، بۇنىڭدىن شۇنچىلىك سۆيۈنۈپ كەتتىم، يا ئادەم مۇشۇنداق ۋاقىتتا، بەك نازۇك بولۇپ قالامدۇ؟! بىلمىدىم كۆزلىرىمدىن تارام - تارام ياشلار ئىستاكانغا چۈشتى.. قايناقسىنى ئىچمىسەممۇ، ئىككى ئالقىنىمدا چىڭ تۇتۇپ، مۇشۇ كىچىككىنە ھارارەت بىلەن قەلبىمدىكى شۇ مۇزلارنى ئېرىتمەكچى بولۇۋاتاتتىم.... مەرھابا يۈگرەپ كەلدىدە، تەتەيخانغا رەھمەت ئېيتىپ، شارپىلىرىمنى يۆگەتكۈزۈپ ئېلىپ ماڭدى... < ئۇنۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىگە ئەكىرىپ قويدىمىكىن ، دەيدۇ، شۇ يەرگە بېرىپ باقايلى، ھە؟! > دېدى ئۇ كۈتۈپخانىنىڭ ئايلانما ئىشىكىدىن چىقىۋېتىپ.. گەپ قىلماي كەينىدىن ماڭدىم...

   مەرھابا پەلەمپەيدىن چۈشكەچ، مېنى قولتۇقلىۋالدىدە، < ئات، مەيلى ئۇ نەرسە تېپىلسۇن، تېپىلمىسۇن. تەقدىرگە تەن بېرىشنى ئۆگەنگىن. مەنمۇ شۇنچە تىركىشىپ ئەڭ ئاخىرى تەقدرىگە تەن بېرىپ، ئۆتىۋاتىمەنغۇ مانا!! ئۆلۈپ قالمىدىم، شۇ كۈنلەردە، سەن، ياتاقتىكىلەر، مېنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدىغىنىڭلارنى ھېس قىلدىم، مەن ئاشۇنداق بىر ئەرزىمەس ئادەمنى دەپ، سىلەرنى ، سىلەرنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭلارنى خارلىغۇم كەلمىدى، مۇنداقچە دېگەندە، ئاداش. مەن سىلەرگە قاراپ يۈز كېلەلمەي قالدىم. مۇشۇ قىزلار مەن ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىۋاتسا، مەن نىمە ئۈچۈن ئۆزەمنى يىڭەلمەيمەن..دەپ جىق ئويلىدىم قارا.. ( جىق سۆزلەرنى خەنزۇچە دېدى ). ھازىر مەن بىر ئوبدانغۇ.مانا. >دېدى قولىنى يانچۇقۇمغا تىقىپ قولۇمنى تۇتقاچ.. < بىلىمەن، سەن ئەزىمەتنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭ!! دېمىسىمۇ مەنچە ئىككىڭلارنىڭ بەك تەقدىرى بىركەن.. شۇنداقمۇ توغرا كېلىشلەر بولامدۇ؟! مەستۇرىئاي ماڭا نەچچە قېتىم كۆرسىتىپ قويدى ئۇ بالىنى، رافائىل ئىككىسى پۈتۈنلەي ئىككى خىل ئادەمدەك ھېس قىلدىم.. بۇ ئەزىمەتمۇ شۇنداق قاملاشقان، ئۆزىنى ناھايتتى تۇتىۋالغان بالىكەن، سۈرلۈككەن ھەم. نىمە دەيمىز، بەك ئوغۇل بالىدىك ئوغۇل بالىكەن.. لېكىن ئاداش، سەن ئويلىغىنە!! ئۇنىڭ قىز دوستى باركەن، شۇنداق ئۇزۇن بولۇپتۇ، ئۇ قىز بىلەن يۈرۈۋاتقىلى، سەن مۇشۇنداق قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنە پۈتۈن ئازابنى ئۆزەڭ تارتىسەن،، بىچارە رافائىلغا قارا، بۇ بالا يا باشقا بالىلاردەك، قېلىن قاتتىق بالا بولمىسا، ساڭا چىڭراقمۇ بىر ئېغىز گەپ قىلمايدۇ، سېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدۇ. ئون ئېغىز گەپ قىلسا، بەش ئېغىزى گۈليارە،دەيدىكەن بۇ بالا دەپ نىجاتلارمۇ شۇنداق دەيدۇ، رافائىلنىڭ نەرى ئەزىمەتتىن كام ئاداش، نەرى دەپ باقە!! گۈزەل جېنىدا دەۋاتىدۇ، مەن كۆرگەن ئوغۇللارنىڭ ئىچىدە ئەڭ لاياقەتلىكى مۇشۇ رافائىل ، دەپ..  خەقنىمۇ بۇنداق بوزەك قىلما ، ئاداش، ئۇ بىچارىنىڭ سېنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمۇ گۇناھ ئەمەسقۇ؟! يەنە كېلىپ ئۇ بالا، سىنىڭ ھازىرقى بۇ تۇرقۇڭنى كۆرۈپ كۆيۈپ قالغانلار ئەمەس، ئاداش، 15 يىل بىر ئادەمنى كۆڭلىدە ساقلاپ، ئىنتىلمەكمۇ ئاسان ئىش ئەمەس ئاداش، شۇ رافائىلغا ئاللاھمۇ ئوڭ كۆزىدى قاراپ، ساڭا ئۇچراشتۇرغىنىغىمۇ تويغۇزىۋەتمە!.ئەمدى.. > يەنە نىمىلەرنى دېدىكىن بۇ كاسكا، ئېسىمدە يوق.. ھېلىقى بىنانىڭ ئالدىغا كەلسەك تاقىۋېتىپتۇ... مەرھابا ئىتتىك ماڭا قاراپ، ئاندىن سائىتىگە قارىدى..< تۇققۇز دىن ئېشىپتۇ ، ئەمەسمۇ، ئات..يۈرە ، ئەتە كېلەيلى...> دېدى ئۇ مېنى ئاستا تارتقاچ.. ئۇ ئۇنۋېرسال بىنانىڭ يەر ئاستى،  قىشنىڭ كۈنى تەنتەربىيە دەرس ئۆتىدىغان چوڭ كارىدور ئىدى، بەدەن چېنىقتۇرىدىغانلار، تىك - تاك توپ ئوينايدىغانلارنىڭ كېچىسىمۇ،  كىرىپ - چىقىۋاتقىنىنى بۇرۇنمۇ كۆرگەن ئىدىم... يەر ئاستى كارىدورغا كىرىدىغان پەلەمپەيدىن چۈشتۈمدە، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئىشىكنى ئۇردۇم، تەپتىم... ئاچىدىغان ئادەم يوق. تۆمۈر ئىشىكنىڭ تاراقشىغان ئاۋازى جىمجىت مەكتەپ قوينىنى بىر ئالدى... كۆزلىرىمدىن،  ھېلىقى ھار ئالماس ياشلىرىم يەنە يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك چۈشتى... ئاھ، خۇدا.. شۇ خەتنى بىر كۆرىۋالغان بولسام، شۇ كىتابنى بۇرنۇمغا يېقىن ئەكىلىپ پۇرىۋالغان بولسام، سېغىنىشتىن ئۆرتەنگەن قەلبىم ئازراق بولسىمۇ، تەسەللى تاپار بولغۇيتتى... نىمىشقا، نىمىشقا مۇشۇنداق بولىدۇ... يەنە شۇ يىغلاپ - يىغلاپ ھېرىپ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدىم.. مەرھابا ئاستا يېنىمغا كەلدى... قولۇمدىن تارتىپ تۇرغۇزۇپ، ئىشتانلىرىمنى قاقتى، چاچلىرىمنى ئوڭشىدى، يۈز - كۆزۈمنى سۈرتتى،، < ئەتە، جېنىم چىقىپ كەتسىمۇ، ساڭا ئۇ نەرسىلىرىڭنى تېپىپ بېرىمەن، ئات... ئەمدى بولدى قىلغىن، بەك جىق يىغلىساڭ يامان بولىدۇ، ياتاققا كىرىپ، تاتلىقلىرىم بىلەن چاي دەملەپ بېرىمەن، شۇنى ئىچىپ بىر ئۇخلىساڭلا ئەتە بولىدۇ، .. بولامدۇ؟ ئاداش> دېدى قوللۇرۇمدىكى مەينەتلەرنى سۈرتكەچ.. ئۇنىڭغا ئېسىلىپ قايتىدىن يىغلاپتىمەن....  بىر چاغدا، ياتاقتىكى ئاتلارمۇ يۈگرەپ چىقىپتۇ، ھەسىرەپ - ھۆمۈدەپ..< ۋۇي!! نىمە بولدى؟ 414نىڭ قىزلىرى ئىككىڭلارنى مۇشۇ يەردە سوقۇشىۋاتىدۇ، دېسە، ئاتتەك يۈگرەپ چىقىپتۇق..> دېدى كامىلە مېنىڭ يەردىكى پەلىيىمنى ئالغاچ،، قالغانلارمۇ سومكىلىرىمىزنى، ئۇ بۇ نەرسىلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ، ياتاققا كىردۇق......

( داۋامى بار، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ )

بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: مۇھەببەت ئارمانى