amanxah يوللانغان ۋاقتى 2009-2-24 20:52:16

يىڭى كەشپىيات تۇغرىسىدا ئىزدىنىش

يىڭى كەشپىيات تۇغرىسىدا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ، ياخشىمۇ سىلەر ؟

مەن تۇرمۇشتا تۈۋەندىكى ئىككى كەشپىيات بوشلىغىنىڭ بارلىغىنى ھېس قىلىپ قالدىم ( بۇرۇن كەشىپ قىلىنىپ بولدىمۇ يە بىلمەيدىكەنمەن) تورداشلارنىڭ ۋە ھەر ساھەدىكى دوستلارنىڭ ئورتاق ئەقىل پاراسىتىنى ئىشقا سىلىپ ئىجادى تەپەككۈرىنى ئۇتتۇرغا قۇيۇپ بېقىشىنى ۋە مۇمكىن بولسا قول سېلىپ كەشىپ قىلىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن ۋە يەنە تۇرمۇش ، ئۈگىنىش ، خىزمەت ۋە باشقا جەھەتلەرگە قۇلايلىق ئىلىپ كىلىدىغان كەشپىيات بوشلىغى مەسلىلىرىنى ھەم ئىجادى تەپەككۈر يوللىرىنى ئۇتتۇرغا قۇيۇپ بېقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

بىرىنجىسى،ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى بىلەن كىچىسى يول يۈرگەندە قارشى تەرەپتىن كىلىۋاتقان ماتورلۇق قاتناشنىڭ چىرىغىنىڭ كۆزنى چىقىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدىغان ئەينەك(ئەسۋاپ ياكى قۇرۇلما).

مىنىڭ بۇنى ئۇتتۇرغا قۇيۇشۇمدىكى سەۋەپ بولسا : ئوز بىشىمدىن ئۈتكەن بىر ئىش، مەن بىر كەچلىگى موتو بىلەن كىتىۋېتىپ قارشى تەرەپتىن كىلىۋاتقان ماشنا چىرىغىنىڭ كۆزۈمنى چىقىشى بىلەن ئالدىمدىكى كۆۋرۈك ياساش ئۈچۈن دۆۋېلەپ قويغان شاغالنى كۆرەلمەي يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلانغان ، ماڭا ئۇخشاش ۋەقەلەرگە ئۇچرىغانلار خېلى بار ئىكەن .

ئىككىنجىسى ، بىنا ئۆيلەردىكى ئىسسىتىش قۇرۇلمىسى بار ئۇبۇرنا ( ئولتۇرىدىغان يەنى ھاجەت قىلغاندا بەدەنگە بىۋاستە تىگىشىپ تۇرىدىغان ئورۇننى ئىسسىتىش قۇرۇلمىسى بار بولغان )

مىنىڭ بۇنى ئۇتتۇرغا قۇيۇشۇمدىكى سەۋەپ بولسا : ئۇبۇرنىغا كىرىپ ھاجەتكە ئولتۇرغاندا ئادەمنىڭ يۇتا ۋە كاسسىلىرى ئۇبۇرنىغا تىگىشكەندە بەك سۇغۇق بولغاچقا مۇزدەك ئۈتۈپ ئادەمنى سەسكەندۈرۈۋېتىدىكەن .

قىنى تورداشلارنىڭ ئىجادى پىكىر قاتناشتۇرۇشىنى ۋە بۇنىڭدىن باشقىمۇ بايقىغان كەشپىيات بوشلۇقلىرىنى دادىل ئۇتتۇرغا قۇيۇپ ئارىمىزدىكى قۇلى ئەپلىك ، ئەقىللىق ، چىچەن ، سەزگۈر كەشپىياتچىلىرىمىزغا يول ئىچىپ بېرىشكە ھەسسە قۇشۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ، رەھمەت .

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2009-2-24 21:48:19

ھاھاھا ... مەن ئۇچىرىغان، لىكىن كەشپىيات توغىرسىدا ئويلىشىپ باقماپتىكەنمەن. ياخشى باشلىنىش...

ئا بىرىنچىسى دىمىسىمۇ نۇرغۇن ئادەمنى جىلە قىلدىغۇ دەيمەن

Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2009-2-24 22:00:03

ئاۋۇ ئوبۇرنى كەشىپ قىلىنىپ بولغان. ھەتتا تەرەتنى قىلىپ بولسڭىز يۇيۇپ قويۇدىغىنىغىچە بار

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2009-2-24 23:48:56

چوتكىلاپ قويىدىكەن دەپ ئاڭلىغانتىم

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2009-2-25 03:26:40

ھا ھا ....

قورسىقى يامان يوغان بىر خىزمەتدىشىم بۇلىدىغان . بىر چاغدا قوتۇر سۈپۈركىدىن بىرنى كۆتۈرۈپ مېڭىپتىكەن . نىمە قىلىسەن ؟ ئىستىنجا قىلغاندا ئىشلىتەمسەن دەپ ساپتىكەنمەن . يېرىم سائەتتىن كىيىن تىللاپ كىرىپتۇ مىنى . ئىنكاسى ئاستىراق بالىتى

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2009-2-25 05:41:49

ئىملا خاتالىقىنى تەكشۈرۈپ، يازغان خەتلىرىڭىزنىڭ ئۇيغۇرچە ياكى ئەمەسلىكىنى توغرىلاپ بېرىدىغان بىر نەرسە كەشىپ قىلسىڭىز بەك توغرا بولغۇدەك!!!

نېمە دېگەن جىق خاتالىق يازغان خەتلەردىكى!!

Xman يوللانغان ۋاقتى 2009-2-25 07:38:35

بىرىنجى خىلىدا ئەسلى ماشىنا موتولار يول ماڭغاندا ئېتىباربېرىشكە تىگىشلىك قائىدە بارغۇ دەيمەن ، ئالدىدا باشقا قاتناش ۋاستىسى كېلىۋاتقان بولسا چىراقنى بىر ئۆچۈرۈپ بىر ياندۇرۇپ ماڭىدۇ ، يەنە چىراغنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىدۇ ، بۇنداق قىلسا ھەر ئىككەيلەنگە پايدىلىق ...

temkin يوللانغان ۋاقتى 2009-2-25 09:04:59

ئىككى ئۇزۇن چىراق ئۆز-ئارا ئۇچراشقاندا ئاپتوماتىك يېقىن چىراققا ئۈزىدىغان ئەسۋابنى ھېندىستاندا بىرەيلەن كەشىپ قىلىدى دەپ ئاڭلىغان .

ماۋۇ توربەتتىكى ئەسۋابمۇ شۇنداقراقكەن، ئالدىراش... تەرجىمە قىلىپ بولالمىدىم http://www.auto1688.com.cn/news/108/auto23323.html

freebird يوللانغان ۋاقتى 2009-2-25 10:19:41

سىز دىگەندەك ئوبۇرنىنى مەن 7 يىل بۇرۇنلا كۆرۈپ باققان ، ھازىر تەرەققى قىلىپ قايسى دەرىجىگە يەتتى ماڭا نامەلۇم .

بەت: [1]
: يىڭى كەشپىيات تۇغرىسىدا ئىزدىنىش