ھەقىقىي گۈزەل ئاياللاردىن بولۇشنى خالىسىڭىز
1.خىزمەت ئۇرنىڭزنىڭ ياكى ئىش ھەققىڭىزنىڭ يۇقىرلىقى،چىرايىڭزنىڭ گۈزەللىكى، مال دۇنيالىرىڭىزنىڭ مول، تۇرمۇشىڭزنىڭ باياشادلىقى ،ئىرىڭىزنىڭ ياكى ئاتا-ئانىڭزنىڭ ھوقوق-ئىمتىيازى بىلەن ماختانماڭ.
2.قۇشنا-خۇلۇم، دوسىت-بۇرادەر.خزمەتداشلىرىڭىزنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىلماڭ.،گەپ تۇشۇماڭ.چۈنكى، يامان گەپ ياخشى گەپتىن تىز تارايدۇ.غەيۋەت ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئەمەس ئۇزڭىزنىڭ ئابرۇينى تۈكۋالسىز.
3.ئىغىر-بسىق بۇلۇڭ ھەم كۈڭلى- كۆكسىڭىزنى كەڭ تۇتۇڭ.ھەسەتخۇرلۇق ،ئىچى تارلىق كېسلىنى يۇقتۇرۋالماڭ. بۇ قان چىقارماي جان ئالدىغان ئەڭ يامان كىسەللىكلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ. بۇ، ئالدى بىلەن ئۈزىڭىزنىڭ يۈركىنى يەپ تۈگتىدۇ.
4.مىھماندارچىلىققا بارغاندا قۇلاقنى قۇلاققا يىقىپ پىچىرلاشماڭ.بۇلمىسا،ئۆزىڭىز بىلەن «پۇرچىقى پىشمايدىغان»دوستىڭىزنى ئورونسىز گۇمان ئەندىشىگە سېلىپ قۇيسىز .
5.ئەرلەر بار سوروندا سەت چاقچاقلارنى قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.چۈنكى.، ئەرلەر چاقچاقچى ئاياللارغا ئاسانلا «خۇشتار» بولوپ قالدۇ.
6.ياش-قۇرامىڭزغا قارماي ئاجايىپ-غارايىپ كىيىنىشتىن،دەرىجىدىن تاشقىرى ھۆسىن تۈزەشتىن ساقلىنىڭ.چۈنكى ھەرقانداق نەرسە چىكىدىن ئىشىپ كەتسە، كىشلەرنىڭ مەسخىرسگە قالدۇ.
7.خۇشامەتچىلىك،شەخسىيەتچىلىك قىلماڭ،كىشلەرنىڭ ئالدىدا بىر خىل. كەينىدەبىر خىل بۇلماڭ.بۇ ئىللەتلەر سىزنى دوسىت-بۇرادەرلىرىڭزدىن يىراقلاشتۇرۇپلا قالماي،يەنە سىزنى جامائەتنىڭ نەپرىتىگە قۇيدۇ.
مەنبە:گۈزەللىك بۇلقى.
مۇشۇ گەپ بويىچە بولغاندا، ھازىرقى كۆپ قىسىم خوتۇن خەقلەرنىڭ << گۈزەل >> بولغۇسى يوق ئوخشايدۇ - ھە؟! ... Patigul:
رەسىملەر مەندە بار ، مەن تىخى سىزنى رەسىملەرنى ئالغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن. مەن يۇللاپ بىرەي سىز گە .
بىزمۇ بار جۇما شۇ قاتاردا ، ماڭىمۇ يوللاپ بەرگەيسىز!
ھى ھى سىلەر ئالماپسىلەردە . مەن يۇللاپ بىرەي سزگمۇ..
كىچىك ۋاقتى ئوماقكەنتۇق ئا رەمەتلىك مۈشۈكنىڭسالام سىلەرگە!
يۈكسەل ئاكىمىز مۈشۈكنىڭ قىرىقىنى بەردىمىكىن...
ھە ؟؟ ئۈزەرنىڭ رەسىملىرىنى تاپالمايمەنغۇ؟ ئۆچۈرۋەتمىگەنسىلەر؟ ۋوي ئۈستىدىكى چوڭلار مەخپى شىفىر بىلەن سۆزلىشىۋاتامدۇ قانداق ؟كونا قەدىناسلار بىر تېما ئاستىغا جەم بولۇپ قاپتىمىز ئەمەسمۇ ؟!
پېقىرنىڭ ئۈزەر دەپ مەشھۇر ئەدىب مۈشۈكى بولىدىغان شۇ مۇشۈك كېسەل بىلەن قازا قىلغان ئىدى. شۇنىڭ گېپى بولىۋاتىدۇ.
ئىزدىنىشقا يوللانغان ئۈزەرنىڭ رەسىمنى قايسى باشقۇرغۇچى ئۈچۈرۋەتتىكىن ئۈچۈرۋېتىپتۇ.
كۆرۈشنى ئىستىگۈچىلەر مۇنۇ مەنىزللەردىن كۆرسە بولىدۇ.
http://yuksel.blogbus.com/logs/31328800.html
http://s718.photobucket.com/albums/ww186/YukselBlog/
قىز-ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى توغرىسىدا گەپ بولۇۋاتسا، ماۋۇلار مۈشۈكنىڭ غېمىدە قاپتۇغۇ؟ ئا يەردە بويتاقلارمۇ جىدىلىنى باشلىۋاپتۇ ئەنە ئاسلانچاق بولسا بېقىۋالاي دىگەنتىم ، قايسىڭلاردا باركىن ؟؟؟يەرشارىلىق، رەسىم تېخى كەلمىدى!
پاتىگۈل، تېمىلىرىڭىزنى پات-پات كۆرۈشنى خالايمەن؛ شېئىرنى خېلى ياخشى يازاتتىڭىز سىز...
رەسىملەر مەندە بار ، مەن تىخى سىزنى رەسىملەرنى ئالغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن. مەن يۇللاپ بىرەي سىز گە . سۈزۈك، بەزىبىر گەپلەرگە دىققەت قىلدىڭىزمۇ؟ ئىنكاسىمنىڭ ئاستىلىقىنى بىلىسىزغۇ~