سېستىما بۇيرۇغى - msconfig
كومپيوتېرنىڭ ئىجرا بولۇش ۋە قوزغىلىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشى گەرچە نۇرغۇن ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ ، بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان ، يېڭى ئىشلەتكۈچىلەر ئاسان دىققەت قىلمايدىغان بىر ئىش دەل سېستىما بىلەن تەڭ قوزغىلىپ ، ئۆزىنى ئىچكى ساقلىغۇچقا كۆچۈرۋالىدىغان "يۈزى قېلىن" دېتاللار ، نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللار "ئىشلىتىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن" دىگەن باھانە بىلەن سېستىمىنىڭ قوزغىلىش تىزىملىكىگە تىزىملىتىۋالىدۇ دە ، سېستىمىڭىز بىلەن تەڭ قوزغىلىپ سېستىمىنىڭ ئەڭ مۇھىم بايلىق مەنبەسى بولغان ئىچكى ساقلىغۇچتىن مەلۇم ئورۇننى ئىگەللەپ تۇرىۋالىدۇ ، ئەلۋەتتە ، سىز بەك كەڭ قورساق بولمىسىڭىزلا ئىشى يوق دېتاللارنىڭ ئەمدى بۇنداق قىلىشىنى ئۈمىت قىلمايسىز ، ئۇنداقتا سىز ئەڭ ئاددى ، قولايلىق بولغان سېستىما بۇيرۇقى MSCONFIG بىلەن تونۇشۇپ چىقمىسىڭىز بولمايدۇ .
بۇ سېستىما ئىچكى بۇيرۇقى بولۇپ ، Win2000 دا تەمىنلەنمىگەن ، ئىشلەتكۈچىلەرگە كېرەك بولسا XP دىن كۆچۈرۈپ ئاپارسىلا ئىشلەۋېرىدۇ .
قوزغىتىش ئۇسۇلى :
باشلاش كونۇپكىسى (开始菜单 ( ----> ئىجرا قىلىش )运行 (---->
msconfig
دەپ كىرگۈزۈپ Enter نى باسسىڭىزلا بولىدۇ .
مۇشۇنداق بىر كۆزنەك چىققان بولسا توغرا مەشغۇلات قىلغان بولىسىز .
مۇشۇنىڭ ئەڭ كەينىدىكى ئىقتىدار خەتكۈچى بولغان (启动(يەنى قوزغىتىش دىگەن خەتكۈچنى باسسىڭىز سېستىمىڭىزنىڭ نۆۋەتتىكى قوزغىلىش تىزىملىكى كۆرۈنىدۇ .
مۇشۇ كۆزنەكتىكى توغرا بەلگىسى قويۇلغانلىرى سېستىما بىلەن تەڭ قوزغىلىدىغانلىرى ، ئەگەر خالىمىسڭىز توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ ، بىراق قايسىىنىڭ مۇھىم يۇمشاق دېتال ئىكەنلىكىنى ، قايسىنىڭ بەرىبىر ئىكەنلىكىنى قانداق بېكىتىمىز ؟
ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزى قاچىلغان پروگراممىلاردىن بۇ تىزىملىككە كىرۋالغانلىرىنى ئەلۋەتتە ئىككىلەنمەي چىقىرۋەتسىڭىز بولىدۇ ، يامىنى كەلسە مەلۇم ئىشلارنى قىلالماي قالسىڭىز يەنە بەلگە ئۇرۇپ قوزغاتسىڭىز بولىۋېرىدۇ ، چوڭ چاتاق چىقمايدۇ ، بىراق سېستىما يېڭى قاچىلانغان ۋاقىتتا ھەممىسى قوزغىلىش بەلگىسى ھالىتىدە بولىدۇ ، قايسىنىڭ نىمە ئىش قىلدىغان ھۆججەت ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۋېلىشىمىز كېرەك .
1. Welcome ( ئەگەر سىز win98 ئىشلىتىپ باققان بولسىڭىز بۇ ئىقتىدارنى بىلىسىز ، بىراق ھازىرقى XP لاردا بۇ ئىقتىدار چىقىرۋېتىلگەن )
بۇيرۇق قۇرى & ھالىتى :
C:\WINDOWS\Welcome.exe /r
تەۋسىيەرىم : ھېچقانداق رولى يوق بۇ ئىقتىدارنى چەكىلۋەتكەن تۈزۈك .
2.) TaskMonitor (任务检测程序
بۇيرۇق قۇرى & ھالىتى :
C:\WINDOWS\taskmon.exe
رولى : بۇ پروگراممىنىڭ ئاساسلىق رولى يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى خاتىرلەپ windows\applog \applog.ind دىگەن ھۆججەتكە يېزىپ ماڭىدۇ ، ئەگەر بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ماڭا ياردىمى بار دەپ قارىسىڭىز ساقلاپ قېلىڭ .
3. internat.exe
بۇيرۇق قۇرى & ھالىتى :
C:\WINDOWS\internat.exe
رولى :
ئىسمىدىن باشقىلارغا خۇددى تور بىلەن ئالاقىسى باردەك تۇيۇلغان بۇ ھۆججەتنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۈجەكتىكى كىرگۈزگۈچنىڭ سىنبەلگىسىنى (输入法图表 ( نى قوزغىتىش - قوزغاتماسلىق ، چەكلىۋەتسىڭىز باشقا ئىشلارغا تەسىر قىلمايدۇ .
4. ScanRegistry
بۇيرۇق قۇرى & ھالىتى :
C:\WINDOWS\scanregw.exe /aotorun
رولى : بۇ سېستىمىنىڭ تىزىملىك جەدىۋىلى (注册表(نى زاپاس ساقلاش پروگراممىسى بولۇپ ، سېستىما ھەر قېتىم قوزغالغاندا بىر قېتىم ئاپتوماتىك زاپاس ساقلايدۇ ، ئادەتتە ئۆزىڭىز زاپاس ساقلايدىغان ئادىتىڭىز بولسا بۇ ئىقتىدارنى ئېتىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ .
5. SystemTray
بۇيرۇق قۇرى & ھالىتى :
systray,rxe
رولى : ئىچكى ساقلىغۇچقا دائىم كىرىۋالدىغان پروگراممىلارنى باشقۇرۇش پروگراممىسى بولۇپ ساقلاپ قېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .
6. SchedulingAgent
بۇيرۇق قۇرى & ھالىتى :
C:\WINDOWS\SYSTEM\mstask.exe
رولى : سېستىما ئۈچۈن ۋەزىپە باشقۇرۇش ۋە پىلان تۈزەش دىگەندەك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولمىسىڭىز ئېتىۋەتسىڭىز بولىۋېرىدۇ .
7 . LoadPowerProfile
بۇيرۇق قۇرى & ھالىتى :
Rundll32.exe powrprof.dll,LoadCurrentPwrScheme
رولى : بۇ توك مەنبەسىنى باشقۇرۇش پروگراممىسى بولۇپ ، بۇنى ئېىتىۋەتسىڭىز باشقۇرۇش تاختىسى تىزىملىكىدىكى توك مەنبەسىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارلىرىنى تەڭشگەننىڭ پايدىسى بولمايدۇ ، نورمال ئىشلەتكۈچىلەر يەنىلا ئېتىۋەتكەن تۈزۈك .
يۇقارقىلار ھەرخىل نۇسخىدىكى Windows لارغا ئورتاق بولغان قوزغىلىش تىزىملىكىنىڭ كۆڭۈلدىكى قىممىتى بىلەن بەلگىلەنگەن پروگراممىلار ، بۇلارنى يۇقارقىدەك تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن ، ئۆزىڭىز قاچىلغان دېتاللار ، بەزى ئەخلەت دېتاللار ( مەسىلەن 3721 دىگەندەك ) نى تىزىملىكتىن پاك پاكىز چىقىرۋەتسىڭىز بولىۋېرىدۇ .
مەن كومپىيۇتېرىمنى مۇشۇنداق قىلىپ گوستلاپ قويغان . 1.5 يىل بوپتۇ خەپ ، قاتتىق دېسكىڭىزدىكى \"جەۋھەر\" لەرنى كۆچۈرۋالىدىغان كۈنلەرگىمۇ ئاز قېلىۋاتىدۇ ...



