مۇنداقمۇ بىر خاتىرە كۈنى بار 2-ئاينىڭ 21-كۈنى دۇنياam
مەنبە :مەرىپەت بلوگى
1999 -يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن -مەدەنىيەت باشقارمىسى يىغىن چاقىرىپ ،2000-يىلىدىن
باشلاپ، ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى »(International Mother Language Day) قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى
جاكارلىغان بولۇپ، «خەلقارا ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرلەش كۆپ خىل تىل ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، دۇنيا
تىللىرىنىڭ رەڭدارلىقىنى ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلغان.
بۇ كۈننىڭ تاللىنىشىدا ئالاھىدە بىر سەۋەپ بار بولۇپ، 1952 -يىلى 2- ئاينىڭ 21-كۈنى، يەنى بىنگال پاكىستانغا قارايدىغان دەۋردە، بىنگالدىكى نورغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى بېنگال تىلىنى دۆلەت تىلىنىڭ بىرى قىلىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغاندا، خەلق ئاممىسى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ بىرنەچچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى قۇربان بولغان. شۇڭىلاشقا بۇ كۈننى مەڭگۈ ئەسلەپ تورۇش ئۈچۈن ب د ت مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت باشقارمىسى ھەر يىلى 2- ئاينىڭ 21-كۈنىنى "خەلقئارا ئانا تىل كۈنى" قىلپ بىكىتكەن.بېنگال مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئاشۇ چاغدا قارا قىلغان قەھرىمانلارغا(Language Martyrs)» گە خاتىرە مۇنارىرى تىكلىگەن،
ب د ت نىڭ مۇشۇ ھەقتىكى تور بىتى :http://www.un.org/depts/dhl/language/index.html
ئانا تىل ۋە ئانا تىلىم بىلوگلىرىدىكى مۇشۇ ھەقتىكى تىمىلار
http://anatil.blogbus.com/logs/34593057.html
http://anatilim.blogbus.com/logs/34715312.html
-------------------------------------------------------------------
ئانا تىل بىلوگى سىزنىڭ بۇ كۈننى باشقىلارغا بىلدۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىدۇ .مەنبە :http://meripet.blogbus.com/logs/35206662.html
بۇ كىملەرنىڭ ئانا تىل بايرىمىكەن؟ئىزدىنىشقا تىما يوللاش نىمانداق تەسلىشىپ كەتتى ، ئاران تەھرىرلەپ مۇشۇ ھالەتكە ئەكەلدىم بۇ تىمىنى . مەنبەدىن كۈرۈڭلار http://meripet.blogbus.com
ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان بىر خاتىرە كۈننى بىلىۋالدىم . كۆكلەم، سىزگە بىر چارە دەپ بېرەي، باشقا يەردىن ئالغان تېكىسىتنى ئاۋال خاتىرە دەپتەرگە چاپلاڭ، بارلىق يۇشۇرۇن خاسلىقلىرى يوقايدۇ، ئاندىن بۇ يەرگە چاپلاڭ. فېۋرال ئېيىدا مەن خاتىرلىگۈدەك كۈندىن بىرسى باركەن ھەنىم بولسا ................ تۈنۈگۈن چوڭ ئۆيگە كىتۋېتىپ يولدىكى ياشلارنىڭ كۆپلىكىدىن ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قاپتىمەن بىردەم ، ھەممىسىنىڭلا دىگۈدەك قوللىرىدا ئەتتىرگۈل ..... پاھ دەۋەتتىم ئىچىمدە ......... مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمدىن بىر كۈنلا بۇرۇنكەن... afiyfiy:
مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمدىن بىر كۈنلا بۇرۇنكەن...
شۇ ، خاتىرلەشكە كېچىكىپ كەلگىنىڭىز بىكار ئەمەسكەندە
يادىمىزدا تۇرماسلىقى مۇمكىن.
ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى ،بالىلار بايرىمى ،ئاياللار بايرىمى بەك يادىمىزدا تۇرىدۇ .ھەقاچان...........
خاتىرلەيدىغان ئەھمىيەتلىك ئىشتىن بىرنى قىلسىاق ئۆلگۈچە ئۇنتۇپ قالمايمىز.ئاغىنەمنىڭ توي كۈنى بىلەن بىر كۈنكەن دىسە. توي كۈنى باشقىلارنىمۇ خەۋەردار قىلۋىتەي.
ئاۋۇ ئايالنىڭ كۆينىكى ئەتلەسكەن .
ئىشلارنى بىر كىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ، پىلانلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرمىساقمۇ ،ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق جايلارداشۇ كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ ، نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ئانا تىل ھەققىدە كىتاپ ئىئانە قىلىشقا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرساق بولىۋېرىدۇ ، بۇمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىش . خەلقارا ئانا تىل بايرىمى بولغانكىن ، پۈتۈن ئىنسانىيەت ئورتاقلاشسا بولىدىغاندۇ؟بىزگە زىيانلىق بايرام ئەمەسكەن .