F1 يوللانغان ۋاقتى 2009-2-13 14:45:05

EXCEL 2007 دىن مىسال، كۆرۈپ بېقىڭلار.

مەن بۇرۇن offset فورمۇلاسى ئارقىلىق بىر بەتتتكى ئۇچۇرلارنى يەنە بىر بەتكە كۆزنەك شەكلىدە چىقىراتتىم. يېقىدا microsoft تىن قېلىپ چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقسام، مەن ئىشلەتكەن ئۇسۇلدىنمۇ ياخشى ئۇسۇل بار ئىكەن. بۇ يەردە شۇ مىسالدىن ئۆتنەك ئېلىپ، ئۈچۈن بىر ھۆججەت تۈزدۈم. رەسىم قاچىلاش ئىقتدارى بار. قوزغاتقانداVBA ۋە سىرتقى ئۇلىنىش بىخەتەرلىكىنى سورايدۇ. بۇنىڭغا قوشۇلسىڭىز ئاندىن ھۆججەت نورمال ئىشلەيدۇ. بۇ ھۆججەتنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى بىرىنچى، Access نىڭ جەۋەلدىن كۆزنەك ياسىغىنىغا ئوخشاش، ئىككىنچى، رەسىم بولسا ھۆججەتنىڭ ئىچىدە ئەمەس، بەلكى شۇ ھۆججەت تۇرۇشلۇق مۇندەرىجىنىڭ ئىچىدىكى بىر مۇندەرىجە ئىچىگە ساقلىنىدۇ. بۇ ھۆججەت شەكلىنى ياخشى ئۆگەنسىڭىز بىر قىسىم خىزمەتلەرنى تېز ئورۇندىيالايسىز. مەسىلەن: سىز بىر ئورۇندىكى خادىملارنىڭ ئەھۋالى تۇنۇشتۇرۇلغان يەككە رېكوردلۇق جەدۋەل ئىشلىمەكچى، بىراق سىزدە بارلىق خادىملارنىڭ كۆپ رېكوردلۇق (بىر قۇردا بىر رېكورد ساقلانغان، كۆپ قۇرلۇق) جەدۋىلى بار. بۇ چاغدا سىز مۇشۇ مىسال ھۆججەتتىكى ئۇسۇلنى قوللانسىڭىز ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولىدۇ. VBA دىكى كودلارنى مۇستەقىل بۆلەكتىن (مۇشۇ دەپتەر) قىسىمىغا يۆتكىۋەتتىم. بۇنىڭدىكى ماكرو بولسا بىر كونتروللىغۇچقا يۈكلەكلىك. بۇ كونتروللىغۇچ ھەر بىر قېتىم يېڭىلانغاندا، كۆزنەك شەكىلدىكى رايوننىڭ ئۇچۇرلىرى ماس ئۆزگىرەيدۇ ۋە ماس رەسىمنى قاچىلايدۇ. ھۆججەتنى ۋە رەسىملەرنى پرىسلاپ قويغان بۇ يەرگە قاندا قويۇشنى بىلمىدىم. بىلىدىغانلار تېزدىن دەپ بېرىڭلار. بۇرۇنمۇ رەسىم يوللىيالماي ۋاز كەچكەن.

F1 يوللانغان ۋاقتى 2009-2-13 15:42:18

مەن ھۆججىتىمنى تېخى يولمىدىم (يوللاشنى بىلمىدىم) ماڭا ياردەم قىلىپ ئۇسۇلىنى دەپ بېرىڭلار، بۇ يەرگە چىقىرىپ قوياي.

F1 يوللانغان ۋاقتى 2009-2-13 23:02:28

ھۆججەتنى كۆپ ئاۋارىچىلىق تارتىپ ئاران يوللىدىم

http://www.namipan.com/d/e02917291c97a8f263ff328914fead43b25b5821b4240600

F1 يوللانغان ۋاقتى 2009-2-14 01:01:03

بۇ 2003 نەشىرى

http://www.namipan.com/d/183fc2b600260d2326827833992e5e8180e762c029d70700

بەت: [1]
: EXCEL 2007 دىن مىسال، كۆرۈپ بېقىڭلار.