Halis يوللانغان ۋاقتى 2009-2-13 09:39:37

گۆھەر تۇغىدىغان توخۇ (بالىلارغا چۆچەك ئېيتىپ بېرەيلى!amp

    گۆھەر تۇغىدىغان توخۇ

   

    بۇرۇن بۇرۇنىسىدا بىر ئوتۇنچى ئۆتكەنىكەن، ئۇنىڭ خوتۇنى ۋە ئىككى ئوغلى بار ئىكەن.

    ئوتۇنچى بىر كۈنى جاڭگالدا ئوتۇن كېسىۋاتسا، ئالدىدىن بىر توخۇ چىقىپ قاقاقلاپ قېچىپ كېتىپتۇ. ئوتۇنچى ئالدىغا قارىسا، بىر توخۇنىڭ ئۇۋىسى تۇرۇپتۇ. ئۇۋىدا بىر تۇخۇم يالتىراپ تۇرغان، ئوتۇنچى ھېلىقى تۇخۇمنى ئېلىپ قوينىغا ساپتۇ دە، كېيىن ئوتۇنلىرىنى ئېشىكىگە ئارتىپ شەھەرگە كىرىپتۇ. ئوتۇننى سېتىپ، پۇلىغا تۆت نان ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپ كېلىۋاتقىنىدا، كۆزى بىر دۇكاننىڭ ئالدىدا ئېسىقلىق تۇرغان ئالتۇن قەپەسكە چۈشۈپتۇ. ئوتۇنچى ھېلىقى قەپەسكە زەڭ قويۇپ قارىغۇدەك بولسا، ئۇنىڭ ئىچىدە خۇددى ئۆزىنىڭكىگە ئوخشاش بىر تۇخۇم يالتىراپ تۇرغۇدەك. ئۇ ئىچىدە:«ئەجەپ مېنىڭ تۇخۇمۇمغا ئوخشايدىكىنا» دەپ، بىر قوينىدىكى تۇخۇمغا، بىر قەپەستىكى تۇخۇمغا قاراپ تۇرۇپ قاپتۇ. بۇنى كۆرگە ھېلىقى قەپەسنىڭ ئىگىسى ئوتۇنچىغا:

    - ھە، نېمىشقا قەپەسنى بويلاپ قالدىڭ؟ ئوغرىمۇ سەن؟ كەت نېرى!- دەپ ۋارقىراپتۇ.

    - يوقسۇ بايۋەچچە،- دەپتۇ ئوتۇنچى،- قەپەسنىڭ ئىچىدىكى تۇخۇم مېنىڭ تۇخۇمۇمغا ئوخشاپ تۇرىدۇ، سېلىشتۇرۇپ بېقىۋاتىمەن.

    بۇنى ئاڭلىغان بايۋەچچە ھەيران بولۇپ:

    - قېنى ئېلىپ باقە، مەن كۆرۈپ باقاي،- دەپتۇ.

    ئوتۇنچى كۆرسىتىپتۇ. بايۋەچچە شۇ يەردىلا ئوتۇنچىغا خۇشامەت قىلىپ، ئۆيىگە باشلاپ كىرىپتۇ.

    -بۇنى ماڭا سېتىپ بېرىڭ،- دەپ يېپىشىۋاپتۇ بايۋەچچە.

    - بوپتۇ ساتسام ساتاي،- دەپتۇ ئوتۇنچى.

    - قانچە بېرەي؟

    - ئۆزىڭىز بىلىپ بېرىڭ.

    - مىڭ تەڭگە بەرسەم قانداق؟- ئوتۇنچى ھەيران بولۇپ:

    ئادەمنى زاڭلىق قىلماڭ،- دەپتۇ ئۇنىڭغا.

    بايۋەچچە ئۆز كۆڭلىدە «بەلكىم بۇنى ئاز دەۋاتسا كېرەك» دەپ ئويلاپ:

    - بوپتۇ، بىر يېرىم مىڭ تەڭگە بېرەي،- دەپتۇ.

    - زاڭلىق قىلماڭ،- دەپتۇ ئۆز تۇخۇمىنىڭ سىرىنى بىلمىگەن ئوتۇنچى،- راست ئالىدىغان ئىشىڭىز بولسا، ئۆزىنىڭ باھاسىنىلا ئېيتىڭ.

    بايۋەچچە ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ، ئىككى مىڭ تەڭگىگە چىقىپتۇ. ھەيران بولغان ئوتۇنچى:

    - قېنى ئەكىلىڭ پۇلىڭىزنى،- دەپتۇ.

    بايۋەچچە دەرھال ئىككى مىڭ تەڭگىنى ساناپ بېرىپ، ئوتۇنچىنى يولغا ساپتۇ. بايۋەچچە ئىچ ئىچىدىن خۇشال بوپتۇ. سەۋەبى، بايا ئۇ تۇخۇم ئەمەس، بەلكى گۆھەر سېتىۋالغانىكەن.

    ئوتۇنچى ئۆيىگە بېرىپ، بولغان ئەھۋالنى خوتۇنىغا ئېيتىپ، ئىككى مىڭ تەڭگىنى يانچۇقىدىن چىقارغاندا، خوتۇنى ھەيران بولۇپ:

    - ئۇنداق بولىدىغان بولسا، ئوتۇنچىلىقنى تاشلاپ، ھەر كۈنى شۇ تۇخۇمدىن ئەكىلىپ ساتسىلا، پات ئارىدا باي بولۇپ كېتىمىز،- دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ.

    خوتۇنىنىڭ بۇ مەسلىھەتى بىلەن ئوتۇنچى ھەر كۈنى جاڭگالغا بېرىپ، ھېلىقى گۆھەر تۇخۇمدىن بىرنى ئەكىلىپ سېتىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ناھايىتى باي بولۇپ كېتىپتۇ.

    بىر كۈنى خوتۇنى مۇنداق مەسلىھەت بېرىپتۇ:

    - ئەمدى ھەر كۈنى گۆھەر تۇخۇم ئەكىلىمەن، دەپ ئاۋارە بولغۇچە، شۇ توخۇنىڭ ئۆزىنىلا تۇتۇپ كەلسىلە، ئۆيدە تۇغدۇرايلى.

   ئوتۇنچى خوتۇنىنىڭ بۇ مەسلىھەتىنى ماقۇل كۆرۈپ، جاڭگالدىن ھېلىقى توخۇنى تۇتۇپ ئۆيىگە ئېلىپ كەپتۇ. توخۇ ھەر كۈنى ئۆيدە بىردىن گۆھەر تۇغىۋېرىپتۇ.

    ھەر كۈنى گۆھەرنى سېتىۋېلىپ تۇرغان بايۋەچچە ئوتۇنچىنىڭ بۇ سىرىنى بىلىشنىڭ كويىغا چۈشۈپتۇ. ئاخىر ئوتۇنچىنىڭ گۆھەر تۇغىدىغان توخۇسى بارلىقىنى بىلىپ، ئۇنى قولغا چۈشۈرۈش قەستىدە بوپتۇ. بايۋەچچە بىر كىتابتىن: «كىمكى گۆھەر تۇغىدىغان توخۇنىڭ بېشىنى يېسە پادىشاھ، قانىتىنى يېسە ۋەزىر بولىدۇ» دېگەن گەپنى كۆرگەنىكەن. بايۋەچچە شۇ توخۇنى يېيىش ئۈچۈن ئوتۇنچىنىڭ خوتۇنىنى ئازدۇرۇشقا باشلاپتۇ. ئوتۇنچىنىڭ خوتۇنى ياش ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇلى كۆپىيىپ، قېرى ئوتۇنچىدىن كۆرە ياش يىگىتلەر بىلەن كەيپ ساپا قىلىش نىيىتىگە كەلگەنىكەن. خوتۇننىڭ بۇ نىيىتى بايۋەچچىگە تازا ئەپ كەپتۇ. ئاخىر بايۋەچچە بۇ خوتۇن بىلەن ئاشنا بوپتۇ، لېكىن ئوتۇنچىنىڭ ئۆيدە بولۇشى بايۋەچچىنىڭ ھېلىقى توخۇنى يېيىش قەستىگە يار بەرمەپتۇ. بىر كۈنى ئوتۇنچىنىڭ خوتۇنى بايۋەچچىنىڭ بەرگەن مەسلىھەتى بويىچە ئېرىگە:

    - خۇدايىم شۇنچە كۆپ دۇنيا بەرگەندىن كېيىن شۇنىڭ شۈكۈرانىسىگە ئەمدى بىر ھەج قىلىپ كەلسىلە،- دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ.

    ئوتۇنچى ئويلاپ قارىغۇدەك بولسا، خوتۇنىنىڭ بۇ مەسلىھەتى دۇرۇس. ئارتۇق ئىككىلەنمەي تەرەددۇتلىنىپ ھەرەمگە كېتىپتۇ. ھىيلىگەر بايۋەچچە ئاخىر بۇ خوتۇننى ئۆزىگە رام قىلىۋالغاندىن كېيىن، خوتۇننى نېمە قىل دېسە شۇنى قىلىدىغان يەرگە يەتكۈزۈپتۇ.

    بايۋەچچە بىر كۈنى خوتۇنغا:

    - ئەگەر مېنى رازى قىلىمەن، ئۆمۈرلۈك ئاشنا قىلىمەن دېسىڭىز، توخۇيىڭىزنى سويۇپ، بېشى بىلەن قانىتىنى ماڭا يېگۈزۈڭ. ئەگەر ماقۇل بولمىسىڭىز، ماڭا قىلمايسىز، ئۆزىڭىزگە قىلىسىز،- دەپ قورقىتىپتۇ.

    بۇنى ئاڭلىغان خوتۇن دەسلەپتە غەمگە پېتىپتۇ. بۇ شەرتنى ئورۇنداش بىر قىيىن، ئورۇندىماسلىق ئاندىن قىيىن. ئاخىر بايۋەچچىنىڭ ئاشنىدارچىلىقىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىپ، «مەيلى ئۆلتۈرسەم ئۆلتۈرەي، دۇنيامۇ كۆپىيىپ قالدىغۇ» دېگەن يەرگە كەپتۇ دە، توخۇنى سويۇپ، بايۋەچچىنى ئۆيىگە باشلاپ ئەكەپتۇ.

    ئوتۇنچىنىڭ خوتۇنى ئېرى ھەرەمگە كەتكەندىن كېيىن بىر قۇلمۇ سېتىۋالغانىكەن. ئۇ توخۇنى قازانغا سېلىپ، قۇلغا ئوت قالاتقۇزۇپ، ئۆزى سارايدا بايۋەچچە بىلەن ئەيش ئىشرەتكە چۈشۈپتۇ.

    بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن، ئىككى بالىسى مەكتەپتىن قايتىپ كەلسە، قازاندا بىر نەرسە قايناۋاتقان، قورسىقى ئېچىپ تۇرغان بالىلار تۇۋاقنى ئېچىپ قارىسا، قازاندا توخۇ گۆشى تۇرغان. دەررۇ توخۇنىڭ بېشىنى ھەم ئىككى قانىتىنى ئاپتۇ- دە، چوڭ بالىسى بېشىنى، كىچىكى ئوڭ قانىتىنى يەپتۇ، سول قانىتىنى بولسا قۇلغا بېرىپتۇ.

    بىر چاغدا خوتۇن چىقىپ قازاندا قالغان گۆشلەرنى تاۋاققا ئېلىپ، بايۋەچچىنىڭ ئالدىغا ئەكىرىپتۇ. بايۋەچچە قارىسا توخۇنىڭ بېشى بىلەن قانىتى يوق. ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ:

    - قېنى بۇنىڭ بېشى بىلەن قانىتى؟! بېشى بىلەن قانىتى بولمىسا، نېمە قىلىمەن بۇنى؟! ئاچىقىپ ئىتقا تاشلاپ بېرىڭ!- دەپتۇ.

   ھەيران بولغان خوتۇن دەررۇ چىقىپ قۇلدىن سوراپتۇ. ئۇ:

    - يېڭىراقتا ئىككى ئوغۇللىرى كېلىپ بېشى بىلەن قانىتىنى يەپ كەتتى،- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

    بۇنى ئۇققان بايۋەچچە بەك تېرىكىپتۇ. كېيىن ئۆز ئۆزىگە:«توختا، كىتابتا ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسا، شۇنىڭ بېشى بىلەن قانىتىنى يېگەن ئادەمنىڭ يۈرىكىنى يېسىمۇ بولىدۇ، دېگەنىكەن، ھېلىمۇ بولسا شۇنداق قىلاي» دەپتۇ دە، خوتۇنغا:

    - ئۇنداق بولسا شۇ ئىككى بالىڭىزنى ئۆلتۈرۈپ، يۈرىكىنى ماڭا يېگۈزۈڭ. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسىڭىز، ئىشىڭىز چاتاق،- دەپ شەرت قويۇپتۇ. ئىلاجسىز قالغان خوتۇن ئاخىر بۇنىڭغىمۇ كۆنۈپتۇ. دەررۇ قۇلىغا:

    - سەن بېرىپ، ئىككى بالامنى شەھەر سىرتىدىكى بىر چۆلگە ئېلىپ چىقىپ ئۆلتۈرۈپ، يۈرىكنى ئېلىپ كەل. ئەگەر مۇشۇ ئىشنى ئورۇندىساڭ قۇللۇقتىن ئازاد قىلىمەن، بولمىسا ئۆزۈڭنى ئۆلتۈرىمەن!- دەپتۇ. قۇل «ماقۇل» دەپ، ئىككى بالىنى باشلاپ، شەھەرنىڭ بىر چۆللۈككە ئاپىرىپتۇ، بالىلار ھەيران بولۇپ سوراپتۇ:

    - بىزنى نەگە ئاپىرىسەن؟ نېمە قىلىسەن؟

    قۇل بالىلارغا ئانىسىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ دە، ئۆزىنىڭ شۇ يەردە كۆڭلى بۇزۇلۇپتۇ. ئىچىدە:«بۇ بالىلاردا نېمە گۇناھ بار؟ مەيلى، قۇللۇقتىن ئازاد قىلمىسىمۇ قىلمىسۇن، ئۆلتۈرسىمۇ مېنى ئۆلتۈرسۇن، بۇ ياش بالىلار كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرسۇن» دەپ ئويلاپتۇ دە، كۆڭلىدىكىنى بالىلارغا ئېيتىپتۇ. بالىلار:

    - ئۇنداق بولسا، سەنمۇ بىكاردىن بىكار ئۆلۈپ كەتمە، ئىككى كۈچۈك تاپايلى، شۇنى ئۆلتۈرۈپ يۈرىكىنى ئاپىرىپ بەرسەڭ، سەنمۇ قۇتۇلىسەن،- دەپتۇ.

    قۇلمۇ ماقۇل بوپتۇ. ئۈچەيلەن ئىككى كۈچۈكنى تېپىپ ئۆلتۈرۈپتۇ. قۇل ئىككى كۈچۈكنىڭ يۈرىكىنى ئېلىپ قايتىپ كېتىپتۇ. ئىككى بالا: «بىز ئەمدى ئۆيىمىزنى ئۇنتۇيلى، مۇشۇ كۆرۈنگە تاغقا قاراپ ماڭايلى، باشقا بىر يۇرتقا بېرىپ جېنىمىزنى جان ئېتەيلى» دەپ يولغا راۋان بوپتۇ.

    ئاكا ئۇكا ئىككىسى يول يۈرۈپ، يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپ، چۆللۈكلەرنى بېسىپ، نەچچە تاغلارنى ئېشىپ، بىر يەرگە ئىككى ئاچا يولنىڭ ئاغزىغا كېلىپ توختاپتۇ، قارىسا بىر يولدا «بارسا كېلەر» يەنە بىرسىدە «بارسا كەلمەس» دېگەن خەت يېزىلغان تاختاي تۇرغۇدەك. ھەر ئىككىسى بېشىمىزغا كەلگەنى كۆرەيلى دېيىشىپ، كىچىكى «بارسا كەلمەس»، چوڭى «بارسا كېلەر» دېگەن يولغا چۈشۈپ مېڭىپتۇ.

    ئاكىسى بىر قانچە ئاي جاپالىق يوللارنى بېسىپ، بىر شەھەرگە كېلىپ قاپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، شەھەردە ئادەم دىدارى يوق، ھەممىلا ئادەم شەھەر سىرتىغا چىقىپ كەتكەن. بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن بالىمۇ شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپتۇ. ئەتراپقا نەزەر سالسا، كەڭ تۈزلەڭلىكتە مىغ مىغ ئادەم ئاسمانغا قارىشىپ تۇرغان. بالا ئاسمانغا قارىسا، بىر قۇش ئادەملەرنىڭ بېشىدا ئايلىنىپ ئۇچۇپ يۈرگۈدەك، ئادەملەرنىڭ بەزىسى قوللىرىدا ئۆپكە، بېغىرغا ئوخشاش نەرسىلەرنى پۇلاڭلىتىپ، قۇشقا قاراپ «گەھ گەھ» دېيىشىۋاتقان، بالا ھەيران بولۇپ، سۈرۈشتۈرۈپ بۇ ئىشنىڭ تېگى تەكتىنى چۈشىنىپتۇ: بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى يېقىندا ئۆلگەنىكەن، لېكىن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان بىرمۇ پەرزەنتى يوق بولغانلىقى ئۈچۈن، پادىشاھ ئۆلەر ۋاقتىدا:«سارىيىمدىكى بەخت قۇشىنى ئۇچۇرۇڭلار، قۇش كىمنىڭ بېشىغا قونسا، شۇ پادىشاھ بولسۇن» دەپ ۋەسىيەت قىلغانىكەن. بۈگۈن بولسا پادىشاھنىڭ شۇ ۋەسىيىتى بويىچە قۇشنى ئۇچۇرۇپ، ھەر كىم ئۆز بەختىنى سىناش ئۈچۈن بۇياققا چىققانىكەن.

    بالا بىر چاغدا ئاسمانغا قارىسا قۇش ئۇنىڭغا قاراپ شۇڭغۇپ كېلىۋاتقان. ئادەملەر قۇشنى نەگە قوناركىن دەپ، كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇرۇپتۇ. قۇش شۇڭغۇپ كەلگەن پېتى بالىنىڭ بېشىغا قونۇپتۇ. بالا «پادىشاھلىقنى نېمە قىلاي» دەپ قۇشنى بېشىدىن ئېلىپ ئۇچۇرۇۋېتىپتۇ. باشقىلار بالىغا ھەيران بوپتۇ. ھېلىقى قۇش ئايلىنىپ كېلىپ يەنە ئۇنىڭ بېشىغا قونۇپتۇ. بالا يەنە ئۇچۇرۇۋېتىپتۇ. ئۈچىنچى قېتىم يەنە كېلىپ قونغاندا، كىشىلەر بالىنى مۇبارەكلەپ، ئۇنىمىغىنىغا قويماي پادىشاھلىققا ئولتۇرغۇزۇپتۇ.

    بۇ ئىش مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن، بىز ئەمدى گەپنى ئۇنىڭ ئىنىسىدىن ئاڭلايلى.

    ئىنىسى ھېلىقى «بارسا كەلمەس» يولغا مېڭىپ، ئاۋۋال قېلىن بىر جاڭگالنىڭ ئىچىگە كىرىپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، ئۇنىڭ ئالدىدىلا بىر يەردىن قىپقىزىل ئوت كۆتۈرۈلۈپ، كېيىن شۇ ئوت چىققان يەردىن بىر نەرسە ئۇنى دەم تارتىپتۇ. بالا بوراندا ئۇچقان قامغاقتەك دومىلاپ بىر غارنىڭ ئاغزىغا كېلىپ قاپتۇ. ئۇ ئېسىنى يىغىپ شۇنداق قارىسا، ئالدىدا بېشى داشقازاندەك، يوغانلىقى قېرى توغراقتەك، ئۇزۇنلۇقى قىرىق غۇلاچ كېلىدىغان بىر ئەجدىھا تۇرغۇدەك. ئەجدىھا شۇ زامان قوزغىلىپ، تاغ باغرىدىكى ئۆيدەك بىر تاشنى يۆتكىگەنىكەن، ئۇ يەردىن بىر غار ئېچىلىپتۇ، ئەجدىھا بالىنى ھەيدەپ غارنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپتۇ. بالا كىرىپ قارىسا، غارنىڭ ئىچى تۈرلۈك جان جانىۋارلار ۋە ئادەملەر بىلەن تولغانىكەن. ئەسلىدە بۇلار ئەجدىھانىڭ يەيدىغان ئوزۇقلىرى ئىكەن. ئەجدىھا ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئوۋغا چىقىپ يۈزلەپ جان جانىۋارلارنى ۋە ئالدىغا ئۇچرىغان ئادەملەرنى دەم تارتىپ مۇشۇ يەرگە ئەكىرىدىكەن. قورسىقى ئاچقاندا بولسا بىر چەتتىن كاۋاپ قىلىپ يەيدىكەن. بالا بۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ قۇتۇلۇشنىڭ كويىغا چۈشۈپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدا خەنجىرى بار ئىكەن، ئۇ خەنجەر بىلەن غارنىڭ بىر چېتىنى تېشىشكە باشلاپتۇ. بىر چاغدا ئەجدىھا غارنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، ئون غۇلاچ كېلىدىغان تۆمۈر زىخنى غارنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپ، ئىلىنغاننى زىخقا سانجىپ، كاۋاپ قىلىپ يېگىلى تۇرۇپتۇ. بالا ئادەملەر بىلەن بىللە غارنىڭ ئەڭ چەت بۇلۇڭىغا بېرىۋاپتۇ. ئەجدىھا بىر نۆۋەتتە بەش ئالتە قېتىم شۇنداق قىلىپ، كاۋاپقا تويغاندىن كېيىن، غارنىڭ ئاغزىنى ھېلىقى يوغان تاش بىلەن يېپىپ قويۇپ، ئۆزى شۇ تاشقا بېشىنى قويۇپ ئۇيقۇغا كېتىدىكەن. ئەجدىھا بىر ئۇخلىغاندا ئۈچ كېچە كۈندۈز ئۇخلايدىكەن. بالا ئەجدىھانىڭ ئۇخلىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، غارنى تېشىشنى داۋام قىپتۇ. ئىككى كېچە كۈندۈز دېگەندە ئاران ئادەم پاتقۇدەك تۆشۈكنى تېشىپ، سىرتقا چىقىپ قارىسا، ئەجدىھا مەلەق ئۇيقۇغا كەتكەن. بىر تەرەپكە قارىسا، ئەجدىھانىڭ كاۋاپ پىشۇرىدىغان زىخى ئوتتا قىپقىزىل بولۇپ تاۋلىنىپ تۇرۇپتۇ. بالا چەبدەسلىك بىلەن ھېلىقى زىخنىڭ سېپىدىن تۇتۇپ، ئوتتىن ئېلىپ، ئەجدىھانىڭ مېڭىسىگە تىققانىكەن، ئەجدىھانىڭ مېڭىسى ۋاژ ۋۇژ قىلىپ كۆيۈشكە باشلاپتۇ. ئەجدىھا جان ئاچچىقىدا بىر تولغىنىپتۇ دە، ھايال قالماي ئۆلۈپتۇ. بالا ئاندىن غار ئىچىدىكى ئادەملەرنى ۋە جان جانىۋارلارنى قۇتۇلدۇرۇپتۇ.

    بالا يەنە يولغا راۋان بوپتۇ. يولدا كېتىۋاتسا ئالدىغا ئۈچ قاراقچى ئۇچراپتۇ. ئۇلار بىر پادىشاھنىڭ كۇھىقاپتىن ئالدۇرۇپ كەلگەن ئۈچ ئېسىل نەرسىسىنى بۇلىغانىكەن. ئۇنىڭ بىرسى ئۇچىدىغان گىلەم، يەنە بىرسى مىنسە دۇلدۇل ۋە دەرياغا قويسا كۆۋرۈك بولىدىغان ھاسا، يەنە بىرسى تۇماق، كىمكى ئۇنى كىيىۋالسا ھېچكىمگە كۆرۈنمەيدىكەن. ئۈچ قاراقچى بۇ نەرسىلەرنى بۆلۈشەلمەي، دەتالاشتا تۇرغاننىڭ ئۈستىگە كېلىپ قالغان بالىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن ھېلىقى نەرسىلەرنى بۆلۈپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. بالا رازىلىق بېرىپ مۇنداق دەپتۇ:

    - بىرسىڭلار ماڭا ئوقيايىڭلارنى بېرىڭلار، مەن ئۈچ تەرەپكە قارىتىپ ئۈچ ئوق ئۈزىمەن، ھەر بىرىڭلار بىرىنى تېپىپ كېلىسىلەر، كىم بۇرۇن تېپىپ كەلسە، گىلەمنى شۇ ئالىدۇ. ئىككىنچى قېتىم تېپىپ كەلگىنى ھاسىنى، ئۈچىنچى قېتىم تېپىپ كەلگىنى تۇماقنى ئالسۇن، بولامدۇ؟

    - بولىدۇ،- دەپتۇ قاراقچىلار.

    بالا ئوقيانى ئېلىپ ئۈچ تەرەپكە قارىتىپ ئۈچ ئوق ئۈزۈپتۇ. ئۈچ قاراقچى ئوققا قاراپ يۈگۈرۈپ كېتىپتۇ. بالا شۇ زامان ھېلىقى تۇماقنى باشقا كىيىپ، ھاسىنى قولىغا ئېلىپ، گىلەمگە چۈشۈپ «ئۇچ گىلەم» دەپتۇ. گىلەم ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، بالا كۆرسەتكەن تەرەپكە قاراپ ئۇچۇپتۇ. ئۈچ قاراقچى لېۋىنى چىشلەپ قاپتۇ.

    بالا ئۇچۇپ بىر يەرگە كېلىپ تۆۋەنگە قارىغۇدەك بولسا، چىرايلىق بىر باغ كۆرۈنۈپتۇ. بالىنىڭ مۇشۇ باغدا ئولتۇرۇپ بىردەم ئارام ئالغۇسى كەپتۇ دە، «چۈش گىلەم!» دەپتۇ. گىلەم باغ ئىچىدىكى بىر كۆكۈلمەيدان چىمەنزارلىققا چۈشۈپتۇ. بۇ باغ مۇشۇ يۇرتتىكى پادىشاھنىڭ قىزىنىڭ كۆڭۈل ئاچىدىغان جايى ئىكەن. شۇ كۈنى باغقا پادىشاھنىڭ قىزى سەيلىگە چىققانىكەن. بالىنىڭ گىلەم بىلەن بۇ يەرگە ئۇچۇپ چۈشۈشى، مەلىكىنىڭ كېنىزەكلىرىنى مېۋە ئۈزۈپ كېلىشكە بۇيرۇۋېتىپ، ئۆزى ئارام ئېلىش ئۈچۈن ھېلىقى چىمەنزارلىققا كېلىپ تۇرۇشىغا توغرا كەپتۇ. مەلىكە بۇ گىلەمنىڭ كارامىتىگە ھەيران بوپتۇ. قانداق قىلىپ مۇشۇ گىلەمنى قولغا چۈشۈرۈشنىڭ كويىغا چۈشۈپتۇ دە، دەررۇ ئۆزىنى بالىغا ئاشىق قىلىپ كۆرسىتىپتۇ. ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس مەلىكىنىڭ تۈرلۈك شېرىن شېكەر سۆزلىرىگە ئىشەنگەن بالا ئۇنى ئۆز يارى قىلىش قارارىغا كەپتۇ. بالىنى ئالدىيالىغىنىغا خۇشال بولغان مەلىكە بۇ گىلەمنى قانداق قىلىپ قولغا چۈشۈرۈشنىڭ چارىسىنى ئىزدەپ: «گىلەمنى بۇ يەردىلا ئېلىۋالغىلى بولماس، بالا بىلەن گىلەمگە ئولتۇرۇپ بىر چۆللۈككە باراي، شۇ يەردە بالىنى قالدۇرۇپ، ئۆزۈم گىلەمگە ئولتۇراي دە، ئۇچۇپ ئۆيۈمگە راۋان بولاي» دەپ ئويلاپتۇ.

    - ئۇنداق بولسا ئىككىمىز بىللە ئۇچۇپ، چەت- ياقىلارنى سەيلە قىلىپ كېلەيلى،- دەپتۇ قىز.

    مەلىكىنىڭ قورسىقىدىكى ھىيلىنى ئۇقمىغان بالا:

    - بوپتۇ ئولتۇرۇڭ، سىزنى ئوينىتىپ كېلەي،- دەپ مەلىكىنى ئولتۇرغۇزۇپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپتۇ. بۇلار ئۇچۇپ بىردەمدىلا بىر چۆل جەزىرىگە بېرىپ قاپتۇ. بالا ئاۋۋال گىلەمدىن چۈشۈپتۇ، ئۇنىڭ ئىستىراھەتكە ئولتۇرۇپ قالغىنىدىن پايدىلىنىپ، مەلىكە «ئۇچ گىلەم!» دەپلا ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ ئۆيىگە راۋان بوپتۇ.

    بۇنى كۆرگەن بالا دەررۇ ھېلىقى تۇمىقىنى كىيىپ، ھاسىنى دۇلدۇل قىلىپ مىنىپ ئارقىدىن قوغلاپتۇ. قىز ئۆيىگە يېتىپ بېرىپ گىلەمدىن چۈشەي دېيىشىگە، بالا يېتىپ كېلىپ سەكرەپ گىلەمگە چىقىپتۇ دە، «ئۇچ گىلەم!» دەپتىكەن. گىلەم يەنە كۆتۈرۈلۈپتۇ. چۈشۈشكە تەمشىلىپ تۇرغان قىز يەرگە تىك موللاق چۈشۈپتۇ. بالا ئۇچقان پېتى ئاكىسىنى ئىزدەپ، ئاخىرى ئۇ تۇرغان يۇرتقا چۈشۈپتۇ. ئۇنىڭ بۇ شەھەرگە كەلگەن كۈنى ئاكىسىنىڭ يېڭى پادىشاھ بولغان ۋاقتىغا توغرا كەپتۇ. ئاكىسىنىڭ پادىشاھلىقى ئۇلار ئۆزلىرى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتلار بىلەن، يەنە بىر قانچە يۇرت ئۈستىدىكى پادىشاھلىق ئىكەن. ئاكىسى ئۇكىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، ھال ئەھۋال سورىشىپ، شۇ يەردىلا ئۇكىسىنى ئۆزىگە ئوڭ قول ۋەزىر قىلىپ تەيىنلەپتۇ.

    ئارىدىن بىر قانچە ۋاقىت ئۆتۈپ، ئاكا ئۇكا ئىككىسى ئۆز ئۆيىنى ئەسلىشىپتۇ. قارا كۆڭۈل ئانىسىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى، ساددا دادىسىنىڭ نېمە كۈنلەرنى كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئويلاپ، ئاخىر ئۆزلىرى بىر بېرىپ كېلىش قارارىغا كەپتۇ.

    ئەمدى ئۇلارنىڭ ئۆي ئىچىدىن گەپ ئاڭلايلى:

    ئانىسى ھېلىقى قۇل ئاپىرىپ بەرگەن ئىككى كۈچۈكنىڭ يۈرىكىنى بايۋەچچىگە بېرىپتۇ. خوتۇن قۇلنى ئازاد قىلىۋېتىپتۇ. ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ھېلىقى بايۋەچچە بىر چۈش كۆرۈپتۇ، چۈشىدە ھېلىقى يېگەن يۈرەك ئادەمنىڭ ئەمەس، ئىتنىڭ يۈرىكى ئىكەنلىكى مەلۇم بوپتۇ، ئۇ تىت تىت بولۇپ، ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگۈدەك يەرگە كەپتۇ. ئۆزىنىڭ يامان ھەۋىسىدىن ياخشىلىق تاپالمىغان خوتۇنمۇ سەرسانلىقتا قاپتۇ.

    كۈنلەردىن بىر كۈنى ئېرى ھەرەمدىن قايتىپ كەپتۇ. خوتۇنى ئۇنىڭ ئالدىغا يىغلاپ چىقىپ:

    -... سىلى كەتكەندىن بېرى خۇدانىڭ تەقدىرى بىلەن ئىككى بالام ۋە گۆھەر تۇغىدىغان توخۇ ئۆلۈپ كەتتى،- دەپ ھازا ئېچىپتۇ. ئېرىمۇ يىغلاپتۇ، قاقشاپتۇ. ئاخىر: «قانداق قىلىمىز، خۇدادىن كەلگەن ئىشقا نېمە چارە، تەقدىرگە تەن بەرگۈلۈك» دەپ ئۆزىگە تەسەللىي بېرىپتۇ. ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا بىر گىلەم ئۇچۇپ چۈشۈپتۇ. قارىسا پادىشاھلىق كىيىملىرى بىلەن بېزەلگەن، ئۆزلىرىنىڭ ئىككى ئوغلى چۈشۈپ كېلىۋاتقۇدەك، بۇنى كۆرۈپ بوۋاي:

    - ۋاي بالىلىرىم!- دەپ قۇچاقلاپ يىغلاپ كۆرۈشۈپتۇ. ئانىسى بولسا نېمە قىلىشىنى بىلمەي تەمتىرەپ قاپتۇ.

    بالىلار دادىسىغا بولغان ئەھۋاللارنى، ئانىسىنىڭ قارا كۆڭۈللۈك بىلەن قىلغان ئىشلىرىنى، ئۆزلىرىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى بىر بىرلەپ ئېيتىپ بېرىپتۇ. بوۋاي ئاچچىقىغا بەس كېلەلمەي خوتۇنىنى بوغۇزلىۋېتىپتۇ. بالىلار دادىسىنى پادىشاھلىققا تەكلىپ قىلغانىكەن، بوۋاي:

    - بۇ ئىش سىلەرگە لايىق. مەن قېرى ئادەمنىڭ قولىدىن بۇ ئىش كەلمەيدۇ،- دەپ پادىشاھ بولغىلى زادى ئۇنىماپتۇ. بالىلار ئاخىر ئاتىسىنى ئېلىپ قايتىپتۇ. ھېلىقى بايۋەچچىنى ئۆمۈرلۈك زىندانغا تاشلاپ، ئۆزلىرىنى ئۆلۈمدىن ئازاد قىلىۋەتكەن ھېلىقى قۇلنى سول قول ۋەزىر قىلىۋاپتۇ.

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2009-2-13 11:54:52

ئۇزۇن بوپتىكەن چۆچەك ئۇقۇپ باقمىغىلى

ئاشنا بوپتۇ دەپ كىچىك باللارنى بۇزىمىزما؟

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2009-2-13 12:53:08

ئاشنا تۇتىدىغان بايرامنى تەشۋىق قىلىپ بىزدەك نارسىدىلەرنى بۇزساڭلارمۇ بولىدىكەنغۇ ئاينا ....

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2009-2-13 15:22:42

مەنمۇ مەيخانا نىڭ پىكىرىدە

Vatan يوللانغان ۋاقتى 2009-2-14 10:53:09

مەن ساڭا \"ئاشنا\" بولدۇم دىگەننى نىمە دەپ چۈشۈنىمىز؟

ئاشنا دىگەننىڭ ئەسلى مەنىسى دوست دىگەن گەپ، \"ئوينىشى\" دىسەك ئەڭ موۋاپىق بولىدۇ.

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2009-2-14 22:12:51

نارسىدە؟ مەندىن قېرى تۇرۇپ ...

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2009-2-14 23:05:06

ئاشنا، دېگەن \"ئوينىشى\" دېگەن گەپ بولىدۇ. \"ئاشىنا\" دېگەن \"دوستى، سۆھبەتدېشى\" دېگەن گەپ بولىدۇ. بىرسىدا  ش تاۋۇشى بىلەن ن تاۋۇشى ئوتتۇرىسدا \"ئى' ھەرىپى يوق. يەنە بىرسىدا \"ئى\" ھەرىپى بار.

palanqi يوللانغان ۋاقتى 2009-2-14 23:46:32

ئالدامچىلىق ، قاتىللىقلارمۇ باكەن تېخى...
بەت: [1]
: گۆھەر تۇغىدىغان توخۇ(بالىلارغا چۆچەك ئېيتىپ بېرەيلى!)