wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2009-2-12 17:59:51

قىلغۇدەك- ساتىرا (ۋاپادارىم )

قىلغۇدەك

تىڭشىسام ھەممە ئېلان،ساقلىقنى ئارمان قىلغۇدەك ،

ئەل-ئاۋامنىڭ خوشلۇقى ،بەختىنى نىشان قىلغۇدەك ،

ساختىسى راستىن تولا سۆزلىرى دەبدەبىلىك ،

ئاقىبەت ئالداپ يۈرۈپ  يانچۇقنى ۋەيران قىلغۇدەك .

بىرىنىڭ تابلېتى بار ،رولى ئاجايىپ ئۆزگىچە ،

يېگۈچى بولماس كېسەل ئۇنى يېگەندىن ئۆلگۈچە،

ئۇ شىپالىق بولغۇسى تاكى زۇكامدىن- راكقىچە ،

ئۈچ داۋالاش باسقۇچى كېسەلنى سەرسان قىلغۇدەك .

بىرىدە باردۇر سوپۇن چاچنى قىلاركەن قاپقارا ،

چاچنى توم، تال-تال قىلىپ  ،باش تېرىنى قىلماس يارا ،    

ھەم يوقاتقاچقا  كېپەك  شۆھرەت تېپىپ ئالەم ئارا ،

تازغا سۇمبۇل  چاچ چىقىپ  ۋاي ساينى بوستان قىلغۇدەك .

بىرىنىڭ چىش پاستىسىدا يۇيساڭلا چىشلار پارقىراق ،

يوق بولارمىش ئەتىسى داغ ھەم يەنە  سسېسسىق پۇراق ،

چوتكىسى ئۇندىن ئېسىل سۈرگەنچە كىرىپ ئىشتىياق ،

ساپسېرىق توڭكاي چىشىڭنى ئۈنچە مارجان قىلغۇدەك .

بىرىدە بار ئىچ كىيىم كەيسەڭلا  بولغايسەن ئورۇق ،

بىرىنىڭ بار دورىسى سۈرسەڭلا يۈتكەي سەت قورۇق ،

داغ سېرەرنى ئىشلىتىپ ئەر ئالدىدا يۈزلەر يورۇق ،

بۇ ئېلانلار سەتنى ئۇز ،مايماقنى جانان قىلغۇدەك .

بىرىدە گىرىم بويۇم ئاسرايدۇ يۈزنى تېرىنى ،

سۈركىسە قىز قىلغۇسى 70كە كىرگە قېرىنى ،

بىرلىرى ئەتتىر چېچىپ رام قىلدى خەقنىڭ ئېرىنى ،

ئەلنى جىق ئالداش ئۈچۈن ئەرتىسنى قالقان  قىلغۇدەك .

بىرىنىڭ  كەندىر بىلەن  مەخسۇس توقۇلغان كۇسىرى ،

كەيسىڭىز تاپقاي شىپا بەل ئاغرىقى ،مەزى بېزى ،

بۇ كۇسار ئەرلەر ئۈچۈن بەئەينى بەخىت يۇلتۇزى ،

بۆرىكىڭ يوق بولسىمۇ ئىشرەتتە پالۋان قىلغۇدەك ....

بىرى دەر سۆزلەر شېرىن چىققايكى يېسەڭ شاكىلات ،

بىرى دەر توغماسنىمۇ بىزلەر قىلارمىز ئىككى قات ،

بىرى دەر پۇل خەجلىسەڭ ئۆلگەنگە  بەرگەيمىز ھايات .

يۈزدە يۈز ھۆددە قىلىپ قەسەمنى ئوكيان قىلغۇدەك .

"نەچچە مىڭ يىللىق" رېتسىپتا ياساپتۇمىشلەر دورىنى ،

"بىرنى ئالساڭ ئۈچى سوۋغا"  كولاپ  قويۇشتى ئورىنى ،

بىز نادانلار گول بولۇپ ئۆرۈك ساناشتۇق غورىنى ،

ئالدىنىپ يۈرگەنچە بىز، كاززاپلار خەندان قىلغۇدەك .

تېگى پەس ئىپلاس ئېلانلار دەستىدىن خەستە  يۈرەك.

دورىدا ئىش پۈتسىتى  ،دوختۇرنى قىلغاي كىم كېرەك ،

شۇڭىمۇ زورلاپ ساتارغا بولغۇلۇق قاتتىق سەگەك ،

مەقسىتىن يەتمەك ئۈچۈن ساپساقنى نىمجان قىلغۇدەك .

-2009يىلى-12فېۋرال شەھرى بورتالادا ۋاپادارىم ئىشخانىسىدا يېزىلىپ بېقىلدى ..

matu يوللانغان ۋاقتى 2009-2-12 18:32:44

بەزى ئېلانلارنى كۆرگەنسىرى يۈزۈم قىزىرىپ كىتىدۇ .ھەممىسى بىزنىڭ س س م ب تارمىغىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىدى !

كەچۇر ئاداش ،قولۇمدىن كىلىدىغىنى چاغلىق ئىكەن !

Vatan يوللانغان ۋاقتى 2009-2-12 18:42:51

بەك ياخشى يېزىپسىز ،  ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى قانداقمۇ داۋالاش دورىلىرى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولسۇن ، بىراق ساختاپەزلىك ھۆكۈم سۈرگەن بۇ دەۋىردە س س م ب ئىدارىسى ساختىپەزلەرنىڭ ھامىيسى بولۇشتىن باشقا رولى يوق.

sardar0998 يوللانغان ۋاقتى 2009-2-12 18:45:24

قاملىشىپتۇ ،ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ ...

wapadarim بۇندىن كىيىن بىر يوەن پىلانى ئۇچۇن كۆپ باش قاتۇرۇپ يۇرمەي بۇنداق شىئىرلارنى كۆپىرەك يىزىپ نەشىر قىلدۇرۇپ تۇرسىڭىز ۋە چۇشكەن پۇلنى ئىئانە قىلسىڭىز بىر چاممىدا ئىككى پاختەك سوققىلى بولىدىكەن .

شىئىرىڭىز ھەقىقەتەن قاملىشىىپتۇ .

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2009-2-12 21:13:26

يېقىندا تېخى تاڭجىنىڭ كاپسۇلى دەپ ماختاپ ھېرىپ يىقىلىپ چۈشەي دەپ قالغان ما زاڭ ئېلاندا

ئەمدى قۇپۇپ، تاڭجىنىڭ كاپسۇلى ساختا، يىيىشنى توختىتىڭ... دىگەن ئېلاننى توختىماي بىرىۋاتىدۇ.

...

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2009-2-13 20:36:07

شئېرلىرىم  جورناللارغا ياراشتىن تېخى يىراقتا ....

Estami يوللانغان ۋاقتى 2009-2-14 12:36:40

بىزگە يارسا شۇ ھېساپ ئەيساجان ، باشىقىسى بىكار .

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2009-2-14 15:50:33

ما گەپنى بەك پەچەت دېدىڭىز ئىستەمى ،راس

تور بەتكە چىققىنىغا مەنمۇ بەك خوشال .

بەت: [1]
: قىلغۇدەك- ساتىرا (ۋاپادارىم)