yolbaxqi-ksg يوللانغان ۋاقتى 2009-2-6 18:02:49

شېئىرلاردىكى تەتۈر پەش 42; ئىسراپچىلىقى

شېئىرلاردىكى تەتۈر پەش* ئىسراپچىلىقى

مۇھەممەد رەھىم


ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىدا ھەر خىل قوشما جۈملىلەر، جۈملە تەركىبىدىكى تەڭداش بۆلەكلەر، قاراتما سۆز، ئۈندەش سۆز ۋە قىستۇرما سۆزلەرگە تەتۈر پەش قويۇلىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بېرى شېئىرىيەتتە بۇ قائىدىگە يېتەرلىك ئەمەل قىلىنمىغانلىقتىن تەتۈر پەش ئىسراپچىلىقى يۈز بېرىۋاتىدۇ ۋە بۇ ئەھۋال بارغانسېرى كېڭىيىپ كېتىۋاتىدۇ.

تۆت مىسرادىن تەركىب تاپقان بىر كۇپلېت شېئىر بىر نەچچە جۈملىدىن، قىسمەن ھاللاردا بىر جۈملىدىن تۈزۈلگەن بولىدۇ. بۇ جۈملىلەرنىڭ ئىچىدە تۈرلۈك شەكىلدىكى قوشما جۈملىلەر كۆپرەك ئۇچرايدۇ. بىر كۇپلېت شېئىرغا تىنىش بەلگىلىرى قويۇشتا ئۇنىڭ تەركىبىدىكى جۈملە ۋە جۈملە تەركىبىدىكى سۆزلەرگە قارىلىدۇ. شېئىر  گۈزەل ۋە مۇرەككەپ تىل سەنئىتى بولسىمۇ، گرامماتىكىمىزنىڭ تىنىش بەلگىلىرى (پۇنكتۇئاتسىيە) قائىدىلىرىگە بىھۆرمەتلىك قىلىنمايدۇ. ئەپسۇسكى، پۇنكتۇئاتسىيىنىڭ بۇ ئاددىي نورمىلىرى شېئىرىيەتتە بۇزۇۋېتىلدى. مەسىلەن:

چاقنايدۇ بەخت نۇرى،
ھۆسنۇمدە، چىرايىمدا.
كۈيلەيمەن زامانەمنى،
شاد ناخشا – دۇتارىمدا.

بۇ بىر كۇپلېت شېئىر ‹‹ھۆسنۈمدە، چىرايىمدا بەخت نۇرى چاقنايدۇ. شاد ناخشا  دۇتارىمدا زامانەمنى كۈيلەيمەن›› دېگەن ئىككى جۈملىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ھەر ئىككىلىسىدە تەتۈر پەشكە ئورۇن يوق. بۇ شېئىر ژۇرنالغا بېسىلغاندا، 1 – ۋە 3 – مىسرالىرىنىڭ ئاخىرىغا پەش قويۇلغان.

شېئىر مىسرالىرىدىكى سۆزلەرنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇشى (ئىنۋېرتسىيە قىلىنىشى)، بىر جۈملىنىڭ ئىككى ياكى ئۈچ مىسراغا بۆلۈنۈپ كېتىشى شۇ مىسرانى ۋەزىن، تۇراق ۋە قاپىيە تەلىپىگە بويسۇندۇرۇش تۈپەيلىدىن بولىدۇ. مۇنداق تەلەپ مىسرالاردىكى جۈملىنىڭ مەزمۇنىنى، سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىسىنى ئاساسەن ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تىل – ئىملاغا دائىر كىتاب ۋە ماقالىلەردە ‹‹ھەر بىر كۇپلېت شېئىرنىڭ 1 – ۋە 3 – مىسرالىرىنىڭ ئاخىرىغا تەتۈر پەش قويۇلىدۇ››، دەيدىغان قائىدىمۇ يوق، ئىزاھاتمۇ يوق. مەتبۇئات ئورۇنلىرىدىكى بىر تۈركۈم خادىملار قولىدا ھېچقانداق ئاساسنىڭ يوقلۇقىغا قارىماي، بىر – بىرىگە قارىغۇلارچە ئەگىشىپ، ھەر قانداق شېئىرنىڭ 1 – ۋە 3 – مىسرالىرىنىڭ ئاخىرىغا پەش قويۇشۇۋاتىدۇ. ئاپتور ئۆزى 1 – ۋە 3 – مىسرانىڭ ئاخىرىغا ھېچقانداق بەلگە قويمىغان بولسا، ئۇ مىسرالارنىڭ ئاخىرىغا دەرھال ئىككى تەتۈر پەش كېلىپ ئورۇن ئالىدۇ. بۇ، خۇددى كۇلۇپتىكى بىكار ئورۇنغا بېلەتسىز ئىككى تاماشىبىن دەرھال بېرىپ ئولتۇرۇۋالغانغا ئوخشايدۇ. يەنە بىر مىسال:

پۇشايمان ھەسرەتتە ئويلايمەن: قاچان،
يالغانغا ئۆگىنىپ قالغاندۇ تىلىم.

بۇ ئىككى مىسرانى ئاددەتىكى جۈملىگە ئايلاندۇرۇپ كۆرەيلى :‹‹پۇشايمان ۋە ھەسرەتتە ئويلايمەنكى، تىلىم يالغانغا قاچان ئۆگىنىپ قالغاندۇ؟!››

كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى ‹‹قاچان›› سۆزى 2 – مىسراغا تەئەللۇق بولۇپ، تۇراقنىڭ تەلىپى بويىچە 1 – مىسرانىڭ ئاخىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ‹‹قاچان›› سۆزىدىن كېيىن بىرەر تىنىش بەلگىسى قويۇش لازىم دېيىلسە، سىزىقچە ( – ) قويۇلسا بولىدۇ. ‹‹قاچان›› سۆزى شۇ جۈملە تەركىبىدىكى ھالەتنى بىلدۈرىدىغان مۇستەقىل بۆلەك بولغىنى ئۈچۈن سىزىقچە قويۇلمىسىمۇ بولىدۇ. بۇ ئىككى مىسراغا تىنىش بەلگىلىرى قائىدىسى بويىچە مۇنۇ بەلگىلەر قويۇلىدۇ:

پۇشايمان، ھەسرەتتە ئويلايمەن: قاچان
يالغانغا ئۆگىنىپ قالغاندۇ تىلىم؟!

‹‹تىلىم يالغانغا قاچان ئۆگىنىپ قالغاندۇ››  بۇ ھېسسىياتنى ئىپادىلىگۈچى سوراق جۈملە بولغانلىقى ئۈچۈن ئاخىرىغا سوئال بىلەن ئۈندەش قويۇلۇشى كېرەك. ‹‹پۇشايمان›› ۋە ‹‹ھەسرەت››تىن ئىبارەت ئىككى تەڭداش بۆلەكنىڭ ئارىسىغا تەتۈر پەش قويۇلۇشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى، ‹‹قاچان››نىڭ ئاخىرىغا بىھۇدە قويۇلغان پەش ئىككى تەڭداش بۆلەكنىڭ ئارىسىغا قويۇلغان بولسا، ئىككى خاتا بىر يولى تۈزىتىلگەن بولاتتى.

يۇقىرىدىكى ئەھۋالنىڭ ئەكسىچە، گېزىت، ژۇرناللاردا پەش قويۇلىدىغان جايغا قويۇلمىغانلىقىمۇ كۆزىمىزگە ئانچە – مۇنچە چېلىقىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ھادىسە شېئىر ماۋزۇلىرىدا يۈز بېرىۋاتىدۇ. مەسىلەن: ‹‹كەلگىن يارىم گۈل تۇتاي››،  ‹‹ئۇرغۇي ئەمەس ئۇيغۇر››، ‹‹بۇ سالاملار ئەمەلگىمۇ ماڭىمۇ››. يۇقىرىدىكى ماۋزۇلاردىن 1 – سىدىكى ‹‹يارىم›› سۆزىنىڭ ئالدى – كەينىگە، 2 – سىدىكى ‹‹ئەمەس›› سۆزىدىن كېيىن، 3 – سىدىكى ‹‹ئەمەلگىمۇ ماڭىمۇ›› دېگەن ئىككى سۆزنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ. ئەگەر، ئۇ جايلارغا پەش قويۇلمىسىمۇ، ئوقۇغانلار توغرا چۈشىنىدۇ، دەيدىغان بولساق، ئۇ چاغدا 100 يىل ئىلگىرىكى مەتبۇئات سەۋىيىمىزدىن قانائەتلەنگەن بولىمىز. ئەمەلىيەتتە ‹‹ماۋزۇلارغا تىنىش بەلگىلىرى قويۇلمايدۇ›› دېگەن قائىدە مەۋجۇت ئەمەس.

مەن بۇ ماقالەمدە شېئىر كۇپلېتلىرىدىكى 1 – ۋە 3 – مىسرالارنىڭ ئاخىرىغا پەش قويۇلمايدۇ، دېمەكچى ئەمەسمەن. مۇنداق دېيىشمۇ ساۋاتسىزلىق بولىدۇ. تىنىش بەلگىلىرى توغرا قويۇلغان شېئىر كۇپلېتلىرىغا نەزەر سالساق، 1 – ۋە 3 – مىسرالار ئاخىرىغا پەش قويۇلغان كۇپلېتلارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن:

ئاسمانغا نەزەر سال، يۇلتۇز بىساناق،
ئۈسۈشمەي ئۆتىدۇ ئەزەلدىن ئىناق.
جاھان كەڭرى، دوستۇم، يېتەر ھەممىگە،
ئادەمگە ياراشماس سۆڭەك تالاشماق.

           (ئا. ت. ئۆتكۈزنىڭ رۇبائىيلىرىدىن)


ئەسسالام!  كۆكسۈمگە قويدۇم قولۇمنى،
بوۋايمۇ سالامغا ياندۇردى جاۋاب.
شەھەرنى كۆرمىدىم ياشاپ شۇنچە يىل،
ماڭدىم مەن شەھەرنى قىلغىلى تاۋاپ.

     (خەلىم سالىخنىڭ ‹‹سەپەردە›› شېئىرىدىن)


بۇ كۇپلېتلاردىكى 1 – مىسرا بىلەن 2 – مىسرا، 3 – مىسرا بىلەن 4 – مىسرالار تەڭداش باغلانغان قوشما جۈملە بولغانلىقى ئۈچۈن 1 – ۋە 3 – مىسرالارنىڭ ئاخىرىغا پەش قويۇلغان.

پەش  يېزىقتا ھەممىدىن كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تىنىش بەلگىسى. لېكىن ئۇنى كۆپ ئىشلىتىمىز دەپ، شېئىر مىسرالىرىنىڭ ئاخىرىنى زىننەتلەيدىغان بېزەك قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. پەشنى زۆرۈر بولمىغان جايغا قويۇشىمۇ خاتا، زۆرۈر بولغان جايغا قويماسلىقمۇ خاتا. بىر پەشنىڭ ئۇياققا ياكى بۇياققا قويۇلۇشى بىلەن جۈملىدىكى پىكىر ئاستىن – ئۈستۈن بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. مەسىلەن:

لاپ ئەمەس، ئالەمدە يوق خەلقىمچىلىك مەرد ھەم سېخىي،
ئېيتقىنىم پاكىت، ئەمەس ئاغزىمغا كەلگەن سۆز – چۆچەك.

              (روزى سايىتنىڭ رۇبائىيلىرىدىن)


بۇ رۇبائىينىڭ 2 – مىسراسى باغلىغۇچىسىز تۇتاشقان تەڭداش قوشما جۈملە بولۇپ، ئۇنى نەسىرگە ئايلاندۇرساق،‹‹ئېيتقىنىم پاكىت، ئاغزىمغا كەلگەن سۆز – چۆچەك ئەمەس›› دېگەنلىك بولىدۇ. ئەگەر ‹‹ئەمەس›› سۆزىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان پەشنى ‹‹ئەمەس›› تىن كېيىن قويسا، ‹‹ئېيتقىنىم پاكىت ئەمەس، ئاغزىمغا كەلگەن سۆز – چۆچەك›› بولىدۇ. بۇنىڭدا ئاپتورنىڭ مەقسىتى ئاستىن – ئۈستۈن بولۇپ كېتىدۇ.

نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى ئىچىدە مۇنداق بىر سۆز ئويۇنى بار: بىر كۈنى ئەپەندى ئېشىكىنى مىنىپ كېتىۋاتقاندا، مەھەللىنىڭ ئاخۇنى ئۇچراپ قاپتۇ. ئاخۇنۇم ئەپەندىنى مەسخىرە قىلىپ سوراپتۇ:
  — ئەپەندىم كىمنىڭ ئېشىكى؟
— ئاخۇنۇم مېنىڭ ئېشىكىم، – دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئەپەندى.

بۇ سوئال – جاۋابتا ‹‹ئەپەندىم›› بىلەن ‹‹ئاخۇنۇم›› دېگەن ئىككى قاراتما سۆز شۇ جۈملىگە ئۇلاپ تەلەپپۇز قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ‹‹سەن كىمنىڭ ئېشىكى›› دېگەن مەنە چىقىدۇ. ئەپەندىنىڭ نەق جاۋابىدىن ئاخۇنۇم ئۆزى ئەپەندىنىڭ ئېشىكى بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئاشۇ ئىككى قاراتما سۆز ئايرىپ تەلەپپۇز قىلىنسا ياكى ‹‹ئەپەندىم››، ‹‹ئاخۇنۇم›› سۆزى تەتۈر پەش بىلەن ئايرىپ يېزىلسا، ئاددەتتىكى سوئال – جاۋاب بولۇپ قالاتتى – دە، بۇ مەسخىرىلىك سۆز ئويۇنى چىقمىغان بولاتتى.

يۇقىرىدىكى مىساللاردىن تەتۈر پەشنىڭ يېزىقتىكى رولىنى سەل چاغلاشقا بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالالايمىز.

مەن شېئىر مىسرالىرىنىڭ ئاخىرىغا قارا – قويۇق تەتۈر پەش قويۇشقا خۇشتار مۇھەررىر، كوررېكتور ۋە شائىر يولداشلاردىن شۇنى سورايمەنكى، مۇشۇ خاتا قائىدىنى قايسى كىتابتىن كۆرگەنلىكىنى دەپ بەرسە، مەنمۇ ئوقۇپ باقاي.

*يېزىقتىكى پەش  ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقلاردا تەتۈر قويۇلىدىغانلىقى ئۈچۈن تەتۈر پەش دېيىلىدۇ. مەن بۇ ماقالەمدە پەش دەپمۇ ئاتاۋەردىم.

مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

tarik يوللانغان ۋاقتى 2009-2-6 19:28:33

رەھمەت سىزگە، نۇرغۇن مول بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2009-2-6 20:02:10

ئۇستازلارنىڭ تېنى سالامەت بولسۇن ...

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-2-7 00:13:12

قاتتىق قوللايمەن، باسمىدىكى خادىملار ئىملادا بىرەر دەرىجە ئېلىپ ئاندىن خىزمەت قىلمامدۇ؟ بۇنىڭغا كىم ئىگە؟ بىرەر كومىتىت شۇ ئىشنى قىلسا بولمامدۇ،
بەت: [1]
: شېئىرلاردىكى تەتۈر پەش42; ئىسراپچىلىقى