yolbaxqi-ksg يوللانغان ۋاقتى 2009-2-5 21:06:52

ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتى

ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتى

ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتى

<مىللەتلەرنىڭ بىر - بىرىدىن پەقەت تۇرمۇش شارائىتى بىلەنلا ئەمەس، مىللىي مەدەنىيەت خۇسۇسىيەتلىرى ئىپادىلىنىدىغان روھىي قىياپەتلىرىدىمۇ پەرق ئېتىدۇ>. روھىي ھالەت مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ يادروسى.
مەدەنىيەت ئۇقۇمىدىن ئالغاندا، مەنىۋى مەدەنىيەتنى ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ياراتقان ماددىي بايلىقتىن بەھرىمەن بولۇشى بويىچە مەنىۋى دۇنياسىدا شەكىللەنگەن، ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋى ئادەت ھادىسىلىرىنىڭ يىغىندىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى، ماددىي مەدەنىيەت ھادىسىلىرىگە ئوخشاش (مەسىلەن، ھارۋا، ماشىنا، ئايروپىلان، تېلېۋىزور، ئىمارەت، كىيىم - كىچەك، زىننەت بۇيۇملىرى، تاماق قاتارلىق) كۆز بىلەن كۆرگىلى، قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدۇ. كىشىلەر ماددىي مەدەنىيەت ھادىسىلىرىدىن كۆرۈپ، تۇتۇپ، تېتىپ، ئولتۇرۇپ - قوپۇپ ھوزۇرلانسا، مەنىۋى مەدەنىيەتتىن مەنىۋى پائالىيىتى ئارقىلىق ئىچكى دۇنياسىدا ھوزۇرلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى <مەنىۋى ئادەت> دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. دېمەك، مەنىۋى مەدەنىيەت ئىجتىمائىي ئاڭ، ئىجتىمائىي تەشكىلىي قائىدە - تۈزۈم، دىن، ئېتىقاد - ئەقىدە، ئەخلاق مۇراسىملار، ئەدەبىيات - سەنئەت (ھېكايە - چۆچەك، شېئىر - قوشاق، ماقال - تەمسىل، ئەپسانە - رىۋايەت ۋەھاكازالار). ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت قائىدە - ئۇسۇللىرى قاتارلىق ناھايىتى كەڭ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ نۇقتىدىن مەنىۋى مەدەنىيەتنى ئىنسانلارنىڭ ماددىي بايلىقتىن بەھرىمەن بولۇشتىكى <ئىقتىدارى>، <ئۇسۇل شەكلى> ياكى شەكىلسىز <پىسخىك مەدەنىيەت> ھادىسىسى دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. مەنىۋى مەدەنىيەت ئەنە شۇنداق كەڭ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغاچ، ئۇنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ئوخشاش بولمىسىمۇ خۇددى بىر گەۋدە سۈپىتىدە زىچ باغلانغان بولىدۇ، شۇڭا مەنىۋى ئادەتلەر ھەمىشە ئىقتىسادىي ئادەت ۋە ئىجتىمائىي ئادەتلەر بىلەن گېرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، مەنىۋى ئادەت ئۈستىدە ئىپادىلىنىدۇ.
يېغىنچاقلىغاندا، ماددىي مەدەنىيەت مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئاساسى ۋە ئالدىنقى شەرتى. مەنىۋى مەدەنىيەت جەمئىيەت ماددىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتى ئاساسىدا شەكىللەنگەن. ماددىي مەدەنىيەت مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرسە، مەنىۋى مەدەنىيەت ئۆز نۆۋىتىدە ماددىي مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. دېمەك، بۇ ئىككىسى ھامان ئاشۇنداق دىئالېكتىك مۇناسىۋەتتە تەرەققىي قىلىپ، ئۆزگىرىپ، بېيىپ، رەڭدارلىشىپ كەلگەن ۋە مەڭگۈ شۇنداق مۇناسىپ ئاساسىدا تەرەققىي قىلىپ، ئۆزگىرىپ بېيىپ، رەڭدارلىشىپ بارغۇسى. بىز بۇ مۇناسىۋەت قانۇنىيىتى ئاساسىدا، ئالدىنقى بابلاردا بايان قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي مەدەنىيەت ئەھۋالىغا نەزەر سالساق، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن خېلى يۈكسەك تەرەققىيات سەۋىيىسىگە، ئۆزىگە نىسبەتەن خېلى يۈكسەك تەرەققىيات سەۋىيىسىگە، ئۆزىگە خاس مىللىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.

ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىنىڭ تەشكىلىي شەكلى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلىي شەكلىنى ئاساسەن مۇنداق بەش دەرىجىگە بۆلۈشكە بولىدۇ: 
1 - ئائىلە: مەلۇمكى ئائىلە بىر جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۈپكى تەشكىلىي ئاساسى. بۇ تارىخىي مەزگىلدە ئۇيغۇر ئائىلە تەشكىلىي ئۇيغۇر فېئودالىزىم جەمئىيتىنىڭ ئەڭ تۈپكى ئىجتىمائىي تەشكىلىگە ئايلىنىپ، مۇقىم تەرەققىي قىلىش بىلەن تولۇق فېئودال خاراكتېرنى ئالدى.
2 - مەھەللە: بۇ مۇئەييەن بىر دائىرە ئولتۇراقلاشقان يەتتە - سەككىز ئائىلە بىرلىكىدىن تەركىب تاپقان ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئىجتىمائىي تەشكىلىي شەكىل.
3 - كەنت: بۇ ئۈچ - تۆت مەھەللە بىرلىكىنى ئاساس قىلغان ئەڭ كىچىك مەمۇرىي تەشكىلىي شەكىل. 
4 - يېزا: بۇ تۆت - بەش ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ كەنت بىرلىكىنى ئاساس قىلغان تۆۋەن دەرىجىلىك مەمۇرىي تەشكىلىي شەكىل. بۇ ئىجتىمائىي تەشكىللەرنىڭ باشلىقلىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ يېزا ئاقساقاللىرى ياكى بەگلىرى؛ يەككە ئاتاشتا مەھەللە باشلىقى ياكى ئون بېشى؛ كەنت باشلىقى ياكى يۈز بېشى؛ يېزا باشلىقى ياكى (مىڭ بېگى) دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. يېزا باشلىقى دوپ بېگى (توپ بېگى) دەپمۇ ئاتىلىپ كەلگەن. دوپ بېگىنىڭ قول ئاستىدا دۇۋان بېگى، كۆك بېگى، مىراپ قاتارلىق كىچىك بەگلەرمۇ بولۇپ، ئۇلار يېزا - كەنتلەرنىڭ غەللە - پاراق، باج - سېلىق، سۇ ئىشلىرى قاتارلىق ئىشلار بويىچە دوپ بېگىگە ياردەملىشىپ كەلگەن.
4 - شەھەر: بۇ يەتتە - سەككىز ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ يېزا بىرلىكىنىڭ قوشۇلمىسى ئاساس قىلىنغان بىر قەدەر يۇقىرى مەمۇرىي تەشكىلىي شەكىل بولۇپ، ئۆز دەۋرىدە ھازىرقى ناھىيىگە باراۋەر مەمۇرىي رايون بىرلىكى ھېسابلىناتتى. مۇنداق مەمۇرىي رايون باشلىقلىرى ھاكىم بەگ دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.
شەھەر قەدىمكى دەۋردە <بالىق> دەپ ئاتىلاتتى. ئۇ، ئۆز دەۋرىدە قەلئە ئاساسىدىكى ھاكىميەت مۇئەسسەسەلىرى ۋە بەلگىلىك ساندا ئاھالە جايلاشقان جاينى بىلدۈرەتتى. ئوتتۇرا ئەسىردىن كېيىنكى دەۋرلەردە ئاشۇنداق قەلئەلەر ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان ۋە دېھقانچىلىق، قول سانائەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن، ئادەتتىكى يېزىلاردىن بىر - ئىككى، ھەتتا بىر نەچچە ھەسسە كۆپ ئاھالە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلار، مەسىلەن، قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ، كۇچا، تۇرپان قاتارلىق جايلار شەھەر دەپ ئاتىلىدىغان بولغان. بۇ جايلار ئۆز دەۋرىدە سىياسى، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، قاتناش ساھەلەردىكى تەرەققىيات دەرىجىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئادەتتىكى شەھەرلەردىن پەرقلىنەتتى. شۇڭا بۇ شەھەرلەردە تۇرۇشلۇق باش مەمۇرىي ئەمەلدار ۋالىي ياكى ھاكىم بەگ دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. مەيلى مۇشۇنداق مەركىزىي شەھەر ياكى ئادەتتىكى شەھەرلەر بولسۇن ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلىرىنىڭ جايلاشقان ئورنىنىڭ ھەربىر جۇغلۇق بۆلەكلىرىمۇ شۇ شەھەرلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىجتىمائىي تەشكىلىي سۈپىتىدە مەھەللە دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. 
<ئۇ مەلەڭدىن بۇ مەلەڭگە، ئويناي دەپ كەلدىم. مەيلىڭ بارمۇ، مەيلىڭ يوقمۇ، بىلەي دەپ كەلدىم> دېگەن خەلق قوشىقىدىمۇ مەھەللىنىڭ شۇ ئالاھىدىلىكى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئون بېشى، يۈز بېشى، مىڭ بېشى قاتارلىق مەنسەپ ناملىرى بۇرۇن ھەربىي تەشكىلىي بىرلىك مەنسەپ ناملىرىدىن ئىتىبارەن بولۇپ، كېيىنكى دەۋرلەردە مەمۇرىي تەشكىلىي بىرلىك مەنسەپ نامىغا تەدبىقلانغان .
شۇ تارىخىي مەزگىلدىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىك شۇكى، ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئۇيغۇر جەمئىيتىدە بىر مۇددەت دىن بىلەن ھاكىمىيەت پۈتۈنلەي دېگۈدەك دىنىي ھاكىمىيەت تۈسىنى ئالدى. ئالاھىدىلىكى: 1( ئۇيغۇر فېئودال جەمئىيىتىدىكى ئالىي ھۆكۈمدار ئىسلامىيەت مەنسەپ نامىدا <سۇلتان> دەپ يۈرگۈزۈلىدىغان بولدى. مەسىلەن، <سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان>، <سۇلتان ئابدۇرىشىت خان> دېگەنگە ئوخشاش. ھەر دەرىجىلىك بەگلەر، ھەر دەرىقىلىك دىنىي خادىملارنىڭ نازارىتى ئاستىغا قويۇلدى. 2) مەھكىمە شەرئى (دىنىيسوت) تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، قانۇنىي ئىشلار قازى قوززات (بىر رايون بويىچە ئالىي مەھكىمە شەرئى باشلىقى) قازى، ئەلەم مۇپتى (پەتىۋا يەنى ھۆكۈم چىقارغۇچى) تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان بولدى. مەھكىمە شەرئىنىڭ ئاساسىي قاتلام خادىملىرى سۈپىتىدە يېزا - مەھەللىلەرگە ئىمام - مەزىن تەيىنلەندى. 3( غوجىلىق نەسەب تۈزۈمى ھۆكۈم سۈردى. 
قۇلۇمدا، كېيىنچە لۈكچۈندە نەسەبى ۋارىسلىق فېئودال ۋاڭلىق تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. 1884 - يىلى فېئودال يەرلىك ھاكىمىيەتلەر بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ شىنجاڭدا ئۆلكە تەسىس قىلىش بىلەن 1887 - يىلى نەسەب بەگلىك تۈزۈم ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇو ناھىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. ھاكىم بەگلەر ئۆلكىدىن تەيىنلىنىدىغان بولدى. ئەمما كەڭ يېزا - قىشلاقلاردا بەگلەر يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋەردى. بۇ بەگلەر ھاكىم بەگلەرنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ ئىجتىمائىي كەسىپلەر ۋە يېزا - قىشلار ئىشلىرىنى باشقۇراتتى. بەگلەر نامى ۋە ۋەزىپىلىرى تۆۋەندىكىچە:
يېزا - قىشلاق ئىشلىرىغا مەسئۇل بەگلەر:
خەزىنىچى بەگ: يەر - زېمىن، غەللە - پاراققا مەسئۇل. 
شاڭبېگى: غەللە - پاراق تاپشۇرۇشقا مەسئۇل. 
مۆتىۋەللى بەگ: يەر - زېمىن سودىسى، گۆرە - رەنە ئىشلىرى ۋە شۇ ساھەدىكى دەۋانە - دەستۈرلەرگە مەسئۇل. 
ئەرباب بەگ: ئالۋان - ياساق ئىشلىرىغا مەسئۇل.
باغۋەن بەگ: باغ - ۋارانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل. 
دوپ بېگى: ئىككى مىڭ ئۆيلۈك دېھقانغا مەسئۇل. 
يۈز بېگى يۈز ئۆيلۈك دېھقانغا مەسئۇل. 
ئون بېگى: بىر نەچچە ئون ئۆيلۈك دېھقانغا مەسئۇل.
مىراپ بەگ: سۇ ئىنشائاتى ۋە سۇ تەقسىماتىغا مەسئۇل. 
قول سانائەت ئىشلىرىغا مەسئۇل بەگلەر: 
نېقىپ بەگ: ئۇستاملارنى ئىشلىتىشكە مەسئۇل. 
كاتىۋال بەگ: ئۆي - ئىمارەت قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل. 
قاش بېگى: قاشتېشى قېزىشقا مەسئۇل.
مىس بەگ: مس كانغا مەسئۇل. 
سودا - تىجارەت ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان بەگلەر: 
كېرەك - ياراق بېگى: سودا - تىجارەت ۋە باج ئىشلىرىغا مەسئۇل. 
باجىگەر بەگ: باج ۋە باھاغا مەسئۇل.
بازار بېگى: بازار ئىشلىرىغا مەسئۇل. 
ئەدلىيە - ئامانلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بەگلەر: 
قازى بەگ: بارلىق دەۋا ئىشلىرىغا مەسئۇل. 
سىپا قازى بەگ: مەخسۇس باشقىلارنىڭ دەۋا ئىشلىرىغا مەسئۇل. 
قازى بەگ: پۇقرالارنىڭ دەۋا ئىشلىرىغا مەسئۇل. 
پاششاپ بېگى: باسۇنچى، ئوغرىلارنى تەكشۈرۈش، جازالاش ئىشلىرىغا مەسئۇل.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا ھەربىي ئىشلارنى، خەت - ئالاقە، يول - قاتناش قاتارلىق ئىشلارنى باشقۇرىدىغان <قارا دېۋانبېگى>، <جەپ بېگى> قاتارلىق بەگلەرمۇ بولغان. قۇمۇل، لۈكچۈندە ۋاڭلىق تۈزۈم يولغا قويۇلغان بولسىمۇ بۇ ئىككى ۋاڭلىق تەۋەلىكىدىكى جايلارنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىشلىرى يەنىلا بەگلەر ئارقىلىق يولغا قويۇلۇپ كەلدى. چوڭ جىنايى ئىشلاردىن باشقا نىكاھ ئىشلىرى، خەلق ئىچىدىكى ھەق - تەلەپ ئىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرخىل دەۋا ئىشلىرى يەنىلا دىنىي سوت تەرىپىېدىن بىر تەرەپ قىلىنىپ كەلدى. 
چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە <شاڭخەي> )سودا - تىجارەتچىلەر جەمئىيىتى( دېيىلگەن ئاممىۋى تەشكىلىي شەكىل مەيدانغا كەلدى. بۇ سودا - تىجارەتچىلەر بىلەن قول سانائەتچىلەر نىڭ ئاممىۋى تەشكىلىي بولۇپ، باشلىقلىرى <شاڭزۇڭ>، <خاڭتۇ> دەپ ئاتىلىپ كەلدى.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولدىكى، بەگلىك تۈزۈمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئىجتىمائىي تەشكىلىي شەكلىدىن ئىبارەت. بۇ تۈزۈم 1887 - يىلىدىن كېيىن چىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە يولغا قويۇلغان مەمۇرىي تۈزۈم ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، يېزا - قىشلاقلاردا بەگلەر، ئاقساقاللار مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىغىچە يەنىلا بەلگىلىك رول ئويناپ كەلدى. 1931 - يىلىدىكى <12 - ئاپرېل ئۆزگىرىشى> دىن كېيىن ۋاڭلار، بەگلەرنىڭ ئىمتىيازى ۋە دىنىي سوت تولۇق ئەمەلدىن قالدى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۆلكە مەركىزى ۋە ۋىلايەت، ناھىيىلەردە شىنجاڭدىكى باشقا قېرىنداش مىللەتلەر قاتارىدا <ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى> نامىدا ئاممىۋى تەشكىلات قۇرۇلدى. بۇ تەشكىلات ئۆز دەۋرىدە شىنجاڭ ھەرمىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىي - مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. 1942 - يىلىدىن كېيىن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىل باۋجىيا تۈزۈمى ئاساسىدىكى ھۆكۈمرانلىقى ھۆكۈم سۈردى.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، فېئودالىزىم ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسى، ئىقتىسادىي، مەدەنىيىتىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىدا ئىجابىي رول ئوينىدى. ئەمما ھەر خىل تارىخىي سەۋەبلەر ۋە يەرلىك فېئودال ئېكسپلاتاتۇرلارنىڭ نەپسانىيەتچىلىكى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئۇرۇش - ماجىرا، داۋالغۇشلار ۋە ئۆز دەۋرىدە مەملىكەت بويىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ئۇلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ يۈرگۈزگەن دەھشەتلىك ئېكىسپىلاتاتىيىسى، سالغان مىللىي زۇلۇمى، مىللىي كەمسىتىش، نادانلىقتا تۇتۇش سىياسىتى ئارقىسىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئېغىر بۇزغۇنچىلىق، توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئەينى ۋاقىتتا بىرمەزگىل مەيدانغا كەلگەن تەرەققىيات مەنزىرىسى ئورنىدا تۇرغۇنلۇق، چۈشكۈنلۈك، قاششاقلىق، نادانلىق ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى. بۇ ھالەت ئازادلىققا قەدەر داۋاملاشتى.
ھەر مىللەت خەلق جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە نەچچە مىڭ يىلغا سوزۇلغان جۇڭگو فېئودالىزىم جەمئىيىتىنىڭ ئاخىرقى قورغانى - گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ فېئوداللىق تۈزۈمگە ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بەردى، ھەر مىللەت خەلقى دۆلەتنىڭ ھەقىقىي خوجايىنىغا ئايلاندى. ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ۋە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا مىللىي ئاپتونومىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئىشىنى ئۆزى باشقۇرۇش قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

مەنبە : <ئاتام يازغان بىر يۈرۈش كىتابلار> نىڭ <ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتى > قىسمى .

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2009-2-7 17:21:30

يىغىپ ئېلكىتاپقا ئايلاندۇرۇپ ، يوللىسىڭىز چۈشۈرىۋالساق...

رەھمەت!

بەت: [1]
: ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتى