lazna يوللانغان ۋاقتى 2009-2-4 19:26:49

قىزىم، مىنى كەچۈرۈڭ!

يىنىك نەپەس ئېلىپ تاتلىق ئۇخلاۋاتىسىز.سىزگە قارغانسىرىم قارغۇم كىلۋاتىدۇ.قەلبىمدە ھاياجان.بايام  تېخى ئەدبىيات ئىمتاھان قەغىزىدىكى بالىلارچە تىل ،بالىلارچە تەپەككۇر بىلەن يېزىلغان ،ماقالىڭىز مىنى بەك تەسىرلەندۈرۋەتتى.لىكىن يەنە كۈزۈمگە يىغا ئولىشۋاتىدۇ.ئەگەر ئاشۇ ماقالىڭىزنى خەنزۇچە يېزىق بىلەن ئىپادىلىيەلىگەن بولسىڭىز ھە! بىلمەن سىز خەنزۇچە يېزىق بىلەن ئىپادىلىيەلمەيسىز .چۈنكى مەن سىزنى خەنزۇچە سىنپتا ھىچ بولمىغاندا سىنىپ مۇدىرى خەنزۇ مۇئەللىم بولغان قوش تىل سىنپىدا ئۇقۇش پۇرسىتىگە ، شارائىتغا ئىگە قىلالمىدىم.گەرچە سىزنىڭ سەۋيىڭىز خەنزۇ تىل يېزىق سىنپىدا ئۇقۇشقا ماس كەلسىمۇ مەندەك بىر تۇل ئانىنىڭ يانچۇقى بوش كەلدى.پۇلى ،ھۇقۇقى بار دادىلىق بالىلارنىڭ قېتىدا بۇيۇن قىسىپ قالدىڭىز.ئاخرى بولماي ئۇيغۇرچە تىل-يېزىقتىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇشقا مەجبۇر بولدىڭىز.مانا 3- سىنپقىمۇ چىقىپ قالدىڭىز قىزىم.ئۈزىڭىز تۇقۇغان قۇشاق-تېپىشماقلارنى ئېيتىپ بەرگەن چېغىڭىزدا ،چوڭلردەك گەپ قىلغان چېغىڭىزدا سىزدىن شۇنچىلىك خۇشال بۇلمەن.ئەگەر خەنزۇچە يېزىقتىكى سىنىپتا ئۇقۇغان بولسىڭىز شۇنچىلىك قۇشاق ،تېپشماقنى يازالامتىڭىز؟يازسىڭىزمۇ مەن ئانىڭىز چۈشىنەلەمتىم؟خۇشالاقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلالامتۇق؟ياق ئۇنداق بولمايتى.مەن سىزنىڭ يازغىنىڭىزنى چۈشەنمىسەم،خۇشالىقىڭىزغا جۈر بۇلالمىسام ئۈزۈمنى قانداقمۇ ئانىدەك ھىس قىلمەن.بالىسى تۇرۇپ ئۈزىنى ئانىدەك ھىس قىلالماسلىق بىر ئايال ،ئانا ئۈچۈن بەك قورقۇنىچلىق ئىش.
كۆڭلىم بەك يېرىم بۇلۇدۇ قىزىم.مەھەلىدە سىز بىلەن تەڭ دىمەتلىك بالىلار بولسىمۇ ئۇلار بىلەن دوست بۇلالمىدىڭىز،ئوينىيالمىدىڭىز ،پىكىر ئالماشتۇرالمىدىڭىز.چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى قوش تىلدا ئۇقۇغان ،ئۇلار ئۆز -ئارا خەنزۇچە سۆزلىشىدۇ.سىزلا ئۇيغۇر مۇئەللىمنىڭ قۇلىدا ،ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى مەكتەپتە ئۇقۇدىڭىز.ئۇلارنىڭ سۈزىنى سىز چۈشەنمىدىڭىز.كىچكىڭىزدىن داد مىھرىگە ئېرشىپ باقمىغان يۈركىڭىز يەنە يىتىم ھەم غېرىپلىقتا قالدى.مىنى كەچۈرۈڭ قىزىم.دوسلىرىڭىزغا ئوخشاش خەنزۇچە يېزىقتىكى مەكتەپتە ئۇقتالمىدىم.لىكىن مەن بىلەن،ئانىڭىز بىلەن تىلڭىز بىر،تىل بىرلىگى دىل بىرلىگىنىڭ ئاساسى.ئانىسى بىلەن دىلى بىر بولغان بالا ئۈزى يىتىم بولسىمۇ ،كۈڭۈل يىتىملىكنىڭ دەردىنى تارتمايدۇ.دۇنيادا كۈڭۈل يىتمچىلىگىدىنمۇ ئارتۇق ئازاپ بولمىسا كىرەك.
مەن سىزنىڭ كىينكى كۈنلىرىڭىزنى ئويلاپ شىرىن خىياللارغا غەرىق بۇلمەن.مانا سىز چوڭ بولدىڭىز،تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرۈپ، نوقتىلىق ئالى مەكتەپكە قۇبۇل قىلىندىڭىز.خىيال سۈرۈپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە يۈرگۈمنى بىر نەرسە تاتلاۋاتقانداك بوپ قالدىم.سىز ئۇيغۇر يېزقتىكى مەكتەپتە ئۇقۇغان تۇرسىڭىز قانداقمۇ نوقتىلۇق  ئالى مەكتەپكە ئۈتەلەيسىز؟نوقتىلىق ئالى مەكتەپتە ئۇقمىسىڭىز سىزگە ياخشى خىزمەت نەدە تۇرۇپتۇ؟خىزمەت بولمىسا بەختلىك تۇرمۇش نىسىپ بولمايدۇ دە!مىنى كەچۈرۈڭ قىزىم،سىزنى خەنزۇ يېزقتىكى مەكتەكە كىرگۈزەلمىگىنىم ئۈچۈن مىنى كەچۈرۈڭ.سىزنى كەلگۈسىدىكى  بەختىڭىزدىن مەھرۇم قىلغىنىم ئۈچۈن مىنى كەچۈرۈڭ. لىكىن قىزىم خىزمەتنىڭ ئۈزى بەخىتنىڭ ھەممىسى  ئەمەس.خىزمەت ئارقىلىق ھاياتلىقنىڭ ئەڭ تۈۋەن ئىھتىياجى بولغان ماددى كاپالەتكە ئىرشەلەيمىز.قىزىم مەن سىزنىڭ ئەڭ تۈۋەن ئىھتىياج ئۈچۈن ئۈزىڭىزدە بولمىسا بولمايدىغان نەرسىلەرنى قۇربان قىلۋەتمەسلىكىڭىزنى ئۈمۈت قىلمەن.
ئاڭلىسام ئۇيغۇرچە مەكتەپ ، ئۇيغۇرچە يېزقتا ئۇقۇپ ،تەبئى پەن ۋە ئىجتمائى پەندە خەلقئارا تۇنۇلغان ئالىملىرمىزمۇ بار ئىكەن.قىزىم ئادەم غەيرەتلىك ، تىرىشچان بولسا قىلغىلى ،باشقا ئېلىپ چىقىللى بولمايدىغان ئىش يوق.
كەلگۈسىدە شۇنداق بىر كۈنلەر كەلگەندە ھىچ بولمىغاندا ئۇيغۇر تىلنى بىلمەيدىغان ئۇيغۇرلارغا ئېلىپبە ئۈگۈتۈپ ،ئۇيغۇرچە ساۋادىنى چىقىرىپ  جېنىڭىزنى باقاسىز.
مەندىنى كىيىن قالغاندا باشقىلار بىلەن ئۇيغۇرچە پاراڭلاشقاندا ئانامدىن قالغان تىل ئىدى دەپ مىنى ئەسلەپ قالارسىز.

—————— مەن

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-2-4 20:29:52

ۋوي- ۋوي، بولماپتۇ بۇ..

تۈنۆگۈن يېزىدىن كەلگەن تۇغقىنىمىز شۇنداق كەپسىزدىن بىرنى ئېلىپ كەپتۇ، 4 ياشلاردا بار. مۇزلۇق ئېرىقلاردا پاختىلىق ئىشتىنىنى ھۆل قىلىپ كىردى. لېكىن كۆڭلىدىكى سۆزلەرنى تەمتىرىمەي شۇنداق راۋان جۈملىلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ، گەپدان دىمىدىم، مەقسىتىنى تولۇق سۆزلەر بىلەن راۋان ئىپادىلەيدۇ. جىيەنىمدىن بىرى بۇ يىل 7 گە كىردى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلەپ بولالمىسا خەنزۇچە بىلەن قۇتۇلىدىغىنىنى بىلىمەن، لېكىن بۇ يېزىدىن چىققان بالىنىڭ مۇكەممەل، راۋان ئۇيغۇرچە تىلى چىققاننى كۆرۈپ، بۇرۇنقى دەۋىرگە قايتقاندەك ھېس قىلىپ قالدىم.

yurtum1028 يوللانغان ۋاقتى 2009-2-4 22:32:03

   خا خا     باچكا ئاكا  سىلەرنىڭ ئاۋۇ بالا ئاكامنىڭ 5ياشلىق قىزىچىلىكمۇ ئەمەسكەنغۇ !

    ھە راست تۇيۇقسىز شىنجاڭغا قايتىدىغان بولدۇم ،سىزگە نىمە ئالغاچ باراي ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

misran يوللانغان ۋاقتى 2009-2-4 22:57:38

Baqka:

ۋوي- ۋوي، بولماپتۇ بۇ..

تۈنۆگۈن يېزىدىن كەلگەن تۇغقىنىمىز شۇنداق كەپسىزدىن بىرنى ئېلىپ كەپتۇ، 4 ياشلاردا بار. مۇزلۇق ئېرىقلاردا پاختىلىق ئىشتىنىنى ھۆل قىلىپ كىردى. لېكىن كۆڭلىدىكى سۆزلەرنى تەمتىرىمەي شۇنداق راۋان جۈملىلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ، گەپدان دىمىدىم، مەقسىتىنى تولۇق سۆزلەر بىلەن راۋان ئىپادىلەيدۇ. جىيەنىمدىن بىرى بۇ يىل 7 گە كىردى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلەپ بولالمىسا خەنزۇچە بىلەن قۇتۇلىدىغىنىنى بىلىمەن، لېكىن بۇ يېزىدىن چىققان بالىنىڭ مۇكەممەل، راۋان ئۇيغۇرچە تىلى چىققاننى كۆرۈپ، بۇرۇنقى دەۋىرگە قايتقاندەك ھېس قىلىپ قالدىم.

توۋا مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچە گەپ قىلسا ھەيران قالىدىغان ئىشلار ئەۋجىگە چىقامدۇ؟؟؟

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2009-2-4 23:38:02

بىز خەنزۇلارنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى بىلىمىز لىكىن خەنزۇلار بىزنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىمىزنى بىلمەي بەك جىلە بۇلۇپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ

Koktikin يوللانغان ۋاقتى 2009-2-5 17:51:02

يۇرتۇم 1028سىز يۇرتقا قايتامسىز ؟ئۈرۈمچىگە چۈشكەندە ماڭا تىلفۇن قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ .مېڭىشتىن بۇرۇن ماڭا تېلفۇن قىلىپ قويسىڭىز ئالدىڭىزغا چىقمەن.

بەت: [1]
: قىزىم، مىنى كەچۈرۈڭ!