Turjun يوللانغان ۋاقتى 2009-2-2 09:13:41

ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى پىشىقلاپ ئىشلەپ مە

ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى پىشىقلاپ ئىشلەپ مەدەنىيەت بۇيۇمىغا ئايلاندۇرۇش

تەپسىلاتى: ياغاچ قوشۇقنى بىلەمسىز؟ ياغاچ تەڭنە، ياغاچ ئاياق... لارنىچۇ؟ بۇلار ئەسلىدە قەدىمدىن ئەجدادلىرىمىز، خەلقىمىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئىكەنلىكىنى بەلكىم بىلمەيدىغانلار يوقتۇ. شۇنداقلا ياساش ئاسان، ئىشلىتىش ئەپلىك، ئەرزان، قولايلىق...بولغان سانائەت تۇرمۇش بۇيۇملىرى تۆمۈر قوشۇقلار، جاۋۇر (پىڭزا) لارنىڭ ئەشۇ بىر قاتار ئەنئەنىۋى تۇرمۇش بۇيۇملىرىمىزنى «تارىخ سەھنىسىدىن سىقىپ چىقىرىۋاتقانلىقى» نى بىلمەيدىغانلار يوقتۇ. گېپىم مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بەزىلىرىڭلار «ماۋۇ ئاداش بىزنى ياغاچ قوشۇق، ياغاچ تەڭنە. ياغاچ... لارنى ياساپ سات دەۋاتمايدىغاندۇ؟» دەپ ئويلاپ قالماڭ، مېنىڭ ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغىنىم، ئاشۇ ياغاچ قوشۇقنىڭ نوقۇل ماددى قىممىتى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىستىتىك قىممىتى. بۇنى قانداق ھىس قىلدىڭىز دەڭ؟ قايسى بىر يىلى تۇغقانلار خوتەنگە كېتىشىپ، ھەممىسى بىر قانچىدىن ياغاچ قوشۇق سېتىۋىلىپ ئەكىلىشىپتۇ، بۇ قوشۇقلارنى كۆرگەن باشقا تۇغقانلار ئالاھىدە بىر نەپىس بۇيۇمنى كۆرگەندەك سىلاپ كېتىشتى. قەيەردىن ئالدىڭلار؟ نەچچە پۇلكەن؟ ھازىرمۇ مۇشۇنى ياساپ ساتىغان ئادەملەر بارمىكەن؟ دىيىشتى ھەيرانلىق بىلەن. شۇ ۋاقىتتا ماڭا ئانچە تەسر قىلمىغان ئىكەن، كېيىن ئويلىسام، بۇ نوقۇل شۇ ياغاچ قوشۇقنىڭ نەپس ياسالغانلىقىغا قارىتىلغان گەپ بولماستىن، مىللىتىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا بولغان چەكسىز مۇھەببىتىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئىپادىلىنىپ چىقىشى ئىكەن.

ئەسلى گەپكە كەلسەم، بۇرۇنلاردا ھازىرقىدەك سىپتا كېسىش، قىرىش بۇيۇملىرى بولماچقا، ياغاچ تۇرمۇش بۇيۇملىرى قوپال، ئېغىر، قولايسىز، تەننەرخى يۇقىرى بۇ بۇيۇملار ئاستا ئاستا، سانائەت تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا ئورۇن بوشاتقان ئىدى. ھازىر خارەتچىلىك (ياغاچچىلىق) ئەسۋاپلىرى كۆپ ئىلغارلىشىپ كەتتى. بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ بارغانچە كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان مىمارچىلىق سەنئىتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئەگەر ياشلىرىمىز ھازىرقى زاماندىكى ئىلغار ئەسۋاپلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى نەپس سەنئەت بۇيۇمى سۈپىتىدە ئىشلەپچىقارسا، بۇنىڭ ئىقتىسادى ئۈنۈمى چوقۇم ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ. مېنىڭ بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىم زور كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىش ئەمەس، ئاز ئەمما ئىنتايىن نەپىس تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، ئۇنى بىر ئېغىز ئۆيگە يېڭىسارنىڭ پىچىقىنى تىزغاندەك قاتار- قاتار، چىرايلىق تىزىپ قويۇپ، يۇقىرى باھا قويۇپ ساتساق، ئەنئەنىسىنى سېغىنىشنى باشلىغان ئۇيغۇرلىرىمىزلا ئەمەس، سېرتتىن كەلگەن ساياھەتچى مىللەتلەرمۇ زور قىزىقىش بىلەن سېتىۋالىدۇ، چۈنكى مەدەنىيەتنىڭ چەك چىگرىسى بولمايدۇ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى چەكسىز بولىدۇ.

نىمىنى ياساش مەسىلىسىگە كەلسەك، بىرىنچى بولۇپ ياغاچ قوشۇق ياساڭ؛ ياغاچ قوشۇق ئىنتايىن خاسىيەتلىك تۇرمۇش بۇيۇمى، ئۇنىڭ بىلەن تاماق يىسىڭىز ياكى كىچىك بالىلارغا تاماق يىگۈزسىڭىز ئاغزى كۆيمەيدۇ. ياغىچىنىڭ ماتىرىيالىغا قاراپ نۇرغۇن كېسەللەرگە شىپا بولىدىغانلىقى توغرىسىدىمۇ ئۇيغۇر تىبابىتىدە گەپلەر بار. ئىككىنچىدىن ياغاچ تەڭنە- چوڭ كىچىكلىكى ۋە رەڭگى ئوخشاش بولمىغان ياغاچ تەڭنىلەرنى ياساڭ، قولىڭىزدىن كەلسە، ئۇنىڭ ئىچىغا نەپس گۈل ۋە رەسىملەرنى سىزسىڭىز، قىممىتى تېخىمۇ كۆتۈرۈلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ھارۋا، تۈگمەن، ئۇيغۇر ئۇسلۇبىدىكى ئۆي قاتارلىقلارنىڭ كىچىكلىتىلگەن مودىلىنى ياساڭ (ئېسىمگە كەلگىنى مۇشۇنچىلىك، قالغىنىنى ئەقىللىق ياشلىرىمىز ئويلاپ تېپىپ ياساپ كەتسە بولىدۇ)، بۇنى ياساڭ دىيىشىمدىكى سەۋەپ، بۇلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەقىل پاراسىتىنىڭ، پارلاق ئىجادىنىڭ مەھسۇلى. پەخرلىنىشكە ئەرزىيدىغان ئىختىرالاردۇر. بۇ ئارقىلىق، سىز يەنە «ئۇيغۇرلار تارىختا مۇنداق تۇرمۇش بۇيۇملىرى مەدەنىيىتى ياراتقان» دىگەننى تەشۋىق قىلالايسىز... يۇقىرىقى تۇرمۇش بۇيۇملىرى پەقەت مىسال ئۈچۈنلا ئېيتقانلىرىم، سىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ تۇرمۇش بۇيۇملىرىمىزنى قېزىپ چىقالايدىغانلىقىزغا ئىشىنىمەن.

karakax يوللانغان ۋاقتى 2009-2-2 12:20:04

كىچىك بالا بار ئۆيدە ئاياق بىلەن ياغاچ قوشۇقنىڭ بولغىنى ھەقىقەتەن مۇ ياخشى ، ھازىرمۇ ئۆيدە ئاياقتا تاماق ييييشنى ياخشى كۈرىمەن، بولۇپمۇ سۇيۇقئاش،ئۈگرە قاتارلىقلرنى ...........

NALAN يوللانغان ۋاقتى 2009-2-2 14:32:05

قايسى كۈنى بىر بازاردا شۇنچىلىك نەپىس ياسالغان ياغاچ تاۋاق ياغاچ تەڭنە تەخسىلەرنى كۆردۈم. نەپىسلىكىدىن كىشىنىڭ قولدىن چۈشۈرگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدە.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2009-2-2 20:35:56

بەت: [1]
: ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى پىشىقلاپ ئىشلەپ مەدەنىيەت بۇ