wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-31 20:32:55

نامراتلارنى يۆلەيمىز (wapadarim )

خەلق ئۈچۈن خىزمەتتە ،نامراتلارنى يۆلەيمىز .
يوللاپ ساختا ھۆججەتتە ،نامراتلارنى يۆلەيمىز .

كېلىپ قالسا تەكشۈرۈش ،توققۇزىنى تەل قىلىپ ،
ياساندۇرۇپ ھەيۋەتتە ،نامراتلارنى يۆلەيمىز  .

مەبلەغ كەلسە يۇقرىدىن  باي قىلغۇلى ئاۋامنى  ،
سەرپ قىلىپ ئىشرەتكە ،نامراتلارنى يۆلەيمىز .

باشلىق بولغان باي بولۇر،ئاران ئەمەل تۇتقاندا  
ئوڭچە كەلگەن قىسمەتتە نامراتلارنى يۆلەيمىز ..

خەلق ئۈچۈن جاپالىق خىزمەت قىلدۇق ئېغىزدا ،

سۆزگە خائىن ھەركەتتە نامراتلارنى يۆلەيمىز .....

ئالدىۋەتتۇق يۇقرىنى ،قۇرۇق قالدى شوئارلار،
پەيدا قىلغان نەپرەتتە ،نامراتلارنى يۆلەيمىز .

تۈك ئۈندۈرۈپ تۇخۇمدىن

ساڭا ئۇنى چاقىمەن ،
ئۇنى ساڭا چاقىمەن .
چېقىپ يۈرۈپ ھەممىنى  .
xxx جۇرىنغا ياقىمەن  .

خو دەپ قويار باشلىقىم ،
ئۇرۇپ قويۇپ دولامغا .
ئەپلەشتۈرسەم ئىشىمنى .
پۇل تۇتقۇزار قولامغا .

ئىشخانىلار ئارسى ،
مەن يۈرۈيمەن سوكىلداپ .
بولۇنماقتا نە گەپلەر .
ھەممە ئىشنى تىڭتىڭلاپ .

چېقىپ يەنە چاندۇرماي ،
چېچىپ يۈندە يۇقىنى
دۈشمەنلەرگە كۈن يوقتۇر .
تۇغدۇرىمەن بۇقىنى .

ئازاپ چەكسە باشقىلار ،
زوقلىنىمەن خۇيۇمدىن .
ياخشىغا كۈن بەرمەيمەن ،
تۈك ئۈندۈرۈپ تۇخۇمدىن .

پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە

داداملار ئىشلەتكەن 14 سۇڭلۇق رەڭسىز  تېلىۋىزور بىلەن مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقان 32سۇڭلۇق نېپىر ئىكران رەڭلىك تېلىۋىزورۇمنى سېلىشتۇرۇپ  ،كومپىيۇتۇرلىرىمغا قاراپ پارتىيەگە مىڭلاپ رەھمەت ئېيتىۋەتتىم ....

تۇرمۇشىمىز بولدى پاراۋان ،

پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە.

يۇرت تىنىچ ،ئاسايىش، ئامان ،

پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە.

توققۇز يىللىق مائارىپ ھەقسىز ،

كەلگۈسىگە ئۈمۈتلەر چەكسىز ،

بولدى پۇقرا بەخىتلىك غەمسىز ،

پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە.

يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر ،

خوشال -خورام ئۆتمەكتە كۈنلەر ،

ھال تۇرمۇشقا ياڭرايدۇ كۈيلەر ،

پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە.

بارچە مىللەت ئۆتەر ئىتتىپاق ،

قېرىنداشتىن ئۆتەرەك ئىناق ،

كەلگۈسىمىز تېخىمۇ پارلاق ،

پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە.

DELL يوللانغان ۋاقتى 2009-1-31 22:46:02

beshi yaxshiken

fatihe يوللانغان ۋاقتى 2009-1-31 22:56:42

ئىنقىلاۋىي شۇئارلار

Toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-31 23:55:38

ساقتىىلققا تولغان ئەمەلدار چىلىق .

akram102 يوللانغان ۋاقتى 2009-2-1 08:18:56

ياخشى يېزىلغان شېئركەن

Turkiqut يوللانغان ۋاقتى 2009-2-1 16:57:26

رىئاللىق ئەينەن ئەكىس ئتىپتۇ!  

شەكىلۋازلىق قاچان تۈگە ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

bariber يوللانغان ۋاقتى 2012-1-5 09:53:47

شەكىلۋازلىق تۈگىمەيدۇ.
بەت: [1]
: نامراتلارنى يۆلەيمىز (wapadarim)