bayawan0903 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-30 21:31:07

ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺋﯘﻟﯘﻍ؟ (ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺭﻭﺯﻯ )

ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺋﯘﻟﯘﻍ؟(ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺭﻭﺯﻯ)

ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺋﯘﻟﯘﻍ؟(ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺭﻭﺯﻯ)

ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺋﯘﻟﯘﻍ؟

ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺭﻭﺯﻯ


يېقىنقى يىللاردا شېئىر-قوشاقلاردا ، سەھنە- ئېكرانلاردا <<ئانىلار ئۇلۇغ>>، <<جاھاندا ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان ئانا>>، <<ئانا ھەممىدىن ئۇلۇغ>>دىگەنگە ئوخشاش تەرىپ ۋە مەدھىيە سۆزلىرى خېلى ئومۇملىشىپ قالدى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ، كشلەرمۇ بۇ سۆزلەرنى دائىم دىگۈدەك ئىستىمال قىلىدىغان بولدى. كىشىلەر ئانىلارنى نىمە ئۈچۈن بۇنداق قارا قويۇق ئۇلۇغلايدۇ؟ مېنىڭچە ئۇلار ئومۇمەن مۇنداق قارايدۇ. <<ئانىلار توققۇز ئاي توققۇز كۈن قورساق كۆتۈرۈپ بالا تۇغىدۇ. يەنە بالا ئېمىتىدۇ. بالىنى پەرۋىشلەپ چوڭ قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئانىلار ئۇلۇغ، ئانىلار ئۇلۇغلاشقا تېگىشلىك ئىنسانلار >>. قارىماققا ، ئانىلارنى بۇنداق ئۇلۇغلاشنىڭ مەلۇم ئاساسى باردەك قىلىدۇ. ئەمما ئانىلارنى مۇشۇ ئۆلچەم ، مۇشۇ شەرتلەر بويىچە ئۇلۇغلاشقا توغرا كەلسە ، بۇنداق <<ئۇلۇغلاش>> چۈشەنچىسىدىن كەم دىگەندە مۇنداق تۆت تۈرلۈك زىددىيەتلىك پىكىر تۇغۇلىدۇ .

بىرىنجى : ئانىلار ئۇلۇغ بولسا ، دادىلار ئۇلۇغ ئەمەسمىكەن؟ شۈبھىسىزكى بۇ بىر ئورۇنسىز تالاش- تارتىشنى پەيدا قىلىشتۇر. بىلىش لازىمكى، ھەر قانداق مىللەتنىڭ ئاياللىرى ئۇلۇغلۇق مەرتىۋىسىگە ئىگە بولۇپ ، ئەرلىرى ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس. ئۇلۇغلۇق ئادەمنىڭ جىنسى، يېشى، نەسەبى، مىللىتى ئاساس قىلىنىپ ئايرىلىدىغان مەسىلە ئەمەس، شۇنىڭدەك، ئانىلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى قانداقتۇر<< ئۇچار قاناتلاردىن جان -جانىۋارلارغىچە بولغان پۈتكۈل جانلىقلار دۇنياسىدىكى چىشى جىنىسلارغا ئورتاق بولغان تۇغۇش، بېقىش ، ھىمايىسىگە ئېلىش، ئاسراش- پەرۋىش قىلىشتەك جەريان بىلەنلا چەكلەنسە كۇپايىلەنمەيدۇ>>. ئانىلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئۇلۇغ ئانىلار بار، دادىلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئۇلۇغ دادىلار بار. ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ <<ھەممىسىلا ئۇلۇغ>> ئەمەس. ئانىلارنى ئۇلۇغلاپ ئاجايىپ پاساھەتلىك مىسرالارنى تۇزگەن ،ئانىلارنى مەدھىلەپ ناخشا- قوشاقلارنى ئېيتقان ۋاقتىمىزدا، بىز بۇنداق ھاياجانلىق ھىسسىياتنىڭ قانداق ھەقىقەتنى ئۆلچەم قىلىشى لازىملىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ھەقىقى ئۇلۇغلۇق <<بالا تۇغۇش>>بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئۇلۇغ ئىدىيىنى، ئۇلۇغ نىشاننى تۇغۇش بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ. ھەقىقى ئۇلۇغ ئانا ،قىيىن تاللاشلارغا توغرا كەلگەندە توغرا يول تاپالايدىغان ئەقىل-پاراسىتى بىلەن ، ئەۋلادلىرىنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن ئىككىلەنمەي يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدىغان جەڭگىۋار روھى بىلەن، كىشىنى ئەيمەندۈرىدىغان ۋە قايىل قىلىدىغان پاكلىقى بىلەن، ھۆسنىگە مەڭگۈ ئۆزگەرمەس لاتاپەت قوشىدىغان پەزىلىتى بىلەن، يىمىرىلمەس قورغاندەك ئېتىقادى بىلەن ئۇلۇغ بولىدۇ. بىرلا جۈملىگە يىغىنچاقلىغاندا ،مەيلى ئەر، مەيلى ئايال، مەيلى دادا ، مەيلى ئانىغا نىسبەتەن بولسۇن <<ئۇلۇغ>> لۇقنىڭ ئەڭ ئالى شەرتى-خەلقچىقلىق . قانچىكى ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر ئادەم بولسا، شۇنچە ئۇلۇغ بولىدۇ....مۇشۇنداق شەرتنى ھازىرلىغان ئانا ئەمەس، بەلكى ئىنىكئانا بولسىمۇ، ئوخشاشلا ئۇلۇغ ھىساپلىنىدۇ. ئەگەر ئانىلار قارىغۇلارچە ھالدا ئۇلۇغلانسا ياكى ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلىقى <<بالا تۇغۇش ،ئېمىتىش، چوڭ قىلىش>> قىلا باغلاپ قويۇلسا، ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭى ئاجىزلاپ،ئۆزىگە قويىدىغان تەلىپى تۆۋەنلەپ، بىخودلىشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ. چۈنكى ئانىلارنىڭ بىر مىنۇتمۇ ئەستىن چىقارمايدىغان مەسئۇلىيىتى -ئائىلە ۋە مىللەتنىڭ كېلەچىگى بولغان بالىلىرىنى جاپالىق ئەجىر،دۇرۇس تەربىيە بىلەن ئۆز تەقدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرالايدىغان ياراملىق ئىزباسارلارغا ، ئانا ۋەتەننىڭ دەۋىتىگە قۇلاق سالىدىغان، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كويىدا پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان ئەزىمەتلەرگە ئايلاندۇرۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. بالزاكنىڭ<< مىللەتنىڭ كېلەچىگى ئانىلارنىڭ قولىدا>> دېگەن مەشھۇر سۆزى دەل ئانىلارنىڭ مۇشۇنداق شەرەپلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالىشى ياكى ئادا قىلالاماسلىقىغا قارىتا ئېيتىلغان.
ئانىلارنى ئۇلۇغلاشتا ئۆلچەم ھىساپلىنىدىغان يۇقىرىقى شەرت ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭى نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ ، <<ئۇلۇغ>> دىگەن سۈپەتنى، پەرزەنت يۈزى كۆرگەنلىكى ئانىغا ئاتا قىلېۋېرىش- بىر مىللەتنىڭ قىممەت تارازىسىنىڭ مۇجىمەللەشكىنلىكىنىڭ ئىپادىسى. ئەگەر ئانىلار قارا قويۇق ئۇلۇغلىنىپ ، ئۇلارغا بىر تەرەپلىمە ھالدا ئوقۇلۇۋەرسە، ئانىلار ئارىسىدىكى ئۆز-ئۆزىنى تونۇش ئېڭى تېخى يېتەرلىك ئويغانمىغان، مىليونلىغان نادان ئانىلار خاتا ئىلھاملاندۇرۇلۇپ، ئائىلىدە ئەرلىرى مەرتىۋە ۋە باراۋەرلىك داۋاسى قىلىدىغان ئاقىۋەت ئۇلغىيىپ كېتىدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا <<ئەر-ئاياللار ھوقۇقتا باراۋەر>> دىگەن قانۇن تەشۋىقاتىنى خاتا چۈشۈنۈپ ،ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا، ھەممە ئىشتا تەدبىقلاشقا ئۇرۇنۇش خائىشى قوشۇلسا، <<ئائىلە>> دىن ئىبارەت ئىمارەتكە ئىچىدىن دەز كېتىشكە باشلايدۇ. ئېنىقكى، بىر ئائىلىدىكى بارلىق ئەزالار ئوتتۇرسىدا ئۆز -ئارا تەلەپ قىلىدىغان ھوقۇق، ئادا قىلىدىغان مەجبۇرىيەت مەۋجۇت. ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرسىدىكى بۇ خىل ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت <<قانۇنىيەت>>تىن ئىبارەت مۇقەددەس مىزان ئۈستىگە قۇرۇلغان. <<قانۇن>> بىلەن <<قانۇنىيەت>> ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتە، ئاۋۋال قانۇنىيەتنىڭ مىزانىغا بويسۇنۇش،ئاندىن قانۇننىڭ نىزامىغا مۇراجەت قىلىش كېرەك. ھەرقانداق ئائىلىدە بۇ خىل<<قانۇنىيەت ئېڭى>> ئاجىزلاپ ،<<قانۇن ئېڭى>> كۈچىيىپ كېتىدىكەن، ئۇنداق ئائىلە رىقابەتلىشىۋاتقان رەقىپلەر سورۇنىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بىر ئائىلىدىكى ھەر بىر ئەزا ئۆزىنىڭ قانۇنيەتكە ئۇيغۇن بولغانسا سالاھيىتىنى ئېنىق تونىسا،يەنى دادا دادىلىق، ئانا ئانىلىق، ئەر ئەرلىك، ئايال ئاياللىق ، بالا بالىلىق سالاھيىتىنى ئېنىق تونىسا ۋە شۇ ئاساستا مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلسا،بۇنداق ئائىلە ئاخىرقى ھېساپتا ئۆزىنىڭلا ئەمەس، بەلكى بىر جەمىيەتنىڭ، بىر مىللەتنىڭ شەرىپىنى يۇقىرى مەرتىۋىگە كۆتۇرىدۇ.
<<زامانىۋېلىشىش>>نى يېتەكچى شوئار قىلغان ھازىرقى زامان جەمىيىتىدە، ئىنسان تەبىئىتىگە يېتەرلىك ھۆرمەت قىلىش، ئەر بىلەن ئايالدىن ئىبارەت ئىككى جىنىس ئۆزىگە مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتەك قەدىمىي مۇقەددەس تەڭپۇڭلۇق كۈنسايىن بۇزۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ. <<ئەركىنلىك>>، << باراۋەرلىك>> شوئارى ئاستىدا ، ئەرلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، <<ئائىلە>> دىن ئىبارەت ئىللىق ئۇۋىسىنى تاشلاپ قويۇپ، ئۆزىنى سىرتقا ئېتىۋاتقان ئاياللار كۈنسايىن كۆپەيمەكتە.... مۇشۇنداق نامۇۋاپىق يۈزلىنىش سەۋەبىدىن بۇزۇلغان ئائىلىلەرنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئاشماقتا. ئائىلە نىزامى جەھەتتە ئەركىنلەشكەن ئائىلىلەر ناھايىتى مۈشكۈل ئەخلاق كىرىزىسىگە پاتماقتا. ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، قان كېچىپ قۇربان بېرىپ قولغا كەلتۈرىدىغان ئەركىنلىك بار، شۇنداقلا يەنە ئالقىنىڭدا تۇرسىمۇ، ئىككلەنمەي چۆرۈپ تاشلىۋەتسە بولىدىغان ئەركىنلىكمۇ بار. شۇڭا <<ئەركىنلىك>> مەسىلىسىنى ئائىلىگە تەدبىقلىغاندا، باشقىچە ئويلىشىپ بېقىش كېرەك. مېنىڭچە، ئاشۇنداق ئەركىنلىكنى ئەمەس،<<مەجبۇرىيەتنى>> نى شوئار قىلغان ئائىلە- پالاكەتچىلىكتىن يىراق ئائىلە .


ئىككىنچى:ئانىلارنى قارىقويۇق ئۇلۇغلاش ھادىسىسى- ھەقىقى ئۇلۇغ ئانىلارغا قىلىنغان ئادالەتسىزلىك، ھەتتا ھاقارەت بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئەگەر ئانىلار بارلىق ئانىلارغا ئورتاق بولغان <<بالا تۇغۇش، بالا ئېمىتىش، بالا چوڭ قىلىش>>تەك ئومۇمى شەرت بىلەن ئۇلۇغلانسا، ئۆز نۆۋىتىدە بۇ، باشقىلارنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن كۆيۈپ پىشىدىغان،ھەققانىيەت يولىدا قۇربان بېرىشكە توغرا كەلسە، ئىككىلەنمەي قۇربان بېرىشكە تەييار تۇرىدىغان پىداكار، باتۇر، غۇرۇرلۇق، مەسئۇلىيەتچان ئانىلارغا قىلىنغان ئادالەتسىزلىك بولىدۇ. ئانىلار ئارىسىدا، ئەۋلاتلىرىنىڭ ئستىقبالى ئۈستىدە كېچىلىرى كىرپىك قاقماي ئويلىنىپ،گۈزەل كېلەچەك، پارلاق ئىستىقبال ۋە غالىپ ئاقىۋەتلەرنىڭ ئارزۇسىدا يىلاندەك تولغىنىپ، ئوت-ئاتەش بولۇپ يانىدىغان ئانىلارمۇ بار. تاڭ ئاتقۇچە ئەيش-ئىشرەت كۇلۇبلىرىدىكى كۆلچەكلەردە ئۈزۈپ، ئۆزگىلەرنىڭ كارۋاتلىرىدا خۇدىنى يوقاتقان ھالدا ئېغىناپ، ئەر ۋە بالىلىرىنى نومۇس دەرياسىغا غەرق قىلىپ، ھاقارەت ئوتىدا كۆيدۈرۈپ پۇچىلاۋاتقان ئانىلارمۇ بار. ھايات- ماماتلىق سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان خەلىقنىڭ غېمىنى يەپ، ئۇنىڭ مەۋجۇتلىغى ئۈچۈن بارلىق پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ ۋە بارلىق جاسارىتىنى نامايان قىلىپ ياشاۋاتقان مۇنەۋۋەر ئانىلارمۇ بار. يولدىن ئازغانلارنىڭ كېچىدە ئادىشىپ قالماسلىشى ئۈچۈن گۈلخان ياقىدىغان، ئۇلار ماڭماق بولغان چۆللەرگە قۇدۇق كولاپ ياشاشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغان ئانىلارمۇ بار.ئەجداتلىرىنىڭ تارىخى شۆھرەتلىرىدىن ئىپتىخارلىنىپ ، ئۇلارنىڭ جەڭگىۋار روھىدىن كۈچ-مەدەت ئېلىپ،ئەجداتلىرىنىڭ شەنىگە نۇر بېغىشلاش كويىدا ئىزدىنىپياشايدىغان پەخىرلىك ئانىلارمۇ بار. ئۆز ئەجدادىنىڭ قاتىلىنى ئۆز قوينىدا ھوزۇرلاندۇرۇپ ياشاشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن لەنەتگەردى ئانىلارمۇ بار.
ئانىلارنى مۇئەييەن ئۆلچەم ۋە پىرىنسىپ بويىچە ئۇلۇغلىماي،<<بالا تۇغۇش،ئېمىتىش،چوڭ قىلىش>> تەك شەرتنى ھازىرلىغانلىغى ئۈچۈنلا، قارىقويۇق ئۇلۇغلاش-مىللى پىسخىكىمىزدا پەرۋاسىزلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك تۇيغۇسىنىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىپ كەتكەنلىگىنىڭ ئىپادىسى. بىلىشىمىز كېرەككى، ئىنچىكە،پۇختا ئىش كۈتۈش روھى ئاجىز، پەرق تۇيغۇسى مۇجىمەل، مەسىلىلەرنى ھەقىقەت نەزەرى بىلەن كۈزىتىشكە ئادەتلەنمىگەن بىر مىللەتنىڭ قىممەت تارازىسىدا، كۆپ ھاللاردا <<گۆھەر>> بىلەن <<تاش>>نىڭ قىممىتى ئوخشاش. بىزگە ئوخشاش، يۈكسىلىشنىڭ كويىدا كېچە-كۈندۈز تىپىرلاۋاتقان بىر مىللەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلۇغلاش ئوبىكتىنى توغرا بېكىتەلمەي،<<ئۇلۇغ>> دىگەن بۇ ئالىي ماركىنى كىمگە چاپلاشنى ئاڭقىرالماي قايمۇقۇپ يۈرۈش بەكمۇ بىچارىلىكتۇر.
ناۋادا،<<بالا تۇغۇش،ئېمىتىش، چوڭ قىلىش>>تەك شەرتنى ھازىرلىغانلقنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ ئانىلارنى ئۇلۇغلاشقا توغرا كەلسە، ئېسىمىزدە بولسۇنكى، جاللات شىڭسىسەينىڭ ئانىسىمۇ بۇ ئۆلچەمگە پۇتۇنلەي چۈشىدۇ. ئاياللار تۈرمىسىدىمۇ بۇ شەرتنى ھازىرلىغان ئاياللار كۈرمىڭ. ئەمما ئاشۇلار، <<ئۇلۇغ ئانا>، دەپ تەرىپلەشكە ئەرزىمدۇ؟ كۆرۇنۇپ تۇرۇپتىكى، ئانىلارنى كەلسە-كەلمەس ئۇلۇغلاش-ھەقىقى ئۇلۇغ ئانىلارغا قىلىنغان ئوچۇق ھاقارەت .


ئۈچىنچى:ئانىلار<<بالا تۇغۇش،ئېمىتىش، چوڭ قىلىش>> شەرتىنى ھازىرلىغانلىقى تۈپەيلى <<ئۇلۇغ>> دەپ سۈپەتلەنسە، بۇ سۇپەتلەش،فىزىئولىگىيىلىك سەۋەپ تۈپەيلىدىن پەرزەنت كۆرۈش بەختىگە مۇيەسسەر بولالمىغان ئاياللارنى كەمسىتكەنلىك بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. تۇغۇش -ئاياللارنىڭ تەبىئى ئىقتىدارى، شۇنداقلا ئورتاق فىزىئولىگىيىلىك خۇسۇسىيىتى. بىر جەمئىيەتنىڭ ئانىلارنى بۇنداق بىمەنە ئۇلۇغلىشى ئالدىدا، پەرزەنت كۆرەلمەسلەك قىسمىتىگە مۇپتىلا بولغان ئاياللار نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ. گۇناھسىز ئاياللارنى ئوڭايسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان بۇنداق مەنتىقىسىز ئۇلۇغلاش ھادىسىسىنىڭ باشقىلارغا كەلتۈرىدىغان بېسىمىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. ئەمىليەتتە نوقۇل ھالدا بالا تۇغۇپ ئانا بولۇش ئۈچۈن ھىچقانداق سەۋىيەدىكى ساپا ئالدىنقى شەرت قىلىنمايدۇ. ھەتتا بۇ ئىش بەزى گاس-گاچا ئاياللارنىڭمۇ قولىدىن كېلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەقلىنىڭ ، روھىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر، جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام بولسىلا، نامدىكى<<ئانا>> لارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇشنىڭ شارائىتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. بىراق، ئۆز پەرزەنتىنى ئىنساندەك ياشاشقا ئىگە قىلىشنىڭ شارائىتىنى ھازىرلاش باشقا بىر گەپ. بۇنداق شارائىت ھەر بىر ئانىدا پاك ئەقىدە ۋە مۇئەييەن نىشان، بەلگىلىك ساپا ۋە سۈپەت،قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلگەندە جاپا-مۇشەققەتتىن، ھەتتا ئۆلۈمدىن قوقمايدىغان روھ ھەمدە ئۆزگە بىلەن ئۆزى ئوتتۇرسىدىكى ئىستىراتىگىيىلىك مەنپەئەتنى كۆرەلەيدىغان ئۆتكۈر مەنىۋى كۆز بولغاىدا، ئاندىن ھازىرلىنىدۇ. مانا شۇنداق ئانىنىڭ قۇچىقىدا چوڭ بولغان بالىلار بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائى گەۋدىسىگە ھاياتى كۈچ بولۇپ قېتىلىدۇ. بۇنداق شەرتنى ھازىرلىمىغان ئانىلارنىڭ قۇچىقىدا چوڭ بولغان بالىلارنىڭ كۆپىچىسى، گېزى كەلگەندە، بىر ۋاقلىق تاماق ئۈچۈن قىلچە ئىككىلەنمەي سېتىلىدۇ .


تۆتىچى:ئانىلار <<بالا تۇغۇش،ئېمىتىش،چوڭ قىلىش>> شەرتىنى ھازىرلىغانلىقى تۈپەيلى ئۇلۇغلانسا،بۇنىڭدىن <<قانچە كۆپ بالا تۇغسا، شۇنچە ئۇلۇغ ئانا، قانچە ئاز بالا تۇغسا، شۇنچە تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇلۇغ ئانا، تۇغمىسا ئۇلۇغ ئەمەس>> دېگەن بىمەنە يەكۈن كېلىپ چىقىدۇ. ئويلاپ باقساق، پادىچىنىڭ قىممىتى پادا سانىنىڭ ئاز-كۆپلىگىدە ئەمەس، بەلكى ئۆز پادىسىغا بولغان مەسئۇلىيىتىدە كۆرۈلىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا،ئانىنىڭ قىممىتى، ئۆزىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى، يەنى پەرزەنتلىرىنى زاماننىڭ تەلىپىگە،مىللەتنىڭ ئېھتىياجىغا مۇناسىپ،ياراملىق ئەۋلاتلاردىن قىلىپ تەربىيىلەپ چىقالىشىدا ئىپادىلىنىدۇ.
ئەگەر ئانىلارنى ئۇلۇغلاشتا، <<بالا تۇغۇش، ئېمىتىش، چوڭ قىلىش>> شەرت قىلىۋېلىنسا، ھەر قانچە بىلىملىك،ھەر قانچە پەزىلەتلىك ئايال بولسىمۇ، بۇ خىل ئۇلۇغلۇق شەرتىگە يېقىنلىشالمايدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئىپارخان، يەتتە قىزلىرىم، نۇزۇگۇم، رىزۋانگۈللەر ئانا ئەمەس، بەلكى قىزلاردۇر. ئۇلار نەچچە ئەسىرلەردىن بېرى نىمە ئۈچۈن ئۇنتۇلماي ئۇلۇغلىنىدۇ؟ ئۇلار ھۆرلۈك ئۈچۈن تەۋرەنمەي كۆرەش قىلغانلىقى،ئۆزلىرىنىڭ .ئىنسانىي قەدىر- قىممىتىنى ھەممىدىن ئالىي بىلگەنلىكى، باشقىلارنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن پىداكارلىك بىلەن قۇربان بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلۇغلىنىدۇ. بىز يۇقۇرۇقى <<شەرت>> نى ئاشۇ ئۇنتۇلماس قەھرىمان قىزلىرىمىزغا قويۇشقا پېتىنالايمىزمۇ؟.
تەڭرى ئاتا قىلغان تەبئىي ئىقتىدار ۋە ھەممە ئاياللارغا ئورتاق بولغان فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكنى چىقىش قىلىپلا، <<ئانىلار ئۇلۇغ>> دىيىش ھەقىقەتەن كۈلكىلىك. ھەر قانداق قىز بالاغەتكە يەتكەندە، فىزىئولوگىيە نۇقتىسىدىن ئانا بولۇش سالاھيىتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن بىز ئۇلارنى <<ئۇلۇغلۇق مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان كىشىلەر>> دەپ ئېيتساق مۇۋاپىق بولامدۇ؟
بالا تۇغقان ،ئېمىتكەن،چوڭ قىلغان ئانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا،<<ئانا>>دىگەن سۆزنىڭ ئۆزىلا كۇپايە. شۇ تۈپەيلى ئانىلارنى قارىقويۇق ھالدا ئۇلۇغلاش-نورمالسىزلىق. ئەمما ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز ئانىسىنى قانچىلىك دەرىجىدە ياخشى كۆرۈشى، كۈتۈشى ھەتتا <<ئانام -دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئانا>>دەپ چۈشۈنىشى ئۆزىنىڭ ئەركى. بۇنداق ھىسسىياتنى چۈشۈنۈشكە بولىدۇ. <<ئانام ئۇلۇغ>> دىگەن سۆز بىلەن<<ئانىلار ئۇلۇغ>> دىگەن سۆزنىڭ خاراكتىر ۋە مەنە پەرقى ناھايىتى زور .

ﻣﻪﻧﺒﻪ: <ﺟۇﯕﮕو ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ> ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ 2007- ﻳﻠﻠﯩﻖ 4- ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-93449.html

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2009-1-30 23:20:00

ئاۋال دەپ قوياي . مەخسەتنى چۈشەندىم . \" ئۇلۇغ\" سۆزىنى ھەقىقىي ئانىلىق مەجبۇرىيتىنى ئاداقىلغانلارغا ئىشلىتىكەنمىز . قوشىلىمەن .

مەنمۇ 4 نوقتىغا بۈلۈپ   بىرمۇنچە ئىنكاس يازغان . بىرچاغلاردىكى \" كۆڭۈلسىزلىك \" لەرنى ئەسلەپ ئۆچۈرۋەتتىم .ماقالىنىڭ سۆزلىرى شۇنداق رېتىملىق چىقىپتۇ ئەمما مەزمۇندا مەسىلە بار.

patriot يوللانغان ۋاقتى 2009-1-31 08:20:49

يۈزسىز مىللەتلا تەرەققىي قىلالايدۇ- چېرچىل شۇنداق دەپتىكەنمۇ.

سالاھىيتىگە ئەمەس، قىلغان -ئەتكىنىگە قاراش كېرەك. ھەممە ئانىلار ھۆرمەتلەشكە ئەرزىۋەرمەيدۇ. ئاپتوۋۇزدا ئورۇن بوشۇتۇشتىن بۇرۇن ئاشۇ قېرى كىشىنىڭ ياشلىغىدا نىمە ئىشلارنى قىلغانلىغىنى ئويلاپ ئۈلگۈرىمەن، بەزى ئورۇن بوشاتقۇم كەلمەيدۇ. بەزىلەر ياشلىغدا زومىگەرلىك بىلەن، قېرىغاندا بىچارە قىياپەتتە بۇ جەمئىيەتنى شۇلۇپ يەيدۇ. ئۇلارغا جازا بېرىش قولۇمدىن كەلمىسىمۇ، ھەرگىز ئىچ ئاغرىتمايمەن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2009-1-31 13:13:16

ئالتۇن تاغنى بەرمەيۋاتىمىز،ناھايىتى بىر ئورۇنغۇ ناھايىتى.بۇنچە چوڭ باھانە تەييارلاپ يۈرمىسەكمۇ

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2009-1-31 13:46:34

Vatan يوللانغان ۋاقتى 2009-1-31 15:46:45

ئۇلۇغلۇق پەقەت ئىش-ھەركەتىمىز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

tvman يوللانغان ۋاقتى 2009-1-31 17:37:36

يوۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋ.

ھەممە ئادەمنىڭ بۇرۇن قىلغان ئىشلىرىنى ئويلاپ بىلەلەيدغان كارەمەتلىك بالىكىنا پاترۇن دىگەن~

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2009-1-31 17:41:32

نېمىشقىكىن پاتروننىڭ سۆزلىرىنىڭ بىر يەرلىرىنى توغرىدەك ھېس قىلىمەن. ئەمما يۆنىلىش ئۇ بولماسلىقى كېرەك . كىم زەررىچە يامانلىق قىلغان بولسا ئۇ ئۆزىگە ،ئەمما بىز گۇمان بىلەن يامانلىق قىپ قالساقمۇ ئوخشاشلا ئۆزىمىزگە بولىدۇ!

xamxar1975 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-31 20:15:20

ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ ئېغىزدىن مۇشۇنداق ئۇلۇغۋار چاقىرىق چېقىدۇ !

دەپتىغۇ بىلگەشكە \"ھەر ئادەمنىڭ ئانىسى ئۇلۇغ \" ئۇ ئۆزىنىڭ ئەركى دەپ ...

patriot يوللانغان ۋاقتى 2009-1-31 20:53:02

پاترون دىمەڭلارا، پاترىوت، ۋەتەنپەرۋەر دېگەن گەپ ئۇ.

ئىچكىرىدە كۆرگىلى بولمايدىغان قېرىلارغا ئورۇن بوشۇتۇشلار مۇشۇ ئۈرۈمچىدە باركەن. خەنسۇ يولداشلار \" نىمىشقا ئورۇن بوشىتىمەن؟ مەن پۇل تۆلەپ چىقىمەن، ئۇ ھەتتا پۇل تۆلىمەي چىقىدۇ \" دىيىشىدۇ. چەتئەلدە قېرىلارغا ئورۇن بوشۇتۇپ بەرسىڭىز ھەتتا سىزگە ئالىيىپ قارايدۇ، كىمىڭنى كۆزگە ئىلمايسەن ! دېگەندەك. بەلكىم بىزمۇ ياشانغاندا باشقىلارنىڭ بىزگە ئورۇن بوشۇتۇپ بېرىشىنى ئۈمۈت قىلساق كېرەك.

ياشانغانلارنىڭ پاراۋانلىغىغا كۆڭۈل بۆلۈش جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرلىگەنلىگىنىڭ ئىپادىسى. بولسا ئۇلارغا مەخسۇس ماشىنا ئاجىرتىپ بېرىش كېرەك،ئەمما ئاممىۋى ئاپتوبۇس ئۇلارنىڭ مەخسۇس ماشىنىسىغا ئايلىنىپ قالسا ... سەككىز سائەت ئىشلەپ ھېرىپ يەنە بىر سائەت ئاپتوۋۇزدا مېڭىپ ئۆيىڭىزگە قايتىسىز، شۇ ۋاقىتتا ئولتۇرغۇدەك بىر ئورۇن چىقىپ قالسا نىمانداق ياخشى بولاتتى -ھە ؟ سىز ئىشلەپ تاپشۇرغان باج بىلەن ئاۋۇ مويسىپىتنىڭ ھەقسىز ئاپتوۋۇزغا ئولتۇرۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئۇ بەلكىم باغچىدىن ئارام ئېلىپ ئۆيىگە قايتىۋاقاندۇ ...

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2009-1-31 21:35:07

ماڭا شۇنچە يىلدىن بېرى ئورۇن بوشۇتۇپ بەرگىنىمگە ئالىيىپ قاراپ باققان بىرەرىنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم.

قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر،ئاجىز مېيىپلارغا،ياشانغانلارغا ئېتبار قىلىش قانۇن ئارقىلىق ئەمەس،ئۇمۇمى ئەخلاق تەكىتلىنىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۋاتىدۇ.

باھانە تاپمايلى.ئىنسانىيلىق نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ ئويلىنىپ باقايلى.

مىنىڭ نەزىرىمدە ئانام ئۇلۇغ ئانا.

ئىزدىنىشتىكى تورداشلاردىن تۈۋەنچىلىك بىلەن ئۈتىنىمەن.ئەگەر ئانامنى ئاپتۇبۇسلاردا ئۇچرىتىپ قالساڭلار ئورۇن بوشىتىپ بېرەرسىلەر.ئانامنىڭ سالامەتلىكى ئانچە ياخشى ئەمەس.جىم تۇرسا بەلكىم ھېچقىسى يوقتۇ.ئەمما ماشىنا قوزغالغان ياكى توختىغان ۋاقىتتىكى سىلكىنىشكە بەرداشلىق بېرىپ بولالمايدۇ.يوللاردا سوقۇلۇپ كەتسەڭلار،ئارتۇق نەرسە تەلەپ قىلمايمەن،يۈلەپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ قويارسىلەر.سىلەرگە رەخمەت.قالغىنىنى كىيىنكى كۈنلەردە مەندىن يانمىسا ئاللادىن يانا.

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2009-1-31 21:49:08

ئاللاھ ئانىڭىزنىڭ تېنىنى سالامەت، ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغاي!

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2009-1-31 21:55:19

رەخمەت بۇرادەر.

ئاللا سىزنىڭمۇ ئاتا - ئانىڭىزنىڭ تېنىنى سالامەت ئۈمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن.

helloworld يوللانغان ۋاقتى 2009-1-31 22:01:21

زىيالىنىڭ ئىنكاسى بەك سەمىمى ئىنكاس بوپتۇ ..

izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-31 22:16:30

شۇ ، نەزىرىيەدە شۇنداق دەيمىز ، لىكىن ئەمىلىيەتتە ھەممە ئانا يەنىلا ئۇلۇغلاشقا تىگىشلىك .

بەلكىم ئاۋۇ ۋەتەنپەرۋەرنىڭ دېگىنىدەك بەزىلەر قېرىغاندا پەقەت جەمىيەتنى شۈلۈپ يەيدىغانلاردۇر ، لىكىن سىزگە ئەسكەرتىدىغىنىم ھەقىقى تەرەققى قىلىدىغان مىللەت ھەرگىزمۇ ئۇنداق يۈزسىز مىللەت ئەمەس بەلكى جەمىيەتتىكى ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىگە لايىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى بىلىدىغان مىللەت . بۆرىلەر توپىدا ياش كۈچى بار بۆرىلەر شۇ ئاجىز ، مېيىپ ، ئۇششاق بۆرىلەرنى قوغدايمىش .ئاتلار توپىدىمۇ شۇنداقمىش ، بۆرە ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا شۇ كۈچى بارلىرى ، سەركەردىلىرى باش بولۇپ كۆپچىلىكنى قوغدايمىش .

patriot يوللانغان ۋاقتى 2009-2-1 07:40:03

ھەممىڭلارنىڭ دېگىنىڭلار ئورۇنلۇق. ئەمما مەن ھەممە قېرىلارنى جەمئىيەتنى شۇلۇپ يەيدىغانلاردۇر دېمىدىم. ئەگەر ياش ۋاقتىدا ھالال ئەمگەك بىلەن ياشاپ بۇ جەمئىيەتكە تۆھپىسى بار بولغان بولسا شۇنىڭغا لايىق بەھىرلىنىشكە تىگىشلىك. ئاز تۆھپىسى بولسا ئاز، كۆپ تۆھپىسى بولسا كۆپ بەھىرلىنىشى كېرەك، بىر تاياقتا ھەيدىسەك بولمايدۇ. ياشانغانلارغا ھەر تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرى تۈزۈلسە ناھايىتى ياخشى ئىش، بانكىدا ئايرىم كۆزنەك ئېچىپ بېرىلسۇن، باغچىلار، ئاپتوبوس،جىددىي قۇتقۇزۇش ھەقسىز بولسۇن ... دىگەندەك. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىقتىسادى جەھەتتىن ئېتىبار بېرىش. ئەمما ئاپتوبوستا ئورۇن ئۆتۈنۈپ بېرىش ئۇنىڭغا كىرمەيدۇ.ھازىر ئاپتوبوسلاردا \" ياشانغانلار، ھامىلدارلار،كىچىكلەر مەخسۇس ئورنى\" دىگەن ئورۇن بەلگۈلەپ قويىۋاتىدۇ. بۇ ناھايىتى ياخشى ئۇسۇل، بولسا ئاشۇنى قانۇنلاشتۇرۇش كېرەك.باشقا ئورۇندا ئولتۇرغانلاردىن ئورۇن بوشاتمىغانلارنى ئەخلاق مەسىلىسىگە چېتىۋېلىش توغرا ئەمەس. ئۇنىڭ ئورۇن بوشاتقانلىغى مەلۇم جەھەتتىن ئېيىتقاندا ئۆز ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىگى، بۇ ئەلۋەتتە شەخسىي قىلمىش.

akram102 يوللانغان ۋاقتى 2009-2-1 10:31:24

زىيالىراس دەيدۇئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئاتا ئانىسىنى سالامەت ۋە ئۇمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2009-2-1 19:06:11

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2009-2-1 20:39:40

ئانا بولغان ئىكەن ھەممىسى ئۇلۇغ . ئانا بۇلۇشقا ئۇلگۇرمەي تۇگەشكەنلەر توغۇرسىدا باشقا گىپىم يوق .

gulirana يوللانغان ۋاقتى 2010-9-24 13:21:42

قانداق ئانىلار ئۇلۇغ؟

ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن پەرزەنتىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھەقنى تونۇيدىغان ۋە ئاق قارىنى، ياخشى ياماننى... پەرق قىلالايدىغان، قەلبىگە مېھرىبانلىق، ئىنسانىي غورۇر، ئىنساپ... نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تونۇتۇپ، ھەقىقى بىر ئىنسانغا ئوخشاش قىلىپ تەربىيلىيەلىگەن ئانا مېنىڭ نەزىرىمدە بىر ئۇلۇغ ئانا..

ھازىر بەزى ئانىلار: بالىلىرىنى مەيلى قايسى يول بىلەن بولسۇن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتالىسا، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ مۇئاشلىق قىلىپ قويسا، ئۆزىگە ھېچنىمە ئېلىپ قالماي كاتتا ھەشەمەتلىك تويىنى قىلىپ، (ئۇ ئالىي مەلۇماتلىق بالىنىڭ كەيگەن كىيىملىرى، چاچ پاسۇنلىرى، چوڭلارغا تۇتقان پوزىتسىيە، مىجەز خۇلىقى، تۇرمۇش ئادىتى... بۇلارنىڭ قانداق بولۇشى بىر مۇھىم مەسىلە ئەمەستەك) ، بىنالارنى قەرىز قىلىپ ئېلىپ، كاتتا بېزەپ تەييار ئۆينى تۇتۇپ بەرسە، ئۇ ئانىلار ئۆزلىرىنى بىر ئۇلۇغ ئانا دەپ ھېسابلايدۇ، مەن بۇنداق ئانىلارنى كۆپ كۆرگەن، ھەم بۇنداق ئانىلار ئۆزىنى ماختاپ، پالانچى بالىرىنى ئوقۇتماي، تويىنى تۈزۈك قىلماي، قىزىنىڭ ئىززىتىنى قىلىپ قۇدىلار تەرەپكە ھەپتىدە بىر ئىككى قېتىم دوستقان ئىۋەتمەي.... ۋىيەي ، مۇشۇنداقمۇ ئانىلار بولامدۇ، بالىنىڭ خەقنىڭ ئالدىدا يەرگە قارىتىپ، دوسقاننى تۈزۈك سالماي.... ۋاي ۋۇي ، ئىشقىلىپ بۇنداق گەپلەر بەك جىق.

ئۇلار شۇ بالىلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتالمىغان ئاشۇ ئانىلارنىڭ شۇ بالىنى ئالىي مەكتەپتە ئىقتسادىي يوق ، ئىقتىسادى مەنبە ئاز، بالىلار كۆپ، ياكى ئۇنداق ياكى بۇنداق سەۋەب بىلەن ئوقۇتالمىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئەمما ئۇ ئانىلار قىز ئوغۇللىرىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتالمىغان بىلەن بالىلارنى ئۆز تەربىيسى بويىچە، ئەخلاقلىق، ئاتا ئانىسىنى ۋە چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، كۆيىنىدىغان، ئىنساپلىق، ئىشچان، چىۋەر ، ئەخلاقلىق قىلىپ تەربيىلەپ چىققانلىقى كۆزىگە كۆرۈنمەيدۇ....

بەت: [1] 2 3
: ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺋﯘﻟﯘﻍ؟(ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺭﻭﺯﻯ)